ھەسەتخورغا
تۇخۇمدىن ئۈندۈرۈپ سەن تۈك،قارا چاپلاپ بولارسەن خوش،
لېيىتىپ سۇ، قارماق تاشلاپ،بىلىق تۇتۇپ كۆرەرسەن چۈش.
تۆكۈلسە تىرنىقىڭدىن قان ،تىرىشقانغا كولاپ ئورا،
تۈرۈلمەيدۇ چىرايىڭ بىر،يىگەنچىلىك چۈچۈك غورا.
ئۆتۈپ كەتكەننى ئالدىڭغا،پېشىدىن تارتىسەن مەھكەم،
سىنى ماختاپ ئۇچۇرغاننى ،قۇيۇندا باقىسەن ھەردەم.
ۋۇجۇدۇڭدا مېھىر يوقتۇر،چايانلار قۇترىغاچ ئۇندا،
ئويۇڭ كۈن-تۈن قېرىنداشقا ،سىلىپ زىيان، ئىلىش پايدا.
تۆكۇشنى ئويلىغاچ كۆز ياش، بىراۋ كۈلسە زەھەر يۇتتۇڭ،
شەرىپىگە قويۇندا تىغ،قەدەھتە لىق شاراپ تۇتتۇڭ.
چىمەنلەر خۇشپۇراق چاچسا ،ھۇزۇر ئالماققا رايىڭ يوق،
ھۇزۇر ئالغاننى ھەم ئۇندا،ئېتىشقا بەتلىدىڭ مىڭ ئوق
.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-26 12:39 AM