مۇئەللىمنى تىللايمەن
توشتى ۋاقىت-سائىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن،
تۈزۈت قىلماي بۇ قېتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
كەپ قالدىغۇ نۆۋىتىم مۇئەللىمىنى تىللايمەن،
قايرىپ قويۇپ ھۆرمىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
يېڭى كەلگەن قىز ئىكەن قاراپ باقسام بىركۈنى،
ئوخشاتمىدىم تۇرقىدىن مۇئەللىمگە ھېچ ئۇنى.
ئۆزى قانداق بىر ئىنسان، بىلمەمدىكىن يا بۇنى؟
باغۋەنگە خاس غورۇرى، ۋىجدان، ئەخلاق، روھ قېنى؟
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
مەن بالامغا ئانا تىل ئۆگىتەلمەي ئاۋارە،
ئۆيدە بولسا مەيلىغۇ، مەكتىپىدە نە چارە.
«مېنى لاۋشى دېگىن» دەپ مۇئەللىمى سەكپارە،
قانداق ئاتاش بىلەلمەي سەبىي بالام بىچارە،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
بۇيرۇپتىكەن بىر نومۇر قويۇش ئۈچۈن بايرامغا،
«ئاپام مېنى ئاي دەيدۇ» ئۆگەتتىم مەن بالامغا.
بىر كۆرۈپلا ئېيتىپتۇ «ماسلاشماپتۇ زامانغا»،
ئوينا «گاڭنام سىتايىل» ياكى «ياڭ ياڭ بوۋام» غا،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
تەكلىپ قىپتۇ بايرامغا، باردىم بالام كۆرگىلى،
ئادەممۇ يا مايمۇنمۇ بولماس لېكىن بىلگىلى.
يوقمىكىنە بازاردا تۈزۈك كىيىم كەيگىلى،
ئۆز بالامدىن نومۇس قىپ قالدىم تاسلا ئۆلگىلى،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
«روھىمىزغا ئىنژېنېر» دېگەن «ئەخمەت» بوۋىمىز،
لېكىن روھنى بۇلغىسا ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
قاچانغىچە ئەۋلادقا ئىگە بولماي يۈرىمىز؟
ماختاۋەرمەي بەزىدە تىللاشنى ھەم بىلىمىز،
ئەمدى يوقتۇر تاقىتىم مۇئەللىمنى تىللايمەن.
ئۆز قەلىمىم
بەلكىم بەزى قېرىنداشلار سەل ئاشۈرۋەتتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىر بۇنداق كۆرۈنىشلەر تېلىۋىزوردا ئەمەس يېزامدىكى يەسلىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir552 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-22 09:21 PM