مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 456|ئىنكاس: 3

ئۇچقۇنى شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29336
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19246
تۆھپە نۇمۇرى: 2417
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 05:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇچقۇنى شېئىرلىرى




كۆز ئاچماقتا دۇنياغا بىر جان





يىغلايدۇ كۆك تىترەيدۇ زىمىن،

تاسقىلىپ قۇم چايقىلار دېڭىز.

يېنىپ ئۆچكەن ھايات نۇرىدا،

پات-پات خىرە يالتىرايدۇ ئىز.


ئاھىغا جۆر پۈتۈن كائىنات،

ھايات-مامات ئىككى ئاچال يول.

تولغۇنىدۇ سەكراتتا ئانا،

يۇلۇنغاندەك يىلتىزىدىن غول.


يوقالغان ھېس دەز كەتكەن ماجال،

كۈچكە تولار قايتىدىن ھامان.

يېرىلغان شۇ ئانا باغرىدىن،

كۆز ئاچماقتا دۇنياغا بىر جان.





شۇنداق بىر مۇھەببەت باركى




شۇنداق بىر مۇھەببەت باركى،

ئېلىپ ئوتقا تاشلايدىغان.

ئىختىيارسىز بىرىپ ئۈمىد،

شىرىن چۈشكە باشلايدىغان.


شۇنداق بىر مۇھەببەت باركى،

قان-قىنىغا پاتمايدىغان.

چۆكۈپ خىيال دېڭىزىغا،

تاڭ ئۇيقۇسىز ئاتمايدىغان.


شۇنداق بىر مۇھەببەت باركى،

سۆيۈپ-سۆيۈپ قانمايدىغان.

ئاتاپ پۈتۈن ھاياتىنى،

مىنۇت دەقىق تانمايدىغان.


شۇنداق بىر مۇھەببەت باركى،

يېنىپ-يېنىپ ئۆچمەيدىغان.

سېلىپ ئوتلۇق ھاياجانغا،

دىلدىن پەقەت كۆچمەيدىغان.




پۇتبولۇم   


ساقلىق ھەمدە دوستلۇققا يول ۋە ئىمكان پۇتبولۇم،

روھى سىناق چېنىقىش غايە نىشان پۇتبولۇم.

كۆڭۈل خوشۇم زوق ھەۋەس،ئارام ھوزۇر ھەمنەپەس،

روھلۇق تىنىم كۈچ پەۋەس،ئوتى پىنھان پۇتبولۇم.

كۆتۈرەڭگۈ رەڭگى-روي،سەۋرى قامەت بەستى بوي،

چىدام غەيرەت بەردى ھوي، ۋەسلى جانان پۇتبولۇم.

مەيلى تومۇز مەيلى سوغ،قۇياش كەبى تەپتى چوغ،

بىزگە ئۈمىد شان-ئۇتۇق،ئىشقى ئارمان پۇتبولۇم.

جەم خۇشاللىق تۇيغۇسى ،يايرىتار جان سۆيگۈسى،

قاچار غەپلەت ئۇيقۇسى،پەخرى ۋىجدان پۇتبولۇم.

پۇتبول سۈيەر يۇرت ئەلگە،مەنسۈپ ئۆملۈك كۈچ غەلبە،

يۈكسەل مەشۇق سەن مەردكە،رىزقى رىزۋان پۇتبولۇم.

تەڭرىتاغدا زەررە نۇر،مۇساپىسى غايەت زور،

كۈللى جاھان ئاڭلاپ تۇر،سۈرەر دەۋران پۇتبولۇم.





مەۋھۇم دۇنيا


مەن غېرىپلىق چۆلىدە مۇردا،

كۆز ئالدىمدا مەۋھۇم بىر ئوردا.

بىلىمەن بۇ رىئاللىق ئەمەس،

يالتىرىغان بىنەپشە نۇردا.


كۆرۈنىدۇ ئۇپۇقتا دېڭىز،

سۇ ئىچىدۇ يۈرىگىم قۇردا.

مۇھەببىتىم بولماقتا مەشخۇش،

غايىپ سۆرەت يۈز ئېچىپ ھوردا.


بۇ خىيالى دۇنيادا كۆڭلۈم،

قاغجىرايدۇ ياشايمەن زوردا.

مەن بىر بويتاق كۈن بويى شۇنداق،

ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايمەن توردا.






ئاخىرقى نەپەس   




ئاخشاملا بار ئىدى يېشىل ۋادىلار،

بىر ئۇخلاپ قوپسام چۆل تۇرارئورنىدا.

كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىمائەجەب،

نەۋرەمنىڭ بالىسى يۈرەرھويلىدا.

ئەينەككە مىڭ باقتىم ، بۇ چۈشمۇئوڭۇم،

ناتونۇش بىر ئادەم تۇرارئالدىمدا.

چاچلىرى ئاقارغان،يۈزلىرىقورۇق،

سورىدىم ئۇنىڭدىن بۇ قايسىدۇنيا؟



ئىزلىدىم ھەرياقتىن ئانامنى ھەدەپ،

ئالجىپتۇ دېمەسمۇ پەس ئۈندەنەۋرەم.

بىردىنلا ئانامنى  كۆرگەندەك بولۇپ،

ئېتىلدىم باغرىغا كۆزۈمدەشەبنەم.

ئۆزۈمنى ياش تىمەن چاغلايتتىم ،قانداق؟

يېقىلدىم ئالمايلا بىر نەچچەقەدەم.

شۇ ئەسنا خاتىرەم يېنىپئۆچمەكتە،

يۈرىكىم توختاشقا تەمشەلمەكتەھەم.



بىلمەيلا قالدىما مەن ھازىرنەدە،

ئالدىمدا تۇرىدۇ غەمسىز شوخ بالا.

گاھ قۇشقاچ ئوۋلايدۇ گاھ غوراقېقىپ،

ئوخشايدۇ بەئەينى يۈگەنسىزتايغا.

گاھ كۆكتە ئۇچۇرۇپ يۈرىدۇ لەگلەك،

گاھ كېزەر شادىمان قوي باققاچ دالا.

قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ بۇ خىلمەنزىرە،

شۇنچىلىك تونۇشتۇر چۈنكى ئۇماڭا.



بىر ياقتىن ئۆتمەكتە پارچەسۈرەتلەر،

ئۇنىڭدا دوست يارەن قېرىنداشلاربار.

بىر ياقتىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنار ئوتقا،

قىيماستىن كۆزۈمدىن ياشلار تاراملار.

ئاخىرقى تىنىقلار شۇنچىلىك ئېغىر،

نەپىسىم ئالەمنى سۈمۈرۈپ ئالار...

دەل شۇچاغ بىلدىم مەنمېھمانلىغىمنى،

كېتەرمەن ، بۇ دۇنيا قالاركەنقالار.




ئۇيغۇر تىلىم



ئىلىم –پەن قامۇسى پۈتمەس خەزىنە،

ئۇيغۇرۇم قەلبىنىڭ ئەينىكى تىلىم.

مەن سېنى ئۆگەنگەن بوۋاق چېغىمدا،

سەن بىرلە نۇرلاندى قاراڭغۇ دىلىم.

سەن مېنى ئالەمگە باغلاپ تۇرغان يىپ،

سېنىڭسىز قانداقمۇ ئالاتتىم بىلىم.



تىلىم سەن مۇكەممەل ھېسسىياتقا باي،

سەن قىلغان پەرۋىشتە كۆكلىدى ھايات.

ئالەمنىڭ سىرلىرى يېشىلدى تامان،  

   قېقىپ كەڭ قانات.  تەپەككۇر قۇشلىرى

دائىما پىچىرلاپ قۇلاق تۈۋىمدە،

سۆيگۈ پەن تارىختىن بەردىڭ چىن ساۋات.



ۋاپادار مەردلىكنى بىلدۈردۈڭ ماڭا،

ساڭا جەم ئەجدادنىڭ ھېكمەت سۆزلىرى.

تونۇتتۇڭ جاھانغا مەھمۇد بوۋامنى،

سېنىڭدىن ئۇيغۇرنىڭ تاپقان يۈزلىرى.

سەن بولغاچ كۆز ئاچقان پاك قەلبىمدىمۇ،

ئەڭ دەسلەپ شېئىرنىڭ يارقىن كۆزلىرى.



تىلىم سەن خەلقىمنىڭ ئەقىل جەۋھىرى،

ئەڭ قىممەت بايلىقى ئۇچۇر كۆۋرۈكى.

سەن بولغاچ مۇڭداشتىم يار بىلەن باغدا،

سەن قايغۇ- شادلىقىم مىللىتىم كۆركى.

سېنىڭسىز نەدىكەن مۇقام توي مەشرەپ،

سەن گويا ئەڭگۈشتەر سەنئەت تۈۋرۈكى.



ئېخ تىلىم تەرىپىڭ ئېيتسام تۈگىمەس،

سەن بىرلە قازىمەن قۇرلاردىن گۆھەر.

مەن سېنىڭ ھەقدارىڭ قوشاقچى بالا،

بۇ قىسمەت جان- تېنىم ئىشقىڭدا كۆيەر.

قانداقمۇ قارايمەن ئەل-يۇرت يۈزىگە،

سېنىڭدە يازمىسام مىڭ داستان ئەگەر!





خوتەن   



تارىخى يىل قوينىدا جەۋلان خوتەن،

يۇرت ئارا سۈرگەن خېلى دەۋران خوتەن.

نى ئۇلۇغ ئۆتكەن ئەزىز قەشقەر كەبى،

بار قەدىم يىپەك يولى كارۋان خوتەن.

شوخ تىرەن ئوغۇل-قىزى،بوۋاي تىمەن،

ئاتلىغان يۈزدىن يېشى  چولپان خوتەن.

بولسىمۇ تەرسا مىجەز خەلقى لېكىن،

ساددا پاك دېھقان تېگى ئىشچان خوتەن.

تاغلىرى قاشتاش ،گويا زەم-زەم سۈيى،

زەر،گۆھەر ئەت تۇپرىقى بوستان خوتەن.

بار ياڭاق،گۆشگىردىسى ،ئەتلەس،گىلەم،

كۆر ئەنە مول مىۋىسى سۇلتان خوتەن.

باغرىدا كۆكلەپ ھۈنەر،سەنئەت، كەشىپ،

يىلتىزى چوڭقۇر ھۆرۈ-ماكان خوتەن.

بار قۇيۇق مىللىيچە تۈس،مىللىي پۇراق،

بىباھا ئەنئەنىگە فونتان خوتەن.

تىبابەت گۈلتاجىسى ھەمراھ يەنە،

كۈي مۇقام ئەل-نەغمىسى خەندان خوتەن.

ياق تېخى بار تەكتىدە پۈتمەس مىراس،

ئۈنچىدەك سىر ھېكمىتى،ئوكيان خوتەن.

ئۆز پىتى ساقلار پاناھ تەكلىماكان،

كىرورەن شاھ ئوردىسى داستان خوتەن.

جەم  قېنى، ۋۇجۇدىغا  توغراقچە روھ،

تاۋلىغاي يۇرت كۆركى نى ئوغلان خوتەن.

يۇرۇڭقاش نۇر ۋادىسى ئىقبال يۇرۇق،

تارىتار ئەلگە سۆيگۈ گۈلخان خوتەن.





ئىزلىدىم




سېنى ھايات دېڭىزىدىن تەۋەككۈل دەپ ئىزلىدىم،

تەلىيىمگە قاشتېشى بوپ چىقمىدىڭ خەپ ئىزلىدىم.


قەشقەر ,خوتەن ,ئاقسۇ ,كۇچا نەگە بارسام سىمايىڭ،

مەن ئەخمەق زە شۇ سايىدىن ئىشقىمغا نەپ ئىزلىدىم.


قوش مېغىز بوپ چىقالمىدۇق ئۈچكىسىدىن تەقدىرنىڭ

مەن شۇنى بىلگەن تۇرۇپمۇ ۋەسلىڭنى زەپ ئىزلىدىم.


ئۆزگىلەرنىڭ گۈل بېغىدىن ئاخىرى تاپتىم سىنى،

بار ئىكەن شېخىڭدا بۇلبۇل قارايدۇچەپ ئىزلىدىم.


ئاھ ئەجەپ سالدى يۈرەككە ئۇشبۇقىسمەت دەرد-ئەلەم،

شۇندىمۇ ئالداپ ئۆزۈمنى تەسەللىي گەپ ئىزلىدىم.


ئەجەبمۇ سېغىندىم سەھرايىم سېنى






قانداقچە سېغىنماي سەھرايىمنى مەن،

يات ئەلدە بولساممۇ يۈرىكىم تۇتاش.

قەلبىمگە ئورنىغان مەزمۇت سىياقى،

ئۇ ماڭا مېھىرلىك نۇر چاچقان قۇياش.

بىل، كىندىك -قېنىم بارتۇپراقلىرىدا،

يۈزۈمگە سۈرەي ھەم ئېتەي چىڭ باغاش.

ئاھ، ئاھىم يەتتىغۇ پەلەككە شۇ تاپ،

ئادەمگە ئازاپكەن ئايرىلىپ ياشاش.



ھېچ نېرى بولمىدى ئەسلى يادىمدىن،

مەن كىرپىك قاقمىدىم كۈن بويى ئويلاپ.

دائىما باشلىنار  خىيال سەپىرى،

دۈم يېتىپ سۇ ئىچكەن ئىلەكنى بويلاپ.

بالىلىق چاغلىرىم ئۆتكەن قوينىدا،

تاللارنى ئات قىلىپ،كېپىنەك قوغلاپ.

كۈلكەمنىڭ ھىدى بار چىغىر يوللاردا،

بىر چاغلار ماڭغانتىم ناخشىلارتوۋلاپ.



بىغۇبار قەلبىمدەك سۈزۈك ئاسمىنى،

ئۇچۇرۇپ ئوينايتتىم باھاردا لەگلەك.

ئېرىقتا ئاققىنى زەم-زەم بۇلاقتۇر،

بىر يۇتسا شۇ ھامان ياشىرار يۈرەك.

ئالىمى ئەرىشكە تەڭداش زىمىن بۇ،

ئادىمى ئاقكۆڭۈل، ساددا خىزىردەك.

جەننەتتەك بار نېئمەت تولغان بېغىغا،

ياخشىلىق گۈللىرى ئېچىلغان پورەك.



ئاخشىمى كۆكلەردە ھىلال ئاي يۇلتۇز،

گۈزەللىك بابىدا يەككە دۇنيا بۇ.

قاق سەھەر قاينايدۇ ئېتىزدا ئەمگەك،

تەنگە كۈچ،ھەم شىپا نەپەسلەرگەئۇ.

ئۇ خالىي شاۋقۇن ۋە ناچارخاھىشتىن،

كۆڭۈللەر كۆڭۈلدىن ئىچەر قېنىپ سۇ.

خاتىرجەم ئۇرىدۇ قۇشلارمۇخەندان،

خۇدانىڭ رەھمىتى ياققان جايمۇشۇ.



پاسىلسىز تۇتاشقان ھويلا-ئاراملار،

قوشنىلار تونۇرغا بىرگە ياقارنان.

پادىلار ئوتلايدۇ يايلاقتائەركىن،

بۇ يەردە ھەر كىشى ئۆزىگەبەگ،خان.

ئۆز پېتى ساقلانغان قۇيۇق مىللىي تۈس،

ئۇيغۇرنىڭ خەزنىسى ئۇ پۈتمەس بىر كان.

ئالتۇندەك كۆرۈنەر كۆزۈمگەھەردەم،

ھېچ يەردە بۇنچىلىك يايرىمايدۇجان.



قەدەمدە توپا ،چاڭ ئۆرلەپ تۇرسىمۇ،

بۇ يەردىن تېپىلماس بۇلغان غانھاۋا.

يازدىمۇ ھەممە جاي سۆرۈن ھاۋالىق،

باراڭدىن ساڭگىلاپ تۇرار مىڭ كاۋا.

نەگىلا قارىما  ئۆمۈر چولپانى،

يۈرىدۇ شوخ، تىرەن، دېمىگىن توۋا!

ئۇشبۇ ئەل مېھماندوست داستىخىنى كەڭ،

ئايىماس بارىنى سېنىڭدىن ھەتتا.



بار يىتىپ ئاشقۇچە مېۋە-چېۋىلەر،

ئۆي-ئۆيدە قۇشلارنىڭ سالغان ئۇۋىسى.

ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ كوچا-كويلاردىن،

مول-ھوسۇل، ھاردۇقنىڭ شادلىق كۈلكىسى.

تونۇشقىن تونۇشما سالام قىپ ئۆتەر،

ئەڭ ئەۋزەل دەپ بىلگەچ كۆڭۈل سۆيگۈسى.

بۇيەردىن مۇھەببەت تاراردۇنياغا،

كىمنىڭمۇ بۇ يەردىن كېلەر كەتكۈسى.



ئەجەبمۇ سېغىندىم سەھرايىم سېنى،

سېنىڭدە تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىم بەختىم.

بىر ئۆمۈر كۈيلىسەم تەرىپىڭ پۈتمەس،

سەن ئۆلمەس ئابىدەم ھەم تاجۇ-تەختىم.

ئەجەبمۇ سېغىندىم سەھرايىم سېنى،

سەن مېنىڭ ئانامسەن غورۇرۇم پەخرىم.

مۇساپىر غېرىبمەن ئىشقىڭغاخۇمار،

قاچانمۇ  قانىدۇ مېھرىڭگە قەلبىم.





سەنسىز




يۈرەك يىغلاپ ئاقار ياشىم جانان سەنسىز،

قارا زۇلمەت ماڭا يۇرۇق جاھان سەنسىز.

ئەزىز جاندىن كۆرۈپ كەلدىم سىنى قىممەت،

كۆزۈم نۇرسىز رەڭگى روھىم سامان سەنسىز.


كۈلەي قانداق ھالىم بەتتەريامان سەنسىز،

تەلەي بەختىم باقار تەتۈر ھامان سەنسىز.

ھايات قىسقا يولۇم تاردۇر بېشىم غەمدە،

ياشاش تەستۇر جۇدۇن كۆرمەي ئامان سەنسىز.


ۋىسال ئىزدەپ باراي شۇ تاپ قايان سەنسىز،

بۇ دەردىمنى كىمگە ئەيلەي بايان سەنسىز.

دىلىم ئۇسساپ گۈلۈم سۇلسا باھارقەلبىڭ،

نى قىسمەتلەر چۈشلىرىمگە ئايان سەنسىز.





بالىلار



بۇ ھاياتقا يۇمران بىخ رىزقى بەركەت بالىلار،

نىمە قىلسۇن تەشۋىش غەم ئەينى ئاق بەت بالىلار.

تىتىك چاققان شوخ تىمەن،كەپسىزئەمما بەك چىچەن،

گاھى ئۇماق گاھتەدەن،بەختۇ-ھۈممەت بالىلار.

چىھرى نۇرلۇق گۈل سىياق،ئوي–خىيالى چەش بولاق،

قاينار ھەۋەس ئىشتىياق،شانۇ-شەۋكەت بالىلار.

پاك قەلبىدە سەبىيلىك،مۇجەسسەمچىن بەدئىيلىك،

يار گۈزەللىك تەبئىيلىك،ئەسلى سەنئەت بالىلار.

تاتلىق-چۈچۈك بال تىلى،سۈزۈك تاڭدەك ئاق دىلى،

غەمسىز ئۆتەر ئاي يىلى،كۈنى جەننەت بالىلار.

ئەل-يۇرتۇمنىڭ ئەركىسى،ئەتىدىكى سەركىسى،

ئۈمىد نۇرى ،بەرگىسى،تاجۇ-دۆلەت بالىلار.

دىلدا ئەندىش كۆك قويۇن،ئىگىپ كەلدۇق تىز بويۇن،

كىم يېڭەر بۇ بىر ئويۇن،كۈتەرقىسمەت بالىلار.






ھايات خىتابى    



پەلەك چاقى ئايلىنار،
دۇنيا قالار ئۆز پېتى.
مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈپتۇ،
شۇنچە ياشاپ كىم تېخى.
ئىنسان كىلىپ مېھماندەك،
كېتەر ئېلىپ گۆر خېتى.
كۆپتۇر بۇنداق ۋەسىيەت،
ھايات قىسقا غەنىمەت.

ھايات ئىشقى ئۈندۈرەر،
تاش ئۈستىگە گۈلنىمۇ.
گاھ يىغلاپ گاھ كۈلدۈرەر،
قىلار  بوستان چۆلنىمۇ.
تىنماي ياشاپ بىر ئۆمۈر،
قانغان ئەمەس ھېچكىممۇ.
ئۇ بىر يېنىپ ئۆچكەن ئوت،

تەر مىھنەتتىن  تاپار قۇت.


ھايات ئۆزى بىر سەھنە،
ھەرخىل روللار ئالىمىز.
گاھ شەيتاننىڭ كەينىدىن،
ئېزىپ مېڭىپ قالىمىز.
گويا دېڭىز ھاياتلىق،
ئۆمۈر ئۇندا كىمىمىز.
دولقۇن كۈتەر كۈرەشنى،
شەيتان غۇلاپ چۈشۈشنى.

بارسا كەلمەس يول بىزگە،
تۇغۇلماستا پۈتۈلگەن.
ئىزسىز ھايات  لاي سۇدۇر،
پۇشايمان لىق تۆكۈلگەن.
يۈرەكلەردىن ئارمانلار،
كۈل ئاستىغا كۆمۈلگەن.
تەڭسىز جاھان گاھ تەڭدۇر،
گاھى تاردۇر گاھ كەڭدۇر.

ھايات گويا ئەينەكتۇر،
شۇ ئەينەكتە ھەممىمىز.

كۈلۈپ باقساق ھەرگىزمۇ،

يىغلىمايدۇ ئەكسىمىز.

مەيلى گاداي مەيلى خان،

قەبرىگە تەڭ كىرىمىز.

بۇ ھاياتنىڭ خىتابى،

سىر،ھېكمەتلىك كىتابى.





ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ





باقسا ئوتتەك قىزارسا يۈزى،

قارالمىسا ئۇياتتىن كۆزى.

پەدىشەپنى ساقلىسا ئۆزى،

ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.



باش كۆزىگە رومالنى ئارتسا،

پۇت-قولىنى يۆگىسە ياپسا.

يات جىنىستىن ئۆزىنى تارتسا،

ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.



نامەھرەم دەپ قول تۇتقۇزمىسا،

نايناقشىپ ھەم قاش ئويناتمىسا.

ئىپپىتىنى جان دەپ قوغدىسا،

ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.



ئاي جامالى پەرداز كۆرمىسە،

ئاخشاملىرى سىرتتا يۈرمىسە.

گەپ ئاڭلىسا يىغلاپ،كۈلمىسە،

ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.







توي قىلمايلا ئانا بولغان قىز





ياش تۆكىدۇ ئاينىڭ نۇرىدا،

توي قىلمايلا ئانا بولغان قىز.

يالتىرايدۇ قىسمەت قۇرىدا،

ئىپپىتىگە چۈشكەن قارا ئىز.



ئۆز-ئۆزىگە ياغدۇرۇپ نەپرەت،

سوغ نەزەردە باقار ھاياتقا.

ئىچ-ئىچىدىن تاشىدۇ ھەسرەت،

تىل ئاھانەت قېلىپ ئۇياتقا.



يۈرىكىدە ئاچچىق ئۆكۈنۈش،

كۆزلىرىدە ئازاپلىق يىغا.

ئەسلىمىسى قاباھەتلىك چۈش،

ئويغانماقتا كۆز ئېچىپ قىيا.



قىز قەلبىدە چاقنار ھەقىقەت،

گۈل توزىسا ھامان ئېچىلار.

ئەپسۇسكى شۇ قىزدىكى ئىپپەت،

ئۇ يوقالسا نەدىن تېپىلار.






ئاھ نېمانچە ئۇزاق ھىجران بۇ





ئاھ نېمانچە ئۇزاق ھىجران بۇ،

پىراقىدا كەتكەن بوۋاممۇ.

دادامنىڭمۇ قىينالغان جېنى،

باشلانماقتا مېنىڭ توۋاممۇ.



تاپالمىدۇق ھېچ داۋاسىنى،

نەچچە ئەۋلاد دەردىنى تارتىپ.

قاچانغىچە ئۆتەرمىز يەنە،

بۇ ئەلەمنى يەلكىگە ئارتىپ.



ھىجرانىغا بېرىپ خاتىمە،

چىللايلىچۇ تاڭ ساباسىنى.

قانچە ئەۋلاد چېكىدۇ يەنە،

ئۇنىڭ ھەسرەت ھەم جاپاسىنى.





يەنە   




مەن سېنى ئىشقىمغا خوپ كۆردۈم يەنە،

تىز پۈكۈپ ۋەسلىڭگە باش ئۇردۇم يەنە.

كۆزلىرىڭدىن ئاھ يېنىپ تۇرسا نەپرەت،

نە ئۈچۈن شەپقەت تىلەپ تۇردۇم يەنە.



گول بولۇپ نى جەبرىگە كۆندۈم يەنە،

بى داۋا قانىتىمدىن سۇندۇم يەنە.

پۈتتى سەۋرىم يا كېچىپ كېتەلمىدىم،

نېمە دەپ دەرگاھىڭغا ئۈندۈم يەنە.



ئاھ ئۇرۇپ بى ئىختىيار كۈتتۈم يەنە،

بىر بېقىپ قويساڭ كۆيۈپ ئۆتتۈم يەنە.

بۇ ئازاب قاچانغىچە قىينايدىكىن،

سېنى ئويلاپ دەرد-ئەلەم يۇتتۇم يەنە.





بۇزۇلمىسۇن پەدىشەپ ھايا




بۇزۇلمىسۇن پەدىشەپ ھايا،

توي قىلمايلا سۆيگىنىڭ بىلەن.

ئەتە قىسمەت قانداق كىم بىلۇر،

بۈگۈن بىرگە يۈرگىنىڭ بىلەن.



سۇنى كۆرمەي ئاياغنى يېشىپ،

قۇچىقىغا چۆككىنىڭ بىلەن.

توي قىلمىغان قىز ئۈچۈن رىيا،

ئۇخلىماي چۈش كۆرگىنىڭ بىلەن.



سۆيدۈم دەپلا ھايانى قايرىپ،

ياشلىق پەيزى سۈرگىنىڭ بىلەن.

تەپ تارتماستىن كوچا-كويلاردىن،

قۇچاقلىشىپ ئۆتكىنىڭ بىلەن.



ئۆز-ئۆزۈڭنى شۇ مۇھەببەتتە،

ھەم يوقىتىپ قويغىنىڭ بىلەن.

ئىپپەت-نۇمۇس كەلمەس ئورنىغا،

مىڭ پۇشايمان قىلغىنىڭ بىلەن.



سەنمۇ بىر كۈن ئانا بولىسەن،

بولساڭ پاك قىز ئىززىتىڭ بىلەن.

جۇلالايسەن شۇندا ھاياتتا،

شەرمى -ھايا زىننىتىڭ بىلەن.





قاقشىما



قۇم-بوران باسسا ۋۇجۇدنى سەۋەپ قىل ،كۆپ قاقشىما،

شىۋىرغان كەلكۈننى ئۆزۈڭ توختات،بىل، كۆپ قاقشىما.



راست تۇمان قاپلىدى كۆكنى يېغىلىپقارا بۇلۇت،

چېچىلىپ قۇمدەك نىيەتلەر  ئۆتتى يىل ،كۆپ قاقشىما.



ئالىدۇ قانداقچە بۇلبۇل قەپەستەئەركىن نەپەس،

دىمىقتا ھەق ئەل كۆڭلى سايرامدۇ زىل،كۆپ قاقشىما.



جۇت كېلىپ مۇزلاتسا تەن تىزپۈكۈپ يۈرمەك لەنەت-ئار،

كەل ئۆزۈڭ چىللاپ سابانى قىيناپدىل، كۆپ قاقشىما.



ماڭ قىلىپ مەشئەل يۈرەكنى  زۇلمەت تۈن يايسا ۋەھىي،

تاڭ ئېتىپ بىركۈنى قىسقا بولماستىل، كۆپ قاقشىما.





ئانا




ئېچىڭ ئانا كۆزىڭىزنى بىر،

كۆرىۋالاي يۈزىڭىزنى بىر.

ئاڭلىۋالاي رازىلىق بەرگەن،

ئەڭ ئاخىرقى سۆزىڭىزنى بىر.



بارالمىدىم قېشىڭىزغا مەن،

دەرمان بولۇپ يېشىڭىزغا مەن.

تىلەپ قالاي جەننەت ئاللاھتىن،

تۈنەپ تۇپراق بېشىڭىزدا مەن.



يېتەلمىدىم قەدرىڭىزگە مەن،

قانالمىدىم مېھرىڭىزگە مەن.

ھېچ بىر جاۋاپ قايتۇرالمىدىم،

مىڭ بىر ئەپسۇس ئەجرىڭىزگە مەن.



چۈشلىرىمگە كىرىپ كەتتىڭىز،

يۈرىكىمنى يېرىپ كەتتىڭىز.

راھەت كۆرمەي جىمى بەختنى،

ئوغلىڭىزغا بېرىپ كەتتىڭىز.





جېنىم دادا يوقلۇقۇڭ چاندى




يۈتتى ئۆيدىن بەخت سائادەت،

جېنىم دادا يوقلۇقۇڭ چاندى.

پەرزەنتلىرىڭ تالىشىپ دۇنيا،

قېرىنداشلىق مېھرىدىن تاندى.



يار-يۆلەكسىز قالدىم ھاياتتا،

جېنىم دادا يوقلۇقۇڭ چاندى.

باشتا بىلمەي قەدرىڭنى،ئەمدى

يۈرەكلىرىم ئۆرتىنىپ ياندى.



سۇندى ھەيۋەم، ئىزىلدى باغرىم،

جېنىم دادا يوقلۇقۇڭ چاندى.

تەقدىر شۇنداق ئامالىم قانچە،

كۆز ئالدىمدا سىمايىڭ قالدى.






ئىمانە



مەجنۇن پەرھاد ئەمەس ئەپسانە،

ھازىرمۇ بار ئاشىق دىۋانە.

ئەمما يوقتۇر ئاتاپ بارىنى،

ساڭا كۆيگەن مەندەك پەرۋانە.



يا كەزمىدىم ۋەسلىڭنى دەپ چۆل،

يا كىرمىدىم جەڭگە مەردانە.

ئەمما غېرىپ روھى يوق تەندەك،

باغرىم يارا  بولدۇم  ۋەيرانە.



كۆزۈمدە ياش كۈلەلمەيمەن يا،

خىياللىرىم يۈرەر سەرسانە.

ھەم تۆكۈلمەس تىلىمدىن بال سۆز،

ئېيتالماستىن ئۆزۈم ھەيرانە.



ھېچ بىلمىدىم ئوتلۇق سىمايىڭ،

كۆز ئالدىمدىن كەتمەس ئىمانە.

ئىشەنمەيسەن بىلمەيسەن ئەسلا،

مەن ئىشقىڭدا كۆيدۈم يىگانە.






ئەركەك دىگەن شۇنداق بولسا





مەرد سېخىي كۆكسى قارنى توق،

جىگەرلىك لەۋزى ئاتقان ئوق.

بار تەرى مىننەت تەمە يوق،

ئەركەك دىگەن شۇنداق بولسا .



يۈرەكتە ئارمانى يېنىق،

مۇھەببەت-نەپرىتى ئىنىق.

ھەم نەپەس ۋىجدانى تىنىق،

ئەركەك دىگەن شۇنداق بولسا .



چىڭ تۇتۇپ خوتۇن-قىزىنى،

شەھۋەتتىن تارتسا ئىزىنى.

ئەگمىسە شەيتان تىزىنى،

ئەركەك دىگەن شۇنداق بولسا .




ئەل ئىشقىدا كۆيۈپ ئاقسا،

ھالال ئىشلەپ ھەم ئۆي باقسا.

شان كۆكىدە قانات قاقسا،

ئەركەك دىگەن شۇنداق بولسا .





















ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تاڭنۇر + 150 ئىسىم بەكلا تۇنۇشقۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

تۈگىمەيدۇ بۇ ھەۋەس،
ئۆزۈلگىچە تا نەپەس.

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 07:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانلاردا  ساقلاپ  قويغان بولغىيتىڭىز  بۇنداق  ئېسىل  شئېرلارنى بىر بىردىن  ياخشى يېزىپسىز

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86211
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 654
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-10-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 01:18:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلىكىمكا!شىئىرلانى تۆكمە قىلىۋىتىپسىزغۇ!

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 06:46:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بىرىدىن  ئېسىل يېزىلغان شېئرلاركەن بۇ.. ھەممىسىنى بەك ياقتۇردۇم. نادىرلاشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن ئەسلى بۇ...
ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسون!!!

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش