خىجالەت
ئەكە دوستۇم قولۇڭدىكى چىنەڭنى،
چاي يېڭىلاي تاتلىق ناۋات سەپ بېرەي.
ئەمدى كەلدۇق گەپنىڭ قىزىق يېرىگە،
ئىچكىرىدە بولغان ئىشنى دەپ بېرەي.
نان ئالغىلى كەلسەم دۇكان ئالدىغا،
زەپ چىرايلىق تەڭتۇش بىر قىز تۇرۇپتۇ.
ناۋاي بالا ئىچىدىكى ئۆيدىكەن،
جىمجىتقىنە چىقىشىنى كۈتۈپتۇ.
مەنمۇ تۇردۇم ئۇ قىزچاقنىڭ يېنىدا،
باش كۆتۈرۈپ قاراپ قويدى لەپپىدە.
كىينىشىدىن خەنزۇمىكىن دەپتىمەن،
بىلمەپتىمەن ئۇيغۇر ئىكەن ئەسلىدە.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ توۋلىسام،
چىقتى ئۆيدىن ناۋاي بالا ئالدىراپ.
سالاملىشىپ، بىر قۇر ئەھۋال سوراشتۇق،
تۇرۇپ قالدى سۆزۈم ئاڭلاپ گاڭگىراپ.
«ئاۋۋال بېرىڭ ئاۋۇ تۇرغان خەنزۇغا،
بولۇپ قالدى ساقلىغىلى نە ۋاقمۇ.»
ھەيرانلىقى چىقار ئىدى كۆزىدىن،
يەنە بىرنى قاراپ قويدى قىزچاقمۇ.
«نەچچىنى» دەپ سورىغاندا قىزچاقتىن،
«بىرنى» دېدى، ھەيران قالدىم ئىشەنمەي.
خىجىل بولۇپ بايا قىلغان سۆزۈمگە،
ئاسمان يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەلمەي.
ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir552 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-23 08:44 PM