ئادەتتىكى ئەزا
ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى كېسەلگە شىپاھ قىلغاچقا ئىستىمالدىن توختاتتۇق
ئوقۇرمەن، ماۋزۇنى كۆرۈپ بۇ قانداق گەپتۇ دەپ قالماڭ، بۇ ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەن ھەقىقى ئىش بولغاچقا ۋە باشقىلارنىڭمۇ خەۋەردار بولۇپ بىلىپ قېلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئايالىمنىڭ يۈرەك ئاجىزلىق، رىماتىزىم، ھەم تولا بېشى ئاغرىيدىغان كېسىلى بار ئىدى، شۇ سەۋەپلىك ئەلدوستنىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلىقىنى ياخشىكەن دەپ ئاڭلاپ سېتىۋېلىپ ئايالىمنىڭ ئىچىپ بېقىشى ئۈچۈن بەرگەن ئىدىم، ئوزۇقلۇقنىڭ پۇرىقى ناچار بولسمۇ ئىچكەن ۋاقىتتا سەل ئاچچىقسۇ تېتىيدىكەن، داۋاملىق ئىچىپ بەرسە كۆنۈپمۇ قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئايالىمنىڭ كىسىلىمۇ خېلى ياخشى بولۇپمۇ قالغان ئىدى، ئەمما، ئەمما شۇنداق مەنپەئەت قىلۋاتقان ئوزۇقلۇقنى ئىچىشتىن توختۇتۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق. چۈنكى ئايالىم ئەسلى يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا ئاق كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، ئاڭلىغانلىكى شىپاخانا، دورىلارنى ئىشلەتتۇق، يۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىمدار بولۇپمۇ ساقىيالماي ئاخىرىدا دورىنىڭ تەسىرىدە ئىسسىغى ئېشىپ كىتىپ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكەچقە داۋالىتىشنى توختاتتۇق. نەتىجىدە ئاق كىسەل پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ ئەسلى تېرە رەڭگى پۇتۇنلەي يوقاپ كەتتى. شۇندىن كىيىن باشقىلار ئۇنى ئاق كېسەلدىن ساقىيىپ كىتىپتۇ دەپ قارىدى. بىزمۇ ‹‹ھە شۇنداق›› دەپ ئوتىۋەردۇق. يىگىرمە يىلدىن كىيىنكى مۇشۇ كۈنلەردە ئەلدوستنىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلىقىنى ئىچكەندىن كىيىن تۇرۇپلا تېرىسىدە قارا پىگمىنت ئۆرلەپ چىقىپ ئەسلى تېرىسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئەسلىدە بىز بۇنىڭدىن خوشال بولساق بولاتتى. ئەمما بىز خوشال بولماقتا يوق ئەنسىزلىككە چۈشۈپ ئايالىم دەرھال ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلىقىنى ئىستىمال قىلىشتىن توختىدى. چۈنكى ئەمدى ياش بىر يەرگە بارغاندا يەنە يۇز-كۆزلىرىنىڭ تولۇق ساقىيىپ بولغىچە بولغان ئۇزۇن جەرياندا كېسەلنىڭ روھى ئازاپ تارتىشىنى ھېچقايسىمىز خالىمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەلدوست شىركىتىگە تېلفون قىلىپ ھاياتلىق ئوزۇقلىقىنىڭ ئاق كىسەلگە شىپاھلىق تەسىرى بار يوقلىقىنى سورىغان ئىدۇق، ئۇلار ‹‹ بىز بىرقانچە بىمارغا سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بەرگەن ئىدۇق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى بولۇپ كەتكىنىنى مەلۇم قىلغان. ئەمما بىز كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلمىغان بولغاچقا بۇ جەھەتتىن يۈز پىرسەن مەنپەئەت قىلىدۇ دىيەلمەيمىز. لىكىن ئوزۇقلۇقنىڭ ھېچقانداق ئەكىس تەسىرىنىڭ يوقلىقىغا كاپالەت بىرەلەيمىز ›› دىگەن جاۋاپقا ئىرىشتۇق. ھەي... يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا بولمامدۇ بۇ ئوزۇقلۇق. ئامال يوق ئايالىم ‹‹خەير-خوش ھاياتلىق ئوزۇقلىقى›› دىيىشكە مەجبۇر بولدى.
مەن مىسرانىم مۇنبىرىدە نۇرغۇن ئاق كىسەل بىمارلىرىنىڭ كىسىلى ئۈچۈن مۇراجەتنامە چىقارغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، ئەشۇلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى مەنمۇ تارتىپ كۆرگەن بولغاچقا ئەگەر ئەشۇلارغا مەنپەئەتى يىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دىگەن ئويدا بۇ تېمىنى يوللاپ قالدىم. شۇ بانايى سەۋەپ بىلەن ئاللاھ ھەر بەندىسىگە شىپاھلىق بىرىپ ئازاپلىرىنى يەڭگىللىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30 باھا خاتىرىسى
ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 10:57 AM ناھايتى ياخشى يوللاپسىز، ئەمما ئايالىڭىزنىڭ يەنە داۋا ...
تەجىربىلىك ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ۋاھىت يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:40 PM ئاق كىسەلدىن ئۈزۈل كىسىل ساقايماقچى بولسىڭىز بۇ نۇمۇر ...
بۈگۈر يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 07:40 PM بۇ ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى ئاق كىسەلگە راسلا مەنپەئەت قىلا ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