مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 796|ئىنكاس: 6

ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى نەزەرىيە بىلىملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 01:48:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى نەزەرىيە بىلىملىرى

1)            ئەخلاق-كىشىلەرنىڭ ھەركىتىدە چوقۇم ئەمەل قىلىدىغان (  )، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر خىل ھەركەت ئۆلچىمىدۇر.

A: پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمى

B: قائىدە-تۈزۈم

C: ئنتىزام

D: ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پۇزۇتسىيە

2) كەسپى ئەخلاق كارخانىغا نىسپەتەن (  ) رولىنى ئوينايدۇ.

A: ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىڭىنى كۈچەيتىش

B: كارخان يۇقىرى دەرىجىلىرى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۈجمەللەشتۈرۈش

C: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەرتىپلىك ئىش قىلغۇزۇش

D: كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش

3) كەسپى ئەخلاق بىر خىل ( ) مىخانىزىملىق چەكلىمە.

A: مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك

B: مەجبۇرسىز خارەكتىرلىك

C: ئىختىيارى خارەكتىرلىك

D: ئۆزلۈكچانلىق

4) كەسپى ئەخلەق، مۇلازىمەت سۈپىتى، مۇلازىمەت پۇزۇتسىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىگىنى (  )

A: مۇلازىمەت پۇزۇتسىيىسى، مۇلازىمەت سۈپىتى بولسا كەسپى ئەخلاقنىڭ تاشقى ئىپادىلىنىشى

B: پەقەت كەسپى ئەخلاق ياخشى بولغاندىلا، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

C: كەسپى ئەخلاق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش بولسا، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە مۇلازىمەت پۇزۇتسىيىسىنى ياخشىلاشنىڭ يادرۇسى

D: مۇلازىمەت پۇزۇتسىيىسىنى ياخشىلاشتا،  كەسپى ئەخلاق قۇرلۇشىنى ياخشىلاشنىڭ رولى يوق.

5) مۇۋەپىقىيەتلىك كەسپى ئەخلاق ئەمىلىيتى بولسا، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى يارىتىشتا ( )

A: بەلگىلىك تەسىرى بار

B: بەلگىلىك رولى بار

C: ھىچقانداق تەسىرى يوق

D: تەسىرى بار يوقلۇقى ئادەمگە قاراپ بولىدۇ

6) (  ) دەۋرىدە يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بارلىققا كەلگەن.

A: ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن

B: ياۋايى ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈش

C: ئوتتىن پايدىلىنىپ تاماق ئىتىش مەدەنىيتى

D: ئازادلىقتىن ئىلگىرى

7) تۆۋەندىكىلىرىدىن قايسىسى ئىش ئورنىغا سادىق بولۇشنىڭ ئىپادىلىرى (   )؟

A: خىرىدارلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە قاندۇرۇش

B: خىرىدارلار ئوتتورغا قويغان سۇئاللارنى مەسلىھەت بىرىش ئورۇنلىرىغا بىرىپ سوراش

C: خىزمەتلەرگە ئۆتكەن ئىشلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلماسلىق

D: ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەت دائىرسىدىكى خىزمەتنى قىلالمىسىلا قىلماي، ئىش ئورنىدىن ئايرىلمىسىلا بولدى

9) تۆۋەندىكىلىرىدىن قايسىلىرى مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەيدۇ (  )؟

A: شەكىلچانلىق

B: ساقلىغىلى بولماسىلىق

C: بىۋاستىلىكى

D: تەگكىلى بولماسلىقلىقى

10) يول ئىچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا (   )

A: سەن بولمىساڭ مەن بار، سەن بولساڭ، مەن تىخىمۇ ئەلا

B: ھەم كونا قائىدىلەرگە ئىسىلىۋالماي، ھەم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتماسلىق

C: يۈرەكلىك ھالدا خۇلاسە چىقىرىپ، ئۆزى نەزەرىيە سىتىمىسى يارىتىش

D: كىشىلەرنىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىتىپ، قايناق ھىسسىياتنى توسۇش

12) (  ) بولسا مۇلازىمەتچى خادىملار چوقۇم تاماق (سەي) مۇلازىمىتى جاريانىدا بىلىۋىشقا تىگىشلىك مەزمۇندۇر.

A: تاماق (سەي) لەرنىڭ تەمى

B: تاماق (سەي) لەرنىڭ تەننەرخى

C: خام ماتىرياللارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى

D: باھانى بىكىتىش ئۇسۇلى

13) تۆۋەندىكىلىرىدىن قايسىسى يېڭى تىپتىكى كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس (  ) ؟

A: كوللىكتىۋىزىملىق روھقا يىتەكچىلىك قىلىش

B: كارخانا ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلىش

C: مول بولغان ئەدەپ-قائىدە مۇلازىمەت بىلىملىگە ئىگە بولغان بولۇش

D: ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ تەقسىم قىلىش

14) ئىتتىپاق-ھەمكارلىق (  ) نىڭ ئىپادىلىنىشى

A: كوللىكتىپ روھ

B: پىرىنسىپسىز ئىناقلىقنى ساقلاش

C: ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن ئىتتىپاقلىقتا بىللە تۇرۇش

D: ئاكا-ئۇكىلار روھى

15) ئىنتىزام دېگىنىمىز (  )

A: بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، چەكلەش كۈچىگە ئىگە قائىدە-تۈزۈمدۇر

B: قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنى سەھنىگە چىقىرىدىغان بىر خىل سىياسەت

C: دۆلەت ئىشتىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان بەلگىلىمە

D: كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى: ئۆزىنى چىڭ تۇتۇش، كىشلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش

16) (  ) قىلمىشى ‹‹يىمەك-ئىچمەك تازلىق ئۆلچىمى›› نىڭ قىلىپىغا كىرمەيدۇ.

A: خىرىدارلارنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول چىقىش

B: ئىشنى تاشلاپ سۇخانىغا كىرىپ كىتىش

C: قەغەز قاتلىغاندا ئامال بار ئاز گەپ قىلىش

D: قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، پاكىزە يۇيۇپ، دىزىنفىكسىيەلەش

17) خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلغاندا، تۆۋەندىكىلىرىدىن (  ) قىلمىشى پاك-دىيانەتلىك بولۇشنىڭ ئىپادىسى.

A: ھەر بىر خىرىدارنى قىلىپلاشقان خىرىدار كۈتىۋىلىش ئۇسۇلى بويىچە كۈتىۋىلىش

B: تونۇش خىرىدارلارغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىش

C: خىرىدارلارغا كىرەكلىك بولغان قەغەزگە ئوخشاش نەرسىلەرنى نەقلەپ قويۇش

D: تونۇش ئادەملەرگە ئەكىلىپ بەرگەن ئىچىملىكلەرنى باشقىلارنىڭ ھىساۋاتىغا كىرگۈزۈپ قويۇش

18) تۆۋەندىكى (  ) ئۈگىنىش يولىغا تەۋە ئەمەس.

A: كەيپىياتىنى قويىۋىتىش

B: كىتاپ ئوقۇش

C: ئىجتىمائىي ئەمىلىيەتكە قاتنىشىش

D: ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئۈگىنىش

19) (  ) قىلمىشى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلشقا پايدىسىز.

A: باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىتىراپ قىلماسلىق

B: باشقىلار ئۇرۇشماسلىق

C: باشقىلاردىن ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئۈگۈنۈش

D: باشقىلارنى ھۆرمەتلەش

20) ‹‹يالغۇزدا ئىھتىياتچان بولۇش›› كۆز قارشى توغرسىدا توغرا بولمىغىنى ( )

A: ئادەم بولسىمۇ بولمىسىمۇ ئوخشاش

B: ئىش قىلغاندا پۇختا ھەم مۇستەقىل بولۇش

C: بىر خىل يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلەت

D: باشقىلار كۈزەتمىسىمۇ دۆلەت، جەمىئەت ۋە باشقىلارغا پايدىسىز ئىش قىلماسلىق

21) چىن ئىتىقاد دېگىمىز كىشىلەرنىڭ (  ) غا بولغان سەمىمىي ئىتىقادى.

A: ئىھتىياجى

B: قىممىتى

C: خارەكتىرى

D: مەلۇم كۆز قاراش، پىرىنسىپ، غايىسى

22) يۈكسەك پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارشى پۇزۇتسىيىسى بىلەن سىغىشالمايدىغىنى (   )

A: كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرىشى باشقىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن

B: كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرىشى دۆلەتنىڭ قۇرلۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن

C: كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرىشى دۆلەتنى باي قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن

D: كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرىشى پەقەت راھەت كۆرۈش ئۈچۈن

23) تۆۋەندىكى (   ) قىلمىشى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ئۆز-ئارا قارشى ھەركەت.

A: خىرىدارلار ئاشخانىغا كىرگەندە ئىچىملىكلەرنى ئۆزى ئەكىلىش

B: خىرىدارلارنى قارشى ئالغۇچى خادىم خىرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش

C: ئاكتىپلىق بىلەن تاماق (سەي) لەرنىڭ ئىسمى، تەمى، ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇش

D: بىمارلاردىن ئاكتىپلىق بىلەن ھال-ئەھۋال سوراش

24) مۇلازىمەتچى خادىملار خىزمەت جەريانىدىكى ‹‹ ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى›› نى خاتا چۈشەندۈرۈپ بەرگىنى (  )

A: شەخسى مەنپەتى بىلەن ھېساپلاشماي، خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش

B: ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

C:  مۇلازىمەت جەريانىدا، مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنىڭ بارغانسىرى كۈچلۈكلىشىشى، بارغانسىرى خرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشىشى، كارخانىنىڭ خىزمەت ئۈنىمىنىڭ بارغانسىرى ياخشى بولىشى

D: شەخسى مەنپەئەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۆلسىمۇ ئەرزىيدۇ

25) سوتسىيالىزىم جەمىيتىدە، (  ) كىشىلىك تۇرمۇش قارشى ۋە تۆھپە قوشۇش قىممىتى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىق ياكى ئەخلاقسىزلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم.

A: مەنپەئەتپەرەسلىك

B: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلش

C: ئۆزىنى مەركەز قىلش

D: ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ

26) يىمەك-ئىچمەك خىرىدارلارنى تاماق ياكى ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيدىغان بويۇمنى كۆرسىتىدۇ، لىكىن (  ) نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

A: ساغلاملىق بويۇملىرى

B: ئىچىملىكلەر

C: كىسەللىكنى داۋالاشنى ئاساس قىلغان دورىلار

D: ئوزۇقلۇق بويۇملىرى

27) (  )، ئۇرۇقلۇق  قىمىمىتى بىلەن سەزگۈ ئەزالارنى ياخشىلاش بولسا، يىمەك-ئىچمەكنىڭ ئاساسى شەرتى.

A: ھەم زەھەرسىز ھەم زىيانسىز

B: تەمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق

C: باھاسى ئەرزان

D: پىششىقلاپ ئىشلىمەيلا، بىۋاستە ئىستىمال قىلىش

28) يىمەك-ئىچمەكنى تەتقىقات قىلىشتا، زىيانلىق ئامىللار بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ،  يىمەك-ئىچمەك سەھىيە سۈپىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىستىمالچىلارنى بىخەتەرلىكىنى قوغدايغان پەن (   ) دەپ ئاتىلىدۇ.

A: يىمەك-ئىچمەك ئۇزۇقشۇناسلىقى

B: تائام تۈزۈلىشى

C: يىمەك-ئىچمەك سەھىيەشۇناسلىق

D: يىمەك-ئىچمەك سەھىيە ئۆلچىمى

29) مىكرۇپ يوقىتىش بولسا (   ) مىكرۇئورگانىزىملىق تىخنىكا.

A: ئازايتىش

B: ئۆلتۈرۈش

C: ئۆزگەرتىش

D: چىقىرىپ تاشلاش

30) تۆۋەندىكى (  ) شارائىتتا قاينىتىپ دىزىنفىكسىيەلەشكە ماس كىلىدۇ

A: ℃100 لۇق سۇدا 3~5 مىنۇت قويۇش

B:  ℃120~ ℃180 لۇق سۇدا 3~5 مىنۇت قويۇش

C:  ℃100  تىن يۇقىرى سۇدا 10 مىنۇت قويۇش

D: ℃ 63 تىن تۆۋەن تىمپىراتۇردىكى سۇدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇش

31) قاينىتىپ دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلى يىمەك-ئىچمەك (  ) گە  ماس كىلىدۇ.

A: چىنە-چەينەك

B: ئەسلىھەلىرى

C: قىتىق

D: نەم ئىسسىق بولمىغان بويۇملار

32) قىتىقنى  ℃80 ~℃90 لۇق تىمپىراتۇردا 30~60 سىكنۇت تۇرغۇزۇپ دىزىنفىكسىيەلەيمىز، بۇ خىل ئۇسۇل (  ) دەپ ئاتىلىدۇ.

A: قاينىتىپ دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلى

B: باشى دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلى

C: پارلاندۇرۇپ دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلى

D: قاقلاپ قۇرۇتۇپ دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلى

33) تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلىدا دىزىنفىكسىيلەشكە ماس كەلمەيدىغىنى (  )

A: گۆشلۈك سۇغۇق قۇرۇمىلار ئۆيى

B:ئىچىملىك سۇ

C: تونىل

D: دەرىجىدىن تاشقىرى سىخ

34) مىۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى %3 قويۇقلۇقتىكى خىلوروگىدرۇكاربۇندىن ياسالغان دورىلاردا دىزىنفىكسىيەلەشتە چوقۇم (   ) چىلاپ، ئاندىن پاكىزە سۇدا چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ.

A: 3 مىنۇت

B: 5 مىنۇت

C: 10 مىنۇت

D: 20 مىنۇت

36)  سەزگۈ بولسا كىشىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزاسىنىڭ (  ) لەرنى باھالىشى بولۇپ، ئۇ تاماقنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، شەكلى ۋە نورمال يىمەكلىكلەرنى سىلىشتۇرۇپ پەرىقلەندۈرىدۇ.

A: پىششقلاپ ئىشلەش جەريانى

B: يىمەك-ئىچمەك

C: سىرتقى ئورىلىشى

D: باھاسى

37) يىمەك-ئىچمەكنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى بىلىشتە (  ) دېققەت قىلىش كىرەك.

A: سۈپەت مۇددىتىگە

B: ئۇزۇقلۇق تەركىبىگە

C: ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىغا

D: ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىغا

38) تۆۋەندىكى (   ) يىمەكلىك ئارلاشما يىمەكلىككە تەۋە ئەمەس.

A: سوقۇلغان قىزىلمۇچقا شاكال بەدىيان قوشۇش

B: قارا يۈسۈنغا كۆممىقۇناق ساقىلىنى قوشۇش

C: يىمەكلىككە باھاسى تۆۋەن بويۇملارنى قوشۇش

D: تىتقۇغا تۇز قوشۇش

39) تۆۋەندىكى (  ) يىمەكلىك ساختا يىمەكلىككە كىرمەيدۇ.

A: يالغان ئىلانلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئۇزۇقلۇقلارنى تەشۋىق قىلش

B:

C: ئىسپىرتتىن ئاق ھاراق ياساش

D: كۆممىقۇناققا مەنبەلىك كوررىلاتۇر قوشۇش

40) زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى كىرگۈزۈش، ( ) غا تەھدىت ئىلىپ كىلىدۇ، بۇ يىمەك-ئىچمەكلىكلەرنىڭ بۇلغۇنىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

A: يىمەكلىكلەرنىڭ ئورىلىشى  

B: يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسى  

C: يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر-سەنئىتى

D: ئادەم بەدىنىڭ ساغلام بولىشى

41) تۆۋەندىكى بۇلغۇنۇشلار ئىچىدە خىمىيلىك بۇلغۇنۇشقا كىرمەيدىغىنى (  )

A: دېھقانچىلىق دورىسىدىن بۇلغىنىش

B: بىئولوگىيلىك بۇلغىنىش

C: يىمەكلىكلەرگە خۇرۇچلارنى كۆپ قوشىۋىتىش

D: ئورىغۇچى ماتىرياللاردا زىيانلىق ماددىلارنىڭ كۆپ بولىشى

42) تۆۋەندىكى (  ) ھالەت يىمەكلىكلەرنىڭ زەھەرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە كىرمەيدۇ.

A: زەھەرلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى توختاتقاندىن كىيىن، كىسەلنىڭ قوزغىلىشى ئۇزاق مۇددەتكىچە داۋاملاشسا

B: يۇشۇرۇن ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا، كىسەللىكنىڭ قوزغىلىشى تىز

C: كىشلەر ئارىسىدا بىۋاستە يۇقۇملىنىش بولمايدۇ

D: زەھەرلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى توختاتقاندىن كىيىن، ئاغرىق ئاسانلا توختاپ قالىدۇ

43) يىمەكلىكلەرنى پىششقلاپ ئىشلەش ۋە سىتىش چوقۇم ئۆينىڭ ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىشى،  چاڭ-توزاندىن ، يامغۇردىن، چىۋىندىن ساقلىشىنىش ئۈسكىنىلىرى بولىشى ھەمدە يىمەكلىكلەرنى (  B: ) كىرەك.

A: توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە قويۇش  

B:سالقىن جايدا قويۇش   

C: سۇلياۋ خالتىلاردا قويۇش  

D: قوياش نورى كۈچلۈك چۈشىدىغان جايدا قويۇش  

44) (  ) نى℃10-~℃15-لۇق مۇز ئامبىرىدا ساقلاش كىرەك.

A: سىرىق ماي

B: خام بىلىق

C: پىششىق يىمەكلىكلەر

D: پىۋا

45) قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش تەرتىپى (  )

A: قاچا-قۇچىلاردىكى داغلارنى چىقىرۋىتىپ، پاكىزە سۇدا چايقاش، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ، ئىسسق سۇدا دىزىنفىكسىيەلەش

B: قاچا-قۇچىلارنى پاكىزە سۇدا چايقاپ،  داغلارنى چىقىرۋىتىپ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ، ئىسسق سۇدا دىزىنفىكسىيەلەش

C: قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىغا چىلاپ قويۇپ، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ، پاكىزە سۇ بىلەن چايقاپ، ئىسسق سۇدا دىزىنفىكسىيەلەش

A: ئاشخانىدا ئىشلىتىلىدىغان پاختا توقۇلما بويۇملىرىنىڭ تازلىق ئۆلچىمى: قولياغلىقنى (  )

A: دىزىنفىكسىيەلەش ھاجەتسىز

B: خىرىدارنىڭ ئىھتىياجى بويىچە دىزىنفىكسىيەلەش

C: بىر قىتىم ئىشلىتىپلا دىزىنفىكسىيەلەش

D: بىر قىتىم تاماق يەپلا، دىزىنفىكسىيەلەش

47) مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ شەخسى تازلىقى تۈزۈمىدە (  ) گە يول قويۇلمايدۇ.

A: قىز (ئايال) مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ چىچىنى قويىۋىتىشى

B: تىرنىقىنى ئۆستۈرۈش

C: تىرنىقىنى بوياش

D: ئوغۇل (ئەر) مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويىشى

48) شەخسى تازلىق تۈزۈمىدە، ‹‹تۆتتە چاققان بولۇش›› نىڭ مەزمۇنى: تىرنىقىنى ۋاقتىدا ئىلىپ قولىنى پاكىزە يۇيۇش؛ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، چىچىنى رەتلىك تاراش؛ خىزمەت كىيىمىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە (  )

A: كىيىم-كىچەك، يوتقان-كۆرپىلىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش

B: چىشىنى چوتكىلاش

C: ئىغىزىنى چايقاش

D: قۇياشقا قاقلىنىش

49) شەخسى تازلىق تۈزۈمىدە، ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى (   ) سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرىشى كىرەك.

A: ھەر پەسىلدە بىر

B: يىرىم يىلدا بىر

C: ھەر يىلدا بىر

D: ھەر ئىىكى يىلدا بىر

50) يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ‹‹يىمەك-ئىچمەك تازلىق ئۆلچىمى›› گە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوقۇم (   ) نى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك.

A: مەمۇرى قانۇنى مەسئۇلىيىتى

B: جىنايى ئىشلارغا دائىر قانۇنى مەسئۇلىتى

C: ھەق-تەلەپ تۆلەم مەسئۇلىيتى

D: مەمۇرى قانۇنى مەسئۇلىيىتى، جىنايى ئىشلارغا دائىر قانۇنى مەسئۇلىتى، ھەق-تەلەپ تۆلەم مەسئۇلىيتى

51) قائىدە-يۇسۇن بولسا كىشلەر ئالاقىلىشىش جەريانىدىكى (  ) نى ئىپادىلەيدىغان ئادەت شەكلى.

A: بۇيرۇق

B: ئەيىبلەش

C: ئۆز-ئارا ھۆرمەت

D: يارىتىش

52) (   ) بولسا دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمى كۆرۈشۈش قائىدىسى.

A: سالام بىرىش

B: سۆيۈش

C: تىزلىنىپ باش ئۇرۇش

D: قوش قوللاپ كۆرۈشۈش

53) كۆرۈشكەن ۋاقىتتا دېققەت قىلىدىغان ئىككى نۇقتا بار بولۇپ، ئۇلار: ئاياللار بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ئايال تەرەپنىڭ قول بارمىقىنىڭ بىر قىسمى ۋە (   ) كىرەك.

A: ياشانغان ئاجىز، مىيىپ كىشىلەردىن باشقا كىشىلەر چوقۇم ئۆرە تۇرىشى

B: كۆرۈشكەندە قاتتىق كۆرۈشۈش

C: 3 مىنۇتقىچە كۆرۈشۈش

D: بىر قولىنى ئەركىن قويىۋىتىش، ۋاقىت 2 سىكۇنىتتىن ئىشىپ كەتمەسلىك

54) ئەدەپ-قائىدە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت  جەريانىدىكى (  )

A: مەجبۇرى بۇيرۇق

B: قابىلىيتىنى كۆرسىتىش

C: ئاكتىپ پائالىيتى

D: بىر تۈرلۈك پائالىيەت

55) قائىدە-يۇسۇن ئەدەپ-قائىدىنىڭ (  )

A: كونكىرىت مەزمۇنى

B: ئىچكى ھېسسىياتى

C: بىر خىل رەسىم-قائىدە

D: ئىددىۋى پائالىيەت

56) تۆۋەندىكى (  ) قىلمىشى ئۆز-ئارا سىغىشالمايدىغان قائىدە-يۇسۇن.

A: ئىختىيارى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش

B: مىھمانغا ئىللىق مۇئامىلە قىلش

C: كىشىلەرگە كۈلۈمسىرەپ بىقىش

D: قارا كىيىم كىيىپ تەزىيەگە قاتنىشىش

57) ئەدەپ ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان قىلىپ.  ئەدەپ-قائىدە بولسا (   )

A: ئورتاق ئەمەل قىلىغان جمىئەت ئەخلاقى

B: ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان شەكلى تەلەپ

C: ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈم تەلىپى

D: مۇلازىمەت ئۆلچىمى

58) مىھمانغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ تەلىپى: مەدەنىي سۆز-جۈملىلىرىنى ئىشلىتىش، مىھماننى ھۆرمەتلەش، قىلىپلاشقان مۇلازىمەت قىلىش ۋە (    ) غا ئەھمىيەت بىرىش.

A: ئۆزنىڭ تۇرقى

B: خىرىدارنىڭ مەسئۇلىيتى

C: سەيلەرنىڭ تۈرى

D: قىياپىتى

59) مۇلازىمەتچى خادىملار بىلەن خىرىدار سۆھبەتلەشكەندە (  ) قىلمىشى خاتا.

A: گەپ-سۆزى جايىدا

B: سۈرئىتى مۇۋاپىق

C: گەپ-سۆزى ئورۇنلۇق

D: خىرىدارلار بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىش

60) مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت جەريانىدىكى مۇلازىمەت پۇزۇتسىيىسى (  )

A: سوغۇق

B: قۇسۇر چىقىرش

C: مەسخىرە قىلىش

D: قىزغىن

61) ئايال مۇلازىمەتچى خادىم ئۆرە تۇرغاندا، ئىككى پۇتى v شەكىلدە تۇرىشى، پۇتىنىڭ ئۇچىنى (  )، ئىككى تىزى ۋە پۇتىنىڭ كەينى جىپسىلاشقان بولىشى كىرەك.

A: ㎝ 5 ئىچىش

B: مۈرە كەڭلىكىدە ئىچىش

C: ㎝20~㎝25  ئىچىش

D: خالىغانچە ئىچىش

62) ئەر مۇلازىمەتچى خادىم ئۆرە تۇرغاندا، ئىككى پۇتىنى مۈرە كەڭلىكىدە ئىچىپ تۇرىشى، ئۈستۈنكى بەدەن (  )، پۇتىنى بەكلا ئىچىپ تۇرماسلىقى كىرەك.

A: تۈپ-تۈز تۇرىشى

B: سەل-پەل ئالدىغا قىيسىيىشى

C: كۆكرىكىنى كىرىپ، بىىشنى كۆتۈرۈپ تۇرىشى

D: مۈرىنى قىسىپ تۇرىشى

63) توغرا مېڭىش قىياپىتى (   )

A: كۆكرىكىنى كىرىپ، بىشىنى كۆرۈرۈپ، ئاسمانغا قاراش

B: كۆكرىكىنى كىرىپ، بىشىنى كۆتۈرۈپ، ئىڭىكىنى پەس قىلىش

C: كۆكرىكىنى كىرىپ، بىشىنى سەل كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈش

D: كۆكرىكىنى كىرىپ، بىشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇدۇل قاراش

64) مۇلازىمەتچى خادىملار ئىشقا چىققاندا قويۇلىدىغان تەلەپلەر: كىيىم-كىچەكلىرىنى پاكىزە رەتلىك كىيىش، تۈگمىلىرىنى ئىتىپ يۈرۈش، ئىشتان پۇچقىقىنى تۈرىۋالماسلىق (   )

A: مايكا، كالتە ئىشتان كىيمەسلىك

B: لاتا خەي كىيمەسلىك

C: ساپما كەش كىيمەسلىك

D: گۈللۈك گالىستۈك تاقىماسلىق

65) تۆۋەندىكى (  ) قىلمىشى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىدىكى يۈرۈش-تۇرۇشىغا ماس كىلىدۇ.

A: ئىسمىنا ئالماشماسلىق

B: خىرىدارلارنىڭ ئالدىدا بىشىنى قاشلاش، كىكىرىش

C: يول ماڭغاندا ئىغىر قەدەم بىلەن مېڭىش

D: خىرىدارلار بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلشىش

66) مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ خىرىدارلارنى ئورۇنغا باشلاش قىياپىتى (   )

A: ئۈستۈنكى بەدەن ئالدىغا قىيسىيىش

B: ئالدى مۈرە مىدىرلىماسلىق

C: ئالىقان ئۈستىگە قارىتىپ، تۆت بارماقنى بىرلەشتۈرۈش، چوڭ بارماقنى ئىچىش

D: نىشانغا قاراش

67) مۇلازىمەتچى خادىملار خىرىدارلارنى ئورۇنغا باشلىغاندا، (  ) قىلمىشى توغرا.

A: خىرىدار كىرىپ، ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، كەتمەكچى بولۇپ مېڭىشتىن بۇرۇن

B: ھاسا تايىنىۋالغان كىشىلەر كەلگەندە ئۇلارغا ئەسكەرتىپ قويۇش، لىكىن ئۇلارنى توختىتىپ قويماسلىق

C: پۇتىلىشىدىغان يەرگە كىلىپ قالغاندا يۆلىۋىلىش

D: خىرىدار كىرىپ، ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، كەتمەكچى بولۇپ مېڭىشتىن بۇرۇن، ھاسا تايىنىۋالغان كىشىلەر كەلگەندە، توختاش ئىشارىسى قىلىش

68) كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىش (  )

A: رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئىپادىسى

B: خىرىدارلارغا باھادا ئىتىبار  بىرىش رولىنى ئوينىغىلى بولىدۇ

C: كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش ئىپادىسى

D: ئاشخانىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش

69) سەمىمىي كۈلۈمسىرەشنىڭ تەلىپى (  )

A: كۆڭۈل بىر يەردە بولماسلىق

B: سىستىخىيلىك قەلب

C: ساختا كۈلۈمسىرەش

D: يالغاندىن قوللاش

70) مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ (  ) سەۋىيسىنى كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئويلاش جەھەتلەردە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

A: تىل سەنئەت

B: تىخنىكا

C: سىرتقى سەۋىيسى

D: مۇلازىمەت ئىڭى

71) (  ) قىلمىشى خىرىدارلار بىلەن پاراڭلاشقاندىكى خاتا قىلىمىش.

A: بىر مىتىر ئارلىق ساقلاش

B: خىرىداردىن پەسرەك ئاۋازدا سۆزلەش

C: ئۇرۇق-تۇققانلاردەك پۇزۇتسىيەدە مۇئامىلە قىلىش

D: ئىپادىسى كەسكىن

72) ئاشخانا خىرىدارلار بىلەن لىق توشۇپ كەتكەندە، مۇلازىمەتچى خادىم خىرىدارغا (   ) دېسە بولىدۇ.

A: ئىچىدە ئورۇن قالمىدى

B: ساقلاپ تۇرۇڭ، ئورۇن قالمىدى

C: سەل ساقلاڭ

D: سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن سىزگە ئورۇن تىپ بىرەي

77) (  ) خۇيزۇ مىللىتىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى.

A: قاسراقسىز بىلىق تۈرىدىكىلەر

B: كالا، قوي، توخۇ، ئۆردەك گۆشى

C: ھايۋاناتلار قان سۇيۇقلۇقى

D: ئات، ئىت گۆشى

78) (   ) تامىقىنى ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ يىمەيدۇ.

A: زەنبا (زاڭزۇلارنىڭ ئامراق تامىقى)

B: لەغمەن

C: پولا

D: قوي گۆشى پولا

79) ئەتكەن چاي (   ) نىڭ ئەڭ ئىسىل ئىچىملىكى ھېسابلىنىدۇ.

A: ئۇيغۇرلار

B:مۇڭغۇللار

C: خۇيزۇ مىلىتى

D: زاڭزۇ مىللىتى

80) (  ) مۇڭغۇللارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ئەمەس.

A: تۇزلۇق تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرۈش

B: چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىن سىرىتقى رايۇنلاردا چارۋىلارنى قويىۋىتىپ، گۈرۈچنى قورۇپ يىيىش

C: قوينى پۈتۈن كاۋاپ قىلىپ يىيىش، يىراقتىكى مىھمانلارنى چاقىرغاندا زىياپەت بىرىشتە ئىستىمال قىلىدىغان ئەڭ ئىسىل تائام

D: چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا خەلقلەر ياز كۈنى قىمىز ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ

81) چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ ياقتۇرمايدىغان تامىقى (   )

A: دېڭىز بىلىقى

B: دېڭىز نازۇ-نىمەتلىرى

C: چىلىغان سەي

D: تۇخۇم يىمەكلىكلىرى

83) ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ ياقتۇرمايدىغان تامىقى (  )

A: تۇخۇم يىمەكلىكلىرى

B: ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىن قىلىنغان ھەر خىل سەيلەر

C: غەيرى تەمدىكى يىمەكلىكلەر

D: تاتلىق تۈرۈمدىكى پىچىنە-پىرەنىكلەر

84) ئامرىكىلىقلار (  ) نى ئاز ئىشلىتىدۇ.

A: ئادەتتىكى قىيام

B: ئاچچىق قىيام

C: قارىمۇچ تالقىنى

D: تىتىتقۇ (تەم تەڭشىگۈچ)

85) ياپۇنىيلىكلەر خام بىلىق يىگەندە، (  ) بىلەن قىزىلمۇچنىڭ ئۇرۇقىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىىشى كىرەك.

A: ئاچچىقسۇ

B: كۈنجۈت يىغى

C: قىيام

D: قىزىلمۇچ قىيامى

87) تەبىئىي گازنى ئىتىۋىتىشتىكى توغرا مەشخۇلات بولسا (   )

A: پۈۋلەپ ئۆچۈرۈش

B: يالقۇننى كۆمىسىلا بولدى

C: تەبىئىي گازنىڭ ئىغىزى (ۋىكلىيۇ چاتىلى) نى ئىتىۋىتىش

D: باش ۋىكلىيۇچاتىلنى ئىتىۋىتىش

88) كىيىم قويۇش ئۆيىدە خىرىدارلارنىڭ كىيىمىنى ساقلاپ بىرىشتىكى توغرا ئۇسۇل (  )

A: ساقلاپ بەرسىلا ھەق ئېلىش

B: خىرىدارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش

C: ھەق ئېلىش

D: ساقلاپ بەرمەسلىك

89) خىرىدارلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسە-كىرەكلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدىن توغرا بولغىنى (  )

A: قايتۇرۇش

B: باش دىرىكتۇرغا مەلۇم قىلىش

C: دەرھال قايتۇرۇش

D: ئىگىسىگە مەلۇم قىلىپ، ساقلاش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن قايتۇرۇپ بىرىش

90) ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى خىرىدارلارنى قارشى ئېلىشتا، خىرىدارلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى بىلىش، (  ) نى بىىلىشى كىرەك.

A: تۇرمۇشنى ئىغىر ئېلىش، يۇرتى

B: تۇرمۇشنى ئىغىر ئېلىش، ئالاھىدە ئىھتىياج

C: ئالاھىدە ئىھتىياج، ئىسىم-فامىلىسى

D: خىرىدارلارنىڭ يۇرتى، خىزمەت ئورنى

91) زىيالىيلار، ئىشچى-خىزمەتچى، كادىرلار (   )، تۇزسىز لىكىن قۇۋۋەتلىك سەي تائاملىرىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

A: يىيىشلىك

B: سەمرىتىدىغان

C: سۈپىتى ياخشى

92) ياشانغانلار  ئادەتتە باھاسى تۆۋەنراق، تامىقى يىيىشلىك، (   ) ئاشخانىلاردا تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

A: خالىيراق جايدىكى

B: ياسىداق، ھەشەمەتلىك

C: مەرتىۋىلىك

D: پۇزۇتسىيىسى قىزغىن

93) ياشانغانلار يۇمشاق (   )، يېيىشلىك، رەڭگى ئىسىل تائاملارنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

A: بەك تاتلىق

B: مايسىز

C: مايلىق

D: تاتلىقراق

94) ئوتتورا ياشلىقلار ئاچچىق، يىيىشلىك، (   ) تائاملارنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

A: ئارلاش

B: تەمى غەلىيتىرەك

C: مايلىق

D: رەڭلىك

99) ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى سالماق بولسا، كىشىلەرگە (   )، ئىشەنچلىك تەسىر بىرىدۇ.

A: چىرايلىق

B: يېقىملىق

C: مۇلايىم

D: يىقىنلىق

103) ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان قولياغلىقلارنى ھەر خىل شەكىل چىقىرپ تىزىپ قويغاندا، ئاشخانىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ ھەم كەيپىياتنى كۆتىرىدۇ ھەم (  )

A: كىشلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ

B: ئىستىمالچىلارنىڭ ئىستىمال قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ

C: مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ خىرىدارلارغا باھادا ئىتىبار بەرگەنلىكىنىڭ يۇشۇرۇن بەلگىسى

D: ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورنىنىڭ سىمۇۋۇلى

104) ئاشخانىلاردا پاختا توقۇلمىلىق بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى (  )

A: سۇ سۈمۈرۈشى ياخشى

B: داغ چىقىرىش ئىقتىدارا كۈچلۈك

C: سەزگۈرلىكى كۈچلۈك

D: تاشلىنىپ تۇرىدۇ

105) ئىستاكانغا قاتلاپ قويىدىغان قولياغلىقنى قويىدىغان ۋاقىتتا ئىستاكاننى ئېلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى (   )

A: ئىستاكاننىڭ ئىغىزىنى تۇتۇپ ئېلىش

B: ئىستاكاننىڭ ئاستىنى تۇتۇپ ئېلىش

C: ئىستاكاننىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتۇپ ئېلىش

D: ئىستاكاننىڭ ئوتتورىنى تۇتۇپ ئېلىش

106) تۆۋەندىكىلەردىن قايسىلىرى ئىستاكانغا قويىدىغان قولياغلىقنى قويۇشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەزمۇنىغا كىرمەيدۇ (    )؟

A: رەختنىڭ سۈپىتى

B: تىزىش ئارلىقى

C: قولياغلىقنى ئىستاكانغا قويۇش چوڭقۇرلۇقى

D: قولياغلىقنى ئوخشاش ئۇسۇلدا كىرىشتۈرۈپ قويۇش

107) ئوخشىمىغان تۈردىكى قولياغلىقلارنى تىزغاندا (   ) نىڭ شەكلىنى كىرىشتۈرۈپ قويماي، سىممىتىرك شەكىلدە تىزسىمۇ بولىدۇ.

A: سەكلى ئوخشاش قولياغلىق

B: ھايۋاناتلار تۈرى بىلەن ئۆسۈملۈك تۈرىدىكىلەر

C: ساھىپخان بىلەن باشقا مىھمانلار

D: مەرتىۋىسى ئوخشىمىغانلار

108)

114) غەرىپچە تاماقخانىلاردا (  ) نى تەخسىنىڭ سول تەرىپىگە㎝10 يىقىن قويىمىز.

A: سالات

B: مىۋە-چىۋە

C: سىرىق ماي

D: بولكا

115) غەرىپچە تاماقخانىلاردا بىلىق ئارىسىنى قويغاندا، بىلىق ئارىسىنىڭ دەستىسى (تۇتقۇچى) نى ئۈستەلنىڭ لىۋىگە ㎝5 ئارلىقتا قويۇش، (   ) كىرەك.

A: ئارىنىڭ ئۇچىنى ئۈستىگە قارىتىپ قويۇش

B: ئارىنىڭ ئۇچىنى پەسكە قارىتىپ قويۇش

C: ئارىنىڭ ئۇچىنى پەتنۇسنىڭ بىر تەرىپىگە قويۇش

D: ئارىنىڭ ئۇچىنى مۇلازىمەتچى خادىم ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە قويۇش

116) تاماق-سەيلەرنىڭ تۈرىنى توغرا دېيىش، (    ) نىڭ ئاساسىي تەلىپى.

A: تاماق چىقىرىش مۇلازىمىتى

B: ئاشخانىلارنىڭ دەرىجىسى

C: تەننەرخىنى ھېسابلاش

D: سەي-تائاملارنىڭ باھاسى

121) جۇڭگۇچە سەي-تائاملارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى، (   )، بولۇپمۇ تەمىگە بەك ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.

A: سۈپىتى، ئۇزۇقلۇق قىممىتى

B: باھاسى ۋە ماتىريالى

C: ماتىريالى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى

D: سۈپىتى ۋە ماتىريالى

122) (   ) جۇڭگۇچە تاماق ئىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس.

A: بىرلا خىل تاماق ئىتىش

B: دورا-دەرمەكلىرى سەرخىل

C: شەكلىگە ئەھمىيەت بىرىش

D: تاماق ئىتىشنىڭ كۆپ خىللىقى

123) مۇلازىمەتچى خادىملار سەي-تاماق تۈرلىىرىنى تونۇشتۇرغاندا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇننىڭ بىرسى، سەي-تائاملارنىڭ (   ).

A: ھىچنىمىسىنى بىلىشكە يول قويۇلمايدۇ

B: ئازراقلا بىلسىلا بولدى

C: ئىسمى، ئالاھىدىلىكى، تەمى، دورىلىق قىممىتى قاتارلىقلارنى بىلىشى كىرەك

D: ئىسمىنى بىلسىلا بولدى

130) سەي-تائاملار چىققاندا، ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇشتا (    ) قا دېققەت قىلىش كىرەك.

A: پەتنۇسنى ئۈستەل ئۈستىدە قويۇش

B: پەتنۇسنى خىرىدارنىڭ ئالدىدا قويۇش

C: ھەركىتى چاققان، يەڭگىل بولۇش

D: تېز

131) تەخسە ئالماشتۇرۇشتا، پاكىزە تەخسىلەر بىلەن ئىشلىتىپ بولغان تەخسىلەرنى چوقۇم ئايرىپ قويۇش، (    ) تىن ساقلىنىش كىرەك.

A: شورپىنىڭ تۆكۈلۈپ كىتىش

B: تەخسىلەرنىڭ بۇلغۇنىشى

C: پەتنۇسنىڭ مۇقىم بولماسلىقى

D: خىرىدارلارنىڭ خاتا چۈشۈنىشى

132) خىرىدارلار ئىچملىكنى ئالماشتۇرۇشنى  ئىيىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، (   ) ئالماشتۇرۇشنى ئىيتىدۇ.

A: پىچىنە-پىرەنىك

B: سەي-تائام

C: ئىستاكان

133) تەخسىلەرنى ئالماشتۇرۇش سەي-تائاملارنىڭ (  ) تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

A: تۈرى

B: باھاسى

C: سەي-تائاملارنىڭ سۈپىتى

D: ياسىلىش شەكلى

134) (   ) زىياپەتتە، ئۈستەلگە 5 خىلدىن ئاز سەي-تائام چىقىرلىدۇ.

A: مۇھىم

B: قارشى ئىلىش

C: ئالىي دەرىجىلىك

D: ئادەتتىكى

135) كۈلداننى ئالماشتۇرۇشتا (   ) بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش كىرەك.

A: چىنە-قاچىلار بىلەن

B: ئىستاكانلار بىلەن

D: يالغۇز

153) ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەر ئادەتتىكى ئىچىملىك، مىنىرال ئىچىملىك، تەنھەرىكەت ئىچىملىكى (   ) قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلنىدۇ.

A: ئالاھىدە ئىچىملىك

B: كۈچلەندۈرگۈچى ئىچىملىك

C: دورىلىق ئىچىملىك

D: ساغلاملىق ئىچىملىكى

154) مىۋە تەمدىكى گازلىق سۇلارنىڭ (  ) نىڭ خۇشبۇي ھىدى ۋە تەمى بار.

A: تەبىئىي مىۋە شەربىتى

B: تەبىئىي مىۋە

C: تەبىئي مىۋە تەم بىلەن ئوخشاشراق تەم

D: تەبىئي مىۋە تەم بىلەن ئوخشاش تەم

155) مىۋە شەربىتى تىپتىكى گازلىق سۇلاردا، مىۋە شەربىتى بولغاندىن سىرت، باشقا تەركىبلەر مىۋە تەمدىكى گازلىق سۇ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا مىۋىنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ۋە (  ) بولىدۇ.

A: ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكىچە

B: ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنرەك

C: ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناچار

D: ئۇزۇقلۇق قىممىتى مول

156) كولا تىپتىكى گازلىق سۇلار بىر خىل (   ) خۇشپۇراقلىق گازلىق سۇ بولۇپ، ئۆسۈملۈك دورىنى چىلىدىغاندەك بىر خىل تەم بار.

A: قىزغۇچ قارامتۇل رەڭلىك

B: قەھۋە رەڭلىك

C: قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك

D: توق قوڭۇر رەڭلىك

157) مىۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرى تەبىئىي مىۋە تەمدىكى مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى،  شىرنىلىك ئىچىملىكى، قويۇق مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى، (   ) قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلنىدۇ.

A: مىۋە تەمدىكى ئىچىملىك

B: مىۋە رەڭلىك ئىچىملىك

C: مىۋە شەكىلدىكى ئىچىملىك

D: مىۋە مىغىزى ئىچىملىكى

158) مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى رەڭگى ساپ، مىۋىنىڭ تەمى ئادەمگە ياقىدۇ، (   ) بولىدۇ.

A: ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكىچە

B: ئۇزۇقلۇق قىممىتى مول

C: ئۇزۇقلۇق قىممىتى مولراق

D: ئوزۇقلۇق قىممىت تۆۋەنرەك

159) مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى تەبىئى تەمدىكى مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى، ئازراق مىۋە تەمدىكى ئىچىملىكى، مىۋە مىغىزى ئىچىملىكى، (    )، قويۇق مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى دېگەن تۈرلەرگە بۆلنىدۇ.

A: ئارلاش مىۋە ئىچىملىكى

B: مىۋە رەڭلىك ئىچىملىك

C: مىۋە تەملىك ئىچىملىك

160) سۈت مەھسۇلاتى سۈت ئىچىملىكى، (  ) ئىچىملىكى، سۈت كىسلاتا باكتىرىيىسى ئىچىملىكى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلنىدۇ.

A: سۈزمە

B: مىۋە-چىۋە

C: يىرىم ئىچىتىلغان سۈت

D: ئىچىتىلغان سۈت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 11:22 AM  


[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 01:52:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى رېئايە قىلىشقا تىگىشلىك تەرتىپلەر

ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى رېئايە قىلىشقا تىگىشلىك تەرتىپلەر

1.                                   ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاشخانىنىڭ يوقلىما تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى، ئىشقا چىققاندا پاكىزە، رەتلىك، روھلۇق چىقىشى كېرەك.

2.                                   ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى شۇ كۈندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ۋە سەيلەرنى بىلىشى كېرەك.

3.                                   ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تاماق چىقىشتىن بۇرۇن ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئەسلىھەلىرى، يورۇتۇش سىسىتىمىلىرى، ئورۇندۇق-ئۈستەللەر بۇزۇلدىمۇ-يۇق، قاتتىق دىتال ئەسلىھەلىرى نورمال خىزمەت قىلىۋاتامدۇ-يوق بۇلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك.

4.                                   ئاشخانا ئىشىچى-خىزمەتچىلرى تاماق چىقىشتىن بۇرۇن ئاشخانىغا تولۇقلاشقا تىگىشلىك بويۇملارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرىشى كىرەك.

5.                                   ئاشخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تاماق چىقىشتىن بۇرۇن ئۈستەللەرگە پىيالە، تەخسىلەرنى رەتلىك تىزىپ بولىشى كىرەك.

6.                                   مۇلازىمەتچى خادىملار مىھمانلارنى كۈتىۋالغاندا چوقۇم كۈلۈمسىرەپ خۇشتەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋىلىش كېرەك.

7.                                   ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى يىغىلىۋىلىپ پاراڭلىشىپ تۇرماسلىقى، ئورۇندۇق، تاملارغا يۆلىنىۋالماسلىقى، ھەر ۋاقىت تۈز، راۋرۇس تۇرىشى كېرەك.

8.                                   ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى مىھمان كەلگەندە، ئەھۋالغا قاراپ ئورۇندۇق ئۈستەللەرنى ھازىرلاپ بىرىش، مۇۋاپىق ئەسكەرتىشلەرنى بىرىپ قويىشى كىرەك.

9.                                   ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى قاراتمىلىققا ئىگە سۆزلەرنى قىلىپ مىھمانلارغا چاي-تائاملارنى بۇيرۇتۇش تەكلىپىنى بىرىش كىرەك.

10.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى تاماق چىقىشتىن بۇرۇن، ئۈستەل ئۈستىنى پاك-پاكىزە تازلاپ، تاماق چىققاندا تاماقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئاندىن تاماق تارتىش كېرەك.

11.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى ئوخشىمىغان ئەھۋالدا ئوخشىمىغان تاماق تارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك.

12.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى مۇلازىمەت جەريانىدا مىھمانلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ئالماشتۇرۇشقا ۋە ئەكىلىپ بىرىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ بىرىش كېرەك.

13.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ پاكىزە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەگەر يىغىشتۇرۇشقا تىگىشلىك نەرسىلەر بولسا ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

14.                             مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىچىملىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ سىتىش ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك.

15.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى كۆز نۇرى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىھمانلارنىڭ تەلەپ-ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىش كىرەك.

16.                             مۇلازىمەتچى خادىملار تاماق تارتىشتىكى تەرتىپلەرنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، تاماقلارنىڭ خاتا چىقىپ قىلىشى ۋە چىقىرىلماي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كىرەك.

17.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى تاماق ۋە سەيلەرنى تاماق سەيلەرنىڭ پىشىش ۋاقتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ۋە مىھمانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋاقتىدا سۈيلەپ تۇرىشى، بىر تاماقنى ئارقىمۇ-ئارقا چىقىرىپ سىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.

18.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى تاماق-سەيلەرنى ۋاقتىدا تارتىپ، تاماق-سەيلەرنىڭ سوغۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.

19.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى مىھمانلارنىڭ ئۈستەل ئالماشتۇرۇش، تاماق سەيلەرنى ئالماشتۇرۇش، تاماق-سەيلەرنى قايتۇرۇش، تاماق زاكاس قىلىش ئەھۋاللىرىنى دۇكان مەسئۇلىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كىرەك.

20.                             ھېساۋات قىلىدىغان ۋاقىتتا، تاماق تىزىملىكىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.

21.                             مىھمانلار ئاشخانىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن مۇلازىمەتچى خادىملار چوقۇم مىھمانلارغا قىممەتلىك بويۇملىرىنى ئىلىۋىلىشنى ئەسكەرتىپ قويىشى، ئەگەر مىھمانلارنىڭ قىممەتلىك بويۇملىرى يۈتۈپ كەتكەن بولسا، ۋاقتىدا يۇقىرغا مەلۇم قىلىشى، ھەرگىزمۇ مىھمانلارنىڭ قىممەتلىك بويۇملىرىنى يۇشۇرۋالماسلىقى، ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرسە مەزكۇر خادىم ئىشتىن قالدۇرلىشى كىرەك.

22.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى ئۈستەللەرنىڭ داستىخان ۋە لازىمەتلىكلىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

23.                             ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى نەرسە-كىرەكلەرنى يىنىك ئىلىش ۋە يىنىش قويۇش كىرەك.


[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:36:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىز بىر لاياقەتلىك، مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولالايسىز،

سىز ئوڭايلا بىر لاياقەتلىك، مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولالايسىز، بۇ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

ھەركۈنى ئەڭ ئەقەللىسى بىر نەرسىنى ئەستە تۇتۇڭ، سىز ئۇنى بىلىۋالسىڭىز، بىر لاياقەتلىك ئادەم ياكى مۇنەۋۋەر خادىم بولماق ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس.

1. يولدىن ئۆتكەندە، يول ماڭغاندا قولنى ئۇزارتىپلا بىر ئەخلەتنى تېرىۋالسا، قول سېلىپ ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، خۇشاللىق ئۈچۈندۇر.

2. ئىشخانىغا كىرگەندە ئىشىكنى چېكىش (ئادەتتە ئۈچ قېتىم چېكىش) ھەرقانداق شىركەتكە ماس كېلىدۇ.

3. مۇلازىمەت جەريانىدا دىققەت قىلسىڭىزلا چوكىنى ئاجراتقاندا سۇندۇرۇپ قويمايسىز (قاچا - قۇچىلارنىڭ چېقىلىشىمۇ شۇ مەزمۇندا) ناھايىتى ئاددىيلا پۈتىدىغان ئىشلاردىمۇ تەننەرخىنى چۈشۈرەلەيسىز.

4. مېھمان (خېرىدار) ئىشلەتمىگەن، بىر قېتىملا ئىشلىتىدىغان لۆڭگە، جوزىدىكى تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلارنى پۇكەيگە قايتۇرۇۋەتكەندە ئەڭ بولمىغاندا سان كۆپىيىدۇ. دۇكاننى ئۆز ئائىلىسىدەك سۆيۈش، ئىش قىلىشتا كىچىك ئىشلاردىن باشلاش لازىم.

5. تاماق - سەيلەرنى مېھمانغا ئاچىقىشتىن بۇرۇن غەيرىي نەرسە (مەسىلەن چاچ، ئەينەك ئۈگۈندىسى، قۇرت - قوڭغۇز، چىۋىن) لەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋېتىڭ، بىر ھالقىنى بولسىمۇ كۆپرەك تۇتۇۋالغاندا، ئەرز - شىكايەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆپرەك ئازايتقىلى بولىدۇ. مېھمانخانىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا كۆپچىلىكنىڭمۇ جاپالىق ئەجرى بىكارغا چىقىدۇ. يەنە سىز دىرىكتورىڭىزنىڭ مېھمان، خېرىدارلارغا باش ئېگىپ ئەپۇ سورىشىنى، ناھايىتىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ھەقىقەتەن سىزمۇ قوبۇل قىلالمايسىز.

6. مېھمان بۇيرىغان تاماقلار چىقىپ بولغاندىن كېيىن تالوننى يىرتىپ مېھمانغا بۇيرۇتۇلغان تائاملارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەلتۈرۈلۈپ بولغانلىقىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشىڭىز كېرەك، ھېچكىم ئوشۇقچە ساقلاپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ.

7. پولۇ، قۇچقاچ تىل نارىن، پۇرچان تىپىدىكى تاماقلارنى جوزىغا چىقارغاندا باشقا مۇلازىمىتىمۇ ۋاقتىدا ماسلىشىپ كېلىشى، ئۇلارغا چوكا ئىشلەتمەي قوشۇق ئىشلىتىلىدۇ. قوشۇق تاماق بىلەن بىللە كەلسۇن.

8. تالون كېسىشتىن بۇرۇن بۇيرۇتمىنى بىرقۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈش، ئوشۇق تاماق يېزىلىپ قالدىمۇ يوق، ھېچكىم ئازراق بولسىمۇ ئوشۇق پۇل تۆلەشنى خالىمايدۇ. خېرىدار ئاز تۆلىسىمۇ ئۇنىمايدىغان گەپ. شۇڭا، سىز ئەستايىدىللىق بىلەن ھېساب قىلىشىڭىز بولۇپمۇ ئالدىراش ۋاقىتلاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز لازىم.

9. ماددىي بۇيۇملارنى ئىشلىتىش پىرىنسىپى. نەرسىلەرنى قەيەردىن ئالغان بولساق شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويۇپ قويۇش. كىمدىن سوراپ ئالغان بولسىڭىز شۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىش، ئىشچى خادىملار ئۆز بۆلۈم دائىرىسىدىكى ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى قانداق يەرگە قويىدىغانلىقىنى ئەستە ساقلىۋېلىشىڭىز زۆرۈر. سىز ئاستا - ئاستا بۇنىڭ بىر خىل ياخشى ئادەت ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالىسىز. بۇ سىزگىلا قۇلايلىق، ئوڭاي بولۇپلا قالماستىن، كۆپچىلىككىمۇ بەك پايدىلىق.

10. مېھمان تالون كېسىپ ھېسابنى ئۈزگەندە، گۈل قاچىنى جوزىغا قويۇپ قويۇڭ. مېھمانلار قايتقاندا گۈل قاچىنى كۆرۈپ پۇل تۆلىنىپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ خاتىرجەم بولىدۇ.

11. مېھمانلار ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل خادىم - چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئاكتىپلىق بىلەن ھال - ئەھۋال سوراشسىڭىز، ئاشۇ ئاددىي بىر جۈملە سۆز كىشىلەردە گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرىدۇ.

12. ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئاچقۇچ، خىزمەت بۇيۇملىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭىزمۇ يوق بىر قۇر سەپسېلىشىڭىز، ئىش ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنتۇپ قېلىپ پۇشايمان قىلغاندىن كۆپ ياخشى.

13. يىغىنغا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ تەقى - تۇرقىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، مېھمان، خېرىدارلار ئالدىدا سىزنىڭ ئوبرازىڭىز ئۆزىڭىزگىلا مەنسۇپ بولماستىن سىزنىڭ تىجارەت ئورگىنىڭىزغا مەنسۈپ بولىدۇ.

14. خېرىدارلارغا نامەلۇم نەرسە ياكى مۇلازىمەت زۆرۈر بولۇپ ئىزدىگەندە (مەسىلەن، جوزىدا يوق بۇيۇملار، ئالاھىدە ئىچىملىك، ئوشۇقچە ئىستاكان قاتارلىق) ئالدىن بايقاپ دەرھال مەسلىھەت بېرىش، دەرھال جايىدا مۇلازىمەت قىلىشمۇ يەڭگىل - ئاراملىق مۇھىتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

15. مېھماننىڭ چوكا ۋە يېمەكلىك جابدۇقلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتسە دەرھال ئېلىپ يېڭىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. كۈتكۈچىلەردە ئەلۋەتتە ئاشۇنداق ساپا ۋە مۇشۇنداق ئاكتىپ ئىنكاس ھازىرلىنىشى كېرەك.

16. كۈتكۈچى، مۇلازىملار ھەردائىم خېرىدارلار ئالدىدىكى چايدان، ئىچىملىك رومكىسىدا چاي، ئىچىملىكلەرنىڭ تەييارلىنىشى، چىنە - ئىستاكانلارنىڭ قويۇلۇشىغا دىققەت قىلىش، ھەرگىزمۇ خېرىدار قۇرۇق ئىستاكان كۆتۈرۈپ دوستلىرى ئالدىدا ئىككىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

17. تاماق، سەي تۈرلىرىنى جوزىغا ئېلىپ كەلگەندە، تاماق، سەي ئىسىملىرىنى خېرىدارلارغا ئېنىق دەپ چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىستېمال قىلىدىغان تاماق ئىسىم تۈرلىرىنى بىلىۋېلىشى، ئەستە ساقلىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مېھماننىڭ ئىككىنچى قېتىم ئېغىزغا تېتىيدىغان تاماقلارنى يېيىش ئۈچۈن قايتا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خېرىدارلارنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەك.

18. خېرىدارلار قايتقاندىن كېيىن، مېھماننىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنىڭ يوقالغان - يوقالمىغانلىقىنى خېرىدارلارنىڭ ئۇنتۇپ قالغان نەرسە - كېرەكلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىغا (ئالاھىدە بۆلۈمچىلەردە تېخىمۇ دىققەت قىلىڭ) ۋاقتىدا، ئېنىق دىققەت قىلىش كېرەك.

19. ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىن - كۇمۇتىلارنى كۆرگەندە دەرھال يوقۇتۇپ دېزىنفىكسىيە قىلىش، مۇشۇنداق ئالىي دەرىجىلىك كۆركەم، پاكىز سورۇنلاردا ئاشۇنداق چىۋىنلارنىڭ ئۇچۇپ يۈرۈشى ھەممە كىشىنى ھۆ قىلدۇرۇپ، سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاشۇ پاسكىنا نەرسىلەر تاماق، سەي چىنىلىرىدىن چىقىپ قالسا تۈگەشكىنىمىز شۇ ئەمەسمۇ؟

20. تاماق بۇيرۇتقاندىن كېيىن پۇكەي نومۇرى، تاماق تۈرلىرى، سانى، ئورنى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋېتىش كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز ئاشخانىدىكى ئۇستىلار، كاسسىر، تاماق بۇيرۇتقۇچى، مۇلازىملارنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى نورمال مۇلازىمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىسىز.

21. يۆتىلىش ياكى چۈشكۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، ئېغىز، بۇرنىغا ياغلىق تۇتۇش، قۇلاق كولاش ۋە بۇرۇن تازىلاش ئىشلىرىنى دەرھال ئادەم يوق يەرگە بېرىپ پاكىز پۈتتۈرۈڭ.

22. دىجورنى پۇكەي، نازارەتچى پۇكەيلەر نېمە قىلىشنى دەرھال بىلەلمەي ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن مېھمانلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ئاكتىپلىق بىلەن مەسلىھەت بېرىش، نېمە ياردەم كېرەكلىكىنى سوراپ ئىختىيارلىقى بىلەن بۆلۈملەردىكى ئېسىل مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

23. مۇلازىمەت جەريانىدا قورۇقدالغان تەخسىلەرنى دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىش، ئاز قالغان سەيلەرنى كىچىك تەخسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ، يېڭى تاماقنى قويۇشقا ئەپلىك قىلىش، بولۇپمۇ جوزىنى رەتلىك قىلىش، تازىلاپ پاكىز تۇتۇش كېرەك.

24. جوزىغا تاماق يەتكۈزگەندە تاماق، شورپا، ئىچىملىكلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم. ئەگەر خېرىدارلارنىڭ كىيىمى ئالاھىدە قىممەت باھالىق بولسا تۈگەشكىنىڭىز شذ.

25. مېھمان تەمى، ماتېرىيالى ئوخشاش تاماق، سەيلەرنى تەكرار بۇيرۇتقاندا ئىزاھار بەرسىڭىزمۇ ساقلاپ قالسا، ئاشۇ تۈرگە بەش شۇئار بەلگىسىنى ئۇرۇپ قويۇڭ، مەسئۇلىڭىزنىڭ سىزنى تاماق، سەي بۇيرۇتمىنى قوبۇل قىلىشنى بىلمەيدىكەن دېگەن ئۇۋالچىلىقىدىن ساقلىنىپ قالىسىز.

26. تاماق بۇيرۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلار تولۇق كېلىپ بولالمىغان ۋاقىتتا، كەلگەنلەرنىڭ ئاساسىي تاماق تۈرىنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئاچىقىش. قىزىق سەيلەر چىقىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلاردىن سەيلەرنى كۆپەيتىش، ئاساسىي تاماقنى ئاچىقىشنى سوراپ ئەسكەرتىش، مېھمانلار كېلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا تاماق، سەيلەر جوزىغا ئاچىقىۋېتىلسە خاپىلىق يۈز بەرمىسە، كاتتا مۇكاپات ئالغانلىقىڭىز ھېسابلىنىدۇ. كېچىكىپ كەلگەن مېھمانغا بىر تەخسە بولسىمۇ يېڭى تائام تارتمىسىڭىز بولمايدۇ.

27. ئەگەر جوزىغا ئاچىققان تاماق، سەيلەر كەلمىگەن مېھمانلارغا تەۋە بولۇپ (مەسىلەن، سوغۇق سەي چىقماي قىززىق سەيلەر چىقىپ بولغان) ئەھۋالدا ئوشۇق تاماق، سەيلەرنى دەرھال ياندۇرۇپ چىقىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، بۇ جوزىغا ئاچىققىلى زادىلا بولمىسا، باشقا ئوخشاش تاماق، سەي بۇيرۇتقان جوزىلارغا تەڭشىۋېتىش كېرەك.

28. مېھمانلار مەخسۇس خانىلارغا تېخى كېلىپ بولمىغان ئەھۋالدا بىرلا چىراقنى ياندۇرۇپ، دەسلەپكى مەشغۇلاتلارنى يورۇقلۇق بىلەنلا تەمىنلەش، ئەگەر ھەربىر ئۆيدە ھەركۈنى بىر كىلوۋاتتىن توك ئىقتىساد قىلىنسا بىنادىكى ھەممە ئۆيلەردە كۈنىگە 60 كىلوۋات توك تېجىگىلى بولىدۇ. بىر ئايدىچۇ؟ بىر يىلدىچۇ؟

29. ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن قېلىپ قالغان ئىشلارنى مۇۋاپىق، تەكشى، تولۇق بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، باشقۇرغۇچىدىن يول - يورۇق سوراڭ. بەلكىم يەنە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

30. ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزۇلغانلىرى كۆرۈلسە دەرھال مەسئۇل باشقۇرغۇچىغا ياكى قۇرۇلۇش بۆلۈمىگە مەلۇم قىلىش ئالدىنقى شەرت. سىز ھەركۈنى مۇشۇ نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

31. ھەركۈنى بىنادىكى پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ۋە ئەرز - شىكايەتلەرنى دىجۇرنى باش مەسئۇلىغا مەلۇم قىلىش. ئوخشاش خاتالىق كۆرۈلسە تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىق ھېسابلاپ، يىغىنلاردا كۆرسىتىپ، تەكىتلەپ تۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقنى قولغا كەلتۈرۈش. تەجرىبە دېگەن مۇشۇنداق جۇغلىنىپ كېلىدۇ.

32. تاماقنى ئاچىققاندا ئالدى بىلەن تىزىملىككە بەلگە ئۇرۇش، رەت بويىچە جوزىغا ئاچىقىش، كېيىنكى سەپنىڭ قويۇش ئورنىنى بەلگىلەشنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.

33. خۇرۇچى ئايرىم تاماقنى ئاچىقىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن خۇرۇچىنى ئاچىقىپ قويۇپ ئاندىن تاماق، سەينى ئاچىقىش. مۇشۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، مېھمانلارنى ئۇ خۇرۇچنىڭ مۇشۇ تاماققا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ھېسابلىنىدۇ.

34. ھەرقېتىم تاماق ئاچىققاندا ئىككىدىن ئوشۇق جوزىغا بىر ۋاقىتتا ئەچىقىش لازىم.

35. مەشغۇلات جەريانىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋاز چىقارماسلىق، نەرسە، قاچا - قۇچىلارنى ئاستا قويۇش كېرەك.

36. ھەر كۈنى تاماق ۋاقتىدا مېھمانلارنىڭ مۇھىت، سەي، تاماقلار، باھا قاتارلىقلارغا بولغان كۆزقاراش، پىكرىگە دىققەت قىلىش ۋە كۆزقاراشلارنى دىرىكتورىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز تۈردە خۇلاسىلىغاندىلا مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

37. تاماق بۇيرۇتمىنى يازغاندا خەتلەر ئوچۇق، ئوقۇغىلى بولىدىغان بولۇش، بۇيرۇتما دەپتەر ۋاراقلىرىنى ئىسراپ قىلماسلىق، ۋەدىنامە ياكى دوختۇرنىڭ رىتسىپىدەك ئۆزىڭىز ئارانلا ئوقۇيالايدىغان قىلىپ يېزىشتىن ساقلىنىش، سىز چولپان ئەمەس، ئالاھىدە پوكۇس چىقىرىپ يېزىشىڭىزمۇ ھاجەتسىز.

38. تاماق تارتىشنىڭ قائىدىسى تېز تاماقخانىلاردا بۇرۇن كەلگەنگە بۇرۇن تارتىش، جوزا بولىغۇچىلار ۋە مېھمانخانىلاردا يەنىلا تۆردىكى چوڭلاردىن باشلاپ تاماق تارتىش، ئىچىملىك قويۇش، بۇنى ئۆرپ - ئادەت بويىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

39. جوزىنى يىغىشتۇرغاندا ئالدى بىلەن رەخت بۇيۇملارنى (قول ياغلىق، شالداما، تەخسە پىتىكى قاتارلىقلار) ئاندىن ئەينەك بۇيۇملار، ئاخىرىسىدا ئۇششاق بۇيۇملار (مەسىلەن: چوكا، خۇرۇچلار، چىش كولىغۇچ) قاتارلىقلار. جوزىنى يىغىدىغان ۋاقىتتا كۈلداننى ھەرگىزمۇ ئەخلەت خالتىسىغا تۆكمەسلىك، خالتىنىڭ كۈيىشىدىن ساقلىنىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش.

40. جوزا خىزمەت تەكچىلىرىنىڭ پاكىزلىقىنى ھەر دائىم ساقلاش. ئاشقان يېمەكلىكلەرنى ھەرگىزمۇ ئەخلەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش ئەنئەنىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ. ئاشقان تاماقلارنى مۇمكىنقەدەر يەم - خەشەك قىلىشقا يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

41. باشقىلارنىڭ ئالدىراشلىقىنى كۆرگەندە ئېرىنمەي ئاكتىپ ھالدا باشقىلارنى ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش، كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى خالىسىڭىز ئالدى بىلەن سىز باشقىلارغا قىزغىن ياردەم قىلىڭ، ئۇنداقتا باشقىلارمۇ سىزگە سەمىمىي ياردەم بېرىدۇ. بىرنى بىرگە قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ. مانا بۇ كوللىكتىۋىزملىق روھ.

42. ھەر كۈنى چاي چەينىكى، چىش كولىغۇچ قاچىسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، قۇرۇقلىنىپ قالمىسۇن. مانا بۇ تەييارلىق خىزمىتىڭىزنىڭ بىرى.

43. مۇلازىمەت ۋاقىدا تاماق ئىدىش بۇيۇملىرىنى ئالغاندا ئەپلىك قاچىلارغا سېلىپ ئەكىلىڭ. ئۇلار سىز تاماق يەيدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئىشلىتىشىڭىزگە ئەپلىك. خىزمىتىڭىز بەرىكەتلىك بولىدۇ.

44. قىزىتىلىدىغان تائاملارنى خېرىدار ئالدىدا پارچىلىغاندا (مېھمانلارنىڭ قولىنى كۆيدۈرۈۋالماسلىقىنى، كىيىمىگە چاچراپ كەتمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش) كۆيدۈرۈۋالسا ئاغرىق ئازابىنى تارتىدىغان گەپ، مېھماننىڭ مىڭ ياكى 10 مىڭ سوملۇق كىيىملىرىنى ھەرگىز بۇلغاپ قويماڭ. ئۇنداقتا سىز ئازاپلىنىپ قالىسىز.

45. مېھمان ھېساب بۇيرۇتقاندا، ئاغزى ئېچىلمىغان ئىچىملىكلەرنى قايتۇرۇش ياكى قايتۇرمايدىغانلىقىنى سورىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر خېرىدار ھېساب قىلىپ بولۇپ ئاشقان بۇزۇلمىغان ئىچىملىكلەرنى قايتۇرماقچى بولسا بىر تالاي ئاۋارىچىلىق بولىدۇ.

46. ھېساب ئۈزۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە تەكرار مېھمانغا رەھمەت دېيىشىڭىز كېرەك. يەنى، ھېساب تالون يەتكۈزگەندە، پۇل تاپشۇرۇپ ئالغاندا، تالوننى قايتۇرغاندا، مېھمان سىزنى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاتا - ئانىڭىز. سىز ئەلۋەتتە پۇرسەتنى مۇھىم بىلىپ، كۆپرەك رەھمەت دەۋېلىشىڭىز لازىم.

47. ھېسابات قىلىپ پۇل ئالغاندا، مېھمان ئالدىدا پۇلنى ئېنىق ساناپ ئالغىنىڭىز ياخشى. يەنە پۇلنىڭ سومما سانىنى مېھمانغا ئېنىق دەپ قويۇڭ، كۆپ ئالسىڭىز، ئاز ئالسىڭىزمۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز. شۇڭا يۈز تۇرانە تۇرۇپ ئېنىق ساناپ ئېلىڭ، ساناپ بېرىڭ. يەنە ئالغان پۇلىڭىز راست پۇلمۇ ياكى ساختا پۇلمۇ تەكشۈرۈپ، تونۇپ ئېلىشىڭىز كېرەك. كىشىلەر كۆڭلىنى بىلمەك تەس. مېھمانلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى بولىۋەرمەيدۇ.

48. ئورنىمىزدىكى ماددىي بۇيۇملار، ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھە، جابدۇقلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىسىڭىز دەرھال رېمونت قىلىدىغان مەخسۇس خادىملارغا خەۋەر قىلىپ، دەرھال رېمونت قىلىپ پۈتتۈرۈش، نورمال خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك.

49. مېھمانغا بۇيرۇتۇلغان تاماقلار كەلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، مېھمانلارغا ۋاقتىدا تاماق، سەي ئالماشتۇرۇش ياكى قايتۇرۇش ئېھتىياجىنى سوراپ تۇرۇڭ. ۋاقىت سوزۇلۇپ كەتسە خېرىدارنىڭ ئىچى پۇشۇپ، ئاچچىقلىنىشى مۇمكىن. باشقۇرۇلمىسا يەنە بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىڭىز ياخشى.

50. مېھمانلار غىزالىنىپ بولۇپ، يېيەلمەي كۆپلەپ ئېشىپ قالغان تاماقلارنى تاماقخانىغا ئەپچىقىپ، دىرىكتور ۋە ئاشپەزلەر تەمىنى تېتىپ بېقىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئېشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. سىز ئەلۋەتتە مېھمانخانىنىڭ مېھمانلىرى كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كېتىشىنى ئەلۋەتتە كۆرگىڭىز يوق، شۇنداقمۇ؟

51. ھەرقايسى بۆلۈملەر مېھمانساراي تارقاتقان، ئۆز ئورنىمىز ئالغان بۇيۇم قاچا، جابدۇقلارنى ياخشى ساقلاپ باشقۇرۇش كېرەك. ئەلۋەتتە، ياخشى ساقلاپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىڭىز بار. باشقىلار نەچچە ئايلاپ ئىشلەتسە، سىز ھەپتىلا ئىشلىتىپ تۈگۈتۈشنى ئەلۋەتتە خالىمايسىز. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى دېگەننى ئېغىزدا دېسىلا ھېساب ئەمەس. ئۇنى تۈجۈبىلەپ ئىشلەپ، دانىلاپ سانىغاندىلا ئىپادىلىنىدۇ.

52. مېھمانلار كىرگەندە، مۇلازىملار مېھماننىڭ سالغان كىيىمىنى ئېلىپ ئېسىش، قايتقاندا كىيىملىرىنى ئېلىپ سۇنۇش، سىز ھەرگىزمۇ مېھمانلارنىڭ سومكا قاتارلىق نەرسىلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايسىز. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئوشۇقچە نەرسە ئېلىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا باشتىن - ئاياق نازارەت - مۇلازىمەت ھالىتىدە تۇرۇشىڭىز كېرەك.

53. مۇلازىمەت جەريانىدا خادىملار ۋاقىتلىق خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىش. مۇلازىمەت قىلىش توغرا كەلسە (بۇيرۇتما قوبۇل قىلىش، تالون كېسىش، تاماق يەتكۈزۈش، ئىچىملىك) كەسپداشلىرىغا تاپشۇرۇپ ئۆز دائىرىسىدىكى مۇلازىمەتنى ھاۋالە قىلىش، ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك. مېھمانلارغا مۇلازىمەت لازىم بولسا شۇ زامات ئىجرا قىلىشى لازىم. بەزىدە ئىشلار نەق مۇشۇنداق پەيتتە قاتماللىشىپ قالىدۇ.

54. باشقۇرغۇچى خادىملار تىجارەت ۋاقتىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيەت رايونىدا تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش (مۇلازىملار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا تەق بولدىمۇ يوق؟ جوزىلار تازىلىنىپ تۇرۇلۇۋاتامدۇ، سەيلەرنى تولۇقلاش كېرەكمۇ؟) باشقا خىزمەتداشلىرىغا بۇ مەزمۇنلاردا رايونلاردا ئۆزئارا قاراپ قويۇشنى ئۆتۈنۈش كېرەك. مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقىشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى بولۇپمۇ مەسىلە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا ئالدىنى ئېلىپ مەسىلە يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

55. مېھمانلارغا چاي، شەربەت، ئىچىملىكلەرنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلار چاي، شەربەت، ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرسە چىنە - ئىستاكانلارنى يىغىۋېتىش ياكى داۋاملىق قويۇپ قويۇش، بۇ ئىشنى كىچىك، ئادەتتىكى مەشغۇلات دەپ قالماڭ. بەزىدە مېھمانخانا ئۈچۈن ناھايىتىمۇ كۆپ شەربەت، ئىچىملىك سودىسى قىلىپ بېرەلەيسىز.

56. تاماققا كەلگەن مېھمانلار ئەگەر بالا ئېلىپ كەلگەن بولسا، ۋاقتىدا دەرھال BB ئورۇندۇقى ئەكىلىپ بېرىپ، بالىلار ياقتۇرىدىغان بىرقانچە تاماقلارنى تونۇشۇرۇڭ. شاھزادە خۇش بولسا شاھىن شاھزادىمۇ ئەلۋەتتە خۇش بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

57. مېھمانلار ئىشلەتكەن بىر قېتىملىق لۆڭگىلەرنى قايۇرۇۋېلىش ئارقىلىق بىرقەدەر پاكىزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ دېزىنفىكسىيە قىلغاندىن كېيىن تازىلىق ئۆيلىرىدە مېھمانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تارقىتىپ بېرىپ ئىشلىتىلسە، كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.

58. مېھمانلار غىزالىنىپ بولۇپ، قايتقاندا قەۋەتلەردىكى، ئېغىزلاردىكى مۇلازىم خادىملار تىجارەتتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى تىجارەتتىن بۇرۇنقى مۇلازىمەتكە ئوخشاشلا ياخشى قىلىشى كېرەك. قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇشى، يول باشلىشى، لىفىت ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بېرىش قاتارلىقلار.

59. بارلىق ئىشچى خادىملار ئەگەر تىجارەتتىن خالىي رايونغا يوچۇن ئادەملەر كىرىپ كەلسە، دەرھال ئالدىنى توسۇپ، سالاھىيىتىنى، نېمە ئىشى بارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلارنى قەتئىي كىرگۈزمەسلىك كېرەك. سىز ئۆز ئۆيىڭىزدىمۇ شۇنداق قىلىسىز، ئەلۋەتتە.

60. مېھمانلار ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسىلەرنى تېپىپ ئالغاندا دەرھال دېرىكتورغا ياكى مەخسۇس ئورۇنغا تاپشۇرۇش، مۇمكىنقەدەر تېزراق ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتۇرۇپ بېرىش؛ ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەن يوشۇرۇپ قېلىش، ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، يەڭگىللىرىنى خىزمىتىدىن ھەيدىۋېتىش، جەرىمانە قويۇش، ئېغىرلىرىنى ئامانلىق ساقلاش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. مۇنداق ئىشنى قىلىپ قويماڭ، ۋاقتى كەلگەندە ھېچكىم سىزگە ئارى بولالمايدۇ.

61. ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئورۇندا مېھماننىڭ مال - مۈلكى ۋە نام - ئابرۇيىغا دەخلى - تەرۈز يەتكۈزۈشكە، زىيان سېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ نام - ئابرۇيى، مۈلكىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش كېرەك. مېھماننىڭ نام - ئابرۇيى سىزنىڭ نام ئابرۇيىڭىز، مېھمان گۈللەنسە مەن روناق تاپىمەن دەيدىغان، مېھماننى ئۆز ئائىلىسىدەك بىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ مەسئۇلىيەت بىلەن ئىش بىجىرىدىغان خادىملارغا قايسى خوجايىن ئۆچلۈك قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش خوجايىنلارنىڭ تەخسىسىنى كۆتۈرۈپ، ياخشىچاق بولغاندىن ئەلا ئەمەسمۇ؟ ئىشەنمىسىڭىز قېنى ھازىردىن باشلاپ سىناپ بېقىڭ.

62. تىجارەت مەزگىلىدە، مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بەرمىسۇن، ھەرقانداق تىجارەت سورۇنلىرىدا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشقا بولمايدۇ. پەۋقۇلئاددە ياسالغان بۇ سورۇننى ئائىلىڭىزگە ئوخشىتىپ بىخارامان يۈرسىڭىز بولمايدۇ.

63. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتساق، مېھمان ئۇزىغاندىن كېيىن ھەرگىزمۇ جوزىدىكى ئېشىپ قالغان تاماقنى يېمەسلىكىڭىز كېرەك، بۇنىڭ كوچىدىكى دىۋانىلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق، ۋىجدانىڭىزمۇ كۆتۈرمەيدۇ.

64. تىجارەت جەريانىدا تازىلىق قىلىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز، كەسىپداشلىرىڭىزغىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويۇشىڭىز زۆرۈر. سىز بىلسىڭىزلا باشقىلارمۇ بىلگەن ھېسابلانمايدۇ.

65. خىزمەت جەريانىدا، ئىش بولۇپ دېرىكتورنى تاپالمىسىڭىز، ھەربىر قەۋەت ئېغىزىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار قوش لىنىيىلىك تېلېفۇن ئىشلەتكەچكە دېرىكتورنىڭ بار ئورنىنى سىزگە دەرھال ئېيتىپ بېرىدۇ.

66. دىجۇرنا ئاساسىي مەسئۇل خادىم كۈندىلىك دىجۇرنى ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى، خادىملارنىڭ كۈندىلىك ئىشقا كېلىش ئەھۋالىنى، ئەرز - شىكايەت ئەھۋالىنى، خېرىدارلارنىڭ كېلىش ئەھۋالىنى، بىنادا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، يىغىنلارنىڭ مەزمۇنىنى، شۇ كۈندە يۈز بەرگەن ئىشلارنى سىز ئەلۋەتتە تەپسىلىي يېزىپ خاتىرە قالدۇرمىسىڭىز كېيىن قانداق شەرھلەپ بېرەلەيسىز؟ ئۇ ھالدا ئېنىق قىلىپ بېرەلمەيسىز.

67. تىجارەتتىن بۇرۇن ئۆز خىزمەت رايونىڭىزدىكى تاماقلىنىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، تازىلىق، تاماقلىنىش جابدۇقلىرى، قايناق سذ، چاي، جاڭيۇ، سىركە قاچىلىرى، چىش كولىغۇچ قاتارلىق سىز خۇددى ئېمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئېمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرگەنگە ئوخشاشلا قايتا تەكشۈرۈشكە تىگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلار.

68. مېھماننىڭ ھېسابىنى ئۈزۈپ، تالوننى ۋە بۇيرۇتما نۇسخىسىنى ئەكىلىپ مېھمانغا بەرگەندە، مېھمانغا مېھماننىڭ ھېساب كارتۇچكىسىدىن بىرنى بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن قانچىنى كۆپرەك قىلسىڭىز، مېھمانخانىغا شۇنچە كۆپ خېرىدار جەلپ قىلىپ بېرەلەيسىز.

69. مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، ھەر دائىم خانىنى پاكىز تۇرۇش، ۋاقتى - ۋاقتىدا بىكار بولغان تەخسىلەرنى يۆتكەپ تۇرۇش، ئاز قالغان تاماق، سەيلەرنى كىچىك تەخسىلەرگە يۆتكەپ رەتلەش، رەتلىك، پاكىز جوزا مېھمانلار كۆڭلىگە ئارام بېغىشلاپلا قالماي، خېرىدارلاردا مېھمانخانىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قالدۇرالايدۇ. ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ مۇلازىمەت ساپايىڭىزنى تىلدىن - تىلغا ئېلىپ ماختايدۇ.

70. ئۇچرىشىشنى ياخشى باشلاپ، ئۆز خانىسىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى پۇختا بىلىۋېلىش، ئالدىن بۇيرۇتقۇچىنىڭ ئىسمى، ئادەم سانى، سەي بۇيرۇتتىمۇ يوق، ئىمكانقەدەر مېھمانلارنىڭ ئىسمى، كەسپى، ۋەزىپىسى، ياخشى كۆرىدىغان تەمى قاتارلىقلارنى بىلىۋالسىڭىز كېيىنكى قېتىملىق كۈتۈشتە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە مېھمانلارنى مېھمانخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارىغا ئايلاندۇرالايسىز. ئۇنداقتا دىرىكتورنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇپلا قالماستىن خالىسىڭىز سىزنىڭمۇ ئوخشاشلا دائىملىق خېرىدارىڭىز بار بولىدۇ.

71. مېھمان ئىشلىتىدىغان لىفىتكە مۇھىم ئىش بولمىسا چۈشمەسلىك كېرەك. ئۇنداق قىلمىسىڭىز پۇل تۆلىگەندىن باشقا قۇلىقىڭىز تىل ئاڭلاشنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

72. ئۆزىڭى چېقىۋەتكەن نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز ئاڭلىق ھالدا ئورنىغا تۆلەپ قويۇڭ، جۈرئەت قىلىپ پېتىنىپ بېرىپ تىزىملاتسىڭىز پايدىسىنى كۆرۈپ قالىسىز، ئۇنداق قىلمىسىڭىز بىرگە ئوننى تۆلەپلا قالماستىن بىر تۈركۈم خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن يامان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟

73. ئەگەر مېھمانلار ئىچىدە چەت ئەللىكلەر بار بولسا پىچاق، ئارا، ۋېلكا قاتارلىقلارنى ئىشلىتەمدۇ سوراپ بېقىڭ. سىز بۇلارنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەندەك، چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چوكا ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ.

74. مېھمانلارغا ئىچىملىك قۇيغاندا، قانچىلىك قۇيىمەن دەپ سوراپ قويۇڭ، مېھمان مۇنداق سوئالنى خالاپ ئاڭلايدۇ.

75. مۇلازىمەت جەريانىدىكى ۋاقىتلاردا خادىملارغا مېھمانلار پارچە خىراجەت پۇلى بېرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ھال مېھماننىڭ خادىملار مۇلازىمىتىدىن رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇلازىم پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بەزىدە مېھمان ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا مېھمان پارچە پۇل بەرگەندە چۈشەندۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىز، دېسىڭىز مېھمان يەنىلا ئېلىشقا زورلىسا، رەھمەت، سىزنى ھۆرمەتلىدىم دەپ مېنى تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشكە قىستىماڭ، راست ھەقىقەتەن رەھمەت! دېسىڭىز مېھمان مۇلازىمىتىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ساپالىقلىقىغا ئىشىنىدۇ.

76. مېھمان ئارىلىقتا ئورنىدىن قوپۇپ تازىلىق ئۆيىگە ماڭغاندا، مېھمان بۇيۇملىرىنى رەتلەپ قويسىڭىز، قايتىپ كەلگەندە بۇ ھالنى بايقاپ مېھمان تېخىمۇ ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ.

78. مېھمان كومپيۇتىرنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن بېتىنى ساقلاپ قويغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىڭ.


[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 02:43:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېمەك - ئىچمەك (تازىلىق) باشقۇرۇش تۈزۈمى

يېمەك - ئىچمەك  (تازىلىق) باشقۇرۇش تۈزۈمى

بىرىنچى، تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ تۈرلىرى

1. يېمەك - ئىچمەك، تازىلىق باشقۇرۇش تەشكىلى.

2. ئاشخانا تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

3. سوغۇق سەي تەييارلاش ئۆيىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

4. يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

5. قورۇما تەييارلاش ئۆيىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

7. يېمەكلىك ئىسكىلاتىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

8. يېمەكلىك سېتىش ئۆيىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

9. يېمەكلىك سېتىۋېلىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى.

10. زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئەلىنىش تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى.

11. تازىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى.

12. كاسىپلار بەدەن تەكشۈرۈش، تەربىيىلىنىش، تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى.

13. ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى.

14. تاشلاندۇق مايلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى.

ئىككىنچى، ھەرخىل تازىلىق تۈزۈملىرىنى بېكىتىش ئامىللىرى

1. تازىلىق باشقۇرۇش تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

1) ئىدارە مەسئۇلى.

2) تازىلىق باشقۇرۇش ئەزالىرى.

3) مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم دېرىكتورلىرى.

4) تازىلىق باشقۇرۇش ئورگىنى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ئادەمدىن تەشكىل تېپىشى كېرەك.

2. رېستۇران، تېز تاماقخانا تازىلىق تۈزۈمى

1) ئۈستەل - ئورۇندۇق، يەر، دېرىزە - ئەينەكلىرى پاكىز ئېيتىلىپ، ئاشخانا يورۇق بولۇشى، مەخسۇس قول يۇيىدىغان ئورۇن بولۇشى.

2) ئاشخانا ئىچىدە ھەر قېتىم خېرىدار غىزالىنىپ بولغاندا، يەرنى سۈپۈرۈپ، سۈرتۈپ تۇرۇش، بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك سۈپۈرۈپ، پولنى سۈرتۈش، ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭ تازىلىق قىلىش، چىۋىن، سۇۋەرەك بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش.

3) سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ھەرگىز ساتماسلىقى كېرەك.

4) قاچا - قۇچا، قازان - قۇمۇچلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، يۇيۇپ، دېزىنفىكسىيىلەپ، قاچا - قۇچىلارنى مەخسۇس دېزىنفىكسىيە ئىشكابىدا ساقلاش.

5) مۇلازىمەتچى خادىملار پاكىز كىيىمى ۋە بۆك كىيىپ ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن چوقۇم قولىنى يۇيۇش.

6) تورت - پىرەنىك، پىششىق يېمەكلىكلەر چوقۇم، چاڭ - توزاندىن، چىۋىندىن ساقلىنىش ئەينەك ئىشكابىدا ساقلىنىپ سېتىلىشى كېرەك.

7) مۇلازىمەتچىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئۈزۈك، بىلەزۈك تاقاش، تىرناقلىرىغا لاك سۈرۈۋېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

8) يېمەكلىك پەتنۇسىنى چوقۇم بەلدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش.

3. سوغۇق سەي تەييارلاش ئۆيىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) چوقۇم مەخسۇس ئۆي، مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس چىنە - قاچا، ئىدىش، ئەمبەل، دۆشە، چامبۇ، تارازا قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇشى شەرت.

2) ئۆي ئىچىدە چىۋىن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئايرىم يۇيۇش ئورنى، دېزىنفېكسىيىلەش، پۇت بىلەن ئاغزى ئېچىلىدىغان ئەخلەت تۇڭى بولۇشى، ئولتۇرا بىنەپشە رەڭلىك مىكروب ئۆلتۈرۈش چىرىقى ۋە سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولۇش.

3) دۆشە، ئىدىش، تارازىلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن يۇيۇپ، تازىلاپ دېزىنفېكسىيىلەش، گۇرۇپپا ئالمىشىشتىن بۇرۇن ئولتۇرا بىنەپشە نۇرلۇق چىراقنى 30 مىنۇت ياندۇرۇپ ئۆي ئىچىنى دېزىنفىكسىيىلەش.

4) يېمەكلىك ئوراپ - قاچىلىغان ماتېرىياللار تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

5) خىزمەتچى خادىملار كىيگەن ئىش كىيىمى، بۆكى، تاقىغان ماسكىسى پاكىز، رەتلىك بولۇش، مەشغۇلات قىلىشتىن ئاۋۋال قولىنى يۇيۇپ، دېزىنفىكسىيىلەش كېرەك.

6) پىششىق يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپتىن پىشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن سېتىش، كۈندىلىك پىشۇرغان يېمەكلىكلەرنى شۇ كۈنى سېتىپ تۈگىتىش، ئىككىنچى كۈنىگە قالغانلىرىنى ئىسسىتىپ ئاندىن سېتىش، ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ساتماسلىق.

7) خام ماتېرىيال بىلەن پىششىق يېمەكلىكلەرنى بىرگە قويماسلىق.

4. يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيىنىڭ تازىلىق تۈزۈمى

1) مەخسۇس پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيى بولۇش ۋە يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خادىمى بولۇش. بۇزۇلۇپ، ئۆزگىرىپ قالغان ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلىمەسلىك.

2) سەي ۋە گۆشلەرنىڭ يۇيۇش كۆلچىكى ئايرىم بولۇش، ئاستى - ئۈستى سۇ يوللىرى راۋان بولۇش، ھەربىر گۇرۇپپىدا ئاغزى ھىم ئېتىلگەن ئەخلەت تۇڭى بولۇش.

3) يۇيۇپ ئادالانغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى پاكىز ئىدىشلارغا قاچىلىنىشى (گۆش، بېلىق، قۇش گۆشلىرىىنى سۈيى ئاقمايدىغان ئىدىشقا سېلىش)، يەرگە تەگمەسلىك، پاكىز، يېڭى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى بولۇش.

4) گۆش تۈرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، سەي - كۆكتاتلارنى تەييارلايدىغان ئۈستەل، ئەمبەللەرنى ئېنىق ئايرىپ، بەلگە قويۇپ قويۇش.

5) خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچ كىيىمى، بۆكى پاكىز، رەتلىك بولۇش، تازىلىققا ھەرۋاقىت رىئايە قىلىش.

6) چاڭ - توزان، چىۋىن، سۈۋەرەكتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرى تولۇق، راۋان بولۇش.

5. يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش تازىلىق تۈزۈمى

1) سېسىغان، ئۆزگىرىپ قالغان، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىۋېتىش، ئۇلارنى قورۇماسلىق، توغراپ سالماسلىق، سېتىپ سالماسلىق.

2) چوڭراق توغرالغان يېمەكلىكلەرنى چوقۇم تولۇق پىشۇرۇش، تېشى پىشىپ، ئىچى پىشماي قېلىشتىن ساقلىنىش.

3) ئەتىسىگە ئېشىپ قالغان پىششىق يېمەكلىكلەرنى قايتىدىن قازانغا سېلىپ قىزىتىپ ئاندىن تەمىنلەش.

4) سەي قورۇغاندا، پىشۇرغاندا يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇۋېتىش.

5) پىچاق، دۆشە، جاۋۇر، جامبۇلارنى ئىشلىتىپ بولۇپ، پاكىز يۇيۇپ، دېزىنفىكسىيىلەش، تاماقنى چۆمۈچتە ۋە قولىنى تىقىپ تېتىماسلىق، يېمەكلىك قاچىلىرىنى يەر، پولغا قويماسلىق.

6) تورت - پىرەنىكلەرنى تەييارلىغاندا، ماتېرىيالنى سېتىلىشقا قاراپ بېكىتىش. پىشۇرغاندا رەڭ، پۇراق، تېتىتقۇلارنى قوشقاندا دۆلەتنىڭ «يېمەكلىك تېتىتقۇلارنى ئىشلىتىش تازىلىق ئۆلچىمى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىش.

7) ئىش تۈگىگەندىن كېيىن خۇرۇچلارنىڭ ئاغزىنى يېپىش، بارلىق قازان - قۇمۇچ، ئىدىش، ئوچاق ئاستى - ئۈستى، پول، تام - تورۇسلارنىڭ ھەممىسىنى پاك - پاكىز يۇيۇپ تازىلاش يەنە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېرىش.

8) خادىملار مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ئىش كىيىم، بۆك كىيىپ تازىلىققا رېئايە قىلىش، ئۇزۇن چاچ، ئۇزۇن ساقال، ئۇزۇن تىرناق قويماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك.

9) ئاغزى ھىم ئېتىلگەن ئەخلەت تۇڭى بولۇش، ۋاقتى - ۋاقتىدا بەنزۇ ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئەخلەتلەرنى تۆكۈۋېتىش.

10) خام ماتېرىيال تەييارلىغاندا، گۆشنىڭ بەز، كارانتىن تامغا، يۇلۇن، قىل، قانلىرىنى، قۇشلارنىڭ پەنجىسى، بېشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ۋە قۇيرۇقىدىكى يامان بەزنى پاكىز ئېلىۋېتىش.

6. يېمەكلىكلەرنى يېرىم پىشىشقلاپ ئىشلەش تازىلىق تۈزۈمى

1) بارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش، لاياقەتسىز خام قوشۇمچە ماتېرىيالنى ئىشلەتمەسلىك.

2) يۇيۇش، توغراش، ئېرىتىش، پىششىقلاش، ئىش تەرتىپى مۇۋاپىق بولۇش، ھەربىر ھالقا، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە تازىلىق ئۆلچىمىگە يېتىش، يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

3) يېمەكلىكلەر ئوراپ قاچىلانغان ماتېرىياللار تازىلىق تەلىپىگە يەتكەن بولۇش. ئوراپ قاچىلاش خادىملىرى ھەر قېتىم ئوراپ قاچىلاشتىن بۇرۇن قوللىرىنى پاكىز يۇيۇپ، دېزىنفىكسىيىلەش كېرەك.

4) پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسۋابلىرى، ئىدىش، ئۈسكۈنىلەر چوقۇم دائىم يۇيۇپ تازىلىنىپ پاكىز تۇرۇشى، يېمەكلىك بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان ئىدىش، ئەسۋابلار چوقۇم دېزىنفىكسىيىلىنىشى كېرەك.

5) خىزمەتچى خادىملار ئىش كىيىمى، بۆكىنى پاكىز، رەتلىك كىيىش، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش.

6) پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىنىڭ چاڭ - توزاندىن، چىۋىندىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇش، راۋان يۈرۈشۈپ تۇرۇش.

7. يېمەكلىك ئىسكىلاتىنىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) يېمەكلىك ئىسكىلاتى مەخسۇس، ئايرىم بولۇش ھەمدە چاشقان، چىۋىندىن، نەملىشىپ كۆكىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش. شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۈسكۈنىلىرى ۋە تەدبىرلىرى بولۇشى ھەمدە ھەرۋاقىت يۈرۈشۈپ تۇرۇشى كېرەك.

2) يېمەكلىكلەر تۈرلەرگە ئايرىلىپ، ئايرىم جازىدا، مەخسۇس قاچا، ئايرىم يەرلەردە ساقلىنىشى، ھەربىر يېمەكلىككە ئېنىق بەلگە قويۇشى، غەيرىي پۇرىقى بار، ئاسان نەملىكنى سۈمۈرۈۋالىدىغان يېمەكلىكلەر چوقۇم ئايرىم - ئايرىم، ھىم ئېتىلگەن قاچىلاردا ساقلىنىشى ياكى ئايرىم ئىسكىلاتقا قويۇلۇشى، ئاسان بۇزۇلىدىغان يېمەكلىكلەر توڭلىتىلىپ، سوغۇق ساقلىنىشى كېرەك.

3) يېمەكلىكلەرنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈپ - چىقىرىشتا مەخسۇس ئادەم تەكشۈرۈپ، تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ۋاقتىدا ئەكىرىپ، ۋاقتىدا ئېلىپ چىقىش، ئالدىدا كىرگىنى ئالدىدا چىقىش، قەرەللىك ئىسكىلاتنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، يېمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش، ئۆزگىرىپ، كۆكىرىپ، قۇرتلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛ تازىلىق تەلىپىگە يەتمىگەن يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ تازىلىۋېتىش.

4) پىششىقلانغان، يېرىم پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئايرىم - ئايرىم ساقلاش، يېمەكلىكلەرنى خۇرۇچ ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ ساقلىماسلىق.

5) يېمەكلىك ئىسكىلاتىنىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ، شامال ئۆتكۈزۈش، قەرەللىك تازىلاپ، قۇرۇق ۋە پاكىز، رەتلىكلىكىنى ساقلاش.

6) خىزمەتچى خادىملار ئىش كىيىمى، بۆكىنى پاكىز، رەتلىك كىيىش، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش.

8. يېمەكلىكلەرنى سېتىش تازىلىق ئۆلچىمى

1) رېستوران، تېز تاماقخانىدا تاۋار ماركىسى، زاۋۇت ئىسمى، زاۋۇت ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى، ساقلاش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش. مال كىرگۈزگەندە مال تەمىنلىگۈچىدىن يېمەكلىك تازىلىق نازارەت ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن تەكشۈرۈش دوكلاتى نۇسخىسىنى ئېلىش، تاۋار ماركىسىنى بىر تەرەپتىن چاپلاپ بىر تەرەپتىن ساتىدىغان تاۋارلارنى قەتئىي كىرگۈزمەسلىك.

2) سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەر چوقۇم زەھەرلەنمىگەن، زىيانسىز بولۇشى، ئۆزگىرىپ قالغان، قۇرتلاپ كەتكەن، ساختا، ئارىلىشىپ قالغان ئارىلاشما، ساقلاش ۋاقتى ئۆتكەن ۋە باشقا يېمەكلىك تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە بەلگىلىمىسىگە يەتمىگەن يېمەكلىكلەرنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

3) پارچە يېمەكلىكلەرنى ساتقاندا چوقۇم چاڭ - توزان، چىۋىندىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش؛ ئىشلەتكەن ئەسۋابلار زەھەرسىز، پاكىز بولۇش، يېمەكلىكلەرنى گېزىتلەرگە ئورىماسلىق، پۇل بىلەن ئەسۋابلارنى ئايرىم قويۇش؛ خىزمەتتىن چۈشكەندە ئىشلەتكەن بارلىق ئەسۋابلارنى پاكىز يۇيۇپ، دېزىنفېسكىيىلەش.

4) خىزمەتچى خادىملار پاكىز رەتلىك ئىش كىيىمى ۋە بۆكى كىيىپ، تىرناق، چاچلىرىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىق، ساقال قويماسلىق، قىزلار بىلەزۈك، ئۈزۈك تاقىماسلىق، تىرنىقىغا لاك سۈرمەسلىك، مەشغۇلات ئۈستىدە تاماكا چەكمەسلىك.

5) ئىش پۇكىيى ئىچىگە باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى، يېمەكلىكلەرنى دۆۋىلەپ قويماسلىق.

9. يېمەكلىك سېتىۋېلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تازىلىق تۈزۈمى

1) سېتىۋېلىنىدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ھەم تەييار يېمەكلىكلەرنىڭ چوقۇم رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى نورمال بولۇش، بۇزۇلۇپ قالغان، ئۆزگىرىپ قالغان، كۆكىرىپ قالغان ھەم باشقا تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن يېمەكلىكلەرنى قەتئىي سېتىۋالماسلىق.

2) گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا مال دوختۇرلۇق تازىلىق ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغانلىرىنى كىرگۈزۈش، چوقۇم كارانتىن تامغىسى بولۇش.

3) ھاراق تۈرى، كونسېرۋا تۈرى، ئىچىملىك، سۈت يېمەكلىكلىرى، خۇرۇچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، چوقۇم تەمىنلىگۈچىدىن نۆۋەتتىكى تازىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لاياقەتنامىسى ۋە تەكشۈرۈش نۇسخىسىنى ئېلىش. ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ چوقۇم خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇش.

4) ئۆلچەملىك ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، تاۋار ماركىسىدا چوقۇم مەھسۇلات ئىسمى، زاۋۇت ئىسمى، زاۋۇت ئادرېسى، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى، ساقلاش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

5) توشۇش ماشىنىسى ۋە ئىدىشلار مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بولۇشى، يېمەكلىكلەرنى باشقا يېمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ توشۇش مەنئىي قىلىنىدۇ.

6) يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئىسكىلات باشقۇرغۇچى تەكشۈرۈپ، لاياقەتلىكلىرىنى كىرگۈزۈپ، لاياقەتسىزلىرىنى قايتۇرۇۋېتىشى كېرەك.

10. زىيانداش ھاشارەتلەردىن ساقلىنىش تازىلىق تۈزۈمى

1) مەشغۇلات ئۆيى ھەمدە ئىسكىلاتنىڭ ئاستى سىلىق، چاق - چۇق يېيىتىلغان بولۇپ، تۆت ئەتراپى ۋە ئىشىك ئاستىغا 50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە چاشقاندىن ساقلىنىش تېمى بېكىتىش.

2) چاشقان، سۈۋەرەك ھەمدە باشقا زىيانداش ھاشارەتلەر سېزىلغان ھامان چوقۇم يوقىتىش.

3) چاشقان ئۇۋىسى، سۇۋەرەك كۆپىيىدىغان ئورۇنلارغا ۋاقتىدا دورا سېلىش، تازىلاش ھەمدە قاتتىق ماتېرىياللار بىلەن ھىم ئېتىۋېتىش.

11. تازىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى

1) تازىلىق باشقۇرغۇچىلار چوقۇم ھەر كۈنى تازىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش.

2)  ھەرقايسى بۆلۈملەر ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش.

3) ئىدارە مەسئۇلى ھەر ئايدا بىر قېتىم تازىلىق تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش.

4) ھەرخىل تەكشۈرۈشلەردىن چوقۇم خاتىرە قالدۇرۇش.

5) ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە چوقۇم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ھەمدە مۇكاپات، جازا ئېنىق خاتىرىلىنىش.

6) يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، سېتىش، تىزىشتا ئىشلىتىدىغان ھەرخىل بىخەتەر ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى، ئەسۋابلىرى ھەمدە يېمەكلىك توشۇش ئەسۋابلىرى، سوغۇق ساقلاش، توڭلىتىش ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلۇپ قالسا دەرھال رېمونت قىلىش ھەم خاتىرە قالدۇرۇش، نورمال يۈرۈشۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش.

12. كەسپكارلار بەدەن تەكشۈرۈش، تەربىيىلىنىش تۈزۈمى

1) كەسىپكارلار ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن سەھىيە (تازىلىق) مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتكەن بەدەن تەكشۈرۈش ئورنىغا بېرىپ، بەدەن تەكشۈرۈتۈشى ۋە تەربىيىلىنىشى كېرەك.

2) بەش خىل يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كەسىپكارلار سېزىلسە دەرھال ئىشتىن توختىتىش كېرەك.

3) بەدەن تەكشۈرۈشتىن تازىلىق تەربىيىسىدىن ئۆتەلمىگەنلەرنى ئىش ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ.

4) كەسىپكارلار بەدەن تەكشۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى، تەكشۈرۈشكە تەييار تۇرۇشى شەرت.

13. يېمەك - ئىچمەك سەھىيە (تازىلىق) باشقۇرۇش ئارخىب تۈزۈمى

1) ئارخىپقا مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇشى، مەخسۇس ئادەم ساقلىشى كېرەك.

2) ئارخىپلار ھەر يىلى بىر رەت رەتلىنىشى كېرەك.

3) ئارخىپ مەزمۇنى: سەھىيە تازىلىق ئىلتىماسى ماتېرىيالى، سەھىيە ئورگىنى، ھەرخىل تۈزۈم، ھەرخىل خاتىرە، شەخسىي ساغلاملىق، تازىلىق بىلىملىرى تەربىيىسى، ئىسپات ماتېرىياللىرى، ئاشپەزلىك ئەسۋابلىرىنىڭ دېزىنفىكسىيىلىنىش خاتىرىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

14. يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى چوقۇم دۆلەت تەستىقلىغان تۈر ۋە رۇخسەت قىلىنغان دائىرە ئىچىدە ئىشلىتىلىدۇ.

2) يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى سېتىۋالغاندا خاتىرە قالدۇرۇپ ئارخىپ قىلىپ ساقلاش.

3) يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى مەخسۇس ئادەم ساقلاپ باشقۇرۇشى ھەم باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە ئاشپەزگە ئىشلىتىش دائىرىسىنى، مىقدارىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

4) يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى مەخسۇس ئىدىشتا، ئېنىق بەلگە قويۇپ ساقلىنىشى شەرت.

5) يېمەكلىكلەرگە قالايمىقان خۇرۇچ ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك.

6) يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.

15. ئۇن تائاملىرىدىن تەييارلاش تازىلىق تۈزۈمى

1) بۇغداي ئۇنى ۋە باشقا يىرىك ئاشلىقلارنىڭ چوقۇم تازىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك.

2) خېمىرتۇرۇچ، يېمەكلىكتە ئىشلىتىدىغان سودا قاتارلىق خۇرۇچلارنى ئىشلەتكەندە چوقۇم ئىسپاتى بولۇش.

3) ئۇندىن يېمەكلىك ياساش ئۆيىدىكى يۇيۇش كۆلچىكىنى گۆشلۈك، گۆشسىز كۆلچەك دەپ ئايرىلىشى ۋە ئېنىق بەلگە قويۇپ قويۇشى كېرەك.

4) ئۇندىن يېمەكلىك ياساش ئۆيىدىكى ئەمبەل گۆشلۈك، گۆشسىز دەپ ئايرىپ ئىشلىتىلىشى ۋە ئېنىق بەلگە قويۇپ قويۇشى كېرەك.

5) چوقۇم گۆش (قىيمىلىرى) قويۇلىدىغان مەخسۇس توڭلاتقۇ بولۇشى كېرەك.

6) ئۇندىن يېمەكلىك ياساش ئۆيىدە چوقۇم چىۋىن، چاڭ - توزان، چاشقان بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

7) پىششىقلاپ ئىشلەش خادىملىرى چوقۇم رەتلىك، پاكىز ئىش كىيىمى، بۆكى كىيىپ، شەخسىي تازىلىققا رېئايە قىلىشى، ئۈزۈك، بىلەزۈك تاقىماسلىق، تىرناقلىرىغا لاك سۈرمەسلىكى كېرەك.

8) ئۆي ئىچى تازىلىقىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش.

16. تورت، پىرەنىكلەرگە گۈل ياساش تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) گۈل ياساش ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن، كىيىم ئالماشتۇرۇش، قولىنى يۇيۇپ، دېزىنفىكسىيىلەش.

2) گۈل ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى چوقۇم رۇخسەت قىلىنغان تۈر ھەمدە رۇخسەت قىلىنغان مىقدار دائىرىسىدە ئىشلىتىش، قالايمىقان قوشماسلىق.

3) ھاۋانى قەرەللىك دېزىنفىكسىيىلەپ، ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش.

4) مەخسۇس گۈل ياساشقا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى قەرەللىك تازىلاپ، دېزىنفىكسىيىلەش، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش.

5) كەسىپكارلار چوقۇم پاكىز، رەتلىك، ئىش كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاش، قەرەلىك قول يۇيۇپ، دېزىنفىكسىيىلەش، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىق، تىرناقلىرىغا لاك سۈرمەسلىك كېرەك.

6) چىۋىن يوقىتىش، چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش، چاشقان يوقىتىش قاتارلىق تازىلىق ئۈسكۈنىلىرى تەييار بولۇش.

7) چوقۇم قەرەللىك ئۆي ئىچى تازىلىقىنى ئېلىپ بېرىش.

17. تاماق سېتىش (مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ) ئۆيى تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) كىيىم ئالماشتۇرۇش، قول يۇيۇپ دېزىنفىكسىيىلەش ئۆيىنى تەسىس قىلىش.

2) ھەر ۋاق تاماقتا سېتىلىدىغان تائاملار پاتقۇدەك يېمەكلىك ئۈستىلى، جازىسى ياسىتىش.

3) تاماق ئۇسۇلىدىغان ئىدىشلار بولۇش ھەم ئۇلارنىڭ بەلگىسى بولۇش.

4) پىششىق تائاملارنى ساتقاندا مەخسۇس چۆمۈچ ئەسۋابلار بىلەن ئۇسۇش، ئېلىش، قول بىلەن تۇتماسلىق.

5) بۇزۇلغان، پۇراپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ساتماسلىق.

6) تائام سېتىلىدىغان ئورۇن يېپىلىپ، ئېچىلىدىغان بولۇش، ئوچۇق تۇرۇشتىن ساقلىنىش.

7) تاماق سېتىش ئۆيىگە ماس كېلىدىغان ئولتۇرا بىنەپشە رەڭلىك دېزىنفېكسىيىلەش چىرىقى ئورنىتىش، قەرەللىك چىراقنى ياندۇرۇپ دېزىنفىكسىيىلەش.

8) تاماق ساتقۇچىلار پاكىز، رەتلىك ئىش كىيىمى، بۆكى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، شەخسىي تازىلىققا رېئايە قىلىشى، مەشغۇلاتتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيىلىشى كېرەك.

18. كاۋاپ تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) مال سويىدىغان، پارچىلايدىغان، قىيما قىلىپ زىققا ئۆتكۈزىدىغان ئۆيلەر ئايرىم - ئايرىم بولۇشى كېرەك.

2) ئىشلىتىدىغان مال، قۇش گۆشلىرى چوقۇم مال دوختۇر، كارانتىن ئورۇنلىرىنىڭ لاياقەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى.

3) كاۋاپقا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچ تېتىقۇلار چوقۇم سەھىيە (تازىلىق) نازارەت ئورۇنلىرىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتكەن بولۇشى، نىتىروئوس كىسلاتالىق تۇزلىرىنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ

4) مال، قۇش گۆشلىرىنىڭ قان، بەز، يۇلۇن، كارانتىن تامغىسى، قىللىرىنى تەلتۆكۈس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىشى كېرەك.

5) كاۋاپ تەييارلايدىغان ئۆينىڭ قول يۇيۇش تازىلىق دېزىنفېكسىيە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇش.

6) گۆش پارچىلايدىغان، قىيما قىلىدىغان دۆشە، ئەمبەل، زىق، كاۋاپدان، پىچاقلارنى ھەر قېتىم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ دېزىنفېكسىيىلەش.

7) كاۋاپنى پىشۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇش، ئايرىم ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش، خام، پىششىق گۆشلەرنى بىرگە قويۇشتىن ساقلىنىش.

8) چىۋىن، چاڭ - توزان، چاشقاندىن، پۇراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولۇش.

9) كەسىپكارلار چوقۇم پاكىز، رەتلىك ئىش كىيىمى كىيىپ ماسكا تاقاش، شەخسىي تازىلىققا قەتئىي دىققەت قىلىش.

19. قازان - قۇمۇچ، قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش تازىلىق تۈزۈمى

1) مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇش.

2) يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش ئۆيىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى چوقۇم تىجارەت كۆلىمى بىلەن ماسلىشىش.

3) يۇيىدىغان، تازىلايدىغان، چايقايدىغان ئۈچ كۆلچەك تەييارلاش ھەمدە بەلگە قويۇش.

4) قىزىتىپ دېزىنفىكسىيىلەش ئۈسكۈنىلىرى يېتەرلىك بولۇش، چىنە - قاچىلار ھەربىر تاماقتىن كېيىن بىر رەت يۇيۇلۇپ، دېزىنفىكسىيىلىنىشى كېرەك.

5) ھىم ئىتىلىدىغان چىنە - قاچا ئىشكابىنىڭ سانى يېتەرلىك بولۇش.

6) قىزىتىپ، يۇقىرى تېمپېرارىدا دېزىنفېكسىيىلەشكە بولمايدىغان چىنە چاقىلىرىنى دورا بىلەن دېزىنفېكسىيىلەش مۇقىم ئۆيى بولۇش، دورىنى ۋاقتىدا، نورمال تەڭشەپ دېزىنفىكسىيىلەش، چايقاش، پاكىزلىقنى ساقلاش.

20. خام ماتېرىيال سېتىۋالغاندا ئىسپات ئېلىش تۈزۈمى

1) يېمەك - ئىچمەككە ئىشلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئىسپات ئېلىش كېرەك.

2) ئىسپات ئېلىشقا تىگىشلىك يېمەكلىك تۈرلىرىدىن گۈرۈچ، ئۇن، ماي، ھايۋانات، قۇش گۆشلىرى، ئۆلچەملىك ئوراپ قاچىلانغان كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر، سەي - كۆكتات، موگۇ (زەمبۇرۇغ) تۈرى، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، ھاراق تۈرى، ئىچىملىك، سۈت يېمەكلىكلىرى قاتارلىقلار بار.

3) ئىسپات ئالىدىغان مەنبەلەر: ئىناۋەتلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىلەن مەھسۇلات تازىلىق تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىقىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ چوقۇم خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلۈشى ھەمدە ئالاقىدار ئىسپاتى بولۇشى.

4) يېمەكلىك ئىسپات ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈشكە تەييار تۇرۇش.

5) ئىسپاتنى مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇشى شەرت.

21. ئىشلەتكىلى بولمايدىغان مايلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى

1) ئىشلەتكىلى بولمايدىغان مايلارنى چوقۇم دۆلەتنىڭ «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئىشلەتكىلى بولمايدىغان مايلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن باشقۇرۇش.

2) تاشلاندۇق مايلارنى چوقۇم مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇش.

3) تاشلاندۇق مايلارنى چوقۇم «تاشلاندۇق ماي» دەپ يېزىلغان، بەلگە قويۇلغان ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان ئىدىشلاردا ساقلاپ بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىۋېتىش.

4) تاشلاندۇق مايلارنى پەقەت تاشلاندۇق مايلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئورۇنلارغا تاشلاندۇق مايلارنى مەخسۇس يىغىپ ساتىدىغان ئورۇنلارغا سېتىپ بېرىش كېرەك.

5) تاشلاندۇق مايلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم ئارخىپ تۇرغۇزۇش، سېتىلغان ۋاقتى، تۈرى، سانى سېتىۋالغان ئورۇن، ئىشلىتىش ئورنى، ئالاقىلاشقۇچى ئادەم ئىسمى، تېلېفۇنى، ئادرېسى، مال ئالغان ئادەمنىڭ ئىمزاسى قاتارلىقلار تەپسىلىي خاتىرىلىنىشى ھەمدە ئۇزاق ۋاقىتقىچە ساقلىشى كېرەك.

6) تاشلاندۇق مايلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت جەريانى تۆۋەندىكى تازىلىق تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت:

1. ئىچكى - تاشقى مۇھىتى پاكىز بولۇش، چىۋىن، چاشقان، سۈۋەرەك ۋە باشقا زىيانداش ھاشاراتلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپىيىش شارائىتىنى يوقىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغان بولۇش، زەھەرلىك، زەرەرلىك نەرسىلەر بار ئورۇن بەلگىلەنگەن يىراقلىقتا بولۇش؛

2. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش كارخانىلىرىدا مەھسۇلات تۈرى ۋە مىقدارىغا يارىشا يېمەكلىك خام ماتېرىيالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان، پىششىقلايدىغان، ئورايدىغان، قاچىلايدىغان، ساقلايدىغان ئۆي ياكى ئورۇن بولۇش؛

3. دېزىنفېكسىيىلەش، كىيىم يەڭگۈشلەش، يۇيۇنۇش، نۇر چۈشۈرۈش، يورۇتۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا، چىرىشتىن، چاڭ - توزاندىن، چىۋىندىن، چاشقاندىن ساقلىنىشقا، يۇيۇش، يۇندا چىقىرىش، ئەخلەت ۋە تاشلاندۇق تۆكۈشكە كېرەكلىك مۇناسىپ ئەسلىھەسى بولۇش؛

4. ئۈسكۈنىلەرنىڭ جايلىشىشى، ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپى مۇۋاپىق بولۇش، پىششىقلىنىدىغان يېمەكلىك بىلەن تەييار يېمەكلىكنىڭ، خام ماتېرىيال بىلەن تەييار يېمەكلىكنىڭ، خام ماتېرىيال بىلەن تەييار مەھسۇلاتنىڭ بىر - بىرىنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىش، يېمەكلىكنى زەھەرلىك ۋە پاسكىنا نەرسىلەرگە يولاتماسلىق؛

5. قاچا - قۇچىلار ۋە بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك قاچىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پاكىز يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش، قازان - قۇمۇچ، سايمانلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇپ، تازىلاپ، پاكىز ساقلاش؛

6. يېمەكلىك ساقلىنىدىغان، توشۇلىدىغان، قاچىلىنىدىغان ۋە چۈشۈرۈلىدىغان قاچىلار، ئورالمىلار، سايمانلار، ئۈسكۈنىلەر ھەم ئۇنىڭ شارائىتى بىخەتەر، زەرەرسىز، پاكىز، يېمەكلىكنى بۇلغىمايدىغان بولۇش؛

7. بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكنى ئەپلىك قىلىپ قاچىلاش ياكى زەھەرسىز نەرسە بىلەن ئوراش - قاچىلاش؛

8. يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە يېمەكلىك تىجارەتچىلىرى پاكىز يۈرۈش، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان چاغدا قولىنى پاكىز يۇيۇش، ئۇستىۋېشىغا پاكىز ئىش كىيىمى كىيىش، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك ساتقاندا مال سېتىش سايمىنى ئىشلىتىش؛

9. ئىشلەتكەن سۇ شەھەر، يېزىدا ئىچىدىغان سۇنىڭ تازىلىقى توغرىسىدا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش؛

10. ئىشلەتكەن يۇيۇش، دېزىنفېكسىيىلەش دورىسى ئادەمگە خەتەرسىز، زەرەرسىز بولۇش، سەھىيە تارماقلىرى بېكىتكەن بولۇش.

يېمەكلىك يايمىچىلىرىنىڭ ۋە شەھەر، يېزا بازارلىرىدا يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ۋە تىجارىتىدە رىئايە قىلىدىغان تازىلىق تەلىپى توغرىسىدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

تۆتىنچى، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ:

1. بۇزۇلغان، ئېچىغان، كۆكىرىپ قالغان، قۇرۇتلىغان، مەينەتلىشىپ كەتكەن، باشقا نەرسە ئارىلىشىپ قالغان ياكى ئادەمگە ياقمايدىغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىكلەر؛

2. تەركىبىدە زەھەرلىك، زەرەرلىك ماددىلار بولغان ياكى زەھەرلىك، زەرەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىكلەر؛

3. تەركىبىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان پارازىت قۇرۇت ۋە مىكرو ئورگانىزم بولغان ياكى مىكرو ئورگانىزم تەركىبىدىكى زەھەر مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛

4. تازىلىقى مال دوختۇرلۇق تازىلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە توشمىغان گۆش ۋە ئۇنىڭدىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر؛

5. ئاغرىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي قۇشلىرى، چارۋا ماللار، ياۋايى ھايۋانلار، سۇ ھايۋانلىرى ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر؛

6. قاچىلار ۋە ئورالمىلارنىڭ مەينەتلىكى، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىدىن ياكى توشۇش قوراللىرىنىڭ مەينەتلىكىدىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەر؛

7. يالغان ۋە باشقا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان، ساختىلىق بىلەن ئىسلىنىپ ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتىگە ۋە پاكىزلىكىگە تەسىر يەتكەن يېمەكلىكلەر؛

8. يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىدىن باشقا نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن، يېمەكلىككە ئىشلەتمەيدىغان خىمىيىلىك ماددىلار ئىشلىتىلگەن ياكى نامى سۈيئىستېمال قىلىنغان نەرسىلەر؛

9. سۈپەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛

10. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، سېتىشنى مەنئى قىلغان يېمەكلىكلەر؛

11. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىشلىتىشنى تەستىقلىمىغان خۇرۇچ ئىشلىتىلگەن يېمەكلىكلەر ياكى تەركىبىدىكى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقى دۆلەت رۇخسەت قىلغان مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛

12. يېمەكلىك تازىلىقىغا ئائىت ئۆلچەم ۋە تەلەپكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا يېمەكلىكلەر؛

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 11:40 AM  


[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 12:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرلا ۋاقىتتا مانا ھەممىسى دەپ ھەممە بىلىملەرنى يوللاپسىز مانا.لىكىن راسلا رەھمەت ئىيتىمەن.بۇ ماترىياللار ماڭا لازىم ئىدى.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95177
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1699
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 03:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېيما يوللاپسىز ؟ رەخمەت سىزگە ئۇلۇغ اللاھ تىنېڭىزنى سالامەت قىلسۇن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 07:58:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈتكۈچى !!!

- خوش ئەزىز مىھماننىڭ خىزمىتىگە كەمىنە خىزمەتكارلىرى قولىمىز كۆسىمىزدە !!! -قىنى ئەزىزەم   كۆڭۈللىرى قايسى غىزغا تارتىدىكىن ؟!!!


  مىھمان :


  -  بولسا ماڭا ئىغىر ئالماي ئۆز بىك پولىسىدىن بىر كىشلىك ، تۆت زىخ كاۋاپ ، بىر پىيالە قىتتىق ، بىر تەخسە خام سەي چىقىرىپ بەرگەن بولسىڭىز !!!


  كۈتكۈچى :


  - ئەلۋەتتە خىزمەتلىرىدە تەييارمىز ئەزىز مىھمانىمىز . قىنى  رستۇرانىمىزنىڭ ئۆزگىچە دورلۇق چىيدىن بىر پىيالە ئىچكەچ تۇرسىلا . كەمىنە خىزمەتكارلىرى دىگەنلىرىنى  ھازىرلا بەجا كەلتۇرەي .

  - كۈتكۈچى :

  -  مانا ئەزىز مىھمان ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان ئېسىل تائاملىرى كەلدى . تاماققا ئىغىز تەككەيلا . تاماققا ئىغىز تەككەچ  تامىقىمىزنىڭ تازىقى ، سۈپىتى ، تەمى  ، ياكى رىستۇرانىمىزنىڭ تازلىقى ، مۇلازىمىتى .... جەھەتتىكى بەزى بىزلەر بايقاپ يىتەلمىگەن يىتەرسىز تەرەپلىرىمىز بولسا دادىللىق بىلەن مۇنۇ پىكىر دەپتىرىگە يىزىپ  خاتىرە قالدۇرۇپ قويۈشلىرىنى   سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنىمىز .


   ............. كۆرۈڭ ماۋۇ ئىشنى . مىھمان كىردى ، تاماق بۇيرۇتتى ، تاماق كەلدى مۇشۇ ئارلىقتا سىز تىلغا ئالغان  85 كىلومىترلىق ئۇزۇلىقتا بايان قىلنىغان تائام چىقرىش ۋە مىھمانى كۈتۈش ھەققىدىكى دەرىسلەر ئەمەلىي ئورۇنلاپ بولدى دەيلى .

  ئاشپەز بولماق تەسمۇ نىمە مۇنبەرداشلار .

   بولسا مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىز-ئاياللار ئاڭلاپ قالمىسكەن دەيمەن . بولۇپمۇ مەن مەن .

ئۇلار ئاڭلىۋالسا ئۆزلىرىنىڭ تاماق ئىتىش جەھەتتە قانچىلىك بەدەل بىلەن خىزمەت قىلدىغانلىقى توغۇرلۇق تولا كوتۇلداپ ئەرلەرنىڭ بىشىنى يامان ئاغىرتىپ قويدۇ .
  
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 07:59 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش