مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 26759|ئىنكاس: 252

ھېلىقى ساۋاقدىشىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 08:22:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېلقى ساۋاقدېشىم

سەبىر

< مۇقەددىمە >

          ئوقۇشىمىز پۈتەي دەپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە ئىززەتنىڭ «قونداق»تا تۈنەپ قالدىغان كۈنلىرى كۆپىيىپ قېلۋاتاتتى.بىردە ئۇنىڭ تەقدىرىدىن ۋايىم يىسەم،يەنە بىردە ئۇنىڭ ياتاققا كىرمەسلىكىدىن خۇشمۇ بوپ قېلۋاتاتىم.چۈنكى ئۇ ياتاققا كىرگەن كۈنلىرى بىزنىڭ «ئازاپ»قا دۇچار بولۇپ بىرنەچچە كۈن روھسىز   يۈرىيدىغانلىقىمىز  ئېنىق دىگەن گەپ.                              

            ھەپتىدە تۆت كۈن سورۇن ئويناپ سىرىتتا تۈنەپ قېلىش ،ئاتائانسىنىڭ چەكسىزكۆيۈمى ۋە باي-باياشات ئائىلە مۇھىتى ئىچىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىق كۆرمەي،ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك خاتىرجەم چوڭ بولغان بۇ شەھەرلىك ئەتىۋارلىق باي غۇجام-خېنىملارنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشى، ياتاققاقايتىپ كەلگەندىن كىيىن ھەر ئاخشىمى نۆۋەت بويىچە بىركۈن بىر ياتاقتا،يەنە بىركۈن ياتاقتا تۈن يېرىمدىن ئاشقۇچە سورۇن تەسىراتلىرنى سۆزلىشىپ سەت چىرقىراپ كۈلۈشۈش بولسا ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىشى، ئەتىسى دەرىسكە چىقماي كۈن چۈشكىچە ئۇخلاش ئەڭ راھەتلىنەرلىك ئىشى  بولسا كېرەك.لىكىن ئۇلار  ئاشۇ «خۇشاللىق»لىرىنىڭ باشقلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە بولىۋاتقانلىقىنى بىلشمەيدۇ.ئۆزلىرى قايسى بىر بايۋەتچە يىگىتلەرنىڭ ،كېلىشكەن ئوغۇللارنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ ھوزۇر بىلەن كۈلشىۋاتقىنىدا،ئۇلارنى قولغا  كەلتۈرۈشنىڭ تەدبىر،پىلانلىرنى تۈزۈش ئۈچۈن زوق-شوخ بىلەن «قىممەتلىك»تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتىرغا قويشىۋاتقىنىدا ، باشقا ئۇيقىسىرىغان بەش جۈپ قارا كۆزنىڭ ، بەش دانە ھارغىن قەلىبنىڭ ئۇلاردىن سۆھبەتنى تىزراق ئاخىرلاشتۇرۇشنى تىلەپ نىدا قىلۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ قويۇشمايدۇ.ئەگەر چىش يېرىپ بىرنىمە دەپلا قالسىغۇ شۇ ئادەمنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.ئىشقىلىپ كۆپ ئەھۋاللاردا ئىززەتنى ياتاققا قايتىپ كىرمىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدىغان، كۆزۈم كۆرمەيدىغانلا ئىش بولسا نىم بولسا بولسۇن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.

       نېمە ئۈچۈن دېمەكچىمۇ سىز؟!  ئەمىسە داۋاملىق سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ..ئاۋال بىز ۋىژدان، ئىمان،غۇرۇر دىگەندەك چوڭ ئوقۇملاردىن سۆز ئاچماي تۇرايلى،ئەڭ ئەقەللىيسى بىر ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشى ئۆز قەۋمىدىن بولغان بىرھەمشىرىسىنىڭ،ساۋاقدېشىنىڭ،قۇردېشىنىڭ،ياتاقدېشىنىڭ يامان يوللاردا مېڭىپ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىنى  خالىمايدۇ ھەم ھەرۋاقىت شۇ قېرىندىشىنڭ غېمىنى قىلشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ،ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بارچە ئاماللار بىلەن چارە ئىزدەيدۇ ،ياردەم قولىنى سۇنۇشتىن باش تارىتمايدۇ ئەلۋەتتە.ئەمما خەنلەرنىڭمۇتەپەككۇرى كۇڭزى ئېيىتقاندەك:«چىرگەن ياغاچقا نەقىش ئويغىلى بولماس،كېسەك تامنى سىرلاپ ئاقارىتقىلى بولماس،گەپ تەسىر قىلمايدىغان ئادەملەرنى نەسھەت قىلىپ ئۆزگەرىتكىلى بولماس.»دېگەندەك ھالەتكە كېلىپ قالغان بۇ خىل ئادەملەرگە، ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا«ئەلھەكمۇدۇللا!»دېمەكتىن ئۆزگە چارە يوقكەن.ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن تەپ تارىتمايدىغان «چويۇن قۇلاق»لار بىزدەك يالاڭتۆش،سوكسوك ساۋاقداشلىرىنىڭ تەربىيە سۆزلىرىنى پىسەنتىگە ئالامتى دەيسىز؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ياتاققا قايتىپ كەلسە زىيان «قوش»بولىدىكەن دەڭە، شۇڭا بۇ تەكرارلىق ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىۋىرىپ ،ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەت زىيىنى كۈندىن كۈنگە زوريىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ  «ئىنساپسىز»،«ئەكسىيەتچى» خيالىمدىن خىجىللىق ھىس قىلىپ كەتمەيدىغانمۇ بولدۇم.باشقىسىمۇ مەيلتى، ئەمما ئەڭ ئاچچىغىم كېلدىغىنى،مۇشۇلار ياتاققا قايتىپ كەلگەن كۈنلەردە مېنىڭ سەھەر پەرزىنى ئادا قىلدىغان ۋاقتىم ۋە كۈندىلىك مەشغۇلىيەت پىلانىمنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى ئىدى.

         دېمەيلا قويۇڭ، ھازىرقى مۇشۇنداق كىشى قەلبىدىكى ھورۇنلۇق ئېشىپ،شەيتاننىڭ ۋەس-ۋەسسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ،كىشلەر ئېڭى بارغانسىرى بىخۇدلىشىپ بېرۋاتقان،ئىمان نۇرى يەر يۈزىدىن بارغانسىرى كۆتۈرلۈپ كېتىۋاتقان،ئىنسانلار قەلبىدىكى ئىتقاد بايرىقى بارغانسىرى بوشاپ لەپپەڭشىپ قېلىۋاتقان  ۋەزىيەتتە،سىزنىڭ نۇرمال مەشىغۇلىيەت ۋاقىت تەرتىپڭىز ئىككى كۈنلا قالايمىقان بولۇپ كېتىدىكەن، ئۇنداقتاسىزنىڭ بۇ خىل ئاستىن-ئۈستۈنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرشىڭىز ئۈچۈن ساق بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىشىدە  گەپ يوق. مەندەك غەيرى خاراكتىردىكى ئادەم بولسىڭىز تېخىمۇ قىين.باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپمۇ ئۈلگۈرىسىز تېخى.قانداقسىگە دەمسىز؟ ئەمسە ئاڭلاڭ، مەن مۇشۇ ياتقىمدىكى «مەشھۇر شەخىس»نىڭ «زىيانكەشلىكى»تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ پەرىزنى ئاداقىلمايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپسالدىم.بۇنى ئۇنداق قىلىپمۇ تۈزتەلمەي،بۇنداق قىلىپمۇ تۈزتەلمەي،ئاخىردا شىنجاڭدىكى بىرقانچە ساۋاقدېشىمنى ياردەمگە چاقىردىم.كىم بىلسۇن ، ئۇلار مېنى ئۆزلىرنىڭ  مەشغۇلىيەت ۋاقتى بويىچە ئويغىتىپتۇ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتى قانداقمۇ ئۇدۇل كەلسۇن؟!نەتىجىدە يەنىلا«يەتتەئاكاڭ،سەككىز ئاكاڭ (ئىككى سەككىز ئون ئالتە دېگەن مەنىدە) »دېگەندەك ئىش بولدى.ئۇلارنى ئەيىبلىۋىدىم مەندىن رەنجىپ قېلىشتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزغا تېخىمۇ ئۆچلۈكۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى.

      ئەمەلىيەتتە بۇ قىزنىڭ ياخشى تەرپىمۇ يوق ئەمەس.ھازىرغۇ ئەدەبىياتتا «يۇملاق پىرسۇناز»،«چاسا پىرسوناز»دىگەندەك گەپلەر ئوتتىرغا چىقتى.ھەممىڭلار بىلسىلەر،«يۇملاق»دىگەن كۆپ قىرلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە،«چاسا»دىگەنلىك بىرلا خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە دىگەنلكنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما مەن يەرشارىدا «چاسا»خاراكتىرلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا چىنپۈتمەيمەن زادى.چۈنكى دۇنيادا نوقۇللا ياخشى ياكى يامان ئادەم بولمايدۇدە.ئىنسان بولغانىكەن چوقۇم ئۇ ئۇنداق مۇنداق ياخشى بولمىغان خاراكتىر ياكى ھەر خىل ھەر ياڭزا نۇقسانلاردىن خالى بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دوستۇمنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئادەمنى سۆيۈندۈردىغان ئوماق تەرەپلىرى ۋە ياخشى خىسلەتلىرىمۇ ناھايتى نۇرغۇن ئىدى.

مېنىڭ ئالى مەكتەپ تۇرمۇشۇم ۋە ھاياتىمنى ئىززەتتى ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئالى مەكتەپ ھايات سېمفونىيەمدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىپ دەپ قارساممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئالى مەكتەپ تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىملەرنىڭ شاھىدى . ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى تېخىمۇ سەرخىل ئۆتكۈزۈشۈم ۋە كۆڭۈللۈك ئەسلىملەرنى قالدۇرىشىمنىڭ،تۇرمۇشىمدىكى بەزىبىر خاتالىقلار ۋە كۆڭۈلسىزكلەرنىڭ سەۋەپكارى . شۇنداقلا ئالى مەكتەپتىكى ياتسىراش، غېرىپلىقنىڭ سىرىتمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ،ئۈمىدۋار بىر قىزغائايلىنىشىمغا مەدەت بولغان بىردىبىر كىشى ئىدى.قىسقىسى ئۇ ئالى مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن سىردىشىم ئىدى. ئالى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇنجى قەدەمنى ئالغان كۈندىن باشلاپ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىمدا،ئالى مەكتەپتىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك شۇنداقلا ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرشۇنداقلا مەن ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغا بىرقىسىم يىرگىنىشلىك ئەسلىمىلەربىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ.........


1. شىرىن كۈنلەر



        مەكتەپنىڭ ئالتە كىشلىك ياتاققا قانداق قىلىپ يەتتىمىزنى تەقسىم قىلىپ قويغىننى بىلمەيمەن.داداملارنى يولغا سېلۋىتىپ قايتىپ كىرسەم ياتاقتا ھەرخىل ئادەملەر ئولتۇرۇپتۇ،چوڭ-كىچىك،ئورۇق-سېمىز دىگەندەك.تېخى بىرەر قۇر ئەھۋال سورىشا-سوراشمايلا ئۇلار مېنى سوراققا تارتىشىپ كەتتى:

      -ھەي قىز،سىزمۇ مۇشۇ ياتاققا بۆلۈندىڭىزمۇ؟

      -ئىسمىڭىز نېمە سىزنىڭ؟دادىڭىزنىڭ ئىسمىچۇ؟

      -ئىسمىڭىزنىڭ خەنزۇچە يېزلىشىنى دەپ بېقىڭە قېنى؟

      -مەن مۇشۇ ياتاققا بۆلۈندۈم دەيدىغانغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟

      -ياتاققا بۆلۈنگەنلىك ئىسپات ھۆجىجىتىڭىز بارمۇ؟ ياتاق ھەققى تالۇنىڭىزچۇ؟

       -ئاچقۇچ بارمۇ سىزدىمۇ؟

      -كىملىك نۇمۇرىڭىزنى يادلاپ بېقىڭە قېنى؟

       ئالى مەكتەپكە كىلە-كەلمەيلادۈشكەلەشلەشلەرگە ئۇچرىغىنىمدىن ئاچچىغىم كېلىپ ئولتۇرسام ئۇزۇن چاچلىق، يوغان كۆزيېڭى ياتاقدېشىمنىڭ، يارمىغان كۆتەكتەك سېمىز،قىزىل كۆز ،ئچكىرچى ئاياللاردەك كۆرنىدىغان سۆرۈن تەلەت ھامما ئاچىسى(كىيىن نۇرزىيەدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ ئىلگىرى راستىنلا ئچكىردە تۇرغانمىش،ھەم شۇ جەرياندا تۆت ياشلىق قىزى ئىككىسى نەچچە قۇر ئالتۇن جابدۇقلۇق بولۇپ قايتىپ چىققانمىش.)  ھەيۋە بىلەن ئالدىمغا كېلىپ،خۇددى خەلىق ئىشلارئىدارىسىنى رازۋېدكا خادىملىرى گۇمانلىق «ئۇنسۇر»لارنىڭ ماتىرياللىرىنى تەكشۈرگەندەك ھەممە نەرسەمنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ كەتتى.مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن،ئالدىراپ كېتىپ قالغان داداملارنى ئويلاپ كۆزلىرىمگە غىللىدە ياش كەلدى.ئۇئايال مېنىڭ «ھەقىقى ياتاق ئەزاسى» ئىكەنلىكىمنى جەزىم قىلغاندىن كىيىن،چىرايىمغا قاراپ سىېمىز ئېڭەكلىرى ئارسىدا بىلنەر-بىلىنمەس ھالەتكە كېلىپ قالغان كىچىك ئويماق ئاغزىنى يانغا قىيسىيتىپ كۈلۈپ يىنىككىنە تەبەسسۇم قىلىپ قويغاندەك قىلدىيۇ،ئارقىدىنالا ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ ماڭغىنىچە جىيەن قىزىنىڭ كارۋىتىغا كېلىپ ئۆزىنى تاشلىدى. مەن چاناقلىرىمغا ئېسىلىپ ئۈلگۈرگەن كۆزياشلىرىمنى دەماللىققا قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي كارۋىتىمغا چىقتىم،-دە يوتقاننى يۈزۈمگەياپتىم.....

      تالاش-تارتىش داۋام قىلماقتا ئىدى.ھېلقىمىنى سوراق قىلغان ئايال بىلەن يانا بىر بويى مەن بىلەن تەڭ دېگۈدەك كېلىدىغان چىرايلىق، بودەك ياتاقدېشىمنىڭ ئوقۇتقۇچى ئاپسى ياتاققا كىملا كىرسە سوراققاتارتىپلا تۇراتتى.ئاقىۋەتتە ھەممىمىزدە ئاچقۇچ ۋە تالۇن بار بولۇپ چىقتى. ھېلقى ئىككى ئايال ئۇيان مېڭىپ،بۇيان مېڭىپ ئىشنى ھەل قىلىپ بولالماي ئاخىردا ئۇيقۇغا كېتىپ قېلىشتى.تېلفۇنۇمنىڭ يورۇقىدا تورۇسقا قارغىنىمچە ياتىمەن.كۆزلەردە ھېچ ئۇيقۇ يوق.كاللامدا يېڭى تۇرمۇش ھەققىدە خىياللار ئەگىمەكتە...قانچىلىك ياتتىمكىن؟بىر چاغلار بولغاندا ياتاقتا خورەك باشلىنىپ كەتتى.يا پاناھ... ھېلقى ئىچكىر چىراي پور كۆتەكنىڭ تارىتقان خۇرىكىنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ خورىكى بىر ياندا قالىدىكەن ئەمەسمۇ! توۋا دەپ ياقامنى چىشلىگىنىمچە تىڭشىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ ناخشىنى بولىشىغا قويدۇم. ئەتىسى ئويغانسام تېلفۇندىن ناخشا چىقىۋېتىپتۇ.قۇلاقلىرىمنىڭ ساق-سالامەت قالغىنىدىن خۇرسەن بولۇپ ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇردۇم.

       ئالتە كىشلىك ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا مەن،ھېلقى ئۈرۈمچىلىك ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ قىزى ئىززەت،مېنى سوراق قىلغان غۇلجىلىق سېمىز ئايالنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان جىيەنى نۇرزىيە،يانا بىرسارىگۈل ئىسىملىك قەشقەرلىك قىز، ئارزىگۈل(تاجىك)ئىسىملىك ئاقتۇلۇق قىز ،جاينا(قازاق)ئىسىملىك ئالتايلىق قىز ،سارىن(موڭغۇل)ئىسىملىك كورلىلىق قىز قاتارلىق يەتتىمىز بۆلۈنگەنىكەنمىز.ئارىمىزدا خېلى جەڭگى-جىدەللەردىن بولۇنغاندىن كىيىن، ياتاق ئەزالىرى ئومۇمى ئىسىملىك جەدۋىلىدە سارىگۈلنىڭ ئىسمى يوقلىقى ئېنىقلاندى.ھېلقى سېمىز ئايال مۇڭغۇل قىزنى باشقا تاققا ئالماشتۇرۋىتىش تەكلىپىنى ئوتتىرغا قويدى.بىز ھەممىمىز قوشۇلدۇق. كىم بىلسۇن، ئۇ مۇڭغۇل قىز«ئۇيغۇرلار بىرلىشۋېلىپ مېنى بوزەك قلماقچى.»دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ مۇڭغۇل ئاچىللىرىنى باشلاپ كىرىپ جېدەلنىڭ چوڭىنى چىقاردى.ئاخردا ياتاق باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىملار سارىگۈلنى باشقا ياتاققا تەڭشەپ ئىشنى جىمىقتۇردى.شۇنداق قىلىپ، مەن، ئىززەت ،نۇرزىيە ،سارىن،جاينا،ئارزىگۈللەر بىرياتاق بولۇپ قېپقالدۇق. دەسلەپتە بىز سارىننىڭ بىزگە غۇم ساقلاپ ئۆچ ئېلشىدىن ئەندىشە قىلىشتۇق.ئويلىمىغان يەردىن سارىن بىزگە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خۇش چىراي ئېچىپ،دوسلۇق قولىنى سۇندى.

        بىزئالتىمىز شىنجاڭنىڭ ئالتە جايىدىن كەلگەن ھەمشېرىلەر بولغاچ،ھەممىمىزنىڭ شېۋسى ھەر خىل، مىجەز-خاراكتىرىمىز ھەرياڭزا ئىدى.بولۇپمۇ مەن، ئارزىگۈل،جاينا ئۈچىمىز سەھرادىن كەلگەن، قالغان ئۈچى شەھەردىن كەلگەن بولغاچ،بىز ئۆز-ئاراپىكىرلەشكەندە ياكى ھەركەت قىلغاندا ئاسانلا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپقالاتتۇق.جاينا گەرچە ئالتاي قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان ئاددى قىز بولسىمۇ، شىمالىدىن كەلگەن بولغاچقا، جەنۇبى شىنجاڭ سەھرا مايسىللىرى بولغان ئارزىگۈل ئىككىمىز ئۇنى ئۆزىمىزدىن مەدەنىيەتلىكرەك،ئىلمىيراق  دەپ ئويلاپ ،گەپ-سۆزدە ئۇنىڭدىن ئىھتىيات قىلىپ،ئۆزىمىزنى چەتكە ئالاتتۇق. ئىززەت،سارىن،نۇرزىيەلەرغۇ شەھەر قىزلىرى ھەم بىر-بىرىدىن چىرايلىق مۇدا  يۈرىدىغان قىزلار بولغاچ ئارتۇق-تۈشۈك گەپ قىلىشتىن ئەسلا تەپ تارتاتتۇق.بۇ قىلقىمىز ئىززەتنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.ئۇ ئارىمىزدا ئازادە كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلدى بولغاي،ئاپىسى كەتكەن كۈنى ئاخشىمىلا بىزنى يېتەكلەپ تاماققا ئېلىپ چىقتى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن مۇشۇ توغرىسىدا سۆز ئېچىپ:


       -ھەي باللار، بىز كەلگىنىمۇ ئۈچ تۆت كۈن بولاي دېدى.تېخچە بىر-بىرىمىز بىلەن تۈزۈكرەك تونۇشۇپ ئەھۋاللىشىپمۇ باقماپتۇق.-دېدى ھەم مېنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ،-بولۇپمۇ سىز جۇمۇ ئەي مۇز تەلەت قىز ،چىرايىڭىزنىڭ تاينى يوقلىقىغا باقماي تېخى قاچان قارىسا غورا يەۋالغاندەك تۇتۇلۇپلا يۈردىكەنسىز،سىزگە  «غورا قىز»دەپ دەپ لەقەم قويۇپ قويمايلى يانا. غورىدەك كۈكۈرۈپ ئولتۇرىۋەرمەي،ئانچە-مۇنچە كىشىگە ئارلىشىپ ئۆتىلى ! مۇنداق ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ تۆت يىلنى.بەك تارتىنجاقمۇ نېمە سىز،گەپ قىلىپ ئولتۇرلى ھەئانچە-مۇنچە!

        مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بىردە خىجالەت بولۇپ شەلپەردەك قىزارسام،يەنە بىردە بۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان ئەپچىلگىنە چاقچاقتىن ئازادىلىك ھېس قىلدىمدە،يۇمۇرىستىك خاراكتىرىمغا ماس ھالدا پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلىۋىتىپ، ئاستا جاۋاپ بەردىم:

       -بۇ سەت چىرايلىقنىڭ گېپنى چىقىرىپ قاللا ئۇز خېنىم؟ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمىسىلە ئەمدە.«قولنى كۆيدۈرگەن يەڭلىك،يۈزنى ئاقارىتقان ئەڭلىك»،«تام سۇۋاق بىلەن چىرايلىق،قازان تۇۋاق بىلەن چىرايلىق،ھازىرقى قىزلار بوياق بىلەن[چىرايلىق]» دېگەندەكسىلنىڭ چىرايلىرىمۇ چا چاغلىق. ئالدىللىردا سەھرلىقتەك كۆرۈنگىنىمىز بىلەن چا بۇنچىلىك ئىشلانى بىلگۈچىلكىمىز با بىزنىڭ.بىزمۇ چا مەتۇ،تومپاي بولغىنىمىز بىلەن سىلىگەئوخشا جابدۇندىغان بولساق ئۆزلەدىن قېلىشقۇسىز «تىرىسسىدە» قىزۇۋلا جۇما!يانا بىرگەپ، سىلى غورا ئۇنداق ، غورا بۇنداق دىگەنلىرى بىلەن بۇ غۇرىمۇ چا،يامان نەرسە ئەمەستى ئانداق.غورىنىڭمۇ چا،ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچقىلىقى با جىما........

        شېۋەم قىززىق تۇيۇلدىمۇ ياكى سۆزلىرىىم غەيرى بىلىندىمۇ ئەيتاۋۇر شىماللىق تۆتى بىر-بىرىگە قارشىپ «ۋاي ۋاي ۋاي قەشقەرررررررررر....»دېيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.ئىززەت ماڭا :«بولدى ،يېتەرلىك بولدى»دېگەن مەنىدە ئىشارە قىلىپ قويۇپ،يەرلىك شېۋىدە ئېيتىلغان سۆزلىرىمنى قايتاتەكرارلاپ كۈلكىنى تېخىمۇ ئاۋۇتتى. ئارزىگۈل قارىسا ھاڭۋاقتىدەك كۆرىنىدىغان ئىچ مىجەزلىك قىز بولسىمۇ،ئۇنىڭغا نېمە شۇنچە تەسىر قىلدىكىن تاڭ! مېنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ئۇلارغا قوشۇلۇپلا كۈلۈشكە باشلىدى.مەن قاتتىق ئوڭايسىزلاندىم ۋە ئىچىمدە ئىككىنجى شېۋە سۆزلىمەيمەن دەپ ئويلىدىم.ئەمما ئىززەتنىڭ« بەختىگۈل،ئىسمى-جىسمىڭىزغا لايىق سەھرانىڭ بەخىتلىك گۈلى ئىكەنسىز»دېگەن گىپى كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ،بارچە كۆڭۈل يېرىمچىلىقمنى سۈپۈرىپ تاشلىدى.ئۇ كۈنى بىز ھەممىمىز ئېچىلىپ – يېيلىپ پاراڭلاشتۇق.خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا قايتىپ، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتىرغا تىزىشىپ ، ئىززەتنىڭ رىياسەتچىلكىدە كۆڭۈللۈك ياتاق بەزمىسى قىلىشتۇق. شۇكۈندىن باشلاپ بىز-بىرىمىزدىن تەپ تارتىشماي ئازادە كەيپىياتتا ئارلىشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ ئۆتۈشتۇق،ياتقىمىزنىڭ بۇخىل كەيپىياتقا كېلىشىگە باشتىن-ئاخىر ئىززەت بىرقوللۇق يول ئاچقان بولدى،بىز ھەممىىز ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدۇق.

        بولۇپمۇ مەن ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتىم.چۈنكى مېنىڭ نەزرىمدىكى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلە شارائىتى ياخشى ئۈرۈمچى قىزلىرى ئالدىراپ بىرىنى ياراتمايدىغان،نەزرى ئۈستۈن،ھاكاۋۇر كىشلەردىن ئىدى.ئۇنىڭ مەن ئۇچراتقان ئۈرۈمچى شەھەر قىزلىرنىڭكىدىن روشەن پەرىقلىندىغان بۇ خىل ئىسىل خاراكتىرى،ئالىجاناپ تەققى-تۇرقى ۋە گۈزەل ھۆسن-جامالىغا ماس بولمىغان كىچىك پىئىللىقى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە خۇشال قىلدى.ئۇنىڭ تۈرىتكىسىدە مەن بىردىنلا جانلىنىپ،كۆڭلۈمدە:«باشقىلارنىڭ ئىككى كۆزى بىر ئاغزى بولسا مېنىڭمۇ شۇغۇ،مېنىڭ بۇلاردىن ھېچنەرىم كام ئەمەسقۇ!»دەپ ئويلايدىغان،باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئانچە يىتىرقاپ كەتمەيدىغان بولدۇم، قىسقىسى،ئىززەت مېنىڭ ئۆزۈمگە ئشەنىچ تۇرغۇزۇشۇمغا تۈرىتكە بولدى.

           بىز تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىر-بىرمىزدىن چىرايلىق ئالتە قىز تىزلا ئىچكىشىپ،ھەپتە ئىچىدىلا ئىسملىرىمىزنى قىسقارتىپ ئاتايدىغان بولۇشتۇق.مېنى بەختى،ئارزىگۈلنى ئارزى،سارىننى سارى،جاينا نى جايى،ئىززەتنى ئىززى،نۇرزىيەنى نۇرزى دەپ چاقىرشتۇق.بىز نېمىش قىلساق بىرلىكتە قىلاتتۇق.مەن تولىراق ئىززەت بىلەن بىرگە بولاتتىم.چۈنكى ئۇ ئىككىمىز بىر سىنىپ، جاينادىن باشقا ئۈچى بىر سىنىپ،جاينا ئايرىم بىر سىنىپ ئىدى.شۇلا دەسلەپتە مەشخۇلىيەت ۋاقتىمىز ئوخشاش بولغانلىقتىن بىللە يۈرۈشتۇق كىيىن بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان دەرجىدە ئامراقلىشىپ كەتتۇق.

        ئىززەت تولىمۇ چىرايلىق ھەم قويۇق قارا چاچلىرى بەلگىچە چۈشۈپ تۇردىغان نازاكەتلىك قىزئىدى. ئىلمىيلىك بىلەن قىلىنغان گىرىملىرى ئۇنى تېخىمۇ ئۇماق قىلۋىتەتتى. ئۇ ياخشى  بىر پەرداز ئۇستىسى ئىدى.ئارزىگۈل ئىككىمىزنىڭ ئۇنمىغنىغا قويماي گىرىم قىلىپ قوياتتى.بىزگە يانا قىزلارنىڭ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى.مۇشۇنداق چاغلاردا ئۇ ماڭا ھەممىنى بىلدىغان«كۆپ قىرلىق» ئادەمدەك تۇيۇلاتتى ھەم ئۇنىڭغا بولغان قىزقىشىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم.چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىلەن بىللە بولسام ئۆزۈمگەبولغان ئىشەنچىم  كۈچيىدىغاندەك تۇيغۇدابولاتتىم.

     بۇ ئىددىيسى ئوچۇق،يېقىشلىق ئەركە شەھەرقىزى ئىززەت بىزگە ئەگىشىپ تىزلا ناماز ئۆتەشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇنىڭ چەبدەسلىك بىلەن تەرەت ئېلشلىرى ،نامازنى يىغىنچاق ۋە گۈزەل ھەركەتلەر بىلەن ئۆتەشلىرى مېنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى.دەسلىپىدە قىياپىتىگە قاراپ مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ بۇنداق خاراكتېردىكى قىز دەپ ئويلىمىغان ھەم ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مەندىن ياخشىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۇنى ئۆزۈمگە چوڭ بىر تەھدىد دەپ بىلگەن ھەم ئۇنى ئانچە ياقتۇرمىغان ئىدىم.كىيىنچە ئىززەتنىڭ ئىسىللىكى مېنى بۇ خىل ئويۇمدىن ۋاز كەچتۈرۈپ،ئۆزى بىلەن دوسلاشتۇردى.

بىز ئالى مەكتەپنى رېئال تۇرمۇشتىن ھالقىغان بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ تەسەۋۇر قىلۋالغان بولساق كېرەك،ئىشقىلىپ ئەمەلىيەتتىكى بۇ ئالى  مەكتەپ تۇرمۇشى تەسەۋۇرىمىزدىكىگە ھېچ ئوخشىماي قالدى.ئالى مەكتەپتىمۇ تولۇق ئوتتىردىكى جىدديلىك ۋە بېسىملاردىن خالى

بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدا بىر ئاز ئەپسۇسلاندۇق.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىز  كۈنلىرىمىزنى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئازادە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتۇق. ئىززەتنىڭ پىلانلىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى بىلەن بىز ھەر ھەپتىنىڭ بەشى كەچتە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىمىزنى كىيىشىپ ۋە ئۆزىمىزنى چىرايلىق تۈزەشتۈرشىپ بىرلىكتە تاماق يىگىلى چىقاتتۇق.ھەر قېتىمدىلا سارىن كىلىشىپ قويغان ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتقاچ بىزنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.مەن ،ئىززەت،نۇرزىيەلەرئاشخاننىڭ ئارقىسىدىكى جامىئەنىڭ ئاياللار خانىسىغا كىرىپ شام نامزىنى  ئۆتەپ چىقاتتۇق.ئاندىن تاماق ۋە قورۇمىلار تولۇقى بىلەن چىقمىغۇچە ئىززەت بىزنىڭ قول سېلشىمىزغا يول قويمايتى.ئۇنىڭ دېيىشىچە تاماقلارتولۇق چىققاندا بىرەر قۇر سۈرەتكە تارتىپ كوت-كوت بوشلىقىغا (ئۇ چاغلاردا ئۈندىدارتېخى ئومۇملاشمىغان)چىقىرىپ كۆز-كۆز قىلىۋالماستىنلا يىيىلگەن تاماق  ،ھايۋاننىڭ ھەلەپ يېيىشى بىلەن ئوخشاشمىش.

      -بولدى قىلىڭە ئاداش،تاماق بۇنداق ئالدىمىزدا تۇرسا قورسىقىمىز تېخىمۇ ئېچىپ كېتىدىكەن.دەپ زارلىنىپ كېتەتتى تاقىتى تاق بولغان نۇرزىيە.قالغانلىرىمىز بولسا:

     -شۇ شۇ،راس دەيدۇ لىكىن.دېيىشىپ نۇرزىيەنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋەتلىشەتتۇق.

قورسىقىمىز ئېچىپ كۆزىمىز«سەككىز» بولغان بەشىمىز ئىززەتنىڭ  «ئىجازەت»ىنى ئالغاندىن كېيىنلا،قوشۇق-چوكىلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ھوجۇمنى باشلاپ كېتەتتۇق............

تاماقتىن كىيىن  بىر نەچچە پەدە ئۇسۇل ئوينىشاتتۇق ،سۈرەتلەرگەچۈشىشەتتۇق.ئۇسۇل ئويناش باسقۇچىمىزنى« مۇۋەپىقيەتلىك تاماملاپ» بولغاندىن كېيىن،پىيادە مېڭىپ پاراڭلاشقاچ مەكتەپكە قايتاتتۇق،شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى،ۋە باشقا دەرىس ئازكۈنلىرى قەدىمى دەريا خۇاڭخى نىڭ بويىغا بېرىپ كاتىرلارغا چىقىپ ئوينايتۇق،تاغلارغاچىقاتتۇق... ، سۈرەتلەرگە چۈشىشەتتۇق.سۈرەتكە چۈشۈشىمىز دەپ رەسىمچى تەتەيلەرگەقويۇلۇپ كەتكەن ۋاقىتىلىرىمىزمۇ بولغان تېخى.چۈنكى بۇ يەردىكى سۈرەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن ئۆتە كاززاپ بولغاچقا،بىزدەك نادان قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا ئالداپ بىرمۇنچە پۇلىنى قويىۋالاتتى. بۇ پائالىيتىمىز تەخمىنەن بىر يېرىم ئايچە داۋاملاشقاندىن كىيىن،پائالىيەت ئارلىقىنى ئونبەش كۈنگە ئۇزارىتتۇق.چۈنكى ھەپتىدەبىر قېتىم يۇقرى خىراجەت بىلەن بىرۋاخ تاماقلىنىش بىزگە سەل بېسىم بولۇپقالدى.كېيىنچە بۇ ئايدا بىر قېتىمغىچە ئۇزراپ باردى.ئەمما ئىززەت ئىككىمىز بوش ۋاقىت تاپساقلا خۇاڭخى بويىغا ئوينىغىلى بېرپ تۇردۇق.بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىززەت ماڭا ئۆزى ۋە«دوستى»توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەتتى ۋە مېنىمۇ «دوسىتلىشىش»قا ئۈندەيتى.

        بىر قېتىملىق تاغقا چىقىش پائالىيتىمىزپەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.بىر شەنبە كۈنلۈكى بىز ياتاقتىكى ئالتەيلەن خۇاڭخىنىڭ بويىدىكى تاغقا چىقماقچى بولۇپ سەھەردە جابدۇنۇپ ناشتا قىلىپ يولغا چىقتۇق.ئازتولا يىمەكلىك ۋە ئۇسسۇزلۇق تەييارلىۋالغاندىن كىيىن تاغقا يامىشىشنى باشلىۋەتتۇق.تاغدىكى سۈنئىي يوللار ئۇزۇن ھەم ئەگرى توقاي بولغاچقا بىز تىزلا يول مېڭىشتىن يالتىيىپ قالدۇق.ئىززەت ئىككىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن بىز ئادەم مېڭىپ باقمىغان يەرلەر بىلەن تاغقا ياماشماقچى بولۇشتۇق.كىم بىلسۇن،ماڭا ماڭمايلاخەتەرگە دۇچ كەلدۇق.تاغنىڭ يېرىمىغا كىلە كەلمەيلا ئۈچ تەرپى چىرمىشىپ كەتكەن يۆگىمەچسىمان ئۆسۈملۈكلەر ۋە قويۇق چاتقاللار بىلەن بىر جايغا قاپسىلىپقالدۇق.كەينىمىزگە يانايلى دېسەك بىز ياماشقان جاي ناھايتى تىك بىر قىيا بولغاچقا چىقىشتىن قورىقمىغان بىلەن چۈشكەندە سىيرىلىپ دومىلاپ كېتىشتىن قورىقتۇق. مەن كىچىك ھاشارەتلەردىن قورقىدىغان بولغاچقا بۇ يەردەيۈرەكئالدى بولۇپ زادى تۇرالمىدىم.«قورىققانغا قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك ئاران تەسلىكتە بىر شورا تېپىپ شۇ يەردىن يۇقرىغا ئۆرلەپ مېڭىۋاتقىنىمىزدا چاتقال غوللىرىدا مىغىلداپ يۈرگەن بىر-بىرىدىن «فىگورىلىق»تۈكلۈك چىپار قۇرۇتلارغا كۆزۈم چۈشۈپ ئەس-ھوشۇمنى يوقىتىپ پەسكە سىيرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم.پەسكە سەنتۈرلۈپ كېتىۋاتقان جانسىز گەۋدەم كەينىمدىن تاپ بېسىپ كەلگەن ئارزىگۈلنىڭ قاۋۇل بىلەكلىرى ئارسىغا قىسىلدى.ئۇ مېنى يۈلىگەن پېتى شورىدىن سۆرەپ ئۆتكۈزۈپ ئۈستى تەرەپتىكى ئوچۇقچىلىققا ئېلىپ چىقىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.قورقۇنىچتىن پاچاقلىرىم تىتىرەپ،يۈرىكىم خېلىغىچە ئىزىغا چۈشمىدى.ئاچچىغىمدا ئىززەتلەرگە:

       -خېنىم بۇدا بۇندا يوللاغا باشلاشىسىڭىز ماڭمايمەمەن،دېدىم.ئۇلار مېنىڭ بوپ كەتكەن ھالىمغا قاراپ بىر ھازاغىچە كۈلۈشۈپ مېنى مەسخىرە قىلىشتى.

        بىز قورساقلىرىمىزنى بىرەر  قۇر ئەستەرلىشىۋالغاندىن كىيىن يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. تاغنىڭ چوققىسىغا ئاز قالغاندا بىر ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ قالدۇق. بۇ دەل غورا پەسلى بولغاچقا شاخلاردا غورىلار غۇچچىدە بولۇپ كەتكەن ئىدى.قارىماققا بۇ ئادەم ئايغى يەتمىگەن ياۋا ئۆرۈكزارلىقتەك قىلاتتى.بىز خۇشاللىقىمىزنى باسالماي  غورىلارنى پۇتاشقا كىرشىپ كەتتۇق.ئالدىمىزغا ماڭغانسىرى تېخىمۇ يوغان پارقىراق غورىلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.بىزدەسلەپ يانچۇقلىرىمىزغا قاچىلاشقان غورىلارنى تاشلاپ،«ماۋۇ ئاچچىقكەن»،«ئاۋۇتاتلىقكەن»دېيىشىپ غورا تاللىشىپ ئالدىمىزغا كېتىۋىرىپتۇق.بىر چ بولغاندا باغنىڭ پولات چىۋىق بىلەن تىكەنلىك قىلىپ ياسالغان چىت قورا تېمىغا تاقىشىپ توختىدۇق.چىتقورا تامغا« ئادەملەر كىرىش چەكلەنگەن يىرىتقۇچ ھايۋانلار رايۇنى.ئۇقۇشماي كىرىپ زەخمىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىڭ.»دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي ئېسىقلىق تۇراتتى.بىزنى سۈر بېسىشقا باشلىدى.پولات سىمدىن ياسالغان ئېگىز قورا چىتتىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز مۇمكىن بولمىغاچقا بېشمىز قايغان تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدۇق.قاچە-قاچ ئاخىر بىرگىياھ ئۈنمىگەن قاقاسلىققا كېلىپ توختىدۇق.قورساق نەغمە قلىشقا باشلىدى.ئېلىۋالغان نەرسىللىرىمىزنى ئۈرۈكلۈك باغقا تاشلاپ قاچقان بولغاچقا يېنىمىزدا بىرەر يۇتۇم سۇمۇ يوق ئىدى.ئامالسىز تاغدىن چۈشۈپ تاماق يىمەك بولۇپ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق.ئەمما يولدىن ئېزىپ قالغان بولغاچقا تاغدىن چۈشۈپ بولغۇچە ئىگىز-پەس،ئويمان-چوڭقۇريوللاردا شۇنچىلىك قىيىنىلپ ماڭدۇق.تاغدىن چۈشۈشكە ئازلا قالغاندا ئالدىمىزنى بىر چوڭ ئەخلەت دۆۋىسى توسىۋالدى.ئامالنىڭ يوقىدىن ئەخلەتخانىنى پېتىقلاپ مېڭىشقا توغرا كەلدى. مىڭبىر جاپادا ئەخلەتخانىدىن ئۆتۈپ، ئەخلەتخانا بىلەن پەستىكى چاسا قورو ئارلىقىدىكى تىك قىيادىن تىكەنلەرنى قاماللاپ يۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ تۇرىۋىدۇق،قورودىن يوغان بىر ئىت ئېتىلىپ چىقماسمۇ قورىققىنىمىزدىن چۇرقىرىشپكەتتۇق.ئاڭغىچە چاسا قورونىڭ غەرىپ تەرپىدىكى ئۆيدىن بىر ئاق چاچ  موماي چىقىپ كالدىرلاپ كەتتى:

       -سوڭ نار لەي دې بۇ جېڭ داڭ دې جىيەن نۈيرېن ئا نىمىن شې(نەدىن كەلگەن نېمىلەر ھوي ھەقەسىڭ)؟ كۆزىڭگە بۇيەر داغدام يول كۆرۈنۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ ھوي سەت پەسەندىلەر؟.سەن بۇزۇقلارنىڭغۇ ماڭمىغان يولى قالمىغان بولغاچ نەس ئاياغلىرىڭ مۇشۇ يەرگىچە يېتىشكەن گەپ....

       - جىې بۇ شى نامې يى خۈي شې داما،نىن جىي ۇۋۇ خۈي ۋو مېنلې(ئۇنداق ئەمەس،خاتا چۈشنىپ قالدىلا چوڭ ئانا)دەپ گەپ باشلىدى ئىززەت راۋان بولغان خەنزۇ تىلىدا.ھېلقى قېرى تەتەينىڭ بولسا بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغۇدەك رەپتارى يوق توخىتىماي بىرنېمىلەرنى دەپ ۋالاقلاپ  بىزنى تىللاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئەمما ئۇ قەتئىيلىك بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى.- بىز مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى.تاغقا ئوينىغىلى چىقىپ يولىدىن ئېزىپ قېلىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدۇق.بىز سىيرۇلدۇرۇپ چۈشۈرۋەتكەن نەرسىلەرنى تازلاپ ئەكسىگە كەلتۈرۈپ بېرەيلى.بىرمۇنچە جاپادا كەپتۇق مۇشۇ يەرگىچە.ئەمدى بىزنى كەينىمىزگە ياندۇرماي  مۇشۇ يەردىن چوڭ يولغا ئۆتكىلى قويسىلا. سىلىدىن ئۆتۈنگەن بولايلى...

        -بىيې زەي شوشېنمې لې(بولدى قىلىش)دەپ ۋارقىرىدى موماي  قېرى جېنى ئاغزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكىدەك سەت خىرقىراپ تۇرۇپ.-سەن نەس نېمىلەرنىڭ ئايغى تەگكەن يەردىن بەرىكەت ئۇچىدۇ.مېنىڭ ھويلامنى تازلاپ بېرىمە دېگۈچە ئاستا يولۇڭنى تېپىپ قايتىۋېلىش.سەنلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قېلىشقىنىڭىنى كىم بىلمەيدۇ ئەي نۇمۇسسىزلار.كېتىشە ۋۇ تېگى پەس بۇزۇقلار،قانداق كەلگەن بولۇشساڭ شۇنداق كېتىش.يوقىلىش قانجۇقلار!

        موماي شۇلارنى دېگەچ يەردىكى بىز سىيرۇلدۇرىۋەتكەن ئۇششاق تاشلارنى تىرىپ بىزگە ئېتىشقا باشلىدى.بىز تىكەنلەرگە ئېسىلىپ يۈرۈپ ئەخلەتخانىنى يانا بىر قېتىم كىچىپ ئۆتۈپ تاغ باغرىدىكى قارغايزارلىققا كىرىپ كەتتۇق.بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن بالسىنى يېتىلىۋالغان بىرخەنزۇ ئايال ئۇچرىدى.بىز ئۇنىڭدىن يول سۇراپ يۈرۈپ ئاخىر بىخەتەر تاغدىن چۈشىۋالدۇق.بىراق ھېلىقى مۇمايدىن ئازسانلىق مىللەت بولغىنىمىز ئۈچۈنلا(بۇ يەردە ئازسانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە چەتكە قېقىش ئېغىر بولغاچقا ھەتتا ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلارغا چىقساقمۇ خەنزۇلار بىزدىن«ھەزەر ئەيلىشىپ» نېرى تۇراتتى.تاكسى توسساق توختىمايتى.) شۇنچىلىك ئىزا ئىششىتقىنىمىزنى ئويلاپ كۆڭلىمىز بىر قىسمىلا بولۇپ قالغاچقا،ئاچچىقىمىزنى چىقىردىغان يەر تاپالماي، ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ قېرى جادىنى پۇخادىن چىققۇچە تىللاشتۇق.

        ياتاقداشلىرىم شۇنچىلىك مەرىد ، سخىي ئېدى .بولۇپمۇ ئارىمىزدا ئىززەت بەكمۇ ئوچۇق قول ئىدى.ھەر قېتىم ئۇنىڭغا خالتا كەلسە(ياتىقىمىزدا سارىن بىلەن ئىززەتكىلا پات-پات خالتاكېلەتتى.سارىن مۇڭغۇل بولغاچقا ئادەتتە كۆپىنچە نەرسىللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا باب كەلمەيتى.) بىز تولمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق.چۈنكى ئۇنىڭغا كەلگەن خالتا ھەممىمىزنىڭ ئېدى. ياتاقتىكىلەرمۇ ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى سېنىڭ،مېنىڭ دەپ ئايرىشىپ كەتمەيتۇق. بىز مۇشۇنداق بارنى تەڭ خەجلەپ،يوقنى تەڭ غەملەپ،بىر-بىرىمىزگە غەمخان بولۇپ ئىناق-ئىجىل ئۆتەتتۇق.مېنىڭ نەزرىمدە ئىززەت كەم-كۈتسىز ئىنسان ئىدى.ئۇنى شۇنداق چوڭ كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلۋالدىم.لىكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنى تازا ياقتۇرماس ،ئۇنىڭ بىلەن بىللەبولۇشنى خالىماس بولۇپ قالدىم.چۈنكى ئۇ تولىمۇ غەيرى ئىدى. بازارغا چىقتىمۇ يېنىدا پۇل قالمىغانغا قەدەر كىيىم ئالاتتى.ھەتتا بىللە بازارغا چىققان ھەمرايىدىن پۇل سوراپ خەجلەيىتى ،ئەگەر پۇل بېرىپ تۇرمىسىڭىز سىزدىن خاپا بولاتتى.كىيىملىرى دۆۋە-دۆۋەبولۇپ بەزىللىرىنى كىيىشكە ئۆچرەت تەگمەي قالاتتى.ئەمما ئۆزى پۇلسىز قالاتتى.كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى دىلنار ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلسا:

       -سېنىڭ نىمە دىگىنىڭ بۇ؟ بىرىپ تۇرغان پۇللىرىمنى قايتۇرالماسمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسە؟قىلغان ياردىمىڭگە مىننەت قىلغۇڭ كېلىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ!خاتىرجەم بول،پۇلۇڭنى يىمەي يىغىپ بولسىمۇ بىرىمەن،_ دەپ چالۋاقاپ كېتەتتى.

         بىر كۈنى كەچلىكى كۇتۇپخانىدىن يېنىپ ياتاققا كىرسەم ئىززەت ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ تېلفۇن سۆزلىشىۋېتىپتۇ.

       -ۋىيەي ئاپا،نەدىكى تاينى يوق گەپنى قىلدىكەنسىز،مەن نەدىمۇ بەتخەج بولاي،سىز ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇرۇپ بەرگەن ئۇ ئىككى مىڭ ئۈچيۈز كوي پۇلنىڭچۇ مىڭ كۇيىغا ئىنگىلىزتىلى بىلەن كومپىيوتىر تەربىيلەش كۇرسىغا تىزىملاتتىم. تەربىيلەش كۇرسىغا يۈز كويدىن ئىككى يۈز كوي ماتىريال پۇلى تۆلىدىم.يەنە تېخى ئايدا بىر قېتىم سىنىپ پۇلى يىغىدۇئەمەسمۇ.......

      ئۇنىڭ قىلۋاتقان «سەمىمى»گەپلىرىنىداۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىۋىرىشكە تەقەت قىلالماي ئىشىكىنى يېپىپ ئاستا كەينىمگەبۇرۇلدۇم.....بارا-بارا ئىززەت مۇشۇنداق «راس گەپ» قىلىشقا كۆنۈپ كەتتى.ئۇنىڭ ھېلى «ھەرخىل كۇرىسلارغا پۇل تۈلەپ»پۇلى قالمىسا،ھىلى «ئاغرىپ  قېلىپ  داۋالىنىپ»ياكى «يىقلىپ چۈشۈپ پۇتى قايرىلىپ كېتىپ ئوكۇل ئاسقۇزۇپ» پۇلى قالمايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ ھەتتامەلۇم بىر ساقچى-ئوفتىسىرلار مەكتىۋدىكى «يېقىن دوستى»دىنمۇ پۇل سۇرايتى.غۇلجىلىق نۇرزىيە ئۇنىڭچىلىك بولىسمۇ،لىكىن بەزى قىلىقلىرى ئوخشىشىپ قالاتتى.ئارزىگۈل ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىمەن دەپ دائىم تىل ئىشتىۋالاتتى.كىيىنچە بىز بۇلارغىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق، ھەم بۇنىڭدىن ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيدىغان بولدۇق.

        كىيىنكى كۈنلەردە ئارىمىزدا مۇھەببەت توغرىسىدا بەزى گەپلەر بولىنىدىغان بولۇپ قالدى.مەن تۇرۇپلا خىجىللىق ھېس قىلساميەنە بەزىدە  مۇشۇ  شىمال باللىرىنىڭ «ئوچۇق-يورۇق»لىقىدىن ھەيران بولاتتىم. بىركۈنلۈكى ئىززەت بىزدىن يۈرگەن-يۈرمىگەنلىكىمىزنى، مۇھاببىتىمىزنىڭ بار يوقلقىنى سوراپقالدى.بىز ھەممىمىز بېشىمىزنى چايقاشتۇق.غۇلجىلىق قىز نۇرزىيە ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سوردى:

       -قارىغانداسىزنىڭ يىگتىڭىز با رئوخشىمامدۇ؟

       -بار،تولۇق ئىككىنجى يىللىقتىن باشلاپ يۈرىۋاتقان...

       -ساقچى-ئوفتىسىرلارمەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ شۇنداما؟ئوھھوي،قارىغاندا بىزلا يۈرىۋاتقان ئوخشىمامدۇق زاماننىڭ كەينى چاقى بولۇپ،مۇھەببەت تۇتماي؟!دېۋىدىم ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا،قىززقچىلىق قىلماق بولۇپ.كىم بىلسۇن، بۇ گىپىم ئىززەتنىڭ گەپ پىلتىسىغا ئوت يېقىۋەتتى:

       -ماڭا قاراڭلار دوسىتلار، بىز ئەمدى تولۇقسىز،باشلانغۇچنىڭ بالىسى ئەمەس ،تېخى كىچىك،ئىش ئۇقمايدۇ،يۈرسە بولمايدۇ دەيدىغانغا، دېدى ئۇ چىرايىغا جىددى تۈس بېرىپ.ئوقۇشنىمۇ ئوقۇيدىغان يەردە ياخشىئوقۇپ مۇشۇ يەرگىچە ئۇلاشتۇق ئاللاھنىڭ مەرھەممىتى بىلەن.ئەمدى ئۇنداق ئۆگۈنۈشقىلىۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ.ھەممە ئىشچۇ ئۆز لايىقىدا بولغان ياخشى،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاندىكىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ يۈرۈپ قويغۇلۇق. سىلەرگە دېسەم بارغۇ مۇھەببەتسىز تۇرمۇش سەي سالمىغان لەغمەنگىلا ئوخشايدۇ.ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلاردابىرەر قېتىم مۇھەببەتلەشمەي ئوقۇش پۈتتۈرىۋەتسەڭلار ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ،كىيىن پۇشايمان يەپ قالسىلەر جۇمۇ!

      -بولدى قىلىڭە ئاداش،دېدى ئاقتۇلۇق تاجىك قىز ئارزىگۈل.-ئاڭلىشىمچە ئالى مەكتەپتە ئوغۇللار ھەۋەس ئۈچۈنلا يۈرۈپ قويارمىش،مەقسىتىەە يېتىش ئۈچۈن ھەر ئاماللارنى بىلەن قىزلارنى قارمىقىغا ئىلىندۇرۇپ،ئاخىرىدا بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلۋەتكەندىن تاشلاپ،ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچارمىشقۇ؟!شۇڭا بۇ خەققە ئەخمەق بولۇپ بىكارلىق ئويۇنچۇق بولۇپ بەرگۈچە، ئاستا ئوقۇشىمىزنى ياخشى ئوقۇپ، چىرايلىق قايتىۋالىدىغان ئىشنى قىلايلى جۇمۇ.....

      ئۇ يەنە بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى بولىۋىدى ئىززەت گېپىنىڭ بىلىگىلا تەپتى:

     -جىڭ سەھرالىقتە بۇ! ھەي مەتۇ،مۇھەببەتلىشىشكىمىچۇ تاكتىكا كېتىدۇ تاكتىكا،بىلەمسىز؟!ئەگەر توغرا تەدبىر قوللىنالماي ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىكەنسىز،ئويۇنچۇق بولماي ئىلاجىڭىز يوق.ئاۋۇ مۈرىڭىزنىڭ ئۈستىدىكىنى بىكاغا بورداۋەرمەي ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىسىز مۇشۇنداق ئىشلارغا.ئالدايدىكەن دەپ ساياقتەك يۈرىۋەرسىڭىز زىيان تارتىسىز جۇمۇ ئاخىر!كۆرمەي بىلمەي ئاتا-ئانسى تېپىپ بەرگەن بىلەن توي قىلدىغان زامان كەتتى نەۋاخ.بۇمۇ چۇ بىزدەك ئىش ئوقمايدىغان نادان قىزلار ئۈچۈن تۇرمۇش تەجىربىسى توپلايدىغان ياخشى پۇرسەت. ھە بەختىغان،ئۆزلەردىغۇ بىرەر نىشان باردۇ ھېچ بولمىسا؟!

      مەن سېكونىت توختىۋالغاندىن كېيىن،قىززىقچىلىق قىلىپ:

      -نېمە دەيدىغانسىز ئاداش،ماڭا نەدىكەن دەيسىز؟!يوق.ياخشى يىگىتلەر بوش قالماپتۇ،ھەممىسىنىڭ« توچەي »ى باركەن.قارىغاندا ئايپاتەمنىڭ قاياشى بولۇپ ئۆتۈش پىشانەمگە يېزىلغان ئوخشىمامدۇ؟!دېدىم.

      ياتاقداشلىرىم «ئالە شەرىڭنى!ۋۇ ساراڭ قەشقەرلىك.»، دېيىشىپ بىر ھازاغىچە كۈلۈشتى.نۇرزىيە ئارزىگۈللەر تەڭلا:

     -ھەي ساراڭ قىز!بارىنى ياراتماي،ياخشىنى تاپامماي ،مايمۇندەك تاللاپ-تاشلاپ مېڭىۋىرىپ مۇماي بولۇپ كەتمەڭ يەنە.ئا كەينىمىزدىن مېڭۋاتقىننى ماڭدۇرىۋەرمەيلى جۇمۇ ،ھېرىپ قالىدۇ.ئۇنچىلىكمۇ قىپ كەتمەيلى،ئۆزلە كۆز مۇنچاق بولساق باشقىلارمۇ كېرەكسىز چامما ئەمەس.كىين يېنىپقالىدۇ جۇمۇ،ئۆتنە ئالەم بۇ......

     يۈزلىرىمگە ئوت كەتتى.خۇددى تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرىدەك خىجالاتچىلىكتە قالغاچقا تىللىرىم كالۋالىشىپ دەماللىققا نېمەدەپ جاۋاپقاي تۇرشىم كېرەكلىكىنىمۇ بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم.بۇلارنىڭ بۇئىشلاردىن  قانداقسىگە خەۋەر تېپىپ بولغىنىڭ تېگىگەيىتەلمەي شۇنداق بىتاقەت بولدۇم.قارىغاندا راستىنلا«تامنىڭ قۇلىقى بار» ئوخشايدۇ جۇمۇ دەپمۇ ئويلاپقالدىم.مۇشۇ گەپلەر بولۇنۇپ كۆپ ئۆتمەي ئىززەت بىلەن نۇرزىيەدىن چاتاق چىقىشقا باشلىدى.


(............داۋامى بار)

مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلنىدۇ.قېرىداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 01:53 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-30 01:03 PM):
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى، ئوقۇرمەنلەرگەئىزقوغلاپ ئوقۇش تەۋسىيە!

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-30 01:04 PM):
ھەم ئاخىرى چىققۇچە داۋاملىق شۇ شەكىلدە يولىنىلدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99251
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-11-5
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 10:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆردىن ئورۇن ئېپ قۇيۇپ كەچتىرەك ئوقۇيچۇ ~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9138
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 11:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە  شۇنداق قىلىپ  بۇنىڭ يەنە ئاخىرى بار دەپ قۇيۇڭ،،،،،
يەنە  بىر كۆپ قىسىملىق ھىكايە،،،،، ئاخىرىنى تىزراق  يېزىڭ ھە

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 11:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ھېكايىدەك قىلىدۇ،داۋامىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن ،،تېزرەك يوللارسىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106609
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 511
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2014-5-10
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 11:37:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىق ئەسلىمىلەر كۈز ئالدىمغا كەلدى.بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىڭىز.تىخىمۇ تىرىشىڭ ئەسەرنىڭ مۇجمەل بوپ قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ.قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99530
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 11:58:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قىسىملىق دەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10642
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 12:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىسىنى كۆرۈپلا گۈزەل ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەلگەنتى ،   ياخشى باشلىنىپتۇ داۋامىنى ساقلايمەن

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1926 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 12:13:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى     كىچىدە « قىزىل ئۆتۈك »  « ئالتۇن پۇتۇمنى بەر »     دىگەن قورقۇنۇشلۇق  ھىكايىنى ئەسلىگەچ  يېزىڭە     خىلمۇ خىل مەنزىرلەر كىلىدۇ كۆز ئالدىڭىزغا  ئاندىن داۋامى  كارامەت چىقىدۇ ھىكايىنىڭ                     كۆز ئەينەك تاقايدىغانلار  كۆز ئەينەكنى پاكىز  سۈرتۈپ  تۇرۇپ ئۇقىمىساڭلار        خەتلەرنى كۈرەلمىدىم دەيدىغان ئىش چىقمىسۇن جۇمۇ                  مەلىكە خانىم  تىرىكىپ كىتىدۇ دە ئەمدى       ئادەمنى قورقۇتۇپ دەپ                  چاخچاق جۇمۇڭ   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 01:34:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 12:13 AM
ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى     كىچىدە « قىزىل ئۆتۈك »  « ئا ...

مەن جىن ئالۋاستىلاردىن  قوقمايمەن .قوقىدىغان ئۆزىڭىزدۇ بەلكىم كەچتە كەشىڭىزنى بىشىڭىزغا قويۇپ ياتاسىز  جىنلارنى ئۇرىمەن دەپ  

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 01:34:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 12:13 AM
ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى     كىچىدە « قىزىل ئۆتۈك »  « ئا ...


قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش