|
|
|
|
شىمال تەرەپتە ئالتۇن بازارلىرىنى قانداق ئاتايدۇ بىلمىدىم . قەشقەردە كۆپ قىسىم كىشلەر ئالتۇن بازىرىنى << زەرگەر بازىرى >> دەپ ئاتايدۇ .
ئادەتتە كۆپ قىسىم خىرىدارلار ئالتۇن زىبۇ -زىننەت بازىرىدا سودا قىلىۋاتقان بولسا باشقىلار تىلپۇن ئۇرۇپ --سەن نەدە ؟ دىگەن بولسا - مەن ھازىر زەرگەر بازىرىدا دىگەندەك پاراڭ تىمىسىنى كۆپ ئاڭلايمىز .
كۆپ قىسىم كىشلەر؛-- زەرگەر بازىرىغا بىرىپ كىلەيلى . ياكى ئوڭشىتىدىغان زىبۇ -زىننەتلىرىم بارتى . زەرگەر بازىرىغا بىرىپ
كەلسەك دەپ پاراڭلىشىدۇ .
بۇنداق ئاتاش ئۇيغۇر ئەدەبى تىل جەھەتتىن خاتا ئاتاش . يەنى خاتا ئاتالغۇ .
ئۇيغۇر ئەدەبى تىلدا زەر دىگەن ئالتۇن دىگەن مەنىدە . زەرگەر -- ئالتۇنچىلىق ، يەنى ئالتۇن كەسپى .
ئىغىز تىلدا زەگەر دەپ ئاتاش خاتا . زەرگەر دىيىش كىرەك .
زەردار -- دىگەن ئاتالغۇمۇ ئوخشاشلا ئالتۇنى كۆپ . ياكى باي دىگەن مەنىدە .
ئۇيغۇر دىيارىدا سودا -سىتىق بازارلىرى ۋە قول -ھۈنەر رەستىلىرى ناھايىتى كۆپ . جۈملىدىن قايسى بازار بولسۇن شۇ بازارنى
شۇ بازاردا سىتىلىدىغان ئاساسلىق تاۋار بىلەن ئاتاش كىرەك .
مەسلەن ؛ رەخىت بازىرى ، بۆشۈك بازىرى ، ساز -چالغۇ بازىرى ، دوپپا بازىرى ، قاسقان بازىرى ، مىستىن ياسالغان بۇيۇملار
بازىرى ، مىۋە -چىۋە بازىرى ،،،،،، ۋاھاكازالار .
دىمەك . شۇ بازاردا قانداق تاۋار ئاساس قىلىنغان بولسا شۇ تاۋارنىڭ نامى بىلەن بازارنىڭ ئىسمىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك .
مىۋە - چىۋە بازىرىنى مىۋە -چىۋە بازىرى دىمەي باققاللار بازىرى دىيىش توغرا ئەمەس .
زەرگەر بازىرى ئەمەس ، ئالتۇن بازىرى دەپ ئاتايلى .
شۇڭا ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا توغرا تەلەپپۇز قىلايلى !!!مەنبە ؛ بىر مىسقال مۇنبىرى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-25 05:49 PM
|
|
|
|
|
|