مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇرلاردا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 05:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلاردا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 a. o4 [' Y7 e* c' \8 G* x% d# \4 A' j

يۈسۈپجان ياسىن

(مەنبەسى : ‹‹سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات تەتقىقاتلىرى ژۇرنىلى››، 2014- يىل، 35-سان)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- F$ g; G# D( S. @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  @3 T& s- |/ L. L5 Fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 m* \$ w% W. M3 j) V2 A8 t

مەلۇم بولغىنىدەك، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تەپەككۇر تارىخىدىكى  بىر بۈيۈك ئەسەر. 11-ئەسىردە ياشىغان شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت  ئەربابى يۈسۈف خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە كۈنىمىزگە پەقەت ئۈچ خىل نۇسخىسىلا يېتىپ كەلگەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› نىڭ ئىلىم دۇنياسىغا ھەقىقىي سالاھىيىتى تونۇلۇشى بۈيۈك تۈركولوگ رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئەجرى بىلەن بولدى. ئۇنىڭ سايىسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› خۇددى يۈسۈف خاس ھاجىپ ئۆز قولى بىلەن سۇنغاندەك بىر  ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. شۇ ۋەجىدىن، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن سۆز ئاچقاندا، ھەممىدىن ئاۋۋال ر.ر. ئاراتنىڭ خاتىرىسىگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشنى  مۇھىم بىر بۇرچ دەپ بىلىمىز.

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلغان 1820-يىلىدىن كۈنىمىزگىچە بولغان 194 يىللىق تارىخى ئىككى دەۋرگە ئايرىلىدۇ. 1820-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە بولغان بىرىنچى دەۋرىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى پەقەت  فىرانسىيە، ۋېنگىرىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، دانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم ساھەسى بىلەن چەكلەندى. ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ ئاساسەن بىر تەجرىبە باسقۇچىدا  تۇردى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر تەرەپلىمە، خاتا، ياكى كەمتۈك بىر خاراكتېرنى ئىپادە قىلدى، كۈچلۈك  مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلدى.  شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، تۈركىيەدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلىنىڭ نەشر قىلىنىشى بۇ باسقۇچتىكى ئەڭ مۇھىم ئەمگەك بولدى. 1947-يىلى ر.ر. ئاراتنىڭ ئەسەرنىڭ ئۈچ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۇرغۇزغان مەتنى نەشر قىلىندى. بۇ نۇسخا ئىلىم ساھەسىدە مۇنازىرىسىزلا قوبۇل قىلىندى، تەتقىقاتچىلارمۇ ئەسەردىن ئىككىلەنمەيلا پايدىلىنىدىغان بىر باسقۇچقا كىردى. شۇنىڭ بىلەن، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تەتقىقاتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ر.ر.ئارات ئىشلىگەن ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نەسرىي تەرجىمىسىمۇ 1959-يىلى نەشر قىلىندى. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تىلشۇناسلاردىن باشقا، تارىخ، ئەدەبىيات، سىياسەت، قانۇن، ھەربىي ئىشلار، سوتسىيولوگىيە، مائارىپ، ئېتىكا، دىن ۋە تەبىئىي پەن قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۆز ساھەسى بويىچە مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر ئەسەرگە ئايلاندى. ئەسەرنىڭ ئارات تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئىندېكسىمۇ 1979-يىلى نەشر قىلىندى. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئاراتنىڭ ئىلغار ئىلمىي مېتودقا تايىنىپ ئىشلىگەن نۇسخىلىرى ۋامبېري بىلەن رادلوفنىڭ ئىشلىگەن نۇسخىلىرىنىڭ ئىلىم ساھەسىدە قوللىنىلىشىغا تولۇق خاتىمە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىمۇ كۈچلۈك دىققەتنى قوزغىدى. ئارات بۇ ئەمگەكلىرى بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلىگە، پېشۋاسىغا ئايلاندى.

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ 1947-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئىككىنچى دەۋرىدە بولسا، ئاۋۋال تۈركىيەدە ئەسەرنىڭ  مەتنى ۋە تەرجىمىسى نەشر قىلىندى. ئاندىن كېيىن ئەسەرنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر خىل نەشر نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلىپ، باشقا بىرمۇنچە تۈرك شېۋىلىرى ۋە رۇس، ئىنگلىز ۋە خەنزۇ تىللىرىدىمۇ مەتىن، تەرجىمە، فاكسىمىلىلىرى نەشر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك مەملىكەتلەردە بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار قۇرۇلۇپ، خاس تەتقىقات  نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىپ، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى يېزىلدى، نۇرغۇن سەنئەت ئەسەرلىرى يارىتىلدى. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئىلمىي نۇقتىدىن تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇلۇپ، ھەقىقىي قىممىتى مەلۇم بولدى. ھازىر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدا تۈركىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان تەتقىقاتلارنىڭ مەنبەسى يەنىلا تۈركىيە تىل قۇرۇمى نەشر قىلدۇرغان فاكسىمىل بىلەن ر.ر.ئارات تەييارلىغان مەتىن، تەرجىمە ۋە ئىندېكستىن ئىبارەتتۇر. قىسقىسى، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھەقىقىي قىممىتى بىلەن تونۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئېچىش شەرىپى تۈركىيە ئىلىم ساھەسىگە ۋە رەشىد رەھمىتى ئاراتقا مەنسۇپ بولدى. 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ ئاشۇ يولدىن ماڭدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى نەتىجىلىرىنى تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' j% Y6 y( M+ I! T3 m6 X1 ?

1- ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› كە ئائىت دەسلەپكى مەلۇماتلار

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ــ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەلۇم بولغان ۋە ياخشى ساقلانغان بىر ئەسەر ئىدى. ئەلۋەتتە 1069~1070- يىللاردا قەشقەردە يېزىپ تاماملانغان ۋە موڭغۇللار دەۋرىدىمۇ مەشھۇر بولغان بۇ ئەسەرنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە بىرمۇ نۇسخىسىنىڭ ساقلانماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قەشقەردە يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى يۈسۈف خاس ھاجىپ  بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى ۋە ئەسەرلىرىدىن سۆز ئېچىش ئارقىلىق  ئىپىتىخارلىنىپ كەلگەنلىكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى ئەسەرنى بىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 19- ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئابدۇقادىر ھاجى 1876-يىلى تۇغۇلغان چوڭ ئوغلىغا يۈسۈف، 1895-يىلى تۇغۇلغان ئىككىنچى ئوغلىغا مەھمۇد دەپ ئات قويغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يۈسۈف كېيىن ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە مەشھۇر تېۋىپلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، يۈسۈف ھاجى قەشقەرى دېگەن  ئىسىم بىلەن تونۇلغان. ئىنىسى مەھمۇدمۇ ئۆمۈر بويى تېبابەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئىلمىي ھەيئەتلەرنىڭ تەركىبىدە بىر مۇنچە تېببىي كىتابلارنى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان بىر ئىلمىي خادىم ئىدى. 1914~1916–يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق كېزىپ چىققان تاتار ئالىمى نۇشىرۋان يائوشېف ‹‹ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى›› دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلانغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن سۆز ئاچقان. يائوشېفنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەشھۇر دىنىي ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئىسلاھاتچى، پېداگوگ ئابدۇقادىر داموللا قەشقەردە ساپ تۈركىي تىلدا يېزىلغان، بىرمۇ ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆز ئارىلاشمىغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ناملىق ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئەسەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ۋە ئۇنى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا  ئىنگلىز سەيياھلىرىنىڭ سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.[1] كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، بىر مەزگىل قەشقەردە تۇرغان سۈرىيەلىك شامى داموللا ئىسىملىك بىر تارىخچىمۇ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان يۈسۈف ھاجى قەشقەرىنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ بىر نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن.[2] ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ‹‹ساپ تۈركىي تىلدا يېزىلغان›› دەپ تەرىپلىگىنىدىن قارىغاندا، ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تىلى ۋە مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولغانىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە ساقلانغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە يائوشېفنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىلىم دۇنياسىغا تۇنجى قېتىم مەلۇمات بەرگەن شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇسۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر خاتىرىمۇ بار. بۇ، رايونىمىزدىكى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان قادىر ئەكبەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدۇر. 1980-يىلى يەكەنلىك ئىسمائىل ھاجى دېگەن بىر كىشىنىڭ قادىر ئەكبەر قاتارلىق ئىلمىي خادىملارغا سۆزلەپ بېرىشىچە، 1908-يىلى قەشقەردىكى رۇس كونسولخانىسىدىن كەلگەن بىر خادىم ئۇنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ئېلىپ كەتكەن. ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان بۇ كىتاب ئىسمائىل ھاجىغا دادىسىدىن مىراس قالغان ئىكەن.[3] ئېھتىمال، ئابدۇقادىر داموللام تىلغا ئالغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› مۇشۇ نۇسخا بولۇشى مۇمكىن. بۇنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان  بەزى تەتقىقاتچىلار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسى بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى  بىلدۈرمەكتە. مەسىلەن، 20- ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشكەن مەشھۇر تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنى ئەسلى قەشقەردە ساقلانغان ۋە كېيىن ئۇ يەردىن ئېلىپ كېتىلگەن دېگەن قاراشتا بولغانىدى. ئىبراھىم مۇتئى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە بۇ خۇسۇستا ئەمەلىي بىر مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسى ساقلىنىۋاتقان ئەبۇ رەيھان ئەل - بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئىبراھىم مۇتئىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىستەكلىرىگە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن كۇتۇپخانا خادىملىرى باھانە- سەۋەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كۇتۇپخانىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› قويۇلغان نادىر ئەسەرلەر  بۆلۈمىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغان. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلىدە بولغانلىقى ئىبراھىم مۇتئى ئۈچۈن بىر سىر بولۇپ قالغان. شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم مۇتئىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى ئەمەلگە ئاشمىغان. ھازىرمۇ بەزى تەتقىقاتچىلار ئىبراھىم مۇتئىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، بۇ نۇسخا ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. ئىشىنىمىزكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلاردا تېخىمۇ ئۆنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كېلىپ بۇ مەسىلىمۇ يېشىلىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتۇش ئەزاسى ئەمەك ئۈشەنمەز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ئەبۇ رەيھان ئەل - بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى نادىر ئەسەرلەر جەھەتتىمۇ ناھايىتى باي. كۇتۇپخانىدا نەچچە يۈز پارچە نادىر ئەسەر بار. ‹قۇرئان›نىڭ بەزى تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى، ‹مۇقەددىمەتۇل ئەدەب› قاتارلىق ناھايىتى نۇرغۇن قول يازمىلارنىڭ ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان بەزى نۇسخىلىرى بۇ يەردە مەخسۇس بىر ئۆيدە ساقلانماقتا. قاراخانىيلار تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان دەسلەپكى دەۋر ئەسەرلىرىدىن ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ بىر نۇسخىسىمۇ ئەبۇ رەيھان ئەل - بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ نۇسخىمۇ نادىر ئەسەرلەر قاتارىغا قويۇلغان. رەشىد رەھمەتى ئارات ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتىدا بۇ نۇسخىدىن بىۋاسىتە سۆز ئاچمىغان. بۇ يەردە ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ بىر ئەسلىي نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭدىن كۆچۈرۈلگەن كىچىك ھەجىملىك ئۆرنەكلىرىمۇ بار. بۇلار ناھايىتى ئوچۇق ۋە چىرايلىق نەسىھ خەت نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان. كۇتۇپخانا تىزىملىكىدە ئەسەرنىڭ تىلى ‹ئۇيغۇرچە› دەپ خاراكتېرلەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭ  كۆچۈرۈلگەن يېرى قەشقەردۇر. بۇ يەردىكى ئەسلىي چوڭ ھەجىملىك نۇسخا 223 ۋاراقتىن تەشكىل تاپقان، ھەر بىر ۋاراقتا 15 قۇر خەت يېزىلغان. قالغان تۆت نۇسخىسىنىڭ ھەر بىرى 50 ۋاراق كېلىدۇ.››[4] ئەمەك ئۈشەنمەزنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتقان نۇقتىلاردىن بىرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئەسلىدە قەشقەردە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇۋاتقان بۇ تېما ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەنلىكىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر  ئېلىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن سۆز ئېچىلغان تۇنجى ئەسەر 20- ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا يېزىلغان. مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، شائىر، تارىخچى ۋە نەشرىياتچى قۇتلۇق شەۋقى ئاشۇ يىللاردا يازغان ‹‹قەشقەر›› دېگەن بىر شېئىرىدە يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن سۆز ئاچقان. 30- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار، ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەر ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن كۈچىيىش ئېھتىياجى زىيالىيلارنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلارغا، تارىخ، كۈلتۈر، مائارىپ، ئەدەبىيات، سەنئەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە، بولۇپمۇ بۇ ساھەلەر ھەققىدە ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بىر مۇنچە ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. بۇ جەرياندا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››مۇ كەڭ خەلق توپىغا  تونۇتۇلۇشقا باشلىدى. قۇتلۇق شەۋقىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان شېئىرى ئۇنىڭ ئۆزى تەسىس قىلغان ‹‹يېڭى ھايات›› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. شەۋقى بۇ شېئىردا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ‹‹جاھانغا نۇر چاچقان، خەلقنى بەختىيار قىلغان بىر ئەسەر›› دەپ تەرىپلىگەن.[5] ئەسەرنىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنىدىن ياخشى خەۋەردار بولغان شەۋقى ئاشۇ مىسرالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە كەڭ خەلققە مەلۇمات بەرگەن تۇنجى شەخسكە ئايلانغان. ئالىي ئوقۇش تارىخىنى تۈركىيەدە تاماملىغان ۋە 1934~1937-يىللاردا ئاتۇش يېزىلىرىدا نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، يېڭى مائارىپ دولقۇنى ياسىغان مەمتېلى ئەپەندىنىڭمۇ تارىخ دەرسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، تۈركىيەدە ئوقۇغان، شەۋقى بىلەن بىرلىكتە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغان ۋە تارىخ دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئاتتىلا، چىڭگىز ۋە تىمۇرنى ئەڭ بۈيۈك تۈرك ھۆكۈمدارى سۈپىتىدە تونۇتقان مەمتېلى ئەپەندىنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن خەۋەرسىز قالغان دېيىش ئەقىلگە سىغمايدۇ. 1940- يىللاردا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېزىلغان ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەردە كەڭ دائىرىدە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. 1944-يىلى شائىر ۋە تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ‹‹مىراس ۋە ۋەسىقىلىرىمىز›› دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى خېلى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. 1945-يىلى ھىدايىتىللا ئاخۇن ۋە سابىراخۇن دېگەن كىشىلەر بىرلىكتە يازغان ‹‹تۈرك- موڭغۇل تارىخى›› دېگەن كىتابتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرلىكتە ئەسەرگىمۇ يۇقىرى باھا بەرگەن. بۇ مەلۇماتلاردىن ئاپتورلارنىڭ خەلقئارادىكى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدىن يېقىندىن خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. 1946-يىلى ئەدىب شۈكۈر يالقىن ‹‹ئالتاي›› ژۇرنىلىدا بۇ ئەسەرگە  بېغىشلانغان ‹‹قۇتلۇق بىلىگ قۇتادغۇ›› دېگەن شېئىرىنى ئېلان قىلغان. شېئىردە يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى مۇنداق  مەدھىيەنلەنگەن :

قۇتلۇق بىلىگ قۇتادغۇ،

بۇ بەكمۇ تاتلىق ئادغۇ؛

بۇ بىر كىتاب ئاجايىپ،

يازمىش يۈسۈف خاس ھاجىپ؛

دەريايى ئىلىم ئىكەن بىر،

ئاققىنىدۇر جەۋاھىر؛

ئاپىرىن ئەي ئۇلۇغ زات،

نامىڭ ئۆچمەس ئۆمرىبات.[6]

1947-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈسۈف خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى قۇرۇلغان. بۇ كۇتۇپخانىدا تۈركىيەدىن كەلتۈرۈلگەن بىر قانچە مىڭ كىتابنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن قول يازما ئەسەرلەر، ژۇرناللار ۋە كىتابلار تىزىلغانىدى. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تۈركىيەدە بېسىلغان فاكسىمىلى ۋە مەتنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ماتېرىياللار ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىنى  يورۇتۇشى بىلەن بىرلىكتە، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىمۇ يېقىندىن چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شۇ يىلى ئابلىمىت روزى ‹‹ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىياتى تەزكىرىسى›› دېگەن  ئەسىرىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە توختالغان. 1948-يىلى غۇلجىدا نەشر قىلىنغان ‹‹ئىتتىپاق›› ژۇرنىلىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن پارچىلار بېرىلگەن. ئىبراھىم مۇتئى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان  بىر ژۇرنالدا، 1949- يىلى نەنجىڭدىكى ‹‹ھازىرقى دەۋر›› ژۇرنىلىدا (2.جىلد، 1-سان) ئېلان قىلغان ‹‹تۈركىي تىللارنىڭ تارىخى ھەققىدە›› دېگەن ئەسىرىدە يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن سۆز ئاچقان. ئەمما، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۆم سۈرگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن كۈچىيىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار تەرتىپلىك ۋە مۇنتىزىم بىر مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈشتىن يىراقتا قېلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئىلگىرىلىيەلمىدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇش، زىيارەت ۋە تىجارەت مەقسىتىدە تۈركىيەگە ۋە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغانلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۈركولوگىيە ساھەسىنىڭ بەزى نەتىجىلىرىدىن يېقىندىن خەۋەردار بولدى ھەم ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. لېكىن رايوندا داۋام قىلغان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ مۇنتىزىم بىر شەكىل ئېلىشىغا  ئىمكانىيەت بەرمىدى. شۇ سەۋەبلىك، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ئومۇمەن تونۇشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى بىلىملەر بىلەن چەكلىنىپ قالدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, L3 W6 k2 v# L7 K' F; K" s

2- ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە دەسلەپكى تەتقىقاتلار

1950-يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدە تەتقىقاتلار باشلاندى.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەھمەت زىيائى قاتارلىق بەزى ئالىم ۋە ئەدىبلەر  تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلدى. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەر تەسىس قىلىندى، لېكسىيەلەر سۆزلەندى. بۇ چاغدا يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››مۇ مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە قولغا ئېلىندى. ژۇرناللاردا بۇنىڭغا ئائىت ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شۇ دەۋردىكى ياش ئوقۇتقۇچى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن 1956- يىلى ‹‹شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ ئۇيغۇرچە(3-سان) ۋە خەنزۇچە سانلىرىدا(4-سان) ئېلان قىلغان ‹‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمىنىڭ خاتىرىسى›› دېگەن ئەسىرى بىلەن 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر  رايونىدا تۇنجى بولۇپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە ئەسەر ئېلان قىلغان بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. كېيىن بۇ شەخس ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرنى يازغان بىر ئالىم سۈپىتىدە تونۇلدى. شۇ يىلى يەنە مۇھەممەتجان سادىق ‹‹ئىككى ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە›› دېگەن ماقالىسىنى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلدى. مەشھۇر ئەدىب ئەھمەد زىيائى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدا ئوقۇغان ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز›› دېگەن ماقالىسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە توختالدى. شۇ ۋاقىتتا جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بۇ ماقالىلەردە يۈسۈف خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ياشىغان دەۋرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىدىن سۆز ئېچىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئەھمەد زىيائىنىڭ خۇسۇسىي بىر ئىلمىي ئەمگەك سۈپىتىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن 11 بابنى تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ تەرجىمە نۇسخا ھازىرمۇ مەۋجۇت. 50-يىللاردىن باشلاپ، گېڭ شىمىن، فېڭ جياشېڭ قاتارلىق خەنزۇ ئالىملىرىمۇ ئەسەرلىرىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تىن سۆز ئېچىشقا باشلىغان. ناھايىتى ئەپسۇس، جۇڭگودا 1958-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە داۋام قىلغان ھەر خىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›› (1966~1976) ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئىلمىي تەتقىقاتلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئالىملارنى ئىلىم ساھەسىدىن يىراقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىمۇ ئۈزۈلدى.

1978-يىلىدىن كېيىن جۇڭگودا سىياسىي ساھەنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىمۇ تەرتىپكە سېلىندى، ئىلمىي تەتقىقاتلارغا يېڭىدىن نىشان بەلگىلىنىپ، تەتقىقات تېمىلىرى بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئەڭ ئاۋۋال قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان ئىككى بۈيۈك ئەسەرنى نەشر قىلىش پىلانى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. شۇندىن باشلاپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتنى ۋە نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنغان 1984-يىلىغا قەدەر بولغان ئالتە يىل ئىچىدە ئابلەت ئۆمەر، ھاجى نۇرھاجى، ئابلىمىت روزى، ئەھمەد زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن، مەمتىمىن يۈسۈپ، مەھمۇد زەئىدى، شەرىپىددىن ئۆمەر، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەر قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلىم ئىگىلىرى يول ئاچقۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، تىل - ئەدەبىيات، پەلسەپە، قانۇن، ئەخلاق، ئىلىم-پەن ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى قولغا ئالدى. بۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە بىر مۇنچە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئەسەرنىڭ نەسرىي  يەشمىسىگە ئائىت كىچىك تەجرىبىلەرمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا ئېلان قىلىندى.[7]  تۈركچە، ئۆزبېكچە ۋە رۇسچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بۇ ماقالىلەر ۋە ئەسەرنىڭ يەشمىسىگە ئائىت تەجرىبىلەر رايوندا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى تەشكىل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەسەرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە بۇ خۇسۇستا بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينىدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ]4 `. y  r) M7 S# Y

3. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ نەشرى

1980-يىلى بېكىتىلگەن قارار بويىچە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى نەشر قىلىش خىزمىتى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا تاپشۇرۇلدى. ئەسەرنى نەشرگە تەييارلاشتا  تۈركىيە ئالىمى ر.ر.ئارات  ئىشلىگەن مەتىن بىلەن ئۇنىڭ نەسرىي تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كەرىموفنىڭ پەرغانە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىشلىگەن تەۋسىپىدىنمۇ پايدىلىنىلغان. ئەسەر لاتىن يېزىقىدىكى مەتنى بىلەن ئۇنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نەزمىي تەرجىمىسىنى يانمۇ يان بېرىش شەكلى بىلەن تەييارلىنىپ، 1984-يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، 25 مىڭ تىراژ بىلەن بېسىلدى. كىرىش سۆزدە ئەسەر مۇنداق تەرىپلەنگەن : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› يېڭىدىن ئايىغى چىقىپ، تايتاڭلاپ مېڭىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەمەس، بەلكى قەدىمىي ۋە يۈكسەك بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى. ئۇ، ئەدەبىي ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ھەم تارىخ، ھەم پەلسەپە، ھەم سىياسەتنامە ياكى دۆلەتشۇناسلىق، ھەم ئىجتىمائىي تەلىم –تەربىيە ۋە ئۇزاق ئۆتمۈش ھايات بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى رېئال ھاياتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستېمىلىق بىر ئىلمىي ئەسەر.››[8] مەتنى ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇللا مۇھەممىدى ۋە مەھمۇد زەئىدى تەرىپىدىن تەييارلانغان، نەزمىي يەشمىسى بولسا ئەھمەد زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، مەمتىمىن يۈسۈپ قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ بۇ نەشرى بىر قانچە جەھەتتە ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. ئالدى بىلەن مەتىن ھەققىدە توختىلىمىز. مەتىندە بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ تەلەپپۇزى ر.ر.ئارات بېكىتكەن شەكىلدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ نۇقتىلار بولسا مەتىن ئۈچۈن تەتبىقلانغان تىرانسىكرىپسىيە ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا بىلدۈرۈلگىنىدەك، ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى ئۈچۈن قوللىنىلغان تىرانسىكرىپسىيە سىستېمىسى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتنى ئۈچۈنمۇ تەتبىقلانغاچقا بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ تەلەپپۇزى ر.ر.ئاراتنىڭ نۇسخىسىدىكى بىلەن بىر خىل شەكىلدە بولمىغان. مەسىلەن، ر.ر.ئاراتنىڭ نۇسخىسىدىكى ‹‹بىلىگ››، ‹‹بىتىگ››، ‹‹چەرىگ››، ‹‹بۈتۈن››، ‹‹بىشىغ›› دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلۈكلەر ‹‹بىلىك››، ‹‹بىتىك››، ‹‹چەرىك››، ‹‹پۈتۈن››، ‹‹پىشىغ›› دەپ ئۆزگەرتىلگەن.[9] شۇ شەۋەبلىك، كىتابنىڭ ئىسمىمۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› دېگەن شەكىلدە بېرىلگەن. بۇ تەرەپلەر چەت ئەل تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن ئاشۇ مەتىندە كۆرۈلگەن قىسمەن سەۋەنلىكلەر دەپ قارالماقتا.[10] ئېھتىمال بۇ پەرقلىق  نۇقتىلارنىڭ كۆرۈلۈشىدە يەنە ۋامبېري بىلەن رادلوفنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىنىڭمۇ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ خۇسۇس، تىلشۇناسلار ئايرىم توختىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەسەرنىڭ نەزمىي  يەشمىسى ناھايىتى پاساھەتلىك چىققان بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئەدەبىياتچىنى  قايىل قىلىدۇ. يەنى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشتە مۇئەللىپنىڭ ئۆزى قوللانغان ۋەزنىنى ئەينەن ساقلاشقا ۋە مىسرالارنى سۆزمۇ سۆز ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە شېئىرىيەت زۆرۈرىيىتى بىلەن بەزى مىسرالار مەزمۇنەن ئېلىنغان، بەزى مىسرالارنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلغان، ۋەزىن ۋە قاپىيە تەقەززاسى بىلەن ئايرىم مىسرالاردا قەدىمكى سۆزلەر ئىزاھات بىلەن ئىشلىتىلگەن.[11] يۈسۈف خاس ھاجىپ قوللانغان خاقانىيە تۈركچىسىگە ئائىت سۆزلۈكلەرنىڭ يۈزدە 50 پىرسەنتىنڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئەينى شەكىلدە ساقلانغانلىقىمۇ نەزمىي يەشمىسىنىڭ ناھايىتى پاساھەتلىك چىقىشىدا پايدىلىق رول ئوينىغان. قىسقىسى،  ئەسەرنىڭ يەشمىسى تىل، قۇرۇلما، مەزمۇن، شەكىل ۋە ئاھاڭدارلىق جەھەتتىن ناھايىتى يېقىملىق ۋە گۈزەل بىر ئۇسلۇبنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئەدەبىي سەنئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ھەقىقەتەن، بۇ يەشمىنى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ تىل ۋە ئەدەبىي ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەرنىڭ نەزمىي يەشمىسى مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن يالغۇز ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈركولوگىيە ساھەسىدىمۇ خاس بىر تەتقىقات تېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ نەشرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر تەپەككۇرىنىڭ تۈپ ئاساسلىرىنى، ھاكىمىيەت ۋە ھوقۇق ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنى، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتە، بولۇپمۇ تارىختىن كەلگۈسىگە ئۇلاشقان بىر مىللىي ئىدېئولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈشتە كەڭ زېمىن ھازىرلىدى. شۇڭا، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر نەتىجە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئا.نارىنبايېف ‹‹بالاساغۇنلۇق يۈسۈف خاس ھاجىپ بىزگە مىراس قالدۇرغان ‹قۇتادغۇ بىلىگ› داستانىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئىلىم ساھەسىدە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىدا ئوتتۇرىغا چىققان زور بىر ۋەقەدۇر››[12]  دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ كۈنىمىزدە نە قەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  

1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۈچ نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى ئاشۇ ئەسەرنىڭ تۈركىيە تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى بىلەن ئايرىم – ئايرىم نەشر قىلىندى ۋە ر.ر.ئاراتنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە يازغان كىرىش سۆزىنىڭ فاكسىمىلغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى كىرىش سۆز ئورنىدا بېرىلدى. فاكسىمىلنىڭ ھەر بىر نۇسخىسى 700 تىراژدىن بېسىلدى. 80- يىللاردا يەنە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1979- يىلى گېڭ شىمىن بىلەن ۋېي سۈييې ئەسەرنىڭ بەزى بابلىرىنى ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داستانى ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ›› دېگەن نام بىلەن نەشر قىلدۇرغان. كىچىك بىر تەجرىبىدىن ئىبارەت بولغان بۇ تەرجىمە ئەينى ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى نەشر قىلىش يولىدىكى تۇنجى قەدەمنى تەشكىل قىلغان. كېيىن ئۇيغۇرچىنى ۋە تۈركىيە تۈركچىسىنى ياخشى بىلىدىغان خەنزۇ ئالىملىرىدىن جاڭ خۇڭچياۋ، خاۋ گۇەنجۇڭ، ليۇ بىڭ قاتارلىقلارنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۇيغۇرچە نەزمىي نۇسخىسىنى ئاساس قىلىش ۋە تۈركچە، ئۆزبېكچە ۋە رۇسچە نۇسخىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىشلىگەن خەنزۇچە تەرجىمىسى 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، 4000 تىراز بىلەن بېسىلدى. ئەسەرنىڭ نامى خەنزۇچە《福乐智慧》 دېگەن خەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى ‹‹تىلىگەن، ئارزۇ قىلغان  بەختكە، پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرىدىغان، پاراسەتلىك، ئەقىللىك قىلىدىغان بىلىم›› دېگەنلىكتۇر. قازاقىستاندا ئاسقار ئېگۇبايېف تەرىپىدىن قازاقچىغا ئاغدۇرۇلغان ۋە 1986- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن كىرىل يېزىقى بىلەن نەشر قىلىنغان ۋە  نامى ‹‹قۇتتى بىلىك›› دېگەن شەكىلدە ئېلىنغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئەرەب يېزىقىغا ئاساسلانغان قازاق يېزىقىغا ئۆرۈلگەن نۇسخىسىمۇ 1989- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى ۋە 2000 تىراژ بىلەن بېسىلدى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ نەسرىي يەشمىسىمۇ 1980- يىللاردا  قولغا ئېلىنغان ۋە دەسلەپكى بەزى كىچىك تىپتىكى تەجرىبە نۇسخىلىرىمۇ  ئېلان قىلىنغان.  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت بىر قانچە مۇھىم ئەسەرلەرنى يازغان شەرىپىددىن ئۆمەر(1932~2002) 1982- يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلار›› دېگەن كىتابىدا يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى ۋە  ئەسىرى ھەققىدە ئەدەبىي، پەلسەپىۋى ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تەھلىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن ، 2-،6-، 7-، 12-، 51-، 56-، 57-، 58- بابلارنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسى بىلەن ئۇنىڭ نەسرىي يەسمىسىنى بەرگەن. شەرىپىددىن ئۆمەرنىڭ بۇ  كىتابى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن بىر ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. شۇ يىلى ئابدۇشۇكۇر تۇردى(1936~2012)، تېيىپجان ئېلىيېف(1930~1989) ۋە رەھمىتۇللا جارى(1926~1999) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بىر تەتقىقات ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر›› دېگەن كىتابتا ئېلان قىلىنغان. پەقەت 11 بابنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسى ۋە تەرجىمىسىدىن ئىبارەت بولغان بۇ ئەمگەكمۇ شەرىپىددىن ئۆمەرنىڭكىگە ئوخشاش ئەسەرنىڭ بەزى بۆلۈملىرى بىلەن چەكلەنگەن بىر تەجرىبىدىن ئىبارەت ئىدى. كېيىن ئەسەرنىڭ تولۇق نەسرىي يەشمىسى ئابدۇشۈكۈر تۇردى بىلەن قادىر ئەكبەر تەرىپىدىن ئىشلەندى. ر.ر.ئارات ئىشلىگەن مەتىن ۋە تەرجىمىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن بۇ نۇسخا 1991-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگىنىدەك، ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، يۈسۈف خاس ھاجىپ قوللانغان تىلغا ئائىت نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنىڭ تەلەپپۇز ۋە مەنىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئەينى شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئالاھىدىلىك ئەسەرنىڭ نەسرىي يەشمىسىنىڭ ئېنىق، دەل ۋە ئاممىباب بىر شەكىلدە ئىشلىنىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقان. شۇڭا، بۇ نەسرىي يەشمە مەتىندىن ۋە يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ بەدىئىي سۆز تاللىشىدىن ئانچە كۆپ پەرقلەندۈرۈلمەسلىك پىرىنسىپى ئاستىدا ئىشلەنگەن.[13]  1992-يىلى تۇرغانباي قىلىچبېك ۋە نۇرۇز ھۈسەنئالىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۇيغۇرچە نەزمىي نۇسخىسىغا ئاساسەن قىرغىزچىغا ئۆرىگەن نۇسخىسى ‹‹قۇت دارىتار ئىلىم›› دېگەن نام بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، 400 تىراژ بىلەن بېسىلدى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق تۈركىي تىل شېۋىلىرىدە نەشر قىلىش خىزمىتى تاماملاندى. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 15 يىل داۋام قىلغان بۇ ئىلمىي خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى قۇرۇلدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 q% v$ I2 F2 G

4. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت تەرجىمە ۋە ئاغدۇرمىلار

بۇ خۇسۇستا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئاپتورلىرىدىن رېشات نۇرى، ياشار كامال، ساباھاتتىن ئالى، كەرىمە نادىر، نەجاتى جۇمالىنىڭ بىر مۇنچە رومانلىرىنى ۋە رېشات گەنچ، ش. ئۆلكۈتاشىرنىڭ قاراخانىيلار ۋە مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشر قىلدۇرغان داڭلىق تەرجىمان ۋە دىكتور تۇرسۇنئاي ساقىم(1938~2006) نىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش كېرەك. تەكلىپ بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى نەشر قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بۇ خانىم ئەينى ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان نەسرىي نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا قولايلىق ياراتقان. يەنە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئا.دىلئاچارنىڭ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتلىرى›› دېگەن ئەسىرىنىمۇ ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ چىققان. تۇرسۇنئاي ساقىم ‹‹تۈركىيەدىكى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ھەققىدە›› دېگەن بىر بىلدۈرگۈسىدە تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ بۇ ئەسەر ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىيوگرافىيەسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى يالغۇز ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتنى ۋە يەشمىسىنى تەييارلاپ نەشر قىلدۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئىنستىتۇت يەنە ئۇيغۇر رايوندىكى مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ بۇ كىتابقا ئائىت تەتقىقاتلىرىنى پايدىلىق مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىنىڭ خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس مەجمۇئە نەشر قىلدۇرۇش بىلەنمۇ مەشغۇل بولدى. تۈرلۈك مەملىكەتلەردىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىش ۋە ئۆرۈش ئارقىلىق تەييارلانغان بۇ مەجمۇئەنىڭ تۇنجىسى 1989-يىلى ‹‹چەت ئەل ئالىملىرى ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە ›› دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىندى. بۇ مەجمۇئەگە تۈركىيە ئالىملىرىدىن ر.ر.ئاراتنىڭ ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى››گە يازغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ماددىسىنى، م. فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى›› دېگەن كىتابىنىڭ ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ›› دېگەن بابىنى، ئىبراھىم كافەسئوغلىنىڭ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى›› دېگەن ئەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ۋ.ۋ.رادلوف، قەييۇم كەرىموف قاتارلىق بىر مۇنچە ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈش ۋە تەرجىمە قىلىشقا قادىر ئەكبەر، مۆمىن ئابدۇللا، تۇرسۇن رېشات، مەھمۇد زەئىدى ۋە ئىسمائىل تۆمۈرى قاتارلىق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر زور ئەجىر سىڭدۇرگەن. ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتى يەنە 1991-يىلى ۋ.ۋ.رادلوف، ر.ر.ئارات، ر.دانكوف، س. ن.ئىۋانوف، ئا.ن. كونونوف، ق. كەرىموف، ئا.ئېگۇبايېف، ك. تالىبوف، ر.نۇراخمەد، ئا.نارېنبايېف، ئا.قاسىموف، ي.مەمەتاخۇنوف قاتارلىق نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تۈركچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە نەشرلىرى ئۈچۈن يازغان كىرىش سۆز، خاتىمە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن بىر  مەجمۇئەنى ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلەردىن تاللانمىلار››(Ⅰ) دېگەن نام بىلەن خەنزۇچە نەشر قىلدۇردى. بۇ مەجمۇئەنىڭ ئاخىرىغا 1874-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە رۇسىيەدە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ  بىبلىيوگرافىيەسى بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نەشر قىلىنغان بۇ مەجمۇئەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىغا نۇر بېرىش بىلەن بىرلىكتە يەنە بۇ ساھەگە ئائىت بىر مۇنچە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر خۇسۇسمۇ بار. بۇ تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاغدۇرمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئوبزور مەسىلىسىدۇر.  مەلۇمكى، تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى مۇشۇ ساھەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى 30 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى مۇراجىئەت قىلىۋاتقان مۇھىم مەنبەلەر ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئىككى مەجمۇئەنىڭ بىرىنچىسىگە كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنى ئارگىنالى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن نۇسخىسىدا بەزى خاتالىقلارنىڭ ۋە كەم قالغان نۇقتىلارنىڭ بولغانلىقىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ نۇقتىلار تەرجىمان ياكى  ئاغدۇرغۇچىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان خاتالىقمۇ ياكى باسمىدا كۆرۈلگەن تېخنىكىلىق مەسىلىمۇ؟ بۇ تەرىپى بىزگە نامەلۇم. ئەمما، ر.ر.ئاراتنىڭ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›كە كىرش›› دېگەن ماقالىسى ليۇبىڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىغا ناھايىتى ئەستايىدىل، نۇقسانسىز ۋە ياخشى تەرجىمە قىلىنغان، ئىبارىلەر خالىغانچە ئۆزگەرتىلمىگەن، بولۇپمۇ ئىلىم پىرىنسىپىغا زىت ھېچقانداق بىر خاھىش كۆرۈلمىگەن. شۇڭا، بىرىنچى مەجمۇئە نەشر قىلىنىپ 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىنى مەن قايتا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1993-يىلى ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلەردىن تاللانمىلار››(Ⅱ) دېگەن نام بىلەن يەنە بىر مەجمۇئە نەشر قىلدۇردى. دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقاتلارغا بېغىشلانغان ۋە خەنزۇچە نەشر قىلىنغان بۇ مەجمۇئەگە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلاردىن بولغان 25 نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. مەجمۇئەنىڭ ئاخىرىدىكى ماقالىدە 1963-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگودا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلەرنىڭ  بىبلىيوگرافىيەسى بېرىلگەن.  

1984-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتىن ۋە نەزمىي يەشمىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا رەسمىي ئاساس سېلىندى. شۇندىن باشلاپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتلىرى مۇنتىزىم بىر يولغا كىردى. مەخسۇس ئورگانلار قۇرۇلۇپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئەسەرنى ئۆز ساھەلىرى بويىچە قولغا ئېلىشقا باشلىدى. تەتقىقاتلار بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ئىلمىي مېتودمۇ خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك دەرىجىگە يەتتى. كەڭ خەلق توپىمۇ ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن مائارىپ سەۋىيەسىگە لايىق بىر شەكىلدە ئەسەردىن بىلىم ۋە زوق ئالدى. ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىنستىتۇتلار، تېخنىكوملار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىرىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت ئايرىم ماۋزۇ تەسىس قىلىندى. سەنئەتچىلەر ئۇچۈنمۇ ئەسەر بىر ئىجادىيەت تېمىسىغا ئايلاندى. بۇ جەرياندا مەخسۇس ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››  تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر مۇنچە مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەر قانداق بىر مەقسەت بىلەن جەمئىيەتكە ۋە خەلققە خىتاب قىلىنغاندا، يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› غۇرۇر مەنبەسى ۋە ئۆرنەك سۈپىتىدە تونۇتۇلدى. خەنزۇلاردىنمۇ بۇ ساھە بىلەن مەشغۇل بولغان بىر مۇنچە ئالىملار يېتىشىپ چىقتى. قىسقىسى، 1984-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بولغان 30 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل ژۇرنال ۋە گېزىتلەردە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە 300 پارچىدىن كۆپرەك ماقالە ئېلان قىلىندى، نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ سانىمۇ 10 غا يەتتى، بۇ تەتقىقاتلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئاشۇ ساھەدە ئالدىدا ماڭغان دۆلەتلەردىكى ئىلمىي مۇھىت بىلەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدىغان بىر سەۋىيەگە يەتتى. سەھىپە چەكلىك بولغاچقا، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ نامىنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ بېرەلمەيمىز. بۇ يەردە پەقەت ئەسەرگە ئالاقىدار ئورگانلار، مۇھىم پائالىيەتلەر، مەشھۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرلىكتە ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ساھەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن چەكلىنىمىز.

5- ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› كە ئائىت تەتقىقات ئورگانلىرى

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغان 1820-يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا تۈرلۈك مەملىكەتلەردە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملار ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەر بۇ كىتابنى تەتقىق قىلدى. بۇ ئېتىبارى بىلەن ئاۋۋال رۇسىيەدىكى پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى، تۈركىيەدىكى تۈرك تىل قۇرۇمى بىلەن تۈرك تارىخ قۇرۇمىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ھازىر باشقا مەملىكەتلەردىمۇ بەزى ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە ئالىملار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تۈركىيەدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› نامىدا بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭمۇ نەشر قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەلۋەتتە، بۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن دۇنيادا تەتقىق قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ مۇنتىزىم بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە بەزى ئىلمىي ئورگانلار قۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرى تۈۋەندىكىلەر :

1978-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتلىرىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى بۆلۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات خادىملىرى ھازىرلاندى. 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقات جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى. 1991-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىمۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى قىلىپ تۇتتى. 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلدى. 1994- يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى. ئۈرۈمچىدە ۋە بېيجىڭدا بۇ خىل مەخسۇس تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى تەشكىلىي ئورگانغا، كاپالەتكە، پائالىيەت سەھنىسىگە ۋە ھىمايىگە ئېرىشىپ، تەتقىقات قوشۇنىمۇ ئۈزۈكسىز كېڭەيدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# V; n; c3 X$ x" a. H6 ]2 L3 J

6- ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

1979-يىلى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى پىلانغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە بۇ تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت، مۇزاكىرە ۋە يىغىنلار  ئۆتكۈزۈلدى. 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە- ئىجتىمائىي ئىدېيولوگىيە تارىخى  ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن  نۆۋەتلىك يىغىنىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئىزچىل تۈردە يىغىننىڭ ئاساسلىق بىر تېمىسىغا ئايلاندى. 1983–يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى››دا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› مۇھىم بىر تېما بولدى. 1984-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى نەزمىي يەشمىسىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› ئۆتكۈزدى. 1985-يىلى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەنجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 3- سانلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ ۋەكىللىرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم ئىلمىي ماقالىلەر بىلەن قاتناشتى. 1986-يىلى ئاۋغۇستتا ‹‹1- قېتىملىق مەملىكەتلىك ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بەزى مەسئۇللىرى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم - مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ 130 كىشى قاتناشتى. يىغىندا تېمىسى پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، ئاسترونومىيە، سوتسىيولوگىيە، ئېستېتىكا، لوگىكا، ئەخلاق، پەن، قانۇن، ھەربىي ئىشلار، تېبابەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 50 پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇلدى. ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئائىت خەۋەرلەر ۋە يىغىندا ئوقۇلغان  ماقالىلەر ‹‹تارىخىي مىراس ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە بايان›› دېگەن نام بىلەن تۆت قىسىملىق كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنىڭ 1-، 2- قىسمى 1986- يىلى، 3-،4- قىسمى 1988-يىلى نەشر قىلىندى.[14]  شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە 1986- يىلى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›› دەۋرىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن مەقبەرىسىنى رېمونت قىلىپ ئوڭشاش قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش 1989-يىلى تاماملاندى. شۇ يىلى قەشقەردە ‹‹2- قېتىملىق مەملىكەتلىك ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن مەقبەرىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا سىياسىي ۋە ئىلمىي ساھەدىكى خادىملار بولۇپ 60 كىشى قاتناشتى، 30 پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇلدى. ئەپسۇس، بۇ يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر ھازىرغىچە  توپلام قىلىپ نەشر قىلىنمىدى. بۇ ئىككى يىغىن ۋە يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ مۇنتىزىم ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىل ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ قالماي، ئاشۇ ساھەنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ كۆلەم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. 1993- يىلى بېيجىڭدا ‹‹1- قېتىملىق خەلقئارا ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگو، موڭغۇلىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ شۇ ساھەدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە  دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بولۇپ 60 كىشى قاتنىشىپ، 40 پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇلدى. يىغىندا ئوقۇلغان بەزى ماقالىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى كېيىن ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. 1998-يىلى يۈسۈف خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 980 يىللىقىنى، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› يېزىلغانلىقىنىڭ 920 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردە ‹‹3-قېتىملىق مەملىكەتلىك ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› ئۆتكۈزۈلدى. 160 تىن ئارتۇق ئالىم، مۇتەخەسسىس ۋە مەمۇرلار قاتناشقان بۇ يىغىندا 96 پارچە ماقالە سۇنۇلدى. يىغىن مەزگىلىدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت 10 كىتاب نەشر قىلىش پىلانىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ پىلان بويىچە  ئىككىنچى يىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۇنۇلغان ماقالىلەردىن تاللاپ چىقىش ئارقىلىق تەييارلانغان ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ›› ناملىق بىر توپلام شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ  توپلامغا تىل، ئەدەبىيات، گىرامماتىكا، چۈشەنچە، پەلسەپە، سىياسىي، قانۇن، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت، نىكاھ، ئائىلە، تەربىيە، پېداگوگىكا، پىسخولوگىيە، ئېستېتىكا، ماتېماتىكا، مۇھىت ۋە ئالەم قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەرگە ئائىت 66 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.[15] 2000-يىلى بۇ توپلامنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ نەشر قىلىندى، لېكىن بۇ نۇسخىغا 38 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن. نەشر قىلىنغان كىتابلار ئىچىدە يەنە مەخسۇس تېمىدىكى ئەسەرلەرمۇ بار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى 1988-يىلى قۇرۇلغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقات جەمئىيىتىگە ئوخشاش ھەرخىل ئىلمىي تەشكىلاتلار، ئاكادېمىيەلەر، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت، ئىنستىتۇت، نەشرىيات، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ زىچ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزلدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ]0 m- Y& e8 y) Q8 C

7- ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت مەخسۇس تەتقىقاتلار

1984-يىلى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتنى ۋە نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر خىل ئورگانلاردا ۋە مۇئەسسەسەلەردە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن ئىلمىي خادىملار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە زىيالىيلار تۈرلۈك نۇقتىدىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. ھەر خىل ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ژۇرناللاردا، تۈرلۈك گېزىتلەردە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئۈزۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇردى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەردە  يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باشلامچىلار ۋە تەرجىمانلاردىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلار مىرسۇلتان ئوسمان، خەمىت تۆمۈر، ئىمىن تۇرسۇن، ئەنۋەر بايتۇر، ۋاھاپ خېۋىر، ئابدۇكېرىم راھمان، ھېمىت مەخسۇت، ئەسقەر ھۈسەيىن، ئەرشىدىن تاتلىق، سەمەت خېۋىر، ئابدۇللا تالىپ، مۇھەممەد سالىھ، ئىنايىتۇللا ھەلىمى، روزىھاجى مۇھەممەت، ئابدۇرېھىم سابىت، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، غەيرەتجان ئوسمان، يولۋاس راشىدىن، ئىمىنجان ئەھمىدى، يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى، ئابدۇرېھىم ھاشىم، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، تۇرسۇن ئەرشىدىن، ئارسلان ئابدۇللا، رەيھان قادىر، ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، ئەشرەب ئابدۇللا ۋە ئىقبال تۇرسۇن قاتارلىقلاردۇر. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› يەنە  بەزى  مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن خاس بىر تەتقىقات تېمىسىغا ئايلاندى. مانا بۇ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە يالغۇز ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› نىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈرك مەدەنىيىتىنىمۇ تولۇق يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇھىم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلاردىكى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى ۋە خاس تەتقىقات ئەسەرلىرى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر شائىر، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئەھمەد زىيائى (1913~1989) پۈتۈن ئۆمرىنى قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان ئىككى مەشھۇر ئەسەر  ــ ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى رايونىمىزدا يورۇقلۇققا چىقىرىشقا بېغىشلىغان بۈيۈك بىر ئالىم. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى  كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلغان ۋە دەۋرداشلىرى تەرىپىدىن ‹‹تىرىك يۈسۈف خاس ھاجىپ›› دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ يەنە ئەسەرنىڭ تىلى، مەنسۇبىيىتى ۋە ئەدەبىي ۋە ئىلمىي قىممىتى ھەققىدىمۇ  ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ، بۇ ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىغا ئاساس سالغان ئەڭ مۇھىم شەخسكە ئايلاندى.

مەشھۇر شائىر، يازغۇچى، تىلشۇناس ۋە تارىخچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر(1923~1995) ئەھمەد زىيائى بىلەن بىرلىكتە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىغا ئاساس سالغان يەنە بىر ئالىم. 20-ئەسىر ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى سۈپىتىدە تونۇلغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى تېما، تىل، ئەدەبىيات، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئىدىيە نۇقتىسىدىن كۆپرەك تەتقىق قىلغان  ۋە بۇ تېمىلار ھەققىدە  ئالتە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. 1986-يىلى ئامېرىكىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

20-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ئەڭ بۈيۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1933~1995) رايونىمىزدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ كەڭ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىم. ئۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى ۋە ئىدىيەسى ھەققىدە ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.  ئۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە 10 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلغان، 1986-يىلى ياپونىيەدە بۇ ئەسەرگە دائىر  لېكسىيە سۆزلىگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بۇ ساھەگە ئائىت ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› خەزىنىسى››(1999) دېگەن خاس ئەسىرى بار. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى سىياسىي- قانۇن، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، پەلسەپە، ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئەخلاق، ئېستېتىكا قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەردىن تەھلىل قىلغان بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدىكى تىپىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

پولكوۋنىك يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى (1949~2011) بولسا رايونىمىزدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› نى قانۇنچىلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغان بىر تەتقىقاتچى. ئۇ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە قانۇن›› (1993) دېگەن  كىتابىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى بىر ئۇلۇغ قانۇنشۇناس سۈپىتىدە تونۇتۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى ۋە دۇنيا قانۇنشۇناسلىق تارىخىدا تۇتقان ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەڭ تەھلىل قىلغان. بۇ ئەسەر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى قانۇن نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشتا تۈركىيە ئالىمى سادرى ماقسۇدى ئارسالنىڭ ‹‹تۈرك تارىخى ۋە ھوقۇق›› دېگەن كىتابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق (1958~2012) پۈتۈن ئۆمرىنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان ئالىم، پېداگوگ ۋە ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى.  ئۇ  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە 20 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلغان. ‹‹ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا››(1990)، ‹‹ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت››(1994)، ‹‹بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن›› (2001)، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››(رومان،2000)، ‹‹بەخت ئەلچىسى يۈسۈف خاس ھاجىپ›› (2002)، ‹‹11- ئەسىر ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيەسى›› (2007)، ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى››(2007) قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. ئۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى دىداكتىكىلىق نۇقتىدىن كۆپ تەتقىق قىلغان. تۇغلۇقنىڭ بۇ ساھەدىكى مۇھىم نەتىجىسى شۇكى،  ئۇ ئەسەرنى نەسرىيلەشتۈرۈش، رومانلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا شەرھىي يېزىش ئارقىلىق ئۇنى يېڭى بىر سۈپەتكە ئىگە قىلغان، ئەسەرنى زىيالىيلار مۇھىتىدىن ھالقىتىپ، كەڭ خەلق توپىمۇ ئاسانلا چۈشىنىدىغان بىر ئەسەرگە ئايلاندۇرغان، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى تۇغلۇق بۇ ئەسەرنى ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىغا ئېلىپ كىرگەن. بۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ يېيىلىش ۋە ئۆزلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

ئارسلان ئابدۇللا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئىستىلىستىكىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان بىر تەتقىقاتچى. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا يېزىلغان ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ئىستىلىستىكىسى››(2001) دېگەن كىتابتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى ھەققىدە چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن، بۇ كىتاب شۇ ساھەدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان. يەنە  ئەسەر ھەققىدە بىر قانچە ماقالىسىمۇ ئېلان قىلىنغان ئارسلان ئابدۇللا 2009-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹تەۋەللۇتىنىڭ 900-يىلىدا يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ›› ناملىق سېمپوزيۇمغا قاتنىشىپ، ‹‹ ‹قۇتاغۇ بىلىگ›تە ئوخشىتىش›› دېگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇغان.

تۇرسۇن ئەرشىدىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى بۈگۈنگە قەدەر قول تەگمىگەن بىر ساھە، يەنى تەبىئىي پەنگە ئائىت بىلىملەر ھەققىدە ئىزدەنگەن بىر تەتقىقاتچى. ئۇ، 1986-يىلىدىن باشلاپ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1999- يىلى ‹‹ ‹قۇتادغۇ  بىلىگ›تىكى تەبىئىي پەنگە دائىرى بىلىملەر›› دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ، بۇ كىتابىدا ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، خىمىيە، گېئولوگىيە، كەلگۈسىشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات بېرىلگەن ۋە يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ يېتىلگەن بىر شەخس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سەمەت خېۋىر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى پەلسەپە نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان بىر تەتقىقاتچى. ئۇنىڭ ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى››(1999) دېگەن كىتابىدا ئەسەر باشتىن - ئاخىر پەلسەپىۋى نۇقتىدىن قولغا ئېلىنغان. ‹‹تادۇ›› ئۇقۇمى، ھەرىكەت، ماكان، زامان، قانۇنىيەت قارىشى، دىيالېكتىك ئىدىيەلەر، بىلىش نەزەرىيەسى، پەن بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئېتىكىلىق قىممەت قارىشى ۋە قانۇن ئىدىيەسى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن تەتقىقاتچى ئىسمائىل تۆمۈرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تىكى رۇبائىي ژانىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن. ئۇلار ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى رۇبائىيلار›› دېگەن كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا 200 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىينىڭ مەتنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى شەرھى بىلەن بىرلىكتە بېرىلگەن. بۇ ئەسەر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئەدەبىي ژانىرلار تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر ئۆرنەكتۇر.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر 25 يىلدىن بېرى سېلىشتۇرما ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى.   ئۇنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› كە ئائىت بىر يۈرۈش ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا يەنە  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرى›(2003)، ‹‹‹‹شەرق پاراسىتىنىڭ مىڭ يىلى ھەققىدە ئىزدىنىش ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› بىلەن شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى كۇڭزىچىلىق دەستۇرلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما››(2009) دېگەن ئىككى كىتابى نەشر قىلىنغان. ئالدىنقىسىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ بايقىلىشى، يېزىلغان دەۋرى، شائىرنىڭ زىددىيەت ئىچىدىكى ھاياتى، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ تاكامۇللىشىشى، مەنىۋى ھايات ۋە ئەسەرنىڭ يۇنان مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سىمۋول ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلى تەتقىق قىلىنغان بولسا، كېيىنكىسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى كوڭزىچىلىق تەلىماتى سېلىشتۇرۇلغان. ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلگەن.

تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف رايونىمىزدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تىلى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە ئەسەرنىڭ تېكىستولوگىيە تەتقىقاتىدا يېڭى بىر باسقۇچ ياراتقان ئالىم. ئۇ 2013- يىلى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مەتنىنى تولوقلاپ، ئۇنى 83 باب، 6645 بېيىتتىن تەشكىل تاپقان بىر ئەسەر سۈپىتىدە نەشر قىلدۇرۇش ئارقىلىق رايونىمىزدا ئاجىز بىر ھالقا ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تېكىستولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن ساغلام بىر ئاساس ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدا يېڭى بىر يۈزلىنىش پەيدا قىلدى.

         بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، خەنزۇلار ئارىسىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئائىت دەسلەپكى مەلۇماتلار 1950-يىللاردا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، 1979-يىلى داڭلىق تۈركولوگ گېڭ شىمىن بۇ ئەسەردىن پارچىلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش پىلانى تۈزۈلدى.  1986-يىلى ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى نەشر قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ خەنزۇلار ئارىسىدا بەزى ئالىملار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. گېڭ شىمىن، خاۋ گۇەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچياۋ، ليۇبىڭ قاتارلىق باشلامچى شەخسلەردىن باشقا، شۆ زۇڭجىڭ، لاڭ يىڭ،  لى چى، لىن شىڭ، دۇ شياۋيۈەن، چېن يەنچى، چېن جوڭلى، دەي كاڭشىڭ، ۋاڭ جيايىڭ، تۇڭ دىفۇ، نيۇ رۇجى، چېن شۆسىن قاتارلىق بىر مۇنچە تەتقىقاتچىلار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە خېلى ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە لاڭ يىڭ خانىمنىڭ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى›› دېگەن ئەسىرى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. ئون بابتىن تۈزۈلگەن ۋە ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بۇ كىتابتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھاكىمىيەت، قانۇن، ئىلىم-پەن، بىلىم، ئېتىكا، ئەدەبىيات، ئىستىلىستىكا نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنغان. يەنە شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئەسەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىنمۇ سۆز ئېچىلغان. بۇ ماقالىمىزدا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىغا دائىر مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى ھەققىدە كۆپ توختالمىدۇق.  بۇ خۇسۇستا كېيىن باشقا بىر ئەسىرىمىزدە مەلۇمات بېرىمىز.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# a; a8 r3 h: o- o: I- w

8- باشقا پائالىيەتلەر

30 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. بۇ 30 نەچچە يىل جەريانىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ نۇرغۇن باشلامچىلىرى ئالەمدىن ئۆتتى، بىر مۇنچىسى ياشىنىپ قالدى، سالامەتلىكىمۇ تازا ياخشى ئەمەس، شۇنداقتىمۇ يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش ۋە ياش تەتقىقاتچىلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. نەتىجىدە رايونىمىزدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە كۈچلۈك بىر ئېقىمغا ئايلىنىۋاتقان بىر ساھە سۈپىتىدە داۋام قىلماقتا. جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىدا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى  ساھەلىرىدە بۇ شاھانە ئەسەرنى، ئۇنىڭ ئاپتورىنى تونۇتىدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان ئەسەرلەر  ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرا چىقماقتا. شەخسلەر ۋە ئىلمىي ھەيئەتلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ياكى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەردە، ئېنسىكلوپېدىيەلەردە بىيوگرافىك ئەسەرلەردە، دەرسلىكلەردە يۈسۈف خاس ھاجىب ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئايرىم بىر سەھىپە ئاجرىتىلدى. بۇ جەھەتتە  خېلى كۆپ ئەجرى سىڭگەن شەخسلەر سۈپىتىدە شەرىپىدىن ئۆمەر، ھاجى نۇرھاجى، ئەسقەر ھۈسەيىن، ئابدۇللا تالىپ، ئەنۋەر بايتۇر، ئابدۇكېرىم راھمان، غەيرەتجان ئوسمان، ئىمىنجان ئەھمىدى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى غەيرەتجان ئوسماننىڭ مۇستەقىل يازغان ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت دەرسلىكلىرىدە يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ھەققىدە ئالاھىدە بىر باب ئاجرىتىلغان. ئەلۋەتتە، سەنئەتكارلارمۇ قاراپ تۇرمىدى. داڭلىق رەسسام غازى ئەھمەت ۋە ئابدۇكېرىم نەسىردىنلەر  ئايرىم –ئايرىم ھالدا يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ تەسۋىرىي رەسىمىنى سىزىپ چىقتى. ھەيكەلتىراش ئەبەيدۇللا مۇھەممەت ئالىمنىڭ ھەيكىلىنى ياسىدى، بۇ ھەيكەل ئالىمنىڭ قەشقەردىكى مەقبەرىسىگە ئورنىتىلدى.  ئالىمنىڭ باشقا بىر ھەيكەلتىراش تەرىپىدىن ياسالغان يەنە بىر ھەيكىلى بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فولكلور مۇزېيىغا تەقدىم قىلىندى. 2000-يىلىدىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇش رايونىغىمۇ يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ھەيكىلى تىكلەندى. داڭلىق خەتتات نىياز كېرىم شەرقى قاتارلىق بىر مۇنچە خەتتاتلار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى بىلىم ۋە ئەخلاققا ئائىت پىكىرلەرنى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىگە تېما قىلدى. قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ 2012- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىن ئۈنچىلەر›› ناملىق ئەسىرى بۇ ساھەدە بىر ئۆرنەك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان ۋە 450 بەتتىن تەشكىل تاپقان بۇ كىتابتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن تاللانغان 900 بېيىت ھۆسىن خەت بىلەن يېزىلغان، بېيىت ئاستىغا ئاشۇ بېيىتنىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بېرىلگەن. ۋاراقنىڭ چۆرىسى ناھايىتى گۈزەل نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن. نەققاشلارمۇ يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ پورترېتىنى ۋە بەزى بېيىتلارنى قاپارتمىلىق ئەسەر ياكى دېكوراتسىيە قىلىپ ئىشلىمەكتە. پەن – تېخنىكا ۋە كىتابچىلىق شىركەتلىرى تەييارلىغان ئاسما كالېندار، رەسىملىك ئېلىپبە، ساياھەت قوللانمىسى، بالىلار ھېكايە كىتابلىرىغا يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ تەسۋىرىي رەسىمى، پىكىرلىرى، نەسىھەتلىرى ۋە مەقبەرىسىنىڭ كۆرۈنۈشى كىرگۈزۈلدى. داڭلىق شائىر ۋە يازغۇچى مىرزاھىت كېرىمىنىڭ 2002-يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپ›› ناملىق رومانىدا يۈسۈفنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى، ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەريانى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق بۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ ئىلمىي ھاياتى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى نەشرىياتچىلار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تىكى دىداكتىك مەزمۇنلارنى ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپ شۇنداق دەيدۇ››، ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ نەسىھەتلىرى››(1000 نەسىھەت، 100 نەسىھەت) دېگەن ناملار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇردى. يەنە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كاتولوگلارمۇ بار. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتېرون چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ نەشر قىلىنىپ، 2012-يىلى 14-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى››دا رەسمىي تارقىتىلدى. كېيىنكى يىللاردا يېتىشكەن ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ چەت ئەللەردە مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا تونۇشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن يېڭى مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. مەسىلەن، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى يۈسۈپجان ياسىن تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ ژۇرناللاردا ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلماقتا. چەت ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىچىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. 2012-يىلى لوندوندا نەشر قىلىنغان ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›ئىندېكسى›› دېگەن كىتاب بۇنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلغان نۇقتىلارنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنغاندىن كېيىنكى 30 يىل جەرياندا ئۇيغۇر رايونىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى كۈندىن - كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر ئىلىمگە  ئايلاندى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90 – يىللىرىدا بۇ ساھە ناھايىتى مۇنتىزىم بىر شەكىلدە ئىلگىرىلىدى. ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى قۇرۇلۇپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ماقالە توپلاملىرى، خاس ئەسەرلەر ۋە مەجمۇئەلەر نەشر قىلىندى. جەمئىيەتتە ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر جانلاندى.  نەتىجىدە، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ھەر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. لېكىن، 2000-يىلىدىن كېيىن بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلەر ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› تەتقىقاتىغا سېلىشتۇرغاندا بىرئاز پەسلەپ قالدى. تەتقىقاتلارمۇ كۆپىنچە ئايرىم شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي تەتقىقاتى بىلەن چەكلەندى. بۇنىڭدىن باشقا 30 يىل جەريانىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئىچىدە نۇقسانلىق ياكى ئاجىز ھالەتتە دەپ قاراشقا بولىدىغان بەزى نۇقتىلارمۇ بار. مەسىلەن، نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە ماقالىلار ئارىسىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ۋە ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىش جەريانىنى تونۇشتۇرىدىغان ھەمدە ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى شەرھلەش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان ئەسەرلەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى. پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرىگە پەقەت ماتېرىيالىستىك نۇقتىدىنلا قارايدىغان ئەسەرلەرمۇ خېلى نىسبەتنى تۇتىدۇ. ئەسەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە سېلىشتۇرما تەتقىقات مېتودى قوللىنىلغان ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ھازىرقى زامان بىلىم كاتېگورىيەسى ۋە ئۇقۇملىرى بويىچە تەتقىق قىلىش ئىشى تېخى قولغا ئېلىنمىدى. ئىسلامىيەت نۇقتىسىدىنمۇ تېخى قول تەگمىگەن بىر ئەسەر ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەللەردە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە تونۇتۇش خۇسۇسىدىكى مۇنتىزىم ۋە رەسمىي پائالىيەتلەرمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. ئەمما، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرى 30 يىلدىن بېرى تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، پەلسەپە، قانۇن، سىياسەت، ئىقتىساد، ئىلىم-پەن، تېبابەت، ئەخلاق، مائارىپ ۋە ئىستىلىستىكا پەنلىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردى. رايونىمىز بۇ نەتىجىلىرى بىلەن تۈركولوگىيە ساھەسىدىمۇ ئېتىبارلىق بىر ئورۇنغا ئېرىشمەكتە.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 A3 y# O& Y: e3 S) N

پايدىلانغان ماتېرىياللار :

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› خەزىنىسى››، 1999-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ئابدۇشۈكۈر تۇردى، تېيىپجان ئېلىيېق، رەھمىتۇللا جارى : ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر››، 1982-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، ئىسمائىل تۆمۈرى : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى رۇبائىيلار››، 1999-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ئارسلان ئابدۇللا، يولۋاس راشىدىن، پەرىدە ھامۇت، ئابدۇرېھىم راھمان : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ئىستىلىستىكىسى››، 2001–يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

غۇلام ئەبەيدۇللا تۈرگەن : ‹‹تارىخىي مىراس ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، Ⅰ- Ⅱ ، 1986- يىلى، Ⅲ- Ⅳ ، 1988-يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.

