مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1250|ئىنكاس: 5

دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال (4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102290
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 01:58:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشى ئالدىنقى ساندا...

                دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال

                ئاپتورى: ئائىز قەرنىي (سەئۇدىي ئەرەبىستان)
                تەرجىمە قىلغۇچى: ئويچى

                             يەتتىنچى باب

    «ھاياتنىڭ قىممىتى مەنىلىك ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتتا»

**********************************************************
« شۈبھىسىزكى، اللە نىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر.» (56 :7)

                                  1   
                 پەرۋەردىگارىڭىزغا تاپشۇرۇڭ

بوران-چاپقۇنغا يولۇقسىمۇ، شارائىتنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا يول قويماي، غەم-قايغۇنى قەلبىگە كىرگۈزمەي، كۆز يېشىنى ئاققۇزماي، اللە نىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇپ، بىخىرامان ئۇيقۇغا كېتىدىغان ھەربىر ئايالنىڭ بەخت-سائادىتىنى تىلەيمىز. بالىسىدىن ، ياخشى كۆرگىنىدىن، ئاتا-ئانا ياكى دوست-يارىدىن ئايرىلغان، ئاپەتنىڭ سىنىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا، ئىمانىدا چىڭ تۇرغان ھەر بىر ئايالنىڭ شاد-خۇراملىقىنى تىلەيمىز.
    اللە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلغاي، دەرىجىڭىزنى ئۈستۈن قىلغاي، زىيىنىڭىزنى تولدۇرۇپ بەرگەي! ئۇلۇغ اللە شۇنداق دەيدۇ: « سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۇقۇش ئارقىلىق  (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر.» (45 :2)
   ئەلى ئېيتىدۇ: « ئىمانغا نىسبەتەن سەۋر خۇددى بەدەنگە نىسبەتەن باشقا ئوخشايدۇ.» ئاخىرەتتىكى ساۋاب ئۈچۈن شاتلىنىڭ، تىرىشچانلىقىڭىز ۋە تۆلىگەن بەدىلىڭىزنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە، يىگانە اللە قا يېقىن فىردەۋىس جەننىتىدە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا ئېرىشىسىز. ئىمان، سەۋر ۋە ساۋابقا تەشنا قەلىبكە ئىگە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. سىز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىڭىزنىڭ غالىب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
   «سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» (155 :2)
   
«ئۆزىگە ئىشىنىش ھەرقانداق ياشتا ھاياتنىڭ مەناسىنى ئىزدەشتىن ۋازكەچمەسلىكتىن، شۇنداقلا، تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« اللە بەندىلىرىگە كۆيۈمچان.» (19 :42)

                                       2
                    دىل كورلۇقى ھەقىقىي كورلۇقتۇر

بۇرۇن بىر كور ئادەم ئۆتكەنىكەن. ئۇ سۆيۈملۈك ئايالى، ۋاپادار ئوغلى ۋە سادىق دوستى بىلەن شاد-خۇرام ياشايدىكەن. ئۇنى قىينايدىغان بىردىنبىر ئىش پەقەت قاراڭغۇلۇقتا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىكەن. ئۇ يورۇقلۇققا چىقىشنى ھەمدە ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئاشۇ نەرسىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
   كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ كىشى تۇرۇۋاتقان شەھەرگە بىر داڭلىق تېۋىپ كەپتۇ. بۇ كور كىشى كۆزىنى داۋالاتقىلى ئۇنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. تېۋىپ ئۇنىڭغا تېمىتما دورا بېرىپ، ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشنى جېكىلەپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا: ھەرقاچان كۆزۈڭ ئۇشتۇمتۇت ئېچىلىپ قىلىشى مۇمكىن، دەپتۇ.
   گەرچە بۇ دۇرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىگە ھېچكىم ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ كىشى ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىپتۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ بېغىدا ئولتۇرىۋاتقاندا توساتتىن كۆزى  ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن ئۆيگە چېپىپ، سۆيۈملۈك ئايالىغا ئېيتماقچى بوپتۇ. ئەمما ئۆيىدە ئايالىنىڭ دوستى بىلەن ئۆزىگە خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ كۆرگەنلىرىگە ئىشەنمەي، يەنە بىر ئۆيگە يۈگىرەپ كىرسە ئوغلىنىڭ ئىشكاپتىن نەرسىلىرىنى ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. بۇ  كوركىشى ئۆيدىن «ئۇ تېۋىپ ئەمەس، جادۇگەركەن» دەپ، ۋاقىرىغانچە چىقىپ كېتىپتۇ. ئارقىدىن، نېرۋىسى جىددىيلەشكەن ھالدا، كۆزىگە مىخ سانجىپ، ئۆتمۈشتىكى خۇشاللىقىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بوپتۇ.
   
« كۆڭۈلدىكى ھەسرەت تەندىكى ئىللەتتىن بەكرەك زىيانلىق.»
   
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« پەرۋەردىگارىم  ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، ئۇ مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ.» (62 :26)

                                               3
     قىساس سوتى قۇرۇشقا ئۇرۇنماڭ، بەلكىم ئۆزىڭىز تۇنجى قۇربانى بولىشىڭىز مۇمكىن

  بەزىلەر ناھايىتى كەڭ قۇرساق، ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ھېساپلاپ ئولتۇرمايدۇ، بولدى قىلىدۇ، نۇرغۇن كىچىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، بەزىدە ھەتتا سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. ئومۇمەن ئۇلار چىقىشقاق، دوستانە، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيدۇ. بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئارتۇقچە باش قاتۇرۇپ كەتمەيدۇ.
   يەنە بەزىلەر بولسا كەڭ قۇرساقلىقنى ئەسلا ئۇقمايدۇ. ھەرقانداق بىر كېچىك ھالقىغا ئېسىلىۋالىدۇ. باشقىلار بىلەن زىر-زەبەرلەپ ھېساب قىلىپ، ئايىغى چىقماس ئۇرۇشقا پېتىپ قالىدۇ.
   ناھايىتى تەبئىيكى، كەڭ قورساق ئادەم ئاسان قانائەت قىلىدۇ، خاتىرجەم يۈرىدۇ، ئەندىشىدىن يىراق تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە بەكرەك ئېرىشىدۇ. مۇۋەپپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىمۇ ئۇنىڭغا كەڭرەك ئېچىلىدۇ.
   بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەڭگۈ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشىمەن دەپ ئويلايدىغان، ھەربىر سۆز ۋە ئەھۋالنى تەھلىل قىلىدىغان، يامان نىيەت ئىزدەپلا يۈرۈيدىغان كىشىلەر ھەرجەھەتتىن ئۆزىگە غەم-ئەندىشە يۈكلىۋالىدۇ. كىشىلەر ئۇلاردىن بىزار بولۇپ، قاچىدۇ. مۇۋەپپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىمۇ مۇنداقلارغا ئېتىكلىك بولىدۇ. اللە نىڭ ئەلچىسى تاللاشقا توغرا كەلگەندە گۇناھ بولمايدىغانلا ئىش بولىسا ئاسان ئىشنى تاللايتتى.
   اللەنىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن: « اللە سودا-سېتىق ۋە ئېلىم-بېرىمدا مەرد كىشىگە رەھمەت قىلسۇن!»
   
« بۈگۈن قىلالايدىغان ئىشنى قىلىڭ، ئەتە نېمە بولىشىدىن ئەنسىرمەڭ»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بىز قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق.» (2 :20)

                                          4
                        خۇشاللىق مۇۋەپپىقىيەتتىن كېلىدۇ
  
بايلاردىن بىرى ئېيتىدۇ:
   مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلىنىشقا قارىتا ھېچقانداق ئالاھىدە تەسىراتىم يوق. مەن ئايالىم بىلەن بىللە بىر ئاددي ئۆيدە تۇرىمەن. ئادەتتىكىچە تۇرمۇش كەچۈرىمەن. تاماكا چەكمەيمەن، ھاراق ئىچمەيمەن. گېزىت-ژۇرناللاردا تەسۋىرلەنگەن مىليادىر بايۋەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى بىلەن خۇشۇم يوق. ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخۇتى، سەھرادىكى داچا، قايناق سورۇن، نازىنىن قىز دېگەنلەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.
   مەن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىمەن، خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپىمەن، ھەمىشە چۈشلۈك تاماقنى ئېلىۋېلىپ، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يەيمەن. ئىلكىمدىكى بايلىق مېنى خۇرسەن قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، ھەرقېتىم يۇرتۇم توكيونىڭ بىر نامسىز كىچىك بازاردىن زامانىۋى ئىمارەتلىك، دۇنياۋىي قىززىق نۇقتىلىق شەھەرگە ئايلىنىشىغا ياردەم قىلغانلىقىمنى ئويلىسام بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمىمەن. ئاددىيلا قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ خۇشاللىقىم مۇۋەپپىقىيىتىمدىن كېلىدۇ.
   
« چۆكۈپ كەتكەن كېمىگە قايغۇرغاننىڭ پايدىسى يوق.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« اللە بەندىسىگە يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟» (36 :93)

                                      5
                       ئىمانسىز دۇنيا ئازابقا مۇبتىلا

   دوكتور ھارولدسىن ھابىن  بولسا «مايو» شىپاخانىسىدىكى بىر دوختۇر، ئۇ  ئامېرىكا دوختۇرلار جەمئىيىتىگە بىر پارچە ماقالە سۇنغان بۇلۇپ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ 176 خىزمەتچىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 44 ياش بولۇپ، ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى بېسىم ۋە جىددىلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچ خىل كېسەلنىڭ بىرىگە گىرىپتار بولغان. بۇ كېسەللەر يۈرەك رېتىمسىزلىقى، ئاشقازان يارىسى،  يۇقۇرى قان بېسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېسەللەر ئۇلار 45 ياشقا كىرمەستە كۆرۈلگەن.  مۇبادا ئاشقازان يارىسى ۋە يۈرەك كېسىلىنى بەدەل قىلسا بۇ كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھېسابلىنامدۇ؟ مۇبادا بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشىپ، ساقلىقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭ بۇ بىمارغا نىمە پايدىسى؟ گەرچە  ئۇ پۈتكۈل دۇنياغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، پەقەت بىرلا كارۋاتتا ئۇخلىيالايدۇ، كۈنلۈكىگە پەقەت ئۈچ ۋاقلا تاماق يىيەلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، يۈز-ئابرويلۇق بىر خىزمەتچى بىلەن ئاددى بىر ئىشلەمچىنىڭ نېمە پەرقى بولسۇن؟ بەلكىم ئاشۇ ئىشلەمچى تېخىمۇ قېنىپ ئۇخلىيالىشى، تېخىمۇ ھوزۇرلىنىپ يېيەلىشى مۈمكىن.
   دوكتور ۋ . س. فارىز مۇنداق دەيدۇ: « روشەنكى، بەشتىن تۆت قىسىم بىمارنىڭ بەدىنىدە كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يوق. ئۇلارنىڭ كېسىلى قورقۇنچ، ۋەھىمە، نەپرەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە تۇرمۇش بىلەن چىقىشالماسلىقتىن كېلىپ چىققان.»
  
«بىز ئۆزىمىز خالاپ ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمىگەن،كەلگۈسىنى لايىھەلىيەلمىگەن ئىكەنمىز، ئۇنداقتا نىمىشقا ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن ھەسرەت چىكىپ، ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرىۋالىمىز؟»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئاچچىقلانما، ئاچچىقلانما، ئاچچىقلانما.» (ھەدىس)

                                                6
                                         ئېسىل ئەخلاق

سالىھە مۇسۇلمان ئايال زىيادە تەلەپ قويۇپ ئېرىنى قىينىمايدۇ. اللە بەرگەن رىزىققا رازى بولىدۇ. مەمنۇنىيەت بىلەن اللەنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆلگە ئالىدۇ. ئۇرۋەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھاممىسى ئائىشە دائىم مۇنداق  دەيتتى:
« اللە بىلەن قەسەمكى، اللە نىڭ ئەلچىسىنىڭ ئۆيلىرىدە ئىككى ئايدىمۇ بىرەر قېتىم قازان ئېسىلمايتتى.»
ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: « ھامما، سىلەر نىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتىڭلار؟ » دەپ سورىسام، ئۇ مۇنداق دىدى:
« ئىككى قارا نەرسىگە يەنى خورما بىلەن سۇغا. ئەمما، اللە نىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەنسار قوشنىلىرى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆچكىلىرى بار ئىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە سۈت سۇنۇپ تۇراتتى. ئۇ بۇ سۈتلەرنى بىزگە بېرەتتى.»
   
« ھاياتنىڭ قىممىتى ھەربىر دەقىقىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشتە.»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« خىزمەت ئۈمىدنىڭ يېقىلغۇسى، مەغلۇبىيەتنىڭ دۈشمىنى.»

                                              7
                        اللە سىز ئۈچۈن تاللىغانغا رازى بولۇڭ

   ئىبراھىمنىڭ ئايالى، ئىسمائىلنىڭ ئانىسى ھاجەر نەقەدەر گۈزەل سۆزنى ئېيتقان-ھە! ئۇ ئېرىگە ئەگىشىپ ئۆيدىن چىققان ۋە ئېرى تەرىپىدىن ئادەم ئىزى يوق چۆل-باياۋاندا قالدۇرۇلغان چاغدا: « ئىبراھىم، سىز بىزنى مۇشۇ ئىنسى-جىن يوق ماكاندا قالدۇرۇپ، نەگە بارىسىز؟» دەپ سورىدى. ئىبراھىم جاۋاپ بەرمىدى. ئۇ يەنە سورىدى: « اللە سىزنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟» ئىبراھىم: «ھەئە» دېدى. ئۇ: «ئۇنداقتا ئۇ (اللە) بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
   شۇنداق، اللە ئۆزىنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. ئەجىبا اللە «كەھف» سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ھېلىقى ئەر-خوتۇنغا تولۇقلاپ بەرمىدىمۇ. «ھېلىقى بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىمانلىق كىشىلەر ئىدى. بىز ئۇنىڭ چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانىسىغا كۇپۇر ۋە زۇلۇم قىلىشىدىن ئەنسىردۇق. شۇڭا ئۇ ئىككىسىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.» (81-80 :18)
    ئەجىبا اللە ھېلىقى سالىھ كىشىنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى قوغداپ قالمىدىمۇ؟ ئۇ مۇسانىڭ ھەمراھىغا ئاشۇ تامنى ياساپ، ئىككى ئوغۇل چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ مال دۇنياسىغا ئىگە بولغىچە مۇستەھكەم تورغۇدەك قىلىپ قۇيۇشقا بۇيرىدى.
   « ئاشۇ تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يىتىم بالىنىڭ ئىدى. تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ مال دۇنياسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى كىشى ئىدى.  پەرۋەردىگارىڭ ئۇ ئىككەيلەن چوڭ بولغاندىن كىيىن، تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى خالىدى. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدۇر. بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم خالاپ قىلغىنىم يوق.» (82 :18)
   « مەن ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمىسەم، كەلگۈسىنى تىخىمۇ بىلمىسەم، ئۇنداقتا نېمىدەپ پۇشايمان ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە يۈرىمەن؟»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« غەلبە-نۇسرەت چىدام-غەيرەت بىلەن بىللە.»

                                                 8
                                    دۇنيا ئۈچۈن ئاھ ئۇرماڭ
  
مەيلى كىم بولمىسۇن، ھايات ۋە شاتلىقنىڭ نەقەدەر قىسقا، نەقەدەر تۇتامسىزلىقىنى تونۇپ يېتىدىكەن، ئۇ بۇدۇنيا ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۆتمۈش ئۈچۈن مەڭگۈ نائۈمۈد بولمايدۇ، ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ. چۈنكى بىز تىخمۇ ئۇلۇغ، تىخمۇ مەڭگۈلۈك، تىخمۇ گۈزەل ئاخىرەتكە ئىگە بولىمىز. ئاللاھنى مەدھىيلەڭ! چۈنكى سىز يەككە-يىگانە پەرۋەردىگار بىلەن مۇلاقەت بولۇشقا ئىشەندىڭىز. ئەمما باشقىلار-ئىمانسىز ئاياللار ئاشۇ ۋەدە قىلىنغان كۈنلەرگە ئىشەنمەيدۇ. شۇ كۈنگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن. ئىمانى ئاجىز، قىيامەتنى ئۇنتۇغان، قەسىر، ئۆي، بايلىق، ئەيىش-ئىشرەتكە مەپتۇن بولغانلارغا لەنەت! ناۋادا بىر ئادەمنىڭ ئىمانى بولمىسا، ئۇنىڭ قەسىر، ئايۋان-ساراي، ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنىڭ نىمە قىممىتى بولسۇن، ناۋادا سىز اللەدىن ھىيىقمىسىڭىز مەنسەپ ۋە ئورۇن-مەرتىۋىنىڭ نىمە پايدىسى؟! مۇبادا ھوقوق-مەرتىۋە ياكى مال-دۇنياغا بەختنى سىتۋالغىلى بولسا، نىمىشقا بىز شۇنچە كۆپ پادىشاھلار، ھوقۇقدارلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئازاپلىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى،بەختسىزلىكىدىن زارلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز؟
   
« تۈنۈگۈن گويا تۈگىگەن چۈش، ئەتە گۈزەل بىر ئارزۇ، پەقەت بۈگۈنلا رېئال ھەقىقەت.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئايال دۇنياغا ئۇلۇغ ئەربابلارنى سوۋغا قىلدى »

                                            9
                         اللەنىڭ مەۋجۇداتلىرى ئاجايىپ گۈزەل.

   ئىنسانىيەتنىڭ نەقەدەر گۈزەل بىر شەكىلدە يارىتىلغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىرىق، تىل ۋە جىنىس ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراڭ. ئۇلۇغ اللە ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل سۈرەتتە ياراتتى. خۇددى ئۇ ئېيتقان كەبى:
« ئۇ سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى،ۋە سۈرىتىڭلارنى گۈزەل قىلدى.» (64 :40)
   « ئەي ئىنسان! سىنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىلىق قىلىشقا نىمە ئالدىدى؟ ئۇ سىنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بىجىرىم ، قامىتىڭنى تۈز قىلدى.» (7-6 :82)
   «بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەڭ گۈزەل قامەتتە قىلىپ ياراتتۇق.» (4 :95)
   ئاسمان بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ گۈزەللىكىگە، قۇياش بىلەن ئاينىڭ نۇرلۇقلىقىغا ۋە ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە قاراڭ. زېمىننىڭ قانداق يېيىلغانلىقىغا، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ قانداق چىقىرىلغانلىقىغا، تاغلارنىڭ قانداق مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىغا قاراڭ. ئالەمنىڭ ماس ھالدا قانداق چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى ئويلاڭ. نەفىس گۈللەرگە، پىشقان مېۋىلەرگە، بۈك-باراقسان خورمىلارغا، تەملىك سۈتلەرگە ۋە تاتلىق ھەسەلگە، ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىگە، ئالدىراش چۈمۈلىلەرگە، ھەرخىل قۇرت-قوڭغۇزلارغا، ئۈزىۋاتقان بېلىقلارغا، پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا، يېقىملىق سايراۋاتقان بۇلبۇلغا، تۈرلۈك ھايۋاناتلارغا ــــــ مانا بۇ چەكسىز، كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان گۈزەللىكلەرگە قاراڭ.
   «شۇڭا، سىلەر ئەتتىگەن ۋە ئاخشاملاردا اللە نى ھەممىدىن ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەڭلار. ئاسمان-زېمىندىكى مەدھىيەلەر، شۇنداقلا چۈش ۋە كەچقۇرۇندىكى مەدھىيەلەرنىڭ ھەممىسى اللە قا مەنسۇپتۇر. ئۇ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ. ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ. ئۆلگەن زېمىننى تېرىلدۈرىدۇ. سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تېرىلدۈرۈلىسىلەر.»  (19-17 :30)

« تۇرمۇشنىڭ سەلبى تەرەپلىرىگە قارىماڭ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە شاتلىقىدىن مەمنۇن بولۇڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا تۇرۇڭلار.» (33 :33)

                                             10
                   غايەت زور شان-شەرەپ ۋە چەكسىز سېخىلىق

رۇملۇقلارنىڭ بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەسىرگە ئالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر مەنسۇرغا ئېيتتى: « سەن نېمىشقا خەلىپە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىشقا ئۈندىمەيسەن؟». شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەمەشىقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى رىققەگە كېلىپ، خەلىپە ھارۇن رەشىد بىلەن كۆرۈشتى.
شەيىخ مەنسۇر كىشىلەرنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا چاقىرۋاتقاندا، تۇساتتىن ئۇنىڭغا ئېغىزى چىڭ ئېتىلگەن بىر خالتا ۋە بىر پارچە خەت ئەۋەتىلدى. مەنسۇر خەتنى ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدى:
« مەن ئەرەب ئېسىلزادىلىرى ئارىسىدىن چىققان بىر ئايال، مەن رۇملۇقلارنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىم. يەنە سىزنىڭ كىشىلەرنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۈندەۋاتقانلىقىڭىزنىمۇ ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بەدىنىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى ئىزدىدىم، ئۇ بولسا مېنىڭ ئىككى ئۆرۈم چېچىم ئىكەن. مەن ئۇلارنى كېسىپ بۇ خالتىغا سالدىم. خۇدا ھەققى، مەن سىزدىن ئۇنى ئاتنىڭ يۈگىنى قىلىپ، ئاللاھ يولىدا چىققان جەڭچىلەرگە بېرىشىڭىزنى سۇرايمەن. ئاللاھنىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.»
مەنسۇر بۇ قىممەتلىك خەتنى ئۇقۇۋاتقاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى. باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلىدى. ھارۇن رەشىد ئۇمۇمى سەپەرۋەرلىك قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ جەڭچىلەر بىلەن بىللە چىقتى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارغا زور غەلبە ئاتا قىلدى.

« ئۆتمۈش ئۈچۈن ياش تۆكمەڭ، بىھۇدە يىغلىماڭ، چۈنكى سىز ئۆتمۈشنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيسىز.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

                                    سەككىزىنچى باب

    « تىنىچ ۋە قەتئىيلىك بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىڭ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ، باتۇرانە  ئالغا ئىلگىرلەڭ.»
   
*********************************************************
«ھەقىقەتەن، دىللار اللە نى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ.»

                                         1
                      اللە تىن ئۆزگە پاناگاھىڭىز يوق

   بىر ئادەم مەسچىدكە كىردى، بۇ چاغ ناماز ۋاقتى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئون ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ كىشى بۇ بالا ناماز ئوقۇپ بولغىچە ساقلاپ، ناماز تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى ۋە سورىدى: « ئوغلۇم، سەن قايسى ئائىلىنىڭ بالىسى؟» بالا بېشىنى تۆۋەن سالدى، كۆز ياشلىرى مەڭزىگە ساقىدى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېيتتى: « تاغا، مەن بىر يېتىم، ئاتا-ئانام يوق.» بۇ كىشى بۇنى ئاڭلاپ بالىغا بەك ئىچ ئاغرىتتى ۋە دېدى: « مېنىڭ ئوغلۇم بولۇشنى خالامسەن؟» بالا ئېيتتى:
- قورسۇقۇم ئېچىپ قالسا سىز يىگىلى تاماق بېرەمسىز؟
   - شۇنداق.
   - كەيگىلى كىيىمىم بولمىسا سىز ماڭا بېرەمسىز؟
   - شۇنداق.
   - كېسەل بولۇپ قالسام سىز مېنى ساقايتالامسىز؟
   - قولۇمدىن كەلمەيدۇ ئوغلۇم.
   - ئۆلۈپ قالسام مېنى تېرىلدۈرەلەمسىز؟
   - ياق،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.
   ئوغۇل ئېيتتى: « تاغا، ئۇنداقتا مېنى ياراتقان خۇداغا قويۇڭ. ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ، ماڭا يىمەك-ئىچمەك بېرىدۇ، مۇبادا كېسەل بوپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ. مەن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.»
   بۇ كىشى « اللە قا ئىشەندىمكى، اللە قا تايانغان كىشىگە، اللە ئۆزى يىتەرلىك ئىكەن.» دېگەچ، سۈكۈت ئىچىدە ئايرىلدى.
   
« مەيلى سىز چاچلىرىڭىزنى چۇۋۇڭ، يۈزلىرىڭىزنى تاتىلاڭ ياكى قايغۇ-ھەسرەت، دەرت-ئەلەم گېلىڭىزنى بوغسۇن، يۈز بېرىپ بولغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەسلىگە قايتۇرالمايسىز.»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر.» (156 :7)

                                           2
                  بەخت مەۋجۇت... بىراق كىم ئۇنى تاپالايدۇ؟

   ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ سىرتىدىن بەخىت تاپالايدىغان ئادەم يوق. بەخىت تېپىشقا يېتەكلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى «ساداقەت، باتۇرلۇق، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق ۋە مېھرىبانلىق» دەپ يىغىنچاقلاش مۈمكىن. بەخىت ئەپسانە ئەمەس. ئۇ ئىنتايىن رېئالىي نەرسە. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن بەھىر ئېلىۋاتىدۇ. مۇبادا بىز تۇرمۇش تەجىربىمىزدىن ئۆگەنسەك ۋە پايدىلانساق، بىزمۇ بەخىتتىن بەھرىمەن بولالايمىز. مۇبادا بىز سەۋر قىلساق ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بايقىيالايمىز ۋە ئۆگىنەلەيمىز. بىز پەقەت تۇزكورلۇق، بۇيۇنتاۋلىق ۋە ئازغۇنلۇق يولىغا كېرىپ قالمىساقلا، بىلىم، ئىرادە ۋە چىدام بىلەن ئۆزىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىكى ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇپ، اللە بىزگە ئاتا قىلغان بەخىتلىك تۇرمۇشنى كەچۈرەلەيمىز.
   
« ھېچ نەرسە غەم-ئەندىشە كەبى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نابۇت قىلىپ، ياشلىق باھارىنى پايخان قىلىۋېتەلمەيدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ئاتا قىلىدۇ، سەن رازى بولىسەن.» (5 :93)

                                             3
                            گۈزەل خۇلۇق گۇيا قەلبتىكى جەننەت

   ئادەملەر بىر-بىرىنىڭ ئەينىكى. مۇبادا بىر ئادەم باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسا، باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ جىددىيلىكى بېسىلىدۇ، دوستانە مۇھىتتا ياشىغانلىقى ئۈچۈن مەمنۇنىيەت ھېس قىلىدۇ.
   ئەمما، ناۋادا بىر ئادەم باشقىلارغا ناچار پوزىتسىيە تۇتسا، ئۇمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قوپال مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ھەرقانداق بىر كىشى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
   گۈزەل خۇلۇق ئىگىسىنىڭ قەلبى تېخىمۇ ئەمىن بولىدۇ، ئەنسىزلىكى ۋە جىددىيلىكى ئاز بولىدۇ ياكى ئۆزىنى ئاز ئازاپلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇلۇقى گۈزەللىك ئۇلۇغ اللە قا قىلىنىدىغان بىر خىل ئىبادەت بولۇپ،ئىسلام بۇنىڭغا چاقىرغان.
   ئۇلۇغ اللە ئېيتىدۇ: « ئەپۇ قىلغىن، نەسىھەت قىلغىن، نادانلاردىن نېرى تۇرغىن.» (199 :7)
   « اللە نىڭ مەرھەمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ. مۇبادا سەن قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چوقۇم چۆرەڭدىن تارقاپ كەتكەن بولاتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن اللە تىن مەغفىرەت تىلىگىن، ئومۇمنىڭ ئىشلىرىنى ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن. بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، اللە قا تەۋەككۈل قىلغىن. اللە ھەقىقەتەن ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.» (159 :3)
   اللە نىڭ ئەلچىسى ئېيتىدۇ: « ئاراڭلاردىكى  ياخشى كۆرۈشۈمگە ئەڭ نائىل  كىشىلەر خۇلۇقى ئەڭ گۈزەل، باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ساقلايدىغان كىشىدۇر. ئاراڭلاردىكى مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەر بولسا، سۆز-چۆچەك تارقىتىدىغان، دوستلارنى ياتلاشتۇرىدىغان، ئىپپەتلىك ئادەمگە بۆھتان قىلىدىغان كىشىلەردۇر.»
   
« ئارسالدىلىق، ھورۇنلۇق ۋە ئۈمۈتسىزلىك روھى چۈشكۈنلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«اللە ھەربىر ئىنساننىڭ تاقىتىگە بېقىپ مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ.» (286 :2)

                                              4
                قانداق قىلغاندا بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

   ئامېرىكىلىق بىر پىسخولوگ مۇنداق دەيدۇ: بەخىتلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش بىرخىل پەۋقۇلئاددە سەنئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئون تۈرلۈك شەرتى بار.
   1- ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان خىزمېتىڭىزبولسۇن. مۇبادا ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، سىز قىززىقىدىغان، ئىشتىن سىرتقى بىر ھەۋەس تېپىڭ ۋە بۇنىڭ بىلەن بىكار ۋاقتىڭىزنى تولدۇرۇڭ.
   2- ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇ دېگەن بەخىتنىڭ بۇلىقى. يىمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلەڭ، قائىدىلىك تەنھەرىكەت قىلىڭ، ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ.
   3- كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىڭزنى تۇرغۇزۇڭ، بۇ سىزگە ئىلھام ۋە كۈچ بېرىدۇ.
   4- تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچىكى ۋە تاتلىق-تۈرۈمىنى قوبۇل قىلىڭ.
   5- بۈگۈن ئىچىدە ياشاڭ، ئۆتمۈش ئۈچۈن پۇشايمان يىمەڭ، ئەتە ئۈچۈن ئەندىشە قىلماڭ.
   6- يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ قارارى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى سەۋەپلىك ھېچكىمنى ئەيىبلىمەڭ.
   7-سىزگە يەتمەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە قاراڭ.
   8-كۈلۈمسىرەش ۋە خۇشال يۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، ئۈمىدۋار ئادەملەر بىلەن ئۈلپەت بولۇڭ.
   9-تىرىشىپ باشقىلارنى خۇشال قىلىڭ، سىزمۇ خۇشال كەيپىياتتىن نەپ ئالىسىز.
   10-بارلىق خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇڭ، ئۇلارنى بەخت-سائادەتنىڭ لازىمەتلىك ئورۇنلىرى دەپ بېلىڭ.
   
« بۈگۈندىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىڭ ۋە بەھرىمەن بولۇڭ. ئازاپ سىزگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ قويۇڭ.»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىئمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى اللە بەرگەن.» (53 :16)

                                               5      
                  مۇشەققەتلىك پەيتلەردە جانغا ئەسقاتىدىغان ئايال

   خاتىرىلىنىشىچە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى فاتىمە دائىم نەچچە كۈنلەپ ئاچ قالىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئېرى ئەلى ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
-        فاتىمە،سىزگە نېمە بولدى؟
-        ئۈچ كۈندىن بۇيان ئائىلىمىزدە يىگۈدەك ھېچ بىرنەرسە تاپالمىدىم- دەپتۇ، ئۇ.
-        نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز؟- دەپ سوراپتۇ ئەلى.
-        ئاتام، اللەنىڭ ئەلچىسى، مەن توي قىلغان ئاخشىمى ماڭا: فاتىمە، مۇبادا ئەلى يىگۈدەك بىرنەرسە ئەكىلىپ بەرسە يىگىن. مۇبادا ئۇنىڭدا بولمىسا ياكى ئۇ ئەكىلىپ بەرمىسە ئۇنىڭدىن سورىمىغىن، دېگەنىدى- دەپتۇ فاتىمە.
نۇرغۇنلىغان ئاياللار مەخسۇس ئەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى تىڭتىڭلاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ناۋادا ئۇلار پۇلنى كۆرۈپلا قالسا، ئائىلىدە جىددى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چاپلىشىۋېلىپ ئارام بەرمەي، مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ. سوراش ھاجەتسىزكى، مۇبادا ئەر بىرقېتىم بەرسە، بۇ مەسىلە مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. جەڭگى-جېدەل تۇغۇلىدۇ ھەمدە ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  
« ئۆمۈر تولىمۇ قىسقا، شۇڭلاشقا ئۇنى تېخىمۇ قىسقارتىشقا ئۇرۇنماڭ.»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە ئاللاھقا تەلپۈنىدۇ، ئۇ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇ.» (29 :55)

                                              6
           اللە قا سېغىنىپ غەم-غۇسسە ۋە ئازاب-ئوقۇبەتتىن پاناھ تىلەڭ

    ئاقىل ئىنسان كۈلۈمسىرەشتىن ئايرىلمايدۇ. مۇئمىن كىشى پاسسىپلىق ۋە ئۈمىدسىزلىككە مايىل بولمايدۇ. دۇرۇس، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ غەم-غۇسسىسىدىن ساقلىنىش تەس. بىراق، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇ اللە - ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۆزىنى ساقلايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۈمۈتسىزلىك، بەل قويىۋېتىش پاتقىقىغا پېتىپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ يىمىرىلىشكە باشلىغانلىقى ۋە پۈتۈن ئىش- ھەركىتىنىڭ ئامالسىزلىق ۋە  ئىقتىدارسىزلىق تەرىپىدىن  بويسۇندۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   شۇڭلاشقا، اللە نىڭ ئەلچىسى ئۆز ساھابىلىرىنى اللە تىن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى سوراشقا بۇيرۇيتتى. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي مۇنداق دەيدۇ:  
بىر كۈنى اللە نىڭ ئەلچىسى مەسچىتكە كىرىپ، ئەبۇ ئۇمامە ئىسىملىك بىر ئەنسارىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:« ئەبۇ ئۇمامە، ھازىر ناماز ۋاقتى بولمىسا سەن نېمىشقا مەسچىتتە ئولتۇرىسەن؟» ئۇ جاۋاپ بەردى: «غەم ۋە قەرز سەۋەبلىك، ئى اللە نىڭ ئەلچىسى.» ئۇ دېدى:« مەن ساڭا بىر سۆز ئۆگىتىپ قوياي. مۇبادا سەن ئۇنى دىسەڭ، اللە سېنىڭ غېمىڭنى كەتكۈزىۋېتىدۇ، سېنى قەرزدىن خالاس قىلىدۇ، ماقۇلمۇ؟» ئۇ جاۋاپ بەردى:« ماقۇل، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى.» ئۇ ئېيتتى:«سەن ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا: « ئى اللە ساڭا سېغىنىپ غەم-قايغۇدىن پاناھ تىلەيمەن، مېنى ئاجىزلىقتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن نېرى قىلغىن، مېنى بېخىللىقتىن ۋە قورقۇنچاقلىقتىن يىراق قىلغىن، مېنى قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەرنىڭ زۇلمىدىن ساقلىغىن.» دېگىن. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)
   ئەبۇ ئۇمامە دەيدۇ: «مەن شۇنداق قىلغان ئىدىم، اللە دەرۋەقە مېنىڭ قايغۇمنى كۆتۈرىۋەتتى،قەرزىمنى ئادا قىلىۋەتتى.»
   
« يارا پەيدا قىلغىنى سىزنىڭ مەلۇم نەرسىنى سەرپ قىلغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى مەلۇم نەرسىنىڭ سىزنى سەرپ قىلغانلىقى.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« تىللاردا داستان بولغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت.»

                                              7
                                     جەننىتى ئايال

   ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ ئېيتىدۇ: ئىبنۇ ئابباس ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ساڭا جەننىتى بىر ئايالنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» مەن «ماقۇل» دېدىم.
   ئۇ ئېيتتى: بىر قارا تەنلىك ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ ئېيتتى: «مەن سەرئى(تۇتقاق)كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. قوزغالغاندا ئەۋرەتلىرىم ئېچىلىپ قالىدۇ. مەن ئۈچۈن اللە قا دۇئا قىلىپ قويسىڭىز.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:« ئەگەر خالىسىڭىز سەۋر قىلىڭ، جەننەت سىزنىڭ بولىدۇ. ياكى مەن اللە تىن سىزنى ساقايتىپ قويۇشىنى تىلەي.» ئۇ ئايال دېدى:«مەن سەۋر قىلاي، بىراق اللە تىن ئەۋرەتلىرىمنى يېپىشىنى تىلەپ قويۇڭ.» شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دۇئا قىلدى.
   بۇ ئىخلاسمەن مۇسۇلمان ئايال قىسقىغىنا بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان بىر مەسىلىنى قۇبۇل قىلدى ۋە ئۇنى جەننەتكە ئالماشتۇردى. ئۇ بىر ياخشى سودا قىلدى. چۈنكى ئۇ جەننەت ئاھالىسىغا تەۋە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆز ئەۋرىتىنى كۆرۈپ قېلىشنى خالىمىدى، چۈنكى ئۇ بىر ئىخلاسمەن، دۇرۇس مۇسۇلمان ئايالغا ماس كەلمەيتتى. ھازىر، بىز ئاشۇ يالىڭاچ،  ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان جايلىرىنى ئىپادىلەپ قويىدىغان دەرىجىدە كىيىنىدىغان، ئېسىل رومالىدىن ۋاز كەچكەن ئاياللارغا نېمە دەيمىز؟!
   
«ئەمدى ئەنسىرمەڭ، سەۋر ۋە قەتئىيلىك بىلەن رىئاللىققا يۈزلىنىڭ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەڭ.»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن.»

                                                 8
                                      سەدىقە بالانى يەر

   سەدىقە خاتىرجەملىك تېپىشنىڭ بىر مۇھىم يولى. مۇبادا بىر ئىنسان ياخشى ئىش قىلسا، اللە مۇشۇ دۇنيادا ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ، ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ۋە قانائەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ناھايىتى ئازغىنا بىر نەرسە سەدىقە قىلىشنمۇ تۆۋەن كۆرمەڭ، ھەتتا بىرتال خورما، بىر لوقما تائام، بىر يۇتۇم سۇ ياكى سۈت بولغان تەقدىردىمۇ. نامراتلارغا، مىسكىنلەرگە، ئاچلارغا سەدىقە بېرىڭ، كىسەللەرنى يوقلاڭ. شۇندىلا  اللە نىڭ ئەندىشە ۋە ئازاپلىرىڭىزنى يەڭگىللەتكەنلىكىنى بايقايسىز. سەدىقە پەقەت ئىسلام دورىخانىسىدىلا تېپىلىدىغان بىر خىل دورا.
   بىر ئادەم ئىمام ئىبنۇ مۇبارەكتىن سورىدى: « ئەي  ئابدۇراھماننىڭ ئاتىسى، مېنىڭ تىزىمغا سۇلۇق ئىششىق چىقىپ قالغىلى يەتتە يىل بولدى. داڭلىق تېۋىپلاردىن سورىدىم، پۈتۈن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى سىناپ باقتىم. ئەمما ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى.» ئىبنۇ مۇبارەك ئېيتتى: « كىشىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق جايدىن بىرنى تېپىپ، بىر قۇدۇق كولىغىن، ئۈمۈدۈم، سۇ ئېتىلىپ چىققاندا، تىزىڭنىڭ قېنى توختاپ قالار.» بۇ ئادەم شۇ بويىچە قىلىۋىدى، دەرۋەقە ساقىيىپ كەتتى.
ئەمەلىيەتتتە بۇ ئىشنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.  چۈنكى اللە نىڭ ئەلچىسى مۇنداق دەيدۇ: « كېسەللىرىڭلارنى سەدىقە بىلەن داۋالاڭلار.» يەنە مۇنداق دەيدۇ: « سەدىقە اللە نىڭ غەزىپىنى باسىدۇ ۋە يامان ئاقىۋەتتىن ساقلايدۇ.»

«ئەنسىزلىك بىكارچىلىقنىڭ دوستى»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«ئۇلار (جەننەتنىڭ) چىدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر.» (72 :55)

                                              9
                   قەلبىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈڭ، چۈنكى دۇنيا گۈزەل

   شۈبھىسىزكى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار شۇنچىلىك گۈزەل، گۈزەللىكى ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىركۈن ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ئوخشىمايدۇ: تاڭ سەھەردىن ئاخشامغىچە، كۈن چىققاندىن كۈن پاتقىچە، ئاي نۇرى پارلىغان كەچتىن ئەل ياتقۇغىچە، سۈزۈك ئاسماندىن تۇمانلىق ھاۋاغىچە، ھەتتا بىر مىنۇتتىن بىر مىنۇتقىچە، بىر نۇقتىدىن بىر نۇقتىغىچە، بىر بۇلۇڭدىن بىر بۇلۇڭغىچە ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ئوخشىمايدۇ. بارلىق گۈزەللىك ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
   بۇ چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز گويا بىر گۈزەل كۆز كەبى مېھىرلىك نۇر چاچماقتا. ئاۋۇ ئىككى تال يۇلتۇز توپتىن ئايرىلىپ بىر-بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشماقتا. مانا بۇ يۇلتۇزلار توپى ئاسماندىكى دوستلار كەبى يىغىلىشقا قاتناشماقتا. ئاۋۇ چۈشكە ئوخشايدىغان ئاي بەزى خىرەلىشىپ بەزى نۇرلىنىدۇ، بەزىدە بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشاپ قالىدۇ، يەنە بەزىدە گويا ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك غايىپ بولىدۇ.
   بۇ چەكسىز ئالەم، كۆز مەڭگۈ ئۇنىڭ پايانسىزلىقى تۈپەيلىدىن چارچاپ كەتمەيدۇ، كۆز نۇرى مەڭگۈ ئۇنىڭ چېكىگە يېتەلمەيدۇ.
   بۇ خىل گۈزەللىكنى ئىنسان پەقەت كۆزىتەلەيدۇ ھەم ئويلىيالايدۇ ئەمما تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ.
   
«مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئەنسىرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارغا ئوخشاش  ياسىنىپ چىقماڭلار.» (33 :33)

                                            10
                                   روماللىق قەھرىمان

   خەلىپە ئوسمان ھەبىبنى مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن بىرىنى باشلاپ، مۇسۇلمانلارغا ئېغۋاگەرچىلىك قىلغان ۋىزانتىيە پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ھەبىبنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى بىر ئەسكەر ئىدى. جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەبىب قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈرۋاتاتتى، ئايالى تۇساتتىن ئۇنىڭدىن سورىدى: «جەڭ قىززىپ، ئەسكەرلەر دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ھەركەت قىلىۋاتقاندا بىز نەدە ئۇچرىشىمىز؟» ئۇ جاۋاپ بەردى: «سەن مېنى ۋىزانتىيە قوماندانىنىڭ چىدىرىدىن ياكى جەننەتتىن  تاپالايسەن.»
   جەڭ بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقتى. ھەبىب ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىركى ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشتى. اللە ئۇلارغا غەلبە ئاتا قىلدى. ھەبىب ۋىزانتىيە قوماندانىنىڭ چىدىرىغا ئالدىراپ بېرىپ، ئايالىنى ساقلىماقچى ئىدى. بىراق، ئۇ چىدىرنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، ۋىزانتىيە باش قوماندانىنىڭ چىدىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
   
« سىز يەنىلا خىزمەت قىلالىسىڭىز، ھەركەت قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا، ھاياتتا قىيىن ياكى قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.»


داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OYCHIMAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 02:20 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 11:50:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەندە ناھايتى ھۇزۇر بىلەن ئۇقۇدۇم ،مۇشۇندا ياخشى يازمىنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەگە يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر،اللا ئىگەم ئشلىرڭىزغا ئاسانچىلىق بەرگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 07:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئاللاھىم كاتتا ئەجىر بەرگەي ، بەكلا ياقتۇردۇم، ھەم ساقلىۋالدىم.كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 08:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل ئەسەركەن،،،ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم،،ھارمىغايسىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 09:00:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىز  زىيادە بولغاي  ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 09:13:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ   رەھمەت   قىلغاي...  

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش