مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 5

چەتئەل شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 09:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چەتئەل شېئىرلىرى



ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر
(ئۆزبېك شائىر ۋە شائىرەلىرىنىڭ غەزەللىرى)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

فەرىدە ئەفرۇز
(1)
بېشىڭنى تاشقا ئۇر مىڭ بار، ئۆزۇڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.
تۈنۈ - كۈن يىغلىغىن ئەبگار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

كۆزۈڭنى تىكمىگىن ئەي دوست،كۆڭۈل-غاردۇر، كۆڭۈلدۇر-غار.
نە تۈۋى بار، نە نۇرى بار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

ياقاسى غۇنچەنىڭ چاك-چاك، لېۋىدىن قان تامار ئاھ-ئاھ،
چىمەندۇر مىڭ ئەگەر گۈلزار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

دىلىڭ ۋەيرانىلەر ئەتمە، دىلى مەيخانىلەر ئىچرە
دىلىڭنى چال قىلىپ دۇتار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

ساتار دوستۇڭ، ئالۇر ئەغيار، فەرىد ئەفرۇز پىغان چەكمە.
بۇ دۇنيا بىر قىزىق بازار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.


مەنبە ؛ يازغۇچىلار تورى



كۆيىۋاتقان كىتابلار...

( ئىران ئەكسىيەتچىلىرى  ئەزەربەيجان تىلىدىكى  كىتاپلارنى  ۋەھىشىيانە كۆيدۈرمەكتە )
سەمەت ۋۇرغۇن ( سابىق سېۋىت ئىتپاقى ئەزەربەيجان جۇمرۇيھىيتى )

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇللا  سۇلايمان


جاللات !
سېنىڭ كۆيدۈرگنىڭ دەستە –دەستە كىتاپلار ،
مىڭ ئۆمۈرنىڭ شۆھرىتىدۇر ، مىڭ يۈرەكنىڭ ئارزۇسى .
بىز كېتەرمىز بۇ دۇنيادىن ، كىتاپ قالار يادىگار ،
ھەر ۋاراقتا نەقىشلەنگەن  نەچچە ئىنسان تۇيغۇسى ،
مىڭ ئۆمىرنىڭ شۆھرىتىدۇر ، مىڭ يۈرەكنىڭ ئارزۇسى .

سەن ئوت قويغان ئۇ كىتاپلار  يالقۇنلىنار ، ياخشى باق ،
ئۇ يالقۇنلار شولا بولۇپ نۇر چاچىدۇ زۇلمەتكە ...
شائىرلارنىڭ ئىزگۈ روھى  قەۋىرلەردىن قوزغىلىپ ،
ئاپىرىن دەر ئىشقى بۈيۈك  بۇ قەھرىمان مىللەتكە ،
ئۇ يالقۇنلار شولا بولۇپ  نۇر چاچىدۇ زۇلمەتكە ...

جاللات !
مېنىڭ تىلىمدۇر شوخ غەزەللەر ، قوشاقلار ،
ئېيىتقىن ماڭا سېزەلەمدۇ  بۇلارنى تاش يۈرىكىڭ !
ھەر جاراڭلىق پەدىسدە  مىڭ ئانىنىڭ قەلبى بار ،
ھەر بىر ئاھاڭ پەرزەنتىدۇر  بىر مۇقەدەس تىلەكنىڭ ،
ئېيىتقىن ماڭا : سېزەلەمدۇ بۇلارنى تاش يۈرىكىڭ ؟

سۆزلە !
سەنمۇ خورلاۋاتقان ، مېنىڭ شېئىرىم ، تىلىمنى ،
قەدىم شەرىقنىڭ شۆھرىتىدۇر  فۇزۇلىنىڭ غەزىلى .
سەن ئەمەسمۇ تەھقىرلىگەن  مېلىتىمنى ، ئېلىمنى ؟
داھىلارنى ئەمگۈزگەندۇر  ئەزەربەيجان گۈزىلى ...
قەدىم شەرىقنىڭ شۆھرىتىدۇر  فۇزۇلىنىڭ غەزىلى .

جاللات !
يېنىپ ئوت بولىدۇ ، كۈل بولمايدۇ ئارزۇلار ،
تەبئەتنىڭ ئانا قەلبىى  قۇل تۇغمىغان ئىنساننى !
ھەر يۈرەكنىڭ ئۆز دۇنياسى –سائادەتلەر – ئارزۇلار ،
قانلار بىلەن يېزىلغاندۇر  ھەر ئازاتلىق داستانى !
تەبىئەتنىڭ ئانا قەلبى قۇل تۇغمىغان ئىنساننى !

باشتىن ئاخىر دۈشمىندۇر  مۇدىھىش قاراڭغۇ –زۇلمەت ،
ھەر مىللەتنىڭ ئۆز ئىشقى بار  ،ھەر مىللەتنىڭ ئۆز نامى .
كائىناتقا تېگىشمەيمەن  شۆھرىتمنى مەڭگۈلۈك ،
مەنكى ئۇلۇغ داڭدار يۇرۇتنىڭ  قۇياش تونلۇق  ئەۋلادى .
ھەر مىللەتنىڭ  ئۆز ئىشقى بار  ، ھەر مىللەتنىڭ  ئۆز نامى .
قاتار –قاتار دار ياغاچقا ئېيىتقىن كىملەر ئېسىلغان ؟
ئويۇنچۇقتەك تۇيۇلدىمۇ ۋەتىمنىڭ ھەق يولى .
توختا ! توختا ! كېزەر ئويغاقتا ھەر  يۈرەكتە بىر ئارىسلان ،
كانىيىڭدىن بوققىسدۇر  ئۇنىڭ كۈچلۈك جۈپ قولى .

جاللات !
سەنمۇ قىرىۋاتقان ئىسيانكارلار نەسلىنى ،
مىللىتىمنىڭ ساپ قېنىدۇر  زۇلۇكتەك شورىغان قېنىڭ !
زامان كېلەر  سەزمەكتە  ئۇنىڭ ئىللىق ھىدىنى ،
شېھىتلەرنىڭ تىتىك روھى  تۇتار ياقاڭدىن سېنىڭ ،
مىللىتىمنىڭ ساپ قېنىدۇر ، زۇلۇكتەك  شورىغان قېنىڭ !

ۋاراقلاپ كۆر تارىخلارنى ، ئۇيال مېنىڭ قېشىمدا ،
ئانام قىلىچى كەسمىدىمۇ كەي خىسراۋنىڭ بېشىنى ؟!
گور ئوغلىنىڭ  ، ساتتارخاننىڭ  گۈل تاجى باربېشىمدا ،
نەسسىللىرىم ئاقۇزۇدۇ  سېنىڭ  قانلىق يېشىڭنى ؟!
ئانام قىلىچى  كەسمىدىمۇ كەي خىسراۋنىڭ بېشىنى ؟!

ئېتڭنى چاپ !  يۈگۈرتىپ قال ، مەيدان سېنىڭكى ھازىر ،
كۆرمەكتىمەن قىزىل كىيىپ كەلگەن  باھار پەسلىنى ...
قەدىم شەرىقنىڭ  قۇياشىدۇر  مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەر ،
يېتىشتۇردۇم  قىزىل بايراق  تۇتقان  مەرىتلەر نەسلىنى ،
كۆرمەكتىمەن قىزىل كىيىپ كەلگەن  باھار پەسلىنى .

1947 –يىلى

ئانا ھەيكىلى

مەر –مەر مۇنارلار  قۇيما ھەيكەللەر ،
زىنەتتۇر چوڭ –كىچىك ھەر بىر شەھەرگە .
ئاھ ! خىيالچان باشلار ، ئىجاتكار قوللار ،
سىز قانات باغلايسىز چۈشەنجىلەرگە .
باققىنا : تاشلاردىن تاش قىيالاردىن ،
ئوبراز يارىتىدۇ  بىر ھەيكەلتاراش .
گويا نەپەس ئالار تىرىك بىر ئىنسان ،
ۋە ياشار يۈزمىڭلاپ  ئەسىرگە سىرداش .
بۇلۇتلار ، توپانلار ئۆتەر بېشىدىن ،
نەچچە يۈز قىش ئۆتەر  نەچچە يۈز باھار .
بارچە خىش قوزغالماس  ئۇنىڭ ھۇلىدىن ،
پارلار ماڭلىيدا  ئۆلمەس ئىپتىخار .
ياشايدۇ سەنئەتكار ، ياشايدۇ سەنئەت
نەسلىدىن –نەسلىگە كۆرۈستۈپ ھۆرمەت .
ئېخ ئانا تەبىئەت ، ئانا تەبىئەت
ئەڭ سۆيۈملۈك ئەۋلادىڭ ئىنساندۇر پەقەت .
مانا بىرلىندىمۇ ئىنساننىڭ قولى ،
ياراتقان بىر گۈزەل  ئانا   ھەيكىلى .
ئۇنىڭ قارىشدا  باياتىن بېرى ،
تىك تۇرۇپ تولدۇممەن چۈشەنجىلەرگە .
ئانىنىڭ شېرىيەت تولا كۆزلىرى ،
تىكىلگەن ئازات ھەم خۇشۋاق شەھەرگە .
سول قولىدا قەلەم ، ئوڭ قولىدا كىتاپ ،
بىلىمگە چىللايدۇ ئۇ ئۆز نەسلىنى .
ئۇنىڭ كۆزلىردىن مەن كۆرگەن دۇنيا ،
ئەسلىتەر بىر گۈزەل باھار پەسلىنى .
مەن دىدىم : ئھتىمال ماركىسنى تۇققان ،
شۇنداق بىر ئايالدۇر شۇنداق بىر ئانا .
مەن دىدىم : بۇ ئايال بەلكى بىر زامان ،
كۆكسىدىن سۈت بەرگەن يولداش تىلمانغا .
ئۇۇرۇشنىڭ دەھشىتى كەچكەن بېشىدىن ،
يەنە ئۆز ئورنىدا ھەيكەل ئۇلۇغۋار .
ئۇ دېڭىز تېغىدەك كۆتۈرۈپتۇ قەد ،
دەھشەتلىك توپانلار  قىلالمىغان كار .
پۇرۇخ تۈتەكلىرى قالدۇرماپتۇ ئىز ،
قىلچە داغ چۈشمەپتۇ گۈزەل ھۆسنىگە .
ئۇ نەسىللەرنى چاقىردۇ ئۈنسىز ،
كەلگۈسى بەخىتكە ، ھايات كۆكسىگە .
ئۆتىدۇ بىرلىندا  ئايلار ، پەسىللەر ،
باغلارنى سۇغۇرار بۇلاقنىڭ سۈيى .
قىزىل تۇغ كۆتەرگەن ئازات نەسىللەر ،
ھەيكەلنىڭ يېنىدىن ئۆتەر ھەر كۈنى .
يىگىتلەر ئۆتكەندە پەخىرلىنەر ئۇ ،
ھەممە ئۇ ھەيكەلگە  بىر بىر باش ئېگەر .
بىرلىننىڭ ئازاتلىق  نامايىشىغا ،
گويا بۇ ھەيكەلمۇ قوشۇلۇپ  كېتەر ...



زۇلەيخا بايخانۇۋا دېكلىماتسىيەسى, ناخشىسى

دىلىمنى ئاغرىتتى دىلىمدىكىلەر،
كېچە ۋە كۈندۈزدە تىلىمدىكىلەر.
ئاپتابىم، شامالىم، سېلىمدىكىلەر،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

زەھەرلەر كەلتۈردى شارابلەر تۇتتۇم،
غەيۋەتلەر كۆيدۈردى ئىتابلەر تۇتتۇم،
قەسەملەر ئىچتىلەر، ساۋاپلەر تۇتتۇم،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

دەستۇرخان تۆرۈمدە شەربەت تاپتىلەر
ئۆرگۈلدۈم، ئارقامدىن غەيۋەت ئاتتىلەر،
ئېيۋاھ، مېنى ئۇلار بۇنچە ئاسان ساتتىلەر،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

دۈشمىنىم ئەيياردۇر، پەيتلەر پايلايدۇ،
دوستۇم بولسا نادان، سۇنى لايلايدۇ،
ئىككىسى بىر بولۇپ كۆزۈم پايلايدۇ،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

جانىمغا جازادۇر جانىمدىكىلەر،
كۆزۈمنىڭ قاراغى، قانىمدىكىلەر،
ئېيۋاھ، بىگانىدۇر يانىمدىكىلەر،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

ئەسلىدە،
ئەسىلدە دوسىت ھەم بىر ، دۈشمەننىڭ تۈرى،
دۈشمەننىڭ ئەڭ زورى دۈشمەننىڭ شىرى،
چۈنكى قولىدىدۇر كۆڭلۈڭنىڭ سىرى،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

باشىمغا بالادۇر، بالادۇر كۆڭلۈم،
بىر سۆزنىڭ تىغىدىن يارادۇر كۆڭلۈم،
دوسىتۇھەم، دۈشمەندىن ئادادۇر كۆڭلۈم،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

ئۆزۈڭدىن يوق ئۆزگە مەھرىمى جانىم،
ئۆزۈڭسەن سۇلتانىم، ئۆزۈڭ خاقانىم،
ئوتتا كۆيدۈرمىگىن ئىككى جاھانىم،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.


مەنبە: ئوۋچى تور خاتىرىسى





لېرمونتوۋ شېئىرلىرىدىن





جاۋاپ


ھەمىدغۇلام تەرجىمىسى


كىمكى چەككەن بولسا سۆيگۈ دەردىنى،

كىمنى تويدۇرغان بولسا كۈلپەت -غەم.

قوزغىتالماس ئۇنىڭ قەلبىنى ئەمدى ،

ئۈمىد -ئارزۇلار ،ھاياجان بۇدەم.



تەنھالىق ،زۇلمەتنى سۆيۈپ قالغان ئۇ،

كۆز يېشى ئالەمگە  كېرەكمەس ،ئارتۇق،

ئاڭا سەمەرىسىز ۋە قۇرۇق ئارزۇ،

زەۋق ۋە پاراغەتنى بېرەلمەس ئارتۇق.



ھېستىن مەھرۇم: گويا ئورماندا بىر ھۇقۇش،

چاقماققا دۇچ كېلىپ ،يېنىپ  ،نىھايەت

ئۆچۈپ قالغان،ھايات ئەسىرى پۈتكەن،

ئۇ ئۆلۈك شاخلارغا جان بېرەلمەس ھېچ قاچان،

ئۇندا قىسمەت مۆھرىن قالدۇرۇپ كەتكەن.



                                                        1829-يىل



مەنبە: م. ي. لېرمونتوۋ ‹تاللانغان ئەسەرلەر›توپلىمى غافۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات -سەنئەت نەشىرىياتى1978 -يىل نەشىرى

ئۆزبېك تىلىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەسئۇد ئىسا

گە


تۇراپ تۆلە تەرجىمىسى


ماختاشلارغا  ئىشەنمەھېچ چاغ ،

ناتوغرى دە، توغرىنى ھەر قاچان.

رىيا دەپ بىل ئۈمىدنى،ئەركەم،

لېكىن مېنىڭ سۆيگۈمگە  ئىنان.



بۇنداق ئىشققا ئىشەنمەي بولماس،

سىر ساقلىماس كۆزلەر ھەم ئەسلا.

ئالدىماققا قەلبىڭ قادىرئەمەس،

چۈنكى ،پەرىشتىسەن بىباھا.



                                     1831-يىل
ئۆلۈم

ئېرگەش تەرجىمىسى


ئۇپۇق يانار لاۋۇلداپ ،مىسالى ئالۋۇن،

دېرىزە تۈۋىدە جىم مەن، قارايمەن ئۇنىڭغا.

بەلكى ئەتىمۇ -ئىندىنمۇ سۇغۇق ۋە قانسىز

مۇردام ئۇزىرە  تاۋلىنار ئاشۇ  يالقۇن.



قۇپ- قۇرۇق قالغان دىلىمدا پەقەت بىر خىيال:

ئۇ ھەم ئۆلۈم ھەققىدە،ئۇ بۇندائەمەس،

ئەمدى ئۇنىڭ كۆز يېشى سۇنۇق ۋە بېھال،

جانسىزتېنىم ئۈستىگە قەترە تۆكۈلمەس.



بۇ يىللاردانەدۇست نە سىرداشلىرىم،

ۋىدالىشىپ ،يۈزۈمگە ياقالماس لەۋ ؛

ۋە سوغۇق بىر مازار بولۇپ ماكانىم؛

ئەپسۇس بىگانە قوللار مېنى قىلار دەپىن.



روھىم كېتەر بۇشلۇققائومۇرباد چۆكۈپ!...

ئەمما سەن ماڭا ئېچىن! گۈزىلىم،ئەركەم،

ھېچكىم سېنى،يولۇڭغا كوزلىرىنى تىكىپ-

سۆيەلمىگەن يۈرەكتىن مەندەك بېرىلىپ.




رەھمەت


مەخسۇد شەيخزادە تەرجىمىسى


رەھمەت!كېچە ئاڭلىدىڭ كۈلمەي

شېئىرىمنى ھەم ،ئىقرارىمنى ھەم؛

ئاڭلىساڭ ھەم دەردىمنى بىلمەي

لۇتپىڭ يالغان بولساھەم ئۇدەم ،

رەھمەت!

بىر ۋاقىت مېنى قىلغان ئىدىڭ جادۇ،

ئۆتكۈر تىلىڭ،ئاجايىپ كۆزۈڭ

ساقلاندى دىلمىدا مەڭگۈ،

ئەمما  سەن ماڭادېمەھەرگىز

رەھمەت!



ئۆمۇر پارلىغان چاغلار دا

كۆپەيمىسۇن نازۇ -كەرەشمەڭ يەنە،

ئىستىمەيمەن ، ئاڭلاي يەنە  بىر رەت

سۆز ئورنىغا سېنىڭدىن تەنە:

رەھمەت!



ئاھ ، كۆزلىرىڭ چاچسۇن سوغۇق نۇر ،

قۇرىسۇن دىلىڭنىڭ ئۇمىد ،تىلىگى،

ۋە قوزغاتقان ھىسلىرىڭ كۆيسۇن  پۈتۈن.

شۇچاغدا قەلبىم دەر بەلكى:

رەھمەت!

                           1830  -يىل

يۇلتۇز



ئەسقەد مۇختار تەرجىمىسى

چاراقلا -چاراقلا يېراقتىكى يۇلتۇزۇم،

تا سېنى ئۇچراتسۇن تۈنلىرى كۆزۈم،

تۈن بىلەن ئېلىشىپ نۇرۇڭ ياتىرار،

بىناۋا كۆڭلۈمگە ئارزۇ بېغىشلار؛

شىددەتلىك پەرۋاز قىلار سەن تامان كۆڭۈل،

كۆكسۈمدە نەپىسىم ئەركىن ۋە يەڭگىل...

مەن شۇنداق كۆزلەرنى كۆرگەن -ئاتەش مىسالى،

(ئۇلار كۆپتىن بېرى مەن ئۈچۈن يۇمۇق.)

ساڭا تەلپۈنگەندەك قەلب ئىنتەلەر،

ئىلاج يوققۇ ھامان كۆرگۈم كېلىدۇ...

                                           1830 -يىل



ھايات جامى



ئەزىز ئاندۇراززاق تەرجىمىسى


            1

ئىچىمىز ھايات جامىنى،

كۆزىمىزنى چىڭ يۇمۇپ.

ئۇنىڭ زەر گىرۋەكلىرىنى،

كۆز يېشىمىز بىلەن يۇيۇپ.

                2

ئۆلەر چاغدا كۆزىمىزدىن

قاراقلىرىمىز  تارتىشىپ كەتسە،

غايىپ بولار ئوڭىمىزدىن،

مەپتۇن قىلغان ھەممە نەرسە.

                 3

ئاقىبەت بولار  ئايان،

تولدۇرۇلمىغان ئېكەن ئەسلى   شاراپ.

ئۇ بىر خىيال ئىكەن، خىيال، جاننى

مەپتۇن قىلغان سەرراپ.

                                       1831-يىل

دۇئا



مۇھەممەد ئەلى تەرجىمىسى


ھاياتىمنىڭ تەشۋىشلىك  پەيتلىرى

يۈرىگىمنى چۈلغىغاندا غەم،

ئەسلەيمەن ئەجەپ دۇئانى

تەكرارلايمەن تەكرار ئۇشبۇ دەم.



جاراڭلىق سۆزلەرنىڭ ياڭرىشىدا،

شۇقەدەر ساز ،راھەتبەخش كۈچ بار!

ئۇ سۆزلەردە سىرلىق ،ئاسۇدە

بىر جەزىبە  تاپقان بەرقارار.



يەلكەڭدىن تاغ غۇلىغاندەك بولار،

كەينىڭدە قالار گۈمانلار-،

قەلبگە ئىشەنچ،كۆزگە ياش كېلەر،

قۇشتەك يەڭگىلسەن ، يوقتەك ئارمانلار...

                                    

                                                   1839 -يىل

نە ئۈچۈن



مۇھەممەد ئەلى تەرجىمىسى


كۆڭلۈم غەش، چۈنكى سېنى جاندىن سۆيۈمەن،جاندىن،

ۋە بىلەرمەن: گۈلدەك ئېچىلغان ياشلىغىڭ بۇ زاماندا

مىشمىشلەرنىڭ سۈرگىنى ئاياپ ئولتۇرماس زىنھار.

ھەر بىر شىرىن لەھزە ،ھەربىر خۇشبەختنىڭ

ئېلىپ كەلمىگى ھەم بار:

بېشىڭغا ھەسرەت ئىلە  كۆز يېشى!


كۆڭلۈم غەش ...چۈنكى سېنىڭ شادلىقتىن گاراڭ ياش بېشىڭ!


چۈش



تېمۇر فاتتاخ تەرجىمىسى


داغىستان ۋادىسىدا ئىسسسىق ئىدى كۈن

كۆكرىگىمدە  ئېغىرلىق،تېنچ ياتاردىم ئىدىم

ھېلىھەم  چوڭقۇر جاراھەت قىينارئىدى تېنىمدە

تامچە -تامچە قانغا پاتار ئىدىم .



يالغۇز ياتار ئىدىم قۇمغاقويۇپ باش،

مېنى دەھشەتلىك تاغلار قىسار ئىدى شۇ تاپتا.

تاغ چوققىلىرىنى ۋە مېنى قۇياش

كۆيدۈرەتتى، مەن بولسام ئۆلۈك ئۇيقىسىدا.



ھەم چۈشۈمگە كېرەر ئىدى ئانا يۇرتۇمدا

چىراق نۇرىغا چۆمگەن كەچكى زىياپەت.

گۈللەر بىلەن بېزەلگەن  كېلىنلەر شۇندا

قىلار مەن توغرىسىدا قۇۋناق بىر سۆھبەت.



لېكىن شۇندا سۆھبەتكە ئارلاشماستىن،

بىر ياش جۇۋان ئويچان ئولتۇرار ئىدى.

خۇدا بىلەر ،نېچۈن بۇ نازۈك بەدەن

سۇلغىن بىر ھالدا مۈگدەر ئىدى.



ھەم چۈشىگە كىرەر ئىدى گۈزەل داغىستان،

ۋادىدا تونۇش مۇردا جىم ياتار ئىمىش

كۆكسىدىكى  يارادىن ئاقار  ئىمىش قان

ئاقار -ئاقار سىرغىپ  مۇز قاتار ئىمىش.

                                            1841 -يىل

  ئاسمان ۋەيۇلتۇزلار



ئەسقەد مۇختار تەرجىمىسى


كېچە ئاسمېنى تېنىق،

پارلاق  يېراق يۇلتۇزلار،

گۆدەك بەختىدەك پارلاق؛

ئاھ! نېچۈن پەقەت مەن سىلەرنى ئەي  يۇلتۇزلار؛

بەختسىزلىكىمگە تەققاس دېيەلمەيمەن.!



نېمىدىن بەختسىز دەپ ،

سورىشار ئادەملەر-

مەن شۇنداق بەختسىزمەنكى

ئەزىز يارانلەر، ئاسمان يۇلتۇزلۇق

ئاسمان يۇلتۇزلۇق!- مەن بولسام -ئادەم!...



ئادەملەر بىر -بىرىگە

رەشك -ھەسەت قىلىشار،

مەن چۇ-، ئەكسنچە

گۈزەل يۇلتۇزلارغا ھەۋەس قىلمەن

شۇلاردەك بولۇشنى ئىستەيمەن پەقەت!


مەنبە ؛  يازغۇچىلار تورى




ئاباي قۇنانباي شېئىرلىرىدىن

مۇھەممەتئېلى مۇھەممەتئىمىن(ت)

گۈزىلىم مەن ئۈندىمەي يۈرسەم ئەجەب،
ئويلىما ھېس تۇيغۇسىز سوغۇقكەن دەپ.
يۈرەكنىڭ يالقۇنىنى كۆز ياش قىلىپ،
ئاققۇزسام بىلمىدىڭمۇ، بۇ نە سەۋەب؟

قارا يۈز ناكەسلەرگە تىك قارايمەن،
سېنىمۇ شۇنداق قىلار دەپ سانايمەن.
ئاغرىتىپ يۈرىكىمنى تىلىپ يۈرگەن،
ئارسىزنى مەن نىچۈن دوست دەپ قارايمەن.

ئىچىمدە قايغۇم تولا، كۆز يېشىم كەم،
دېمەيمەن دوست بولۇشقا يوقكەن ئادەم.
ئاياللار گۈلگە ئوخشاش، سۆيسە نەمخۇش،
كۆزىدىن يېشى ئاقسا ئاڭا مەلھەم.

كۆڭلۈڭگە ئايان جېنىم، ھالىم مېنىڭ،
ياۋىلىقىڭ تۈگىگەندۇ بەلكىم سېنىڭ.
باغرىمنى ئەگەر مېنىڭ كۆرسەڭ يېرىپ،
يىغاڭنى ئۇنتۇپ چۆچۈپ كېتەر ئىدىڭ.

1898 – يىل
مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىلى نەشر قىلغان قازاقچە «ئاباي قۇنانباي» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.



ئانام يىغلىمىسۇن

(ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچى تىلىدىن)

تۈرك شائىرى: نىغمەت

ئانام كۆزدىن ياشلار ئاقار،
يىلان بولۇپ مېنى چاقار،
پەريادىمغا ئالەم پاتار،
ئېيتىڭ ئانام يىغلىمىسۇن!

يىغلار بولسام بېشىم يىغلار،
ئۇشبۇ دەردتىن يۈرەك يىغلار،
قۇربان بولساڭ ئاناڭ يىغلار،
ئېيتىڭ ئانام يىغلىمىسۇن!

جەھەننەمدىن ماھى چىقار،
ئاتەش بولۇپ مېنى ياقار،
ئانام يىغلار،قەبرەم قىسار،
ئېيتىڭ ئانام يىغلىمىسۇن!

ئانام سەندە بولسۇن دەرمان،
رەببىمىز گەر بەرسە پەرمان،
سەن يىغلىساڭ كېلەر قىيان،
ئېيتىڭ ئانام يىغلىمىسۇن!



دىلىمنى ئاغرىتتى دىلىمدىكىلەر

زۇلەيخا بايخانۇۋا دېكلىماتسىيەسى


دىلىمنى ئاغرىتتى دىلىمدىكىلەر،
كېچە ۋە كۈندۈزدە تىلىمدىكىلەر.
ئاپتابىم، شامالىم، سېلىمدىكىلەر،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

زەھەرلەر كەلتۈردى شارابلەر تۇتتۇم،
غەيۋەتلەر كۆيدۈردى ئىتابلەر تۇتتۇم،
قەسەملەر ئىچتىلەر، ساۋاپلەر تۇتتۇم،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

دەستۇرخان تۆرۈمدە شەربەت تاپتىلەر
ئۆرگۈلدۈم، ئارقامدىن غەيۋەت ئاتتىلەر،
ئېيۋاھ، مېنى ئۇلار بۇنچە ئاسان ساتتىلەر،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

دۈشمىنىم ئەيياردۇر، پەيتلەر پايلايدۇ،
دوستۇم بولسا نادان، سۇنى لايلايدۇ،
ئىككىسى بىر بولۇپ كۆزۈم پايلايدۇ،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

جانىمغا جازادۇر جانىمدىكىلەر،
كۆزۈمنىڭ قاراغى، قانىمدىكىلەر،
ئېيۋاھ، بىگانىدۇر يانىمدىكىلەر،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

ئەسلىدە،
ئەسىلدە دوسىت ھەم بىر ، دۈشمەننىڭ تۈرى،
دۈشمەننىڭ ئەڭ زورى دۈشمەننىڭ شىرى،
چۈنكى قولىدىدۇر كۆڭلۈڭنىڭ سىرى،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

باشىمغا بالادۇر، بالادۇر كۆڭلۈم،
بىر سۆزنىڭ تىغىدىن يارادۇر كۆڭلۈم،
دوسىتۇھەم، دۈشمەندىن ئادادۇر كۆڭلۈم،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.

ئۆزۈڭدىن يوق ئۆزگە مەھرىمى جانىم،
ئۆزۈڭسەن سۇلتانىم، ئۆزۈڭ خاقانىم،
ئوتتا كۆيدۈرمىگىن ئىككى جاھانىم،
مەن ئۇلارنى كەچۈرەي، بىر قۇدرەت بەرگىن،
ئاللاھىم مېھرىڭدىن بىر خىلۋەت بەرگىن.



ئىككى شېئىر
نازىم ھېكمەت(تۈرك)
(1902-1963)

يىل بېشى
ياغدى، پۈتۈن كېچە ياغدى قار،
يۇلتۇزلار ھەم نۇر چاچتى پارلاق…
بىر كوچا،بىر شەھەر،بىر ئۆي بار-
تاختىلىق ئۆي، ئۇزاقتىن ئۇزاق…

بالكۇندا ياتسىنار بىر بالا،
كىمنىڭ ئوغلى سېرىق،بۇدرۇق.
مېھمانى يوق ئۆي قىلار نالە-
ئىستامبۇل يولىغا قارار، دەرىزە ئوچۇق…

…ئاچچىق-ئاچچىق سايرايدۇ قۇشلار،
مەھبۇسلۇق كەبىدۇر يالغۇزلۇق.
كىتابىنى ياپار مۇنەۋۋەر،
يىغلاۋېرەر يۇمشاق ۋە سۇنۇق…

بىر كوچا،بىر شەھەر،بىر ئۆي بار،
تاختىلىق ئۆي،ئۇزاقتىن ئۇزاق.
ياغدى،پۈتۈن كېچە ياغدى قار،
يۇلتۇزلار ھەم نۇر چاچتى پارلاق…

(1956-يىل 23-مارت، موسكىۋا.«تولۇق ئەسەرلىرى» 7-توم)


بىر شېئر كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىغا قاراپ يېزىلغان شېئر

چۆل كېلىدۇ، قۇمدا كەتكەن ئىزى بىلەن،
قۇتۇپ كېلەر، تىلسىز، ئاپپاق بوزى بىلەن،
دېڭىز كېلەر، دېڭىز كېلەر تۇزى بىلەن،
ۋادا كېلەر ئىنىچكە بەل توزى بىلەن.

تىنىق كۆللەر بەللىشەر كۆك يۈزى بىلەن،
دىياربەكىر تۈندە چىقار قىزى بىلەن،
دەجلە سۈيى ئېقىپ كېلەر مۇزى بىلەن،
چىنار قۇشى، بىلىقلار دېڭىزى بىلەن.

كۈمۈش يۇلتۇز كېمىلەر يۇلتۇزى بىلەن،
بۇلبۇل كېلەر، ئالدىدا گۈل نازى بىلەن،
يىلان كېلەر قىپقىزل كۆزى بىلەن،
ئىنسان كېلەر:«ئەي مەرھابا»سۆزى بىلەن.
نازىم دەركى: «چۈنكى ئەييۇب ئوغلى بەدرى،
كېلىۋاتار قەلىمى-يۇ سازى بىلەن…»

(«تولۇق ئەسەرلىرى»،7-توم)




نامەلۇم ئادەم

ئابدۇللا ئارىپوۋ

ئۇ شائىرمۇ ئەمەس ياكى مەشھۇر زات،
دۇنيا بىلەن دەردى بىر ئىدى لېكىن.
ئۇمۇ باشقىلاردەك كەچۈرۈپ ھايات،
ئىشقا ئىلدام بېرىپ، قايتاتتى سېكىن.
چۈشىنەتتى ئۇمۇ دۇنيانى تېرەن،
پاتقۇچى قۇياشقا مەيۈس باقاتتى.
بەزىدە يۈرىكى كۆيگىنى بىلەن
ھېچقاچان بۇنىڭغا ئېرەن قىلمايتتى.
ئۇ تەبرىك ئېيتمىدى تويدا شادىمان،
سۆزلىمىدى قەبرە ئۈستىدە نۇتۇق.
تۇغۇلۇش-شىددەتتە تارتىلغان كامان،
ئۆلۈم بۇ-نىشانغا بېرىپ تەگكەن ئوق.
شان-شۆھرەت تالاشقان ھەرخىل ئاجايىپ
شورلۇق ئادەملەرگە كۈلۈپ باقاتتى.
يۈرمەيتتى ھەريەردە زىغزىق چىقىرىپ،
قەلبىدە جۇش ئۇرۇپ دەريا ئاقاتتى.
بىراۋنىڭ ئۇ بىلەن بولمىدى ئىشى،
دۇچ كەلسە ئاچمىدى ئۇمۇ كۆڭلىنى.
نەسەب، ئىرماش-چىرماشلىق، مۈلۈك تەشۋىشى
تارتالمىدى قىلچە ئۇنىڭ مەيلىنى.
بوزەكنى دۇمبالا دېسە ناۋادا،
يېپىشاتتى ئاڭا ناكەسنىڭ بەرى.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياناتتى غۇۋا،
يىراق يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىق نۇرلىرى.
ئالەمنىڭ بۇ ئۇششاق غەلۋىسى يولسىز،
بەرى ئۆتكۈنچىغۇ، نېمىگە كېرەك؟
تېرىقتەك زاماننىڭ ئۈستىدە ئۈنسىز
ياشاپ ئۆتتى شۇنداق بۈيۈك بىر يۈرەك.
نەدىن كەلگەندۇ ئۇ، كىمدۇ؟ نامەلۇم،
قەبرىگىمۇ جىمجىت كىرىپ كەتتى ئۇ.
مېنىڭچە، دۇنيانىڭ ئۈستىدىن چوقۇم
مازاقلاپ، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ئۇ.


«ئابدۇللا ئارىپوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .





سېنى ئىزلەپ كەزدىم دۇنيانى

گۈلجامال ئەسقەرەۋا

ئۇيغۇرچىلارشتۇرغۇچى: مۇھەممەد كامال خۇشخۇي


ئىككى قورغان


ئاناڭ كەتسە سۆلەتلىرىڭ كېتىدۇ،
ئاتاڭ كەتسە دۆلەتلىرىڭ كېتىدۇ.
ئاشۇ ئىككى قورغانىڭدىن ئايرىلساڭ،
ماڭلايدىكى زەر خەتلىرىڭ كېتىدۇ.

ئاتىسى يوق چۆلدە قالغان گىياھتەك،
ئانىسى يوق رەڭگى-روھى سىياھتەك.
كىمنىڭ ئەگەر قورغانلىرى يىقىلسا ،
تۆت تەرەپتىن تۆتمىڭ ئازار يېتىدۇ.

كۈتسە سېنى تۆت يىل كۈتەر دىلدارىڭ،
ئون يىل كۈتەر ساداقەتلىك دوستلارىڭ.
لېكىن ئاتاڭ سەبرى تاشقا ئايلىنار،
ئاناڭ ھەتتا ئۆمۈر بويى كۈتىدۇ.

ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلدى دېمە ھايات ئۇ،
كۆكسىڭدىكى سۇنمايدىغان بايات ئۇ.
ناگاھ ئەگەر يوللىرىڭدا يىقىلساڭ،
ئاناڭ روھى قوللىرىڭدىن تۇتىدۇ.

بېشىڭغا كۈن چۈشكەنىدە سىناپ كۆر،
غېمىڭگە غەم قوشقانىدا سىناپ كۆر.
قېنى كىملەر ئۆزۈڭ كەبى ياش تۆكەر،
ئاتاڭ قىلىچ ،ئاناڭ قانلار يۇتىدۇ.

شان-شۆھرىتىڭ كەتسە كېتەر دوستلىرىڭ،
دۆلەت قۇشۇڭ كەتسە كېتەر دوستلىرىڭ،
.ئاتا-ئاناڭ قالار پەقەت سەن بىلەن
قالغانلىرى كوچا بويلاپ ئۆتىدۇ.



مېنى كەچۈر


كەچۈر سېنى ئاسرىيالمىدىم،
بالالاردىن ،زىمىستانلاردىن.
ھاياتىڭغا پەرىشتە بولۇپ،
كىرەلمىدىم مېنى كەچۈرگىن.

كەچۈر سېنى سۆيدۈم ۋە لېكىن،
تىل تۇماردەك ئاسرىيالمىدىم.
تا ئۆلگۈچە سۆيەرسەنمۇ دەپ،
سورالمىدىم مېنى كەچۈرگىن.

ئارىلىقىمىز بىر قەدەم ئىدى،
سېنى ئىزلەپ كەزدىم دۇنيانى.
لېكىن ئەشۇ بىرلا قەدەمنى،
يۈرەلمىدىم مېنى كەچۈرگىن.

قوللىرىڭنى قوللىرىم تاپتى،
كۆزلىرىڭنى كۆردى كۆزلىرىم.
ئەمما قەلبىڭ جاراھىتىنى،
كۆرەلمىدىم،مېنى كەچۈرگىن.

مەن ئىشقىڭدا نە بولسام بولدۇم،
ھالىم خاراپ باشقىچە بولدۇم.
پەقەت ساڭا بىر تال كۆز مونچاق،
بولالمىدىم ،مېنى كەچۈرگىن.

مانا بۈگۈن كەلدىم قېشىڭغا،
سەھرالارنى كېزىپ باش-ئاياق.
سېنى ئاخىر كۆرمەي بىر نۆۋەت،
ئۆلەلمىدىم مېنى كەچۈرگىن.

ئۆلەلمىدىم مېنى كەچۈرگىن،
ھاياتىڭغا پەرىشتە بولۇپ .
كىرەلمىدىم مېنى كەچۈرگىن.

ياخشى بولدى سەندىن ئايرىلىپ
ياخشى بولدى سەندىن ئايرىلىپ،
كەتمىكىمگە تېپىپ بەردىڭ يول.
بۇ دۇنيادا سېنى تاپتىم دەپ،
يوقىتىپمەن ئۆزۈمنى پۈتكۈل.

ياخشى بولدى،يېشىلدى بۈگۈن،
ئاياغىمدىن بۇ زەنجىر،بۇ گۈل.
ئىككى دۇنيا سېنى شاھىم دەپ،
قۇل قىلىپمەن ئۆزۈمنى پۈتكۈل.

ياخشى بولدى،يامان بولسا ھەم،
يۈرىكىمنى ئەزسىمۇ دەردىڭ.
مەن ئەقلىنى تاپقان تەلبىدەك،
ئايىغىڭدىن بېشىم كۆتەردىم.

كەچۈر،ئازار بېرىپ مېھرىمدە،
زىرىكتۈردۈم،مەن ساددا،مەن گول.
بۇ دۇنيادا بىر سېنى بار دەپ،
باشقىلاردىن كېچىپمەن پۈتكۈل.

ماڭا ھەقنىڭ جازاسى قۇتلۇغ،
سەندىن كەتتىم ئەي قەھىرلىك گۈل.
شۈكۈر-شۈكۈر سېنى ياد ئېتىپ،
ئۇنۇتماپمەن ئىگەمنى پۈتكۈل.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئامان بول ئەندى،
مەن ھەممىگە سىلكىپ قويدۇم قول،
ئاڭلىدىمكى،سېنى يوقاتسام،
ھەقنى جەزمەن تاپىمەن پۈتكۈل.

ئەندى خەير،ئەندى ئەلۋىدا،
بەرى رويا،بەرى سەراپ-كۈل.
دەرگاھىڭغا سىغمىغانىمدەك،
يۈرىكىمگە سىغماسسەن پۈتكۈل.

مەن مېھرسىز تەلبە گۈدەكتەك،
كۆز يېشىمغا ئەجەپ تايرىلدىم②
ياخشى ئىدى سېنى تاپقىنىم،
ياخشى بولدى،سەندىن ئايرىلدىم.


يالغۇز

بۇ قانداق كۈن،بۇ قانداق زامان؟
ئۆتۈپ بارار ئۆمۈرلەر ئىزسىز.
شاھزادىلەر بازارغا كەتكەن،
مەلىكىلەر ئۆيىدە يالغۇز.

كوچىلاردا قاشقىرلار كېزەر،
بۆرىلەرگە كۈن قالغان ئەپسۇس.
ئالپامىشلار يۇرت ئېشىپ كەتكەن،
بەرچىنئايلار يۈرۈپتۇ يالغۇز.

مال-دۇنياغا سېتىلار سۆيگۈ،
بۇندا نىكاھ،نىگاھلار ھېسسىز.
يۈسۈپلەرنى پۇل چىللاپ كەتكەن،
زۈلەيخالار ئۇخلايدۇ يالغۇز.

مەرتنىڭ ئىشى مەدىكارلىقمۇ؟
شائىرلىرى قالماقتا سۆزسىز.
مەرتلەر كەتكەن سۈپۈرگە ئېلىپ،
ئاجىزەلەر مەيداندا يالغۇز.

ئوتتۇز ياشتا بەخت كۈتەر قىزلار،
ئېھتىراسلار-تۇيغۇلار ئەسسىز.
شاھزادىلەر شامالغا كەتكەن،
مەلىكىلەر يالغۇزدىن-يالغۇز.

كېلىننىڭ ئارزۇسى
مېنىڭ غېمىم يىغلاتقۇ ئەمەس،
كۈچ بېرەر،دىل تىغلاتقۇ ئەمەس،
مەن بالامغا ئۇخلاتقۇ ئەمەس،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

ئويغان دەيمەن يۇرتنىڭ ھەققى دەپ،
ئويغانمىساڭ بۇ خەلق خەلىقمۇ دەپ،
مەڭلىيىمدە نۇردەك بالقى دەپ،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

ھەر يەرلەرنى قىلمىغىن ھەۋەس،
بايرىغىڭنى بەرمە بىر نەپەس،
ۋىجدانىڭنى يۇتمىسۇن نەپەس،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

ساھىپقىران بول بالام دەيمەن،
ئايىقىڭدا بۇ ئالەم دەيمەن،
كۆكسىمدىكى ھۆر نالەم دەيمەن،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

ئۇخلا بالام، ئەللەي دېمەيمەن،
بۇ دۇنيا توي،شاتلىق دېمەيمەن،
ھەر بىر تامنى قورغان دېمەيمەن،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

ئەي باتۇرۇم،ئوغلانىم دەيمەن،
ئوق ئۆتەلمەس قورغانىم دەيمەن،
جانىم دەيمەن،جاھانىم دەيمەن،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

ئۇ ئويغىنار قەددىڭنى تۇت دەپ،
يەتمىش ئىككى تومۇرى يۇرت دەپ،
ئەل دېگەندە ئاتەشىن يۇت دەپ،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.

شۇندا بالام بىدار بولىدۇ،
چىگرالاردا ھۇشيار بولىدۇ،
ئاڭا تەڭرى چىن يار بولىدۇ،
ئويغاتقۇچى ئەللەي ئېيتىمەن.



شائىر ھەسرىتى


ئانا!دەۋىرلەرنىڭ گۈلى بولدۇممەن،
يالغان ماختاشلارنىڭ گولى بولدۇممەن،
قۇياشنىڭ تىك كەتكەن يولى بولدۇممەن،
قۇملىرى توزىغان چۆلچە قەدرىم يوق.

تۆكۈلۈپ يۈرمەسمەن تولغىنىم بىلەن،
كىمنىڭمۇ ئىشى بار ئۆلگىنىم بىلەن،
نەرقىمنى ئاسمانلار قىلغىنىم بىلەن،
بازاردا سېتىلغان قۇلچە قەدرىم يوق.

يۈرىكى ئويغاقلار زەبۇن بولارمۇ،
مەن كەبى قەبرىدە قانلار يۇتارمۇ،
ئوت قەلبىم ئەسلەرنى ئۇنتۇلدۇرارمۇ،
ئوچاقتا سوۋىغان كۈلچە قەدرىم يوق.

ئىشقلىرى قىيامەت قەدەر ئىدىلەر،
كاشكى ئۇ ،بىلمىسەم ئالدار ئىدىلەر،
دەريا دىل شائىر دەپ داڭلار ئىدىلەر،
ئەي،بۈگۈن تاشلاندۇق كۆلچە قەدرىم يوق.

ۋەتەن يىلتىزىڭنى ۋەتەن ئەيلىدىم ،
يالپۇزلاردىن يېشىل كىپەن ئەيلىدىم،
قاقاسلىق چۆلۈڭنى چىمەن ئەيلىدىم،
ئاھ،بۈگۈن قۇرىغان گۈلچە قەدرىم يوق.

ھەق سۆزنى ئىزدەشتە سەييارە ئىدىم،
بۇ يۇرتتا ئەڭ مەشھۇر پەرۋانە ئىدىم،
ئاۋۋارە ئىدىم،ئاھ ئاۋۋارە ئىدىم،
ھامانكى،تۇپراقچە،گىل③چە قەدرىم يوق.

مەن بىر شائىر ئىدىم ئاھاڭلىرى خۇش،
ئانامنىڭ قارنىدا كۆرگەن ئىدىم چۈش،
مەن ھۆرلۈك بېغىدا سايرىغان بىر قۇش،
قەپەستە ئۆلگەن شۇ بۇلبۇلچە قەدرىم يوق.
________________________________________
ئىزاھات:
① سەراپ ــــــــــ ئىزىتقۇ،ئالۋۇن.
② تايرىلىش ـــــــ تويۇش،قېنىش.
③ گىل ـــــــــــــ لاي،پالچىق

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەد كامال خۇشخۇي




ئىقبال مىرزا شېئىرلىرىدىن



دادامنىڭ قەبىرىسى

قارا قىشتىن قۇتۇلماستىن تۇرۇپ ئادەم ،
قەۋىرىسدىن دادامنىڭ ئوت كۆكلەپ چىقتى.
نىمە قىلىپ يۈرگەندۇ دەپ بەڭۋاش بالام ،
بەلكى كۆڭلى تىنجىماستىن يوقلاپ چىقتى .

ئادەم بارمۇ بۇ مەنزىلگە كەلمەيدىغان ؟
ئادەم بارمۇ كېلىشىنى بىلمەيدىغان ؟
تىرىك ئادەم بارمۇ سېنى يوقلايدىغان ؟
دىگەن سۇئال مايسىلارنى چۇلغاپ چىقتى .

ئەل قاتارى ،نەسەھەتتىن بەزگنىم راس ،
ئۈمۈدىمنى ئۆزۈم چىشلەپ ئۈزگىنىم راس ،
قايدا بولماي بىر نىگاھنى سەزگىنىم راس ،
گۇنا قىلسام ئۆتكۈر نىگاھ تىڭلاپ چىقتى .

بەزەن قولۇم ،بەزەن بولسا سەبرىم يەتمەس ،
ھاياتىمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆمرۈم يەتمەس ،
ئانامنى ھەج قىلدۇرۇشقا قۇربىم يەتمەس ،
ھېيىت كۈنى يۈرەكلىرىم ئىڭراپ چىقتى .

يىللار ئۆتۈپ ،كىم چوڭ بولۇپ كىم قېرىدى ؟
كىمدىن نومۇس ، كىمدىن بولسا دەرت ئىرىدى ؟
ئاكىلارغا تۆكەي دەپ دىل غەملىرىمنى –
ئۆكسۈپ بارسام ئىشىگىدىن يىغلاپ چىقتى .

بىلدىم نىچۈن ئەل ئالدىغا ئاش قويۇمىز ؟
ياستۇقلارغا قاچانلىققا باش قويۇمىز ؟
كۆكلىمىسۇن دەپ ئۈستىگە تاش قويۇمىز ؟
مېنىڭ دادام قەبىرىسدىن ئوت كۆكلەپ چىقتى .



سۇنغان ئادەم

سۇنغان ئادەم تۇيغۇلىرى سۇنغان ئادەم ،
سۇنغان ئادەم قىسمەتلەرگە كۆنگەن ئادەم .
سۇنۇق كۈلۈپ ،سۇنۇققىنا كۆرىنىدۇ ،
كۈنى كۆرىدۇ ،ياشىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

يۈرىۋەردۇق دەيدۇ، ئەمدى ئوغۇل –قىز دەپ ،
قارا قازان يېنىدىكى قارا كۆز دەپ ،
مەن ھەمىشە يېنىڭدىمەن كەتتۇق دوسىت –دەپ ،
يەلكەڭگە قول تاشلىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

سەن كۆرمىگەن بىر خەۋىپنى كۆرۈپ قالغان،
قېچىپ كېتىپ ئۆزى ئىچىگە كىرىپ قالغان،
ئۆز جېنىنىڭ مازاسىنى بىلىپ قالغان ،
ساڭا جېنىم توشىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

كۆردۇم سۇنغان ئاپئاق شاخنى گۈلى بىلەن ،
ئىگەم شۇنداق ئوينار گاھى قۇلى بىلەن ،
گاھى ئۇرار بەندىسنىڭ قولى بىلەن ،
ئادەملەردىن خوش بولمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

ئاڭا تەگمە ، سەندىن ئەيىپ ئىزدىمەيدۇ،
ئەيپىڭ بولسا باشقىلارغا بىلدىرمەيدۇ ،
سۇنغان ئادەم سۇنغانلارنى سۇندۇرمايدۇ ،
بىگانىغا ئوخشىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

خۇلاسە

ئىزسىز كەتتى مەن چاقىرغان ئەنھارلىرىم ،
ئىزسىز كەتتى گۈكىرىگەن بورانلىرىم ،
كۆزلىرىمدىن كىرپىكسىمان تۆكۈلدىغۇ ،
سۆيگەنلىرىم ،دىلبەرلىرىم ،دىلدارلىرىم .

سۆيدۈم يۇرىتنىڭ شەمشادىيۇ- ئارىچىسنى ،
سۆيدۈم ساينىڭ سېغنىشلىق چاقىرىشنى ،
ئالتە قىزنى سۆيگەن بولسام ئورنى باشقا ،
قىرىق بولسا قىلىقى باشقا بارچىسنىڭ !

مەن دەرەخمەن ياپرىقى بار ،يىلتىزى يوق ،
غازان قۇچقان تۇپراقتۇرمەن گۈلچىسى يوق ،
ئاسمان نۇرغۇن يۇلتۇزلارنى پەيدا قىلسا،
مۇنەججىممەن ماڭلىيىدا يۇلتۇزى يوق .

گاھى گۈلللەر چاچتى ماڭا كۈز -قىشلىرىم ،
گاھى گۈللەر چاچتى ماڭا تونۇش -بۈلىشلىرىم ،
بۈگۈن يالغۇز ئويلىنىمەن - ئۆرتىنىمەن ،
ئۇرمامدىكىن گۈزەللەرنى قارغىشلىرىم ؟

بۇ يوللىرىم ماڭا سەيلە - سەيلە ئىدى ،
سۆيگۈسىز كۈن ھەپتە ئىدى ، ئاي- يىل ئىدى ،
مەن قىزلارنى ئالداشنى كۆپ ئىستىمىگەن ،
قىزلار ئۆزى ئالدىنىشقا مايىل ئىدى .

ئاخشام

كېچە يۇلتۇزلىرنى ھىلال ئويغىتار ،
دەريا دولقۇنلىرنى شامال ئويغىتار .
نەدىسەن ، ئەي شامال ئېلىپ كەتكەن گۈل ؟
مېنى شۇ ئەلەملىك سۇئال ئويغىتار .

كېچە يۇلتۇزلىرىغا بېقىپ يىغلىدىم ،
دەريا دولقۇنلىرىدا ئېقىپ يىغىلىدىم .
مەنمۇ ھەم دەريا بولدۇم ،كەلكۈن بولدۇم ،
يۈرىگىم ئەلەمدە قېقىلىپ يىغلىدىم .

تەقدىرگە تەن بەردىم ،شۈكۈرلەر ئېيىتتىم ،
تۇپراققا ئايلىنىپ تۇپراققا قايىتتىم .
ۋە لېكىن ئېقىپ كەتتى ئاساۋ يۈرىكىم ،
كېچە يۇلتۇزلىرى چاقنىغان پەيتىم .

كېچە يۇلتۇزلىرنى ھىلال ئويغىتار ،
دەريا دولقۇنلىرنى شامال ئويغىتار .
سېنى چۈشلىرىمدە كۆرۈپ توۋلىسام ،
مېنى بىر بىگانە ئايال ئويغىتار

ئانا ئىلتىجاسى

ئات چاپتۇرۇپ چىقىتىڭ ئۆيۈڭدىن ،
ئات چاپتۇرۇپ قايىتقىن ئىلاھىم .
قولۇڭدىكى چۇلۋۇرۇڭ كەبى ،
ئەركىڭ بولسۇن قولۇڭدا داھىم .

مەيلى مېنى ئويلىما بالام ،
تاپقىنىڭنى سەرىپ قىل ئۆزۈڭگە .
قارام بولما لىكىن بىراۋغا ،
نەم تەگمىسۇن ھەرگىز تىزىڭگە .

ئۇلۇغلاپ پەلۋىنىم دەيمۇ ؟
ھارغىنمدا دەرمىنىم دەيمۇ ؟
شامال كەبى ئىتتىك بارىسەن ،
يىراقتىكى ئاسمىنىم دەيمۇ ؟

ئاسمىنىڭنى ئېلىپ قايىت بالام ،
قەپ قالمىغىن ئاسمان ۋەسلىدە .
ئاتاڭ قۇرغان بۇ كىچىك ھوجرا ،
ئاسماندىمۇ كەڭرى ئەسلىدە .

ئات چاپتۇرۇپ چىقىتىڭ ئۆيۈڭدىن ،
ئات چاپتۇرۇپ قايىتقىن ئىلاھىم .
قولۇڭدىكى چۇلۋۇرۇڭ كەبى ،
ئەركىڭ بولسۇن قولۇڭدا داھىم .

مۇناجات

مەن زەبۇنمەن تۈن قوينىدا قارا تۈنمەن
تۈن باغرىمغا زىيالارنى كىمدىن سوراي ؟
ئۆزۈم يەرمەن ، ئۆزۈم ساما مەن ئۈچۈنمەن ،
ئۆزدىن ئۆزگە دۇنيالارنى كىمدىن سوراي ؟

ئىشقىم بەربات بولدى ئاۋات شەھەرلەردە ،
بارچە كۈلدى مەن يىغىلىدىم باھارلەردە ،
يۈرەك شەبنەم بولغان ئاۋات شەھەرلەردە ،
ئاسىمنىمغا زۆھرەلەرنى كىمدىن سوراي ؟

كۆكتىن سورا خىيالمنىڭ ھۆرلىرنى ،
يەردىن سورا پىشانەمنىڭ شورلىرنى ،
مەندىن سورا سەن دەرىتلەرنىڭ تۈرلىرنى ،
مەن دەردىمگە داۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

سەن تۈنلىرى يادلاشلارنى مەندىن سورا ،
خاتالىقنى سەۋدالارنى مەندىن سورا ،
سەن كۆزۈڭگە زىيالارنى مەندىن سورا ،
مەن كۆكسۈمگە ھاۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

نىتەي، باردۇر بۇ تاغلارنىڭ ئاراسىدا ،
ئاياغ ئىزى يۈرۉگۈمنىڭ ياراسىدا ،
شەپقەت يوقتۇر ئۇ كۆزلەرنىڭ قاراسىدا ،
ئوق مىھىرلىك قارالارنى كىمدىن سوراي ؟

مەلەك سېنىڭ مەلەكلىكىڭ يالغان ئىكەن ،
پەلەك سېنىڭ پەلەكلىرىڭ يالغان ئىكەن ،
يۈرەك سېنىڭ يۈرەكلىرىڭ يالغان ئىكەن ،
ساڭا باشقا سامالارنى كىمدىن سوراي ؟

مەن كۆزۈمدىن ياش ئېقىتىپ يىغلاي دوسلار ،
كۆكسىڭىزگە باشلار ئېتىپ يىغلاي دوسلار ،
تاش باغرىمغا تاشلار ئېتىپ يىغلاي دوسىلار ،
يوقاتمىشىم خۇدالارنى كىمدىن سوراي ؟

يۈرەكلىكرەك ناۋا ئىستە نىدالار قىل ،
يا ناۋاسىز جەڭنامنى ئادالار قىل ،
سورا ،يەتتى ئىقلىملارغا سادالار قىل،
مەن ئۆمرۈمگە ناۋالارنى كىمدىن سوراي ؟



ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

ئۆزبىكىستان بۈگۈنكى دەۋىر شائىرى ئىقبال مىرزا 1967-يىلى فەرغانىدە تۇغۇلغان. قىرغىز يازغۇچىسى ئىقبال مىرزا ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ :«زامانىۋىي ئۆزبەك شېئىرىيىتى ئىقبالىنى كۆرۈۋاتىدۇ...» يۇقىرى باھا بەرگەنىكەن. تۆۋەندىكى شېئىرلار ئۇنىڭ 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان «سىزنى كۈيلەيمەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.



يادىڭدا قالماقچى ئىدىم

فۇزۇلىي لۇتف ئېتىپ كەتكەن بىر زامان،
گۈزەللەر ۋاپاسىز، ئالدامچى دېدىم.
يېنىڭدا قىلىشقا يوق ئىدى ئىمكان،
مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

بىلمەستىن ئىستەيتىم قىينىلىشىڭنى،
يۈرەگىڭگە بىر ئوت سالماقچى ئىدىم.
ئاناڭغا ئېيتالماي قالساڭ چۈشۈڭنى،
مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

دوستلار كەچكەن ئىدى مېنىڭ بەھرىمدىن،
كىمدىندۇر قىساس ئالماقچى ئىدىم.
ھەيدەپ چىقاردىڭ سەن ھاياتىڭدىن،
مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

ئەلىمىم، ھەسىتىم، گىنەم* تۈپەيلى                  *گىنە - ئاداۋەت
ئېھتىمال ئۈستىڭدىن كۈلمەكچى ئىدىم.
سېغىنساڭ، ئۆرتەنسەڭ، يىغلىساڭ مەيلى،
مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.

كۆزۈڭنى كۆزۈمگە بەرمىدىڭ سىرە،
ئىشەندىڭمۇ، يوقمۇ، بىلمەكچى ئىدىم.
سېنى كۆپ ئويلىدىم، شېئىر يازدىم قارا،
مەن سېنىڭ يادىڭدا قالماقچى ئىدىم.


سېنى سېغىنىپ

قارا كۆز قارلىغاچىمسەن ئۆزۈڭ،
كۆكسىم ئايۋان بولدى سېنى سېغىنىپ.
كۆزۈمدىن بىر لەھزە كەتمىدى كۆزۈڭ،
كۆزۈم گىريان* بولدى سېنى سېغىنىپ.              *  گىريان – قان ياشلىق

كوچاڭدىن كېچىلەر ئۆتكىنىم پىنھان،
كەلمەسلىكىڭ بىلىپ كۈتكىنىم پىنھان،
ئايۇ يۇلتۇزلاردىن تۇتقىنىم پىنھان،
ئىشقىم داستان بولدى سېنى سېغىنىپ.

جىنىمغا تىغ ئۇرۇپ قىينايدۇ سېغىنچ،
كېيىن تىغ سۇغۇرۇپ قىينايدۇ سېغىنچ،
خەيىرلەشمەي تۇرۇپ قىينايدۇ سېغىنچ،
يۈرىگىم قان بولدى سېنى سېغىنىپ.

بەلگىسىز خىلۋەتتە كونا مازارنى،
مازاركى، قاراقسىز خارابىزارنى،
ئاڭلىغىنىڭ بارمۇ؟ كۆرگىنىڭ بارمۇ؟
دىلىم ۋەيران بولدى سېنى سېغىنىپ.

سەرگەردانلىق مەجنۇنۇ – لەيلىگە ئىدى،
بىزنىڭكى پەقەت گۈل سەيلىگە ئىدى،
چۈشلەردە بولساڭ ھەم مەيلىگە ئىدى،
بېغىم خازان بولدى سېنى سېغىنىپ.

نە قىلاي، پىشانەمدە شۇ دەرت بار بولسا،
قېنىدى بۇ دەرتگە خىرىدار بولسا،
سېنى تاللارمىدىم، ئىختىيار بولسا،
ھالىم يامان بولدى سېنى سېغىنىپ.


مەنبە ؛ ئايقۇت بىلوگى





مۇھەممەد يۈسۈپ شېئىرلىرىدىن تاللانما

مۇھەممەت يۈسۈپ 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ مەرھەممەت تۈمىنىدە تۇغۇلغان.
1978-يىلى تاشكەنىتتىكى رۇس تىلى ۋە ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە جۇمھۇرىيەتلىك «كىتاب سۆيەرلەر جەمئىيتى»دە ، 1980-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە «تاشكەنىت ئاخشىمى گېزىتى»دە، 1986-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە «ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشىرياتى»، «ئۆزبىكىستان ئاۋازى» گېزىتىدە ئىشلىگەن. ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى 4-5يىل ئۆزبىكىستان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا كاتىپ بولغان.  ئۇنىڭ «تونۇش تىرەكلەر»(1985)، «بۇلبۇلغا بىر گېپىم بار»(1987)، «ئىلتىجا» (1988)، «ئۇيقۇدىكى قىز»(1989)، «ھەلىمە ئانام ئەللەيلىرى» (1989). «ئىشىق كېمىسى»(1990)، «كۆڭلۈمدىكى يار»(1991)، «بىۋاپا كۆپ ئىكەن»(1991)، «ئەركە كىيىك» (`1992)، «يالغانچى يار» (1994)، «ئاسمېنىمغا ئېلىپ كېتىمەن»(1998) قاتارلىق توپلاملىرى ئىلان قىلىنغان. 1998-يىلى شائىرغا «ئۆزبېكستان خەلق شائىرى» دەپ نام بېرىلگەن.2001-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزى تۇغۇلغان قىشلاققا دەپنە قىلىنغان.



ئانا زارى

كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم گۈلدىن ھەم،
قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،
ئەگەر بىر زات يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،
ئانام يىغلار،ئانام يىغلار،ئانام ئۇ...

سىغماي قالسام شۇنداق كەڭ بۇ جاھانغا،
رۇھىم راۋان بولسا ئەگەر ئاسمانغا،
جانسىز تېنىم ئۈستىدە ھەم پەرۋانە،
ئانام يىغلار،ئانام يىغلار،ئانام ئۇ...

تانار بولسا قولۇمدىكى تار دۇنيا،
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئۇنۇتقاي دوست-يار دۇنيا،
يەرۇ-كۆكنى تىترىتىپ زار-زار دۇنيا،
ئانام يىغلار،ئانام يىغلار،ئانام ئۇ...

گۈلدەك كۈلۈپ يۈرمەسمىدى، ئوغلۇم دەپ،
كۆرۈپ كۆڭلۈم تولماسمىدى، ئوغلۇم دەپ،
ئاناڭ ئۆلسە بولماسمىدى،ئوغلۇم دەپ،
ئانام يىغلار،ئانام يىغلار،ئانام ئۇ...


ئارمانىم بار

ئارمانىم بار،بۇ دۇنيادا ئارمانىم بار،
قاق دالادا ئوتلار باسقان ئارمانىم بار،
كېلىنچەكتەك بېشىم ئېگىك بۇ ماكاندا،
غەمسىز ياشاپ باقمىغان ئاتاجانىم بار.

ئاتا دېسەم باغرىم،دىلىم يېنىۋىرەر،
كۈنۈم يانار،ئايۇ-يىلىم يېنىۋىرەر،
مازارىغا قويغان گۈلۈم يېنىۋىرەر،
تۈتۈنلەرگە تولۇپ كەتكەن ئاسمانىم بار.

ئادەم بولۇپ بىر ئادەمنى چۈشەنمەسلەر،
كۆزۈڭدە ياش كۆرۈپ گاھ بىر ئۆكۈنمەسلەر،
باسقان ئىزىم پايلاپ يۈرگەن ئەي،ناكەسلەر،
قەبرىدىن قول سوزۇپ تۇرغان قالقانىم بار.

مەن ئاتامدىن قالغان ئەركىن سادا-سەسمەن،
قېنىمغا يات ناۋالارغا قايرىلماسمەن،
ئۆلگىنىمچە ئەندى ئۇنداق ئايرىلماسمەن،
ئۆز ئاتامدەك بولۇپ قالغان ئىمانىم بار.

ئارمانىم بار،بۇ دۇنيادا ئارمانىم بار،
كەڭ دالادا گۈللەر باسقان ئارمانىم بار،
كېلىنچەكلەر باش ئېگىپ قان يىغلاپ تۇرغان،
بۇ ماكاندا مېنىڭمۇ نۇر جاھانىم بار.


ئانامغا

ئاھ،مېنىڭ ئوتۇمدا ئاۋارە ئانام،
بىر پارچە يۈرىكى مىڭ پارە ئانام.
پەقەت بىر مېنىلا كۆرۈپ دۇنيادا،
شەھەرمۇ كۆرمىگەن بىچارە ئانام.
بالاڭ بولۇپ بىر قېتىم باشلاپ كەلدىممۇ؟
ئەندى مەن ھەم ساڭا ئوغۇل بولدۇممۇ!

گەرچە بىساتىڭدا«بايرام»سۆزى يوق،
بىلىمەن كۈتىسەن مېنى تولا چاغ.
مەندەك يۈرەك دېگەنلەر ئۆزى يوق،
مەن سوۋغا بەرمىگەن قىز يوق بۇ ئاخشام،
ساڭا نە گۈل بەردىم،نە شىرىن كالان،
ئەندى مەن ھەم ساڭا ئوغۇلمۇ ئانام؟...

دەيسەن:قىشلاقلاردا ئانام يۈرسەڭ بەس،
يادىڭغا كەلگەندە يوقلاپ تۇرساڭ بەس.
بالام ساڭا ھەممە قىلىدۇ ھەۋەس،
ئاخىر،مېنىڭ دەردىم شېئىر ئەمەس پەقەت،
مەن مەشھۇر شائىرمەس،مەشھۇر بىشەپقەت،
ئەندى مەن ھەم ساڭا ئوغۇلمۇ بىر ئېيىت؟...

شەنىڭگە شېئىر يازدىم،ئۇ سېنى تاپسۇن،
پايىڭگە تىز چۆكۈپ قولۇڭنى سۆيسۇن.
ئۇندىم ھەم ئۇلۇغۇم بارلىغىن كۆرسۇن،
مەن ئۈچۈن ھەم ئەزىز ھالىڭنى سورسۇن،
سەنسىز غېرىپ كۆڭلۈم كۆڭۈلمۇ ئانام،
ئەندى مەن ھەم ساڭا ئوغۇلمۇ ئانام.


ئۆلسەملا ئۇنۇتساڭ ...

ئۆلسەملا ئۇنۇتساڭ مەندەك يىگىتنى ،
ياغار يوللىرىڭغا ئەپسۇس -پۇشمىنىم .
ئاق تۇلپاردەك مىنىپ ئاپئاق بۇلۇتنى ،
ئۆيۈڭنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ روھىم ...
ئاڭا نېمە دەيسەن ، بىۋاپا يارىم ؟!

ئۆلسەملا ئۇنۇتساڭ مەندەك يىگىتنى ،
قارا تۇپراق سىلاپ ياتسا كۆيەكىم.
سەن ئوچاق ئالدىدا ياققان گۇگۇتنىڭ
ئۇچىدا لاۋۇلداپ تۇرسا يۈرەگىم ...
ئاڭا نېمە دەيسەن ، بىۋاپا يارىم ؟!

سەن خۇدا ئەمەسسەن ئاخىر ، ئويلانما ،
جېنىمنىڭ رىشتىسى قولىدا ئۇنىڭ ؛
ئەمما مۇھەممەدسىز ئۆتمەيدۇ كۈنۈڭ ،
كەل،مەيلى مەن ئۆلمەي،سەن ھەم قىينالما-
ئاڭا نېمە دەيسەن ، بىۋاپا يارىم ؟!...


ئۇيقۇدىكى قىز

قارا يەرگە قويۇپ باش،
بىر قىزغىنا ئۇخلايدۇ.
كۆزلىرىگە تولۇپ ياش،
ھۆر قىزغىنا ئۇخلايدۇ.

ياتار قۇرۇپ دەرمانى،
مەڭگۈ ئۇخلار گۈل ياناق.
كۆڭۈلدە تولا ئارمانى،
قوينى تولا قىزغالداق.

بۇ دۇنيادا ھېچ سەندەك،
قىز يوق ئىدى تۇر سىڭلىم.
ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك،
توي قىلىمىز يۈر سىڭلىم.

ئاي يۈزۈڭگە بىر نەپەس،
شايى رومال ئورارسەن.
گۈل-گۈل يېنىپ مۇقەددەس،
چىمىلدىققا كىرەرسەن.

مەنبە:«قۇمۇل ئەدەبىياتى» 2010-يىللىق 2-سان





رەئۇپ پەرفى شېئىرلىرىدىن


سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر


سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر،  
بۇ سوز يامان، بۇ سوز بەك ئېغىر،
سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر،   
ئاقتى يېشىم مىسالى يامغۇر.

سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر...  
ماڭا دۇنيا  غەمكىن  تۇيۇلدى.     
بۇلۇتلارغا تولدى ئاسمان -      
ئاچچىق-ئاچچىق يېشى قۇيۇلدى.

سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر...  
لېكىن كەلدىڭ، كەلدىڭ سەن ئۆزۈڭ.  
قارا بۇلۇت تامام يوقالدى،        
ھالبۇكى مەن... يىغلايدۇ كۆزىم.

قولىڭنى قويغىن يار

ئايلىنىب چۈشەر قار يولىمغا،
قولىڭنى قويغىن يار، قولىمغا.

سەن قالدىڭ مۆھىر كەبى لىبىمدە،
سەن - بىر دەرد ئەسەبىي - قەلبىمدە.  

كۆزلىرىمگە بىكىتەي ۋە لېكىن
ياشتەك ئېقىب كەتمە، سۆيگىنىم

پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت


پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت،
خانە ئىچرە قالدۇق بىز تەنھا.   
بىر ئويچانلىق روھىمغا ھاكىم،  
شۇنداق ھاكىم روھىمغا ھەم سەن.

ئاھاڭ ئاقار ،تاملاردا  سۈرەت،  
كۆپ-كۆك دېڭىز ئۈستىدە كېمە.      
ھۆكۈم سۈرەر تەنھالىق مۇندا      
ۋە سۆيگۈگە ئوخشاش بىر نىمە.  

مەن ئويلايمەن نەدىن باشلاي گەپ،   
سەن ئويلايسەن نە قىلاي جاۋاپ.      
ھەم يىغلايدۇ ھەم كۈلۈپ قەلب،      
قاراقلىرىم ياشلىغان شاراب.
         
پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت،   
خانە ئىچرە قالدۇق بىز تەنھا.      
مەن دىمىدىم سۆيىمەن سېنى،        
سۆيەلمەيمەن دىمىدىڭ سەن ھەم.

  
تاڭ ئاتماقتا
      
  تاڭ ئاتماقتا .تاڭ ئوقلار ئاتار،   
تاڭ ئاتماقتا قۇياش زەمبىرەك.      
يارىلانغان يەر شارى ياتار،      
باشلىرىدا يېشىل چەمبىرەك.
   
تاڭ ئاتماقتا ،    بۈگۈزەل    تاڭغا ،   
يۈرىكىنى تۇتار ئادەملەر.        
شۇ تاڭ ئۈچۈن كەلگەن جاھانغا،   
شۇ تاڭنى دەپ ئۆتەر ئادەملەر.

تاڭ ئاتماقتا.....  
   

        ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:  بەرقى




كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 09:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزبېك شائىرى ئويغون


(1905-1990)
سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى، دۆلەت مۇكاپاتى لائورىئاتى رەھمىتۇللا ئاتا قوزى ئوغلى ئويغون 1905-يىلى قازاقىستاننىڭ جامبول ۋىلايىتىنىڭ مەركە يىزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ يىزىدىكى مەكتەپنى تۈگىتىپ، تاشكەنتكە بىرىپ پىداگوگىكا تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىردى. 1925-يىلدىن باشلاپ تاشكەنت شەھىرىدىكى خوجىلىق تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى بولدى. 1927-يىلى سەمەرقەنت پىداگوگىكا ئاكادىمىسىدە تەلىم ئالدى. ئۇ شۇ يىللاردا خەمىد ئالىمجان، مىر تېمىر قاتارلىق شائىرلار بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىلا شىئىر ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ۋاقىتلىق مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى . 1929-يىلى شائىرنىڭ «باھار قوۋانچىلىرى» ناملىق شىئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى . يەنە « مارت كۈنلىرى » ، « چۆل » ، « كالخوزچى قىز » ، « ئۇكرائىنا يىللىرى » ناملىق ئەسەرلىرى كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا ئايلاندى.
1930-يىللاردا شائىرنىڭ « قۇياش ئۆلكىسى » ، « مۇھەببەت » قاتارلىق يىڭى شىئىرلار توپلاملىرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .
ئويغون ۋەتەن ئۇرۇشى يىللىرىدا خەلقنى سەپەرۋەر قىلىدىغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى يىزىپ ، ۋەتەننى قوغداپ دۈشمەنلەرگە زەربە بىرىش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتتى . ئۇنىڭ « ئانا » تىمىسىدىكى ئەسىرى (1942-يىل) ، « ئەلشىر نەۋائى » ( 1943-يىل ) ۋە « قالتىس ھەزىل » ( 1944-يىل ) قاتارلىق دىراماتىك ۋە كومىدىيەلىك ئەسەرلىرى مۇھىم رول ئوينىدى. شائىر ئەينى زاماندا « ئۆزبېكىستان » ، « ئارمىغان » ، « ھايات چاقىرىدۇ » قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىمۇ يازغان . 50-يىللاردا « كىيىنكى پۇشايمان » ( 1955-يىل ) ، « پەرۋانە » ، « ئەبۇ رەيھان بىرۇنى » ( 1973-يىل ) ، « ئىبىن سىنا » ، « زىبوننىسا » دىگەن دىرامما ئەسەرلىرى ئۆزبېكىستان دىرامما ساھاسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئىدى .
شائىر ئويغون 1951- 1954-يىللاردا ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار سايوزىنىڭ رەئىسى بولغان . 1965-يىلى خەلق شائىرى ، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەرباپ ، 70-يىللاردا پەنلەر ئاكادىمىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ، 80-يىللاردا ئەمگەك قەھرىمانى مىدالىغا ئىرىشكەن . ئۇنىڭ نەزمىي ، نەسرى ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە يىلتىز تارتىپ كەتكەن .
شائىر ئويغون ئەينى زاماندا پۇشكىن ، لىرمونتوف ، چىخوف ، تولىستوي ، شېكىسپىر قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلغان . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قىرىنداش مىللەتلەر تىلىغا ۋە دۇنيا تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئويغون 1990-يىلى 2-ئايدا 85 يېشىدا دۇنيادىن ئۆتتى . ئۇنىڭ روھى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن خەلق روھى بىلەن بىرگىدۇر .
1993-يىل تاشكەنت ، پەنلەر ئاكادىمىيەسى «پەن» نەشىرىياتى
« ئۆزبېك ئەدىپلىرى » دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.  م . زەيىدى.






ھاياتنى سۆيگەنلەر

ئاتا-بوۋىلىرىم سۆيۈشۈپ كەلگەن ،
نەۋرىلەرنىڭ ھەم سۆيگىنى ئېنىق .
مەن نىچۈن سۆيگۈدىن مەھرۇم بولايىن ،
سۆيگۈ ئاتەشىدىن يۈرىگىم يېنىق .

شۇ ئاتەش ئەمەسمۇ، مىنى قېرىتماي ،
سۆيگۈ قوشىغىنى دىلىمغا سالغان ؟ !
سۆيگۈ قوشاقلىرى تۈگىمەس ھىچ ۋاقىت ،
سۆيگۈ مىراس بولۇپ تارىختىن قالغان .

ھە، ئەگەر شۇ سۆيگۈ بولمىغان بولسا ،
ھاياتىمدىن مەزمۇن كەتكەن بولاتتى .
ئەگەر جۇدا بولسام مۇھەببىتىمدىن ،
ئۆمرۈم كەچكۈزدىكى گۈلدەك سولاتتى .

ئاشىقلار ئۆگەيلەپ قويمايدۇ مىنى ،
قوشۇلارمەن ئۇلار ئېيتقان پىكىرگە .
ھاياتنى سۆيگەنلەر چۈشىنەر مىنى ،
ھاياتنى سۆيگەنلەر مەن بىلەن بىرگە .

سۆيگۈ ۋادىسىگە باشلايلى سىزنى ،
سۆيگۈ ۋادىسىنىڭ باغلىرى سولىم .
سۆيگۈ قوشاقلىرى داۋام قىلىدۇ ،
بۇ قوشاقنى پەقەت توختىتار ئۆلۈم .
1967-يىل، دىكابىر، تاشكەنت


كۈز قوشاقلىرى

ھەر پەسىلنىڭ ئۆز خىسلىتى بار ،
ھەر پەسىلنىڭ ئۆز پەزىلىتى .
كۈمۈش قىشتىن، زۇمرەت باھاردىن ،
قېلىشمايدۇ كۈزنىڭ زىننىتى .

ئاسمان كۆپ-كۆك گويا بىر دىڭىز ،
سۇلار سۈپ-سۈزۈك ئاقار سايدا .
قوغۇنلارنىڭ خۇش پۇراقلىرى ،
شاماللار بىلەن تارقىلار ئاستا .

شىمالدىن جەنۇپقا يول ئالۇر ،
قۇشلار كارۋان بولۇپ تاڭ سەھەر .
كۆك باغرىدا تاۋلىنىپ قالار ،
غېر ئايلىنىپ كۈمۈش رەڭلىك پار .

كۈن ئاسماندىن ئىگىلىپ قارار ،
بەكمۇ روشەن يالقۇنلۇق كۆزى .
سىرىق كۆينەك كىيىپ كۆرەنگەن ،
بەرقۇت پەسىل بۇ كۈزنىڭ ئۆزى .

كۆپ-كۆك ئاسمانلىرى ، تىنىق سۇلىرى ،
زىننەتلىرى بىلەن قايتىپ كەلدى كۈز .
بارچىنى تېرىمغا، يىغىمغا چىللاپ ،
مەرتلىك ناخشىسىنى ئىيتىپ كەلدى كۈز .

كۈز كەلدى يۇرتىمىزغا كۈمۈش ئاپقۇردا
شىەربەت ئالغاچ كەلدى، بال ئېلىپ كەلدى .
سىۋەت-سىۋەت بىلەن شىرىن مىۋىلەر ،
ئامبارلارغا تولدۇرۇپ دان ئالغاچ كەلدى .

سەھەر تۇرۇپ ئېتىزغا باردىم ،
باشقىچىدۇر كۈمۈش دالىلار .
تاڭ پەيتىنىڭ گۈل مەنزىرىسى ،
يۈرەكلەرگە ئۆچمەس ئىز سالار .

كەيپىم چاغ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ناھار ،
سابادىن سورىدىم : بۇ قانداق پەسىل ؟
سابا جاۋاپ بەردى : بۇ پەسىل ئېسىل-
ئالتۇن كۆينەك كىيىپ كۆرۈنگەن باھار .
1936-يىل سىنتەبىر ، تاشكەنت


قەدەھ

قەدەھ كۆتۈرىدۇ پۈتۈن مەملىكەت ،
ھىچبىر قول بولمايدۇ قەدەھ تۇتمىغان .
كىشى تېپىلمايدۇ يىڭى يىل تۈنى ،
بىر قوۋۇز بولسىمۇ شاراپ يۇتمىغان .

باغدا باغۋەنلەر، تاغدا چوپانلار ،
جەسۇر پارتىزانلار كۆتۈرەر قەدەھ .
ئىشچىلار، جەڭچىلەر، قېرىلار، ياشلار ،
قىزىل پاسىبانلار كۆتۈرەر قەدەھ .

زوقلىنىپ ئۆزۈمگە نەزەر سالىمەن ،
قارشىمدا ، ئوڭۇمدا ، سولۇمدا قەدەھ .
كاسا گۈل تۇتىدۇ ، مەنمۇ تۇتىمەن ،
تاۋلىنار مىنىڭمۇ قولۇمدا قەدەھ .

لەۋلەردە تەبەسسۇم كۆزلەردە سىۋىنج ،
يۈرەكلەر دۈكۈلدەر ھەددىن زىيادە ،
بىرىنچى مىنۇتقا بولۇپ ئىنتىزار ،
دوسلارنىڭ قولىدا چايقىلار بادە .

كۈتۈلگەن دەم كىلۇر ، قەدەھلەر ئاستا ،
ئۇرۇلۇپ جاراڭلار يۈكسىلەر سادا .
قەدەھلەر ئاۋازىغا بولۇپ پەيۋەستە ،
يىڭى يىل قوشىغى قىلىنۇر ئادا .

كۆتۈرۈلگەن دەمدە بىرىنچى قەدەھ ،
مىليۇن تىلدا ياڭرار لېنىننىڭ نامى .
ئەڭ بىرىنچى نۆۋەت پارتىيە ئۈچۈن ،
پاكىز ئىچىلىدۇ زەپەرنىڭ جامى .

ئەڭ ئەزىز ، ئەڭ لەزىز ۋە ئەڭ مۇساپپا ،
شۇ ئۇلۇغ نام بىلەن ئىچىلگەن رومكا .
چۈنكى خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك ئارمانى ،
لېنىن نامى بىلەن تاپقان ئىپادە .

بۇنام غەلبىنىڭ ، ھاياتنىڭ رەمزى ،
بۇ نام سائادەتتىن بىشارە بېرۇر .
سۆيگۈ ھەم ، ئۈمىد ھەم ، زەپەر ۋە شان ھەم ،
گۈزەل كىلەچەكمۇ شۇ نامدا كىلۇر .

شۇ ئۇلۇغ نام ئۈچۈن ئىچىلەر شاراپ ،
قارشىمدا ، ئوڭۇم ھەم ، سولۇمدا  قەدەھ ،
مەن ھەم كۆتۈرىمەن كىلەچەك ئۈچۈن .
بەختىيارمەن مىنىڭمۇ قولۇمدا قەدەھ .
1949-يىل نويابىر


يوشۇرمىغىل ئىشقىڭنى زىنھار

دەيدۇلەركى ، دەردنى يوشۇرساڭ ،
ئىسىتمىسى ئەيلەر ئاشكار .
ۋەھالەنكى ، ئىشقىڭ بار ئىكەن ،
يوشۇرمىغىل ئاشىقتىن زىنھار .

سۆيگىنىڭنى ياخشى بىلىمەن ،
قىلمىساڭ ھەم ئېتىراپ ئۆزۈڭ .
دىلدا يانغان سۆيگۈ ئوتىنى ،
يوشۇرۇشتىن ئاجىزدۇر كۆزۈڭ .

گەرچە ، تىلىڭ يوشۇرۇپ مەندىن ،
سۆيگىنىڭنى تۇتسىمۇ پىنھان .
كۆزۈڭ روشەن ئەينەككە ئوخشاش ،
ئەكىس ئېتەر ئىشقىڭنى ھامان .

شول سەۋەپتىن ، كۆزلەر بارىدا ،
يۇشۇرمىغىن ئىشقىڭنى زىھار .
ئالدامچى تىل يوشۇرسا بەلكى ،
ساددا كۆزلەر ئەيلەيدۇ ئاشكار .



پۇشايمان يوق

( ھەزىل )

ئىلگىرى ھىچ قارىماس ئىدىڭ ،
يالۋۇرساممۇ بىكەتتە تۇرۇپ .
خالىماس ئىدىڭ مىنى كۆرۈشنى ،
ئۆتەر ئىدىڭ يۈزۈڭنى بۇرۇپ .

سۆھبەتلىشىش، سۆيگۈدىن گەپ يوق ،
ھەتتا بىر يول كۈلۈپ باقمىدىڭ .
ئىزھار قىلىپ بىر يول سۆيگۈڭنى ،
كۆكرىكىمگە گۈللەر تاقىمىدىڭ .

بىركۈن دىسەم : ھىجران ئوتىغا ،
ئەمدى ئارتۇق چىدالمايمەن ھىچ !
دىدىڭ : يىگىت ئەقلىڭ بارىدا ،
ئۆزۈڭنى تۇت بۇ سودىدىن كەچ !

ئەمما ، بۈگۈن كۆزلىرىمگە مەن
ئىشىنەلمەي ، ھەيرەتتە قالدىم :
قىيغاچ بېقىپ ، كۈلۈپ قارىدىڭ ،
قوللىرىمنى بوينۇڭغا سالدىم .

دىدىم : ھىجران تۈنى پۈتتىمۇ ؟
دىدىڭ : كەلدى بەخت قۇياشىڭ .
دىدىم : ۋىسال ئەبەدىمىكىن ؟
دىدىڭ : بەختتىن ئايرىلماس باشىڭ !

ئەركىلىدىڭ سىھىرلىك كۈلۈپ ،
ئىچ-دەپ تۇتتۇڭ شەربەت تولا جام .
ئەمما كىيىن ئويغىنىپ بىلدىم :
كۆرگەنلىرىم چۈش ئىكەن تامام .

مەيلى ، مىڭ رەت بۇ كۆرگەنلىرىم ،
چۈش بولسىمۇ رازىمەن ، مەيلى .
چۈنكى ، دىلدا ۋىسال ئۈمىدى ،
يەنە ئۆستى بۇ چۈش تۈپەيلى .

مەيلى ، ئەسلا پۇشايمىنىم يوق ،
شادلىغىمدىن كۆزلىرىمدە نۇر .
ماڭا بىر يول چۈشتە بولسىمۇ ،
كۈلۈپ باقتىڭ ،  شۇڭا ھەم شۈكۈر .
1948-يىل


سىھرىگەر

سىھرىگەر بار دىسە ئىشەنمەس ئىدىم ،
سىنى ئۇچراتتىممۇ ، ئەمدى ئىشەندىم .
سىھرىگەر ئىكەنسەن ، سىھىرلەپ ئالدىڭ ،
سۆيگۈڭگە تۇتۇلدۇم ، ئىشقىڭدا ياندىم .

يىپسىز باغلاپ ئالدىڭ ، بىر قىيا بېقىپ ،
قولۇڭغا چۈشەردىڭ ، مىنى توزاقلاپ .
قولدىن ئىلىپ قويدۇڭ ، ئىختىيارىمنى ،
ئەمدى كىتەلمەيمەن سەندىن يىراقلاپ .

مەندە ئىختىيار يوق ، ئەمدى ئويلىسام ،
پۈتكۈل ئىختىيارىم سىنىڭ قولۇڭدا .
شۇ ياققا بارىمەن ، نەگە باشلىساڭ ،
ئۆمرۈمنى سەرپ قىلىپ ، سىنىڭ يولۇڭدا .

ئۇزاقلاردا بولسام ، ۋىسال ئۈمىدى ،
ماڭا پۇرسەت بىرەر ، ماڭا جان بىرەر .
يىقىنىڭدا بولسام ، ۋىسال لەززىتى ،
دىلغا سىغمايدىغان ھاياجان بىرەر .

ئاخىر كىشى تىرىك ھاياجان بىلەن ،
سۇنار ئىشىق ئوتىدا يانمىسا يۈرەك .
بەختىيار بولۇرمىدىم ، ئۆزۈڭ ئەيت جانىم ،
سۆيگۈ لەززىتىگە قانمىسا يۈرەك .

تەغدىرىمدىن ئانچە خاپا ئەمەسمەن ،
خۇرسەندمەن ، شۇ كويغا چۈشكەنلىكىمدىن .
ئەمىنمەن ، سىنىڭمۇ يۈرىكىڭ ناتىنچ ،
كۆزىتىپ يۈرۈيمەن بىلگەنلىرىمدىن .

مىنى ئالدىغىنىڭ ، ئالدىغان جانىم ،
سەندە ئىنساپ دىگەن نەرسە يوق ئىكەن .
لىۋىڭگە لەۋ قويسام ، ئىككى گىلاس دەپ ،
لىۋىمنى كۆيدۈردى ، ئىككى چوغ ئىكەن .
1971-يىل

سەنسىز

يۈزۈڭنى قۇياشقا ئوخشاتتىم گۈزەل ،
ئەمدى سەنسىز ، ماڭا يورۇق كۈن يوقتۇر .
سەنسىز خەۋپ ئاستىدا قالۇر ھاياتىم ،
ئايرىلىش قەلبىمگە ئېتىلغان ئوقتۇر .

ئەگەر جىلمايمىساڭ ، بەختىم ياشنىماس ،
تەلىيىم گۈلشەنى سۇلىدۇ سەنسىز .
ئۆزۈڭ بىنا قىلغان سۆيگۈ ئېھرامى ،
ھىچ شۈبھىسىز خاراب بولىدۇ سەنسىز .

جامالىڭدىن مەھرۇم قىلمىغىن مىنى ،
ياشىشىم مۇمكىنمۇ قاراڭغۇ تۈندە .
سەنسىز ئۆتكەن ئۆمۈر ، تىرىكلىك ھايات ،
قولغا كىشەن ئىرۇر ، ئاياققا كۈندە .

سىنى قۇياشىم دەپ ئاتىدىم ئەمدى ،
مەن ئۈچۈن ياشىماق قىيىندۇر سەنسىز .
كۆز ياشلىرىم توپان ، ھەسرىتىم دىڭىز ،
ئاھىم ئوت چاچىدۇ ، قۇيۇندۇر سەنسىز .

تىنغان بوراندۇرمەن ، سۇنغان ۋولقانمەن ،
قىڭغايغان قىيامەن گۈزەلىم سەنسىز .
ئىڭرىغان سادامەن ، دىۋانە كەبى ،
دەرمانسىز سەرگەردان ، سايەمەن سەنسىز .

سىنى قۇياش دىدىم ، قۇياشلىق قىلغىن ،
مىنى مەھرۇم قىلما ھارارىتىڭدىن .
مەن كىچىك گىيامەن ساڭا ئىنتىلگەن ،
چەتتە قالدۇرمىغىن ساخاۋىتىڭدىن .


ئۆزەڭ ئەيت

نىمە قىلسام ساڭا ياقار ئىكەنمەن ؟
ئويلاپ-ئويلاپ ، تاپالمىدىم ، ئۆزەڭ ئەيت !
شىۋىرلاپ قوي ، قۇلىقىمغا ، گۈزەلئاي ،
سائادەتنىڭ مەناسىنى ، كەلسە پەيت .

مەن ئۇزاقتىن ، ساڭا ئاشىق بولۇشنى ،
ئۆز-ئۆزەمدىن سائادەت دەپ يۈرەتتىم  .
شۇ سەۋەپتىن قىلچە قالماي ئىزىڭدىن ،
دائىم يۈرگەن يوللىرىڭدا تۇراتتىم .

ئاداشقىنىمدۇرمۇ ؟ گۈزەل ۋە ياكى ،
بىھۇدىمۇ يوللىرىڭدا تۇرۇشۇم .
ئەيتىپ بەرگىن ، ئەيىتقۇلىققا كەلدى پەيىت ،
ئارتۇقچىمۇ ، ئۈمىد بىلەن يۈرۈشۈم ؟

كىلەرسەنمۇ ، ئايدەك تولۇپ ، ئايدىڭدا ،
بۇ سەپەر ھەم ، چىمەنزاردا كۈتەيمۇ ؟
تۈگىدىمۇ ، ياكى ۋىسال كۈنلىرى ،
ھىجرىڭدا مەن قانۇ-زەرداپ يۇتايمۇ ؟

نىمە قىلسام ، خۇش كىلىدۇ كۆڭلۈڭگە ؟
چۈمەن بولۇپ ئېچىلايمۇ قېشىڭدا ؟
يۇلتۇز بولۇپ يورۇتايمۇ يولۇڭنى ؟
بۇلبۇل بولۇپ سايرايىنمۇ بېشىڭدا ؟

سالقىندىتىپ ، يەلپە -يەلپە يۈزۈڭنى ،
دەريا بولۇپ ئاقايمۇ يا، يىنىڭدىن ؟
بىر نەرسە دە ، ئىنتىزارمەن كۆڭلۈڭگە ،
نىمە قىلسام خۇش كىلىدۇ ، جېنىڭدىن ؟

گولاپ بىلەن يۇيايمۇ يا ، زۇلپىڭنى ؟
شامال بولۇپ سىلايمۇ گۈل يۈزۈڭنى ؟
بىزەك قىلىپ ، مەر-مەردەك ئاق بوينۇڭغا ،
شەبنەملەرنى ئىنجۇ قىلىپ ئاسايمۇ ؟

يايلاقلاردىن دەستە-دەستە گۈل تىزىپ ،
قۇچاق-قۇچاق گۈل تۇتايمۇ قولۇڭغا ؟
بىر ئىشارە ، بىر ئىما قىل ، گۈزەلىم ،
ئۈمىد بىلەن كۆز تۇتتۇم مەن يولۇڭغا .

