ئىككى نىكاھلىق بىر جۈپلەر
«ھىكايە»
« سىنى سۈيىمەن ئالتون، سەن مىنىڭ يۈرەك تارىمنى چەككەن ،ئىشىق ئوتۇڭدا كۈيدۈرگەن ،مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ،بارلىقىڭنى ماڭا بىغىشلىغان ئىغىر كۈنلەردىكى سەپەردىشىم،ھاياتلىق يۇلۇمدىكى دىلبىرىمسەن، ئەڭ مۇھىمى قىزىم دىلارەنىڭ ئانىسى، مىنىڭ ئاشىغىم ،مىنىڭ ۋاپادار ئامراق خۇتۇنۇمسەن. ساڭا كۈيىمەن ئالتون، سەن مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ بىغۇبار، ئەڭ پاك، دىلى ساپ ،مىھرى ئوتلۇق پەرىشتىسەن. يۈرىكىمدە بىر ئاۋاز ئۈنسىز چوقان سالىدو ، قەلبىم تۇختاۋسىز ھالدا ئالتون دەپ تىپىرلايدو. ئاھ ! ئالتونوم ، سىنى سىغىندىم! گەرچە بونىڭدىن كىيىن ماڭا تەئەللۇق بولمايدىغىنىڭنى ئىنىق بىلىپ تۇرساممۇ. سەن بىلەن تۇنۇشقان دەقىقىلەر ،سەن بىلەن بىرگە ئۈتكۈزگەن تۆت يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتى ، سەن بىلەن ئىككىمىزنىڭ توي كۈنىمىز، سەن بىلەن ئىككىمىزنىڭ توي كۈنىدىكى كۆزلىرىمىزنىڭ ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى ئوتلۇق بىقىشىشلار، توي كىچىسىدىكى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دىل خۇشلۇقىمىز، دوسلۇرىمىزنىڭ ئىككىمىزنىڭ بەختىمىزنى ،بىزنى مەدھىيلەپ تىلىگەن تىلەك سۆزلىرى، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بەختىمىزدىن خوش بولغاندىن كىيىنكى خۇشاللىق قاپلىغان چىرايلىرى ، ئەقىللىق قىزىمىز دىلارەنىڭ كىشىنى ھاڭ قالدوردىغان ئۇماق قىلىقلىرى سىكونىت خىيالىمدىن نىرى بولغىنى يوق.
ھازىر ،ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا، ئىشتىن چۈشكەندە يول بۇيىدىكى بالىلىرنى يىتىلەپ كىتىۋاتقان ئەر-خۇتۇنلارغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالىدىغان بولوپ قالدىم.دوسلار بىلەن ،ھەتتا خىزمەتداشلار بىلەنمۇ ئارلىشىشقا كۈڭلۈم تارىتمايدىغان بولوپ قالدى. ئاشخانىلاردا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئىختىيارسىز سىنىڭ پەرتۇق تارىتقان ھالدا ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتقان ھالىتىڭ كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ يەۋاتقان تامىقىممۇ گىلىمدىن ئۆتمەي قالىدو. بەزىدە ئادەم يوق جايلارغا بىرىپ ئاۋازىمنى بولىشىغا قۇيۇۋىتىپ راسا ھۆڭرەپ يىغلاپ كىتىمەن
كىم دەيدو ئەركەك يىغلىمايدو دەپ ، ھەممىسى يالغان ، ھەممىسى بىشىغا كەلگەندە يىغلايدو . لىكىن بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگىنىنىڭ باشقىلارغا كەلمەسلىگىنى تىلەيمەن. ئالتون ! توققۇز يىللىق خۇتۇنۇم، تۇقۇز يىللىق سىردىشىم، ئىچىمدىكىنى دىسەم شۇ تاپتا قۇچىقىڭغا بىشىمنى قۇيۇپ كۆزلىرىڭگە تەلمۈرگۈم ، سىنىڭ چاچلىرىڭنى سىلاپ تۇرۇپ ئوتلۇق ھىدىڭنى پۇرىغۇم، شەربەتتەك لەۋلىرىڭگە قانغۇدەك سۆيگۈم بار. سىنى ھەقىقەتەن سىغىندىم، ئۇماق قىزىم دىلارەنى سىغىندىم.
بىلىمەن ، پات ئارىدا سەن مەڭگۈ ماڭا مەنسۈپ بولماي قالىسەن ، ئىككىمىزنىڭ ئۈتمۈشىمىز پەقەتلا تاتلىق ئەسلىمە بولوپ قالىدو خالاس. دىلارەمۇ باشقا بىرىنى دادا دەپ چاقىرىدو. مۇشۇلارنى ئويلىسام كۆزۈم ئەمەس بىلسەڭ قەلبىم قان يىغلايدو ،يۈرىكىمگە نەشتەر سانجىلىپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىدو.
ئالتون ! ئۈتمۈشتىكى دىلبىرىم ، جىنىم خۇتۇنۇم، ئۇماق لالەم . سىنىڭسىز دۇنيا ماڭا ھارام بولدى .
بەلكىم ئىسىڭدىدو مەڭگۈ بىر-بىرىمىزگە خىيانەت قىلمايمىز دەپ بەرگەن ۋەدىلىرىمىز. سىنىڭ مەن ساڭا كۆيگەندەك ماڭىمۇ كۈيىدىغانلىقىڭنى ،مىنى سىغىنىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. مەيلى ئىتىراپ قىل قىلما بىز گەپلەشمەي بىر ئۆيدە تورغان ئاخىرقى 7ئاي ۋاقىتتا مەن بونى سەزگەن .
سىنىڭ قەلبىڭنى ، يۈرىكىڭنىڭ پەقەت مەن ئۈچۈنلا سۇقىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم. كىشىلەر ئاينى يىگانە دەيدو، لىكىن مەن ئىشەنمەيمەن، چۈنكى زىمىندىمۇ بىر ئاي بار ، ئو بۇلسىمۇ سەن . كىشىلەر ياز كۈنلىرى ئاسمانغا بىقىپ ئاۋو مىنىڭ يولتۇزۇم دىيىشىپ تالىشىپ كىتىدو، لىكىن مەن تالاشمايمەن، چۇنكى سەن مىنىڭ يىگانە يولتۇزۇم ئىدىڭ. سىنىڭ مۇھەببىتىڭ ماڭا كۈچ -ھارارەت بىرەتتى، ھەر سەھەر ئىشقا ماڭغاندىن تارتىپ ئىشتىن چۈشكىچە بولغان ۋاقىت تۇلىمۇ ئۇزۇن بىلىنەتتى، سائىتىمگە نەچچە رەت قاراپ سالاتتىم، بىر ئىشخانىدىكى قىزلار كۈلۈشۈپ كىتەتتى. تۇلىمۇ ئەپسۇس ، شۇنچە يىل بىرگە ياشاپمۇ سىنىڭ مىنى خاتا چۈشەنگەنلىكىڭ ،ئۆز يولدىشىڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمىگەنلىكىڭ ماڭا قاتتىق ھار كەلدى.
ئالتون ! جىنىم خۇتۇنۇم ، بۇ گەپلەرنى ئەمدى دىمىسەم مەڭگۈ كىچىكىپ قالىدىكەنمەن، مىنىڭ بۇ گەپلەرنى دىيىشىم ھەرگىزمۇ سىنى قايتىدىن ئۆز يىنىمغا قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزەمنىڭ ھەقىقى غۇرۇرلۇق بىر ئەركەك ئىكەنلىكىمنى ، ئاجراشقاندىن كىيىنكى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزەمنى پاك تۇتۇپ سەن ۋە قىزىمىزنى ئەسلەپ شىرىن چۈش ئىچىدە ياشاۋاتقىنىمنى ساڭا ئىيتىپ قۇيۇش خالاس. مەيلى ئىشەن- يا ئىشەنمە ئىختىيار سەندە، مەن سەن ئويلىغاندەك، باشقىلار ساڭا ئىيىتقاندەك ساڭا يۈز كىلەلمەيدىغان بىرەر ئىش قىلىپ سالغىنىم يوق، مەن سەن بىلىدىغان تويىمىزدىن بۇرۇنقى ساڭا كۈيىدىغان مەن ،مەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنىلا مەن .
ئالتون !ختىمدە بولسىمۇ سىنى ئاخىرقى قىتىم خۇتۇن دەپ چاقىرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۆزۋاقتىدا باشقىلاردىن قانداق ئاڭلىدىڭ بۇنىسى ماڭا نامەلوم، لىكىن بۇ خىتىمدە ھەممىنى دىمىسەم كىيىن ئۆلسەممۇ كۆزۈم ئۇچۇق كىتىدو. ساڭا ئۈچ يلنىڭ ئالدىدا خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن يىزىغا چۈشكەندە يازغان كۈندىلىك خاتىرەمنى كۈچۈرۈپ ئەۋەتتىم، شۇ يىراق يىزىدىكى كەچمىشلىرىمنى بىلگەندىن كىيىن مىنى نىمە دىسەڭ دە، كونىلارنىڭ «كۆزمۇ ئادەم ئالدايدو» دىگەن ھىكمەتلىك سۆزى ئۆستىدە ئويلىنىپ بىقىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ ئۆستىدىكى ساقچى كىيىملىرىنىمۇ سىلىشقا ئۆلگۈرمەيلا خەت ئۇقۇشقا كىرىشكەن ئالتۇنگۈل شۇ تاپتا تىڭىرقاش ئىچىدە قۇلىدىكى قىلىن ۋاراقچىلارغا ،تۇلىمۇ ئۇزۇن يىزىلغان ئاجراشقان يولدىشى شۈكۈرنىڭ ختىگە قارىغىنىچە قىزى دىلارەنىمۇ مەكتەپتىن ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.
داۋامى بار ------ھەر كۈنى كەچتە يوللىنىدو.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 02:16 PM