كېرىمجان ئابدۇرېھىم : ‹‹ئەھمەد زىيائى ۋە يۈسۈف خاس ھاجىپ››، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، 1999-يىلى، 3-سان.

قادىر ئەكبەر : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ››، ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، 1999-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، 1984- يىلى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى.

لاڭ يىڭ : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى››، 1993-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ماھمۇد زەئىدى : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› نۇسخىلىرىدىكى پەرقلەر ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەزمىي يەشمىسى››، ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› 2011- يىلى، 1- سان.  

مەمتىمىن يۈسۈپ، ئابلىمىت ئەھەت، بارىجان زەپەر قاتارلىقلار تۈزگەن : ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، 1999-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

نۇشىرۋان يائۇشېف : ‹‹ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى››، 2013- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى. ‹‹مىراس›› 2005-يىلى، 3-سان.

سەمەت خېۋىر : ‹‹يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى››، 1999-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

شەرىپىدىن ئۆمەر : ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېركلار››، 1982-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

تاھىرجان مۇھەممەت : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان››، ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، 1999-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

تۇرسۇن ئەرشىدىن : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى تەبىئىي پەنگە دائىر بىلىملەر››، 1999- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

يۈسۈپ ئىگەمبەردى : ‹‹قەدىمكى ئەسەر، قول يازمىلارنى رەتلەش، تەتقىق قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى››، 2012-يىلى، 6-سان.

يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە قانۇن››، 1993-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

Mehmet Ölmez , ‘‘Çağdaş Türk Dillerinde Kutadgu Bilig Çevirileri’’, Türk Dilleri Araştırmaları, (2004), s. Cilt 14.  

Emek Üşenmez, “Özbekistan Yazma Eserler Kütüphanesi, Uluslararası Sosyal Araştırmaları Dergisi, (2009), sayı 2.  

热依汗.卡德尔 :《<福乐智慧> 与维吾尔文化》, (2003), 内蒙古人民出版社.

热依汗.卡德尔 :《东方智慧的千年探索-- <福乐智慧> 与北宋儒学经典的比对》, (2009), 北京, 民族出版社.

新疆社会科学院文学研究所 :《福乐智慧研究译文选 (一)》(内部发行), (1991), 乌鲁木齐, 新疆人民出版社.  

新疆社会科学院文学研究所 :《福乐智慧研究译文选 (二)》(内部发行) (1993), 乌鲁木齐, 新疆人民出版社.

第3-4页.  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 i5 `8 `& L0 d4 v8 z! {4 b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 i( U3 C5 }7 O4 a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ S0 }0 p9 y: ]" p4 Q7 n: b


[1]  نۇشىرۋان يائوشېف : ‹‹ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى››، 63-بەت،  2003- يىلى، بېيجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى. ‹‹مىراس›› ژۇرنىلى، 2005-يىلى، 3- سان، 38- بەت.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- P% X8 R2 j1 r7 C5 ~) ~& v

[2]  يۈسۈپ ئىگەمبەردى : ‹‹قەدىمكى ئەسەر، قول يازمىلارنى رەتلەش، تەتقىق قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى››، 2012-يىلى، 6-سان، 36-بەت.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 A0 h. F! Y5 ]/ S3 A

[3]  قادىر ئەكبەر : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتىغا دائىر ئىككى ئېغىز گەپ››، ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، 739- بەت، 1999- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 R) @2 d! P/ t

[4]  ئەمەك ئۈشەنمەز : ‹‹ئۆزبېكىستان قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى››، ‹‹خەلقئارا سوتسىيال تەتقىقاتلار ژۇرنىلى››، 2009- يىلى، 2- سان، 688-بەت.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L+ T8 h& [: b3 ~* \" e+ V: X

[5]  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن  : ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى››، 3، توم، 280- بەت، 2000-يىلى، بېيجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; N/ _. h6 Q' l# r; p

[6]  تاھىرجان مۇھەممەت  : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان››، ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، 777-بەت.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( d, }, I! I% v' r" W  x

[7]  شەرىپىددىن ئۆمەر : ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلار››، 338-424- بەتلەر، 1982- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئابدۇشۈكۈر تۇردى، تېيىپجان ئېلىيېف، رەھمىتۇللار جارى : ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر››، 37-99-بەتلەر، 1982- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 V: k; G1 w: b8 o$ `2 i9 C0 O

[8]  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، 16-بەت، 1984- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ]2 Q0 @2 g$ \" X" y0 }# B1 p5 I0 a

[9]  مەھمۇد زەئىدى : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› نۇسخىلىرىدىكى پەرقلەر ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەزمىي يەشمىسى››، ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلى،  2011- يىلى، 1- سان، 15-بەت.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' g' u+ W, ~0 w4 F: u( @5 b( m3 e

[10] Mehmet Ölmez, ‘‘Çağdaş Türk Dillerinde Kutadgu Bilig Çevirileri’’, Türk Dilleri Araştırmaları, 2004, İstanbul, C.14, s. 109.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 {$ ~6 d1 J8 Q$ q. L6 x/ V

[11]  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، 2 -بەت،  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 I. R2 V2 \9 f+ F. O

[12] ]苏[  A · 纳林巴耶夫,  A·卡斯莫夫 : 《〈福乐智慧〉新版本》,《福乐智慧研究译文选》(一),乌鲁木齐, 1991年, 新疆人民出版社, 第276-277页.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 X9 s! J' I/ z' Z1 P

[13]  قادىر ئەكبەر، يۇقىرىقى ئەسەر، 744-بەت.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( X) ~. v+ }; s" @) S5 g* ?

[14]  غۇلام ئەبەيدۇللا تەييارلىغان ‹‹ تارىخىي مىراس ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە بايان››(Ⅰ-Ⅱ)، 1986- يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى. ئەينى ئەسەر، Ⅲ-Ⅳ، 1988- يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 Y( `4 Q/ S  g- X4 X

[15]  مەمتىمىن يۈسۈپ، ئابلىمىت ئەھەت، بارىجان زەپەر : ‹‹ئۇلۇغ ئابىدە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››، 1999- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" O  F* g2 c! }1 g! l. o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 V5 p9 U2 V0 N5 {- V( b# I

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 10:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ۋورد›› تىن چاپلاپ ئەكەلسىڭىزمۇ، خەت شەكلىنى ‹‹ئەلكاتىب›› تا تۈزەپ ئاندىن يوللىمامسىز بۇرادەر؟!

ھەسەنجان ئابدۇراخمان
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104917
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2303
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 10:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 08:28:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمانلار نىمە قىلالىدى دىگەن گەپلەرنى تۇلىراق ئاڭلاپ قالىمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! F8 h2 h1 p$ ~0 F! L& I( R0 Kمانا مۇسۇلمان ئالىمىمىز مۇشۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ پۈتۈن دۇنياغا قالدۇرالىدى.....

ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107153
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-5-26
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 08:45:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇكەمگىچە ئوقۇپمۇ  باقماپتىمەن  دىسە  شۇنچە  ياخشى  ئەسەرنى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105269
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 734
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:10:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەتتا ھىكىمدەك ئارسىتوتىلمۇ ئېيىتقاندىكى،بىلگەنسىرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67291
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3603
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 10:41:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن،بىلمىگەن نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلۋالدىم،رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2014-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 02:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇتاتغۇ بىلىك -بىزگەمىراس ،                                                                                                                  

سىز قانداق خىزمەت  بىلەن شۇغۇللىنىڭ ،قايسى كەسىپكە قاراپ يول ئىلىڭ،سىز مەڭگۇ شۇنى بىلىڭكى مىللىتىڭىزنى ،تارىخىڭىزنى ئۇنۇتماڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8330
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 742 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 04:14:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇسۇپجان ياسىن؟ ئاپتور ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىلسە ياخشى بولاتتى.

كۈلۈۋېلىڭ! ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە NURISTANنى كىرگۈزۈپ نۇرىستاننى قوشۇڭ.

باشقىلارغا تەبە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7457
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7181 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 04:14:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بۇ تەۋەرۈككە ياخشى ۋارسىلىق قىلىش كېرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش