مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1426|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللەر دىن قىسقىچە بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106728
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-5-13
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 08:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن قىسقىچە بايان

ماقال - تەمسىللەر خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىنىڭ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ،چوڭقۇر ئەقىل كۆرسىتىش خاراكتېرىگە  ۋە  ئۇزۇن تارىققا  ئىگە بولغان بىر تۈرى.

خەلقنىڭ  ئۇزۇن  تارىخى تەرەققىيات  جەريانىدىكى تۇرمۇش  سەرگۈزەشتىللىرى بىلەن بېشىدىن ئۆتكەن تەجىربىللىرى  خۇلاسىلەنگەن ،خەلققە ئۈلگە ، ئىبرەت بولىدىغان  ئەقىل ئۈگەتكۈچى ئەقلىيە  سۆزلە رماقال   -تەمسىل     دەپ  ئاتىلىىدۇ.

   ماقال-تەمسىللەر تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسلەردىن ھاسىل بولغان تەجىربە-ساۋاقلارنىڭ خۇلاسىلىنىشىدىن  مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ،بىر  نەچچە كىشىنىڭ ئىجادىيىتى بولماستىن ،بىر پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ تەپەككۇر مەھسۇلى بولغاچقا ،ئۇنىڭ مەنتىقىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.

   شۇڭا ئۇنى ئەقلىيە سۆزلەر ياكى ھېكمەتلىك سۆزلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ياخشى تۈزۈلگەن ماقال-تەمسىللەردە سۆزلەر شۇنچىلىك جىپىسلاشقان ۋە ئىخچام بولىدۇكى،ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىرەر سۆزنى ئېلىۋىتىشكە ياكى قوشۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.مەسلەن:

   "ھەق ئېگىلەر ،سۇنماس"،"ياش تۆككۈچە مۇشت تۈگ"،"پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ"دېگەن ماقاللار ئەنە شۇنداق مۇكەممەل تۈزەلگەن ماقاللاردۇر.

      ماقال-تەمسىللەرنىڭ ئەھميىتى زور بولۇپ،بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،

    بىرى،ماقال-تەمسىللەر خەلق ئاممىسنىڭ ئۆمۇشتىكى ھاياتىنى،پەزىلەتلىرىنى ،ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى ۋە مىجەز-خۇلىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن،شۇ خەلقنىڭ تارىخنى ئۈگىنىشتە بەكمۇ ئەھمىيەتلىك.يەنە بىرى،ماقال-تەمسىللەر تەييار تىل بايلىقى بولۇپ،ئۇ تىلىمىزغا ئالاھىدە ئېنىقلىق ۋە باي مەزمۇن قوشىدۇ.ماقالە يازغاندا ياكى نۇتۇق سۆزلىگەندە ماقال-تەمسىللەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنسا ،ئۇنداق ماقالە چۈشنىشلىك ،مول مەزمۇنلىق ۋە ئاممىباپ بولۇپ چىقىدۇ.شۇڭا پىكىرنى مېغىزلىق ،ئىخچام،چۈشنىشلىك،تەسىرلىك قىلىپ ئىپادىلەشكە ياردەم بولىدىغان ماقال-تەمسىللەرنى ياخشى ئۈگنىش لازىم.

     ماقال-تەمسىللەرنى ئەزەلدىن خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك نۇتۇق-پاراڭ ئالاقىلىرىدە جانلىق ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇنى ئەزىز كۆرۈپ "ئاتىلار سۆزى"دېگەن نام بىلەن ئاتاپ كەلگەن. چۈنكى ماقال-تەمسىللەر ھەم ئوبرازلىق ھەم ئىخچام تىل جەھىرى بولۇپ،خەلق تىلىنىڭ تاۋلانغان ،پىششىقلانغان تىل بايلىقى ھېساپلىنىدۇ.

   ماقال-تەمسىللەرنىڭ ئۆزىگە خاس  ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

    1.ماقال-تەمسىل خەلقىمىزنىڭ بىلىم ۋە تەجىرىبىسنىڭ مەھسۇلى.مەسلەن: ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال،كالا يۆتەلسە پىچاق سال ؛يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە،كۈزدە ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە؛سامساق،ئۇنى يېگەننىڭ تېنى ساق؛ مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن؛ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز؛ئەمگەك قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار ،قىلمىساڭ چاتىقىڭ چىقار؛ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،يامغۇر بىلەن يەر .

    ئالتۇن ئوتتا سىنىلار ،ئادەم مېھنەتتە سىنىلار؛ مېھنەتنىڭ تېگى ئالتۇن؛تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق،يەر سىنى قويماس قۇرۇق؛؛ئوڭدا ياتساڭ ئۆلەرسەن،ھۈنەر قىلساڭ ئۈنەرسەن.

    گۆھەرلىك بولۇشتىن ھۈنەرلىك بولغان ئارتۇق؛ ئادەم قولى چۆلنى بوستان قىلۇر.      

     ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق ،ھورۇننىڭ جىنى تاتلىق؛كۈنلۈك ئىشىڭنى سەھەردىن باشلا ،يىللىق ئىشىڭنى باھاردىن باشلا....قاتارلىق ماقال -تەمسىللەردە خەلقنىڭ دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىك،تېبابەتچىلىك ھەققىدىكى ئۆزىگە خاس بىلىملىرى ئۆز ئىپادىسنى تاپقان.

    2. كۆپلىگەن ماقال -تەمسىللەردە ئوي-پىكىر ئابىستراكىت ئۇقۇم،نەزەرىيىۋى چۈشەنچە شەكلىدە ئەمەس،بەلكى كونكرېت،ھىسسي،جانلىق ھالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.مەسلەن:دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق،ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق؛بۆدۈنىنىڭ ئۆيى يوق،نەگە بارسا "ۋىتىلداق"؛قۇژغۇنغا تاغ ياخشى بۇلبۇلغا باغ ياخشى؛ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەسلەن:كىم جىنايەت ئۆتكۈزسە شۇ جاجىسىنى يەيدۇ دېگەن ئوي -پىكىر ئوتنى كىم تۇتسا ،شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ دەپ،ساختا قىياپەتكە كىرسەڭ ھامان چاندۇرۇپ قويىسەن دېگەن پىكىر كۈلەلمىگەن نېمەڭگە ھىجايما...دەپ ئىپادىلىگەن.

     3.ماقال -تەمسىللەرنىڭ قاپىيە شەكىللىرى كۈزىتىشكە ئەڭ ماس كەلگۈدەك گۈزەللىك ھېساپلىنىدۇ.

     باش قاپىيە:مېھنەتتىن قاچما،مىننەتتىن قاچ.

     ئاياغ قاپىيە:يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن،قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.

     ئىچ قاپىيە:ئىش قۇرالىڭ ساز بولسا،مۇشەققىتىڭ ئاز بولار.

     ئارىلاش قاپىيە: ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە،ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.


      يەنە ئەر كۆركى-ساقال،سۆز كۆركى -ماقال؛ ياخشى سۆز تاشنى يارار،يامان سۆز باشنى يارار.

      ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  تۆۋەندىكى ماقال -تەمسىللەرنىڭ قاپىيە گۈزەللىكىدىن ھوزۇر ئالساقمۇ بولىدۇ،.مەسىلەن:ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن،ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن؛ بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر،بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر؛ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى بىلىمى بىلەن؛سورىغان بىلىم ئالۇر،ئۇيالغان كىيىن قالۇر....

       4.ماقال -تەمسىللەر يەنە كۆچمە مەنىدە كېلىدۇ." قاغا بالام ئاپپاق بالام،كىرپە بالام يۇمشاق بالام" دېگەن تەمسىلدە ئوي-پىكىر بىۋاستە ئەمەس،ۋاستىلىك ئىپادىلىنىۋاتىدۇ،ھېچكىم  ئۆزىنىڭ بالىسىنى قاغا ياكى كىرپە دەپ ئاتىمايدۇ،ئەمما بۇ يەردە قاغا قارا بولىدۇ،كىرپە تىكەنلىك بولىدۇ،بۇ خۇسۇسىيەت ئادەملەرگە كۆچۈرۈلگەن . يەنى بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى ھەركىم ئۆزبالىسىنى ئەزىز بىلىدۇ،قۇسۇرسىز دەپ ھېس قىلىدۇ،دېگەنلىكتۇر.

   يەنە"تۆشۈك يىرتىغىدىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن"دېگەن تەمسىلدە ئېيتىلغاندەك،تۆشۈكنىڭ يىرتىقنى ،چۆمۈچنىڭ قازاننى مەسخىرە قىلىشى بۇ رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمايدىغان ئىشلاردۇر.ناھايىتى ئېنىقكى بۇنداق تەمسىللەر ئىجتىمائى ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارتىلغاندۇر.

    5.ماقال -تەمسىللەردە ئاچقۇچلۇق بىرەر سۆز ۋە بۆلەكلەر بولىدۇ.

     مەسلەن:"بىلىم ئەقىل چىرىقى ،يوقتۇر يولنىڭ يىرىقى"،" توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ"،"ئۆستەڭ يارشىقى تال،قىزنىڭ يارشىقى خال"بۇلارنىڭ بىرى ئاساسى بۆلەك بولۇپ ،ئىككىنچى قوشۇمچە بۆلەك بولۇپ بۇلار بىر -بىرىنى تولۇقلاش كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. يەنە بەزى ماقال-تەمسىللەردە بىرلا بۆلەك بولىدۇ،مەسىلەن:"ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى"،"جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا"،"قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلگىنى"…ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەردىكى ئاچقۇچلىق سۆزلەرنى كۈزىتىپ باقايلى ،دېمەك ماقال-تەمسىللەردىكى ئاچقۇچلىق سۆزلەرنى بىلىش شۇ ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەنىسنى بىلىشتىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ياخشىدىن ئات قالىدۇ،ياماندىن دات قالىدۇ،(نام بىلەن دات)

    ئات كۆتۈرسەك ياخشى بىلەن كۆتۈر،سۇ كۆتۈرسەڭ بالداق بىلەن كۆتۈر،(ياخشى نام)

    ئاتا بولماي ئاتا قەدرىنى بىلمەس(ئاتا)

    ئاتا كۆرگەن ئوقيا ياسار،ئانا كۆرگەن كىيىم پىچار(ئاتا-ئانا)

    ئاچ نېمىنى يېمەس،توق نېمىنى دېمەس(ئاچ ۋە توق)

    كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار(قاراش)

    قورساقنىڭ ئاچقىنى ،ئەقىلنىڭ قاچقىنى(قېچىش)

    ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ،ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ(يارىشىش ۋە ئادىشىش)

    ……

     6. ماقال-تەمسىللەر خەلقىىزنىڭ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى تۇرمۇش تەجىرىبىللىرى بىلەن بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىللىرىنى يەكۈنلەپ بېرىدىغان ،خەلققە ئۈلگە ،ئىبرەت بولىدىغان ئەقلىيە سۆزلەردۇر.مەسىلەن:"كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن،زىخمۇ كۆيمىسۇن"دېگەن بۇ تەمسىل ھېچقايسى تەرەپكە زىيان بولماسلىق،ئادىل بولۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسە،"ئۈجمە پىش ،ئاغزىمغا چۈش"دېگەن بۇ ماقال بىر ئىشقا ھېچ ئەجىر سىڭدۇرمەي ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشنى ئىزدىگۈچىلەرنى قامچىلايدۇ.

     "گۈلنى سۆيگەن تىكىنىدىن قورقماس" دېگەن بۇ ماقال بىر ئىشنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ جاپا -مۇشەققىتىدىن قورقماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۇرسە،"سادىن لاچىن تۇغۇلىدۇ"دېگەن تەمسىل كۆزگە ئىلمىغان ئادەملەردىن نى-نى ياراملىق ئەۋلادلارنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

   دېمەك ،ماقال-تەمسىللەر  خەلقىىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك  تۇرمۇش تەجىرىبىللىرىنىڭ  يەكۈنى.بۇلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دانا ،ئۆتكۈر مۇلاھىزلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن .

    كىشلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قاراشلىرى تولۇق ئەكس ئەتكەن.

    ماقال-تەمسىل كىشلەرنى ياخشىلىققا ،ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۈندەيدۇ،كىشلەرگە ئادەم بولۇش يولىنى كۆرسىتىپ

بىرىدۇ.مەسىلەن: موللا بولماق ئاسان،ئادەم بولماق تەس،ئادەمگەرچىلىك قېرىمايدۇ.

    ئەقىلسىز باش پۇتقا ئارام بەرمەس. سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئارتما. ئارتۇق ئۇخلىساڭ ئاچ قالىسەن.……

    7. ماقال- تەمسىللەرنىڭ بەزىلىرى بىر ئاددى جۈملە بىلەن بەزىلىرى مۇرەككەپ جۈملە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ

مەسىلەن:

         ئاستا سۆزلىگەن كىشىنىڭ ئامالى كۆپ.

         باش ئامان بولسا ،دوپپا تېپىلار.

         ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز،تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ ،يىقىلسا ئۆلەرسىز.

         كىشىگە قىلساڭ يامانلىق ،ئۆزەڭگە تاپمايسەن ئامانلىق.

         دوستۇڭ ئامانلىق تىلەر،دۇشمىنىڭ يامانلىق تىلەر.

         ئات ئايىغان ئات مىنەر،كىيىم ئايىغان تون كىيەر.

         ئاۋۋال تام ئەت ئاندىن باغ ئەت.....

    8.ماقال- تەمسىللەر تىلدا ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش، سېلىشتۇرۇش،مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئۈچۈن مۇھىم ماتىريال بولۇپ بېرىدۇ.

    پىلانسىز ئىش،قېلىپسىز خىش،دېسەك،بۇ -ئوخشىتىش. سانىڭ چۈجىگە ئىچى ئاغرىماس،دېسەك ،بۇ-ۋەكىللىك ئوخشىتىش. سامان باشقىلارنىڭ بولسىمۇ،سامانلىق ئۆزەڭنىڭ،دېسەك،بۇ-يوشۇرۇن ئوخشىتىش.

    توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە ،يولۋاستەك بىر  كۈن ياشا ،دېسەك،بۇ-سېلىشتۇرۇش.

    يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدىغان،دېسەك، بۇ- مۇبالىغە.

    يەنە تۆۋەندىكى ماقال- تەمسىللەردە قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرمىز.

    ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا ؛ئەخمەقنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق؛ كۆپ سۆز ئادەمنى ئەخمەق قىلار؛ ئەل بار يەردە ئەر بار؛ ياماننى قويۇپ بەرسە ئەركىگە ،كۈندە چىچىدۇ بۆكىگە؛ مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ،ئەزمىنى خۇدادىن بەزمە يېڭىدۇ؛ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى،يامان تۇققان ئۆلگەندە ياخشى....

     9. ماقال- تەمسىللەر يازما ۋە ئېغىز نۇتقىمىزنىڭ ئاممىباپلىقىنى ،بەدىئيلىكىنى ئاشۇرۇشتا ،ئابسىتراكىت چۈشەنچىلەرنى كونكىرېتلاشتۇرۇشتا ،نۇتۇقتا ئېنىقلىق ،جانلىقلىق ۋە كۈچ -قۇۋۋەت بېغىشلاشتا زور رول ئوينايدۇ.

     مەسىلەن:تۆۋەندىكى ماقال- تەمسىللەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تەربىيۋى رولى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ،ئۇنى كونكرېت نۇتۇق ئالاقىسدا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ.

     بالا يىغلىمۇچە ئانا ئەمچەك سالماس.

     ساقىلىنى ساتقان قېرىدىن ئەمگىكىنى ساتقان بالا ياخشى.

     سۇسىز ھايات بولماس ئەمگەكسىز راھەت بولماس.

     ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.

     گۆر ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان.

     بار بارنى قىلار،يوق نېمىنى قىلار.

     زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق.

     مەن كۆيەرمەن بالامغا ،بالام  كۆيەر بالىسىغا .

     بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ.

     مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق.

     سۆيدۈرگەنمۇ تىل ،بەزدۇرگەنمۇ تىل.

    10. ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى "تۈركى تىللار دىۋانى"غا بىر نەچچە يۈز ماقال- تەمسىللەر كىرگۈزگەن بولۇپ ،بۇلار ناھايىتى ئوبدان ئىزاھلانغان.بۇلارنىڭ  بىر مۇنچىلىرى ئاز-تولا ئۆزگەرگەن ھالدا خەلقىمىز ئارسىدا ساقلانماقتا ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

    مەسىلەن:"كۆزەگۈ ئۇزۇن ئولسا ئەلى كۆيمەس"(كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس).

    "بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق،قۇژغۇنۇڭ يىغاچ باشىدا"(بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق،قاغىنىڭ دەرەخ بېشىدا) .

    "كۆكە ساغۇرسا يۈزكە تۈشەر"( ئاسمانغا تۈكۈرسە يۈزگە چۈشەر).

    "قارى ئۆگۈز بالدۇقا قورقماس"(قېرى كالا پالتىدىن قورقماس).

    "سۇۋ كۆرمەكىنچە ئەتۈك تارتما"(سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما).

    11.ماقال بىلەن تەمسىلمۇ بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ماقالدا ئەدەبىي خۇسۇسىيەت ناھايىتى قويۇق بولىدۇ،يەنى شېئىريەتتە بولىدىغان قاپىيە ۋەزىن تۇراق بولىدۇ. مەسىلەن:"ياخشىلىق قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ،مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ"،"ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە"،" ئەقىل ياشتا ئەمەس ،باشتا"دېگەندەك.

     تەمسىل ماقالغا ئوخشىمايدۇ."تەمسىل" دېگەنلىك ئوخشىتىش دېگەنلىك بولۇپ ئۇنىڭدا ماقالدا بولغاندەك ئەدەبىي خۇسۇسىيەت ئۇ قەدەر قويۇق بولمايدۇ.تەمسىلدە تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ھادىسلەر تەسۋىرى ھالدا ئىپادىلىنىپ ئوي-پىكىركۆچمە مەنىدە كىلىدۇ،بۇنىڭدا كىشلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ،خۇلقى-مىجەزى ھايۋان ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە كۆچۈرۈلۈپ  ئىپادىلىنىدۇ.



ياخشىدىن ياخشى نام قالىدۇ.
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 09:51:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:02:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىز زىيادە  بولغاي ، ماقال - تەمسىللەرنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 07:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىز بىرىكىپ كەتكەن .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىب.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:06:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم ئەقىلنىڭ چىرىغى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق،
ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:09:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 08:11:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىق قوتان مېلىڭ بولسىمۇ،
ياخشى خوتۇن بولمىسا بىكار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش