|
|
|
|
قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزداكىتاب ئوقۇش ھەۋىسى يېتىلىدۇ؟ ئابدۇلكەرىم بەككار.
ھۆرمەتلىك دوستلار: رىغبەت ۋەھەۋەسنىڭ تەربىيىچىلەر، مۇئەللىملەر ۋە ياشىغان جەمئىيەتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق يېتىلىدىغانلىقى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ زېھنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن، لېكىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھەقىقەتتۇر.مەن بۇ يەردە يېتىلدۈرۈلگەن ھەۋەس، يەنى كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مىساللارنى كەلتۈرمەكچىمەن.كىشىلەر: باشقىلار بىر ئىشبىلەن مەشغۇل بولغان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ياكى نېمىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. لېكىن ئۇلارغا بوش ۋاقىت يارىتىپ بەرسىڭىز ياكى ئۇنىبىر ئىش ئۈچۈن ساقلانسىڭىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن توغرا بىر يەكۈندۇر.
مەن بىر دۆلەتتىن يەنە بىردۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا تۆت – بەش سائەت ساقلاش جەريانىدا ئىنساننىڭ نېمىگە بەكراق قىزىقىدىغانلىقى ياكى نېمىگە بەكراق ھەۋەس قىلىدىغانلىقى مەلۈم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.مەن بىر قانچە قېتىم بىردۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ساقلاپ ئولتۇرۇپ قېلىپ باشقامىللەتلەرگە دىققەت قىلىپ قالدىم. قارىسام، ياۋروپالىقلارنىڭ يېنىدا كىتاب ياكىقول كومپيۇتېرى بولىدىكەن. ئۇلار زېرىكىشلىك ۋە ئىچ سىقىلىش بىلەن ئۆتىدىغان بوشۋاقىتلىرىنى كىتاپ ئۇقۇش ياكى قول كومپيۇتېرىدا بىر ئىش ئارقىلىق ئۆتكۈزىدىكەن.ئەمما تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتتىكىلەر بولسا، ئورۇندۇقلاردا ئۆرە ئولتۇرۇپ ئۇخلاش، چاي- قەھۋە ئىچىش،ئالدىدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىپەرق تۇغۇلما گېن مىراس پەرقى بولماستىن، بەلكى تەربىيە، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھىتپەرقىدۇر.ئەگەر كىچىك بالىلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ياكى كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدەئىزدىنىدىغان بولساق، بۇنىڭ بىر قانچە يوللىرى بولۇپ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىللارنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمەن:1.بالىلارغاكۆڭۈل بۆلۈدىغان ئائىلە:بالىنىڭ شەخسىيىتىدىكى بەزىئالاھىدىلىكلەر، ئۇنىڭ دەسلەپكى 6 يېشىدىلا بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارداقىزىقىش ۋە ھەۋەسنىڭ يېتىلىشىدە ئاتا- ئانىلار ئالاھىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇقىزىقىشلاردىن بىرى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىدۇر. چۈنكى ئاتا- ئانىلار، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى تاللاشلاردىن بىرىنى تاللاپ بىرىدۇر. يەنى بالىلارنىڭ قەلبىنى رەسىمسىزىش ۋە كىتاب ئوقۇشقا مايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ياكى بالىلارنىڭ ئەركىن – ئازادەكوچىلارغا چىقىپ ئوينىشى، پايدىسىز ئويۇنلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شارائىتھازىرلاپ بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا- ئانىلارنىڭبالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.2. كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە:كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلەدېگەنلىك، تەربىيىلىك ياكى بىلىملىك ئائىلە دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەزالىرى ھەركۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك بولۇپ، ئۆيدىكى بالا بىر تەرەپكە قارىسادادىسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپكە قارىسا ئۇكىسىنىڭ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى، يەنە باشقا بىر تەرەپتە بولسا ئانىسى مەكتەپنىڭ دەرسىنى چۈشۈنەلمىگەن قېرىندىشىنىڭ دەرسنى چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدىغان بىر ئائىلەدېمەكتۇر.بالىنىڭ ئۆيدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ يېتىلىشى، بالىنىڭ قەلبىدە كىتاب، قەغەز- قەلەم بىلەن ئۆتكەن ھايات، ھەقىقىي تەبىئىي ھايات ئىكەن، دېگەن ئىشەنچىنى تۇرغۇزىدۇ.ئامېرىكىدىكى بىر ئاتا-ئانىلارئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن كىچىك بالىلاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھەققىدە ئېلىپبېرىلغان تەتقىقاتقا كۆرە: كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى كىتابقاقىزىقمايدىغان يۈزدە 82% بالىلار، ئەسلىدە ئاتا – ئانىلىرى تەرىپىدىن كىتاب ئۇقۇشقا قىزىقتۇرۇلمىغان بالىلار ئىكەن.شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتىن مەقسەت، كىتاب ئوقۇشقا ھەيدەش ئارقىلىقبولماستىن بەلكى كىچىكلەر چوڭلارغا ئەگىشىدىغان شەرت – شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن؛ بىز ئاتا- ئانىلار،كىتاب ئوقۇمايدىكەنمىز، باللىرىمىزمۇ كىتاب ئوقۇمايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ، دەپيەكۈن چىقىرىشىمىز مۇمكىن.3. ئائىلەكۇتۇپخانىسى:غەربلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگەكىرسىڭىز، كۆپىنچىسىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىدە كۈتۈبخانا كۆرىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ بالىلىرى كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇيدىغان شەخسلەرگە كۈنۈك ياكى ئادەتلەنگەن ھالدا چوڭ بولىدۇ.ئەمما بىزنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭئۆيلىرى كىتابخانىدىن خالى، بەزى ئۆيلەردە كىتابخانا بولسىمۇ، ئۇ كىتابلار ئوقۇپپايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى موزىيخانىغا ئوخشاش زىننەت ئۈچۈن تىزىلغان.ئەمەلىيەتتە بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، ھەر بىر ئائىلىدە، چوڭ كىچىك پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ماس كېلىدىغان، ئۇلارغا روھىي ئوزۇق بېغىشلايدىغان بىر كىتابخانا بولىشى ۋە ئۇكۇتۇپخانىنىڭ كىتابلىرى پات- پات يىڭىلىنىپ تۇرۇشىدۇر.4. ئېلېكترونلۇق تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىدىن رەتلىك پايدىلىنىش:تىلىۋىزور، ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەر، يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، زېھنىنىڭ كۆپرەكىنى يوقىلاڭ پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغانلىقى نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ مۇستەھكەم تەربىيىلىنىشكە توسالغۇبولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.شۇڭا، ئاتا- ئانىلار، كىتاب بىلەن ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەتلەرنىڭ رىقابەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىتاب بىلەن ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەتلەر رىقابەتكە چۈشۈپ قالساچوقۇمكى كىتاب مەغلۇب بولىدۇ. كىتابنىڭ ئېلېكترونلۇق مۇلازىمەتلەر ئالدىدا مەغلۇپ بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تىلىۋىزور ئالدىدا ھەركۈنى بىر ئىككى سائەتتىن زىيادە ئولتۇرۇشقا يول قويماسلىقى لازىم.شۇنداق قىلغاندىلا،بالىلىرىمىز چۆچەك ۋە تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇشقا يۈزلىنىپ ئاستا- ئاستا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كۆڭلى ئېچىلىدىغان، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قەلبى ھۇزۇر تېپىپ كىتابنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ئاتا- ئانىلار.بىز قاچانىكى بالىلىرىمىزنى مۇكەممەل تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم كىچىكى قانداق مۇھىم بولسا، روھىي ئۇزۇقىنىڭمۇ شۇنداق مۇھىملىقىنى بىلىدىكەنمىز، بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھاسىل بولۇپ ياراملىق ئادام بولۇشنىڭ تۈنجى قەدەملىرى بېسىلغان بولىدۇ.
ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى مەنبە:ساجىيە تورى menzil:http://www.boghun.me/?p=91 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا deris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-26 11:42 AM
|
|
|
|
|
|