مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1984|ئىنكاس: 34

مېغىزلىق بىر جۈملە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27519
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6623
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2014-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:03:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                   مېغىزلىق بىر جۈملە سۆز

      ئوتتۇرا ئەسىردە، ياۋرۇپادا دانا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ دائىم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ۋەزىر-ۋۇزۇرالىرىنى چاقىرىتىپ ئۇلارغا: «كۆپچىلىك سىلەرنىڭ ھەرقانداق مەسىلىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدىغان مېغىزلىق بىرجۈملە سۆز تېپىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن، شۇ بىرجۈملە سۆزبىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگىدەك بولسۇن» دەپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇتەلىپى ۋەزىرلەرگە تولىمۇ تەس كەپتۇ، ئۇلار چوڭقۇر باش قاتۇرۇپتۇ، ئۇيان ئويلاپتۇ-بۇيان ئويلاپتۇ، ئاخىرى ھەممىسى ئىلاجىسىز قاپتۇ.

     دەل شۇ پەيتتە، پاكار بويلۇق، ئاپئاق چاچلىق بىر ئۆلىما پادىشاھنىڭ يېنىغا كىلىپ قاتلاغلىق بر ۋاراقچىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ، ئىھتىرام بىلەن ئۇنىڭغا: «ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى، بۇ ۋاراقچىغا بىر جۈملە سۆز يېزىلغان، ئۇ سىلىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دەپتۇ.

    پادىشاھ ۋاراقچىنى ئاچاي دەپ تۇرىشىغا ئۆلىما دەرھاللا:«ئالىيلىرى، بۇنى ھازىر كۆرمىسىلە، سىلى ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ، ھەقىقەتەن مەسىلىنى ھەل قىلىش زۆرۈر بولغاندا ئاندىن كۆرسىلە. شۇچاغدا، ئوبدان ئويلانسىلىلا ئۇنىڭ سىلى دىگەندەك مېغىزلىق بىر جۈملە سۆز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدىلا.» دەپتۇ. پادىشاھ بىرئاز ئويلانغاندىن كىيىن، ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باش لىڭشىتىپتۇ ۋە ئۇ ۋاراقچىنى ناھايىتىمۇ چىرايلىق بىر ھەميېنىغا سېلىپ ساقلاپتۇ.

    نەچچە كۈن ئۆتمەي پادىشاھنىڭ بۇ دۆلىتىگە خوشنا دۆلەت تاجاۋۇزقىپتۇ. پادىشاھ قوشۇنلىرىنى باشلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلىنىپتۇ. ھەش-پەش دېگىچە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق باشلىنىپ ھەممە ياققا ئۇرۇش ئوتلىرى يامىراپتۇ. ئەپسۇسكى، كەسكىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى پادىشاھقا بارغانسىرى پايدىسىز بولۇپتۇ، كەينى-كەينىدىن مەغلۇب بولۇپ كۆپلىگەن زىمىنلىرىدىن ئايرىلىپتۇ. بىر قېتىمقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، پادىشاھ قوشۇنلىرىنى باشلاپ دۈشمەن بىلەن ئۈچ كىچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ ئاخىرى تەڭ كىلەلمەي مەغلۇب بولۇپتۇ. ئۇلار كەشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغىمۇ قارىماي قېچىپتۇ. دۈشۈمەن قوشۇنلىرى غەلبىسىرى قوغلاپ زەربە بىرىپ ئۇلارنى زادىلا بوش قويىۋەتمەپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ئاتلىق يالغۇز قېلىپ بىر تاغ يولىنى بويلاپ قېچىپتۇ. توساتتىن تىك يارغا كىلىپ قېلىپ پادىشاھنىڭ ئېتى ماڭماي تۇرىۋاپتۇ. ھالاكەت گىرداۋىدا تۇرغان ئۇنىڭغا ئارقىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ گۈپۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى بارغانسىرى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ، پادىشاھ كۆزلىرىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئاپتۇ، ياشلىرى مەڭزى بويلاپ ئېقىپتۇ. ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم چامدىسا ھەممىنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىنى بىلەتتى.

     شۇ ئەسنادا ئۆلىمانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋاراقچىسى يادىغا يىتىپتۇ-دە، يانلىرىنى سىلاشتۇرۇپ ئۇ ۋاراقچىنى ئېچىپ قاراپ، ۋاراقچىدا «ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ» دەپ يېزىلغان بىرجۈملە سۆزنى كۆرۈپتۇ.

  پادىشاھ ئۇخەتنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپتۇ، تولىمۇ ئاددى بۇ سۆزدىن ئۇ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھىس قىپتۇ. ئەمما بىردىنلا: شۇنداق، ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ! تېخى ئالدىنقى كۈنىلا شاھلىق تەختىمدە سەلتەنەت سۈرىۋاتقان ئىدىم، ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرچۈشكە ئايلاندى، جاننى ساقلاپ قالىمەن دەپ، ئىگىسىدىن ئايرىلغان لالما ئىتتەك يەككە-يىگانە قالدىم. ئەمما، يوقالغان شانۇشەۋكەتلىرىمگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدىكى بۇ مۈشكىلاتلارمۇ چوقۇم ئۆتۈپ كىتىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. شۇنداق دەپ، پادىشاھنىڭ كۆڭلى تەسكىن تېپىپتۇ. بىرئازدىن كىيىن، بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقان دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازىدىن ئۇلارنىڭ باشقا ياققا قوغلاپ ماڭغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاشقىنىنى بىلىپتۇ......

     پادىشاھ بەل قويىۋەتمەپتۇ، ئۇ مەغلۇب بولغان قوشۇنلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، ئاۋامنىڭ ياردىمىدە جەڭ قىلغانسىرى كۈچلىنىپتۇ، ئاخىرى تارتقۇزۇپ قويغان زىمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھ نۇسرەت قۇچۇپ ئوردىغا قايتقىنىدا، ئاۋام خەلق يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدا ئۇنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ، كۆپچىلىك شادىمانلىقتا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ، پۈتكۈل شەھەر قاينام تاشقىنلىققا چۈمۈپتۇ.

     جەڭ ئېتىغا مىنىپ كوچىدا مەردانە كىتىۋاتقان پادىشاھقا تۈمەن مىڭلىغان خەلق تۇشمۇ-تۇشتىن تەنەنتەنە قىلىشىپ گۈللەرنى تەقدىم ئىتىپتۇ. شۇ ئارىدا، پادىشاھ ئۆزىنى ئەڭ باتۇر جەڭچى، ئەڭ بۈيۈك شاھزادە ھىسقىلىپ كۆرەڭلەپ كىتىپتۇ. ئۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئەتىراپتىكى كىشىلەر توپىغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ، ئۇ ۋە ئاۋام ئۇرغۇپ تۇرغان غەلبە خوشاللىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.

     دەل مۇشۇ پەيتتە، پادىشاھ توساتتىنلا ھېلىقى ۋاراقچىنى ئىسىگە ئاپتۇ ۋە خۇددى بەدىنىگە چوغ تەگكەندەك قاتتىق چۈچۈپ ئۇ ۋاراقچىنى ئېلىپ ئوقۇپتۇ: ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ!

    ھەش-پەش دېگىچە پادىشاھنىڭ كەيپىياتى خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كىتىپتۇ، مەغرۇرلىنىش ھىسياتى ئىھتىياتچانلىققا ئۆزگۈرۈپتۇ. شۇنداق، نۇسرەت قازانغان بولساممۇ، ئەمما بۇمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى غەلبە مىۋىسىنى ساقلاپ ئاداققىچە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن  دەيدىكەنمەن مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، سۇ كەلگىچە تۇغان سېلىشىم كېرەك.

    شۇداق ئويلاپ، پادىشاھ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئوردىغا قايتىپتۇ. ئۇ ئۇستا ھۈنەرۋەن تەكلىپ قىلىپ ئوردىنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يىرىگە ۋاراقچىدىكى شۇ بىرجۈملە سۆزنى ۋىۋىسكا قىلدۇرۇپ ئېسىپتۇ. ئارقىدىن، ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ ھەرقاچان ھۇشيار تۇرىشى، داۋاملىق مەشىق قىلىپ ئۆز ئائىلىسى ۋە دۆلىتىنى قوغىداش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپتۇ.

    شۇندىن كىيىن، پادىشاھ ئوڭۇشسىزلىققا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا مۇشۇ بىرجۈملە سۆز بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بىرىپتۇرىدىكەن، تىرىشىدىكەن، پايدىسىز ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىدىكەن؛ ئەگەر ئۇتۇق قازانسا، غەلبە قازىنىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ۋە پىلانلىرىنى پۇختا ئىگىلىدىم دەپ بىلگىنىدە، پادىشاھ يەنە مۇشۇ سۆزبىلەن ئۆزىنى قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىق، ئىھتىيات بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن.


تەرجىمىدە: ئۆزەم

مەنبە:http://weibo.com/u/1191512282/home?wvr=5&topnav=1&mod=logo

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   红柳 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 01:05 AM  


Yulghun

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 09:35:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ……
قايغۇمۇ، خوشاللىقمۇ، جاپا-مۇشەققەتمۇ، غەلبە-نۇسرەتمۇ……
بۇ سۆز قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، مەغرۇرلانغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 11:56:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ....
بۇ بىر جۈملە سۆزگە مەنمۇ ئامراق.بولۇپمۇ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بۇ سۆزدىن تەسەللى تاپقىلى بولدۇ.
رەھمەت !مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرغايسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40576
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4459
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 2256 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 12:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەن ئېسىل سۆز بۇ ، قايتا يادىمغا سالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!!!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەر بىر ئۆتۈپ كېتىش يېڭى بىې باشلانمىنىڭ ھامىلىسىدۇر...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102069
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:24:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مول مەزمۇنلۇق ياخشى ‏ئەسەركەن بۇ رەھمەت

شامنىڭ كۇيىشى ‏ئۈزىنى كۆيدىرۋىلىش ‏ئەمەس بەلكى ‏ئەتراپىدكلەرگە يۇرۇقلۇق ‏ئاتا قىلىش ‏ئۇچۇندۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99727
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2013-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەنىلىك بىر جۈملە سۆز.
بۇ ھېكايە ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئېلىنغانمۇ ياكى تەرجىمە قىلىنغانمۇ؟ كىچىكىمدە شۇ كىتابلار ئارىسىدىن ئوقۇغىنىم يادىمدا.

چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87524
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2014-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆز ماڭا تولىمۇ ئىلھام بەرگەندەك بولدى

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:44:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  ھەممە  ئىش  ئۈتۈپ  كىتىدۇ  ،  تۆنۆگۈن  ئۈتۈپ  كەتتى   قايتا  كەلمەيدۇ ،ئۆتمۈشكە ئايلاندى  !  بۈگۈنۈڭ  پۇرسەت، كىشلەرگە قىلىدىغان ياخشىلىقلىرىڭنى ،  ئاتا-ئاندڭغا  قىلىدىغان  ۋاپادارلىقلىرىڭنى ، شۈ پۇرسەتنىڭ بارلىقىدا  قىلىۋال ،ھەم شۇ   قىلىدىغان ئىشىڭنمۇ چۈقۈمكى بۈگۈن قىلىۋال  ، بۈگۈنىڭنى بىھۇدە  ئۆتكۈزسەك  تەئە  پۇشايمان  قىلىسەن .

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103496
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەشۇ سۆز ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدۇ.

باشقىلارنى قانچە ئايىساڭ،ئۆزۈڭ شۇنچە ئازار يەيسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش