مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 26055|ئىنكاس: 144

تۇمارىس(ھىكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3686
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 1117 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:37:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



كىشىلىك تۇرمۇش، ھايات، مۇھەببەت ياكى نىكاھ  ھەققىدە باشقىلار نىمە دىيىشىدۇ مەن بىلمەيمەن، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا قىزىقمايمەن، باشقىلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنمايمەن، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ مىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن كۈچەپمۇ كەتمەيمەن، چۈنكى مەن ئۈزۈمنىڭ دۇنياسىدا ياشاشنى  ياخشى كۆرىمەن، باشقىلار كەلگۈسى ئۈچۈن ياشار بەلكىم، ئۇلار كەلگۈسى تۇرمۇشىنى خىيال قىلىشار، پىلان قىلىشار، لىكىن مەن ئۇنداق قىلمايمەن ، چۈنكى مەن ئۆتمۈشۈم ئۈچۈن ياشايمەن، كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەس، كەلگۈسىدىكى پىلانىممۇ يوق، مەن پەقەت بىلالنى قولغا كەلتۈرسەملا بولدى، كىيىنكى ئىشلار كۆڭلۈمگە ئايان، سەككىز يىل بۇرۇنقى كارتىنىلار تەكرارلىنىدۇ خالاس…
  ئەينەككە قارىدىم ، مۇشۇ چىرايىم بىلەن بىلالنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتىشكە ئىشەنچىم بار، لىكىن نىمىشقا ئەينەككە قارىساملا ئۆزۈمنىڭ سىماسى بىلەن يەنە بىر سىيما قۇشۇپ كۆرىنىدىغاندۇ بىلمەيمەن، قەيسەرنىڭ كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپلا تۇرىدىغۇ…ئۇ يەنە نىمە دىمەكچىدۇ…بولدى ئۇنى ئويلىماي، نىمىشقا ئۇنى ئويلىغىدەكمەن…
بۈگۈن يامغۇر ياغىدىغان بولدى، ھېلىقى يولغا بىر بېرىپ كەلمىسەم…
ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىگە بۇ قۇرلارنى يىزىپ بۇلۇپ تىلفۇنۇمنى تاشلاپ قويدۇم  ، مەقسىدىم ئۇچۇق، بىلالنى ماڭا نىسبەتەن ھىچبىر ئۆزگىرىشتە بۇلۇپ باقمىدى دىسە ئىشەنمەيمەن.ئۈندىدارىمغا قىسقا ئۇچۇر كىلىشكە باشلىدى، قىلىۋاتقان ئىشىمنى قۇيۇپ ئالدىرماي ئوقۇشقا باشلىدىم:
— تۇمارىس قانداق ئەھۋالىڭىز؟
—بۈگۈن راستلا يامغۇر ياغامدۇ؟
—مەن ئەجەپ ئۇنداق خەۋەر كۆرمىدىمغۇ؟
—راست شۇنداق بولسا دەۋېتىڭ، ئايالىم بۈگۈن دەم ئالمىغان...
—ئەمىسە باغلىشايلى، ئەگەر راستلا يامغۇر يېغىپ قالسا مىنى ماشىنىلىق ئايلاندۇرۇپ كىلىڭ.
—ئەگەر ياغمىسىچۇ؟
—سىزنىڭ دىگىنىڭىزچە بولسۇن.
ئۇنىڭ نىمە دەيدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان، تىلفۇننى تاشلاپ قويدۇمدە ئۆزۈمنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدىم.
مىنىڭ تەييارلىقلىرىم پۈتكەندە سائەت ئاللىقاچان 10دىن ئېشىپ كەتكەنىدى،سرتتا يامغۇر تامچىلاشقا باشلىغانىدى، ئەينەككە قاراپ ئىشەنچ بىلەن كۈلدۈمدە ئۆيدىن چىقتىم.
  يولدا ماڭغاچ ئۇنى قوروسىنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدىم.
ئۇ قايتا-قايتا راست-يالغانلىقى سورىدى، چىقسىڭىز بىلىسىز دىدىمدە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھىچقايسى ئۇچۇرغا جاۋاپ قايتۇرمىدىم.

   بىلال مەن بىلەن ماشىنىلىق ئايلانغىلى چىقتى ، تۇنجى قەدىمىم ئۇتۇغلۇق بولدى، رەھمەت ساڭا ئۈندىدار!
بۈگۈن ئاۋازىمنى قۇيۇپ بىرىپ كۈلدۈم، ئۇنىڭغا خوشاللىق ئاتا قىلىش بارلىق مەقسىتىم، يامغۇر ئەۋجىگە چىققاندا ئۇنىڭدىن قۇرۇنغاندەك قىلدىميۇ ھۆل كىيىملىرىم بىلەن ئۇنىڭغا يېپىشتىم...

                                                            2
غۇلجىنىڭ ياز ئاخشىمى ناھايىتى گۈزەل ئىدى، ئۈرۈمچىنىڭ بۈگۈنكى ئاخشىمىنى ئۇ ئاخشاملارغا ئەسلا سېلىشتۇرۇشقا مۇمكىن ئەمەس ئىدى . باشقىلار مەندىن دائىم ئىسمىمنىڭ مەنىسىنى سورايتتى.
—ئاپامنىڭ ئىسمىي تۇمايرا، دادامنىڭ ئىسمى سىراجىدىن دەپ جاۋاپ بىرەتتىم . بەلكىم كىچىكىمدىن ، تىلىم چىقىشقا باشلىغان ۋاقتىدىن تارتىپ چوڭلار مۇشۇنداق ئۆگىتىۋەتكەچكە كۈنۈپ كەتكەندىمەن...ھويلىمىزدا ئۈزۈملۈك باراڭ بار ئىدى، ياز كۈنلىرى ئوسما قۇياتتۇق، قىزلار جىق ئىدۇق، مەھەللىدە مىنىڭ گىپىم بەكرەك ئۈتەتتى، چوڭ باينىڭ قىزى بولغاچقىمۇ ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچى ئاپامنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىلمەيتتىم ...بالىلىقىم بىر يېقىملىق ناخشا ئىدى، ئاڭلىسا ئاڭلىسا زىرىكمەيدىغان، بىر چۆچەك ئىدى، شۇنچىلىك قىززىق، خۇددى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ چۆچىكىدەك، ھەممە بىلىدىغان...بالىلىقىم بىر نەتىنجە ئىدى، ھەر قېتىم مەكتەپ سەھنىسىدىن مۇكاپاتلارنى كۆتۈرۈپ چۈشىدىغان...تۇمارىس دىگەن بۇ ئىسىم دۇنيادا پەقەتلا ماڭىلا خاستەك تۇيۇلاتتى، چۈنكى دادامنىڭ ئىسمى سىراجىدىن ئاپامنىڭ ئىسمى تۇمايرا ئىدى، ئىككىسىنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى بىلەن چۈشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلغان بۇ ئىسىم پەقەت ۋە پەقەت مەن ئۈچۈنلا ئىجات قىلىنغاندەك...
  بالىلىقتىكى ئەڭ خوشال كۈنلىرىم دادامنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىدى، دادام دەم ئېلىشىنى پەقەت بوشقا ئۆتكۈزمەيتتى، يۇرت-يۇرتلاردا دوستلىرى بار ئىدى ، ياكى ئۇلارنىڭكىگە باراتتۇق، ئات مىنەتتۇق، سۇ ئۈزەتتۇق ، ھەرئىككىلىمىز دائىم مىنىڭ ئوغۇل بالا ئەمەسلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالاتتۇق، دادام بولسا «ھەي، بىر ئوغلۇم بۇلۇپ كەتكەن بولسا ھە»دەپ قۇياتتى ناگان-ناگاندا...
ئاپامنىڭ لاتاپىتىدىن، ئەقىل-ئىدراكىدىن ھۇزۇرلىناتتىم، دادامنىڭ قەددى-قامىتىدىن، تىرىشچانلىقىدىن ، ساخاۋەتچى قوللىرىدىن سۈيىنەتتىم  ، ھەربىر كۈنۈم بالىلىقنىڭ خوشاللىقىغا ، بەختىگە جۆر ئىدى، ئۆيىمىز مىنىڭ شوخلىقىم ۋە جاڭراق كۈلكىلىرىم بىلەن ئاۋات ئىدى...
                                                   
                                                             3
ئالىي مەكتەپتە تىبابەت كەسپىنى تاللىدىم ، ئۆز ئارزۇيۇم بۇيىچە قۇبۇل قىلىندىم ۋە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم . شۇنداق بىر تاساددىبى پۇرسەتتە قەيسەر ئىسىملىك بىر ساقچى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم .
— سېنى ياخشى كۆرۈپ قالماي دەپ بەك تىرىشتىم ، لىكىن ئامال بولمىدى، مىنى قانداق قىلسۇن دەيسەن؟! نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟
  ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگۈم كەلمىدى، ماڭا نىمە قۇيۇپتۇ كۆڭۈل ، مۇھەببەت دىگەننى ، مەن پەقەت تىرىشىپ ئوقۇپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ، ئاپامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىشنى ، قۇلۇمدىن كەلسە ئۇنى ساقايتىشنى ئويلايمەن...بۇ يىگىت شۇلارنى چۈشىنەمدۇ؟ بولدىلا...
—ماڭا يەنە 4يىل بار ، ئوقۇغۇچى، شۇڭا مىنى ئاۋارە قىلماڭ ، ئۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايمەن!
ئۇنىڭغا گىپىمنى تۈگىتىپلا ئارقامغا بۇرۇلۇپ ماڭدىم .
— شۇنىڭ ئۈچۈن سىنى ياخشى كۆرىمەن .
ئۇنىڭ شۇنچە كەسكىنلىك بىلەن دىگەن گىپى ۋە كەسكىنلىك بىلەن مىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىشى مىنىڭ ئۇنى ئىتتىرۋېتىپ بىر تەستەك سېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشتى .
ئۇنى ئەمدى ئىزدىمەيدۇ دەپ ئويلىدىم ، لىكىن ئەسىچە بولدى.
— تەلىيىڭ بار جۇمۇ تۇمارىس ، بىزگە ئۇچۇرمايدىكە شۇنداق بايۋەتچىلە، كۈتۈپخانىدىن چىقماي يۈرسەڭ ئەجەپ ساڭا ئۇچرايدىكەن!
—قەيسەر تىلفۇن قىپتىكەن ، سىنى بەكلا ئىزدەپ كەتتى ، ئۇنداق قىلماي تىلفۇن قايتۇرۇپ قوي .
— تۇمارىس ، قەيسەر ئۇچۇر يىزىپتۇ ، بۈگۈن چۈشمىسەڭ كېچىچە تۇرىمەن دەيدۇ .
ئۇ ياتاقتىكى قىزلارنى قانداق كەلتۈردى بىلمىدىم ، بەلكىم بىرەر يېرىم قېتىم داشقازان شورپىسى بىلەن مىھمان قىلىپ قويغاندۇ شۇ...مىنىڭ راستلا ئۇنداق ئىشلار بىلەن ، يىگىتلەر ۋە كۆڭۈل دەپ ۋاقىتنى زايا قىلغۇم يوق...لىكىن بەزىدە ئىنتايىن ئاز ۋاقىتتا مەنمۇ بىر يۆلەنچۈككە، سىرداشقا مۇھتاج بۇلۇپ قالىمەن ، لىكىن دەرھاللا ئاپامنى ئىسىمگە ئالىمەن ، مىنىڭ بىردىنبىر سىردىشىم ئاپام تۇرسا ، قايغۇمنى، خوشاللىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىشىم كېرەك ، ئۇنىڭكىنى ئاڭلىشىم ئۇنىڭغا ھەمدەم بۇلىشىم كېرەك ، بۇ دۇنيادىن ئۇنىڭدىن باشقا نىمەم بار بولسۇن ، ئەر كىشى قانچىلىك بولماقچىتى ...دىگەنلەرنى ئويلايمەندە بىر كۈنلۈك پائالىيىتىمنىڭ تىزرەك تۈگەپ ئاپامنىڭ قېشىغا قايتىشنى كۈتىمەن .
  ئىككى يىل كەينىمدىن يۈرۈش جەريانىدا يا ئۇنىڭغا كۆندۈم ھەم كۆيدۈم . لىكىن ئېغىزىمدا بىرەر قېتىم  ئۇنىڭغا دەپ باققىنىم يوق .
                                                                4
—بىلالكا ، ياردەم قىڭە ، بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلمىسام بولمايدىكەن .
— بۇلىدۇ ، مەن نەشىرياتتىكى تۇنۇشلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي .
— راسما ، ئەجەپ ياخشى رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم ئەمىسە.بۈگۈنلا!
—بۈگۈن بولماسمىكىن ، ئايالىم دەم ئالغان...
—مەيلى ئەمسە...
  تۈنۈگۈنكى كۆڭۈللۈك سەيلىدىن كىيىن بۇ بايامقى ئۈندىدار سۆھبىتىمىز .
مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، ئالدىرمايمەن، ھېلىمۇ تەرەققىياتلار ئويلىغىنىمدەك بۇلىۋاتىدۇ.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۇنىڭ تىلفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم «ئايالىڭىز دەم ئالسا يوقاپلا كىتىدىكەنسىزھە ، تۈنۈگۈن كۈنلۈك ئاپىرىپ بەرمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۇ خاپا بۇلۇپ قالمىغاندۇ»
  ئۇچۇرنى يىزىپ بۇلۇپ كىتابىمنى قۇلۇمغا ئالدىم . يېرىم سائەتلەر ئۆتتىمىكىن ، ئۇنىڭدىن كەلگەن تىلفۇننى تاپشۇرۋالدىم .
—قانداق ئەھۋالىڭىز دۆت قىزبالا؟
— ياخشىمۇ ، نىمە ئادەم تىللايسىز كۈن چۈش بۇلاي دىگەندە...
—دۆت تۇرسىڭىز شۇ ، نىمىش قىلىۋاتىسىز ؟
—ئىنگىلىزتىلىدىن ئۆگىنىش قىلىۋاتقان...
—تاماق يىدىڭىزمۇ؟
—تاماق يەيدىغان چاغ بولدىما ؟
— دىدىمغۇ دۆت دەپ ، تىز بۇلىڭە ، تاماق يەپ كىلەيلۇق ، قورسىقىم شۇندامۇ ئاچتى...
— ھى ھى ، يەڭگەم تاماق بەرمىدىما (نىمە ئىش بولغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولساممۇ چاندۇرماي گەپ ئالماقچى بولدۇم)
— بىنانىڭ ئالدىغا باراي ، تىز تەييارلىقىڭىزنى قىلىڭ ھە .
ئۇ سۇئالىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتاتتى . دىمەك پەرىزىم توغرا ، مەقسەتلىك يوللىغان ئۇچۇرۇم نەق جايىدا بېرىپتۇدە!
ماڭا تەييارلىق قىلىش كەتمەيتى، مەن ھەرۋاقىت تەييار ھالەتتە ئىدىم .
  سۇس گىرىم ، ئەركىن قۇيىۋېتىلگەن چاچ ، ياراشقان كۆينەك ئۈزۈمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى .
ماشىنىغا چىقىشىم ئۇ ماشىنىنى قوزغاتتى ، ئاۋات شەھەرگە ئەمەس، خالىي شەھەر سىرتىغا بېرىپ غىزالاندۇق ، ئۇنىڭغا بالىلىقىمدىكى ئەڭ خوشال ئەسلىمىلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم ، دادامنىڭ يۇمۇر ئېيتقان ھالىتىنى ، ئۆيىمىزدە يۈز بەرگەن قىززىق ئىشلارنى دەپ ئۇنى تازا كۈلدۈردۈم .
تاماق ئارلىقىدا ئۇ مەندىن نىمىشقا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىدىغانلىقىمنى سورىدى :
— مەكتەپتە ئىمتاھان ئۈچۈن ، كەسىپ ئۈچۈن دەپ ئۆگەندىم ، ئالتە يىل ئۆگەنگەن تىلنى تاشلىۋەتسەم ئۇنتۇپ قالسام بۇلىدۇ شۇ ...شۇڭا كۈندە ئاز بولسۇن جىق بولسۇن بىر ئابزاس يادلاپ ماڭىمەن .
— خىزمىتىڭىز ئالدىراش تۇرسا يىتىشەلەمسىز ؟
—ھەئە . خىزمەتتىن باشقا چاغدا باشقا ئىشىم بولمىسا .
— سىزدەك چىرايلىق قىزلارنى قوغلىشىدىغان يىگىتلەر جىقتۇ ھەقاچان ، قانداق ۋاقتىڭىزنى يىتىشتۈردىغانسىز؟
—سىزدىن باشقا يىگىتلەرنى تۇنۇمايمەن .
ئۇنىڭ دىمىقىدا كۈلگىنىگە قاراپ تىلفۇنۇمنى ئالدىغا تاشلىدىم :
— قاراپ بېقىڭ ، ئۈندىدار دەمسىز ، كوت-كوتمۇ ياكى تىلفۇن نۇمىرىغىمۇ مىنىڭ ئارلىشىدىغان ئادەملىرىم بەك ئاز ، يىگىتلەرنىڭ گىپىگە كەلسەك بىر يولىلا رەت قىلىمەن خالاس .
  ئۇ ئىشەنمىگەندەك قىلىپ ئۈندىدارىمنى ئېچىپ كۈرۈۈپ تىزلا قۇيۇپ قويدى ۋە ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىدى:
— جاھاندا سىزدەك قىزنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ .
ئۇنىڭ ماڭا مەستخۇشلۇق بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئىتتىكلا يېڭى ھۇجۇمغا ئۆتتۈم:
— سىزنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىرىڭىزنى سىناپ باقاي ئەمسە، قېنى تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ ياكى مەزمۇنداش گەپلەرنى قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
ئۇنىڭغا بىر ئابزاس ئىنگىلىزچە گەپنى راۋان دىكىلماتسىيە قىلىپ بەردىم .
— تۇرمۇشىڭدا ھازىر يۈز بەرگەن كىلىشمەسلىكلەر پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق خالاس ، ئۇ بىر جەريان  ، ھامان ئۈتۈپ كىتىدۇ ، ئەنە شۇ چاغدا خاپىلىق تۇمانلىرى تارقاپ خوشاللىق قۇياشى پارلايدۇ .
— ۋاھ ، سىز تەرجىمانغۇ ، —دىدىم ئۇنىڭغا قايىللىقىمنى ئىپادىلەپ .
—بەزى گەپلەرنى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن ئەسلىدىكىدەك چىرايلىق ئاڭلانمايدىكەن  .
  تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تور توپ ئوينىغىلى باردۇق :
—مەن بۇرۇن ئويناپ باقمىغان ، — دىدى ئۇ پالاقنى ئۇيان-بۇيانغا چۆرۈپ .
— مەنمۇ كۆپ كىلەلمەيمەن ، لىكىن ماڭا ئىشىنىڭ ، ئوينىغانسىرى قىزىپ كىتىسىز ، ئەڭ ئاخىردا ھېرىپ ھالىڭىز قالمىغىنىدا ئاندىن ئۆزىڭىزنى قۇيىۋېتىسىز ، بۇ جەرياندا كاللىڭىزدا توپتىن باشقا ھىچنىمە بولمايدۇ ، مەن ئاشۇ نەچچە دەقىقىلىق تۇيغۇ ئۈچۈن ھارغۇچە توپ ئوينايمەن ، قېنى باشلايلى .
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن يېرىم كۈن ئىككىمىز بىرگە بولدۇق ، پەقەت ئايرىلىدىغان چاغدىلا ئۇنىڭ تىلفۇنىنىڭ ئىزچىل ئىتىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
— بۈگۈن رەھمەت سىزگە تۇمارىس ، ئۆيدىكى خاپىلىقلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن .
— نەچچە ياشقا كىردىڭىز بىلالكا؟
—نىمە قىلىسىز بۇنى سوراپ؟
— دەيمەنغۇ ، مەسىلەن 30ياش دەپ تۇرىلى ، ھاياتىڭىزنىڭ يېرىمنى ياشاپ بولدىڭىز دىگەن گەپ، يەنە 10يىلدىن كىيىن ، بىلەرسەن 40تىن ئاشقاندا نى توۋلاپ ، بۈگۈنكى كۈنلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرىسىز ، شۇڭا دەيمەن ، ھەربىر كۈنلىرىڭىزنى خوشال ئۆتكىزىڭ ، بۇ دۇنيانىڭ بىز ئانچە ئاھ ئۇرۇپ كەتكۈدەك ئىشلىرى يوق ، ھەربىر كۈنىمىز خوشال ئۆتسە مەيلىغۇ!
ئۇنىڭ ماڭا مەستلىگى كىلىپ قارىغانلىقىنى بايقىدىم ، مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم ، بارلىق دىققىتىم ۋە زىھنىم بىلەن ...ئۇ ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ ئالدىغا قارىۋالدى .
— بالدۇراق قايتىڭ، ئايالىڭىز ئەنسىرەپ قالمىسۇن ، كىيىن ئالاقىلىشايلى .
—ماقۇل ، تۇمارىسخان .
—ھەراست ، مىنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ جۇمۇڭ ، مەن پەقەت سىزنى دوستۇم ، ئاكام ئورنىدا كۆرىمەن ، ئايالىڭىز خاتا چۈشىنىپ يۈرمەس ھە ...پۇرسەت بولسا ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇڭ ، بىر ھەدەم كۆپىيىپ قالسۇن .
—بولدى قالدى گەپلەرنى كىيىن دىيىشەيلى ، ئۆيگە كىرىپ بۇلۇپ ئۇچۇر يىزىۋېتىڭ .
مەن كىرىپ كەتتىم ، لىكىن ئۆيگە كىرىپ بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازمىدىم ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇردۇم ، يۈز-كۆزلىرىمنى يۇدۇم . ئۇنىڭدىن تىلفن كەلدى:
—ئۆيگە كىرىپ بولغان ئادەم نىمدەپ ئۇچۇر يوللىۋەتمەيسىز ؟ ئادەمنى ئەنسىرتىپ...
—كۆردىڭىزغۇ مەھەللىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتكىنىمنى
—ئوخشىمايدۇ...نىمىش قىلىپ ؟
—ئۇخلايمىكىن دەپ.
—توخۇما سىز ؟ نىمدا بالدۇر ؟
—ھېرىپ كەتتىم بىلالكا ، سىز ھارمىدىڭىزما؟
—ياقەي ، قەتىي ھارمىدىم .
—ئىشقىلىپ مەن ھاردىم ، ئەتە دۈشەنبە ، روھلۇق ئىشقا بېرىشىمىز كېرەك ، سىزمۇ بالدۇراق ئارام ئېلىڭ .
  ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ نەچچە خوشلىشىپ ، نەچچە گەپنى قايتىدىن باشلىشىپ دىگەندەك ئاخىرى تىلفننى قويدۇق .
  5

—نىمىشقا تىلفۇن ئىشلەتمەيسەن؟سىنى تېپىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىدىغىنىمنى بىلەمسەن؟
—جاپا تارتىڭ دىمىدىم ، ئىزدىمىسىڭىزلا بۇلىدىغۇ ئەمسە؟
—سەن دىگەن مىنىڭ قىز دوستۇم ، سىنى ئىزدىمىسەم كىمنى ئىزدەيمەن، سەندىن ئەنسىرمىسەم كىمدىن ئەنسىرەيمەن؟!ماقۇل دىگىن ، تىلفۇن ئىشلەتكىن، ھىچ بولمىسا سىنىڭ نەدىلىكىڭنى ، تىنچ، ئامانلىقىڭنى بىلىپ تۇراي.
—مەن دەرستىن سرتقى ۋاقىتتا كۈتۈپخانىدا شۇ، بىلىسىزغۇ، ياتاقتىكى ۋاقتىم يوق دىيەرلىك، كەچلىكى تەكراردىن يېنىپ ئۆيگە، ئاپامنىڭ قېشىغا كىتىمەن شۇ ، بۇنى بىلمەمسىز؟يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيسىز؟
ئۇنىڭغا بىلەن چەكچىيىشىپ قارىشىپ قالدۇق، ئۇ مىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى:
—تۇمارىس، سەندىن باشقا جەھەتتىن ئەنسىرىگىنىم ئەمەس، ئادەم دىگەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ھەر دائىم ، ھەرۋاقىت نىمە ئىشلارنى قىلىپ تۇرىۋاتقىنىنى بىلگىسى كىلىدىكەن، ئەگەر سىھرىگەر بولسام سىنى بىر ئالمىغا ئۆزگەرتىپ يانچۇقۇمدىن چىقارماي يۈرەتتىم، كۆرگۈم كەلگەن ھامان چىقىرىپ ھىدلايتىم، يۈزلىرىمگە سۈرتەتتىم، ھەرگىز ھازىرقىدەك سىنى كۆرگۈم كەلسە تىت-تىت بۇلۇپ يۈرمەيتتىم،
يۈرىكىم ئىللىق سىزىملارغا تۇلاتتىيۇ ئۇنىڭغا ئېيتمايتتىم.
—سىنى ھىچقايسى قىزغا ئوخشىتالمايمەن، سەن مىنىڭ پەخرىمسەن، شۇڭا سەن نىمە دىسەڭ شۇ بۇلىۋاتىدۇ، لىكىن تۇمارىس، سىنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن .
بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈمنى  بىردەم بولسىمۇ بەختلىك ، خاتىرجەم ھىس قىلىمەن، لىكىن بۇ تۇيغۇنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا يول قويمايمەن.

                                                6
،تۇلۇق 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ، بالىلىققا قىيماي، ياشلىققا ئىنتىلىپ تۇرغان چاغلىرىم، ئىمتاھاندىن باشقا غېمىممۇ يوق ئىدى ، مەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن  ، مىنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ھەممىنىڭ كۆزى مىنىڭ نەتىنجەمدە ئىدى، بېسىم ھىس قىلساممۇ ئىشەنچىم بار ئىدى ،
ئۆيىمىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ بۇرۇنقىغا تازا ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتىم، دەسلەپتە مىنىڭ ئىمتاھان ئىشىمنى دەپ جىددىيلىشىپ قېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسام بارا-بارا دادام،ئاپاملارنىڭ تازا دىگەندەك گەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى ، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۈنلۈكرەك پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرگىنىمدە دەرھال گەپنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بايقىدىم .
—سىز بۇ ئىشلارنى ئارتۇق ئويلىماي ئىمتاھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ  ، —دىدى ئاپام.
چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە ئاپام-داداملارنىڭ ئۈنلۈكرەك ۋارقىراشقىنىنى، بىر-بىرىگە تەتۈر قارىشىپ باققانلىقىنى بىلمەيتتىم ، ئۈيىمىزدە كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى، مانا ئەمدى نىمە بولغىنىدۇ؟
بىر كۈنى گۈلنەزەر بىلەن بىرگە ئۆيگە بىرگە قايتتۇق، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئارلىقى يىراق ئىدى، بۈگۈن ئۇ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇشتا چىڭ تۇرىۋالدى:
—يېقىندىن بىرى كەيپىياتىڭ پەقەت ياخشى ئەمەس ھە ؟
—ھە؟، —ئۇنىڭ سۇئالى خىيالىمنى بۆلدى.
—ئۈيۈڭدە چىققان ئىشلاردىن خەۋىرىم بار، ئاپامدىن ئاڭلىدىم، لىكىن سىنى ئۆزى ئېغىز ئاچارمىكىن دىسەم پەقەت چاندۇرمىدىڭ، لىكىن مەن ھىس قىلدىم، ئويلاپ باقسام مەن سىنىڭ يېقىن دوستۇڭ تۇرۇپ ساڭا كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن، ھالىڭنى سورىماپتىمەن ،ئىچىڭنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلگەندىكىن سەن دىمىسەڭمۇ ساڭا كۆڭۈل بۈلۈشۈم كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانسىرى قايمۇقۇپ كەتتىم:
—توختىغىنە، توختىغىنە، نىمە دەيسەن، بىزنىڭ ئۆيدە نىمە ئىش چىقىپتۇ؟ھەممە ئىشلار جايىدىغۇ؟
—سەن تېخى بىلمەمسەن؟، —گۈلنەزەرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى
—نىمىنى شۇ دىمەمسەن؟
—سىراجىدىن باي كىچىك خۇتۇن ئالغۇدەك دىگەن گەپ ھەممە يەرگە پۇر كىتىپتۇ، سەن راست بىلمەمتىڭ
—ماڭە ساراڭ، مۇشۇ گەپكىمۇ ئىشەندىڭمۇ؟ ئارقىدىن گەپ تاپمىغان دادام قاپتىكەن،—ھەر جەھەتتىن بۇ گەپنىڭ يالغانلىقىنى ئۆزۈمگە ئىسپاتلىماقچى بۇلاتتىم ، گۈلنەزەرنىڭمۇ ماڭا بۇلۇشۇپ گەپ تاپقانلارنى تىللىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم .
—ئاپاڭ بىلەن ئاپام پاراڭلىشىۋاتقاندا مەن ئاڭلاپ قالدىم، بۇ خەق تاپقان گەپ ئەمەس
ئۇنىڭ كىيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئۆيگە ئالدىرىدىم .
—ھەدە، مىنى نىمە قىلسىڭىز مەيلى، لىكىن سىراجىدىن ئاكامنى ئەيىپلىمەڭ، ئۇ بەك ياخشى ئادەم، ئۇنىڭدا گۇناھ يوق.
ئىشىك تۈۋىدە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ گىپىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىدىم ، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارلىقىمغا قارشى ھالەتتە يۈزلىرىمنى نەمدەشكە باشلىدى، مەن دۇنيادا بىر بىلىدىغان دادامنىڭ سىماسى بارا-بارا كىچىكلەپ كىتىپ باراتتى، ئاپامنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم، غەيرەتلىك بولماقچى بۇلاتتىم ، ھەتتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دادام ئىككىسىنىڭ «ئۇلۇغۋار مۇھەببىتىنى»ئاپامغا بايان قىلىۋاتقان ئاۋۇ ئالۋاستىنى مىجىپ ئىزىۋەتسەم دەپ ئويلاپمۇ كىتەتتىم، لىكىن يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ چوڭقۇرراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.
—بىزمۇ ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ كىتىشىنى ئويلىمىغان، ئەگەر ئويلىغان بولساق دەسلەپتىلا ئۇمۇ ماڭا ياردەم بەرمىگەن ، مەنمۇ ياردىمىنى قۇبۇل قىلمىغان، ئۇنى ئاكام ئورنىدا كۈرۈپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ پاراڭلاشمىغان بۇلاتتىم.
ئاپامنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزلىگىنىنى ئاڭلىمىدىم، پەقەت  ئالۋاستىلا توختىماي سۆزلەيتتى:
—بۈگۈن كىلىشىم سىزنىڭ ئۇنى كەچۈرۋېتىشىڭىزنى تىلەپ كەلدىم، مەن ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەيمەن، بىزمۇ نەچچە قېتىم دىيىشتۇق، ئىزدەشمەسلىككە ۋەدە بىرىشتۇق، لىكىن ھەدە، ئادەم بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئەقىل ھىسىياتقا بويسۇنمايدىكەن…
ئۇ ئالۋاستىغا شۇنچىلىك ئۆچلىكىم كەلدىكى چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كەتتى، غەيرەتكە كىلىپ ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن ئاپامغا قارىدىم، مەندىن بىر نەچچە ياشلا چوڭدۇر بەلكىم،  لىكىن دادامنىڭ ئۇنى دەپ ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىدەك بىرەر باھانە سەۋەپنى ئۇنىڭ جىسمىدىن تاپالمىدىم ، ئادەتتىكىچىلا بىر ئالۋاستىكەن، ئاپام ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا  ئاسماندىكى ئاي ، ياق-ياق، قانداقمۇ ئاپامنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بۇلاتتى، ئاپام بىر پەرىشتە، ئۇ بىر ئالۋاستى، ئۇنىڭ ھازىر ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەربىر ئېغىز گىپى ئاپامنىڭ يۈرىكىنى تىلىش ئۈچۈن ئىدى، ئاپامنىڭ قېتىپ قالغان چىرايىدىن ئازاپنى ھىس قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ چىرايى خۇددى مۇردىنىڭ چىرايىدەك ئىپادىسىز ئىدى، تۇيۇقسىز كۆزۈم ئاپامنىڭ سىرغىپ چۈشكەن ئىككى تامچە يېشىغا چۈشتى.
—ھەدە، مىنى كەچۈرۈڭ، —ئۇ ئالۋاستى تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ ئالدىغا تىزلاندى، —سىراجىدىنكامدىن ئاڭلىسام سىز ئۇنىڭغا قىزىڭىزنىڭ ئىمتىھانى تۈگىگەندە ئاجىرشىپ كىتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز، ئۇ بەك ئازاپلاندى، ئۇنىڭ ئازاپلانغانلىقىغا قاراپ چىداپ تۇرالمىدىم ، شۇڭا…
بۇ ئالۋاستىنىڭ گىپىگە قارا، سەن نىمە ئىدىڭ، دادام ئازاپلانسا ئاپام بار، مەن بار، سىنىڭ نىمە ھەققىڭ؟!دادامنىڭ ئازابى ۋە خوشاللىقىغا شىرىك بۇلۇشقا نىمە سالاھىيىتىڭ تۇشاتتى!مىنىڭ پۇت-قۇلۇمدا نىمىشقا مىدىرلىغىدەك كۈچ يوق، مەن نىمىشقا يۈگرەپ كىرىپ مۇنۇ ئالۋاستىنى ئۇرۇپ مىجىۋەتمەيمەن…
سىرتتىن ماشىنىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، دادام كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن ، ئۆزۈمنى دەھلىز ئۆيگە يۇشۇردۇم.

                                                            7

ماقالىنىڭ ئىشىنى باھانە قىلىپ بىلال بىلەن خېلى ئوبدانلا كۈرۈشتۈم، ئۇنىڭ كەيپىياتى ناچار بولسىلا مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بايقىدىم ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشقىمۇ، ناچار قىلىشقىمۇ ئۇستا بۇلۇپ كەتتىم .
كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ خېلى ئۇزاقتا تىلفۇن ئالدى:
—بىلالكا، ئۇخلاپ بولغانمىتىڭىز؟
—ياق، ياق ، تېخى ئۇخلىمىغان، شۇ ئۇخلايلىمىكى دەپ تۇرغان
—ھە، مالال قىپتىمەندە، كەچۈرۈڭ سائەتكە قارىمايلا تىلفۇن قىپ ساپتىمەن
—نىمە ئىش بار ئىدى
—ھازىر خىزمەتدىشىم تىلفۇن قىپتىمەن، ماقالىنى ئۇ نەشىرياتقا بەرگىنىمىز بولماپتىمىش، چۇقۇم تىبابەت ساھەسىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىدىن يۇقىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشىمىز كېرەككەن، شۇڭا جىددىيلىشىپ سىزگە تىلفۇن قىلىشىم.
ئۇ شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن، ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە ئىزىپ-ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرىشى پەقەت ئايالى ئۈچۈن!ھىچقىسى يوق، ئايالى ئۇنىڭدىن ھامان گۇمانلىنىدۇ، قايسى بىر كىشى خىزمەت مۇناسىۋىتى سائەت 10دىن ئاشقاندا تىلفۇن قىلىشىدىكەن،يەنە كىلىپ بۇ ئۇنچىۋالا جىددى ۋە مۇھىم ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بۈگۈن كېچە ئۇخلىغىنىنى مەن بىر كۆرەي.

  ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا كىلىپ يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللىدىم:«بىلالكا ، ئاخشام بەك سەت بولدى، لىكىن نىمىشقىكىن سىزنى كۆرگۈم كىلىپ…»
ئۇچۇرنىڭ ئاخىرىنى كۆپ چىكىت بىلەن چۈشۈردۈم.
ھىچقىسى يوق، لىكىن ئايالىمنى ئۇنداق قىلىپ كىتەر دىمەپتىكەنمەن، ئۇنىڭ بارغانسىرى ئۆزگىرىپ كىتىپبارغىنىغا قاراپ سەل ئەپسۇسلىنىپ قالدىم.
ئويلىغىنىمدەك بولغانىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، دەسلىۋىدە ئۇنىڭغا ئايالىغا كۆپرەك كۈيىنىشنى، قانداق مۇئامىلە قىلىشنى دەپ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشىگەن بولسام كىيىن ئۆزىمىزنىڭ قىززىق پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتۇق.
«بىلالكا ، كەچۈرۈڭ، قۇلۇمدا ئازراق ئىش بار ئىدى، سەل تۇرۇپ پاراڭلىشايلى، ئىسىڭىزدە بولسۇن ھەربىر كۈننى خوشال ئۆتكۈزۈش كېرەك بىلدىڭىزمۇ، ھىچقانداق ئىش سىزنىڭ خوشاللىقىڭىزنى قۇربان قىىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ»
«بىلدىم، تۇمارىسخان، سىزلا بۇلىدىكەنسىز مىنىڭ كۈندە مۇشۇنداق خوشال-خورام ئۈتۈشۈمگە ئىشەنچىم بار»
مانا مۇشۇنداق قىلىپ بىلال بىلەن ئوتتۇرىمىزدا دوستلۇقتىن ھالقىغان مۇناسىۋەتكە ئۇل سېلىنىشقا باشلىدى…

8
  
  ئاخشام شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن ، دادام بىلەن نارات تاغلىرىدا ئات چاپتۇرۇرۇۋېتىمىز ، ئاپام يىراقتىن بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ سۇس شاپتۇل چېچىكى ياغلىقىنىڭ ئۇچى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرارمىش ، دادام ماڭا «تۇمارىس ، چىڭ تۇت ، مىنى ساقلا ، ئاستىراق »دەپ توختىماي ئەسكەرتەرمىش ...ئاپامنىڭ شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك ياغلىقىنىڭ رەڭگى بارغانسىرى قېنىقلاپ كەتكەنمىش...مەن بولسام ھەيرانلىقتا ئاپام تەرەپكە قاراپ ئاتنى بۇلىشىغا چاپتۇرغىدەكمىشمەن...دادام «تۇمارىس»دەپ ۋارقىرىدى مەن بولسام «ئاپا»دەپ توۋلىغىنىمچە بارغانسىرى قېنىقلىشىپ كىتىپ بارغان شاپتۇل چېچىكى رەڭگە قاراپ ئۈزۈمنى ئاتتىم ، لىكىن مەن يېقىنلاشقانسىرى رەڭ قېنىقلىشىپ ۋە يوغىناپ ئاپام كىچىكلەپ كەتكەنمىش...«ئاپا...»قاتتىق چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ...ياستۇقلىرىممۇ ھۆل بۇلۇپ كەتكەنىدى، «قارا بېسىپ قاپتۇدە» ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچىۋەتتىم ، چىراقنى يۇرۇتمىساممۇ ئۆي ئىچى مەن ئىلغا قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئايدىڭ ئىدى...ئۈستەل ئۈستىدىكى سۈرەتكە قارىدىم ...سۈرەتتە پەرىشتە سۈپەت ئاپام كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، جۇشقۇنلۇق، مىھرىبانلىق، لاتاپەت ھەممىسى ئۇنىڭدا مۇجەسسەم ئىدى...بۇرۇنلىرىمنىڭ ئۇچى ئېچىشتى...ئاپامنىڭ سۈرىتىگە قانچىلىك قارىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن قانچىلىك مۇڭداشتىم...ئۇنى شۇنچىلىك سېغىنغانىدىم...ئەگەر مۇمكىن بولسىدى بىر ئۇخلاپ قوپسام ھەممىسى ، بارلىق ئىشلار چۈش بولسا غۇلجىدىكى ئاشۇ ئۆيىمىزگە ، مەن تېخى ئىمتاھان بەرمىگەن چاغلارغا قايتىپ كەتسەم ...جېنىم ئاپا ، سىزنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى ھىس قىلالمايسىز ، بۇ دۇنيادا قىزىڭىزنىڭ قانچىلىك يالغۇز قالغانلىقىنى ھىس قىلالمايسىز ، كۈرۈنۈشتە قەيسەر ، خوشال يۈرۈيدىغان قىزىڭىزنىڭ قەلبى ئاللىقاچان مۇز بۇلۇپ قاتقان ، سەدىردىن باش ئۇنى بىر شاپىلاق سالغان كۈنى ، سىزگە «يەنە قانچىلىك ئۆمرىمىز قالدى دەيسەن تۇمايرا ، خوشال خورام ئۈتەيلى ، بۇ ياشقا كەلگەندە كۆڭۈل ماڭا ھەممىنى ھىس قىلدۇردى ، مىنى كەچۈر ، بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى»دىگەن كۈنى ، ئاپا ، سىز قىزىڭىزغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قالدۇرماي ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالغان كۈنى ، سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بۇيىچە دىپلومنى قۇلۇمغا ئېلىپ باكلاۋۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشكەندە سىزنى كۆرەلمىگەن ئاشۇ دەقىقىدە مۇز بۇلۇپ قاتقان ، نەپرەتكە تولغان ، جېنىم ئاپا...قىزىڭىز سىزنى بەك سېغىندى...قانداق قىلاي ئاپا ، ھەممىگە چىدىغانىدىم ، نىمىشقا دىسىڭىز سىز ماڭا يار-يۆلەكتە بولغانىدىڭىز ، قەيسەرگە ئايرىلىپ كىتىمەن دىگەندە ، يۈرىكىم ھەرقانچە ئاغرىسىمۇ ئۈس سېلىپ يىغلاپ باقمىغانىدىم ، ھېلىقى يىلى يېنىمىزدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرۋەتكەندىمۇ، ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەندىمۇ مەن قورقمىغان، بۇنچىلىك يالغۇزچىلىق ھىس قىلمىغانىدىم ،  چۈنكى نىمىلا ئىش بولسۇن سىز يېنىمدا ئىنىڭىز ، لىكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ ، مۇقىم خىزمەت ، ئالىي ئۈنۋان ، خەجلەشكە يەتكۈدەك پۇل مەندە بار ، لىكىن يۈرىكىم شۇقەدەر سوغۇق ، شۇ قەدەر يالغۇز...ئاپا...

                                               9

بىلال بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى كىتىپ بارغان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئايالىدىن كەلگەن تىلفۇننى تاپشۇرۋالدىم ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تىلفۇن نۇمىرى ماڭا يادا  ئىدى ، شۇنداق خاتىرجەم ۋە خوشال ھالدا تىلفۇننى ئالدىم :
_ۋەي، تىشلىقمۇ ؟
_ياخشىمۇ؟
ئۇ شۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ باشقا گەپ قىلمىدى ، قىلالمىدىمۇ ياكى قىلغۇسى كەلمىدىمۇ بىلمىدىم .
_تۇمارىسمۇسىز؟
_ھەئە، كىمۇ ، تۇنۇيالمىدىم .
_مىنى تۇنۇيالمىغان بىلەن ئىرىمنى ئوبدان تۇنۇيسىز.
_كىمۇ سىز ، مەن سەل ئالدىراش قاراڭ، گەپ بولسا ئۇچۇق قىلىڭ.
_گەپنى ئۇچۇق قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشەيلى.
_مىنىڭ ۋاقتىم قىس ، كەچۈرۈڭ.
شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم . كىيىن قىلغان تىلفۇنلارنىمۇ ئالمىدىم ، لىكىن ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا بىراقلا جاۋاپ قايتۇرۇپ قويدۇم :
«ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ئاياللىق مەجبۇرىيىتىڭىزنى ياخشى ئادا قىلىڭ، بۇنداق ئىرىڭىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈردىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەڭ، بىلال ياخشى يىگىت»
كىيىنكى ئۇچۇرلاردا مىنى تىللاپ ئۈلگۈرۈپتۇ، ھىچقايسىسىنى ئوقۇمىدىم ، تىلفۇننى تاشلاپ قۇيۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىشى بىلەن بولدۇم .

  _بىلالكا ، نىمىش قىلىۋاتىسىز؟بىردەم پاراڭلاشساق بۇلامدۇ،_كەچلىكى ئۈندىداردا ئۇنىڭغا خەت يازدىم .
_ئىشخانىدا، كومپيۇتېر ئويناپ ئولتادىم .
_تېخى ئىشتىن چۈشمىدىڭىزمۇ؟
_ئىشتىن چۈشكەن...ئۆزىڭىزچۇ؟نىمىش قىلىۋاتىسىز؟
_ئۆيدە شۇ...بەك قىززىق بىر كىنو كۆرىۋاتقان ...
ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق پاراڭلىشىپتىمەن ...
_ھەزىر چىقامسىز؟
_ماقۇل، شۇنچە كەچ بۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى،__ئۇنىڭ تەكلىۋىنى تىزلا قۇبۇل قىلدىم، ئەينەككە مەمنۇنىيەت نەزىرى بىلەن قارىدىمدە ئاچقۇچنىلا ئېلىپ ئۆيدىن چىقتىم.

  ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بۇلۇپ ئۇنىڭ تېخىچە ماڭا قاراپ تۇرغانلىقى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم:
_نىمە بۇنچە قارايسىز؟
_قارىسام كىچىكلا تۇرىسىز، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەكلا بىلىدىغان نەرسىڭىز نىمانچە كۆپ؟
_نەدە كۆپ؟سىزدىن كۆپ يىراقتا تېخى...
_خىزمەتكە چىقىپ بۇلۇپلا ئۆگىنىشنى تاشلايدىغانلار نۇرغۇن، قارىسام سىز ۋاقتىڭىزنى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكىلا ئاجىرتىپ...
  ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىلىق ئايلاندۇق، كۈلكە-چاخچاقلار بىلەن كۆڭۈللۈك بولدى.
_ئەمدى قايتايلى ، ۋاقىت بىر يەرگە باردى، __دىدىم ئۇنىڭغا.
_بايا بىر گىپىم بار دەۋاتاتتىڭىز؟
_ھېلى دەي
ئىشىك ئالدىغا بىرگە باردۇق ، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىمەسلىكنى ، ئەمدى ئالاقىلاشماسلىقنى ئېيتتىم، سەۋەبىنى سوراپ چىڭ تۇرىۋالغانىدى، ياخشى بولمايدۇ، توغرا ئەمەس دەپ چۈشەندۈردۈم.
_نىمە ئۇ ، باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ دەيدىغان ، نىمە ئۇ توغرا ئەمەس دەيدىغان ، بىز ياخشى دوستقۇ؟
_قىز-ئوغۇللار ئارىسىدا دوستلۇق بولمايدۇ، يەنە ككىلىپ بىزدەك ياشتىكى ، بىر توي قىلىپ بولغانلار ئارىسىدا، مىنى ھۆرمەتلىسىڭىز پىكرىمگە ماقۇل دەڭ.
_خەيىر، بىلالكا، بەختلىك بۇلۇڭ.
ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولغىنىمدا ئۇ چاققانلىق بىلەن قۇلۇمنى چىڭ تۇتىۋالدى:
_تۇمارىس، ئۇنداق ئادەم قورقۇتماڭ، ماڭا بۇنداق چاخچاق قىلماڭ.
ئۇنىڭ قۇلىنى سىلكىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم:
_تۇمارىس، سىزگە چۇقۇم بىر ئىش بولدى، ماڭا راست گەپنى دىسىڭىزچۇ؟
ئۇ گەپ قىلغاچ ماڭا يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى، ئۇنىڭغا ئارقامنى قىلىپ تۇرغان بىلەن ھىس تۇيغۇم ماڭا ھەممىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ ئارقامدىن قۇچاقلىۋىدى، شۇنداق تىز يۇلقۇنۇپ قاچتىم:
_ئايالىڭىز ياخشى ئايالكەن ، ئۇنى قەدىرلەڭ.
تىز-تىز يۈگرەپ مەھەللە دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتىم، ئۇ ئۆز جايىدا قېتىپلا قالغانىدى.

10

ئۇلارنىڭ ھەممە گىپىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، كۆز ئالدىمدىكى ئىشلار خۇددى چۈشۈمدەكلا…مەن ئويغىنالماي قىينىلىۋاتاتتىم…
—سىز بۇ يەردە نىمە قىلىسىز؟ مەن سىزنى بۇ ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن دىگەنغۇ، تىز تۇرۇڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ!
دادام بولغان كىشى ئاپامنىڭ ھالىنى سوراش تۈگۈل ئۇدۇل ئالۋاستىنىڭ يېنىغا بارغانىدى.
—ھەممىسى مىنىڭ خاتالىقىم، ھەدەم مىنى كەچۈرۋەتسە مەن ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرىمەن ،—دىدى ئۇ ئالۋاستى يىغلاپ ئولتۇرۇپ .
—تۇمايرا، خاتالىق مەندە، ھەممىنى قىلغان ئادەم مەن، گەپ بولسا ئىككىمىز دىيىشەيلى، ئۇنى كەتكۈزۋەت
ئىچىمدىن تولغۇنۇپ كەتتىم، لىكىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىشقا ، ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەشكىمۇ قۇربىم يەتمەيۋاتاتتى.
—ئۇنى مەن ئەكەلمىدىم ، كەچۈرۈم سورىسۇنمۇ دىمىدىم،_ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاران-ئاران ئاڭلىيالىدىم.
—ھەدە، ئۇنى كەچۈرۋېتىڭ، سەيپىدىنكام بۇ ئائىلىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ،بىزنىڭ بۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلىش مەقسىتىمىز يوق…
—ھا…ھا…ھا…
ئاپامنىڭ ئاۋازىنى قۇيۇپ بېرىپ كۈلگىنىدىن چۆچۈپ كەتتىم، لىكىن كۈلكىنىڭ ئاۋازى يىغىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى :
—بۇزغۇم يوق، بۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلمىغۇدەك نەرى قالدى؟ سىز پەيدا بولغاندىن بىرى، ئىككى يىلدىن بىرى بۇ ئائىلىگە بۇزۇلۇشقا باشلىغان، بايا سىز بۇ ئۆيگە قەدەم باسقان دەقىقىدىن باشلاپ بۇ ئائىلە تامامەن بۇزۇلۇپ بولدى ، مىنىڭ سەۋر تاقىتىمنىڭمۇ چېكى بار ، مەنمۇ يۈرىكى بار ئادەم ، سىلەرنىڭ «ئوتتەك يالقۇنجاۋاتقان مۇھەببىتىڭلار»غا تاقابىل تۇرىمەن دەپ ئىرىم ئۈچۈن چەكمىگەن جاپايىم قالمىدى، لىكىن سىلەرنىڭ ئوتتەك مۇھەببىتىڭلار ۋە قىزغىنلىقىڭلار ئالدىدا قىلغىنىم ئارتۇقچە بوپ قالدى ، مەن نىمىشقا سىز بىلەن كۈرۈشۈشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بىلەمسىز؟ چۈنكى سىزدەك پەس ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشنى مەن مۇۋاپىق كۆرمىگەن، مانا ئاخىر چىدىماي ئۆيگە ئىزدەپ كەپسىز، كۆيگەن يىگىتىڭىز ئۈچۈن مەندىن ناماقۇللۇق ئالغىلى كەپسىز…پاھ، پاھ نىمە دىگەن ئالىيجاناپ مۇھەببەت بۇ …لىكىن ئۇنۇتماڭ، ئىرىمنى بۇ مۇھاببىتىڭىزگە ئىشەندۈرۈپسىزيۇ مەن ئىشەنمەيمەن، بۇ مۇھەببەت ئەمەس، بۇ دىگەن شۆھرەتپەرەسلىك، بۇ دىگەن پەسلىك بۇ دىگەن بۇزۇقلۇق!

  ئاپامنىڭ گىپى تۈگەپ ئۆي يەنە بىر قېتىم تىمتاسلىققا چۆمدى ، ئاخىرى ئاپام ئۆزى ئېغىز ئاچتى:
—ئىرىمنى كەچۈرۈش كەچۈرمەسلىك ئۈزۈمنىڭ ئىشى، ئۇنى ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىۋالىمىز، سىز كەتسىڭىز بۇلىدۇ، كەتمەيمەن دىسىڭىز مەن ھازىرلا بۇ ئۆينى سىزگە بىكارلاپ بىرىمەن، ئىككى يىل تىرىشتىم ، بۇنداق مۇھەببەت يوق كاتتا سارايدىن مىنىڭ تامايىم يوق، سىزگە قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرسەم بۇلىدۇ.
مەن يەنە ئىشىك تۈۋىگە كىلىپ  ئۇلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم، ھېلىقى ئالۋاستى تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىدە ئىدى، دادام بىر چەتتە گۆلىيىپ ئۇھسىنىپ تۇراتتى.
—ھەدە، سىزدىن خوش بۇلاي، سىراجىدىنكام بەك ياخشى، ئۇنى كەچۈرۋېتىڭ، مەن سىزدىن ئۆتىنەي…
ئۇ ئالۋاستى ئۇستا ئارتىستىنمۇ ئۇستا ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن تىزلىنىپ ئاپام تەرەپكە قاراپ ماڭدى:
—جېنىم ھەدە
چاڭڭىدە قىلغان بىر شاپىلاق دەل جايىغا تەككەنىدى:
—مەينەت قوللىرىڭ بىلەن مىنى تۇتما، بولدى بەس دىدىم ساڭا ، يەنە ئىرىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىڭغا رۇخسەت يوق، كۆزۈمدىن يوقال !
—ھەدە…
ئۇ ئالۋاستى يىغلاپ تۇرۇپ ئاپامنىڭ قۇلىغا ئېسىلۋىدى ئاپام ئۇنى ئىتتىرۋەتتى، بىر مەيدان تالاش-تارتىشلار باشلاندى، ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ مېڭىۋىدى ئۇ ئالۋاستى ئاپامنىڭ كەينىدىن ماڭدى، ئاپامنىڭ ئىشىك تەرەپكە ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۈزۈمنى دالدىغا ئالدىم .قانداق بولغىنى بىلمىدىم ، ۋاراڭ چۇرۇڭدىن كىيىن دادامنىڭ ئۇ ئالۋاستىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قېتىپ قالدىم ، دادام ئۇ ئالۋاستىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى…توۋا…مۇشۇ مىنىڭ دادام ھە ، توختىغىنە، ئۇ ئالۋاستى قورسىقىنى مۇجۇپ تۇتۇۋاپتىغۇ …ئەجىبا…


                                               11
      

قەيسەر بىلەن يۈرىشىمىز باشقا قىز-يىگىتلەرگە پەقەت ئوخشىمىسا كېرەك، مەن ئۇنىڭغا تەلەپنى قاتتىق قۇياتتىم ، ئۇ مەن بىلەن يۈرگەندە باشقا يىگىتلەردەك ئالاھىدە مۇئامىلىلەردىن بەھرىمان بۇلالمايتتى.
مەن ئۇ يالغۇز قالغاندا تەستە كەلگەن دەم ئېلىشلىرىدا ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلالمايتتىم ، كەچلىرى سەيلە-ساياھەتكە چىقىپ قولتۇقلىشىپ ماڭالمايتتىم . پىنھانلاردا ئۇنىڭ قۇچىقىدا مەس بۇلۇپ ئۇنى مۇھەببەتنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمان قىلالمايتتىم .
ئۇ ئادەتتە ئىدارىسىنىڭ ياتىقىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىم ئۇنىڭ كىر-قاتلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ ، دەزماللاپ بىرەتتىم ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاتتىم ، بەزىدە كەلگۈسىمىز توغۇرلۇق ۋە بەزىدە ھازىرىمىز توغۇرلۇق …لىكىن ئۆتمىشىمىز توغۇرلۇق ، ئائىلىمىز توغۇرلۇق ، بۇلۇپمۇ مىنىڭ ئائىلەم توغۇرلۇق ناھايىتى ئاز پاراڭلىشاتتۇق.
_ماڭا پەقەت ئىشەنمەيدەن ھە؟،_دەپ سورىدى ئۇ بىر كۈنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىياپەتتە
—ئىشەنمەيمەن ئەمەس، ئەگەر ئىشەنمىسەم ساڭا ماقۇل دىمەيتتىم ، ماقۇل دىيىشىم پەقەت سەن بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغان ئاشۇ بىر بالداق ئۈچۈن! قەيسەر، مەن چۈشەنمەيمەن، نىكاھنى شۇنچىلىك ئۇلۇغ تەسەۋۋۇر قىلىمىزيۇ نىمىشقا بەزى ئەرلەر شۇ ئۇلۇغ نىكاھدىن كىيىن ئايالىغا خىيانەت قىلىدۇ؟
—ساراڭ، مەن ئۇنداق قىلمايمەن، ماڭا ئىشەن.
—مەن مېيىپنى تاپساممۇ مەيلى، قارىغۇنى تاپساممۇ مەيلى، لىكىن نىكاھدىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا يەنە بىرەيلەن پەيدا بولمىسىلا مەن شۇنىڭغا رازى، ئەرلەر ئۇنداق ئىشنى بەك ئاددى چاغلايدىكەنسىلەر، لىكىن سىلەر ئاددى چاغلىغان شۇ ئىشنىڭ ئايالىڭلارنىڭ قەلبىدە قانچىلىك جاراھەت قالدۇردىغىنىنى ، ئايالىڭلارنىڭ شۇنىڭدىن كىيىنكى بارلىق خوشاللىقىنى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ھىس قىلمايسىلەر.
—ۋۇي، سەن خۇددى توي قىلغىلى ئون يىل بولغان قۇشناچىمدەكلە گەپ قىلدىكەنسىيا، بىرىنچىدىن ماڭا ئىشەن، سەنلا بۇلىدىكەنسەن مەن ھىچكىمگە قارىمايمەن، ئىككىنچىدىن مەن تېخى توي قىپ باقمىدىم ، ئا مىسال-پىساللىرىڭغا مىنى قاتما ، ماڭىمۇ بىرسى بولسا يىتەرلىك ، ئۈچىنچىدىن، قارىغۇ بۇلامدۇ، مېيىپ بۇلامدۇ دەپ مىنى قورقۇتما ، ماڭا مىنى دەپ كۆزۈڭنى ئۇيۇپ بار، پۇتۇڭنى كېسىۋەت دەپ تەلەپ قويمايدىغانسەن…لىكىن سەنلا ماقۇل كىلىدىغان ئىش بولسا مەيلىغۇ جېنىم…ھى ھى ھى …
—ساراڭ، مېيىپ بۇلۇپ بىرىڭ دىمىدىم، ماڭا پەقەت«ئىشەنچ«لا كېرەك…ئاشۇ ئىشەنچنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمىسىڭىزلا بىز بۇ يولدا مېڭىپ كىتەلەيمىز…
—ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بول جېنىم ، گىپىڭ راست بولسا قېنى بىرنى سۆيۈۋالاي، ماقۇل دىگىنە
—نېرى تۇرىڭە بىر ، يەنە تۇتتى…
—ھەي…ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز، مۇشۇنداق قىيناشلىرىڭغا كۆندۈرۋەتتىڭدە تۇمارىس، سەن قاچقانسىرى ساڭا ئىنتىلىمەن، سەن ئالدىراش بولغانسىرى سىنى سېغىنىمەن، سەن ھەر قېتىم مۇكاپات ئالغاندا، نەتىنجە قازانغاندا، ياخشى ئىش قىلغىنىڭدا ، ھەتتا مىنى رەت قىلغانلىرىڭدا سەندىن پەخىرلىنىپلا كىتىمەن …سىنى سۆيىمەن تۇمارىس، بەك بەك ياخشى كۆرىمەن…
كۈنلىرىمىز مىنىڭ چەكلىمەم ئىچىدە بولسىمۇ لىكىن تاتلىق ئىدى، مىنىڭ مۇزلىغان يۈرىكىممۇ ئاستا-ئاستا ئىللىشقا باشلىغانىدى…


                                       12
كېچىلىرى ئۇزاقتىن -ئۇزاق ئۆگىنىش قىلاتتىم ، كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى، ئاپامنى پەقەت مىنىڭ نەتىنجەملا خوشال قىلالايتتى، ئۇ مەن ئۆگىنىشمنى تۈگىتىپ چىراقنى ئۈچۈرمىگىچە ئۇخلىماي مىنى ساقلايتتى.
—ئاپا، كۈندۈزلىرى دەرىزە تۈۋىدە كەشتىلىشىڭگە رۇخسەت دىدىمغۇ ساڭا،—دەيتتىم ئەركىلەپ تۇرۇپ ،—كۆز لازىم ئەمەسمۇ ساڭا ، ساڭا لازىم بولمىسا ماڭا لازىم جۇمۇ…
—مىنىڭ كۆزۈم ساڭا نىمىگە لازىم ئەمدى؟،—دەيتتى ئاپام بۇرنىغا چۈشىنىپ قالغان كۆزئەينىكىنى تۈزەپ تۇرۇپ:
—سىنىڭ كۆزۈڭ كۆرمىسە، كىم ماڭا تاماق ئىتىپ بىردۇ، ئۇيەي، مەكتەپتىن كەلسەم ئىسسىق تاماق…پاكىز تازلانغان ئۆي…يەنە نىمە دىگەن چىرايلىق ياپقۇچلار، كىرلىكلەر، قاپلار بۇ …كىم ماڭا كەچتىلەپ بىرىدۇ…
—مۇغەمبەر…تۈگىدىمۇ ئۆگىنىشىڭ، ئۇخلايلى ئەمدى، ئەتىگىنى سىنى ئويغىتىپ بۇلالماي قالدىكەنمە…
بۇ كىچىككىنە ئۆيىمىزدە ئاپام مىنىڭ مەن ئاپامنىڭ دىلخۇشى ئىدۇق . ئاپامنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى مىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى ھالىتىمنى كۆرۈش ئىدى :
—ئاشۇ قالپاق كىيىپ رەسىم چۈشكەن قىزلار كۆزۈمگە شۇنداق قابىلىيەتلىك كۆرۈنىدۇ، سىنى يەنە ئوقۇتقۇم بار قىزىم ، ئوقۇغىن ، مۇشۇ تىرىشچانلىقىڭ بولسا ماڭىمۇ جاپا بولمايدۇ، ھازىرقىدەك ئۈتۈمىز، ھەممىسى يىتەرلىكقۇ…سەندىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈممۇ شۇ …ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىپ قالساڭ خوشاللىقىمدىن بېشىم كۆككە يىتىپ كىتەرمۇ، چۇقۇم مەن تىكتۈرۈپ بەرگەن ئەتلەس كۆينەكنى كىيگىن جۇمۇ…
ئاپامنىڭ ئارزۇسى مىنىڭ ئارزۇيۇم ، ئۇنىڭ خوشاللىقى مىنىڭ خوشاللىقىم ئىدى…مىنىڭ دۇنيارىمدا  ئۈزۈمدىن قالسا ئاپام ۋە قەيسەرلا بار ئىدى، مەن  ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر، سۆيىدىغان كىشىلەر ئىدى…


13
نەدە كۆرگىنىم يادىمدا يوق، شۇنداق بىر گەپنى كۆرىۋىدىم:«بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، لىكىن بەختسىز ئائىلىلەرنىڭ قىسمەتلىرى ھەرخىل»…دىمەك مىنىڭ ئائىلەممۇ بەختسىز ئائىلە قاتارىغا ئۈتۈۋاتاتتى ، دادام ئۇ ئالۋاستىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن باشلاپ ئاپام ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپلا قالدى، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانىدى مەن مەن مەكتەپكە بارماي ساڭا قارايمەن دەپ تۇرىۋالدىم .
—پىنسىيە ئىشىمغا يول مېڭىۋاتقان ئەمەسمۇ، ئاز قالغانىدى، دوختۇرخانىدا يېتىشىممۇ شۇ سەۋەپلىك، ئەنسىرمىسەڭمۇ بۇلىدۇ،—دىدى ئاپام .لىكىن نىمىلا بولمىسۇن ئاپامنىڭ پىنسىيە ئىشى مۇشۇ باھانىدا يول بولغانىدى . مەنمۇ نىمىلا قىلىپ بولمىسۇن ئىمتاھاننى بىرىپ تۈگىتىۋالدىم .
ئائىلىمىز ئاجايىپ خەتەرلىك ھالەتتە ئىدى ، دادامغا ئاچچىقىم بار بولسىمۇ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازغاندىن باشقا يۈز تۇرانە ھالدا بىر نەرسە دەپ باقمىغانىدىم ، ئۇ ئالۋاستىنىڭ بۇيىدا بارئىكەنمىش…ئۈزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم، چۈنكى ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، پەرىشتىدەك ئاپامنىڭ  ئاتا-ئانىسى ئاللىبۇرۇن ئۇنى بۇ دۇنياغا يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قالغانىدى ، چوڭ ئانام بولغان بولسىمۇ بىچارە ئاپام ماڭا دىيەلمىگەن گەپلىرىنى ئۇنىڭغا دىيەلەربولغۇيتتى ، ئاپامنىڭ ئىچىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە بۇ ئىشلارنىڭ ئېغىر كىلىۋاتقىنىنى ئاز دەپ، بىر قىسىم خۇتۇنلارنىڭ تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۈلىشى ئۇنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرۋەتتىمىكىن دەپ ئويلىدىم:
—تۇمايرا خانىم، سىلىگە ئىش ئۆگەتكەنلىك ئەمەس، ئەر كىشى دىگەننىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك پەس بۇلىدىغان گەپكەن، لىكىن بىزدىمۇ سەۋەنلىك بار ، قارىسلا ئۆزلىرىگە ياشلىقلىرىدا خىزمەت دىلە ، ئۆي دىلە ، بالا دىلە ، ئەمدى ياش خېلى بىر يەرگە باردى، سىلىنىڭ قوللىرىدا يوق بولمىغاندىكىن ، قورقماي كىيىپ، ئويناپ يۈرگىلىكتى ، ئادەتتە بەك گىرىممۇ قىلمايلا، ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتىپتىلە ، مانا كەلگۈلۈك كەلدى …
—قارىسلا خانىم ، مۇشۇ سىراجىدىن بايغا كۆز تەككەندەكلا ئىش بولدى ، ھېلىقى بىر نىمە ئۈزىنىڭ قىزىدەك تۇرسا ، شۇنچە ئىنساپ دىيانەتلىك ئادەم ئەجەپمۇ بىر قىلدى…ئوقۇتۇپلاۋېتىلى خانىم ، مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم باتى…
—قوپە ئاداش ، بۇنداق ئاغرىپ يېتىپ بەرسەڭ شۇنچە يىلدىن بىرى تۇتقان ئۈيۈڭ، يىغقان مال دۇنيالىرىڭ ئاشۇ سېرىق تۈكنىڭ قۇلىغا قالمامدۇ…روھلۇق بولغىنە، بېرىپ ئاۋۇ سېرىق تۈكنىڭ ئەدىبىنى بىر بېرىپ كىلىلى…

  ئۇلار ئاپامنىڭ كۆڭلىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن، مەن چۈشەندىم ، ئاپامغا ئېغىر كەلگىنى سېرىق تۈكمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىمۇ ئەمەس ، ئاپام خېلى كۆپنى كۆرگەن ، بىر ئىشلارنىڭ ئالدى-كەينىنى بىلگۈچىلىكى بار ئايال ، ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بىرسى دادامنى كەچۈرۈپ، يول قۇيۇپ كەلگىنى پەقەت مەن ۋە بۇ ئائىلە ئۈچۈنلا ئەمەس ئىدى، ئاپام دادامنىڭ «ئازغىنىنى »نى كەچۈرگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئېزىشىنى ھەربىر ئايالنىڭ بېشىدا بار ئىش دەپ قۇبۇل قىلغانىدى ، دادامغا سەل قاتتىق تەلەپ قويغىنى بىلەن كۆڭلىدە ئۇنى يەنىلا 20 يىللىق قەدىناسى دەپ بىلگەنىدى.ئالۋاستىنىڭ دادىسىدەك ئادەمگە كۆيدۈم دەپ يۈرگىنىدىنلا ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر نىيەت مەقسىتى بارلىقىنى بىلگەنىدى…ئۇنىڭغا ئەڭ ئەڭ ئېغىر كەلگىنى 20يىللىق قەدىناسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئەڭ يىرگىنىشلىك بىر ئادەم تەرەپتە تۇرغىنى، كۆز ئالدىدىلا ئۇنى ياقلىغىنى، كۆز ئالدىدىلا ئۇنى ئاقلىغىنى ئىدى…
  مەيلى دادام ۋە ئۇ ئالۋاستى راستىنلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن بولسۇن ياكى بىر-بىرىنى ئاقلىماقچى بولسۇن، ئۇلار ، ھامان گۇناھكار ، ئۇلار ئەڭ چوڭ ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچى، ئۇلار بىر پەرىشتىدەك ئايالنىڭ كۆزىدىن قان-ياش ئاققۇزغۇچى…لىكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار نىمىشقا يەنە ئاپامنىڭ جاراھىتىگە تۇز سىپىدۇ ؟!ئۇ ئالۋاستى نىمىشقا دادامنى توختىماي ئاقلايدۇ؟!نىمىشقا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى تەپتارتماي ئېغىزىغا ئالىدۇ؟!يەنە تېخى دادامچۇ، بوپتۇ ئۇ ئالۋاستى بىلەن بۇرۇن نىمىلا دىيىشكەن بولسۇن ئازار يىگەن ئاپامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇ ئالۋاستىنى ئۆيدىن چىقىرۋەتمەيدۇ؟!نىمىشقا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خاتا دىمەيدۇ ، نىمىشقا ئۇنىڭ ئالپامنىڭ ئالدىدا بىر ئەرزىمەس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەيدۇ؟!
ئاپامنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام بۇ ئازاپنى قانداق باشتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم ، ئاپامنىڭ ئازابىنى قانداق قىلسام يىنىكلىتەلەيدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم ، ئۇنىڭ ياش ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ھەر بىر كۆرگىنىمدە، ئېغىر ئۇھ تارتىپ ئولتۇرۇپ كىتىشلىرىنى كۆرگىنىمدە يۈرۈكۈمنىڭ شۇنداق چارىسىزلىق ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە تىپىرلاپ كەتكىنىنىلا ھىس قىلاتتىم…

                                                14

كېچىلىرى بەزەن-بەزەندە ئۇيقۇم قاچقاندا ئاستىغىنە سۇغۇرلۇپ چىقىپ قەيسەرگە تىلفۇن قىلاتتىم :
—نىمىش بولدى بۇ كېچىدە جېنىم
—ھىچنىمە ، شۇ كۆرگۈم كىلىپ…
—يوقلىما قىلىپ دىگىنە بولدى ، ياتاقنىڭ تىلفۇنىدا تىلفۇن قايتۇرامدىم
—ئۇنى ھېلى تىلفننى قۇيىۋەتكەندە ، بىر جىرىڭلىتىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ…ھى ھى
—نىمىشقا مۇنچە كۈنلەيدىغانسەن، بەك ياخشى كۆرەمدىكى دىسەم ، كۈندۈزلىرى ماڭا قارا كۆزۈڭ، گەپ قىلار تىلىڭ يوق…كۈنلەمچى ، ئىچى تار خۇتۇنۇم…ھا ھا ھا
—كىم سىزنىڭ خۇتۇنىڭىزكەن؟
—ھامان بىر كۈنى شۇنداق بۇلىدۇ ، خاتىرجەم بول
  —مەن ھەممىدىن خاتىرجەم، پەقەت سىزدىن چاتاق چىقمىسلا…
—تۇمارىس؟
—ھە…
—بىر گەپ قىلاي قارا، ئەگەر، مەن ئەگەر دىدىم ھە، ئەگەر بىرەر كۈنى سەن گۇمانلانغۇدەك بىرەر ئىشنى بايقاپ قالساڭ قانداق قىلىسەن؟
—سوراش كەتمەيدۇ، مىنى ئىزدەپمۇ تاپالمايسىز، ئىككىنچى قېتىم مەن بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشەلمەيسىز، ئىشەنمىسىڭىزسىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ ..
—ئۇھ…نەدىنمۇ ئۇچراپ قالدىم ساڭا…
—ھە ؟
—ھى ھى ، ھىچنىمە جېنىم ، خەقلەر ياماننىڭ ئۇتى يامان دەيدىكەن، مەن دەيمەن كىچىكنىڭ ئۇتى يامان دەپ.
—قەيسەر، سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بارئىدى
—بىرەر يەردە ئىشلەش توغۇرلۇقمۇ؟
—ھەئە، ھازىر بىكار ۋاقتىمىزمۇ خېلى باركەن،
—ئۆگىنىشلىرىڭگە تەسىر يىتىپ قالارمىكىن دەيمەن، مەن بىرىۋاتقان پۇل يەتمەيۋاتامدۇ؟
—ئۇنداق ئەمەس ، ئىشلىگۈم، چېنىققۇم كەلدى
—بۇلىدۇ، ماقۇل ، بىرگە ئويلىشىپ باقايلى

ئۇنى مۇشۇنداق پات-پات يوقلىما قىلىپ ،   كۈنۈپ قالغانىدىم ، ماڭا مۇشۇنداق بىر ئىشەنچ لازىم ئىدى.


                                                           15         

بىلال بىلەن ئىككى كۈن ئالاقىلاشمىدىم، ئۈچۈنچى كۈنى ئۇ ئۇچۇر قىلدى:
—تۇمارىس، سىزنى پەستە ساقلايمەن، سىز چىقمىسىڭىز مەن مۇشۇ يەردە ماشىندا تۈنەي بولدى.
ئۇنىڭ ئايالىغا ئۇچۇر يوللىدىم :
«ھەدە، بىلالكام راست ياخشى يىگىت، لىكىن كۆڭۈل دىگەن مۇشۇنداق ساراڭ نىمىكەن، مەنمۇ ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىشىنى ئويلاپ يەتمەپتىمەن، ئۇ ھازىر بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا، مەن سىزگە ۋەدە بەرگەن،ئەمدى كۆرۈشمەيمەن دەپ،
ئۇچۇر يوللىدىمدە تىلفنۇمنى ئىتىۋېتىپ ئۇيقۇمنى ئۇخلىدىم.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئايالىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدىم:، مىنى تىللاپ يازغان ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە رايىم بارمىدى.
لىكىن كەچلىكى ئوخشاشلا بىلالنىڭ تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدىم.
«ھەدە، مىنى تىللاپ كەتسىڭىزمۇ سىز يەنىلا مەندىن چوڭ كەنسىز ، بىلالكام يەنە كەپتۇ، ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلارسىز، مىنىڭ پەقەت 3-شەخس، تۈلكە جىن بوپ قاغۇم يوق، مەن ئۇنداق ئىنسانلارغا سىزدىن ئۆتەر نەپرەتلىنىمەن، ئۇنداق نەرسىلەر بىر ئۆمۈر خاتىرجەم ئۈتەلمىسۇن ئىلاھىم ، بىر ئائىلىنى بۇزۇپ، گۇناھسىز بالىلارنى يىتىم قىلىدىغان ئۇنداق تىگى پەسلەرگە خۇدايىم بىر ئۆمۈر پەرزەنت بەرمىسۇن، ئانا بۇلۇش ھۇقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىۋەتسۇن ئىگەكىم، شۇڭا سىز مەن بىلەن قالماي بىلالكامغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ماڭا قاراڭ، قايسى بىر ئەرنى ماڭا قارىتالمىغۇدەك ئۆيىنىم بارمىكەن، ھەر يىگىتلەر تۇرۇپتۇ ، سىزنىڭ ئىرىڭىزنى تالىشىپ يۈرمىسەممۇ، سىزگە نەسىھەتىم ، ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى خۇتۇن كىشى ئۇتىدۇ، ئۇتالمىسىڭىز تالادىن كۆڭۈل خۇشى ئىزدەيدۇ شۇ ، كىچىك بولساممۇ ئاتىكارچىلىق قىلىپ قويدۇم، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلماڭ ، بولمىسا مەنمۇ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايمەن.
ئۇچۇرنى يوللىدىم دە تىلفۇننى ئىتىۋەتتىم .
ئەتىسى بىلالنىڭ ئۈندىدارغا قالدۇرغان بىر مۇنچە خەتلەرنى، گەپلەرنى تاپشۇرۋالدىم…دىمەك ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈيىدە ھازىر كۈندە ئۇرۇش-جېدەل، بىلال پەقەت مەن بىلەن بىر يۈزتۇرانە كۈرۈشۈشنىلا تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇپتۇ…
بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ تۇغۇتىنى يوقلىغىلى باردۇق، كۆڭۈللۈك ئولتۇرغانىدۇق، مۇز بۇلۇپ كەتكەن يۈرىكىمنى ساختا
تەبەسسۇملىرىم يۇشۇرۇپ قالاتتى.

بىنانىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە بىلالغا ئۇچۇردۇم، ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ قېتىپ قالدۇق، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان ئېغىر خاپىلىقى چىقىپ تۇراتتى:
—ماشىنىغا چىقامسىز ئۈيىڭىزگە باشلامسىز؟—
ئۇنىڭ گىپىگە جاۋاپ بەرمەي ئۇدۇل مېڭىۋەردىم، ئۇ ئارقامدىن ئەگەشتى.
—نىمە قىلماقچىسىز بىلالكا؟
—سىز بىلەن پاراڭلاشماقچى؟
—ئەمدى سىز بىلەن پاراڭلىشالمايمەن
—ماڭا ئۇچۇق دىمىسىڭىز بولمايدۇ؟
—نىمىنى ئۇچۇق دەيمەن؟
—ئۈيۈمنى بۇزۇش نىيتىڭىز بارمىتى؟نىمىشقا ئايالىمنى ئىزدەيسىز؟نىمىشقا ئۇنىڭغا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆپتۈرۈپ دەيسىز؟
—ئايالىڭىزنى ئىزدەپتىمەن؟! توۋا…مانا كۈرۈڭ بۇلارنى
ئۇنىڭغا تىلفۇننى تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
—يۈرۈڭ ماشىنىغا چىقىپ پاراڭلىشايلى.
ماشىنىغا چىقتۇق، مەن ئارقىغا چىقتىم، ئۇ ئالدىدا.
—ئۇنىڭ ئاۋال سىزنى ئىزدىگىنىنى، سىزگە بۇنچە ئاھانەت قىلغىنىنى بىلمەپتىمەن، كەچۈرۈڭ، ئۇنىڭ ماڭا دىگەن گەپلىرى باشقىچە ئىدى .
بۇنداق چاغدا سۈكۈتتىن ئارتۇقى ئارتۇق ئىدى .
ئۇ ئالدىدىن ئارقىغا ئۆتتى.
ئۇ كۆزلىرىمگە، يۈزلىرىمگە تويماي قارايتتى، يۈزۈمنى توسىۋالغان چېچىمنى قىززىق قوللىرى بىلەن قۇلاق تۈۋىمگە قىستۇرۇپ قويدى.
مەن سۈكۈتتە ئىدىم.
ئۇ يۈزلىرىمنى سىلىدى، تىنىقلىرى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى مەن يەنىلا سۈكۈتتە .ىدىم.
—ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى مۇشۇ ئىككى كۈندە ھىس قىلدىم ، پۈتۈن دۇنيا مەنىسىزدەك، سىزنى كۆرگۈم كىلىشتىن باشقا ئىشقا قۇلۇم بارمايدۇ، پۈتۈن مىڭەم سىز بىلەن ئۆتكەن كۈلكە-چاخچاقلار بىلەن تولدى ، سىزگە ، قىلغانلىرىڭىزغا ئاچچىقىم كەلسىمۇ لىكىن سىزگە نەپرەتلىنەلمىدىم…مىنى سىھىرلەپلا قويدىڭىز، ئەمدى مىنى قانداق قىلسۇن دەيسىز…
تىنىقلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ئۇ توختىماي يۈزلىرىمنى ئىككى ئالقىنىدا ئارىسىدا ئوينىتاتتى، چاچلىرىمنى سىلايتتى…
مەن يەنىلا سۈكۈتتە ئىدىم…

     16

ئاپام دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ئۇ ئالۋاستى بىزنىڭ ئۆيگە يەنە يالۋۇرۇپ كەلدى، مەن ئادەم دىگەننىڭ
ئۇنداق يۈزى قېلىنى بار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ، ئۇ ئالۋاستى ئاپام بىلەن نىمە دىيىشتى ئاڭلىيالمىدىم ، لىكىن ئۇ ئالۋاستى ئاپامنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىتتى…
ئاپام - دادام راستلا ئاجراشماقچى بولغانىدى، دادامغا كۆز-ياشلىمرىمنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ بىر پارچە خەت يازدىم ، ئاپامغا توختىماي ئۇ ئالۋاستى ئۈچۈن بۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلماسلىقنى ، مىنى دادىسىز قويماسلىقنى دەپ يالۋۇراتتىم ، يېلىناتتىم ، ھەتتا تەھدىتمۇ سالاتتىم …
—سەن چۈشەنمەيسەن، كىيىن بىر ئۆيلۈك بولغاندا ، بالاڭ بولغاندا ، مىنىڭ نىمە ئويلىغىنىمنى شۇ چاغدا بىلىسەن، مىنىڭمۇ بۇ ئۆينى بۇزغۇم ، سىنى يىتىم قىلغۇم يوق…مىنىڭمۇ سىنى خاتىرجەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇم،  ئاتا-ئاناڭنى دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ سىنى ياتلىق قىلغۇم بار …لىكىن بالام…
ئاپام پەقەت لىكىن نىڭ داۋامىنى چۈشۈرگىلى ئۇنىمايۋاتاتتى…ئۇرۇق تۇققانلارمۇ ئارىلاشقان بولدى ، ئىمتاھانغا ئاز قالغانسىرى بۇ ھەقتىكى گەپلەر جىمىپ ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلاشقا باشلىدى، مەنمۇ ئامال بار ئىمتاھاننى ياخشى بىرىشقا تىرىشتى،، بۇ ئىشلارنىڭ ئاپامغا ئېغىر كەلگىنىنى ئاز دەپ ئىمتاھان نەتىنجەمنىڭ چۈشۈپ كىتىپ تېخىمۇ ئېغىر كىلىشىنى خالىمايتتىم .
ئىمتاھان تۈگىدى، ئاپام ئىككىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ بېجىرىدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، تىببى ئۇنىۋېرسىتتىقا ئۈتەلىشىمگە ئىشەنچىم بار ئىدى . .. ، ئاپامنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدىم ، ئۇلارنىڭ  ئاجىرشىشنى قارار قىلىپ بولغانلىقىنىمۇ  شۇ چاغدا بىلدىم .
—سەن خېلى چوڭ بۇلۇپ قالدىڭ، لىكىن سەن يىتىم بولمىساڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان ناراسىدەدىن بىرسى ، يىتىم بۇلىدىغان گەپ…داداڭ بىلەن دىيىشىپ بولدۇق، سىنى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ئۆزۈم ئوقۇتىدىغان بولدۇم…
مىڭ يېرىمدىن تۈكۈلۈپ تۇرىمەن، دادام بىلەن ئۇ ئالۋاستىنىڭ بالىسىنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىنىڭ ئۈزىلا بىر خاتالىق تۇرسا نىمىشقا بۇ خاتالىقنى داۋاملاشتۇرغىدەكمىز؟
نىزامىدىن داداملارغا، گۈلنىسا ئاپاملارغا ، ئىشقىلىپ تىلفۇن قىلغۇدەك ئۇرۇق -تۇققانلارنىڭ ھەممىسىگە تىلفۇن قىلدىم ،  ئۇلارغا شۇنچىلىك يىغلىدىمكىن، شۇنچىلىك ئۆتۈندىمكىن ، كىيىنكى بارلىق ئارزۇ-ئۈمۈدۈم  ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ دادامغا بېسىم ئىشلىتىشىدە قالغانىدى…
يۇرتقا قايتايلى دەپ قانچە قىلساممۇ ئاپام ئۇنىمىدى.كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇراتتى.بىر كۈنى نىزامىدىن  داداملارنىڭ ئۈيىگە تىلفۇن قىلدىم ، كىچىك نەۋرە ئىنىم  تىلفۇننى ئالدى:
—نەبى، ھەممىڭلار تىنچلىق تۇرۋاتامسىلەر؟
—تىنچلىق، ئۈزەڭچۇ؟
—مەنمۇ ياخشى، چوڭلاردىن بىرەر بولسا تىلفۇنغا چاقىرۋېتە
—يوق، ھىچكىم يوق.
—نەگە كەتتى؟ ئۈزۈڭ يالغۇز قالدىڭما؟
نەبى پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى:
—ئۇلار…ئۇلار ھەممىسى سىنىڭ ئۈيۈڭگە كەتتى، بۈگۈن سىراجىدىن دادامنىڭ تۇيۇنى قىلغۇدەكمىش…ھۈھۈھۈ…ئۇ دىگەن سىنىڭ داداڭ تۇرسا…ھۈھۈھۈ…
ئىچىم شۇ قەدەر ئاچچىق بولدى، مانا ئاپام بىلەن ئاچا سىڭىلدەك ئۆتكەن ئۇرۇق تۇققانلارنى كۆرەي، كۆزلىرىمدىن يەنە ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى:
—سەن نىمىشقا بارمىدىڭ؟
—مەن ئۆچ ھېلىقىغا، ئاپامنىمۇ ، دادامنىمۇ بارمايسەن دەپ توسسام ئۇنىمىدى…ھۈھۈھۈ…ئەمدى سەن كەلمەيسەن شۇنداقمۇ، ئۇ خۇتۇن بىر ئوغۇل ئۇكاش تۇغارمىش…ھەدە…مىنىمۇ ئېلىپ كەتكىنە، سىنى بەك كۆرگۈم كىپ كەتتى…ھۈھۈھۈ…
ئىككىمىز تىلفندا قانغۇچە يىغلاشتۇق، بەلكىم ئادەم يېقىنلىرىغا ھازا ئاچقاندا مۇشۇنداق يىغلار، ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ…

                                                                   17



ئالىي مەكتەپتە ھىچبىر يىگىتكە قاراشقا رايىم ۋاقتىم يوق ئىدى، لىكىن شۇنداق چاغلاردا قەيسەر بىلەن تۇنۇشتۇق، ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىنجىسىدە ئۇنىڭغا ماقۇل دىگەنمۇ بولدۇم ، لىكىن مەندىكى بۇ ماقۇللۇق باشقا قىز- يىگىتلەرنىڭ ماقۇللىقىغا ئوخشىمىسا كېرەك…مەن ۋاقتىمنى ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۆگىنىشىمگە، ئوقۇش پۇلۇمنى غەملەشكە،  سەرپ قىلاتتىم ،  ھىسىيات ئۈچۈن يىغلاپ ، قاخشاۋاتقان، ئۇرۇنسىز ۋاقىتلىرىنى زايا قىلىۋاتقان قىزلارنى كۆرسەم ئىچىم  سىقىلاتتى، كۆپ ھاللاردا يالغۇز يۈرەتتىم ، يالغۇزلۇققىمۇ كۈنۈپ كەتكەنىدىم ، مىنىڭ بىردىنبىر خوشاللىقىم ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئېچىلىك-يېيىلغىنىنى كۆرۈش ئىدى.   باشقىلار مىنىڭ مەغرۇر، گۈزەل بىر قىز ئىكەنلىكىمنى ، ئاپام بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىمنىلا بىلەتتى خالاس، ھەتتا قەيسەرگىمۇ مەن دادام توغۇرلۇق تەپسىلى توختىلىپ باقمىغان.
—كىچىكىمدە ئاجىرشىپ كىتىپتىكەن، مەن ئۇنى تۇنۇمايمەن.
مەن پەقەت شۇنداقلا دەپ قۇياتتىم.
—سەندىكى قەيسەرلىك، سەندىكى لاتاپەت، سەندىكى تۈرگۈنلۈك…ئىشقىلىپ ئاتا-ئاناڭنى قالتىس ئادەملەر دەپ قىياس قىلىمەن، تىزراق ئۇلار بىلەن كۈرۈشۈشكە نىسىپ قىلسىكەن دەيمەن.ئۇ دائىم شۇنداق دەپ ماڭا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلەپ قۇياتتى.
ئۇنىڭغا ئاپامنىڭلا تەرىپىنى قىلىپ بىرەتتىميۇ لىكىن دادام توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمايتتىم.
بەزىدە ساۋاقداشلىرىمغا قارايتتىم، ئۇلارنىڭ ساپساق تۇرۇپ ئۆيدىكىلىرىگە ئاغرىپ قالدىم دەپ يالغان سۆزلەپ پۇل سالدۇرۇشلىرىنى، يۈتۈپ كەتمىگەن تىلفۇنلىرىنى، يۈتۈپ كەتمىگەن پورتماللىرىنى يۈتۈپ كەتتى دەپ ئۆيدىكىلىرىگە پۇل سالدۇرۇشلىرىنى پەقەت ئىچىمگە سىغدۇرالمايتتىم . ھېلىمۇ مەكتەپ ياتىقىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمنىڭ ئازلىقىنى دەيمەن، ئەگەر كۈندە كەچلىكى تۇرۇش توغرا كەلگىنىدە قانداق قىلار بولغۇيتتۇم؟!
ئۇلارنىڭ نىمە مەقسەتتە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ، نىمە مەقسەتتە بۇ مەكتەپكە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى…مەنمۇ يالغۇزسىرايتتىم ، ھەممە گەپلىرىمنى ئاپامغا ئېيتىپ يۈرەلمەيتتىم ، قەيسەر مىنىڭ يەنە بىر دىلكىشىم ئىدى، مەندىن چوڭ بولغاچقىمۇ ياكى ئوغۇل بالا بولغاچكىمۇ ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرى مەندىن كۆپ ئىدى ، ئۇنىڭدىن پات-پات پۇل سوراپ قۇياتتىم، ئۇمۇ نىمىگە ئىشلىتىسەن ياكى قاچان قايتۇرىسەن دىگەندەك گەپنى قىلىپ سالمايتتى… ،
—تۇمارىس، ماڭىمۇ قەيسەرنىڭ بىرەر دوستىنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيە
—ماڭىمۇ
—ماڭىمۇ
—ساڭا بەك مەستلىكىمىز كىلىدۇ جۇمۇ، مائاشلىق بىرىنى تېپىۋالغىنىڭ بەخت قۇشىنىڭ قونغىنى شۇغۇ ساڭا
—لىكىن تۇمارىس، قەيسەرنى بەك ئىزدىتىسەن جۇمۇ، ئۇ سىنى تاپالماي تىت-تىتلاپ كىتىدۇ
—مۇشۇنداق كىتىۋەرسەڭ ئۇ زىرىكىپ قالمىسۇن يەنە، باشقا بىرىنى تېپىۋالمىسۇن دىققەت قىل جۇمۇ
مانا مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەر مەن ياتاققا قايتقاندا دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان گەپلەر ئىدى.
كۈلۈپ قۇيۇپ ئۆتكۈزۋېتەتتىم .



                                                                        18
ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگىنىمدە ئاپام-ئىككىمىز ئاللىقاچان يېڭى ئۈيىمىزنى جايلاشتۇرۇپ خېلىلا ئۆزلىشىپ قالغانىدۇق، دادا دىگەن بىر سۆز ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ مىنىڭ لۇغىتىمدىن ئۆچكەنىدى…ئاپامدا، مەندە گۇناھ يوق ئىدى،  ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىدە ، ئاپام ئۇنى كەچۈرگىنىدە ئۇنى ئۆزگەرتسە توغرا يولدا ماڭسا بۇلاتتى…لىكىن دادام خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزدى، ئۆتكۈزگەندىمۇ ئاجايىپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنىدى…دادام يېڭى بىر ئايالغا، يېڭىدىن بىر پەرزەنتكە ئىرىشتىلىمۇ دەيلى…لىكىن ئاپام ئىككىمىزگە تەڭ قىلغىلى بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم…ئۇ ئايال دادامنى مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيسۇن ئاپامنىڭ 20يىلدىن ئارتۇق دادامغا قىلغان مىھرى-ۋابا ۋە مۇھەببىتىنىڭ ئالدىدا ئۇ ھىچنىمە ئەمەس ئىدى، ھىچ ئويلىساممۇ كاللامدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش بارئىدى، ئاتا-بالا، 20يىللىق قەدىناس دىگەن نىمىگە توغرا كىلەتتى، دادامنىڭ شۇ پەس كۆڭۈلنى دەپ بىزنى قان-زار يىغلىتىپ تۇرۇپ يەنە بىرىنى ۋە ئۆزىنى بەختلىك قىلالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمەيتتى،ئۇ قانداقمۇ بەختلىك ھىس قىلار ئۆزىنى؟!ئاپام 20يىل تۇتقان ئۆيدە ئۇ باشقا بىر ئايال بىلەن قانداقمۇ تۇرار؟! ئاپام كۆزىگە كۈرۈنمەسمۇ؟!ئەل-جامائەتكە قانداق قارار؟! قانداق كۈچتۇر ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك-پارىسىدىن كەچكۈزۋېتىدىغان ، قانداق كۈچتۇر ئۇ بارلىق ئار-نۇمۇسنى قايرىپ قۇيىدىغان   ؟!مۇھەببەت شۇنچىلىك پەس بۇلىدىغان بولسا بۇ دۇنيادا مۇھەببەت دىگەن نەرسە بولمىسىمۇ بوپتىكەن؟ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇھاببەت دىىسەك دادام بىلەن مىنىڭ ، دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نىمە دەپ قارىساق بۇلار…

بىچارە ئاپامنىڭ بىر تۇققان ئۇرۇق تۇققانلىرى يوق ئىدى، ئۇ ئەزەلدىن دادامنىڭ تۇققانلىرى بىلەن شۇنداق  شۇنداق ياخشى
ئۈتەتتى، لىكىن ھازىر ئۇلار بىلەن ئىنتايىن  ئاز ئالاقە قىلاتتى، مەن بولسام ھىچكىم بىلەن ئالاقە قىلىشمايتتىم.دادامنىڭ ئاتالمىش تۇيى بولغان كۈنى مەن بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلىرىمدىن مۇناسىۋىتىمنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانمەن، مىنىڭ كۆڭلۈمنى، بىچارە ئاپامنىڭ كۆڭلىنى كىم ئويلاپتۇ ، كىچىكىمدىن باشلاپ ئاپام-داداملارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردەملىرىدىن خەۋەردارمەن، ئۇلار نىمىشقا دادامنى توسمايدۇ، نىمىشقا بىر ئوبدان ئائىلىنىڭ بۇزىلىشىغا قاراپ تۇرىدۇ…
ئەگەر ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىلى مىنىڭ چۇقۇم زەربە ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتكە دۇچار بۇلىدىغان ۋاقتىم بولغان بولسا مەن ئوقۇماسلىقنى خالايتتىم ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزەي دىگىنىمدە ئائىلىمىزدىن ئايرىلدىم ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەي دىگىنىمدە  يەنە بىر قېتىملىق ئايرىلىشتىن شەپە كىلىشكە باشلىغانىدى…



19
بىلال بىلەن كۈنلىرىمىز يەنىلا شۇنداق خوشال ئۆتمەكتە، ھازىرقى مەن ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن بۇ بىلالغا ئايان .
قىززىق ئىش، دەسلەپتە تۇنۇشقاندا بىلال شۇنچىلىك ئايالىغا كۈيىنىدىغان ، ئايالى ئىشقا كىتىپ يامغۇر يېغىپ قالسا ئايالىغا كۈنلۈك ئاپىرىپ بىرىدىغان ئەر ئىدى ھە…مانا ھازىرچۇ، كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭدىن كەلگەن تىلفۇننى قۇيىۋېتىدۇ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەيدۇ…ئاياللارنى چۈشەنمەك تەس دىيىشىدىكەن،  لىكىن ئەرلەرنى چۈشەنمەك ئاياللارنى چۈشىنىشتىن نەچچە ھەسسە تەسمىكىن دەيمەن.
خىزمەتداشلىرىم ياخشى كۆڭلى بىلەن ماڭا يىگىتلەرنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى، مەن ھازىرچە بۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇم يوقلىقىنى ئېيتتىم .
—ئۇنىڭ يۈرىۋاتقان يىگىتى بار، ئاۋارە بولماڭلار،—دىيىشىدۇ خىزمەتداشلىرىم ئۆزلىرىچە تەھلىل قىلىپ، قارىمامسىلەر، پات-پات تىلفۇنغا قاراپ تاتلىق كۈلۈپ قۇيىدۇ، بەزىدە ئاھ ئۇرۇپ كىتىدۇ ، يۈرىۋاتقىنى بولمىسىمۇ كۆڭلىدىكىسى بار.
بۇنداق گەپلەرنى پەقەت كۈلۈمسىرەپلا ئۆتكۈزۋېتىمەن، خاتىرەمنىڭ پىنھان يەرلىرىدە قەيسەرنىڭ سىماسى غۇۋا كۆزۈمگە چېلىقىدۇ…
—كىچىكنىڭ ئۇتى يامان جۇمۇ، سىنى سېغىنىپ ساراڭ بۇلاي دىدىم جېنىم، قاچان پۈتەر مۇشۇ ئوقۇشۇڭ، ئوقۇما بولدى تويلا قىلىۋېتەيلى، سېنى ساندۇققا سېلىپ ساقلاي، يولدا ماڭساق بىرەر سويما ساڭا قاراپ قويسىمۇ نېرۋامغا تىگىدۇ مىنىڭ ، ئەگەر ئىشلەپ قالساڭچۇ، خىزمەتداشلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئەرلەرمۇ بۇلىدۇ ھەقاچان…ياق، ياق …مەن بۇنىڭغا يول قۇيالمايمەن…
ئۇنىڭ چاخچاقلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈپ كىتىمەن…

  بۈگۈنكى ئالدىراشچىلىقتا بىلالنىڭ تىلفۇنىنىمۇ ئالامىغانىدىم، ئۇنىڭغا بۈگۈن مۇھىم بىر تەتقىقات بارلىقىنى ، ئەگەر بۇ تەتقىقاتىم مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ئانا سۈتى تەركىبىدىكى مۇھىم بىر تەركىپنى بىرىكتۈرۈپ ياساپ چىقىشقا مۇمكىنچىلىق ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدىم .بۈگۈن بىر كۈننىڭ قانداق كەچ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن، كەچلىكى بالدۇرلا يېتىۋالدىم .
  ئاپامنىڭ سۈرىتىگە قارىدىم، شۇنچىلىق لاتاپەتلىك ۋە چىرايلىق، مىھرىبان ۋە سەمىمىي، بۇرۇنلىرىمنىڭ ئۇچى قىچىشتى، تىلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم:
«بىلالكا، چىقالامسىز، سىزنى بەك سېغىندىم
ئۇنىڭ ئۈندىدارىغا خەت قالدۇردۇم.
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇنىڭ تىلفۇنىنى تاپشۇرۋالدىم.
—چۈشۈڭە، كونا جايدا ساقلاۋاتىمەن
ئۇنىڭ كونا جاي دىگىنى ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىشقا ئەپلىك بىرجاي ئىدى، كونا ئادىتىم بۇيىچە ئەينەككە قارىدىم.گىرىم قىلمىغان بولساممۇ  سۈپسۈزۈك چىرايىم ۋە تۈكۈلۈپ تۇرغان قاش-كۆزۈمدىكى تەبىئىيلىكنىڭ ئۆزى يىتىپ تۇراتتى.
—ئۇچتىڭىزمۇ نىمە ، ئەجەپ تىز چىقتىڭىزغۇ
ئۇنىڭ گىپىگە كۈلۈپلا قويدۇم.
—سىزمۇ  سېغىندىم دىيىشنى بىلىدىكەنسىز ھە، توۋا بېشىڭىزدىن ياغاچ ئۇچتىۋېتەيمۇ
ئۇنى شۇنچىلىك تىز قۇچاقلىۋالدىم…
ئۇ كۈنى ماشىنىدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرەك سۇقۇشىنى قانغۇچە تىڭشاپتىمىز…
دىدىم ئۇنىڭ قۇلۇمنى ئەركىلىتىپ ئولتۇغان قوللىرىغا قاراپ.—قوللىرىڭىز بەك چىرايلىق ھە؟
—قولنىڭمۇ چىرايلىق سەتى بۇلامدۇ، —دىدى ئۇ
—بۇلىدۇ، قاراڭ قوللىرىڭىزنىڭ بارمىقى شۇنچىلىك ئۇزۇن، تۈپتۈز، يىرىكمۇ ئەمەس، ئادەمگە ئىشەنچ تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ.
—ماڭا ھىچكىم ئۇنداق دەپ باقمىغان، قىززىق
—راستما، ئايالىڭىزمۇ ئۇنداق دەپ باقمىغانما
—ياق!
—مەن ئويلايمەن، بىرگە ياشاۋاتقان ئادىمىدىن چۇقۇم ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشى كېرەك، مەسىلەن سىزنىڭ بارماقلىرىڭىزمۇ بىر ھۇزۇر، كەسپتە ئىلگىرلىشىڭىزمۇ بىر ھۇزۇر، مۇشۇ قاملاشقان بوي بەستىڭىزمۇ بىر ھۇزۇر .
—يەنىچۇ؟
—يەنە ئادەمگە تىكىلىپ قاراشلىرىڭىز، مىھىر بىلەن باغرىڭىزغا بېسىڭىزمۇ بىر ھۇزۇر…
—يەنىچۇ؟
—يەنە دەپ كەلسەم بەك جىق، ئىشقىلىپ سىز بىلەن ياشىغان ئايال بەك بەختلىك جۇمۇ
—لىكىن بەزەنلە ئۇنداق ئويلىمايدۇ
بەزەنلە؟ئايالىڭىزمۇ؟—
—ھەئە
—مۇنداق دەڭ…بولدىلا كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قۇيايلىچۇ
—شۇنى دەڭە بىز يەنە قانچىلىك ياشايمىز توغرىمۇ، ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزسەك نىمە يىتىدۇ دەيسىز توغرىمۇ؟
—ئاخىر ئۆگىنىپسىزدە مەندىن
—شۇنداق بولماي
—بىلالكا ، بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەمدى قايتىپ كىتىڭ، ھېلىمۇ ئۇنىڭدىن كەلگەن تىلفۇننىڭ ھىچقايسىسىسنى ئالمىدىڭىز، سىزدىن گۇمانلىنىپ يۈرمىسۇن.
—كۈنۈپمۇ كەتتىم  ،بېشىمغا كەلگەننى كۈرەرمەن
كەچلىكى ئۈندىدارىمنى ئويناپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ«دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز، ئۇ دەل سىز ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزنى باغرىڭىزغا باسقىنىڭىزدا ئۇنىڭ سىزنى سىزدىنمۇ چىڭاراق باغرىغا بېسىشىدۇر«دەپ يىزىپ تاتلىق بېقىشىپ تۇرغان بىر جۈپلەرنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغىنىنى كۆردۈم ۋە ئاستىغا ئۈزۈمنىڭ قىزىرىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتىم، ئەگەر بىر كۈنلەردە ئايالىنىڭ كاللىسى ئىشلەپ ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئاختۇرۇپ قالسا ياكى مىنى قۇشۇپ قالسا دىيىشكەنلىرىمىزنى كۈرەتتى ، ئەلۋەتتە، قىززىق نەرسىكەن مۇشۇ ئۈندىدار دىگەنمۇ ، قارشى تەرەپ سىزنىڭ دوستىڭىز ،بولمىسا ئۇنىڭ ھىچنىمىسىنى كۆرەلمەيدىكەنسىز، ئەگەر 3-تەرەپ ھەرئىككىڭلارنىڭ دوستى بولمىسا  تېخىمۇ كۈرەلمەيدىكەنسىز؟مۇشۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەنلا ھەممىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولغانمىكىن دەيمەن مۇشۇ نەرسىنى…


                                               20
كېچىسى يوقلىما قىلىدىغان ئادىتىم بۇيىچە قەيسەرگە تىلفۇن قىلدىم
—ۋەي!
بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى، سائىتىمگە قارىدىم، شىنجاڭ ۋاقتى بىر بۇلاي دەپتۇ.
تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم .
ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى كەلگەن بولغىيمىتى ياكى تىلفۇننى بىرەر يەردە ئۇنتۇپ قالغان بولغىيمىتى…تىلفۇننى خاتا ئۇرۇپ قويمىغان بولغىيتىم، قايتا-قايتا قارىدىم ، ئۇنىڭ  ئىسمى    ئىدى .
غەيرەتكە كىلىپ يەنە تىلفۇن قىلدىم:
—ۋەي!!!
  سۇزۇپ قىلىنغان ئاۋازدىن شۇنچىلىك  زەردەم    ئۆرلىگەنىدى:
—كىمۇ سىز؟
—قەيسەرنى ئىزدەمتىڭىز، ئۇ مەس بوپ قالغان، مەن مۇقەددەسقۇ شۇ
ھەممە تۈگىگەنىدى . ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭمىچۇ ھاجىتى يوق ئىدى.
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ قەيسەر ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە چەك قۇيۇلدى دىسەكمۇ بۇلاتتى.
ئۇ نەچچە قېتىم ئىزدەپ كەلدى، دوستلىرىنى ئەۋەتىپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ سالدى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ كۈنى كورلىدىن بىرقانچە ساۋاقدىشى كەپتىمىش، شۇلار بىلەن ئوينىغىلى ،بېرىپتىمىش، قىز-ئوغۇللار ئارىلاشمىش، ئۇ مەس بۇلۇپ كىتىپتىمىش، ھىچنىمە ئىسىدە يوقمىش…


21
بىلال بىلەن ئاجايىپ تاتلىق ئۈتۈۋاتقان كۈنلەر، ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىدىغان كۈنلەر …
—ئەتە يىراق بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كىلەيلىمۇ؟
—ئايالىڭىزغا نىمە دەيسىز؟
—ئامالىنى ئۈزۈم قىلىمەن
—ماقۇل
—ئۇنىڭ بۇيىدا بار تۇرسا، ئۇنى ئايىسىڭىز بۇلاتتى
—ئۇ جەھەتتىن سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ
—ماقۇل
—تۇمارىس!
—ھە!
—نىمىشقىكىن نىمىلا ئىش قىلسام سىز كۆز ئالدىمدىلا، ئۆيدىمۇ تاس قالىمەن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى تىلغا ئالغىلى، بەزىدە قىلغان ئوماق قىلىقلىرىڭىز كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ…سىزنى شۇنچىلىك سېغىنىپ  كىتىمەن…گاھىدا ئىسىمدە يوق، سرتقا چىقىپ كىتەي دەپ قۇيۇپلا سىرتقا چىقىپ كىتىمەندە سىزگە تىلفۇن قىلىمەن…قانداق سېغىنىش بۇ ؟قانداق مۇھەببەت، قانداق ئىنتىلىش؟مىنى ساراڭ قىلايلا دىدىڭىز…
  ئۇنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرى ئاستىدا بەختكە چۆمۈلىمىز…
—ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ جېنىم؟جىمىپلا كەتتىڭىز؟
—ياق، بىر ئىشنى ئويلاۋاتىمەن
—نىمە ئىشنى؟
—نىمىشقا ھەر قېتىم ئۆزىڭىزنى توختىۋالىسىز؟مىنى ياخشى كۆرمەمسىز ياكى قورقامسىز؟سىزگە ئېسىلىۋالمايتتىم…بېشىمنى كۆتۈرمەستىن پىچىرلىدىم، ئاۋازامنى ئۈزۈممۇ ئاران ئاڭلاۋاتاتتىم…
—ياق جېنىم، سىزنى ئايىمىسام بولمايدۇ
ئۇنىڭ قانچە قېتىملاپ«سىزنى ئايىمىسام بولمايدۇ»دەپ توختاپ  قالغىنىنى ساناپ بىرەلمەيمەن…
ئۇ كۈنى ئۇ ناھايىتى كەچ قايتتى:
«تاتلىقىم، بىر-بىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقىمىزنى ئويلىسام يۈرەكلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كىتىدۇ»
كېچە سائەت 11دىن ئاشقاندا پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلفۇنىغا بۇ ئۇچۇرنى يوللىۋەتتىم…

22
ئۈزۈم تىببى ئۇنىۋېرسىتىتتا بولغاچقا ئاپامنىڭ كېسىلىگە قارىتا ئېنىق چۈشەنچكە ئىگە ئىدىم، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى يىقىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىميۇ بۇنچە تىز يىقىلار دەپ ئويلىمىغانىدىم:
—ئوپراتسىيە قىلىشنى تاللىىسىڭىز بۇلىدۇ، لىكىن بىمارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى،ئوڭۇشلۇق بۇلۇش نىسبىتى تېخىمۇ خەۋپ يىتىدۇ…
دوختۇرنىڭ دىگىنى ئاپامنىڭ ھايات چىقىش نىسبىتى 30% ئەتراپىدا دىمەكچى ئىدى، يەنە تېخى ئاپامنىڭ ۋىگتاتىپ ئادەم بۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىمۇ بار ئىدى.
—قويغىنا شۇ ئوپراتىسىيە دىگەننى، قېرىغاندا جېنىمنى قىيناپ قىلاي، پۇلنىڭ ئامالىنىغۇ قىلارمىز، لىكىن نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ ياشقا كەپ قالدىم…
—نىمە دەيسەن ئاپا، 45ياش دىگەن سەن تېخى ياش دىگەن گەپ، قويغىنا ئۇنداق گەپلەرنى ، تۇيۇمنى كۆرىسەن ، نەۋرە باقىسەن تېخى…
ئاپامغا شۇنداق دەپ قويغىنىم بىلەن يۇشۇرۇنچە ياش تۈكەتتىم، ئاپامنى قانداق قىلىپ ئوپراتسىيىگە كۆندۈرۈش ھەققىدە ئويلىناتتىم.
—داداڭ كەلسۇن ، مىنىڭ دەيدىغان گىپىم بار ، ئۇنىڭغا خەۋەر قىل
گەرچە دادا دىگەن ئاشۇ گەپنى ئاغزىمدىن چىقارغۇم بولمىسىمۇ ، گەرچە ئۇنىڭغا قارىغۇم، گەپ قىلغۇم، كۆرگۈم ، يۈرەك يارامنى تاتىلىغۇم بولمىسىمۇ ئاپامنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن  ئۇزۇن يىللىق تۇنۇش نۇمۇرغا تىلفۇن قىلدىم:
—ئاپامنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغان گىپى بولسا كېرەك
—ماقۇل، مەن ئەتە پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ يولغا چىقاي
تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم، ئۇ نىمە دىدى، پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىپ سالدى ھە…توۋا، مىنىڭ دادام …، سىراجىدىن شۇمۇ ئەمەسمۇ ئۇ، ئۇ قاچان پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ باققان، مەن ئىسىمدە بىلسەم سىراجىدىن باي دەيدىكەنتۇق ئۇنى، شۇنچە كاتتا قورۇ-جايىمىز بارئىدىغۇ، نەچچە يەردە دىھقانچىلىق ئەشيالىرى دۇكىنى بار ئىدىغۇ؟ئۇنىڭ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلاي دىگىنىنى نىمە دەپ چۈشىنەي ئەمدى؟
ئاپامنىڭ يېنىغا كىرىپ يۈزلۈرۈمنى ئۇنىڭ يۈزلىرىگە سۈركىدىم، ئۇنىڭ ھىدىنى قانغۇچە پۇرىدىم،
—داداڭغا خەۋەر قىلدىڭمۇ؟
—خەۋەر قىلدىم، نىمە قىلاتتىڭ ئۇنى، ئوغلى ۋە ئايالى بىلەنلا ئۆتسە بولماسمىدى…
—ئۇنىڭ ئوغلىمۇ، ئايالىمۇ يوق، ئۇ قىز بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ داداڭنى سۇرىۋېتىپ كىتىپ قالغاندىن بىرى داداڭ ئۈزى يالغۇز ، ئۇ نەچچە قېتىم بىزنى يېنىپ كىلىڭلا دىگەن، لىكىن مەن سىنىڭ ئوقۇشۇڭ پۈتسۇن دەپ ئۇنىمىغان…
  ئاپامنى قۇچاقلاپ باغرىغا يۈزۈمنى يېقىپ تۇردۇم، يىغامنى ئۇنىڭ سىزىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.
—ئۇ ئازدى قىزىم، ئۇمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى، بۇ قېتىم كەلسە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىل، ساڭا دادا بولمىسا بولمايدۇ، بىلىمەن ئۇنىڭغا قىيداۋاتىسەن، لىكىن نەپرەتلىنەلمەيسەن، چۈنكى ئۇ سىنىڭ داداڭ!
—ئۇ خۇتۇن دادامنى نىمىشقا ئالدايدۇ
—پۇل ئۈچۈن بولسا كېرەك، بىر يېرىم يىلدا ئالدىغىنىنى ئېلىپ داداڭنىڭ يالۋۇرىشىغىمۇ قارىماي ئۈرۈمچىگە يىنىپ كەپتىمىش، شۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ نەگە بىريەگە خىزمەتكىمۇ ئۇرۇنلىشىپتىمىش.
—ئۇ نىمىنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقمىكەنتۇق، ئۇ ئالۋاستى باشقا يۇرتلاردا خەقنىڭ ئۈيىنى بۇزۇپ يۈرسە ، خۇتۇن بۇلۇپ يۈرسە ئاتا-ئانىسى گەپ قىلمامدىكەن؟
—، ئاجىرشىپ كىتىپتىكەن ،دادىسى يوقمىشكەن
—ئانىسىمۇ ئۇچىغا چىققان نىمىمۇ نىمە
—ئانىسىنىڭمۇ نامى تازا ياخشى ئەمەسكەن
—داداممۇ بىر يىلغىچە ئۇنىڭغا ھەممىنى تۇتقۇزۇپ قويغاندىكىن تازا دۆتكەن!
—داداڭ دۆت بولمىسا شۇ چاغدىلا ئۇنى ئوغۇل تۇغۇپ بىرىدۇ دەپ بىزنى تاشلارمىدى؟ئاڭلىسام مەكتىۋىنىڭ قالغان ئۇقۇشىنى ئوقۇماپتىمىش، داداڭ پۇل خەجلەپ دىپلومنى ئېپ بىرىپتىمىش، ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئېپ بىرىپتىمىش، مانا ئاقىۋەتتە قالغان كۈنى، ئۈزىگىمۇ قىلدى، بىزگىمۇ…
—يىغلىمىغىنە ئاپا، ئۇ بىر ئالۋاستى بىزنى مۇشۇنداق جاپاغا، ئىزاغا، ھىجرانغا قويدى…ئۇنداق ئالۋاستىلارنى زىمىن قانداقمۇ ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ كىتىپتىكەنيۇ يىتىملىكنىڭ دەردىنى چۈشەنمەمدىكىنە؟
—بۇ دىگەن خۇدالىق جاھان بالام، بىردە قىلغان بىردە قالمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ خۇدايىمنىڭ كۆرسىتىدىغان كۈنى بار!
—ئەمىسە مەنچۇ، سەنچۇ؟ چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە سىنىڭ بىرەرسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىنىڭنى بىلگەن ئەمەسمەن، دادامنىمۇ ئاجايىپ كۈتەتتىڭ، ئۈزۈڭنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بولمىغاچقىمىكىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا قۇلۇڭدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلاتتىڭ، سەن بار چاغدا ھەممىسى ۋاي تۇمايرا خېنىم دىيىشتىچۇ مانا دادام يۈزىنى ئۈرىسە ئۇلارمۇ تەڭ يۈزىنى ئۈرىدى، دادامنىڭ تۇيىغا باردى…سەن نىمە قىلغان ئۇلارغا؟سەن نىمە يامانلىق قىلغان خۇدايىمنىڭ ئالدىدا!؟ مەنچۇ ئاپا؟! مەن تېخى ئاق-قارىنى ئەمدى پەرق ئەتكۈدەك بوغىنىمدا سەندىن باشقا ھەممە نىمەمدىن ئايرىلدىم، دادا مىھرىگە ئەڭ تەشنا چاغلىرىمدا دادا مىھرىدىنمۇ ئايرىلدىم، باشقىلار بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ ئوقۇيدىغان، ئارزۇلاپ ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپنى مىڭ بىر جاپادا، نەپرەت ۋە ئازاپ ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم، ھەتتا دادام سەۋەپلىك بىرەر ئوغۇل بالىنى قۇبۇل قىلالمىدىم ، قۇبۇل قىلغىنىمدا بولسا دادامنىڭ قىلغانلىرى ھەدىسىلا كۆز ئالدىمغا ، كىلىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئىشىنەلمىدىم، ھەدىسىلا گۇمان قىلدىم ،  بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۋېدى مۇز بۇلۇپ كەتكەن يۈرۈكۈم يىغلاپ تۇرسىمۇ ئۇنى كەچۈرۈشنى ، قۇبۇل قىلىشنى راۋا كۆرمىدى…مەن نىمە گۇنا قىلغان ئاپا؟
   
دادام ئىككى كۈن كىچىكىپ كەلدى، ئۇ قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاپامنىڭ ئاخىرىقى ئىسسىق يۈزىنى كۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى، ئاپامنىڭ ئۇنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ دەيدىغان نىمە گىپى بولغىيتى…

—يەنە ئىككى ئاي قالدى ھە،—دىدى ئاپام چاچلىرىمنى پىشانەمدىن قايرىپ تۇرۇپ، مەن دائىم كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىغا كىلىپ شۇنداق يېتىۋالاتتىم، بېشىمنى ئۇنىڭ باغرىغا چۈكۈرەتتىم، ئۇنى قانغۇچە ھىدلايتتىم:
—ھەئە، ئىككى ئايدىن كىيىن قالپاق كىيگەن ھالىتىمنى كۈرىسەن، سەن بىلەن بىرگە يۈز پارچە رەسىمگە چۈشىۋېتەي ھە!
—مىڭ پارچە چۈشسەڭمۇ مەيلى
—ئىشقىلىپ مەكتەپنىڭ ئىچى-تېشى، ھەربىر مۇئەللىم،ساۋاقداش …دىگەندەكلەر بۇلۇپ ھەممىسى بىلەن چۈشكىلى تۇرساق،ئىشقىلپ ئاپا ساق-سالامەت تۈگىدى بۇ ئۇقۇشمۇ، سەن تارتىدىغان جاپامۇ تۈگىدى ئەمدى، قىزىڭنىڭ شۇنداق بىر راھىتىنى كۆرگىنكىن…ھى ھى ھى …نىمىشقا گەپ قىلمايسەن ، نەدىكى راھىتىڭكەن، ئىشقا كەتسەڭ يەنە ئاش-تامىقىڭنى ئىتىپ يۇلۇڭغا قاراپ ئولتۇرامەن، ئىشتىن كەچ قالساڭ ئەنسىرەپ تاماققا ساقلارمەن، يەنە كىيىن توي قىلىپ بالىلىق بولساڭ بالاڭغا قارارمەن دىمەمسەن، ئاپا…
  —ئاپا!!!ئاپا…!!!
ئاۋازىم ھاۋادا لەيلەپلا قالدى،،،مەيلى قانچىلىك توۋلاي ئۇ ئەمدى جاۋاپ بەرمىدى…مەن ئاپامنىڭ قۇچىقىدا ئىدىم ، ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتاتتىم، ئۇنىڭ بىلەن ئەتىمىز ، كەلگۈسىمىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتاتتىم، دادام كەلگەندىن كىيىن قايتا جەم بۇلۇشنىڭ خوشاللىقىنىڭ پەيزىنى يۇشۇرۇن سۈرۈۋاتاتتىم…
—ئاپا، كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ، دادام كەلدى، ئۇنىڭغا دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار دىۋىدىڭغۇ، ئاپا، كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ، دادامغا قىيداپ ساڭا ياق دىگىنىم بىلەن ئۇنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى ئاڭلىغىنىمدىلا ئۇنىڭ يېنىغا كىتىشنى ئويلاپ بولغانمەن، ئاپا كۆزۈڭنى ئاچقىنە، مىنى قورقۇتمىغىنە، سەن تېخى ياش ئىدىڭغۇ، قىزىڭنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىزىڭدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرماقچىتىڭغۇ؟!قىزىڭنىڭ تۇيىدا باش بولماقچىتىڭغۇ؟! نەۋرىلىرىڭنى بېقىپ قاتارغا قوشماقچىتىڭغۇ؟!ئاپا…جېنىم ئاپا…
  مەيلى قانچىلىك چاقىراي، مەيلى نىمىلا دىمەي ئۇ قايتا جاۋاپ بىرىپ باقمىدى…ئۇ تېخى ئەمدىلا 46ياش ئىدى…





داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىۋاتىدۇ



ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
motiwar6 + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك
X928 + 155 تەپەككۇرى كۈچلۈك
alvasti + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 200 نادىر ئەسەر...
Pinhangul + 99 تەپەككۇرى كۈچلۈك
پەرى + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 661   باھا خاتىرىسى

دېڭىز تامان كەتسەم ئۇچۇپ ...

بىلىم ئال ، سائا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18499
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6367
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 09:59:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىنى ئەلكۈيى مۇنبىردە ئوقىۋاتاتتىم ! داۋامىغا تەشنا ...........

ئۆزۇڭگە ئىشەن !! ئۆزگىنى چۇشەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 362 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 10:56:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق تەسىرلىك  ،بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز  ،ئاخىرىغا تەشنامەن...............

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 11:23:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل ھېكايىكەن دېسە،خۇددى كىنو كۆرگەندەك ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىشىپلا كېتىپتىمەن،،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا،،داۋامىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 12:26:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 12:31:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى   مىسرانىمغا  يوللاپسىزدە  بەك  ياخشى   بوپتۇ    ئەسلى  مەنمۇ  باشتىلا    مۇشۇنداق  قىلىشىڭىزنى   خالىغان   ئىدىم  لېكىن  دىمىگەن       داۋامىغا   تەشنامەن    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلھايا~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 12:32 PM  


گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104992
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 12:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغانچىلىق   بىراۋىنىڭ    ئادىتگە   ئايىلانسا  پەسكەشلىك   ۋىجدانسىزلىق   
  ئۇنۇڭ   كەسىپگە   ئايىلندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3686
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 1117 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 02:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
22

«تاتلىقىم بىر-بىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقىمىزنى ئويلىسام يۈرەكلىرىم پارە-پارە…»مۇشۇ ئۇچۇرنىڭ تۆھپىسىدە بىلالنىڭ ئايالى مىنى ئىزدەپ كەلدى…
ئۇنىڭ بىلەن مۇھىتى ياخشى چايخانىدا كۈرۈشتۇق:
—بۇرۇن ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز دەۋاتمامتىڭىز، مانا بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟
ئۇنىڭ ئالدىمغا قويغىنى تىلفۇننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى تەپسىلاتى ئىدى.
—نەچچە ئايدىلا مۇشۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىڭلىما،—ئاچچىق كۈلدى ئۇ،—بۇ تېخى پەقەت ئىككىڭلارنىڭكىلا ئايرىۋېلىپ ئۇرۇپ چىقارغىنى…ئىرىمگە كېچىسىمۇ شۇنچە جىق ئۇچۇر يوللاپسىزيۇ مەن ئەجەپ بىرەر قېتىم كۆرمەپتىمەن.
مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم، ئۇنىڭغا ھازىرقى تىلفۇنلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ قالتىسلىقىنى چۈشەندۈرەتتىممۇ.
—نىمە مەقسەت، نىمە پىلانىڭلار بار؟مەنمۇ مۇھەببەت يوق بۇنداق ئۆيدىن شۇنچىلىك تويدۇم، ئاجىرشىپ كىتىشتىن باشقا خىيالىم يوق.
يەنىلا گەپ قىلماي جىممىدە ئولتۇردۇم.
—گەپ قىلىڭ، بۇ ئىشلارنى دىيىشمىسەك بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى
ئۇنىڭغا ئاستا قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا چىرايىمدىن بىر نەرسىلەرنى ئىزدىگەندەك قاراپ ئولتۇراتتى، قارىغاندا بىلال بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق سۈركىلىشتىن ئۇ ھازىرقىدەك پىشقان ھالەتكە ئۆتكەن بولسا كېرەك، ئالدىنقى قېتىم ئۇ تىلفۇندىمۇ تىترەپ تۇرۇپ گەپ قىلغانىدى، لىكىن ھازىر شۇنچىلىك تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇراتتى.
—كەچۈرۈڭ ، بىزمۇ ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە تەرەققى قىلىشىنى بىلمىگەنىدۇق، بىلگەن بولساق  تۇنۇشمايلا قۇياتتۇق.
—ئىككىڭلار قانداق تۇنۇشقان؟
—ئۈندىداردا
—بىلالنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش تۇرسا، يەنە كىلىپ بىر سېستىمىدا ئىشلەيدىغان تۇرساڭلار باشقىلارنىڭ كۈرۈپ قېلىشىدىنمۇ قوقمىدىڭلارمۇ؟
—بىز…شۇ …كۆپەرەك ماشىنىدا…
ئۇنىڭ بىلالنىڭ ماشىنىسىنى ئۆزىنىڭ مائاش كارىنى قەرزگە تۇتۇپ بېرىپ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتىم.
—ئۇنىڭدىن بۇيۇمدا قالار دەپ ئەنسىرمىدىڭىزمۇ؟
—ئۇ ھەرقېتىم ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، سىزنى ئايىمىسام بولمايدۇ دەي…دۇ…
—ھا ھا ھا…نىمىدىگەن ئۇلۇغۋار مۇھەببەت ھە، سىزنى ئاخماق دەيمۇ؟ھىيلىگەر دەيمۇ ياكى ساددا دەيمۇ؟
—ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئىزدەشمەيمەن، خاتىرجەم بۇلۇڭ
—ئىختىيارىڭىز، بالامنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۇنى كەچۈردۈم، ئۇ بىر كېچە ماڭا يالۋۇرۇپ چىقتى…مىنىڭ بۇيۇمدا بار پۇرسەتتىن ئوبدان پايدىلىنىپسىز، لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن، بىلالنىڭ مەيلى قانچىلىك جەلىپ قىلىش كۈچى بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ مىنىڭ ئىرىم…ئۇيالمامسىز، خىيانەتنىڭ بۇ مەينەت كوچىلىرىدا مېڭىشقا، ئۇيالمامسىز تېخى بىر قىز تۇرۇپ ئائىلىسى بار بىر ئەرنىڭ ئاشنىسى بۇلۇپ ياشاشقا؟!ئاتا-ئانىڭىز سىزنى مۇشۇنداق تەربىيلىگەنمىدى؟!قورقمامسىز، بالام يىتىم بۇلۇپ قالسا قىساسىغا قېلىشقا؟
  قۇلاق تۈۋىدە ئاپامنىڭ دىگەنلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى«بۇ دىگەن خۇدالىق جاھان بالام، بىردە قىلغان بىردە قالمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ خۇدايىمنىڭ كۆرسىتىدىغان كۈنى بار!»
باشقا گەپ قىلمىدىم، بىلال بىلەن كۈرۈشمەسلىككە ۋەدە بىرىپ يېنىپ چىقتىم.
ئىشخانىغا قايتىپ كىلىپ ئىشىكنى تاقىدىمدە ئۇنىڭغا قار-يامغۇر تۈكۈلۈپ تۇرۇپ تىلفۇن قىلدىم، ئۇنىڭغا ئەمدى ئىزدەشمەسلىكنى ، ئايالىنىڭ پەيلىنىڭ يامانلىقىنى، مىنىڭ تېخى توي قىلمىغان قىز ئىكەنلىكىمنى ،ئايالىنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ئېيتىم، ئايالى بىلەن پاراڭلاشقان گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا دىدىم:
—دۆتمۇسىز ياكى شۇقەدەر ساددا، توۋا دەيمەن، نىمە قىلىسىز ماشىنىدا بولغان ئىشلارنى دەپ، يەنە نىمە قىلىسىز ئۈندىداردا تۇنۇشتۇق دەپ، گەپ قىلمىسىڭىز بىرى سىزنى گاچىكەن دەمتى!ۋاي بولدىلا!
ئۇ تىلفۇننى قويدى، ئەي ئەرلەر ئەي ئەرلەر، سىلەر نىمىنى  ئويلايدىغانسىلەر، جۈپتىڭلارغا قىيالمايسىلەريۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشتىن قورقمايسىلەر، ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ تۇرىسىلەريۇ يەنىلا قىلدىغاننى قىلىسىلەر، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىسىلەر، خۇددى ئاياللارنىڭ قەلبىمۇ جىسمى بىلەن قۇشۇلۇپلا سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشكە تەييار تۇرىدىغاندەك…


23

ئاپامنىڭ ئۈلۈمىگە يۇرتتىكى تۇققانلار(ئەلۋەتتە دادامنىڭ تۇققانلىرى)ھەممىسى كەلدى، لىكىن ماڭا ئۇلار لازىم ئەمەس ئىدى، مەن يۇرتقا مۇناسىۋەتلىك ھىچنىمىنى كۈرۈشنى خالىمايتتىم، ئۇلارنىڭ دادام ئىككىمىزگە تەسەللىي بىرىشى كۈلكىلىك تۇيۇلاتتى، ئۇلار مۇشۇنداق بۇلىشىنى بىلەتتى، لىكىن ھىچكىم توسىمىدى، ھەممە ئىشلار بۇلۇپ بولغانىدى…ئەمدى ھىچكىم ئورنىغا ئەكىلىپ بولمايتتى!
«بۇ نەرسىلەرنى ساڭا لازىمى بۇلامىكىن دەپ ئېلىپ قۇيىۋېدىم،—نەبىينىڭ چوپچوڭلا بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، پەقەت ئۇنىڭ كۆزىدىلا مەن ئىزدىگەن نەرسىنى——نەپرەتنى كۆرەلەيتىم، قارىسام ئالۋاستىنىڭ رەسىملىرى، كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، دادام بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ئىكەن.
—مىنى سەنلا چۈشەنسەڭ كېرەك، ماڭا ھازىر بىردىنبىر لازىم نەرسىلەر مۇشۇ شۇ ، —دىدىم قەتئىيلىك بىلەن!
ھەممە ئىشلار ئاستا-ئاستا بۇلىۋاتاتتى…ئۇرۇن-تۇققانلارمۇ بىر-بىرلەپ قايتىپ كىتىشتى، داداممۇ ھەم!ئاپام يوق ھەربىر كۈن مەن ئۈچۈن ماتەم ئىدى، ئۆينىڭ قايىرىگىلا قارىماي ئۇ كۆز ئالدىمغا كىلەتتى.ئۇنىڭ ھىدلىرى دىماقلىرىمغا ئۇرۇلاتتى، مىھرىبان چىرايى ھەرۋاقىت كۈلۈپلا تۇراتتى.چۈشلىرىمدىمۇ، ئوڭلىرىمدىمۇ ئۇ ئىدى…ئۇنى سېغىنىشىم كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ  كىتىۋاتاتتى، يولدا ياشتا چوڭاراق ئاياللارنى كۆرسەممۇ تىكىلىپ ئۇزاققىچە قاراپ كىتەتتىم، كىملەرنىڭدۇر ئارقىسىدىن ئاپامغا ئوخشىتىپ كەينىدىن خېلى بىر يەرلەرگىچە كىتىپ قالاتتىم…ئاپا…!!!
رەسىمدىكى ئۇنىڭغا قارىدىم ، پەقەت ياش جەھەتتىكى پەرقنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئاپامدىن ئارتۇق تۇرىدىغان ھىچنىمىسىنى بايقىمىدىم، يۈرۈكلىرىم خۇن ھالدا بەختلىك ئائىلىمىزنى ئەسلىدىم، كۈلكە -چاخچاق بىلەن كۆڭۈل توق ئۈتىدىغان مەغرۇر دادامنى ئەسلىدىم. ئۇمۇ بەكلا قېرىپ كىتىپتۇ…ئەگەر ئۇ ئاشۇ ئالۋاستى بىلەن تۇنۇشمىغان بولسا  ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتەر بولغىيمىتى…مەنمۇ بەختلىك ياشاپ، ياشلىقىمدا ياشلىقنىڭ راھىتىنى سۈرسەم، ئاتا-ئانام دەرقامدە تۇرۇپ تۇيۇمنى قىلسا، مىھىر-مۇھەببەتكە تۇيۇنغان ئائىلەم بولسا…
ئىككى   تامچە ياش مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشۈپ رەسىمدىكى ئۇنىڭ ئۈستىدە قېتىپ قالغانىدى…
24

بىلال ئۈچ كۈن يوقاپ كەتتى، قارىغاندا راستلا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان چېغى…ئۈندىداردىنمۇ مىنى چىقىرۋېتىپتۇ…ئۈندىداردىكى شەخسى ئىمزايىمنى ئۆزگەرتتىم«سېنى سۆيىمەن دىگەنلەرگە ئەمەس، سەن ئەڭ قىيىن كۈنگە قالغاندا سىنىڭ يېنىڭدا بولغانلارغا ئىشەن»
بىر كەمدە قارىسام ئۇنىڭمۇ ئۆزگىرەپتۇ:
»ئادەم دىگەن بەزىدە شۇنداق چارىسىز بۇلىدىكەن، بۇنى شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىلا چۈشەنسە كېرەك»
مەن يەنە ئۆزگەرتتىم:
قىلاي دىسەڭ يول كۆپ، قىلماي دىسەڭ باھانە»
ئۇمۇ ئۆزگەرتتى:
»سەن ئازاپلانغان شۇ دەقىقىدە  قارشى تەرەپنىڭ قايسى دەرىجىدە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالمايسەن، بوپتۇ ئۈلۈپ قالماسمەن»
  ئۇنىڭ بىلەن كەچكىچە مۇشۇنداق ئىمزايىمىزنى ئۆزگەرتىشتۇق، بىر-بىرىمىزگە گاھ ئاچچىقىمىزنى بىلدۈرۈشسەك گاھ سېغىنىشىمىزنى ئىزھار قىلىشاتتۇق. كەچلىكى بىر تىلفۇننى تاپشۇرۋالدىم، لىكىن گەپ قىلماي قۇيىۋەتكىنىگە قاراپ بىلالمىكىن دەپ گۇمانلاندىم،  بىرەدەمدىن كىيىنلا ئۇنىڭ ئىمزايى ئۆزگەردى:
«ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشمۇ بىر بەخت، شۈكرى ئاللا»

دېڭىز تامان كەتسەم ئۇچۇپ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106275
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-4-21
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 04:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشتە تاماقنىڭ  ئورنىغا كۆز يېشىمنى يىگۈزدى ما  ئەسەر    داۋامىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103050
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2014-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 04:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگدىما

يالغۇزلىققىمۇ كۆنۈپ كەتتىم ،ئۆزخان ئۆز بەگ ياشاپچۇ
                                                              ئۇيغۇرىيە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش