دىل ئازار،ئاۋام بىزار
يامانغا ياندىشىپ مەھكەم، يۈزۈڭ چۈپكەتسە تاپماق تەس،
ئاناڭ ئۇھ تارتسا ھەسرەتتە، سىنى باسقاي قەدەمدە نەس.
بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەمدۇر،بىراۋنى قاخشىتىپ كۈلمە،
نامەرتنىڭ جۇۋسىدا تەرلەپ، كېرىپ مەيدەڭنى خۇش يۈرمە.
ئىزىدىن ماڭمىساڭ ئەجدات،يۈرىكىڭگە تولار زەرداپ،
باشىڭدىدۇر رەقىپ تىغى،سىنى قىسمەت يۇتار يالماپ.
‹ھەۋەس›نىڭ كەينىگە كىرگەن،بولۇر ئۇ شەيتانغا قۇل،
پەقەت بار مەنزىلىدە ھاڭ ،تۇمانلىق ئاسمىنى ھەم يول.
سۈيىدە ئاقمىساڭ ئەلنىڭ،ياشاشتا نە بولۇر مەنا،
ئىزىڭدىن ئۈنمىسە گۈللەر،تىپىلماس ئۇندا خوپ بانا.
يىمىسۇن دىل ئازار سەندىن،ئاۋام بىزار چايان،خەستىن،
شۇڭا چىن ياشاپ ئۆتكىن،تېيىپ كەتمەي ھەقىقەتتىن.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-25 09:31 AM