دەرۋازا ئالدىدا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' e! R w1 M ^4 l7 R9 @# X( B2 C
ھېكايە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Q5 Z6 {# L/ a+ {3 R+ p6 x6 Qقويۇپ بېرىش ۋاقتى توشقان بولسىمۇ بالىلار تېخى قويۇپ بېرىلمىگەن—دەرۋازا ئېچىلمىغان ئىدى.شۇڭا باغچا دەرۋازىسى ئالدىغا خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار يىغىلىپ قالغان ئىدى.
—ھەجەپ ئۆچ بولدۇم مۇشۇ مالىملارغا. بىر كۈنى بولسا،ئادەم كېلىپ بولغىچە بالىلارنى قويۇپ بىرىپ ساقلاپ تۇرغان. بىر كۈنى بولسا ۋاقتىدا قويۇپ بەرمەي ئادەمنى ساقلاتقان.بالا توشۇشتىن باشقا ئىشىمىز يوقتەك بىزنىڭ،—ئوتتۇز ياشلار چاممىسىدىكى تولغان،سىمىز بىر ئايال توختىتىپ قويغان توكسىكىلىتىدا يېنىچە ئولتۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىقىدىكى ئالتۇب ھالقىسى بىلەن بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى،—ئائىلىدىن ئادەم كەلگەندىن كېيىن قويۇپ بەرسە بولمامدۇ دەيمەن،بالىلارنى كەچكىچە سولىۋالماي.
—شۇئەمەسمۇ،—ئۇچۇسىغا كۆك رەڭلىك گاڭسار كىيىۋالغان،قولىدىكى چوڭ ئېكىرانلىق تېلېفون بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بىر يىگىت ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى،—بەش-ئون مىنۇت ئېلىپ قېلىپ قويۇپ بەرگىنىنىڭ نېمە پايدىسى بار.
سىمىز ئايال سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
—مەن بالامنى بالىلار باغچىسىغا بەرگەندىن بۇيان ئۈچ مالىمنى يۆتكىتىۋەتتىم. بىرسى بالامنى چۈشتە «ئۇخلاڭ!» دەپ ۋاقىراپ قورقىتىۋېتىپتۇ.ئۇنى يۆتكىتىۋەتسەم،ئورنىغا كەلگەن مالىم كۆزۈمگە كۆرسىتىپ كىچىككىنە بالىنى«يەرگە تاشلىغان ئەخلەتنى تىرىپ شۈپەك ساندۇقىغا تاشلاڭ»دەپ ئىشقا بۇيرىۋاتىدۇ. «ئۆزەڭ بىر چاشقاندەك بالا تۇغۇپ چوڭ قىلىپ ئاندىن،ئىشقا سال»دەپ تىللاپ تۇيغۇزۇپ قويدۇم.ئۇنى يۆتكىتىۋەتكەندىن كېيىن كەلگەن مالىم بالامغا ئاران بىر تال تۇخۇم،بىر خالتا سۈت بېرىپتۇ. بالام«تويمۇدۇم»دېسە«ئۆيۈڭگە بارغانداتويىسەن»دەپتۇ. ئۇنىمۇ شۇجىغا دەپ 12-دادۈيگە يۆتكىتىۋەتتىم.
—ھۆكۈمەت بەرگەن يىمەكلىكلەر بولغاندىن كېيىن بالىلارغا ھەر كۈنى تويغىچە بەرسە بولمامدۇ.
—بىكارلىق سۈت،تۇخۇم بىرىدۇ،تاماق بىرىدۇ،دېمىسەك بالىلارنى كۈندە بۇ يەرگە توشىمىساقمۇ مەھەللىدە ئۆزى ئوينىيالايدۇ.
—سىلە بالىلىرىنى يىيىش،ئىچىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە ئەكىلاملا؟—دىدىم مەن بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىدىن بىزار بولۇپ.
—سىز نېمىشقا ئەكىلىسىز؟!—ياندۇرۇپ سورىدى ئۇ مەندىن. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىشەملىك چىقىپ تۇراتتى.
—مەن بالامنى باشقا بالىلار بىلەن ئوينىسۇن،مەكتەپكە كۆنسۇن،قائىدە ئۆگەنسۇن،دەپ ئەكەلدىم.
—ئۇنداقتا سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ يەيدىغان،ئىچىغان ئاغزى يوق بالىكەن-دە!
مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ بولغىچە بىنانىڭ ئىشىكىدىن بالىلار چۇقان سېلىشىپ يۈگۈرشىپ چىقتى. دەرۋازىۋەنمۇ دەرۋازىنى ئېچىۋەتتى. ئاتا-ئانىلار قورۇ ئىچىگە ئالدىراش مېڭىشتى.
—ئاپا!!—بەش-ئالتە ياشلار چاممىسىدىكى بودەك بىر ئوغۇل بالا سىمىز ئايالنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ قولىغا ئېسىلدى.
—ھە بالام،بۈگۈن نېمە يىدىڭلار،نېمە ئىچتىڭلار؟
—تۇخۇم يىدۇق،پىچىنە يىدۇق،پولۇ ئاش يىدۇق.ھە…يەنە تاتلىق ياڭيو يىدۇق،سۈت ئىچتۇق.
—تاتلىق ياڭيو يىدۇق؟!تۇخۇم تۈرمىلى،باقالى بەرمىدىمۇ بۈگۈن؟
—تۇخۇم تۈرمىلى بەرمىدى.باقالى بەردى.
—تويغىچە بەردىمۇ؟
—تويغىچە بەردى.
—مالىم تىللىدىمۇ؟
—ياق،تىللىمىدى.
—باللا تىلىدىمۇ؟
—ياق،تىللىمىدى.
—ھازىر قورسىقىڭ ئاچتىمۇ بالام؟
—ئاچتى.
—نېمە يەيسەن؟
—كاۋاپ يەيمەن.
—ھە ماقۇل بالام،مەن ساڭا ھازىرلا كاۋاپ ئېلىپ بىرەي.
سىمىز ئايال مۇئەللىمگە ئىسمىنى يازغۇزۋېتىپ بالىسىنى توكسىكىلىتقا مىندۈرۈپ ئېلىپ كەتتى.
شۇ ئەسنادا دەرۋازا ئالدىغا 25ياشلار چاممىسىدىكى ئادەتتىكىچە كىيىنگەن بىر چوكان ۋېلىسپىتلىق كەلدى. قارىغاندا ئۇ يولدا كەلگۈچە خېلى جىددىيلەشكەن بولسا كېرەك،پېشانىسى ۋەئېلىپتەك تۈز بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى.ئۇ ۋېلىسپىتىنى توختىتىپ ئالدىراپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى.
—ئاپا!!—بېشىغا كىيىۋالغان بادام دوپپىسى بىلەن ئۈستىگە كىيىۋالغان كانۋاي كۆڭلىكى تولىمۇ ياراشقان تۆت-بەش ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە چوكاننىڭ قوچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى.
—بۈگۈن نېمە ئۆگەندىڭلار بالام؟-دېدى چوكان ئوغلىنىڭ پېشانىسىنى مېھرى بىلەن سىلاپ.
—سان يېزىشنى ئۆگەندۇق.ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەندۇق.ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگەندۇق.
—قايسى ساننى يېزىشنى ئۆگەندىڭلار؟
—سەكسان،سەكسانبىر،سەكسان ئىككى…
—مۇئەللىم ئۆگەتكەن ساننى يازالايدىغان بولدىڭىزمۇ بالام؟
—ھەئە،يازالايدىغان بولدۇم.
—ياخشى!ئەمسە ئۆيگە بارغاندا ماڭا يېزىپ بېرىڭ.ماقۇلمۇ بالام؟
—ماقۇل. ئاپا،مۇئەللىم ئۆگەتكەن ناخشىنىمۇ ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
—ماقۇل بالام،ئۆيگە بېرىپ ئېيتىپ بېرىڭ.ھازىر ئىسمىڭىزنى يازدۇرۋېتىپ ئۆيگە قايتىلى.
…..
مەن بالامنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگۈچە ھېلىلا كۆرگەن ئىككى ئانىنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.
(تۈگىدى)
ئى.