ئاكتىپ ئەزا
گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە يوللارنىڭ تارىنى ئۈزدى بورانلار ، دەرەخنىڭ بىلىكى كەتمەكتە چىقىپ . ئاسماننىڭ كۆزىدىن تۆكۈلدى يامغۇر ، گۇگۇملار شىلدىرلاپ كېلىدۇ ئېقىپ . شەپەقنىڭ قورسىقى كەتتى كولدۇرلاپ ، يورۇقلۇق قاچماقتا پېشىنى قېقىپ ، ئۈندىدار ئوينايدۇ ئەركە بۇلۇتلار، كەچقۇرۇن كېلىدۇ شىمىشكە چېقىپ . بەك يۇمشاق چاپلىشار باغنىڭ كىرپىكى ، مىۋىلىك دەرەخلەر بالا ئىمىتەر . بۇلبۇللار ناخشىغا قىلىپ تەييارلىق، شاخلارنىڭ قولىدا سەكرىشىپ كېتەر . يۇلتۇزلار لىغىرلاپ تۇرار ئاسماندا ، تولۇنئاي توساتتىن توختىماي كۈلەر . سۆيگەندە شەبنەملەر ئەندىكىپ قويۇپ، چۆپلەرنىڭ قوينىدا چۈشلەر لۆمۈلدەر ھېجران خالتىسى تامچىلاپ تۇرار ، زارىققان كۈتۈشلەر سانار يۈزگىچە، شاماللار تىلىدا يەڭگىل پىچىرلاپ ، گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە . جاندارلار كېچىدە باشلار كەچكۇرۇس، ساۋادلىق شەپەرەڭ ئوقور خېتىنى . ھەر كىمنىڭ نۆۋىتى ساقلار ئۆچىرەت، مۇشۇنداق قاينايدۇ رېتىمى . ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن
ئۈمىدلىك ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئالىي ئەزا
دائىملىق ئــەزا
سەنەمجان
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