مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 31

خەيىر (سۈرەتلىك نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 01:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەبىر

         سۆيگۈگە تويۇنغان قەلبىم بىلەن ئالتۇن ياشلىقىمنىڭ يەنە بىر گۈزەل سەھىرىنى كۈتىۋېلىپ،تاڭ قۇياشى بىلەن بەسلەشكىنىمچەئەتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھۇزۇر ئالماقچى بولۇپ ئىشىكتىن چىقتىم.گۈزەل باھارنىڭ تەپتىدە توي قىزىدەك ياسانغان تەبىئەتنىڭ شوخ جىلۋىسى ۋە ئارامبەخىش خۇش ھىدىنىڭ چاڭقىغان دىلىمنى سۇغۇرىشى مېنى خىيالى دۇنياغا باشلىماقتا ئىدى.



         كۈمۈش قوڭغۇراقنىڭ يېقىملىق جىرىڭلىشىغا ئوخشايدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ جانان چىنىسى چېقىلغاندا چىققان چاراڭ-چۇرۇڭ قىلغان ئاۋازنىڭ تىزلا ئەتراپقا تاراپ كەتكىنىدەك ئاستا-ئاستا تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ،ئۆگۈنۈشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سەھەرنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرسىگە قەدەم باستىم.مۇنبەردە مەن ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچى،سۆزلىنىۋاتقىنى مەن سۈيۈپ ئاڭلايدىغان دەرىس.ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن خىيالىمنى باشقۇرالماي دەرسىنى خۇددى «گاچا فىلىم»كۆرىۋاتقان تاماشىبىندەك ھېچبىر سىزىمسىز ئاڭلىماقتىمەن.



        «ياق!»دېگىنىمچە خىياللار دېڭىزىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ،زىھنىمنى دەرىسكە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىپىرىلدىم.بىراق بۇ ئۇرۇنۇشلىرىم ھېچىبىر نەتىجىسز قېلىۋاتاتتى،ھەرقانچە قىلساممۇ دەرىس يەنىلا مەيلىمنى ئۆزىگە تارتالمايۋاتاتتى.مەن خۇددى قاناتلىرى پاتقاققا چىڭڭىدە چاپلىشىپ قالغان ئاجىز قۇش بالىسى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانچە تىپىرلىغانسىرى پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر چېتىپ كەتكىنىگە ئوخشاش،دەرىسكە دىققەت قىلىشقا قانچە ئۇرۇنغانسىرى ئۇرۇنۇشلىرىم ئەكىسچە تەسىر بىرىپ خىياللار قوينىغا بېشىمچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتاتتىم.قانداقتۇر بىرنەرسە مەيلىمنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىپ كېتىۋاتاتتى.چۆچۈپ كەتتىم. توۋا،مېنى ئۆزىگە سىھىرلىۋالغان سىھىر ئېگىسى زادىكىمدۇ؟



         خېياللىرىم سىھىر ئوردىسىغا قاراپ پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.توساتتىن كۆزلىرىم گۈل-چىمەنلەر ئارسىدا توپ-توپى بىلەن ئۇچۇپ يۈرگەن ھەسەل ھەرىللىرىگە چۈشتى.ئۇلار شۇنچىلىك غەمسىز،خۇشال كۆرۈنەتتى.بىردە كۆلۈشسە يەنە بىردە بىر-بىرى بىلەن قوغلاشماقتا،ئويناشماقتا ئىدى.مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا ئۇلار بىرى-بىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش كىيىم كىيىۋېلىشقان،يەنە تېخى ئاپپىراتلىرىنى قارىس-قۇرىس،يالىت-يۇلىت قىلدۇرغىنىچە ھېلى رەتلىك،ھېلى رەتسىز تۇرۇشقىنىچە بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشىشىۋاتاتتى.

        كۆزلىرىمنى ئۇۋلىۋىتىپ قايتا قارىدىم.دەرھەقىقەت،كۆرگەنلىرىم بولسا ئەمەلىيەت،يالغىنى يوق ئىدى.ئۇلار توساتتىن قاناتلىرىنى يىنىككىنە قېقىشقىنىچە ئۇچۇشقا تەمشىلىشتى. ئەمما شۇ دەملەردە ئۇلار كۆزۈمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق ھەم تونۇش كۆرۈنۈشتى.ئەجىبا بۇلارنى بۇرۇن بىرەر يەردە كۆرگەن بولغىيمىدىم؟شۇندىلا بايقىدىمكى،ئەسلىدە ئۆزۈممۇ بىر كىچىك ھەسەل ھەرىسىگەئايلىنىپ قالغانىكەنمەن.بىراق نېمىشقىكىن ئۇلارغا پەقەتلا ئوخشىماي قېلىۋاتاتتىم.ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم.ھەسەل ھەرسىمۇ نەچچە خىل بولامدىغاندۇ يا؟



       توساتتىن ئالدىمدا يوغان بىر قامۇس پەيدا بولدى.ھېلىقى ھەرىلەر قاناتلىرى بىلەن قامۇسنى بىر-بىرلەپ ۋاراقلاپ چىققاندىن كىيىن قامۇسنى قالدۇرۇشقىنىچە دەررۇ مەندىن يىراقلاپ كېتىشتى.شۇندىلا كۆڭلۈم پاللىدە يورىدى. توغرا، مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ ئوخشىشى بولالاي،ئۇلار بولسا شىرنىلەرگە تويۇنۇپ تېخىمۇ ئۇلۇغ مەقسەت بىلەن گۈلزار ماكاندىن ئايرىلىپ سەپەرگەئاتلانماقچى بولغان ھوسۇل ئىگىللىرى،ئەمما مەن بولسام ئەمدىلا  شىرنە يىغىش ئۈچۈن ئەمدىلا گۈلزارلىققا قەدەم باسقان ئەمگەكچى ھەرە.



      پارتىدېشىمنىڭ قاتتىق دۈشكەلىشى بىلەن ئېسىمنى يىغقىنىمدا ئالدىمدىكىنىڭ قامۇس ئەمەس دەرىسلىك كىتاۋىم ئىكەنلىكىنى،ئۆزۈمنىڭ دېرىزە سىرتىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئاكا-ھەدىلەر بەرپا قىلغان سېھىرلىك مەنزىرىدىن ئېسىمنى يوقىتىپ ئولتۇرغىنى منىبىلدىم.ئۇلارنىڭ شادىيە كۈلكىللىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى.ئۇلارشۇنچىلىك جۇشقۇن ،شۇنچىلىك خۇشال ھالەتتە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈشكىنىچە باش كىيىملىرى ئاسمانغا ئېتىشىپ رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتىنىڭ كۆزىدە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولۇپ قېتىپ قېلىشماقتا ئېدى.كۆزلىرىدىن چاقنىغان رازىمەنلىك،مۇۋەپىقىيەت،مەنمۇنىيەت ئۇچقۇنلىرى يۈرۈكۈمنى تېشىپ ئۆتۈپ،مېنىڭ كىينىكى يولۇمنى يورۇتماقتا،مېنى سەگەك بولۇشقا چاقىرماقتا ئېدى.



      يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەلىرىدىن بىر خىل ھەسرەتلىك ئۆكسۈش،يەنە بىريەرلىرىدىن مۇھەببەتلىك كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلمەكتە .شۇ مۇرەككەپ ھېس قايناملىرىدا بىر خىل قىيالماسلىق تۇيغۇسى،چىن قەلىبتىن بەخىت  تىلەش تۇيغۇسى ئىسيان كۆتۈرمەكتە.ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق بىرلا نىدا ئوخچۇپ چىقماقتا:


       - خەيىر ماڭا يۆلەك بولغانلار،خەيىر ماڭا مەدەت بولغانلار،خەيىر ماڭا غەمخان بولغانلار،خەيىر ئەزىز باشىم سىلىغانلار،خەيىر مېنىڭ ھالىم سورغانلار ،خەيىر دەردىم دەرمان بولغانلار، خەيىر ھوسۇل ئىگىللىرى،خەيىر يول كۆرسەتكۈچىللىرىم،خەيىر ئەزىزىلىرىم!

                                        خەيىر!


-مەنبە ئۆز قەلىمىم











بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   花公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 02:58 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Pinhangul + 199 مەنمۇ بۇيىل پۈتتۈرىمە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 199   باھا خاتىرىسى

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 04:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيىرنىڭ كىچىك تىمىسى سەبىرما ؟

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 04:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بىر كۆرۇنۇش كۆز ئالدىمغا كەلدىكى يىڭىدىن ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئالدىدىكى ئاكا - ھەدىلەرنى كۆرگەن سەبىي قەلىبنىڭ ئاشۇ قەدىردانلارغا قىيمىغان سۆيۇملۇك ،يىقىشلىق قاراشلىرى كاللامدا نامايەن بولدى .
    تىلى يىنىك ، چاققان ۋە شۇنداق تاتلىق نەسىر ئىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 05:06:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپسز،لېكىن ھېلىقى ساۋاقدىشىم دېگەن ئەسىرڭىزنىڭ ئاخىرىنى يازمايلا ،بۇنى يېزىپ چۈشۈپ كېتىپسىزغۇ؟

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:34:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  نەسىركەن،،،،ھېلىقى ساۋاقدىشىمنىمۇ  ئۇنتۇپ قالماڭ

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 04:02 PM
خەيىرنىڭ كىچىك تىمىسى سەبىرما ؟

ياقەي،ئۇ مېنىڭن ئەسەر يوللىغاندىكى نامىم، يوللىغىچە ماۋزۇ يۇقاپ كېتىپتۇ.ئوڭشاپ قوياي دېگۈچە تەستىقلاپ بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:43:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilnaz911 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 05:06 PM
ياخشى يېزپسز،لېكىن ھېلىقى ساۋاقدىشىم دېگەن ئەسىرڭىزن ...

ئۇنىمۇ پات يېقىندا سىلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرىمەن ئاللا خالىسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 07:43:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 07:34 PM
ياخشى  نەسىركەن،،،،ھېلىقى ساۋاقدىشىمنىمۇ  ئۇنتۇپ قالم ...

ماقۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103864
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2014-2-21
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 11:51:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق   ياخشى  چىقىپتۇ   

ئىزىڭدىن  تىكەن  ئۈنسە  ئەۋلاتلىرىڭنىڭ   پۇتىغا   سانجىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 12:18:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karguli138 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 11:51 PM
شۇنداق   ياخشى  چىقىپتۇ

رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش