دوستلار ! ئەخلاق بىزدىن يۈتمۈسۇن !!!
بىر ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاق بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.ئەگەر ئىنساندا ئەخلاق بولمىسا ئۇنىڭ ھايۋاندىن ئانچە پەرقى بولماس.
چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش ،ئۇلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش،ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ياراتقان تۆھپىلېرىنى ئېتىراپ قىلىشمۇ بىرخىل گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىندۇر.
نۆۋەتتە ئىش ھەققىدە باراۋەرلىك تەكىتلىنىپ ياشلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش تەقسىماتى ئوتتۇرسىدا پەرق قويۇلمايۋاتىدۇ .ھە دىسىلا ياشلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياشانغانلارغا سېلىشتۇرۇپ ياشانغانلارنىڭ بىرقىسىم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلېرىنى نەزەرگە ئالماي ئۇلارنى قىيناپ ھوزۇرلىنىۋاتقانلارمۇ بار، بۇمۇ بىر ئەخلاقسىزلىق .دوستلار ئۇتىمايلى "كالىنىڭ بېشىغا كەلگىنى،موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ".
يىقىندا مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم دۆڭ كۆۋرۈك ئالدىدا بىرقانچە ياشانغان كىشى ئولتۇرۇپتىكەن بىر ياش نىمىگىدۇر ئاچچىقى كېلىپ قالغان چىغى قولىدىكى تىلفۇننى غەزەپ بىلەن يەرگە ئۇردى تىلفۇن يەردىن پارچىلىنىپ باتارىيىسى كۆرۈك يىنىدا ئولتۇغان بىر كىشىنىڭ قاپىقىغا تېگىپ دەرھال يېرىۋەتتى بۇچاغدا ھېلىقى ياش ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىماي ئەكسىچە بۇ يەردىن دەرھال قىچىپ كەتتى ئەتىراپتىكىلەر ئۇنى تۇتالمىدى.قاراڭ !بۇمۇ بىر ئەخلاقسىزلىق.
ئۈرۈمچى يولىدا كېتىۋاتاتتۇق تويۇقسىز بىر چوڭ ماشىنىدىن بىر نەرسە چۈشۈپ بىز ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە سوقۇلۇپ سۇندۇرۋەتتى بىز ھودۇقۇپ كېتىپ يول چېتىگە چىقىپ ئۆز ماشىنىمىز بىلەن بولۇپ كېتىپ ئالدىمىزدىكى ماشىنىنىڭ توختىمىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمىز ئۇ ماشىنا توختاپمۇ قويماي كېتىپ قاپتۇ بىزمۇ بۇنداق ئىشقا تۇنجى يولۇققاچقا ماشىنا نومۇرىغىمۇ سەپسالماپتىمىز شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنىنى تاپالمىدۇق . بىز زىيان تارتتۇق .ھازىر ماشىنىلارمۇ كۆپەيدى، شوپۇرلارمۇ كۆپەيدى ئۇلاردىمۇ ئەخلاق بولمىغاندا چوڭ-چوڭ ھادىسىلەر چىقىشى مۈمكىن.
ھەر قانداق بىر ئىشتا چوقۇم ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇشىمىز كېرەك. ئەخلاقتىن ئايرىلساق ئىشلېرىمىز ئىلگىرى باسمايدۇ.ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشىمىز.شۇڭا دوستلېرىم ئەخلاقتىن ئايرىلمايلى !ئەخلاق گۈللېرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرسۇن!!!
مەنبە :ئۆزقەلىمىم