ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز ئىنى –سىڭىللار، مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ئەزىز تېنىڭلار ئامان بولغاي ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاي، چېھرىڭلاردىن خۇشاللىق كۈلكىلەرنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغاي.... ھەممىڭلارغا بەخت -ئامەت يار بولغاي...!مۇنبەردىن خۇشال كۈلكىلەر قايناپ تۇرغاي....!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە تېما يوللاپ باقمىغىلى، كونا –يېڭى مۇنبەرداشلار بىلەن ئەسرالىشىش يۈززىسىدىن ‹‹ئىسمىمىزدىن پايدىلىنىپ شېئىر تۈزۈپ مۇنبەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرساق››دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، كۆپچىلىكنىڭ شېئىر تۈزۈش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشىنى،شۇ ئارقىلىق تونۇشۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.....
شېئىر تۈزۈش قائىدىسى:
شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسىغا ئۆزىمىزنىڭ ياكى ئۆزىمىز خالىغان مۇنبەردىشىمىزنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ،ياخشى سۈپەت –ناملارنى قوشۇپ ۋە ياكى ئىسمىمىزدىكى ھەر بىر ھەرىپنى باش مىسرادا كەلتۈرۈپ تۈزسەك بولىدۇ.ئەمسە باشلىدىم.
مۇنبەردىكى ئىسمىم:مۇسىلىنە
سۈپىتىڭ بولسۇنكى ئەخلاق ۋە شەرمىي- ھايا،
مۇسۇلمان ئەھلىسەن دىلىڭنى پاكلىسۇن ئىمان ،
نابابلىقتىن، پاسىقلىقتىن تارتساڭ دائىما ئۆزۈڭنى،
مۇسىلىنە سۆيۈنۈپ سەندىن ، بېشىدا كۆتۈرەر جاھان.
ئىسمىمنىڭ ھەر بىر ھەرىپىنى باش مىسرا قىلىپ تۈزگەن شېئىر :
مۇسىلىنە:
مۇسۇلمان ئەھلىسەن ئۇنۇتما شۇنى،
ئۇلۇغ اللاھتىن تىلە بەختىڭنى.
سۈپىتىڭنى ساقلاپ يۈرگىن دائىما،
ئىززىتىڭ بولار ئاۋام ئالدىدا.
لەۋزىڭدە تۇر، پاك بول دائىما،
ئىنساپ-دىيانەت يار بولسۇن ساڭا.
نەپسىڭ كەينىدىن قۇل بولساڭ ئەگەر،
ئەلنىڭ نەپرىتى ياغىدۇ ئاڭا.
مۇنبەر قۇرغۇچىسى مىسرانىمغا ئاتاپ:
مۇنبەردىكى ئىسمى:مىسرانىم
مۇنبەرلەرنىڭ سەرخىلى مىسرانىم مۇنبىرى،
باش ئەگمىدى كەلسىمۇ نى ئىسسىق –سوغۇق.
بۇ مۇنبەردە يايرار دوستلار شادىمان،
مىسرانىم ساڭا دائىم يار بولسۇن ئۇتۇق.
ئەسكەرتىش:مۇنبەر دېگەن ئەركىن پىكىر سورۇنى، شېئىر تۈزگەندە ئۆزىڭىزنىڭ ۋە مۇنبەردىشىڭىزنىڭ كۆڭۈل خۇشاللىقلىرىنى ئىزدەپ ياخشى سۈپەتلەر بىلەن تۈزگەيسىز.ئاغزىڭىزغا كەلگىنىچە جۆيلۈپ باشقىلارنى ھاقارەتلىمەسلىكىڭىزنى،ئادەمنىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى ، جىدەل -ماجرا چىقارماسلىقىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ،خالىمىسىڭىز يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ...
مەنبە : كاللامدىكى خىياللار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-28 08:44 PM