ئالدىنقى ھەپتە ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا ئىككى تېما يېزىپ يوللىغان ئىدىم، شۇ تېمىلىرىم خېلى كۆپ قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۈگۈن شۇ تېمىلارنىڭ ئاخىرىغا يەنە بىر تېما ئۇلاپ يوللىدىم. مېغىزىنى قوبۇل قىلارسىزلەر.
بەزىدە شۇنداق تېلفۇنلارنى قوبۇل قىلىسىز، قارشى تەرەپ سىز ئىسمىنى كۆرۈپ ئەمەس ئاڭلاپمۇ باقمىغان، ئەتراپىڭىزدىكىلەرمۇ بىلمەيدىغان ئەيتاۋۇر بىر شېركەت. قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئىسمىڭىز، تېلفۇن نۇمۇرىڭىز ھەتتا ئۆيىڭىزنىڭ ئادرىسى قاتارلىق نۇرغۇن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىلىدۇ. سىز قاچان قايسى ۋاقىتتا شۇلارغا دەپ بەرگەنلىكىڭىزنىمۇ يادىڭىزغا ئالالمايسىز.
ئەگەر شۇنداق تېلفۇن تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز بەلكىم باشقا ئالدامچىلار ياكى مال ساتقۇچىلارنىڭمۇ قولىدا بار بولۇشى مۈمكىن.
ئەمدى مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلاي.
1. سىز ئىشىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قالدۇرغان شېركەتلەر سىزگە ئاسىيلىق قىلغان.
شىنلاڭ تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان ماشىنا سېتىش نۇقتىلىرى ۋە بەزى بانكىلار خېرىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى مۇناسىۋەتلىك شېركەتلەرگە سېتىش ئارقىلىق ئارىدىن پايدا ئالغانلىق قىلمىشلىرى مەۋجۇت. بۇ شېركەتلەر ئۆز خىزمىتى سەۋەبلىك سىزنىڭ ئىسىم فامىلىڭىز، كىملىك نۇمۇرىڭىز، تېلفۇن نۇمۇرىڭىز، ئادرىسىڭىز، ماشىنىڭىزنىڭ تىپ نۇمۇرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەخپىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشىدۇ. لېكىن بۇ شېركەتلەردىكى مەلۇم كىشىلەر خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقا شېركەتلەرگە سېتىپ بېرىدۇ.
2. ئۆزىڭىزنىڭ بىخەستىلىكىدىن بولغان.
بەزى شېركەتلەر سىزنى ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش باھانىسىدا سىزنىڭ شەخسىي ئارخىپلىرىڭىزنى ئىگەللەيدۇ. ئاندىن باشقا شېركەتلەرگە سېتىپ بېرىدۇ ياكى ئۆز مەھسۇلاتىنى توختىماي سىزگە تەشۋىق قىلىدۇ.
ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم سۇغۇرتا شېركىتى ماڭا تېلفۇن قىلدى. ئۇلار ماڭا 60 كۈنلۈك ھەقسىز سۇغۇرتا سوۋغا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا مەنمۇ كۆپ ئويلاشمايلا ماقۇل دەپتىمەن. ئاندىن ئۇ خىزمەتچى خادىم تېلفۇندا مەندىن كىملىك نۇمۇرۇم، ئىسمىم، تۇرۇشلۇق ئادرىسىم قاتارلىق مەزمۇنلارنى سورىدى. مەن ئۇلارنى دۆلەت ئېگىلىكىدىكى سۇغۇرتا شېركىتى ئىشەنچلىك دەپ ئويلاپ ھەممىنى دەپ بېرىپتىمەن.
ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئالدى بىلەن ھەر ئايدا دېگۈدەك تېلفۇن قىلدى. تېلفۇننى ئالسام ماڭا توختىماي ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى سۇغۇرتا تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى. مەن سېتىۋالمايمەن دېسەم يەنە بولدى قىلماي سۆزلەۋەردى. شۇنىڭدىن كىيىن تېلفۇننى ئالمايدىغان بولدۇم.
لېكىن ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى. ھەر قېتىم تېلفۇن قىلسا دەرھال بېسىۋەتسەم، ئەتىسى يەنە تېلفۇن قىلدى. يەنە بېسىۋەتسەم بىر كۈن ئۆتۈپ يەنە تېلفۇن قىلىدۇ. ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، بىر شەنبە كۈنلۈكى ئەتتىگەندە تېلفۇن قىلغاندا تازا تىللاپتىمەن. ھەم قايتا تېلفۇن قىلساڭ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن دېدىم. شۇنىڭ بىلەن تېلفۇن قىلىش قېتىم سانى بىراقلا ئازلىدى. لېكىن يەنە ئىككى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ماڭا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ.
مەندىن نەسىھەت، ئەگەر سىز ئىھتىياج بولمىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدىغان شېركەتلەرگە ئالدىراپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قالدۇرماڭ.
3. سىزنىڭ تېلفۇنىڭىز سىزگە ئاسىيلىق قىلغان.
تېلفۇنىڭىزغا بەزى دېتاللارنى قاچىلىغاندا، شۇ دېتالغا تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم تېلفۇن نۇمۇرىڭىز بىلەن تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىر جەھەتتىن ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولۇپ، ھامان بىر كۈنى سىزنى ئاۋارە قىلىدۇ. بولۇپمۇ
ماۋۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان پۇل تاپقىلى بولىدىغان دېتاللار.
شۇ دېتاللارنى قاچىلىسىڭىز سىزگە بەلكىم ھېچقانداق ئىشقا ئەسقاتماسلىقى مۈمكىن. لېكىن قارشى تەرەپ سىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىڭىز ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئورنىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ھەم باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاخىرىدا سىزنىڭ خېلى كۆپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن بۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى نېمە ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى سىزمۇ بىلىپ بولالمايسىز.
شۇڭا، ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن. سىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسىڭىز، خىزمەت ئورنىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئىسمى، تۇغۇلغان كۈنى، كىملىك نۇمۇرى، بانكا كارتا نۇمۇرى قاتارلىقلار سىزنىڭ شەخسىي ئارخىۋىڭىز ئارىسىدىكى مەخپىي تۇتۇشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاشكارىلاش ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا كەڭ قېرىنداشلار ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، شەخسىي ئارخىپلىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
مەنبە: ئۆزۈم.
ئاپتور ۋە مەنبەنى ئەسكەرتكەندىن كىيىن ھەرقايسى مۇنبەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 07:26 AM