مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1398|ئىنكاس: 8

شەيتانلار شەھرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11687
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:48:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئادىللىق يوق ئەسلا جاھاندا،
نى باتۇرلار كەتكەن ئارماندا.
پاك دىيانەت كۆمۈلۈپ كەتسە،
دۇنيا كۈلمەس قۇرۇق يالغاندا.

داۋام ئۈزۈپ چىقتى ئازغانلار،
چەتتە قالدى تارىخ يازغانلار.
كۆپ ياخشىلار يىغلاپ قاقشىدى،
خار بولغاچقا گۆھەر قازغانلار.

تارىخ قانچە يېزىلسۇن قايتا،
روشەنلىشەر زىيان ھەم پايدا.
ئۆزگەرمەيدۇ لېكىن شۇم دەۋران،
بىزلەر غەليان قىلساقمۇ قايدا.

كەلگەن-كەتكەن كارۋانلار بۈيۈك،
سالغان چاغدا دەرياغا كۆۋرۈك.
تەۋرەنمەيدۇ چۇقۇم يەر-جاھان،
بولسا ياخشى سۇلتانلار تۆۋرۈك.

ئويغۇنۇڭلار ئەي زۇلمەت ئەھلى،
بۇ  دۇنيانىڭ  تۇتماقتا  قەھرى.
بىرمۇ ياخشى قالمىغان دۇنيا،
بۇلۇپ قالار شەيتانلار شەھرى.






        ياش چاغلا

ئۇ زامانلا ، ياش چاغلا،
قانلار قىززىق شاش چاغلا.
تۈن نىسپىدە باغ ئارلاپ،
قولدا تاياق-تاش چاغلا.

قىز-چوكانلار ناز قىلغان،
بۇلبۇل كىلىپ ياز قىلغان،
بىز ئۆردەكنى غاز قىلغان،
ئۇ زامانلا ، ياش چاغلا.

يولدا قاتار - قاتار بىز،
ھەر قەدەمدىن قالغان ئىز،
ھەۋەس قىلغان،كۆيگەن سىز،
ئۇ  زامانلا  ،  ياش  چاغلا.

تارتقان دەرتلە ئاز كەلگەن،
قىش كەينىدىن ياز كەلگەن،
سۆيمەي قۇرۇق ناز كەلگەن،
ئۇ  زامانلا  ،  ياش  چاغلا.

ئاشىق-مەشۇق بولغان ھەم،
قۇرۇق كۆزنى قىلغان نەم،
گۈدەك باشقا تولغان غەم،
ئۇ زامانلا ، ياش چاغلا.

قىشتا  قارلار  ئېتىشقان،
قار  ئۈستىدە  يېتىشقان،
بىردە ھۇرۇن،بىر ئىشچان،
ئۇ زامانلا ، ياش چاغلا.



سىنى كۆرمەي ئۈلۈپ كەتسەم



كىتەر بولسام گۈزەل يارنى،
بىر قېتىم كۆرۈپ كەتسەم.
كۆز يۇمماي كىتەرمەن،ئاھ..
سىنى كۆرمەي ئۈلۈپ كەتسەم.

دەرت كەلسە غېرىپ باشقا،
مەن  ئېيتاي  قارا  تاشقا،
جۈپ  كۆزلەر  تولۇر  ياشقا،
سىنى كۆرمەي ئۈلۈپ كەتسەم.

چىن سۆيگۈ ئازاپ بەردى،
بىر   باشقا   مىڭى   كەلدى،
قان يىغلاپ كىتەي ئەمدى،
سىنى كۆرمەي ئۈلۈپ كەتسەم.


ساڭا قالسۇن گۈزەل ئالەم،
ئۆزۈڭ بولغاچ يۈرەك پارەم،
كىتەرمەن ئاھ. كۆزۈمدە نەم،
سىنى كۆرمەي ئۈلۈپ كەتسەم.




        يار يۇلىدا


يازمىشىم يارغا يېقىن،
يېلىنىپ يۈردۈم يەنە.
ياخشىلار يانىمدا يوق،
يامىنى يۈرمەس يەردە.

يۈرىكىم يىغلار يىنىك،
ياشلىرىم يەردە يېتىپ.
يار يۈرەكنى يەكلىسە،
يۈرىمەن يۈزنى يېپىپ.

يىغلىدىم يالغۇز يالاڭ،
يۈزلىمەس يار يولىدا.
يار يۈرەكنى ياشلىدى،
ياتتىم يىغلاپ يۇرتىدا.




مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 12:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ بىرخىل ھۇزۇر ئالدىم بەكلا جانلىق يىزىپسىز.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5610
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1377 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 12:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاسۋىگاس، ئاۋمىن، ئۈرۈمچى، شاڭگاڭ، ھاۋاي ئارىلى، لوندون، پارىژ............................شەيتان بار،

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106298
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-22
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 04:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قېرىلىق

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 04:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى شېرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم، ھەم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 05:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل شېئىرلاركەن،،،ساقلىۋالدىم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94020
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 11:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم،شېىرلىرىڭىزدىن زوق ئالدىم ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1188 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 02:40:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30924
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 02:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز،،بەكمۇ ياقتۇردۇم، ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش