مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 1

جۇغراپىيە دەرسىدىكى تەسۋىر ئوقۇتۇش پىرىنسىپلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14626
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9398
تۆھپە نۇمۇرى: 727
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 05:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇغراپىيە  دەرسىدىكى  تەسۋىر  ئوقۇتۇش  پىرىنسىپلىرى   

مېھرىنسا تۇرسۇن



      جۇغراپىيەلىك شەيئىلەرنىڭ تارقىلىشىنى چۈشەندۈرۈش، تۈرلۈك رەسىملەرگە ماسلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەربىر دەرسكە كۆپ مىقداردىكى تەسۋىر كىرگۈزۈلگەن. بۇ تەسۋىرلەر كۆرسەتمىلىك، ئوبرازلىق ۋە جانلىق بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار جۇغراپىيەلىك شەيئىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش، جۇغراپىيەلىك شەيئىلەرنىڭ ماكان جەھەتتىكى تارقىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ۋە جۇغراپىيەلىك شەيئىلەرنىڭ ھەرقايسى ئامىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىش جەھەتلەردە يېزىق ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇغراپىيە دەرسىدىكى تەسۋىر ئوقۇتۇشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

.1    بىلىش قانۇنىيىتى پىرىنسىپى جۇغراپىيە دەرسىدىكى تەسۋىر تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىكى تەسۋىردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىكى تەسۋىردە ئوبرازلىق تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلسە، جۇغراپىيە دەرسىدىكى تەسۋىردە بولسا خەرىتە، رەسىم ۋە گىرافىكلار ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. تەسۋىر ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان جۇغراپىيەلىك شەيئىلەر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بولۇپ، تەسۋىر ئوقۇتۇشىدا ئوبرازلىق، ھېسسىي بولغان كونكرېت شەيئىلەردىن قول سېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تونۇش بولغان بىلىملەرنى ئاساس قىلىپ، قوزغىتىش شەكلىنى قوللىنىش كېرەك.

.2    ئەمەلىيەتچانلىق پىرىنسىپى تەسۋىر ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، جەمئىيەت ۋە بىلىم سەۋىيەسى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئېتىبار بېرىش، نىشان بولۇش، ئەمما زىيادە يۇقىرى بولماسلىق لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە نەتىجە چىقىدۇ. شۇڭا، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى شەيئىلەر ئارقىلىق مەۋھۇم ئۇقۇمنى كونكرېتلاشتۇرغىلى بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز؛ پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئارتۇقچە زورۇقۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.

.3    ئىدىيەۋىلىك پىرىنسىپى يېڭى دەرس مول ئىدىيەۋى تەربىيە مەزمۇنىنى ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت سىياسىتى تەربىيەسى بېرىشتىكى ياخشى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى تەسۋىر ئوقۇتۇشىدا تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تەسۋىرنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە بېرىشتىكى رولىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، مۇھىت قارىشى ۋە نوپۇس قارىشى تىكلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادە ۋە غايە يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

.4    قوللىنىش پىرىنسىپى تەسۋىر ئوقۇتۇشى جۇغراپىيە ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دەرسلىكتىكى تەسۋىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي تەربىيە بېرىش جەھەتلەردىكى رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. خەرىتە جۇغراپىيەنىڭ ئىككىنچى تىلى دەپ قارىلىدۇ، ئۇ يېزىق بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. خەرىتىلىك تەسۋىر يېزىق مەزمۇنىنى دەلىللەيدۇ، يېزىق تەسۋىرنى بايان قىلىدۇ. ئوقۇتۇشتا تەسۋىر بىلەن يېزىقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەرىتە ۋە رەسىمنى تونۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. قېزىلما بايلىقلارنىڭ تارقىلىشى، سانائەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى، مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى، تەبىئىي بايلىق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك خەرىتىلەرنى چۈشەندۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلارغا بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن خەرىتىنى كۆرسىتىپ، يېزىق بىلەن خەرىتىنى بىرلەشتۈرۈش لازىم.



ئاپتور قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ياندۇرما يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن

   شىنجاڭ مائارىپ گېزىتىدىن ئېلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   deris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 05:08 PM  


misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 10:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش