ئويغانمايدۇئەقلىڭ نىمىشقا ؟
(بىر ئۆسمۈر تىلىدىن)
كۈندە مەس بوپ قايتىپ كىلىسەن،
چاچلىرىڭغا سانجىلسىمۇ ئاق.
تاماكىدا ئىسلايسەن ئۆينى،
كېچە ھۆتلەپ،ئالمىدىڭ ساۋاق.
مومام كەتتى تۇزەممەي سىنى،
دادام قاتنار دوختۇرغا داۋام.
تاپا-تەنەڭدىن ئانام كۆزدە ياش،
سەن سەۋەپلىك ئالمامدۇق ئارام.
بەزىلەرنىڭ باركەن مومىسى،
كۈندە چۆچەك ئېيتىپ بەرگۈدەك.
بەزىلەرنىڭ باركەن بوۋىسى،
ئىش-ئىزىدىن داستان پۈتكۈدەك.
بىركىملەرنى قاغايسەن تىللاپ،
نەسىھەتلەر كىرمەس قۇلاققا.
مۇشۇ ياشقا كەلگەندە بوۋا،
ئويغانمايدۇ ئەقلىڭ نىمىشقا ؟
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-26 11:42 PM