|
|
|
|
ھەر يىلى يازدا يەكەن دەرياسى بويىدىكى خەلقلەر كەلكۇنگە قارشى تۇرۇش خىزمىتنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ،كونىلاردا سۇ كەلگۇچە توغان سال دىگەن، گەپ بار، شۇڭا ئاشۇ يەردىكى بارلىق قىرى ياش ،ئەر ئاياللار ئاتىلىنىپ 6-ئايدىن 9-ئايغىچە كىلىدىغان كەلكۇننىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئورۇنلايدۇ.بۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە بولغان ئىش ئەمەس بەلكى بۇ يەكەندىكى ئەمگەكچان خەلق ئۇزاق تارىختىن بۇيان داملاشىتۇرۇپ كەلگەن ئۇلۇغۋار ئىش ، مۇشۇنداق بولغاچقا گۇزەل يەركەن بوستانلىقى مەۋجۇت بولۇپ بۇگۇنگە ئۇلاشقان.
مانا بۇ كەلكۇن كىلىش ئالدىدا تۇرغان يەكەن دەرياسى، كەلكۇن كەلگەندە بۇ دەريا باشقىچە بىر دۇنياغ ئايلىنىدۇ.
دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ تىراكتۇردا شاخ-شۇمبا ۋە سىملەرنى توشىماقتا.
ئالدىراش ئىشلەۋاتقان دېھقانلار.
ياشانغان مويسىپىتلەرمۇ كەلكۇن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئالدىنقى سىپىگە ئاتلاندى.
بۇ دېھقانلار كىچىدە دالىدا يىتىپ تۇنەيدۇ. قوساق ئاچسا ئۆزلىرى ئىلىۋالغان قاتتىقىق قۇرۇق نەرسىلەرنى يەيدۇ. پۇلى بارلار دەريا بويىغا ۋاقىتلىق ئىچىلغان پولا ،شورپا ۋە لەغمەن،شۇيقاشلارنى يەيدۇ.بۇ ۋاقىتلىق بازارمۇ دېقانلار ۋەزىپىسنى تۇگىتىشى بىلەن تەڭلا تاقىلىدۇ.
دېھقانلار‹‹ ئەل رائىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۇزۇش ئەلىنى مائىل قىلىش ››خىزمەت گورپىسىدىكىلەر بەرگەن نان ۋە ئىچىملىك سۇنى ئىچىپ ،ئارام ئالماقتا ،بۇمۇ تۆۋەنگە چۇشكەن خىزمەت گورپىسىدىكلىلەر ئاشۇ دېھقان قىرىنداشلارغا بولغان ئازىراق كۆڭلى....
ئۇلار ئازىراق ئارام ئىلىپلا يەنە ئىشقا كىرىشىپ كىتىدۇ، بۇ ۋەزىپە ئادەتتە تىز بولغاندا 3كۇندىن 6-كۇنگىچە تاماملىنىدۇ.
قوشۇمچە- مەنمۇ تۆۋەنگە خىزمەتكە چۇشكەندە مۇنداق مەنزىرنى كۆپ كۆرگەن، بەزى قىسمەن ياشلار بولسا ياشانغان ،كىسەلمەن ئاتىسنى ئاكىسىنى ھاشارغا ئەۋەتىپ قويۇپ ئۆزلىرى بولسا مەھەلىدە دەرەخ ساھىسىدە كورۇت ئويناپ كۇن ئۆتكۇزەتتى.....ئۇلارنىڭ بۇنداق بۇ ئىشى ماڭا شۇنداق تەسىر قىلغان، ئۇلاردىن نىمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر ياش بولغاندىكىن ئۆزۇڭلار بارساڭلا بولمامدۇ دىسەم ئۇلار ھاشارغا بىرىپ ئەمگەك قىلىشتىن خىجىل بولۇدىكەن..... بۇ سۇرەتلەرنى تۆۋەنگە چۇشكەن خىزمەت گورپىسىدىكى بىر خەنزۇ ياش تارىتىپ توردا ئىلان قىلغان.
مەنبە تىڭشۇن تورى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-23 01:29 PM
|
|
|
|
|
|