مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2316|ئىنكاس: 12

مېۋە شەربىتى ۋە مېۋە شەربەت ئىچىملىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:41:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېۋە (كۆكتات) شەربىتى ۋە مېۋە (كۆكتات) شەربەت ئىچىملىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى

تەكشۈرۈش تەپسىلىي پرىنسىپى

1. ئىجازەتنامە بېرىلىدىغان مەھسۇلات دائىرىسى

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان مېۋە (كۆكتات) شەربىي ۋە مېۋە (كۆكتات) شەربەت ئىچىملىكى مەھسۇلاتلىرى، ھەرخىل مېۋە (كۆكتات) ئۇيۇتما خام ئەشيا قىلىنغان، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان، ئېزىش، تەڭشەش، مىكروپسىزلاندۇرۇش، مىكروپسىز قاچىلاش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاچىلايدىغان ھۈنەر - سەنئەت ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان شەربەت ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېۋە (كۆكتات) شەربەت مىقدارى %5 تىن ئاشمىغان باشقا ئۇسۇزلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

2. ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش تەرتىۋى ۋە ئاساسلىق كونترول قىلىندىغان ھالقىلار

1) ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش تەرتىۋى

مېۋە (كۆكتات) خام ئەشيا قىلىنغان

مېۋە (كۆكتات)         +        سۇ        +      قوشۇمچە خۇرۇچلار

↓            ↓            ↓

ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش ـــــ ئېزىش ــــــ سۇيۇقلاندۇرۇش ـــــــــ تەڭشەش مىكروپسىزلاندۇرۇش ــــــــــ (قىزىق قاچىلاش) ـــــــــ چىراق بىلەن تەكشۈرۈش ــــــــــ مەھسۇلات

2) ئاساسلىق كونترول قىلىدىغان ھالقىلار

(1) خام ئەشيا، قوشۇمچە ماتېرىياللار، قاچىلاش، ئوراش ماتېرىياللىرىنى كونترول قىلىش.

(2) ئىشلەپچىقىرىش سېخ بولۇپمۇ تەڭشەش ۋە قاچىلاش سېخىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇشىنى كونترول قىلىش.

(3) سۇنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىشنى كونترول قىلىش.

(4) تۇربا يولىنى يۇيۇش ۋە دېزىنفىكسىيە قىلىش، تەڭشەش ماتېرىياللىرى ئۆلچىمى، مىكروب يوقىتىش تەرتىۋى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىش.

(5) بوتۇلكا، بوتۇلكا ئېغىزىنى يۇيۇش، مىكروبسىزلاندۇرۇش.

(6) مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان خادىملارنىڭ شەخسىي تازىلىقىنى باشقۇرۇشنى كونترول قىلىش.

3) ئوڭاي يۈز بېرىدىغان سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى

ئۈسكۈنە، مۇھىت، خام ئەشيا قوشۇمچە ماتېرىيال، ئوراش قاچىلاش ماتېرىياللىرى، سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھۈنەر - سەنئىتى، خادىملار قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇشنى كونترول قىلىش، ئىزىغا چۈشمەسلىك، خىمىيىۋى ياكى بىئولوگىيىلىك بۇلغىنىش كېلىپ چىقىش بىلەن مەھسۇلات تازىلىق ئۆلچەم لاياقەتلىك بولماسلىق. خام ئەشيا سۈپىتىنى قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كونرول قىلىش ھالقىلىرىدا خام مېۋە شەربىتىدە كۆرسەتكۈچكە توغرا كەلمەسلىك، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى زىيادە، دائىرىدىن سىرت ئىشلىتىش قاتارلىقلار.

3. زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى

1) مېۋە (كۆكتات) شەربىتى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا.

(1) خام ئەشيا ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار ئوراش قاچىلاش ماتېرىياللىرى ئامبىرى.

(2) پىششىق مال ئامبىرى.

(3) سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سېخى، تەڭشەش (پىلاۋ) سېخى.

(4) بوتۇلكا ۋە بوتۇلكا ئېغىز يۇيۇش مىكروپسىزلاندۇرۇش سېخى.

(5) مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئاپتۇماتىك قاچىلاش، ئېغىزنى ئېتىش سېخى.

(6) ئوراش، قاچىلاش سېخى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بولۇش كېرەك.

(7) ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش سېخلارنىڭ كىرىپ - چىقىش ئىشىكىنىڭ ئېغىزىغا قولنى يۇيۇش، دېزىنفىكسىيە قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش (ئاپتوماتىك ئاچقۇچ بولۇش) ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن ئاياقنى دىزىنفىكسىيە قىلشى كۆلچىكى ياساش كېرەك، ياكى باشقا ئۈسكۈنە بولۇش.

2) ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى بويىچە:

(1) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى خالىي رايون (ئىشخانا، توك تەمىنلەش ئۈسكۈنە ئۆيى، ئىنىرگىيە توك ئۆيى).

(2) ئادەتتىكى مەشغۇلات رايونى (تەجرىبىخانا، خام ئەشيا بىر تەرەپ قىلىش سېخى، ئامبار، ئوراش - قاچىلاش قاتارلىقلار).

(3) ئۆلچەملىك پاكىز رايون (مىكروپسىز رايون).

(4) پاكىز مەشغۇلات رايونى (ئوراپ قاچىلاش سېخى) ھەرقايسى مەشغۇلات رايونلىرى ئوتتۇرىسىنى ئېنىق ئايرىۋېتىش كېرەك. ئۆزئارا ئارىلىشىپ، بۇلغىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

(3) ئۆلچەملىك پاكىز مەشغۇلات رايونى بىلەن پاكىز مەشغۇلات رايونى مۇناسىپ ھالدا ئۆزئارا بىكىتىلىشى كېرەك. ھاۋانى بىر تەرەپ قىلشى ئۈسكۈنىسى ۋە ھاۋانى دېزىنفىكسىيىلەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش، پاكىز مەشغۇلات رايون دەرىجىسى دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىشى، كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىغا دېزىنفىكسىيىلەش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىش، خادىملار ماددىي بۇيۇملار دېزىنفىكسىيىلەشتىن ئۆتىدۇ.

3) ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى.

(1) مېۋە، كۆكتاتلارنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى.

(2) شەربەت قاينىتىش، ئېزىش، سۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى.

(3) سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى (بىۋاسىتە خام ئەشيا).

(4) شەربەت قاچىلاش، تىندۇرۇش ئىدىشلىرى.

(5) مىكروب يوقىتىش ئۈسكۈنىسى

(6) ئاپتوماتىك قاچىلاش ئېغىزىنى ئېتىش ئۈسكۈنىسى.

(7) ساقلىنىش مەزگىلىنى بەلگىلەيدىغان نومۇر بېسىش ئۈسكۈنىسى.

(8) تۇربا يولى ئەسلىھەلىرىنى يۇيۇش دېزىنفىكسىيىلەش ئۈسكۈنىسى

4. مەشغۇلات مۇناسىپ ئۆلچەملىرى.

«مېۋە، كۆكتات شەربەت ئىچىملىك تازىلىق ئۆلچىمى GB17325-1998» ئىناۋەتلىك ئەنگە ئالدۇرغان زاۋۇت ئۆلچىمى.

5. خام ئەشيا قوشۇمچە ماتېرىياللارغا قويۇلغان مۇناسىپ تەلەپ

ئىشلىتىدىغان مول مېۋە (كۆكتات) ياكى قويۇقلاندۇرۇلغان شىرنە (كۆكتات) ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى GB17325-1998 ۋە يېمەك - ئىچمەك باشقا سانائىتىدە قويۇلدۇرۇلغان شەربەت (شىرنە) ئىشلىتىش ئۆلچىمى قاتارلىق مۇناسىپ ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. قوشۇمچە خۇرۇچ ماتېرىياللار GB17325-1998 «يۇمشاق ئىچىملىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەم پرىنسىپى، ئۆلچەم، ئوراپ قاچىلاش، توشۇش، ساقلاش» تىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. قوشۇمچە خۇرۇچ ماتېرىياللار ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە بويىچە باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى جەزمەن ئىجازەتنامىسى بار كارخانىلاردىن لاياقەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش كېرەك.

6. زاۋۇتتىن چىقىرىشتا (مەھسۇلاتنى) زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى

1) مىكروپسىز خانە ياكى خىزمەت رەستىسى

2) مىكروپسىزلاندۇرۇش قازىنى

3) مىكروپ يېتىشتۈرۈش ساندۇقى

4) مىكراسكوپ

5) ئۆلچەم ئۈسكۈنىسى

6) كىسلاتالىق ئۆلچەم ئۈسكۈنىسى

7) نۇرلۇق ئۆلچەم ئۈسكۈنىسى

8) كىسلاتالىق تۇزلۇق تەركىبىنى تېمىتىپ ئۆلچەش قۇرۇلمىسى

9) تەھلىل تارازا (0.1 مىللىگىرام)


ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە بېجىرىش تەكشۈرۈش تۈرلىرى

1. كارخانا رەھبەرلىك ئىچىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئادەم كارخانا سۈپەت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

2. كارخانا سۈپەت باشقۇرۇش ئاپاراتى ياكى خادىم تەيىنلەپ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇش، ئىجرا قىلىش ۋە خىزمەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش.

3. كارخانا ئېنىق بولغان سۈپەت ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك.

4. كارخانا ھەرقايسى تاماقلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى، باشقۇرۇش ھوقۇق تۈزۈمىنى بەلگىلەش.

5. كارخانا لاياقەتسىزلىكنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش، كارخانىدا كۆرۈلگەن ھەر خىل لاياقەتسىزلىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلشى ۋە بىر تەرەپ قىلشى تۈزۈمىنى بېكىتىش.

6. كارخانىنىڭ زاۋۇت ئەتراپىدا زىيانلىق گاز، چاڭ - توزان بولماسلىقى كېرەك ھەم تارقىلىشچان زىيانلىق نۇر ياكى تارقىلىش خاراكتېرلىك بۇلغاش مەنبەسى بولماسلىقى كېرەك.

7. كارخانىنىڭ زاۋۇت ئەتراپى چوقۇم پاكىز، تۈز بولۇشى ھەم يىغىلىپ قالغان سۇلار بولماسلىقى، زاۋۇت ئەتراپىدىكى يوللار سېمونت، قاراماي، پىششىق خىش قاتارلىق قاتتىق ماددىلاردىن ياسالغان بولۇشى كېرەك.

8. كارخانىنىڭ تۇرمۇش رايونى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئۆزئارا ئايرىۋېتىلگەن بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئىچىدە ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى بېقىلماسلىقى كېرەك.

9. زاۋۇت رايون ئىچىدە ئەخلەتلەر يېپىق ھالەتتە، ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىن يىراق ئورۇندا ساقلىنىشى كېرەك، پاسكىنا سۇلارنى چىقىرىۋېتىش ئېرىقلىرى يېپىق ھالەتتە بولۇش كېرەك، زاۋۇت ئىچىدە غەيرى پۇراق بولماسلىقى، ھەرخىل قالايمىقان توپلىنىپ تۇرماسلىقى كېرەك.

10. ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ھەم ئىشلەپچىقىرىش رايونى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ۋە قول يۇيۇش، كىيىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەپچىقارغان ھەرخىل زىيانلىق ماددىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

11. ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئېگىزلىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، سېخنىڭ يەر يۈزى زەھەرسىز، تېيىلغاق بولمىغان قاتتىق ماتېرىياللاردىن يېيىتىلىشى، يوچۇق بولماسلىقى كېرەك. سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ياخشى بولۇشى كېرەك. تاملار سۇس زەھەرسىز ماتېرىيالدىن سىرلانغان بولۇشى، ئۆينىڭ ئۈستى چاڭ - توزانسىز بولۇشى كېرەك. قول يۇيۇش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئەسۋابى سىرتىدىكى تازىلىق ئۆيىگە چوقۇم سۇ بىلەن چايقاش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان بولۇشى كېرەك.

12. ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى، ھاۋانىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە ئاساسەن ماس كېلىشى كېرەك.

13. كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئەت ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق بولۇشى، مەشغۇلات تەرتىپى تەكرار ئايلىنىش بولماسلىقى، تەكرار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

14. ئىشلەپچىقىرىش سېخ ئىچىنىڭ يورۇقلۇق نۇرى تولۇق بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاپ ئىشلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، مەشغۇلات سۇپىسى ئوچۇق شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى، شۇنىڭدەك ئۈستى ئوچۇق يېمەكلىك ۋە خام ئەشيانىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشۈرىدىغان ئۈسكۈنىلەردە قوغداش قەۋىتى بولۇشى كېرەك.

15. كارخانىنىڭ ئىسكىلاتى چوقۇم رەتلىك، پاكىز، يەر سىلىق بولۇشى كېرەك. ھېچقانداق يېرىق ۋە يوچۇق بولماسلىقى كېرەك. نەملىكتىن، ئوتتىن، چاشقاندىن، قۇرۇتتىن، چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش تەدبىرى بولۇشى كېرەك.

ئىسكىلات ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى، خام ئەشيا، قوشۇمچە ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىلارنىڭ ساقلىنىش تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك.

16. ئىسكىلات ئىچىدىكى ماتېرىياللار ياخشى ساقلىنىشى كېرەك. ئادەتتە يەردىن، تامدىن يىراق قويۇلۇشى، چوقۇم باشتا كىرگۈزۈلگىنى باشتا چىقىرىش پرىنسىپى بويىچە ئامبارغا ئورۇنلاشتۇرۇش، پىششىق مەھسۇلات، يېرىم پىششىقلانغان مەھسۇلات شۇنىڭدەك ئوراش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار قويۇلغان ئىسكىلات زەھەرلىك، زىيانلىق ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلاندىغان نەرسىلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ.

17. كارخانىدا چوقۇم تەپسىلىي پرىنسىپتا بەلگىلەنگەن ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولۇشى كېرەك. ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىنچىكىلىق دەرىجىسى يېمەك - ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

18. مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيا ماتېرىياللىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان ئۈسكۈنە، قورال ۋە قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرى چوقۇم زەھەرسىز، زىيانسىز، غەيرى پۇراق بولمىغان ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولۇشى كېرەك. مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يۈز چوقۇم بۇلۇڭى بولغان يۇمىلاق سىلىق يۈز بولۇشى، ھېچقاندان يېرىق ۋە يۇچۇق بولماسلىقى كېرەك.

19. مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، جابدۇق ۋە قاچىلاش ماشىنىلىرىغا قارىتا قوغداشنى كۈچەيتىش، ۋاقتىدا يۇيۇش ۋە دېزىنفىكسىيىلەش.

20. كارخانا مەسئۇل خادىمى ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، سۈپەت مەسئۇلىيىتىنى ۋە ۋەزىپىسىنى چۈشىنىش كېرەك. شۇنداقلا مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىك بىلىمى بولۇشى كېرەك.

21. كارخانا سۈپەت باشقۇرغۇچى يۇقىرى سۈپەت باشقۇرۇش بىلىمىگە ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملەرگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

22. كارخانا تېخنىك خادىملىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بىلىملىرى ۋە مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك.

23. كارخانا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغۇچى خادىملار تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇشى ھەم مەشغۇل ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغۇچى خادىملارنىڭ چوقۇم ھېچقانداق يۇقۇملۇق كېسىلى بولمىغان، سالامەتلىكى ياخشى خادىملار بولۇشى كېرەك ھەم خىزمەت كىيىمى، باش كىيىمى كىيىپ ئىشلەپچىقىرىش سىخىغا كىرىشى كېرەك. سېختا يەپ - ئىچىشكە، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

24. كارخانىدا ئىجرا قىلىنىدىغان تەكشۈرۈش تەپسىلىي پرىنسىپىدىكى بەلگىلەنگەن ئىجرا قىلىشقا تىگىشلىك دۆلەت ئۆلچىمى، كارخانا ئۆلچىمى ھازىرلىغان بولۇشى، كەسىپ ئۆلچىمى ۋە يەرلىك ئۆلچەم بولۇشى كېرەك.

25. ئېنىق بېكىتىلگەن كارخانا ئۆلچىمى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە كەسىپ ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە مەس كېلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك مەخسۇس باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەنگە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك.

26. كارخانا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئېھتىياجلىق بولغان ھۈنەر - سەنئەت قۇرۇلمىسى، مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھۆججەت قاتارلىق ھەرخىل ھۈنەر - سەنئەت ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش كېرەك. كارخانىنىڭ ھەرخىل ھۈنەر - سەنئەت ھۆججەتلىرى نورمال تەستىقلانغان بولۇشى ھەم ئۇلار ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. مەھسۇلات تەڭشەش رىتسىپىدە ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلار ئۆلچەملەشكەن، لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك.

27. كارخانا ھۆججەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مەلۇم بۆلۈم ياكى كەسپىي خادىملار كارخانىنىڭ ھۆججەت باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش ھەم ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا ھۆججەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

28. كارخانا خام ئەشيا ۋە ئوراپ - قاچىلاش ماتېرىياللىرىنى سېتىپ ئېلىش تۈزۈلمىسىنى بېكىىش. كارخانا ئەگەر سىرت بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھاۋالە قىلىش، مۇلازىمەت تۈرلىرىدە ھەمكارلاشسىمۇ، مۇناسىپ سېتىپ - ئېلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم.

29. كارخانا سېتىپ ئالىدىغان خام ئەشيا قوشۇمچە ئوراپ قاچىلاش ماتېرىياللىرى توغرىسىدا ھۆججەت تەييارلىشى كېرەك. مەسىلەن: سېتىپ - ئېلىش پىلانى، سېتىپ - ئېلىش تەپسىلىي تىزىملىك گرافىكى، سېتىپ - ئېلىش توختامى قاتارلىقلار. يەنى سېتىۋېلىش تەستىقلانمىغان ھۆججەت ئاساسلىق خام ئەشيا قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك.

30. كارخانا سېتىپ ئالىدىغان خام ئەشيا قوشۇمچە ماتېرىياللار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، شۇنىڭدەك سېتىپ - ئالىدىغان خام ئەشيا قوشۇمچە ماتېرىياللار، ئوراش قاچىلاش ماتېرىياللار شۇنىڭدەك سىرت بىلەن ھەمكارلىشىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىمۇ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. مۇناسىپ خاتىرە قالدۇرۇش، يېمەكلىكنىڭ ئۆلچەم بەلگىلىرىنى مۇناسىپ بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

31. كارخانا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ھەم مۇناسىەتلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئورنىتىش كېرەك.

32. كارخانا خىزمەتچىلىرى ھۈنەر - سەنئەت تۈزۈلمىسى مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىش ماتېرىيالى قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت ھۆججەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش.

33. كارخانا مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ھالقىلىق بولغان سۈپەت چەكلەش نۇقتىسىنى بېكىتىش، نۇقتىلىق سۈپەت كونترول قىلىش نۇقتىسىنى مەشغۇلات پروگراممىسى ۋە مەشغۇلات يېتەكچىلىك قىلىش ھۆججىتىنى بېكىتىش، چوقۇم ھەقىقىي سۈپەتنى كونترول قىلىش ھەم مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇرۇش.

34. مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا مەھسۇلاتلارنىڭ بۇلغىنىش، بۇزۇلۇش، ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

35. يېمەك - ئىچىمەك خام ئەشيا، يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى يۆتكەش جەريانىدا ئۈنۈملۈك ھالدا مەھسۇلاتلارنىڭ بۇلغىنىشىنى، بۇزۇلۇپ كېتىش، ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سوغۇق ساقلاش، توڭلىتىش ئارقىلىق يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق بولغان كارخانا چوقۇم توڭلىتىپ يۆتكەش تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك.

36. كارخانا تەكشۈرۈش تەپسىلىي پىرىنسىپتىكى بەلگىلەنگەن چوقۇم سەپلەشكە تېگىشلىك مەھسۇلاتنى زاۋۇتتىن چىقىرىشتا تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تەييارلاش، زاۋۇتىن چىقىرىشنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارى، توغرىلىق دەرىجىسى بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. لابراتورىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى لاياقەتلىك بولۇشى لازىم.

37. كارخانا مۇستەقىل بولغان سۈپەت تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى ۋە تېخنىكىلىق سۈپەت تەكشۈرۈش خادىملىرى بولۇشى كېرەك. يەنە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.

38. كارخانا مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى بېكىتىش، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، تۈزۈلمىسىنى بېكىتىش مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. كارخانىنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچەملىك ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىشى كېرەك.

39. كارخانا بەلگە قويۇلغان تەكشۈرۈش پىلانىنى بېكىتىش. تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بولغان كارخانا بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بەلگە قويۇلغان تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئۆزلىرى تەكشۈرۈش، بەلگە قويۇلغان تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان كارخانىلار مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئورگانلارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈش.

40. كارخانا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەم ھەرقايسى تەكشۈرۈش خاتىرىلىرىنى تەييارلاش.

41. كارخانا زاۋۇتتىن چىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى مەھسۇلات ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قاتتىق تەكشۈرۈش ھەم سىرتقا چىقىرىلغان مەھسۇلات توغرىسىدا مەھسۇلات سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يوللاش.

42. تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان مەھسۇلاتلار چوقۇم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىش، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى ھەرگىز لاياقەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن بىرلىكتە زاۋۇتىن چىقىرىشقا بولمايدۇ.


[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 01:30:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىركەت لەرنىڭ قايسىبىرى بۇتەلەپكە ماس  قىلىدىغاندۇ   ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 01:52:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تامغىنى كىم ئۇرىدۇ؟   نەچچىلىك پۇل كىتىدۇ؟؟؟

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22101
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10090 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 03:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېركەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 04:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن، ئىچىملىك ئىشلەش كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىدىغانلار بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى تاپالماي ئاۋارە. بۇ ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تەييارلىغاندەك تۇرىسىز، قايسى ئورۇندا خىزمەت قىلىسىز؟

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95572
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 05:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ئىش تۈز ، يولى بىلەن ئەمەس، ئەگرى يوللار بىلەن ھەل بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 06:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلىرىم ، ھازىر ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىنى ھەممىمىز بىلىپ كەتتۇق . ھازىر ئامىنە ، ئابىدە دىگەندەك شىركەتلەرنىڭ ئىچىملىكلىرىنى ئىزدەپ سوراپ ئىچىۋاتىمىز . ھەرقېتىم ئۇسساپ كىتىپ ، مىللى كارخانىلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان ئىچىملىكنى سېتىۋېلىپ ئىچكىنىمدە شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كىتىمەن .
  لېكىن قېرىنداشلىرىم ، مىۋە ئىچىملىكلىرىنى مىۋە خۇرۇچلىرى ئارقىلىق ياسايدىكەن . ھەقىقى مىۋىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ ، قىممەت بولسىمۇ ياساپ ئىشلەپچىقىرىشقا مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارى يىتەمدۇ قانداق ؟ مەسلەن ، ھەممە يەرنىڭ يەرلىك مىۋە چىۋىلىرى بار . شۇ مىۋىلەرنىڭ ئۆلچەملىكلىرىنى سىرتقا چىقارسا ، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆرۈمسىزرەك بۇلۇپ قالغان مىۋىلەرنى مەخسوس ماشىنىلاردا تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىپ ، ھەقىقى مىۋە ئىچىملىكى ياسىغىلى بولماسمۇ !مۇشۇ مەسىلىگە ھەممىمىز قىزىقىمىزغۇ دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 07:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىۋىنىڭ ئۆزىدە چىقىردىغانلىرى بەك ئازمىكىن……ئاساسەن مىۋە خۇرۇجلىرى بىلەن چىقىرارمىكىن……چۈنكى بىر كىلوگىرام مىۋىدە بىر بوتۇلكا ئىچىملىك چىقمايدۇ ئادەتتە……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95643
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 10:53:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا تەشنا مىۋە ئچىملىكرى ھەقىقيي ساپ ھەم باھاسمۇ سەل قممەترەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87184
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 12:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىركەت قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن ياخشى پايدىلانما ئىكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش