باشتا كۆيگەن مەنمۇ سەن
تەقدىر قىلغان چاقچاقمۇ،
كۈندە ئۇچراپ قالىسەن.
سالاملىشىپ ئۆتكەندە،
قىيا نەزەر سالىسەن.
داۋام ئەتتى خېلى ۋاخ،
ۋەدىلەشمەي كۆرۈشۈش.
گاھ كۈلۈشتۇق گاھى ھەم،
بولدى خاتا چۈشۈنۈش.
ئەمدىلىكتە گەر بىر كۈن،
كۆرۈشمىسەك ھال خاراب.
نېمىشقىكىن تەلمۈرەر،
يوللارغا كۆز تەڭ قاراپ.
چۈشەنمىدىم مەن ئۈچۈن،
مۇھەببەتكەن قىيىن پەن.
سەن بىلدىڭمۇ ئېيتقىنا،
باشتا كۆيگەن مەنمۇ سەن؟!
ئۇنتۇش ۋە كۈتۈش
ئۇنتۇشمىدۇ دىدارسىز ئۆتۈش،
ئوڭايمىدۇ مەڭگۈگە كۈتۈش.
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت،
مۇمكىنمىدۇ باشقىنى سۆيۈش.
ئۇنتۇش ئازاپ كۈتۈشمۇ ئاندىن،
گۇناھمىدۇ بىراۋغا كۆيۈش.
پۈتۈلگەنمۇ پىشانىگە دەرد،
نىسىپمىدۇ يۈرەكتىن كۈلۈش.
ئۇنتۇشمىدۇ ئاخىرقى جاۋاپ،
شىرىن چۈشمۇ ئازاپلىق ئۆتمۈش.
قىلغانمىدۇ يۈرەكنى پارە،
كۈتۈشلەردىن تۇغۇلغان ئۆكسۈش.
ساۋاقداش
ئەسلىمىلەر ئۆتمەكتە باشتىن،
لىنتىسىدەك كىنونىڭ ئاستا.
بىرگە ئۆتكەن ئاشۇ مىنۇتلار،
بەلكىم مەڭگۈ كەلمەيدۇ قايتا.
يادىڭدىمۇ مۇسابىقىدە،
غەلبە ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلەر.
يادىڭدىمۇ ياتاق سىنىپ يول،
مەيدانلاردا چۈشكەن سۆرەتلەر.
ئۇنتۇلمايدۇ ئۇنتۇماس ھېچكىم،
ئورناپ كەتكەن چۈنكى يۈرەككە.
ئايرىلساقمۇ ئۈزۈلۈپ قالماس،
خەت ئالاقە سالام سائەتلەر.
يادىڭدىمۇ دەسلەپ تۇنۇشقان،
ئاشۇ سەبىي ھەم گۈزەل چاغلار.
يادىڭدىمۇ قەھرىتان قىشتا،
بىز ئوينىغان قارلىق تاشلاشلار.
بۇ گەپلەرنى قىلساق تۈگىمەس،
ئاڭا ياردۇر ئۆچمەس تىلەكلەر.
ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بىر سۆز،
ساۋاقداش بىز مەڭگۈ مەڭگۈگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-26 08:43 PM