مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1998|ئىنكاس: 14

دەسمايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1305 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 04:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(1) دەسمايە
-بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ خاتالىقىڭىز!، سىز ماڭىمۇ، ئۆزىڭىزگىمۇ قىلدىڭىز! ئويلاپ بېقىڭ سىزنىمۇ بىر ئەركەك دىگىلى بولامدا؟ قاراپ بېقىڭە بىزنىڭ تۇرقىمىزغا شېركەتتىن! پۇلدىن! ھوقۇقتىن! ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم بولدۇق.
بىزنىڭ ھازىر كوچىدىكى يالاڭتۆشلەردىن نېمە پەرقىمىز؟ مەن سىزنى كەچۈرمەيمەن! ھەرگىز كەچۈرمەيمەن! سىزنى چوقۇم بۇ بالىلارچە قىلمىشىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزىمەن! ،-ئاننا توختىماي چالۋاقايتتى. ۋەھالەنكى مېنىڭ ئۇنىڭ چالۋاقاشلىرىغا پەرۋايىم پەلەك ئىدى. مېنىڭ قورسىقىم ناھايىتى ئېچىپ كەتكەنىدى. سوتنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن ماڭا تاماق يىگۈدەكمۇ ئارام بولمىغانىدى. ھە راس ئۇنىڭمۇ شۇنداق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كويىغا كىردىم. ۋەھالەنكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىرىنچى توساق، دەل ئاننا ئىدى.
-سىزگە قايىل بولدۇم، ھازىرغىچە تاماق يېمىگەن تۇرۇقلۇق، توختىماي كاپشىيالاۋاتىسىز. ئەگەر خالىسىڭىز بىرگە تاماق يەيلى. مېنىڭ ھامبورگ يىگۈم كېلىۋاتىدۇ. قانداق مەيلىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر ئاشخانىغا بارغىچە، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماڭسىڭىز، سىزگە مۇكاپات سۈپىتىدە ياڭيۇ قەلەمچىسى ئېلىپ بېرىمەن.،-دىدىم ئۇنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ.
-ئەلۋەتتە يەيمەن. سىزنىڭ مېنى ۋە ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىش بەدلىگە ئېرىشكەن توي خېتى قولىڭىزدا تۇرۇپتۇ. سىزنىڭ مېنى بېقىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار. لىكىن سىز دىگەن ھازىر بىر يالاڭتۆش!!! سىزنىڭ پۇرتمالىڭىزدىن تارتىپ بانكىدىن ئېلىپ كەتتى. سىز ۋەيران بولدىڭىز!!ھا..ھا...ھا!! سىز يالاڭتۆشنىڭ خوتونىغا تاماق ئېلىپ بەرگۈدەكمۇ پۇلى يوق!! ھا!ھا!ھا! سىز مېنى باقالمىغاندىكىن ھازىرلا نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىمەن!! سىز مەرەزدىن مەڭگۈ قۇتۇلىمەن!!!،- ئۇ زىياننىڭ دەردىدە ئېلىشىپ قالايلا دەپ قالغانىدى.
-قاراڭ ئاننا، ئەگەر ۋەيران بولدۇم دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز. لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن، سىزنى بېقىشمۇ مەن ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئاجرىشىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز ئۇخلىماي چۈش كۆرمەڭ. مەن دادامنىڭ ۋەسىيىتىنى دەپلا سىز بىلەن توي قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم سىز بىلەن ئاجراشمايمەن.
ئەمەلىيەتتە سىز قانداق ئويلاڭ  مەن ئۈچۈن بەرىبىر. لېكىن نەگە بارىمەن دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. مەن سىزنىڭ نىكاھىمىزغا خائىنلىق قىلمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. لېكىن بىز نىيۇيوركتا ئەمەس. بەلكى ئۈرۈمچىدە.  سىزدەك سېرىق چاچلىق، پەقەت كېنولاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان   نازىزنىن قىز ئۈچۈن بۇ يەرنى ئانچە بىخەتەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.  ئەگەر يەنە قاىل بولمىغان بولسىڭىز ئاۋۋال تاماق يەۋېلىپ ئاندىن كاپشىڭ،- دىدىمدە ئۇنىڭ قولىدىن يىنىك تارتىپ، ئۇنى باشلاپ ماڭدىم. قورساقنىڭ گېى چىققاندىن كېيىن، قورسىقى ئېچىشقا باشلىدىمۇ ياكى قىشىمدا پۇلنىڭ يوقلىقىنى بىلگەچكە، قېنى ھالىڭنى كۆرىمەن دەپ ئويلىدىمۇ بىلمىدىم ئۇ قولۇمنى سىلكىۋەتكەندىن كېيىن، ھومايغىنىچە، كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭدى. مەن ئۇنى باشلىغىنىمچە ئۇدۇل خەلق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى مەخسۇس چەت ئەللىكلەر پىركازچىكلىق قىلىپ،داڭلىق ماركىلىق بويۇملارنى ساتىدىغان سودا ساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختۇدۇم. ئۇ ماڭا مەسخىرە مەنىسىدە قاراپ تۇراتتى.
-سىزنىڭ مۇشۇ يەرگە بىر ئېغىز گەپ قىلماي كەلگەنلىكىڭىزدىن ئىنتايىن مەمنۇنمەن. نەق گەپكە كەلسەك سىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بىزدە ھازىر پۇل يوق. لىكىن بىزدە دەسمايە بار، بۇ دەسمايىنى پۇل قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئازراق ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن. ئەگەر ياردەم قىلىشنى خالىمىسىڭىز، تاماق ۋاقتى يەنە 4 سائەت كەينىگە سۈرىلىشى مۇمكىن. بۇنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ، مەن ئاچلىققا خېلى چىدايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز گەپ قىلىمەن.....
-بولدى، بولدى...تىلىڭىزنى چاينىماي گاچ گەپ قىلىڭ. مېنىڭمۇ سىزدەك ئادەمنىڭ تامىقىنى بىكارغا يىگۈم يوق. قېنى ئۇ دەسمايە؟،- دىدى ئۇ قاپاقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ. ئۇنىڭ قورسىقى راسا ئاچقان بولسا كېرەك.
-مانا....،-دېدىممەن ئۇچامدىكى ئەرزان باھالىق چاپاننى قولۇمغا ئېلىپ.
-نېمە؟...مۇشۇ ئەرزان باھالىق، ماركىسى ساختا، تېخى ئىسسىقتا ئۇچىڭىزغا كىيىپ تەر پۇرىتىۋەتكەن چاپىنىڭىزنى دەسمايە دەۋاتامسىز؟،- ئۇ بىگىز بارمىقى بىلەن چاپىنىمنى كۆرسۈتۈپ، كۆزلىرىنى يۇمۇشتۇرغىنىچە، مېنىڭ ‹‹دەسمايەم››نىڭ بارلىق ئەيىبىنى تاپماقچى بولىۋاتاتتى. لىكىن مېنىڭ داۋاملىق بۇلارنى ئاڭلاشقا تاقىتىم يوق ئىدى.
-قاراڭ ئاننا. مالنىڭ باھاسىنىڭ قانداق بولىشىنى مالنى كىمنىڭ سېتىشى، قانداق سېتىش بەلگىلەيدۇ.  مەن دەل مۇشۇ يەردە، مۇشۇ چاپاننى دەسمايە قىلىپ، بۇندىن كىيىنكى پۈتۈن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىم كېرەك، ئەڭ ياخشىسى سىز يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا سۈپىتىڭىزنى ساقلاپ، ماڭا ئاكتىپ ماسلىشىڭ،-دىدىممەن گەپنى ئۈزۈپلا.
-لىكىن سىز قىلماقچى بولغان بۇ سودىدا ھېچقانچە ئەمەلى ئۈنۈم مەۋجۈد ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بۇ ئەسكى چاپاننى مۇشۇ ھەشەمەتلىك ساراينىڭ ئالدىدا ساتماقچى بولغانلىقىڭىز ئىقتىسادى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈپتىن خاتا. سىز ھېچ بولمىغاندا بۇ چاپاننى نامراتلار مەھەللىسىدە ساتسىڭىز بولاتتى. ھېچ بولمىسا ئىككى بولكىنىڭ پۇلى چىقاتتى. بۇ يەردە بۇ چاپاننى سېتىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى خالاس!،- ۋەھالەنكى بۇ كىچىككىنە ئىقتىسادى رىئاكسىيە بۇ ئىقتىسادشۇناس قىزنىڭ نېرۋىسىنى بىردەمدە خېلىلا غىدىقلاپ بولغانىدى.
-قاراڭ ئاننا، سىزنىڭ خارۋارددا ئۆگەنگەن بۇ ئاقماس نەزىرىيەرىڭىزنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاقتۇرىمەن دېمەڭ.
بۇ يەردە سىز ئويلاشمىغان بىر مەسىلە مەۋجۈت. بۇ چاپان مېنىڭ. قانداق سېتىش، نەدە سېتىش مېنىڭ ئىختىيارىم.
سىز تاللاشقا تىگىشلىك مەسىلە پەقەت ماڭا ياردەملىشىپ تاماقنى ھازىر يەمسىز؟ ياكى بىرەر يەردە بىر نەچچە سائەت مېنىڭ پۇل تېپىپ قايتىپ كېلىشىمنى ساقلامسىز؟،- ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئامالسىز مېنىڭ پىلانىمنى ئاڭلاپ بېقىشقا ماقۇل بولدى ۋە يەنە بىرمۇنچە خىزمەت ئىشلەشلەردىن كېيىن مېنىڭ پىلانىمنى بىر قېتىم سىناپ بېقىشقا ماقۇل كەلدى. ھازىر بولسا ھەممە ئىشلا پۈتۈپ ‹‹سودا››غا كىرىشىپ كەتتۇق.
    نىنا توختىماي چاپاننى ماڭا ئىتتىرەتتى، مەن  ‹‹چاپاننىڭ ئىككىلا تاش يانچۇقى بارلىقىنى ئۆزەڭلار ئوچۇق دېمىگەن تۇرساڭلار. مەن نېمىشقا سىلەرگە تۆلەم تۆلىگۈدەكمەن؟ ›› دەپ چاپاننى ئۇنىڭغا ئىتتىرەتتىم. ئويلىغىنىمدىكىدەك بۇ گۈزەل نازىنىن بىلەن بىر ئاۋارە يىگىتنىڭ دە-تالىشى بىر دەمدىلا، چەت ئەللىكلەرنى يەكلەيدىغانلارنىڭ، چەت ئەللىككە چوقۇنىدىغانلارنىڭ ۋە ئېسىل بويۇملاردىن ئۆزىنىڭ بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىش ھېس قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دېھقىتىنى تارتىپ، ئەتراپىمىزغا ئادەم ئولاشتى. كىشىلەر مەن رازى بولغىدەك توپلاشقاندىن كېتىن مەن سودىنى كولمىناتىسىيە پەللىسىگە يەتكۈزۈپ،ئاننانى يىقىلمىغىدەك دەرىجىدە ئىتتىرىپ قويدۇم.ئوتتۇرا قولدەك بىر ئەركىشنىڭ چىۋىقتەك  بىر چەت ئاللىك نازىنىنى قوپاللىق بېلەن ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن خالايىق، چىداپ تۇرالماي، يۈگرۈپ ئالدىمغا كەلگىنىچە  مېنى بىر يانغا ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئاننانى يۆلەپ ئاخىرى   ئۆزى كۆرۈۋاتقان بۇ كىنوغا ‹‹ئارتىست›› بولۇپ كىردى. ئاننا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇلارغا مېلىمىزنىڭ ئېلانىنى بېرىشكە باشلىدى.
-بۇ چاپاننى كارخانىمىزنىڭ ئىتالىيەلىك مەشھىۇر تىككۈچىسى تىككەن ئىدى.  تۈنۆگۈن بۇ ئەپەندىم چاپاننى ياقتۇرۇپ قالدىم دەپ 68مىڭ يۈەنگە ئېلىپ كەتكەنىدى. بۈگۈن كېلىپ تاش يانچۇقى ئاران ئىككىكەن ،قايتۇرىمەن دەپ تۇرىۋالدى. لىكىن ئۇ چاپاننى كىيىپ قويۇپتۇ. بۇنداق ئېسىل چاپانلارنى بىرلا كىيىپ قويسا، كىيىنكى سېتىلىش باھاسىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ چاپاننى ئەسلى پېتىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان ھەقنى تەلەپ قىلساقمۇ، ئۇ بەرگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ،- دەپ گەپتىن توختىدى ئاننا . بۇ چاپاننىڭ غايەت زور باھاسى بىر دەمدىلا ئەتراپىمىزغا ئولاشقانلار ئوتتۇرىسىدا غۇلغۇلە قوزغىدى.
-نېمە؟ مەن نېمە دەپ پۇل تۆلىگىدەكمەن؟!! ئەسكى چاپىنىڭلار مېنىڭ ئېسىلزادىلەرگە خاس بەدىنىمگە ئارتىلالىغانلىقىغا خوش بولسا بولىدۇ. ھىم... بىلىپ قويۇش سەن ئەجنەبىلەرنىڭ بۇنداق بىنالىرىنى مەن بىر پارچە قاشتېشىغىلا سېتىۋالالايمەن! تېخى مۇشۇ ئەسكى چاپاننىڭ بىر كۈنلۈك كىيىش ھەققى مىڭ يۈەنمىش! !!،- مەن شۇنداق دېگەچ غەزەپلەنگەن قىياپەتتە چاپاننى يەرگە تاشلاپ نەچچىنى دەسسىۋەتكەندىن كېيىن، قولۇمغا ئېلىپ كىشىلەر توپىغا تەڭلىدىم.
-بىلىپ قويۇڭلار، بۇ ئەجنەبىلەرنىڭ ماللىرى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. مۇلازىمىتىمۇ ئوسۇرۇققا تەڭ. مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇستا تىككۈچىلىرىنى پايپىقىمغىمۇ تەڭ قىلمايمەن. مەن بۇلارنىڭ سارىيىنىڭ ئالدىدا بۇلارنىڭ ئەتىۋارلىق مېلىنى بىر كۈنلۈك كىيىش ھەققىگە سېتىپ،  پۇلىنى ماۋۇ ئەجنەبى نايناققا سەدىقە قىلىۋىتىمەن! ئالىدىغانلار بارمۇ؟،- چاپاننى شۇنداق تەڭلىگىنىمنى بىلىمەن. لېكىن كىمنىڭ چاپاننى يۇلۇپ ئېلىپ مىڭ يۈەن پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقىنىمۇ سەزمەپتىمەن.  مىڭ يۈەننى ئانناغا زەرب بىلەن ئېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئالدىنئالا دىيىشىپ قويغان يېرىمىزدە ئۇچراشقاندىن كىيىن ، تاماق يىگىلى يۈرۈپ كەتتۇق. ئۇنىڭ پۇلنى چىڭ سىقىمدىغان قوللىرى توختىماي تىترەيتتى. بەلكىم ئۇ مىنىڭ كەينىمگە كىرىپ، تۇنجى قېتىم ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تاپقانلىقىدىن قاتتىق ئازاپلانغان بولسا كېرەك. مەنمۇ ئازاپلىنىۋاتاتتىم.

ئاپتورى: مايماق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 04:27 PM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 04:51:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز مايماق ئەپەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 05:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايماق،،ئىسمىڭىز ئۆزگىچىكەن،،
بۇ تەرجىمە ئەسەرمۇ ياكى ئىجادىيىتىڭىزمۇ؟

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104850
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2014-3-14
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 05:21:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىجادىيىتىڭىز ئوخشىمامدۇ  ؟     ئۈرۈمچىنى تىلغا ئېلىۋاتىسىز      .....   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 05:36:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللىك قىز بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر يىگىتى؟
خېلى جانلىق چىقىپتۇ.چاتما ھىكايىلەرمۇ بۇ؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40576
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4459
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 2256 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 05:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى قىززىقارلىككەن ،تىجارەت بىر مەيدان ئويۇن خالاس كىم ئۇستا بولسا شۇ كېڭىيىپ يېڭىدۇ ، ئەمما بۇ ئويۇننى قاملاشتۇرۇپ ئويناش بەك تەس ، ئەمما بۇھېكاينىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى ۋە نىمىنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغىننى پەقەتلا
چۈشەنمىدىمغۇ يا كاللام بەك ئاددىيمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 06:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ھىكايىنى بىر فانتازىيلىك ھىكايىمىكىن دىدىمغۇ
ئويلىغىنىم توغرىمىدۇ؟؟

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 06:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەسمايىنى شۇنداق قىلىپ نادان ،شۆھرەتپەرەس  تازا ماختىنىپ كىيدىكەندە

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز مايماق  ئەپەندى،،،،

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27289
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8338 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 09:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مايماق، باركەنسىز، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىمۇ؟ قەلىمىڭىز بەكلا ياخشى جۇمۇ...

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش