|
|
|
|
ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى (2)
توققۇز بۇلاق مەنزىرىسى
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى مۆلجەر تاغ ئېتىگىدە زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۈيى توختىماي بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدىغان تەبىئىي بۇلاقتىن توققۇزى بار، شۇڭا بۇ جاينىڭ نامى "توققۇز بۇلاق" دەپ ئاتالغان. بۇ بۇلاقلاردىن چىققان سۇ بىر كۆلگە قۇيىلىدۇ. كۆل ئوتتۇرىسىدىكى كېمە شەكىللىك شىپاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تەبىئىي ئۆسكەن دەل-دەرەخلەر مۆلجەر تاغ ئېتىكىدىكى بۇ قەدىمىي جاينى ئۈزگىچە گۈزەل بولغان بىر تەبىئىي سەيلىگاھقا ئايلاندۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەبىئىي سەيلىگاھ ئەتراپقا كېڭەيتىلىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈلۈپتۇ. يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ يەنىلا كۆكىرىپ تۇرغان كونا دەل-دەرەخلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن شاخلىرى، دەرەخ ئاستىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، ئوت-چۆپلەر، پاكىزە يوللار، كۆككە تاقىشىپ تۇرغان مۆلجەر تاغ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى راۋاق بۇ سەيلىگاھقا كىرگەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ روھىنى كۆتىرىدىكەن.
بىز بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇ سەيلىگاھنى ئارىلاپ، ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بەزى ئىشلارنىمۇ ئۇچراتتۇق. ئەسلىدىكى تەبىئىي بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان توققۇز بۇلاقتىن ھازىر پەقەت بىرسىلا قاپتۇ، قالغان سەككىز بۇلاقنىڭ ھەممىسى قورۇپ كىتىپتۇ. ئەسلىدىكى سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىنىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت سېسىق لەش بېسىپ كېتىپ، سۇنىڭ سۈزۈكلىكى كۆرۈنمەي قاپتۇ. بۇ بەلكىم تەبىئىيلىكنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ تەبىئىي سەيلىگاھ يەنىلا كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن. تۆۋەندە بۇنىڭغا دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.
|
|
|
|
|
|