سالام خەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 N$ f" c0 Y3 s0 T) ]* wھەسەنجان ئابدۇراخمان
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% E+ T) e6 B* H3 v8 i4 F
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم!
ساۋاقدېشىم، ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كونا دوستۇم پەزىلەت:
سالامەتمۇ سەن؟ كۈتۈلمىگەن كىچىككىنە ھادىسە تۈپەيلى تېپىۋالغان باش ئاغرىقىڭ يېقىندىن بۇيان قوزغالمىغاندۇ؟ ئاشقازان كېسىلىم بار دەۋاتاتتىڭ، تامىقىڭ نۇرمالمۇ؟ سېنىڭ ئاغرىقلىرىڭغا ھەر ۋاقىت شىپالىق تىلەپ كېلىۋاتىمەن.
ساڭا ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىدىغان، سەن ئۈچۈن بارلىق مۇھەببىتىنى ئايىماي بېغىشلايدىغان ئاتا - ئاناڭ قانداقراق؟ مەن چىرايىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ساداقەتمەن تۇققانلىرىڭچۇ، ئۇلارمۇ سالامەتمۇ؟
مەندىن ئەھۋال سورىساڭ، مەن ناھايىتى شوخ ۋە تېتىك، ئىلگىرىكىدەكلا. پەقەت، يۈرۈگۈم خۇددى ئاللا - نېمىلەرگە تەلپۈنىدۇ؛ كۆزۈم گۈزەل شەيئىلەرنى ئىزدەيدۇ؛ مېڭەم بولسا شېرىن خىيال ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ.
پەزىلەت، ئەڭ ئاۋۋال سېنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت كادىرى، كۆيۈمچان مۇئەللىمە بولغانلىقىڭنى ئالاھىدە مۇبارەكلەيمەن. ساڭا مۇبارەك! ئاخىر گۈزەل ئارزۇ - ئىستەكلىرىڭگە يىتىپسەن. مەن سېنىڭ كېيىنكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىڭغا ئالەمشۇمۇل زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمەن. مەڭگۈ خەلقپەرۋەر مەرىپەتچى بولۇپ قال!
... ... ...
ئېسىڭدىمۇ پەزىلەت؟ بىز تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تاللىشىچە، بەزىلىرىمىز ئاتا - ئانىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە ھەرخىل كەسىپلەردە ئوقۇدۇق... مەن تىببىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى ئوقۇش يىلىدا، ئۇنتۇلماس مەكتەپ ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇپ، كۆرۈشمىگىلى بەش - ئالتە ئاي بولغان گۈزەل قىز بىلەن ـــــ سەن بىلەن كۇچا ئاپتوبۇسىدا كۆرۈشۈپ قالغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئىككىلىمىز ھاياجانلاندۇق: قىزغىن كۆرۈشتۇق، ئاپتوبۇس ئىچىدىكى ھەرخىل كۆز - قاراش بويىچە ئىككىمىزگە نەزەر تاشلىغان ھېلىقى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىق بىلەن قاراشلىرىدىن قورقماستىن ، كۆرۈشمىگىلى ئـــۇزۇن بولغان كونا دوستلاردەك خېلى ئوبدان پاراڭلاشتۇق. شۇ چاغدا سېنىڭ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقىنىڭنى بىلدىم، سېنىڭ ئۇلۇغ كەسىپنى تاللىۋالغىنىڭغا ئاپرېن ئوقۇدۇم، ئەلۋەتتە، ھەۋەسمۇ قىلدىم...
ھەي ئاشۇ چاغلار! نېمىشقا سېنىڭ قەلبىڭنى چۈشۈنىشكە تىرىشمىدىم؟ (گېپىمنى باشقىغا يۆتكۆي خىجىل بولۇۋاتىمەن).
توۋا، ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدىكەن! قارا بىزلەرنى: سەن چىرايلىق، يۈزۈڭدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، ھايالىق، خىجىلچان، تولغان بىر قىز بوپسەن؛ مەنمۇ كەلمەسكە كەتكەن شۇ ۋاقىتلار بېرىپ قالدۇرغان ئېغىر بېسىق، خىيالچان، لېكىن زېرەك ۋە تېتىك يىگىت بولدۇم؛ باشقا ساۋاقداشلارچۇ؟ ئۇلارمۇ پىشىپ يېتىلگەن.
مەن ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىم توغرىسىدا ساڭا سۆزلەپ بېرەي:
بىلىسەنغۇ پەزىلەت، كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقايدىغان سېمىز، دوقماق، سىنىپىمىزنىڭ <<ماتېماتىكا ئۇستىسى>> دەپ ئاتالغان ھېلىقى گىلەم دۇكىنى بار قەدرىنىسە ئالدىنقى يىلى تويىنى قىلدى، (نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ ئوقۇمىغانلىقى ماڭا نامەلۇم) بۇ دەمگىچە ئۆزىگە ئوخشاش سېمىز، ئۇماق، بۇدرۇققىنە بىر بالىنىڭ ئانىسى بولغاندۇ؟
ئاڭلىغانسەن، ئابلېز ئاۋۇت مۇئەللىمنىڭ ئوغلى، مېنىڭ كونا بۇرادىرىم ئابدۇخېلىل بۇ يىل، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى بوپتۇ. ئۇ مالىيە ئىشخانىسىغا كىرگىنىگىمۇ بەش ئاي بولاي دېدى.
ھە راست، بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىمىز ئابلەت مۇئەللىمنىڭ سىڭلىسى، سىنىپتا دائىم خەنزۇچە سۆزلەپلا يۈرىيدىغان ھېلىقى رازىيە بىزنىڭ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ. بۇنى بەلكى بىلەرسەن.
باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنى بىلمەيدىكەنمەن. لېكىن، ئۆتكەن ھەپتە، تۇلۇقسىزدا دائىملا نۇسرەت مۇئەللىمدىن تاياق يەيدىغان قاراۋاش ئابدۇسالام توختى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. توۋا! ئاددىي بىر نامەلۇملۇق تەڭلىمىلەرنى ھېسابلاش ئۈچۈنمۇ نەچچە قېتىم ماڭقىسىنى تارتىدىغان، قاپىقى يامان نۇسرەت پاينەكتىن (بىز شۇنداق ئاتىۋالغانغۇ) تازچاق بېشىغا شاپىلاق يەيدىغان ھېلىقى سۆرۈن تەلەت دوختۇر بولۇۋاپتۇ، بىر يىلدىن بۇيان <<يىڭى ئەسىر>> دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋېتىپتۇ. ھەيران قالىدۇ كىشى، سەنمۇ ھەيران قالغانسەن؟
پەزىلەت، كۆردۈڭمۇ، باشقا ساۋاقداشلارنىڭ تاللىۋالغان يوللىرىنى؟ سېنىڭ بۇ كەسپىڭ نېمە دېگەن ئوبدان؟ ئۇلاردەك كەسىپ ئىگىللىرىنى يەنىلا سەن تەربىيلەيسەن ئەمەسمۇ؟! سېنى ئالدىڭدىلا ماختىغىنىم ئەمەس، لېكىن سەن ھەقىقىي بىر ياخشى يولنى باشلاۋاتىسەن، ساڭا يەنە بىر قېتىم ئاپرېن!
... ... ...
پەزىلەت، بۇ قۇرلارنى يازغىنىمدا خىجىل بولۇپ يەرگە كىرگۈدەك بولدۇم. سەن قايتا - قايتا ئوقۇغىن.
ئىلگىرى سەن بىلەن شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى باغچىلارغا كىرىپ، خالىي، جىمجىت، پاكىز جايلاردا ئۇزۇن - ئۇزۇن پاراڭلىشاتتىم، شۇ ۋاقىتلاردا مەن دوستلۇق لەززىتىنى قانغۇچە سۈرگەن ئىدىم. ئەپسۇس، <<دوستلۇقتىن مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ>> دېگەن سۆزگە كىممۇ ئىشەنمەيدۇ؟ مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. سېنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلاشمىسام، گۈزەل چىرايىڭنى كۈندە كۆرەلمىسەممۇ، ئاۋازىڭنى كۈندە تېلفۇن ئارقىلىق بولسىمۇ ئاڭلاپ تۇرمىسام، ئۇخلىماس ئىدىم، ياتساممۇ خىياللىرىمغا كىرىۋالار ئىدىڭ. ھەي، پەزىلەت! مۇنۇ شېئىر كېسەل كۆرۈپ تۇرۇپ ياكى كىتاب ئوقۇپ تۇرۇپ يېزىلغان ئەمەس، پەقەت، سېنى سېغىنغان چاغلىرىمدا، قەلبىم ناخشا قىلىپ ئېيتقان ئوتلۇق مىسرالار:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ T8 D, l( C6 ^* Q; S9 G, l! D- j6 A ئۆزۈڭدىن ئۇماقتۇر، سېنىڭ سول كۆزۈڭ،
ھەسەلدىن بەك تاتلىق ھەم شېرىن سۆزۈڭ.
جىسمىڭغا تولغاندۇر، ئەخلاق - پەزىلەت،
ئاي خىجىل ھۆسنىڭگە، پەرىشتە ئۆزۈڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 k& [: k' A+ a9 { پەزىلەت، سېنىڭ سول كۆزۈڭنى ھەرگىز، ھەرگىز مازاق قىلغىنىم ئەمەس! چۈنكى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسىنىڭ قارا مېڭىمۇ، ناھايىتى چىرايلىق ياراشقان خال كۆرۈنىدۇ ئەمەسمۇ؟!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 s0 c6 K A# I2 t0 ]. x5 } چۈشەنگىن ئەمدى مېنى،
قايتا تونۇي مەنمۇ سېنى.
قەلبىمىزگە نەزەر تاشلاپ،
ئىزدەيلى بىز، دىل - مېھىرنى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 q3 f- g+ J3 G8 L" x قارىغىنە، كۆڭلۈمگە! نېمە دېگەن ساپ - ھە؟!
دوستۇم پەزىلەت، بۇ خەتنى ئوقۇپ بەلكى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەرسەن، ۋە بەلكى مېنىڭ بۇ نازۇك، ھېسسىياتچان قەلبىمنى چۈشىنىپ، مۇئەللىملەرگە خاس قەلەم بىلەن جاۋاب يازارسەن. سېنىڭ چىرايلىق ئىملايىڭنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن.
دەپ:دوستۇڭ نىجات
2013-يىل 25-نويابىر
مەنبە:ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.