مەن ئەجەپمۇ ، ساڭا زارمەن گۈزەلىم ،
چۈشەنمىدىم ، سەنمۇ ماڭا زارمۇسەن ؟
نىمىشكىمۇ ، ماڭا ئۇنچە خوشاڭ يوق ؟
راستنى ئەيت ، يا ئۆزگىگە يارمۇسەن ؟
1969-يىل مارت

خەزىنىچى

مىنى گەپكە سالما ، ۋاختىمنى ئالما ،
كۆڭلۈمدە بارىنى يېزىپ قالايىن ،
ئەقلىمنى ، ھىسسىمنى ۋە ئىلھامىمنى ،
ئىمكانى بارىچە ئىشقا سالايىن .

بېشىمدىكى گۆھەر ، قەلبىمدىكى دۇر ،
بەرى خەلقىمنىڭكى ، خەلقىمنىڭ مۈلكى .
بىرەرتال گۆھەرنى يوشۇرۇپ قېلىپ ،
يەنە ، ئەل ئالدىدا بولمايلى كۈلكە .

ھەققىم يوق بىرەر تال گۆھەرنى ، دۇرنى ،
يوشۇرۇپ قىلىشقا ، خەلققە بەرمەستىن .
يېزىلماستىن قالسا بىر-ئىككى شىئىر ،
دىيىشەر خىيانەت قىلىپتۇ قەستەن .

كاللامدا نىمە بار ؟ قەلبىمدە نە بار ؟
ئەلنىڭدۇر ، مەن پەقەت خەزىنىچىمەن .
مەن پەقەت باغۋەنمەن ، خەلققە مەنسۇپدۇر ،
شىئىرىيەت بېغىدا گۈللىگەن چىمەن .

1967-يىل ، نويابىر

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :   م . زەيىدى




سېرگىي يېسىنېن شېئىرلىرىدىن

ئانامغا مەكتۇپ

سېرگىي يېسىنېن(روسىيە)

سالامەت تۇرغانسەن ، مېھرىبان ئانا ،
مەنمۇ ھەم سالامەت ، سەن بولغىن ئامان .
سۆيۈملۈك شۇ كىچىك ئىللىق كۆلبەڭگە ،
زەر قۇياش نۇرلىرى يار بولسۇن ھامان .

مەن ئۈچۈن يۈرىكى پارە دەپ سېنى ،
كەلگەن شۇ خەتلەردىن غەمكىندۇر دىلىم .
تەلمۈرۈپ يولۇمغا كونا يېپىنچاڭ ،
شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرۇپتۇ دائىم .

گۇگۇمنىڭ پەردىسى يايغاندا ئېتەك ،
بولغۇسى ئالدىڭدا مۇنداق ئىش زاھىر :
سۇغۇرۇپ قېنىدىن قانلىق شەمشىرىن ،
تىققۇسى كۆكسۈمگە ئالجىغان قاتىل .

ئەنسىرەش بېھاجەت بولما پەرىشان ،
خىيالىي تۇيغۇلار قىيناپتۇ سېنى .
ھاراقكەش ئەمەسمەن قانماستىن ئاڭا ،
بىۋاقىت سەپ بەرگەن ئەزىز جېنىنى .

ۋاپادار ئوغلۇڭمەن ئۆزگەرمىدىم ھېچ ،
قەلبىمدە يانىدۇ ئۇلۇغ بىر تىلەك .
قۇتۇلۇپ ئەمىنسىز – ئەنسىز كۈنلەردىن ،
شۇ ئىللىق ئۆيۈمگە قايتسامكەن تېزرەك .

مەن چوقۇم قايتىمەن نەۋ باھار پەسلى ،
گۈللەر خۇش ھېدىنى چاچقاندا راسا .
ئۆتۈنەي سەككىز يىل ئاۋالقىدەكلا ،
سەھەردە ئويغىتىپ سالمىغىن ئانا .

ئۇنتۇپ كەت ، ئۇنتۇلماس ئېغىر كۈنلەرنى ،
ئەمەلگە ئاشمىغان ئىستەكلىرىڭنى .
بۇ ھايات خوشاللىق بەرمىدى ماڭا ،
ئازابقا تولدۇرۇپ يۈرەكلىرىمنى .

مەن ئۈچۈن تىلاۋەت قىلساڭمۇ كۈن – تۈن ،
ھېچ قايتىپ كەلمەسكەن شۇ گۈزەل چاغلار .
يەتكۈچە دىل ئازار يېگەن ئوغلۇڭغا ،
بىر ئۆزۈڭ سەن مەلھەمسەن ، بىر سەن نىجاتكار .

يۈرىكىڭ داغلانغان كۈنلەرگە خوش دە ،
زەپەردەس ئوغلۇڭچۈن يۈرمىگىن غەم يەپ .
بارسام ، شۇ جۇل – جۇل كونا يېپىنچاڭ ،
شامالغا ئەگىشىپ تۇرماس لەپىلدەپ .
1924 – يىل

(سەنەۋۋەر ئابدۇراھمان تەرجىمىسى)






ئانامدىن مەكتۇپ
سېرگي يېسنېن(روسىيە)

ئەمدى نە ھەم ئويلاپ تاپىدۇ خىيال،
جاۋاپنى ئويلايمەن چېكەمنى تۇتۇپ.
ئۈستىلىم ئۈستىدە ياتار خاپىغان
جان ئانام ماڭىلا يوللىغان مەكتۇپ.

«كۆزىمىز تۆت بولدى، بالام، قايتىپ كەل.
ياخشىدى بايرامغا كەلسەڭ، ئۈلگۈرۈپ،
ئاتاڭغا ئىشتانلىق، ماڭا يۇڭ رومال
ئېلىپ كەل، بىزلەردە كەمچىلىك تالاي.

ماڭا ھېچ ياقمايدۇ شائىرلىقىڭ ھەم،
ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ تاپقان شۆھرىتىڭ.
ئۇندىن كۆرە ھارۋا ھەيدىسەڭ، بالام.
ئابروي كەلتۈرەتتى ھالال مېھنىتىڭ.

مەنمۇ ھەم قېرىدىم،ھېچ يوق دەرمانىم،
ئاھ ! سەن بولساڭ ئىدىڭ مېنىڭ يېنىمدا .
كېلىنلىك بولاردىم، بىرلا ئارمانىم-
نەۋرەمنى سۆيەردىم ئاسراپ جېنىمدا.

سەن بالا-چاقىلىق بولمىدىڭ،ئەسلا.
ئۆزگىگە يۈرەكنى بەردىڭغۇ ئاسان.
ئائىلەڭ بولسىيدى، دوستۇڭ بولسىيدى،
ساڭىلا مەيخانا بولماستى ماكان.

ئەزىزىم، جان بالام نىمبولدى ساڭا،
يۇۋاش ھەم قابىلتىڭ بىرچاغ نەقەدەر.
ئەل-يۇر ھەۋەستە ئېيتاتتى ماڭا:
ئالېكساندېر يېسنېن-بەختىيار پەدەر.

ئەپسۇس، نىيىتىمىز بولمىدى ھاسىل،
بەربات بولدى ئاخىرقى ئۈمىدىمىز ھەم.
ئاتاڭ ئويلايتتى شېئىر يېزىپ چوقۇم،
بىر دۇنيا پۇل تېپىپ كېلىدۇ بالام.

ئەمما سەندىن بىرسوم كەلمەس، بالا جان.
ئۆكۈنۈشلىرىمنىڭ باش سەۋەبى شول،
خام تاما بوپتىمىز، ھالىڭدىن ئايان:
تۆلىمەس ئىكەنغۇشېئىر يازسا پۇل.

ماڭا ھېچ ياقمايدۇ شائىرلىقىڭ ھەم،
ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ تاپقان شۆھرىتىڭ.
ئۇندىن كۆرە ھارۋا ھەيدىسەڭ، بالام.
ئابروي كەلتۈرەتتى ھالال مېھنىتىڭ.

ئەمدى بولسا بىزنى ئەزدى غەم، ئەلەم،
ئات يوق، پۇل يوق، بېرىپ ئالساق نەخ سومغا.
ئۆيدە بولساڭ ئىدىڭ، ئۇ زېھنىڭ بىلەن،
رەئىس بولاتتىڭ بىزنىڭ رايكومغا.

باشقىچە بولاتتى بىزنىڭ تىرىكلىك،
سەرسان يۈرمەس ئىدىڭ سەن ھەم يىراقتا.
خوتۇنۇڭ يېنىمدا ئۇرچۇق ئىگىرىپ،
سەن بىرگە قاراردىڭ قېرىغان چاغدا...»

خەتنى مۇجۇقلايمەن، سۆز ئېيتماق قىيىن،
ئاھ، بارمۇ گىرداپتىن چىقماققا ئىمكان.
يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىمەن كېيىن،
جاۋاپ مەكتۇبۇمدا قىلىمەن بايان.


ئايالغا مەكتۇپ


ئاشۇ كۈن، ئەلۋەتتە، يادىڭىزدىدۇر،
بىرچەتتە قىسىلىپ ئاجىز تۇرغىنىم.
غەزەپلىك ئىدىڭىز، بىغايەت ئېغىر-
سۆزبىلەن ئۇردىڭىز بېتىمگە مېنىڭ.

دېدىڭىز؛بەس، يىتەر،ئايرىلىش كېرەك،
بىتەرتىپ ئۆمرۈمدىن تاقىتىڭىز تاق.
ئىزدىمەك بولدىڭىز ئاقىلراق ئەركەك،
مېنىڭ قىسمىتىمچۇ،تۆۋەنلەپ كەتمەك.

مەن سىزنى سۆيەتتىم، سىز مېنى ئەسلا،
پەرۋا قىلماستىڭىز، مەن ئىدىم بىھال-
شەدات بىر قورۇقچى خالايىق ئارا
قامچىلاپ چاپتۇرغان شورلۇق ئات مىسال.

سىز بىلمەس ئىدىڭىز، بوراندا، ئاخىر،
مېنى ئۆز باغرىغا تارتاتتى گىرداپ.
نەگىدۇر تارتماقتا بىزلەرنى تەقدىر،
بىلەلمەي چېكەتتىم ئاچچىق ئىزتىراپ.

يۈزىنى كۆرمەك تەس بېقىپ يېقىندىن،
ھەرنەرسە يىراقتىن كۆرۈنەر ئايان.
دېڭىز ھەركەتكە كەلسە دولقۇندىن،
بىلىڭكى، كېمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.

يەر كاتتا كېمىدۇر كىندۇر ناگاھان
يېڭى ھايات ئۈچۈن، يېڭى شان ئۈچۈن
بۇ يوغان كېمىنى دەھشەتلىك بوران،
دولقۇنلار قوينىغا يوللايدۇ بۈگۈن.

تېنىچسىز دېڭىزدا چايقالسا كېمە
بېشى قايمىغان، يىقىلمىغان كىم؟
بەكمۇ ئاز، بەكمۇ ئاز، بۇنداقلار بىزدە،
ئۇلارنىڭ ئىدراكى قەلبىگە ھاكىم.

شۇندا مەن خالايىق شاۋقۇنى ئارا،
ئوخچىغان يۈزلەرگە قاراشتىن تالدىم.
شۇندا مەن، تاقەتسىز،كېمىنىڭ قارا
ۋەيرانە ئۆيىگە كىرىپ يوقالدىم.

قەھۋەخانا ئىدى بۇ پەستىكى ئۆي،
شۇ كۈندىن قەدەھكە ئېگىلدى بېشىم.
دۇنيانى ئۇنۇتتۇم تامام مەستانە،
مەي بولدى ھاياتتا يالغۇز يولدىشىم.

سۆيگىنىم! مەن ئۈچۈن-قىينالدىڭىز كۆپ،
غەمكىن كۆزىڭىزدىن سېزەتتىم بۇنى.
ئاخىرمەن شاراپقا باش بىلەن چۆكۈپ،
غەۋغاسىز ئۆتمەيتتى بەربىر كۈنۈم.

سىز بىلمەس ئىدىڭىز، بوراندا، ئاخىر،
مېنى ئۆز باغرىغا تارتاتتى گىرداپ.
نەگىدۇر تارتماقتا بىزلەرنى تەقدىر،
بىلەلمەي چېكەتتىم ئاچچىق ئىزتىراپ.

مانا، يىللار ئۆتتى،ئۇلغايدى يېشىم،
پىكىر ھەم ھېسلىرىممۇ ئۆزگىچە پۈتۈن.
بايرام شارابىدىن كۆتەرمەي بېشىم
ئىلاھقا شەرەپ-شان ئوقۇيمەن بۈگۈن.

دىلىمدا ئەركىلەپ نازۇك تۇيغۇلار
سىزنىڭ غېمىڭىزنى يادىمغا ئالدىم.
ئالدىراپ سىز تامان بەرمەككە خەۋەر:
بىر زامان كىم ئىدىم، كىم بولۇپ قالدىم.

سۆيگىنىم! سۆيۈنۈپ قىلىمەن بايان،
مەن بىر تىك قىيادىن يىقىلماي قالدىم.
شورالار يۇرتۇمدا ئەمدى بۇ زامان
مەن ئەشەددىي ھەمرا.نامىنى ئالدىم.

مەن تامام باشقىمەن، يار بولسام بۈگۈن
سىزنى قىينىماستىم بەلكى بۇ قەدەر.
شانلىق مېھنەت ئۈچۈن، ئەرك، بەخىت چۈن
بېرىشقا تەييارمەن، قىيامەت قەدەر.

سىزمېنى كەچۈرۈڭ، سىز ئەمدى باشقا.
بۈگۈن سىزگە ئاقىل، جىددىي ئەر ھەمدەم.
بىزنىڭ تەشۋىشلەرنى ئۇرماڭ بېشىغا،
زەرچە كېرەك ئەمەسمەن سىزگە ئۆزەم ھەم.

مەيلى، ياشاڭ يېڭى يارنىڭ ئالدىدا
كۆپ بەخىت كۆرگەيسىز شۇدۇر تىلىگىم.
سىزگە سالام بىلەن، سىزنى يادىدا
دائىما ساقلىغۇچى سېرگي يېسنېن.


يۇقىرىدىكى ئىككى مەكتۇپ سېرگي يېسنېننىڭ تاشكەنت«يېڭى ئەسىر ئەۋلادى»نەشرىياتى 2007-يىلى نەشرقىلغان «پارىس لېرىكىلىرى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار




پوشكىن شېئىرلىرى

1

مھرىبان نىگارىم ئەڭ ئاخىرىقى رەت
مەن يىتىپ كىلمەن سىنىڭ ئۈيۈڭگە
سۈرىمەن سۆيگۈ ۋە ئارام پەيزىنى
ئاخىرىقى دەقىقە سەن بىلەن بىللە
ئەمدى سەن تەشۋىشلىك كۈتۈشلەر بىلەن
ساقلما قاراڭغۈ كىچىدە مىنى
ئەمدى سەن قايتىدىن ياندۈرمىغىن شام
چۈشۈشتىن ئىلگىرى تۇنجى تاڭ نۈرى .


نىمىگە ئەرزىيتتىڭ شەھۋەت شاتلىغى
چىن سۆيگۈ ۋە بەخىت مۈجەسسەم قىلغان
شۈ سرلىق گۈزەللىك زەۋقى ئالدىدا
ھاۋايى-ھەۋەستىن كەلگەن ئەي شادلىق
نىمىگە ئەرزيسەن قىنى ئىيتقىنا
ئۈ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ شاتلىقلىرىغا
مۆمكنىمۈ ئۈچقاندەك بارمىقىم قايتىپ
نىچۈن ئاي نۈرى ۋە شۈ خۈشال دەملەر
يالىتتىدە چاقناپلا بۈلىدۈ غايىپ
نىمىشقا قىزارسا تاڭنىڭ شەپىقى
شۈ نەس كەچ ئاستا كىتىدۈ يىنىپ
نىمىشقا ئالدىراش كىتىپ قالسەن
سەن ئەي ئاي نۈرلانغان ئۈپۈققا پىتىپ
تۇيۇقسز چاقنسا كۆندۈزنىڭ نۈرى
سۈيۈملۈك يار نىچۈن كىتەر ئايرىلىپ

1816- يىلى


2
ئاھ نىچۈن ئۈنىڭكى ئايان قىلغىنى
ئاھ نىچۈن ئۈنىڭكى ئايان قىلغىنى
پەقەتلا بىر دەملىك شىرىن لاتاپەت
جۈش ئۈرۈپ تۇرسىمۈ ياشلىق باھارى
رۈشەنكى ئۈسۈلۈپ بارماقتا سۈ پەيىت

ئۈ خازان بۈلىدۈ ئەمدى ئۈزاقراق
سۈرەلمەي ياشلىقنىڭ پەيزىنى قىنىپ
بەختيار ئائىلە شادلىقى ئەمدى
ئۈنىڭغا مەڭگۈگە بولمايدۈ نىسىپ

ئۈ غەمسز سۈيۈملۈك ئۆتكۈر زىھنىدىن
جانلىنىپ بارماقتا سۆھبەت بىزدىكى
تاپماقتا پاك،ئىللىق نۈرلۈق قەلبدىن،
دەرىت تارتقان ئادەمنىڭ جىنى تەسەللى

مەن ئىغىر ۋە ئەنسىز خىيالغا ئەسرا
يۇشۇرۇپ دىلدىكى ئازاپ لەرزىنى
ئاڭلايمەن. قىيالماي ھەر بىر سۆزىگە
تاماشا ئەيلىگەچ گۈزەل چھرىنى

قارايمەن ھەر بىر ئوز قىلىقلىرىغا
ئاڭللايمەن بىرىلىپ ھەر بىر سۆزىنى
مەڭگۈلۈك جۈدالىق ئاخىرقى پەيتلەر
تتىرىتەر يۇرەكنىڭ چۈڭقۈر تەكتىنى

1820- يىل


ئىچىنمايمەن سىنىڭ ئۈچۈن


تارتشمايمەن ساڭا ياشلىق ئۆتۈپ كەتتىڭ سەن
ئىشقا ئاشماس سۆيگۈنىڭ خام-خىيالى بىلەن.
تارتشمايمەن ساڭا خىلۋەت كىچە سىرلىرى
ئاشۈ ئوتلۈق قۈمۈش نەيدە كۆيلنىپ ئۆتكەن.

تارتشمايمەن ساڭا ئەمدى ساداقەتسز دوست
سورۈنلارنىڭ گۈلتاجى ۋە سۈنۈلغان شاراپ .
تارتشمايمەن ھېسياتسز قىز،چۆكىمەن پەقەت
ئېغىر ئويغا،
مەست قىلالماس ۋىسال قايتلاپ.

بىراق نەدە ئىزدەيمەن ياش قىران ئۆمدنى
قىنى ئاشۈ دىل ئارامى،ھاياجانلىق پەيت ؟
نەدە ئاشۈ ئوتلۈق ھېسلار، ئىلھام ياشلىرى،
قايتىپ كەلگىن ياشلىق باھار، ۋۈجۈدۈمغا قايت

1820- يىلى


مورپېسقا

ئەي مورپېس سەھەر تاڭ ئىتىشتىن ئاۋال
تەسەللى بەر مىنىڭ دەرتلىك سۆيگۈمگە
كەل ئۆچۈر چىراقنى تىلە بەختىمنى
يەتسۈن دەپ شۈ گۈزەل تىلەكلىرىمگە

ئۆچۈرگىن ھەسرەتلىك ئەسلىملەردىن ،
ھجراننىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈملىرىنى
ئاڭلاتقىن يىقىملىق ئۈننى يارنىڭ
كۆرسەتكىن يىقىملىق قاراشلىرىنى
كىچىنىڭ زۈلمىتى يۈتكەندە بۈندىن
سەنمۈ كۆز ئالدىمدىن ئۆچىسەن دەرھال
تىلەيمەن سۆيگۈنى ئۈنتۇپ يۈرىگىم
تىچلانغىن يەنە كەچ كىلشتىن ئاۋال


خەير-خوش ۋاپادار ئەي،دوپ ئورمنى


خەير-خوش ۋاپادار ئەي،دوپ ئورمىنى،
خەير- خوش دالانىڭ غەمسىز جىملىقى.
شۈنچە تىز ئۈچقاندەك ئۆتكەن يىللارنىڭ
ئازادە شاد-خۈرام سۆيگۈ شادلىقى.

خوش ئۈچ تاغ يىزىسى، ماڭا بۈ جايدا
كۆپ قېتىم خۈشاللىق ئاچقان كەڭ قۈچاق،
ئايرىغان بولسىمۈ مەڭگۈلۈك ھىجران،
شۈ شىرىن گۈزەللىك ئۈنتۈلسۈن قانداق؟

مەڭگۈلۈك ئايرىغان پەقەتلا ھىجران،
ئەسلىمە سىلەردىن ئېلىپ كەتكىنىم .
قالدۈرۈپ كەتكىنىم بۈندا يۈرىكىم
ۋە شىرىن خىيالي ئستىكى بەختنىڭ
قايتىمەن قوينۈڭغا بىر كۈنى بەلكىم.


ناخشىچى

ئاڭلىغانمۈ ئورماندىن كەلگەن كېچە كۈيىنى،
بىر ناخشىچى كۈيلەيدۈ ئازاپنى ھەم سۆيگۈنى؟
ئاڭلىغانمۈ سۈكۈتكە چۈمگەندە تاڭ دالىسى،
قۈمۈش نەينىڭ ياڭراتقان مۈڭلۈق دەرتلىك ئۈنىنى؟

ئۈچراتقانمۈ ئورماننىڭ جىمجىت خىلۋەتلىرىدە
بىر ناخشىچى كۈيلەيدۈ ئازاپنى ۋە سۆيگۈنى ؟
ھىس قىلغانمۈ ئۈندىكى كۆز ياشمۈ يا تەبەسسۈم
ۋە يا ئۈنىڭ ھەسرەتتە ئۈنسىز سۈلغۈن قارىشى ؟

ئۈھسىنغانمۈ كۆيلەرنىڭ ئاڭلاپ لەرزان ئۈنىنى؟
بىر ناخشىچى كۆيلەيدۈ ئازاپنى ھەم سۆيگۈنى .
ئۈچراتقاندا شۈ ياشنى خىلۋەت ئورمان ئىچىدە،
ئۈھ تارتقانمۈ كۆزىدىن كۆرۈپ ھەسرەت سىرىنى ؟





رۇس شېئىرلىرىدىن تاللانما

مۇھەممەت چاۋار تەرجىمىسى


ۋىرمىل.خېلبونىكوۋ شېئىرلىرىدىن

ۋىرمىل.خېلبونىكوۋ(1885-1922) روسسىيىنىڭ سېتىرو كەلگۈسىچىلىك ئېقىمىدىكى شائىر.ئۇسۆز ئىجات قىلىش ۋە سىرلىق ،چۈشۈنۈكسىز ئىپادىلەش بىلەن داڭ چىقارغان.

تىنىقدىن قالىدۇ ئۆلگەندە تۇلپار...

ئۆلگەندە خازانغا ئايلىنار گىياھ.
تىنىقدىن قالىدۇ ئۆلگەندە تۇلپار
قارىداپ كېتىدۇ ئۆلگەن چاغدا كۈن
ئادەملەر ئۆلگەندە كۈي-ناخشا ئىيتار.


1913-يىلى

(«روس كۈمۈش دەۋىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.گۈل شەھرى نەشىرياتى 2000-يىل نەشىرى.)




فۇۋانوۋ. سىتانتىن. مىخايلوۋىچ. فۇۋانوۋ ( 1862- 1911 ) ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ يىتىلگەن، ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا نامراتلىقتا ئۆتكەن. ئۇنىڭ شئېرلىرى رىئاللىقتىن قىچىپ خىيالغا بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئوبراز خاراكتىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھازىرقى زامان پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق بولغانلىقتىن، بولىسوۋ، سىۋىيلىيانىن قاتارلىقلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ پىرى ھىسابلايدۇ.


ئاسمان بىلەن دىڭىز


سەن كائىناتتا زۇلمەتلىك ئاسمان،
مەن قارا دېڭىز،سىناپ باق قېنى.
سوغۇق قەبرە كۆمگەندەك ئۆلۈك،
دەپىن قىلىمەن ھەر دائىم سېنى.

يەنە بىر رەت قىزغۇچ سەھەردە،
ئايلىنىسەن رەڭدار شەپەقنى.
دولقۇنلىرىمنى يۇيۇپ نۇرىڭدا،
يالتىرايمەن ياپ- يىشىل رەڭدە.

مۇبادا سەن قارا بۇلۇتدىن،
زەڭگەر كۆكنى تاشلىساڭ كۆمۈپ.
سۈرۈپ شۇئان قوغلاپمەن ئۇنى،
ئۇپقۇنىمدىن بوران كۆتۈرۈپ.

(«روس كۈمۈش دەۋىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.«گۈل شەھرى نەشىرياتى 2000-يىل نەشىرى.)



مىخائىل.يۇلىيىۋېچ.لىرمۇنتۇۋ شئېرلىرىدىن
( 841 - 1814 رۇسىيە)
مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى

ماۋزۇسىز

بىز ئايرىلدۇق ئەمما سۈرىتىڭ
يۈرىكىمدە ساقلاقلىق چوڭقۇر.
گۈزەل دەملەر كۆلەڭگۈسىدەك،
غەمناك دىلغا بېرىدۇ ھۇزۇر.
بەخشەندىمەن يېڭى تۇيغۇغا،
سۆيەلمەيمەن ئەمدى مەن، بىراق:
كونا قەسىر – كونا بۇتخانا،
بۇت يىقىلسا روھ يانا شۇنداق.

« چەتئەل مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت شئېرلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.




روژ گېسىتۋىنىسكى شېئىرلىرىدىن
( 1932 -. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى )
مۇھەممەت چاۋار تەرجىمىسى

ماۋزۇسىز

- بىرەمدىمەن ساڭا مۇھەببەت؟
- ماڭا بەر.
- ئۇ، بۇلغانغان ناپاك، نىھايەت...
- شۇ ناپاكنى بەر.
- ئاچايمىكىن تەقدىرىمگە پال...
- ئىچىپ باق.
- سوراپ باقاي يەنە بىر سۇئال...
- سوراپ باق.
- ناۋادا ئىشىكىڭنى چەككىنىمدە مەن...
- كىرگۈزىمەن سېنى خاتىرجەم.
- ناۋادا چىللىسام سېنى ئۆيۈمگە...
- يول ئالىمەن شۇئانلا بىغەم.
- سېنى ئەگەر كۈتسىچۇ ئاپەت؟
- پەرۋاسىزمەن بالا قازادىن.
- ئالدىسامچۇ سېنى مۇبادا؟
- كۆڭلۈم يىراق نەپرەت- نىزادىن.
- ناخشا ئېيىتقىن، دېسەم ناۋادا،
- ناخشا ئېيتىپ كېتىمەن توۋلاپ.
- ئىشىك تاقاق دېسەمچۇ ئەگەر،
- مەن ئىشىكنى تاقايمەن مەھكەم.
- ئادەم ئۆلتۈر دىسەمچۇ ساڭا،
- جان ئالىمەن بىرىپلا شۇ دەم.
- مەن ئەگەردە ئۆلۈۋال دېسەم،
- جان بېرىمەن شۇئان ھايالسىز.
- سۇدا قالدىم دېسەم تۇنجۇقۇپ؟
- قۇتقۇزىمەن سېنى شۇ ھامان.
- يارىلاندىم قۇتقاز دىسەمچۇ؟
- تاقەت بىلەن كۈتىمەن ھامان.
- مۇبادا تام توسسا يولۇڭنى،
- ئۆرۈپ تاشلاپ ماڭىمەن شەكسىز.
- ئەگەر بولسا يېشىلمەس تۈگۈن؟
- چاناپ- چاناپ تاشلايمەن شەرتسىز.
- ئەگەر يۈزلەپ بولسىچۇ تۈگۈن؟
- مەن چانايمەن يۈزلەپ ھەر نۆۋەت.
- مۇھەببەت بەر ماڭا دېسەمچۇ؟
- سۆيگۈ- مۇھەببەت؟
- ئامال بولماس ئاڭا ھېچقاچان.
- نېمىشقا؟
- چۈنكى سۆيەلمەيمەن قۇلنى ھەر قاچان.


« چەتئەل مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت شئېرلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق بايازدىن تەرجىمە قىلىندى.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.2000-يلى10-ئاي نەشىرى.






ئا.س.پوشكىن شىئېرلىرىدىن
( 1799 – 1837 . رۇسىيە)
مۇھەممەد چاۋارتەرجىمىسى



ھايات ئالدىسا سېنى مۇبادا

ھايات ئالدىسا سېنى مۇبادا،
رەنجىمە، ئارتۇقچە ئازاپمۇ چەكمە.
ئۆزۈڭنى تۇتىۋال غەملىك كۈنلەردە،
كېلىدۇ دىلئارام كۈنلەر، ئۆكۈنمە.

ئەتىگە تەلپۈنەر كۆڭۈل ھەر قاچان،
پەرىشان بولما ھېچ بۈگۈنگە قاراپ.
ھەممىسى كېتىدۇ، بولىدۇ غايىپ،
قالىسەن كۆڭلۈمدە ئۆتمۈشنى يادلاپ.

1825 – يىلى


كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي


كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي،
ئۇچراپ قالدى خۇشال شەپەقگە.
بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز- سوغۇق،
شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا،
ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە.
كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا،
مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا.


« پوشكىن تاللانما ئەسەرلىرى» دىن تەرجىمە قىلىندى.





يېسنىن شېئىرلىرىدىن
قەيسەر تۇرسۇن تەرجىمىسى


ئالتۇن رەڭ دەرەخزار تىمتاس شۇ قەدەر


ئالتۇن رەڭ دەرەخزار تىمتاس شۇ قەدەر،
ئاق قىيىن سۆزلىمەس بۇندا شاد _ خۇرام.
تۇرنىلار پەرىشان كەتتى يىراقلاپ،
كىمدىندۇر مېھرىنى ئۈزەلمەي تامام.

قىيالماس ئايرىلىپ كېتىشكە كىمدىن،
ئىنسانلار دۇنياغا مېھمانغۇ پەقەت!
سىردىشىپ كۆكتىكى تۇلۇن ئاي بىلەن،
كەندىرلىك سېغىنار ھەممىنى قەۋەت.

مەن تەنھا تۇرىمەن دالىدا ئۇزاق،
تۇرنىلار سېپىنى ھەيدەيدۇ شامال.
سېغىندىم شادىمان چاغلىرىمنى مەن،
سۈرمەيتتىم ئۇ چاغدا ئازابلىق خىيال.

ئۆكۈنۈپ يۈرمەيمەن ئۆتمۈشۈمگە، ھەم
قەلبىمنىڭ غۇنچىسى چەكسە نادامەت.
قىپقىزىل گۈلخاندەك دولانا گۈلى
بېرەلمەس ھېچقانداق دىلغا ھارارەت.

نۇرلانغان دولانا كۈل بولماس كۆيۈپ،
سارغايغان ئوت _ چۆپلەر بولمايدۇ خازان.
تۆكۈلەر دەرەخنىڭ ياپراقلىرىدەك
سۆزلىرىم ئاغزىمدىن شۇنچە پەرىشان.

بەئەينى شامالدەك غۇيۇلداپ ۋاقىت
سۆزۈمنى ئۇچۇرۇپ كەتسە گەر يىراق،
ئېيت ئاڭا: ئالتۇنرەڭ ئورمانلار يەنە
سالمايدۇ يۈرەكنىڭ ئۈنىگە قۇلاق.


ئاپئاق قارنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن شاماللار
ئاپئاق قارنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن شاماللار
ئۆتمۈشۈمنى قېنى تېزرەك تاشلاڭلار كۆمۈپ.
بولۇپ قالاي خۇشاللىققا ھەمدەم بىر بالا،
ياكى چىقاي چۆپلۈك ئارا گۈل بولۇپ ئۈنۈپ.

پادىچىنىڭ نەي ئۈنىگە سالغىم بار قۇلاق،
قىلاي بارچە ئادەملەرگە جاننى تەسەددۇق.
پۈركەنمەكتە گۇگۇمدىكى قارغا ھەممە يەر،
ياڭرار ئۈنى قوڭغىراقنىڭ شۇنچىلىك ئوچۇق.

دىل تارىنى چېكەر لەرزان نەينىڭ ساداسى
ھەسرەت بىلەن گىرەلىشىپ قارلىق شامالدا.
تۇرغۇم كېلەر يول بويىدا بىر پۇتۇم بىلەن،
بىر چوڭ دەرەخ تۇرغاندەك قەد كۆتۈرۈپ گويا.

تىۋىشىنى ئاڭلىغىم بار ئاتلارنىڭ يەنە،
تىنىقلىرى چاتقاللارنى ئۆتكەن قۇچاقلاپ.
ئاھ، ئاي نۇرى چايقاپ ئۆتكىن قەلبىمنى بىر پەس،
ۋۇجۇدۇمدىن چىقىپ كەتسۇن ھەسرەت ۋە ئازاب.

ئالدىغىم يوق ئۆزۈمنى پەقەت...
ئۆزۈمنى ئالدىغىم يوق ئىدى، تەشۋىش −
پەرىشان قەلبىمگە كىردى باستۇرۇپ.
نېمىشقا ئالدامچى دەيدۇ خەق مېنى؟
نېمىشقا ئاتالدىم جىدەلخور بولۇپ.

مۇتىھەم ئەمەسمەن خەقنى بۇلىغان،
بىگۇناھ مەھبۇسنى تاشلىغان ئېتىپ.
ئاھ، پەقەت سەرگەردان كوچا _ كويلاردا،
يۈرۈيمەن خەق ئۆتسە مەسخىرە قىلىپ.

بىر بىكار تەلەتمەن موسكىۋادىكى
تۋېردا بىچارە يۈرگەن لاغايلاپ.
دوقمۇشتا تۇرغان ئىت _ كۈچۈكلەر مېنى
شۇ قەدەر پىششىقتۇر تېپىشقا پۇراپ.

بېشىنى لىڭشىتىپ بېرىدۇ سالام،
ھارغىن ھەم پاسكىنا ھەر بىر ئات ماڭا.
ئەڭ يېقىن دوستىمەن ھايۋانلارنىڭلا،
شېئىرىم ئۇلارنىڭ روھىغا داۋا.

شىلەپە كىيىشىم قىز ئۈچۈن ئەمەس،
ئەسەبىي ھېسلاردىن يىراقلا يۈرەك،
ئازابىم يېنىكلەر كىيسەم شىلەپە،
ئالتۇن رەڭ ئارپىمۇ ئاتلارغا كېرەك.

قول ئۈزدۈم تۇتۇشتىن كىشىلەرنى دوست،
باشقا بىر خاقانغا قىلدىم ئىتائەت.
ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئېسىل گالاستۇكۈمنى
ئاسىمەن ئەركەك ئىت بوينىغا پەقەت.

ناۋادا قايغۇدىن بولسام مەن خالاس،
يورىغان بولاتتى پەرىشان دىلىم.
شۇڭلاشقا سۆز _ چۆچەك ئەگەشتى ماڭا،
ئالدامچى، جىدەلخور بولۇپ ئاتالدىم.

دېرىزىسى كۆكۈش راملىق پاكار ئۆي...
دېرىزىسى كۆكۈش راملىق پاكار ئۆي،
سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن ئاداققا.
گاھ كۈلدۈرۈپ، گاھ يىغلىتىپ بۇ ئۆمۈر
قىسقىرايدۇ، ئۇزارمايدۇ زادىلا.

ھازىرغىچە چۈشلىرىمگە كىرگىنى،
بىزنىڭ يايلاق، ئورمان، دالا بىپايان،
شىمالدىكى نامرات ۋەتەن ئاسمىنى،
گويا يېشىل ياغلىق بولۇپ يېپىلغان.

مەن ئۇلارغا ياڭراتمايمەن قەسىدە،
تۇرغۇممۇ يوق ئورمانلىقتا پىچىرلاپ،
ئەمما روسنىڭ مەيۈس، نازۇك روھىنى
ياشىغىم بار مەڭگۈ دىلدىن باغاشلاپ.

زوقلىنىمەن قاراپ، ئۇچسا تۇرنىلار
نامرات ھەمدە يىراق جايغا پەرىشان.
چۈنكى چەكسىز كەتكەن دالا بېرەلمەس،
ئاچلىقىغا دال بولغىدەك بىرمۇ دان.

كۆردۈم پەقەت ئاق قىيىننى، گۈلنى ھەم،
تىترىمەكتە يوپۇرماقسىز سۆگەتلەر.
قاراقچىنىڭ ئىسقىرىتقان ئۈنلىرى،
كىشىلەرگە ئەجەلدەكلا بىلىنەر.

مەيلى خالاي ئەمدى قانداق سۆيۈشنى،
يوق بەرىبىر ئۆگەنگىدەك ئىقتىدار.
بەكمۇ ئاددى بۇ لىباسنىڭ ئاستىدا،
ئانا يۇرتۇم ئۆكسىگەندەك تۇيۇلار.

شۇڭا يىللار ياشلىقىمنى يۈگەنلەپ،
چاچار ئۆتمۈش ھىدلىرىنى دائىما...
دېرىزىسى كۆكۈش راملىق پاكار ئۆي،
سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن زادىلا.

ئېيتقىن، ئېيىت ئەگىشىپ ئۆلگۈر گىتارغا
ئېيتقىن، ئېيىت، ئەگىشىپ ئۆلگۈر گىتارغا،
ئىگىلسۇن چۈشكەندەك ئۇسسۇلغا بارماق.
ئاھ، مېنىڭ جانجىگەر، ئاخىرقى دوستۇم،
ئۆلەي مەن قانغىدەك ئىچىپ بىر قاپاق.

قارىما سەن ئۇنىڭ قوللىرىغا ھەم،
بوينىغا ئېسىلغان يىپەك شارپىغا.
بۇ گۈزەل ۋەسلىگە يېتىشنى ئىستەپ،
پالاكەت غارىغا يىقىلدىم مانا.

نە بىلەي شەھۋانىي ھەۋەسنىڭ چۇما،
ۋە يەنە يۇقۇملۇق كېسەللىكىنى.
قېشىنى ئوينىتىپ كەلگەندە سەتەڭ،
يىرتىلىپ كېتەتتى يۈرەكنىڭ قېپى.

ئېيتقىن، ئېيىت، تەسەللىي تاپسۇن بۇ يۈرەك،
شاللاقلىق قالدۇرغان جاراھەت ئارا.
خالىسا ئۇ سەتەڭ سۆيسۇن قايتىدىن،
ياش ھەمدە كېلىشكەن گاداينى راسا.

ھاقارەت قىلمىدىم، بولما بىتاقەت،
يۈرمىدىم يا لەنەت ياغدۇرۇپ ئاڭا.
سازىڭنىڭ بوشقىنە رېتىمى بىلەن،
ھېسلىرىم بىرلىشىپ كەتسۇن ئۆزئارا.

ياشلىقىم كەتمەكتە سۇدەكلا ئېقىپ،
ئالتۇنرەڭ بىر چۈش بار قەلبىمدە بىراق،
مەن نۇرغۇن قىزلارنىڭ تېنىنى سىلاپ،
خىلۋەتتە قۇچاقلاپ باققانتىم ئۇزاق.

ئاڭلىنار قۇلاققا بۇ گەپ بەكمۇ سەت،
تۇرغانتىم مەن سەبىي كۆزۈمدە قاراپ،
ئاھ، بىر توپ ئەركەك ئىت نۆۋىتى بىلەن،
يۈرگەندەك كۈيلىگەن قانجۇقنى يالاپ.

نېمىشقا ئۇلارغا قىلاي مەن ھەسەت،
قايغۇرۇپ يۈرۈشكە ئەرزىمىس ھامان.
بۇ ھايات بىر كىرلىك، بىر كارۋات گويا،
بۇ ھايات سۆيۈشتىن قاينىغان قازان.

ئېيتقىن، ئېيت، يوشۇرار بەختسىزلىكنى،
بەختسىز پۇلاڭلاپ بىلەكلەر ھامان.
مەن ساڭا دەپ قوياي، يوقالسۇن ئۇلار...
مەن ھالاك بولمايمەن ئۇنداقلا ئاسان.

كەتسەك بۈگۈن ئايرىلىپ ئەگەر
كەتسەك بۈگۈن ئايرىلىپ ئەگەر،
تىنىچ ھەمدە گۈزەل ئەل تامان.
ئاتلىنىشقا قىلاي تەرەددۇت،
تەييارلىقىم پۈتەر شۇ ھامان.

مەن يۈرەكتىن سۆيگەن قىيىنزار،
چەكسىز زېمىن، بىپايان قۇملۇق.
ئايرىلىشقا قىيالمىدىم مەن،
سېغىنىشقا ياپالماي يوپۇق.

دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە
مەپتۇن قىلغان مېھرىمنى يۈرەك،
ۋىسال تاپسۇن خىيالغا پېتىپ،
شاخلىرىنى كەڭ يايغان تېرەك.

سېغىنىمەن تىمتاسلىق ئارا،
ئۆزۈم يازغان ناخشىنى ئېيتىپ،
بۇ پەرىشان ئادەملەر بىلەن،
ياشاشنى ھەم بەخت ھېس قىلىپ.

بەختلىك مەن سۆيگەچكە شۇنداق،
گۈل، چىمەندە بىر قىزنى قېنىپ،
ھايۋانلارنىڭ دىلىغا ئازار
بەرمىگەندەك قېرىنداش بىلىپ،

مەنزىلگاھىم بۆك ئورمان ئەمەس،
بۇغداي جىمجىت ئەگكەن بوينىنى.
خوشلىشىنىڭ ئالدىدا شۇڭا،
ئىختىيارسىز تىترەيمەن تېخى.

ئايان ماڭا يوقلىقى ئۇندا،
تۇماندىكى ئالتۇنرەڭ ئېتىز.
بىللە ياشاپ تۇرغان كىشىلەر
بىلىنىدۇ ماڭا ئەڭ ئېزىز.

شۇنداق، بۈگۈن ئاياغلاشتى ھەممىسى
شۇنداق، بۈگۈن ئاياغلاشتى ھەممىسى،
خوشلاشتىم مەن ئەل _ يۇرت بىلەن تائەبەت.
تېرەك شېخى تەگمەس ئەمدى بېشىمغا،
غازاڭلارنى قانات قىلىپ بىر قەۋەت.

مەن يوق ئەمدى پاكار، ئەبجەق كەپىدە،
قېرى ئەركەك ئىتىم نىكەم بەردى جان.
مۇسكۋانىڭ ئەگرى _ توقاي يولىدا
ئۆلۈش بەلكىم پىشانەمگە يېزىلغان.

شەيدا ئىدىم بۇ نەقىشتەك شەھەرگە،
زاۋاللىققا يۈزلەنمەكتە ئۇ بىراق.
ئالتۇن دەۋرى مۈگدەۋاتقان ئاسىيا،
ئۇخلىماقتا قۇببىلەردە بەك ئۇزاق.

نۇرلىرىنى چاچقاندا ئاي تۈن ئارا،
بېرەر ھامان سۈزۈكلۈكتە كاپالەت.
مەن ماڭىمەن تار كوچىدا باش سېلىپ،
ئەڭ تونۇش بىر مەيخانىغا بىتاقەت.

قورقۇنۇچلۇق بۇ ئۇۋىنى بىر ئالار،
شاۋقۇن _ سۈرەن، ۋاراڭ _ چۇرۇڭ ھەمىشە.
جالاپلارغا شېئىر ئوقۇپ بېرىمەن،
كەيپ بولۇپ يامان بىلەن تاڭغىچە.

ئېچىنمايمەن، زارلىمايمەن، يىغلىمايمەن ھەم
ئېچىنمايمەن، زارلىمايمەن، يىغلىمايمەن ھەم،
يىتسە ھەممە، توزىغاندەك شېخىدا چېچەك.
كۈزنىڭ زەئىپ نۇرلىرىغا بولدۇم مەن ئەسىر،
ئېچىلمايدۇ قايتا باھار گۈللىرىم دېمەك.

شىۋىرغاندا ئۈشۈك تەگكەن مېنىڭ يۈرىكىم،
سوقالمايسەن ئەمدى كۈچلۈك رېتىمىڭ بىلەن.
دىلدا پەيدا قىلالمايدۇ خۇشاللىق نۇرى،
قىيىنزارلىق، يېشىللىققا پۈركەنگەن ۋەتەن.

قىلالماسسەن سۆزلىرىمگە قايناقلىق ئاتا،
ئەي، سەرگەردان روھىم، ئاستا ئاجىزلاپ ھامان.
ۋۇجۇمدىن بولدى غايىپ باھارىم، يەنە
نۇرلۇق كۆز ھەم ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ھاياجان.

ھايات ساڭا باقتىم ھارغىن ئۈمىدتتە شۇدەم،
ئايلىنامسەن مېنىڭ شىرىن چۈشۈمگە قايتا؟
دۇلدۇلۇمنى مىنىپ پەرۋاز قىلغان ئەرىشتە،
ياڭراق ئەكس سادا يانغان باھاردا گويا.

ئۇستىخانغا ئايلىنىمىز ھەممىمىز ھامان،
تۆكۈلگەندەك يوپۇرماقلار سارغىيىپ غەمكىن.
ئالەمدىكى ئاھ، تىنىمسىز بارچە شەيئىلەر
مەڭگۈ گۈزەل بولسا دەيمەن سىلەرنى لېكىن.





پوشكىنگە
مەن تۇرىمەن تېۋىردىكى باغچىدا،
مەڭگۈلۈك بىر مەپتۇنكارغا يۈزلىنىپ.
ئۇ ئايلانغان پۈتكۈل روسنىڭ جېنىغا،
تۇرماقتىمەن سېغىنىشتا ئۆرتىنىپ.

ئاقارماقتا ئۇنىڭ ساغۇچ چاچلىرى،
خەق يۈرەركەن ئۇ ئېزىتقۇ دېيىشىپ،
ئالىكساندىر سەن بىر كونا ئالىقاپ،
بولدۇم ساڭا لۈكچەكلىكتە يېتىشىپ.

ئەرمەك ئۈچۈن دېيىلگەن بۇ سۆز _ كالام،
يەتكۈزەلمەس ئوبرازىڭغا زەررە داغ.
شان _ شەرەپلەر ئويۇلغان شۇ مىس ئارا،
كۆتۈرۈلگەن بېشىڭ گويا ئىگىز تاغ.

پەيغەمبەرنىڭ داستىخىنى ئالدىدا
تۇرغاندەكلا ساڭا خىتاپ قىلىمەن:
بولسام نائىل سەندەك ئۇلۇغ ئاتاققا،
خۇشاللىقتىن جايىمدا جان بېرىمەن.

تۇرسىمۇ گەر تەقدىر بۇندا مەجبۇرلاپ،
ناخشىلىرىم داۋاملىشار بەك ئۇزۇن...
ئېيتاي يايلاق ناخشىسىنى سەن ئۈچۈن،
برونزىدەك جاراڭلىسۇن _ ياڭرىسۇن.

ئېتىز ناخشىسى

ئۇ شۇنداق سۆزلەيدۇ كەسكىنلىك بىلەن،
ئىنسانلار نېمىشقا چېكىدۇ جاپا.
ئورغاقلار باشاقنى تاشلايدۇ ئۈزۈپ،
قۇچقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك گويا.

ئەزەلدىن ئاۋغۇستتا ئېتىزلىرىمىز
سەھەردە تىترەشتىن كەتمەيدۇ قورقۇپ.
ياتىدۇ ساپسېرىق جەسەتتەك گويا
بۇغدايلار بىر باغلام _ بىر باغلام بولۇپ.

بېسىلىپ كوزۇپلۇق ھارۋىغا ئۇلار
يول ئالار قەبرىسى − خامانلىق تامان.
ماتەمنى باشلايدۇ ئاكۇلىت كەبى
ھارۋىكەش ۋارقىراپ بايتالغا شۇئان.

ئاۋايلاپ يەرگە باش قويغاندا ئۇلار
گەۋدىلەر يۆلىنىپ تۇرار ئۆزئارا.
ياغۇنچاق ئۇلارنى مىڭ پارە قىلىپ،
ئەۋرىشىم تېنىدىن قىلىدۇ جۇدا.

بۇغداينىڭ غولىمۇ گويا بىر بەدەن،
باقمايدۇ ھېچ كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ.
ئېغىز بىر دان ئاقلاش ماشىنىسىدۇر،
ئۇستىخان تالقانغا چىقار ئايلىنىپ،

ئۇن قىلار ئادەملەر دانلارنى ئىزىپ،
ۋە يەنە بىساناق لەززەتلىك غىزا.
شۇندىلا ئۆچمەنلىك ئۇرىقى بىلەن
ئاشقازان لىقلىنار زەھەرگە راسا.

ئاپتاپقا قاقلانغان قارا بۇغدايلار،
قوپال _ سەت جۇۋازدا چىقار ياغ بولۇپ،
ئاھ، ئۇنى لەززەتلىك تائامدەك تېتىپ،
ئۈچەيلەر زەھەرگە كېتىدۇ تولۇپ.

ئالدامچى، ساختىپەز، قاتىللار گويا،
زەئىپ كۈز پەسلىدە سالىدۇ چوقان،
سەۋەبى ئورغاقلار باشاقنى ئۈزەر،
ئۈزگەندەك قۇچقاچنىڭ بوينىنى ئىنسان.

تىللىما، نېمە بار ئەجەبلەنگۈدەك
تىللىما، نېمە بار ئەجەپلەنگۈدەك،
سودىگەر ئەمەسمەن ماختاپ مال ساتار.
ئالتۇن رەڭ چاچلىرىم بولسىمۇ قويۇق،
ھەمىشە پەرىشان ساڭگىلاپ تۇرار.

سۆيمەيمەن يېزىنى، شەھەرنىمۇ ھەم،
ئاداققا سۆيۈشكە مەندە نە ئامال.
ھەممىدىن ۋاز كېچەي، بولۇپ سەرگەردان،
كەزمەككە روسىيە ئېلىنى ئاۋال.

ئۇنتاي مەن شېئىر ۋە كىتاپلىرىمنى،
مۆرەمگە ئېسىلسۇن بوغجىمام ئاران.
دالىدا تۈنىگەن پادىچى ئۈچۈن،
شامالنىڭ ناخشىسى ھوزۇردۇر ھامان.

تويۇندۇم پىياز ۋە تۇرۇپ ھېدىگە،
ئۈركىتەر گۇگۇمنىڭ مەيىن دولقۇنى.
تاشلايمەن بۇرنۇمنى ئاۋاز چىقىرىپ،
ئاخماقتەك ئىش قىلىپ بۇندا ھەر كۈنى.

ئەمەسمەن تەلەي ۋە ئامەتكە مۇھتاج،
ئىزدەيمەن نىچۈندۇر نىدالىق شامال.
ئۆكسىگەن بىمەنە چاقچاقلار بىلەن
ياشاشقا تاپالماي قالدىم مەن ئامال.

كاۋكازدا

ئەزەلدىن بىزنىڭ روس شېئىرىيىتىدە
بىر جاي بار ھەممىمىز كەلگەن ئىنتىلىپ،
كاۋكاز، تەڭ قىلمايمەن ھېچكىمنى ساڭا،
مانانلار سېھرىدە تۇرساڭ جىلمىيىپ.

پوشكىننىڭ ئىلھامى سەندە ئوت ئېلىپ،
كۆرۈمسىز بىر قىزغا پۈتەتتى نەزمە:
ئەي سەتەڭ، ئالدىمدا گروزنىيىنىڭ
ئەلەملىك كۈيىگە غىڭشىما يەنە.

ياتقاندا لېرمۇنتوف كېسەلگە پېتىپ،
ئارزوماتوف كەچمىشنى قىلاتتى بايان،
ئالغانمىش ئۇ پەقەت بىر ئاتنى سېتىپ،
كازبىچقا ھەدىسىنى بېرىپ بىر زامان.

چىقاتتى چېھرىدىن ئاداۋەت _ ئەلەم،
ئۇ گويا دولقۇنلۇق دەريادۇر شۇتاپ،
شائىر ۋە گېنرالغا ئايلىنىش ئۈچۈن،
دوستىنىڭ ئوقىغا تۇراتتى چىداپ.

گېربىدوف بۇ يەرگە قىلىنغان دەپنە،
سوۋغىسى بوپ پارس تۇمانلىرىنىڭ،
پۈشتەكنىڭ ئۈنىگە سالار ئۇ قۇلاق،
بۇزۇلماس مەڭگۈلۈك ئۇيقىسى ئۇنىڭ.

ئىگىز _ پەس بۇ جايغا كەلدىم مەن بۈگۈن،
نېمىشقا كەلدىم مەن بىلمەيمەن بىراق؛
ئېھتىمال، دوستۇمغا قىلىمەن تاۋاپ،
ئۆلۈمىم ھەققىدە ئويلىنىپ ئۇزاق.

مەن ئۈچۈن بەرىبىر بۇنىڭ ھەممىسى،
ئەسلەيمەن رەھمەتلىك شۇ زاتلارنىلا،
شۇ قوپال دەريا ۋە جىلغاڭنىڭ ئۈنى
ئۇلارغا مەڭگۈلۈك مەلھەمدۇر گويا.

قۇتۇلۇپ دۈشمەننىڭ قولىدىن ئۇلار
كەلدى ھەم دوستلارنىڭ يېنىدىن قېچىپ،
كىشەننىڭ ئۈنىنى ئاڭلىماق ئۈچۈن،
تۇرىمەن تاغلاردىن يىراققا بېقىپ.

كۈلپەت ۋە بالادىن قاچتىم مەنمۇ ھەم،
خوشلاشتىم مەشھۇرلار تۇرمۇشى بىلەن،
ھەرقانداق تېمىدا يازالايدىغان
شائىرنى تەربىيلەپ چىقتى بۇ بەدەن.

باقىمەن روس مېھرى يانغان شېئىرغا،
بار ئۇندا شائىرلار، ماياكىۋىسكى،
ئۇ موسلىپولوما پۇرۇپكىسىنى
ناخشا قىپ ئېيتقان شۇ نەققاشلار پىرى.

بار كېرېلوف، لادوگا باياناتچىسى،
ئايالچە جىلىتكە ئۇنىڭ شېئىرى.
مەن ئۇنى تۆنۈگۈن چىققانتىم ئوقۇپ،
سېرىق قۇش قەپەزدە جان ئۈزگەن ئىدى.

بىھاجەت بىر _ بىرلەپ مىسالغا ئېلىش،
تاۋلىغان ئۇلارنى قىشنىڭ ئاپتىپى.
بەك خۇنۇك بويايدۇ قەغەزنى ئۇلار،
بولمايدۇ زادىلا توسۇپ قالغىلى.

كەچۈرگىن، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا كاۋكاز
مەقسەتسىز ئېپ قالدىم ئۇلارنى تىلغا،
ئۆگىتىپ قوي ماڭا كورنۇس سۈيىنى
سىڭدۈرۈپ ئۆتۈشنى شېئىرلىرىمغا.

خالايمەن قايتقاندا موسكۋاغا مەن،
چىقىشنى مۇكەممەل بىر داستان يېزىپ،
ئورۇنسىز غەملەرنى ئۇنتۇپ تامامەن،
ماڭمايمەن زاتلارغا مەڭگۈ ئەگىشىپ.

ئويلايمەن ۋەتەندە تۇرۇپ مەن ھامان،
جۇدالىق ھەققىدە يېزىشنى بەزمە:
ئەي سەتەڭ، ئالدىمدا گروزنىيىنىڭ
ئەلەملىك كۈيىگە غىڭشىما يەنە.

سەن يىغلايسەن ئۆكسۈپ جىمجىت گۇگۇمدا
سەن يىغلايسەن ئۆكسۈپ جىمجىت گۇگۇمدا،
كۆز ياشلىرىڭ چۈشەر يەرگە تاراملاپ.
بىز چۈشىنىپ بولالمىدۇق ئۆزئارا،
مەن دەرد تارتىپ، چېكىپ ھەمدە سەن ئازاب.

بىز ئايرىلدۇق، كەتتىڭ يىراق سەن شۇئان،
بەربات بولدى غايە _ ئارزۇ بىراقلا.
ھېچكىم ماڭا بەرمەس بۇندا تەسەللى،
مەن يەنىلا قالدىم چەكسىز ئازابتا.

يول ئالىمەن گۇگۇمدىلا ھەمىشە،
بىز ئۇچراشقان ئاشۇ كونا جايغا يار.
خىيالىمدا قىلسام سېنى تەسەۋۋۇر،
سۈكۈت ئارا ئۆكسۈشلىرىڭ ئاڭلىنار.

قارايمەن ئېتىزغا، قارايمەن كۆككە
قارايمەن ئېتىزغا، قارايمەن كۆككە،
يەر _ زېمىن جەننەتكە ئايلانغان گويا.
تۇرسىمۇ ھەممە يەر ئاشلىققا تولۇپ،
مېنىڭلا يىرىم يوق بۇندا زادىلا.

ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئورماندا ئەنە،
بىمالال ئوتلىشىپ يۈرەر قوي _ كالا.
ياپيېشىل تاغلاردىن كېلىدۇ ئېقىپ،
ئالتۇنرەڭ بىر ئېرىق شىلدىرلاپ راسا.

مەن شۇنداق ئىشەنچتە باقىمەن يەنە،
ئۈمىدسىز دېھقانغا بېغىشلاپ قانات،
بىر ئىللىق قول ھامان سۇنۇلار گويا،
ئاپئاق سۈت ئادەمگە بەرگەندەك ھايات.







ئىت ناخشىسى

سەھەردە، پاخالدىن پۈتكەن ئۇۋىدا،
ئالتۇن رەڭ بورىنىڭ ئۈستىدە يېتىپ،
ئانا ئىت يەتتىنى چىقتى كۈچۈكلەپ،
كۈچۈكلەر تۇغۇلغان قوڭۇر رەڭ ئېلىپ.

ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ ئۇ ھامان،
چىقاتتى كەچكىچە ئۇلارنى يالاپ.
ئىرىگەن قار كەبى مېھىرلىك سۈتى
ئاقاتتى يېلىنى تەرەپكە قاراپ.

ۋە لېكىن كەچقۇرۇن سەكرەپلا توخۇ
ئوچاقنىڭ ئالدىدىن ئالدى جاي _ ماكان.
مۇز تەلەت خۇجايىن چىقىپ ئالدىراپ،
كۈچۈكنى تاغارغا سالدى شۇھامان.

يۈگىرەپ تەشۋىشتە قارلارنى بويلاپ،
ئانا ئىت ئۇنىڭغا ئەگىشەر بىراق،
تېخىچە قاتمىغان تىپتىنىچ دەريا،
مۇشۇنداق تىترەيتتى ئۇزاق _ بەك ئۇزاق.

ياندى ئىت دەلدەڭشىپ، باشلىرى قېيىپ،
سۈرتمەكتە ئاققان شۇ تەرلەرنى يالاپ،
كۆكتىكى پاتقىلى تۇرغان ئاي ئاڭا
كۆرىنەر بىر كۈچۈك بولۇپ يالتىراپ.

ئۇ زار _ زار يىغلايدۇ چېكىپ داد _ پەرياد،
تىپتىنىچ ئاسمانغا ئۈمىدتتە بېقىپ،
خىرە ئاي تۇيدۇرماي دالىلار ئارا،
پاكار دۆڭ كەينىگە كېتىدۇ پېتىپ.

ئالغاندا ئانا ئىت ئاشقان نەرسىنى،
خەقلەر تاش ئاتقاندەك مەسخىرە قىلىپ،
ئاپئاق قار ئۈستىگە تۆكىلەر يېشى،
كۆكتىكى يۇلتۇزلار چۈشكەندەك ئېقىپ.

يۇلتۇزلار

نۇرانە يۇلتۇزلار، يىراق يۇلتۇزلار،
نە سىر بار سىلەردە پىنھان شۇقەدەر؟
تۇرساڭلار بىر چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ،
كۆڭۈللەر نېمىشقا مەپتۇن ئەيلىنەر؟

ساناقسىز يۇلتۇزلار، قويۇق يۇلتۇزلار،
سىلەردە بار قانداق قۇدرەت، لاتاپەت؟
تاپتىڭلار ئاھ، سىلەر نە چارە بىلەن،
مۇشۇنداق جەلىپكار ئوتلۇق جاسارەت.

نە ئۈچۈن چاچقاندا سىلەر نۇر _ زىيا،
كائىنات زوقۇمنى تارتىپلا تۇرار.
مېھرىڭلار يۈرەككە تەسەللىي بېرەر،
كۆكتىكى يۇلتۇزلار، يىراق يۇلتۇزلار.

كەتكەن نەرسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ئەسلا
كېلەلمەيمەن ئاشۇ سوغۇق تۈننى قايتۇرۇپ،
ئامالىم يوق سۆيگىنىمنى كۆرۈشكە بىر رەت.
كۈيچى بۇلبۇل ئەيلەپ مېنىڭ سۆيگۈمنى ئىزھار،
ئېيتقان ناخشا قۇلىقىمغا كىرمىدى پەقەت.

كەتتى ئاشۇ باھار تۈنى مەڭگۈلۈك يىراق،
ئۇنى »قايتىپ كەل« دېيىشكە يوق مەندە ئىمكان.
كۈز قاپلىدى بىردەمدىلا ئالەمنى ئاخىر،
سىم _ سىم يامغۇر قوزغىتىدۇ دىلىمدا پىغان.

ئۇخلىماقتا يارىم جىمجىت قەبرىدە يېتىپ،
مۇھەببەتنى دىل قېتىدا چەكسىز قۇچاقلاپ.
ئۇنىڭ ئۇزۇن چۈشلىرىنى بۇزالماس جۇدۇن،
ئۇرغۇتالماس ھەمدە ئىسسىق قېنىنى قوزغاپ.

بۇلبۇل كۈيى ئۆزلىكىدىن قالدى بېسىقىپ،
بۇلبۇلمۇ ھەم كەتتى يىراق ئەللەرگە قاراپ.
ئاشۇ سوغۇق تۈندە ئەيلەپ سۆيگۈمنى ئىزھار،
ئېيتىلغان شۇ لىرىك ناخشا تۇرماس جاراڭلاپ.

ۋۇجۇدۇمدا خۇشاللىقتىن قالمىدى ئەسىر،
ئاتا قىلغان ئەينى چاغدا تۇرمۇشقا مەنا.
قالدى پەقەت يۈرىكىمدە مۇزدەك بىر سېزىم،
كەتكەن نەرسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ئەسلا.


بىر چۈش كۆردۈم، يوللار قاراڭغۇ ...
بىر چۈش كۆردۈم يوللار قاراڭغۇ،
چاپار تىنماي ئاپئاق ئارغىماق.
مەن تەرەپكە كېلەر ئېتىلىپ،
ئۇنى مىنىپ بىر قىز بەك ئوماق،
توختىماستىن چاپقان نازىنىن،
مېنىڭ يارىم ئەمەستۇر بىراق.

ئاھ، روسىيە ئاق قىيىنلىرى،
ئورمانلىقنىڭ يولى بەكمۇ تار،
چەبدەس قوللار سوزۇلغان كەبى،
شاخلىرىڭنى چىقارغىن _ چىقار،
چۈشتەك گۈزەل مەلىكىنى توس،
مېنىڭ سۆيگەن باشقا »يارىم« بار.

ئايدىڭ كېچە، شىرىن چۈش، پەلەك،
يېنىك دەسسەپ چاپار ئارغىماق.
قىلار ئايدىڭ ئەقىللەرنى لال،
شۇ قىزنىڭلا ئۈستىدە بىراق،
يالتىرايدۇ سۈزۈك ئاي نۇرى،
ئەمما ئۇ قىز دۇنيادىن يىراق.

مەن لايغەزەل، مەن بىر لايغەزەل،
شېئىر يېزىپ ئېزىقتىم بۈگۈن.
ئارغىماقنى چاپتۇرۇش ئۈچۈن،
روسىيىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن،
قالمىسۇن دەپ قەلبىمنى مۇزلاپ،
كەچتىم باشقا ھەممە سۆيگۈدىن.

تۇنجى قار

بەردىم مەن ئېتىمنى دالىغا قويۇپ،
تاقىلداپ ماڭغىنى ئاڭلىنىپ تۇرار.
ۋە لېكىن ئالەمنى بېشىغا كىيىپ،
ئوتلاقتا ئەگىشەر بىر توپ قاغىلار.

ئورمانلار سېھرىنى نامايان قىلىپ،
خىيالىي چۆچەكتە مۈگدەيدۇ پىنھان.
ئۈستىگە ئاق رومال ئارتقاندەك گويا،
ئاق قارغا پۈركىنەر قارىغاي شۇئان.

ئۇ گويا ياشىنىپ قالغان بىر موماي،
بەللىرى مۈكچەيگەن، قولىدا ھاسا.
بىر تۆمۈر تۇمشۇقلا تۇرار يېپىشىپ،
ئاھ، ئۇنى تىنىمسىز شوراپ بىر ھازا.

ھەريانغا چېپىشار ئاتلار بەھوزۇر،
ئاق قاردىن ئاق رومال يېپىنار زېمىن.
بۇ يوللار بىر ئۇزۇن لېنتىدۇر گويا،
ئاھ، ئۇنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ لېكىن.

تۇرمۇش بىر تۇيغۇدۇر دەردلىك، جەلىپكار
تۇرمۇش بىر تۇيغۇدۇر دەردلىك، جەلىپكار،
شۇڭلاشقا تۇرمۇش ئەڭ قۇدرەتلىك ھامان،
ئۇ ھەتتا يىرىك _ سەت قوللىرى بىلەن،
چىقىدۇ تەقدىرنى يېزىپلا ئاسان.

ھەر قېتىم كۆزۈمنى يۇمغان ۋاقىتتا،
مەن دەيمەن ھەمىشە: »قىلغىن ئېھتىيات،
تۇرمۇش بىر تۇيغۇدۇر، بىراق بەزىدە،
يالغان گەپ ئارقىلىق قىلار بىزنى شاد«.

قاراپ باق ئاسمانغا تىكىلىپ ئۇزاق،
ئاي ساڭا بىر ئوبدان پال ئېچىپ بېرەر.
سەن ئاڭا ئارتۇقچە قويمىغىن تەلەپ،
ئەي ئادەم، بىلگىنىڭ يېتەرلىك _ يېتەر.

شۇمۇرتنىڭ چېچىكى قالسا بوراندا،
يوللارغا پايدىلىق دەپ قىلغىن خىيال،
سۆيگىنىڭ ئالدىسا كەتمە ئاھ ئۇرۇپ،
دوستلىرىڭ خائىنلىق قىلار ئېھتىمال.

مەيلى تاپ ئەڭ شىرىن گەپتىن تەسەللىي،
ۋە ياكى ئاڭلىغىن قاتتىق ئاھانەت.
قويدۇم مەن ھەممىگە تەييارلىق قىلىپ،
ھېسداشلىق قىلمايمەن ھېچكىمگە پەقەت.

چوقىلار قەلبىمنى سۇۋۇتۇپ بارار،
يۇلتۇزلا باغرىمنى ئىللىتار ئاران.
سۆيگىنىم باغرىدىن بەرمىدى ئورۇن،
ئۇ مېنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتى ئاسان.

قارايمەن يەنىلا تاڭلارغا كۈلۈپ،
بولايمەن سەرگەردان قوغلىنىپ يىراق.
سۆيۈملۈك زېمىننىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،
تەشەككۈر ئېيتىمەن تۇرمۇشقا بىراق.

مەن پادىچى، مېنىڭ ئوردا _ سارىيىم...
مەن پادىچى، مېنىڭ ئوردا _ سارىيىم
يېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرغان ئېتىزلار،
ياپيېشىل تاغ تۇرسا كۆزگە تاشلىنىپ،
لايخورەكنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنار.

چاچراندىدىن ھاسىل قىلار جىيەكلەر،
بۇلۇت ئورمان ئۈستىگىلا توپلىشىپ.
مەن تۇرىمەن تىك قىيانىڭ باغرىدا،
قارىغاينىڭ شاۋقۇنىغا زەن سېلىپ.

شەبنەملەردىن تۇن يېپىنغان تېرەكلەر
مانان ئارا مەرۋايىتتەك يالتىرار.
مەن پادىچى، مېنىڭ ئوردا _ سارىيىم
يېشىل مەخمەل يېپىنغان شۇ دالىلار.

ئىنەك ماڭا بايان ئەيلەپ كۆڭلىنى،
باش لىڭشىتىپ مۇڭدىشىدۇ بىر ھازا.
ياپراقلىرى خۇشپۇراقلىق دەرەخلەر
باشلاپ بارار مېنى دەريا بويىغا.

دۇنيادىكى كۈلپەتلەرنى ئۇنتۇمەن،
سۇنغان دەرەخ شاخلىرىغا يۆلىنىپ.
دۇئا قىلدىم قاراپ قىزغۇچ شەپەقكە،
سۇ بويىدىكى زىياپەتكە يول ئېلىپ.

ئاق قىيىن دەرىخى

دېرىزەمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ،
تۇرار پەقەت بىر تۈپ ئاق قىيىن،
كۈمۈش بىلەن ئورالغان گويا،
ئاپئاق قارنى يېپىنىپ قېلىن.

ئاپئاق كەشتە تۇتۇلغان جىيەك،
زىننەتلەنگەن يۇمران ئاچىلار،
دەستە _ دەستە گۈل بەرگىلىرى
ئاق پۆپۈكتەك ساڭگىلاپ تۇرار.

خىرە _ شىرە جىمجىتلىق ئارا،
قەد كۆتۈرۈپ تۇرار ئاق قىيىن،
يالتىرايدۇ قار ئۇچقۇنلىرى
ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ بىردىن.

ئەتراپىدا ئايلىنار شەپەق
كېلەلمەستىن ۋاقتىدا پەقەت.
ئاپئاق دەرەخ شاخلىرىنى ئۇ
ئالتۇن نۇرغا ئوراپ بىر قەۋەت.

تەقلىدىي ناخشا

ئېتىڭنىڭ چۇلۋۇرىنى تارت، سۇغارغىن ئالقىنىڭ بىرلە،
ئۈزۈلدى ئاق قىيىن ناملىق دەرەخنىڭ شولىسى كۆلدە.

كۆكۈش گاز ياغلىقىڭنى مەن كۆرۈپ قالدىم رۆجەكتىن ھەم،
يىلاندەك چاچلىرىڭنى يار شامال يەلپۈپ ئۆتەر بۇدەم.

خىياللار ئەيلىدىم سۇنىڭ يۈزىدە پارلىغاندا نۇر،
سېنىڭ شىرىن لىۋىڭگە يار سۆيۈشنى بىر قېتىم مەغرۇر.

بىراق سەن كىشنىتىپ ئاتنى كېتىپ قالدىڭ چېپىپ _ تاقلاپ،
تەبەسسۇم ئەيلىدىڭ يالغان، ماڭا كەتكەندە سۇ چاچراپ.

ۋاقىت كۈن نۇرلىرى بىرلە توقۇلغان تورنى بۇزماقتا،
دېرىزەم ئالدىدىن ئۆتتى سېنى لەھەتكە ئالغاندا.

سېلىپ ئىسرىق تىلاۋەتتە يىغا ئالەمنى بىر ئالسا،
ماڭا ئاڭلاندى ھەر دائىم يېقىملىق قوڭغۇراقتەكلا.





ۋەتەن
ۋېلادىمىر نابۇكوف

زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى


ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا روسىيەنى بىز،
ئۆكسىمەس بەخت دەپ كەلدۇق ئاتىشىپ.
كۆرمىدىم ئۇنىڭدەك دىيارنى گۈزەل،
قانچىلاپ ئەل‏-يۇرتنى باقساممۇ كېزىپ.

مەيلى يول تۇتاشسۇن قاياققا، ھامان-
خىيالەن قايتىمەن روس تۇپرىقىغا .
يات زېمىن، سەندە قاي جەلپكارلىق بار؟
سۈرگۈنمەن، زەھەرلىك نەشتىرىڭ قايدا؟

تىلاۋەت قىلىمىز، تىلاۋىتىمىز-
دىللارنى ئازادە قىلىدۇ تۈندە.
روسىيە مۇسىي* سەن ئەبەدىلئەبەت،
كۆرۈنمەس ھەمراھىم بولغان سەپەردە.

ئەي ۋەتەن، بىپايان ئورمان كۈيۈڭگە،
ھەشقاللا! ئېيتىمىز چىن قەلبىمىزدە.
ئورمان چۈن قوزغالغان ھىجران كۈيلىرى
ئورمان چۈن توقۇلغان شېئىر- قەسىدە.

يات ئەلدە ئۇشتۇمتۇت باستىممەن ئاياق،
سۇرگۈننىڭ چۈشىگە تىنچ- خاتىرجەم.
روسىيە ھەمىشە ئورايسەن مېنى-
شامالدەك، دېڭىزدەك، تىلسىماتتەك ھەم.

*مۇسىي- غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەنئەت ئىلاھىمىش

بۇ تېمىنى بوزتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرىگە شورۇق يوللىغان.





روبېرت بىرنىس شېئىرلىرى

روبېرت بىرنىس (1759~1796) شوتلاندىيىلىك مەشھۇر دېھقان شائىر. ئەنگىلىيە رومانتىزىم شېئىرىيىتنىڭ بايراقدارى. ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشىچى ئانىسىنىڭ تەسىرىدە خەلق ناخشىلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان بولغاچقا، شېئىرلىرى كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە، ناخشا قىلىپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. 1786-يىلى ئۇنىڭ "شوتلاندىيە دىيالېكتىدا يېزىلغان شېئىرلار" ناملىق توپلىمى نەشىر قىلىنىپ، پۈتكۈل شوتلاندىيەنى زىلزىلىگە سېلىۋىتىدۇ. ئارقىدىنلا بىرنىس زور ئىجتىھات بىلەن شوتلاندىيە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاپ رەتلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ ھەمدە خەلق ناخشىلىرى ئاساسىدا 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازىدۇ.
يەنە "خۇشخۇي تىلەمچى" ناملىق داستانىمۇ بار. بىراق، بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن، بۇ تالانتلىق شائىر 37 يېشىدا نامراتلىق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
بىرنىسنىڭ شېئىرلىرى روشەن مەرىپەتچىلىك ۋە رېئالىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە رومانتىزىملىق تۈسىمۇ ئىنتايىن قويۇق.


قىزىل ئەتىرگۈل

نىگارىم، سەن گويا قىزىل ئەتىرگۈل،
ئىيۇندا تۇنجى رەت بەرگىنى يايغان.
نىگارىم سەن گويا لىرىكلىق كۈي،
ئەۋرىشىم قوللاردا نەپىس چېلىنغان.

گۈزەللىك بابىنىڭ يەكداسى ئۆزۈڭ،
پاك سۆيگۈم سەن ئۈچۈن گوياكى ئوكيان.
مەن سېنى سۆيىمەن تا ئاخىرغىچە،
ھەتتاكى خاراب بوپ كەتسىمۇ جاھان.

سۆيىمەن خاراب بوپ كەتسىمۇ جاھان،
تاغۇتاش ئاپتاپتا بولغۇچە تالقان.
سۆيىمەن، نىگارىم، سۆيىمەن سېنى،
بۇ جېنىم تېنىمدە بولسىلا ئامان.

خەير-خوش، ياخشى قال گۈزەل نازىنىن،
ئايرىلار بولدۇم مەن، پەقەت بىر نەپەس.
كەتسەممۇ يىراققا، كۈتكىن، كېلۇرمەن،
يولۇمغا باغلاپ زور ئۈمىد ۋە ھەۋەس.



كۈمۈش قەدەھ

1

كەلتۈر ساقىي، لالە رەڭلىك لەزىز مەي،
كۈمۈش رەڭلىك قەدەھلەرگە تولدۇرۇپ.
يىراقلارغا ئاتلىنارمەن شۇ دەقىق،
ئىچىۋالاي يارىم بىلەن شاد بولۇپ.
كېمە بارار قىرغاقلارغا ياندىشىپ،
ئۇرۇلىدۇ غەزەپ بىلەن بورانلار.
كېمە بارار جەنۇب تامان، ئاھ مارى،
ئايرىلارمەن، خەير جېنىم-گۈزەل يار.


2

يەلپۈنەر تۇغ، ئوت يانىدۇ ياراغدىن،
بۇرغا ئۈنى ئاڭلىنىدۇ يىراقتىن.
جەڭ قاينايدۇ، يورۇقلايدۇ قىزىل قان،
تولغىنىدۇ زېمىن دەرد ۋە پىراقتىن.
دېڭىز ئەمەس يوللىرىمنى تورىغان،
ياۋمۇ ئەمەس يۈرىكىمنى تىلغىغان.
بىلگىن جېنىم، مۇھەببەتنىڭ ئازابى،
ھىجرانىڭدۇر مېنى شۇنچە قىينىغان.


مارى

قىيالار، چوققىلار ۋە ئېقىن سۇلار
مونگا قورغىنىنى تۇرىدۇ قورشاپ.
ئورمانلار ياپيېشىل، گۈللەر شۇنچە ئۇز،
تاشقىنلار ئەزەلدىن قىلمىغاچ خاراب.
بۇ يەردە باھارنىڭ كېلىشى بالدۇر،
ھەم ئۇزاق نۇر چاچار يازنىڭ ناھارى.
مەن ئۇندا ئاداققى كەتكەن ئايرىلىپ،
قالغان ئۇ دۆڭلۈكتە گۈزىلىم مارى.
دولانا گۈللىرى ئۇز ۋە ئەۋرىشىم،
ياپيېشىل قېيىنلار شۇنچە باراقسان.
خۇش پۇراق چېچىلغان سايىلەر ئارا،
مەن ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈنۈش تاپقان.
ئالتۇندەك مىنۇتلار چىقىرىپ قانات،
كېتىشتى يىراققا بىزلەرنى تاشلاپ.
جاندىنمۇ ئەزىز شۇ گۈزىلىم لېكىن
كەتمىدى قەلبىمدىن، تۇرىدۇ ياشناپ.

ۋەدىلەر بېرىشىپ سۆيۈشكەن ئىدۇق،
نەقەدەر مۈشكۈل-ھە، ھىجران ۋە پىراق.
ئۆلسەكمۇ ئايرىلماي ئۆتىمىز، دېگەن،
ئاھ، ئۆلمەي تۇرۇپلا ئايرىلدۇق بىراق.
ئەيلەپتۇ ئەزرائىل گۈلۈمنى خازان،
يەتكۈسى پەلەككە يۈرىكىم زارى.
قالدى ئاھ، تۇپراق داغ، ئېتىزلار سوغۇق،
ئۇ يەردە كۆمۈلۈپ ياتىدۇ مارى.

مەن سۆيگەن چوغ كەبى ئوتلۇق لەۋلىرى،
ئايلانغان بەئەينى قىشتىكى مۇزغا.
يۈرەكنى ئويناتقان شەھلا كۆزلىرى،
يۇمۇلغان ئەبەدىي، كەتكەن ئۇيقۇغا.
ياتىدۇ تۇپراقتا ئۈنسىز، يېگانە،
ھاياتىم خوۋلۇقى، كۆزۈمنىڭ نۇرى.
ياشايدۇ شۇندىمۇ قەلبىم تەكتىدە،
سۆيگۈمگە پىداكار گۈزىلىم مارى.


مەنبە:  پەرھاد ئىلياس تەرجىمە قىلغان "چەتئەل شېئىرلىرى1"





تۈركىيە دۆلەت شىئېرى


يەرشارىدىكى ھەرقانداق بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئۆزلىرى بەلگىلىگەن بىر دۆلەت شىئىېرى دۆلەت ناخشىسى بولىدۇ !  خەلىقئارا دۆلەتلەر ئارا يىغىلش ، ھەربىي پارات ، ھەربىي مانىۋىر  ، خەلىقئارالىق ھەرخىل  تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە  قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت شىئىرلىرى مەخسۇس ئورۇندىلىدۇ!   تۆۋەندە مەن سىلەر گە   تۈركىيە دۆلەت شىئېرىنى تونۇشتۇرۇشتى ئاۋۋال
بۇ شىئىرنىڭ ئاپتۇرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي !

تۈركىيە دۆلەت شىئېرى بولغان ئىستىقلال (ئەركىنلىك)مارشىنڭ مۇئەللىپى ئوت يۈرەك ۋەتەن سۆيەر ئىسلام تۈرك شائىرى مۇھەممەت ئاكىف ئەرسوي 1873-يىلى ئىستانبۇلدا  تۇغۇلغان ! كىچىكىدىن  كۈچلۈك ئىسلام تەربىيىسى،  ۋەتەن تەربىيىسى ئاساسىدا چوڭ بولۇپ ،ئۆز زامانىدا  غەرىب خىرىستىئان دۇنياسى  ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قارىتا قوزغىغان ، مۇسۇلمانلار خەلىپىلىكنى  يوقىتىش مەقسىتىدىكى  نەچچە قىتىملىق  بالقان ئۇرۇشى  ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى   ، تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قاتارلىقلاردا  مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان  مەھمەت ئاكىف ئەرسوي 1936-يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان! ئۇنىڭ ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى  تۆۋەندىكىچە :
Safahat (Articles, 1911), Süleymaniye Kürsüsünde (At the Chair of Süleymaniye, 1912), Hakkın Sesleri (Voices of God, 1913),Fatih Kürsüsünde (At the Chair of Fatih, 1914), Hatıralar(Memoirs, 1917), Asım (Asım, 1924), Gölgeler (Shadow, 1933).
Kastamonu Nasrullah Kürsüsü'nde (At the Kastamonu Nasrullah Chair, 1921), Kur'an'dan Ayet ve Hadisler (Sentences and Hadis  in the Koran, 1944).
قاتارلىقلار..........................
بۇ شىئېر ئەسلى تولۇقى 10 كۇبلىت بولۇپ ، ئالدىنقى 3 كۇبلىتى دۆلەت شىئىرى قىلىپ بىكىتىلگەن.                                         
                      ئىستىقلال مارشى

Türkçe:


Korkma, sönmez bu şafaklarda yüzen al sancak;
Sönmeden yurdumun üstünde tüten en son ocak.
O benim milletimin yıldızıdır, parlayacak;
O benimdir, o benim milletimindir ancak.

Çatma, kurban olayım, çehreni ey nazlı hilal!
Kahraman ırkıma bir gül! Ne bu şiddet, bu celal?
Sana olmaz dökülen kanlarımız sonra helal...
Hakkıdır, hakk'a tapan, milletimin istiklal!

Ben ezelden beridir hür yaşadım, hür yaşarım.
Hangi çılgın bana zincir vuracakmış? Şaşarım!
Kükremiş sel gibiyim, bendimi çiğner, aşarım.
Yırtarım dağları, enginlere sığmam, taşarım.

    ئۇيغۇرچە
قورقما،بۇئۆچمەس شەپەقلەردە ئۈزگەن ئال بايراق،
           ئۆچمەستىن يۇرتۇمنىڭ ئۈستىدە كۆيگەن ئاخىرقى ئوچاق.
ئۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭ يۇلتۇزىدۇر ،پارلار شۇنداق ،  
ئۇمىنىڭدۇر ،ئۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭكىدۇر ،ئانداق.   


توسما،جان تەسەددۇق ساڭا ئەي نازلىق ھىلال(ئاي)
قەھرىمان ئىرقىمغا بىر كۈل، نىمانچە زورلۇق بۇ ھال
ئاقماس بىكار،تۆكۈلگەن قانلىرىمىز بولسۇن ھالال،  
ھەققىدۇر،ھەققە سىغىنغان مىللىتىمگە ئىستىقىلال.


مەن ئەزەلدىن بىرى ھۆر ياشىدىم،ھۆر ياشايمەن،   
قايسى ئىپلاس ماڭا زەنجىر سالار ھەرانىمەن.         
شىددەتلىك كەلكۈندەك توغان توساقتى ئاشارمەن،   
تاغلارنى ئىقىتىپ سىغماسمەن ھىچ يەرگە تاشارمەن.





ئاخىرقى كۇبلىتلىرى
غەرىبنىڭ زىمىنى پولات تام بىلەن قورشالسا گەر،
مىنىڭ ئىمان تولغان كۆكسۈم كەبى پاسىلىم بار .
مىللىتىم قورىقما، بۇ ئىمانىمىزنى قانداق بوغار،
‹مەدەنىيەت›دىگىنى يالغۇز چىشى قالغان جانىۋار.

بۇرادەر،يۇرتۇمغا پەسكەشلەرنى يولاتما،ئاگاھ بولغىن،
قالغان قىل كۆكرىكىڭنى توختىسۇن بۇ ھاياسىز كەلكۈن.
تۇغاردۇر ساڭا ۋاھ!دەيدىغان كۈنلەر ھەققىڭ،
كىم بىلۇر ،بەلكى ئەتە،بەلكى ئەتىدىنمۇ يىقىن.

دەسسىگەن يەرلەرنى‹ تۇپراق› دەپ مىڭىۋەرمە بىل بۇنى،
ئويلىغىن ئاستىىدىكى مىڭلارچە كىپەنسىز ياتقانلارنى.
سەن شىھىت ئوغلىسەن ،رەنجىتمە گۇناھتۇر ئاتىلارنى،
بەرمە دۇنيالارنى بەرسىمۇ ،بۇ جەننەت ۋەتەننى.

كىم بۇ جەننەت ۋەتەننىڭ ئىشقىغا بولماس پىدا؟
تۇپراقنى دەسسىسەڭ چىقار مىڭلارچە شاھىتلار ئۇدا.
جاننى جاناننى ،پۈتۈن بارىمنى ئالسۇن خۇدا،
ئەتمىسۇن بىرلا ۋەتىنىمنى دۇنيادىن جۇدا.

قەلبىمنىڭ سەندىن كۈتكىنى شۇدۇر پەقەت تىلىكى،
تەگمىسۇن بەدىنىم ،كۆكسۈمگە نامەھرەمنىڭ قولى .
بۇ ئەزانلار شاھادەت-بەخىتتۇر دىننىڭ ئۇلى .

ئۇ زامان مىڭ سەجدە قىلار ھەتتا قەبرە تاشىم،
ھەر جاراھىتىمدىن خۇدايىم،ئاقار قانلىق ياشىم.
چىقىپ كىتەر تۇپراقتىن تىنىم روھ كەبى،
شۇندىلا كۆتۈرۈلۈپ ئەرىشكە تىگەر بەلكى باشىم،

لەپىلدە سەنمۇ شەپەقلەردەك،ئەي شانلىق ھىلال،   
بولسۇن يەنە تۆكۈلگەن قانلىرىمىز ھەممىسى ھالال
ئەبەدىي ساڭا يوق ،ئىرقىمىزغا يوق قۇللۇق ھال،     
ھەققىدۇر ھۆر ياشاش بايرىقىمغا ھۆررىيەت.           
ھەققىدۇر ھەققە تىۋىنغان مىللىتىمگە ئىستىقىلال!  


-مەھمەت ئاكىف ئەرسوي

ئەسلى مەنبە: مىسرانىم تورى،ئاردا يازمىسى .





شاھى دىۋانىدىن نەمۇنىلەر



نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئارسلان ئابدۇللا
ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى ئەدەبىياتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.چاغاتاي شائىرى شاھىنىڭ دىۋانىمۇ تۈركى ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىدىن بىرى-چاغاتاي دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي مىراسلاردىن بولسىمۇ،خەلقىمىز بىلەن دىدارلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنمىغان. بۇھال ۋە ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش زۆرۈرىيىتى "شاھى دىۋان"دىن نەمۇنىلەرنى نەشىرگە تەييارلاشقا تۈرتكە بولدى.
نەشىرگە ھازىرلانغان بۇ كېچىككىنە ئەسەر يانۇس ئەكماننىڭ تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېدا چىقىدىغان "تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرىنىڭ يىللىق مەجمۇئەسى"نىڭ 1970-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان "تونۇلمىغان بىر چاغاتاي شائىرى شاھى ۋە ئۇنىڭ دىۋانى"ناملىق ئەسرىگە ئاساسەن ئىشلەندى. شېئىرلىرى تەرجىمە قىلىنماستىن، بەلكى شۇ دەۋردىكى شېئىرىي ئۇسلۇبلارنى ۋە تىلنى ئۆگىنىش ھەم تەتقىق قىلىشتا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئوي بىلەن ئۇيغۇرچە تىرانسكرېپىتسىيەلەشتۈرۈلدى ۋە پەقەت بىر قەدەر كونا دەپ قارالغان سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىلدى.

غەزەللەر
(رەمەل بەھرى)
1
قايسى گۈلشەن گۈللەرى گۈلبەرگى خەندانىڭچە بار؟
قايسى بوستان سەرۋى ھەم سەرۋى خىرامانىڭچە بار؟

بولە ئالمەس يەڭى ئاي مۈشكىن① ھىلالىڭ② بىرلە تەڭ،
مېھرى رۇخشان③ ئول قەچان مېھرى دۇرۇخشانىڭچە④ بار؟

ھەرنە دەردېكىم فەلەكتىن كېلسە مۇڭلۇق جانىما،
دېسە بولغايمۇ ئەنىكىم دەردۇ ھىجرانىڭغىچە بار؟

بەرمە دېپ خۇبلارسەرى نېگە كۆڭۈل بەس قىلمەدىم،
ھەرسەرى كىم بەرسەڭ ئەمدى بەرە ئالغانىڭچە بار؟

دېدىكىم، شاھى، سۇخۇندان⑤ ئەردى خۇسرەۋە⑥ دەھر ئارا،
قايسى بىر خۇسىرەۋ ⑦سېنىڭ شاھى سۇخۇندانىڭچە بار؟

①مۈشكى : خۇشبۇي، ئىپار
②ھىلال: ⑴يىڭى چىققان ئاي؛⑵ گۈزەلنىڭ يېڭى چىققان ئايدەك ئېگلگەن قېشى.
③رۇخشان: پارقىراق، نۇرلۇق
④دۇرۇخشان: جىلۋىدار، چاقناپ تۇرىدىغان
⑤سۇخۇندان/ سۇخەندان: ⑴گەپتان ، ناتىق؛⑵ ئەدىب، شائىر
⑥خۇسرەۋ: خۇسرەۋ شاھنى كۆرسىتىدۇ.
⑦خۇسرەۋ: ھۆكۈمدار دېگەن مەنىدە.
2
لەبلەردىن چۈنكى كامى① دىل ماڭا ھاسىل ئېمەس،
ئەي كۆڭۈل، قان يۇتكى ھاسىل غەيرى خۇنى دىل ئېمەس.

مەيل قىلمەسلەر كۆڭۈل ئالماقدە خۇبلەر، يوق ئېسە،
ئەنداق ئېرمەسكىم ئەلەرسەرى كۆڭۈل مايىل ئېمەس.

يار ئۈچۈن جان تەركىن ئېتسەم، قالما ھەيران ئەي رەفىق،
نېچە كىم ئاسان ساڭا ئېرمەس، ماڭا مۈشكۈل ئېمەس.

ناسىھا②، ئاندىن ئۆتۈپتۇر تەلبە كۆڭلۈمنىڭ ئىشى،
كىم نەسىھەت قىلغەسېن ، تەرك ئەيلەكىم قابىل ئېمەس.

ئەيلەيىن دەرمەن سەنى ئاگاھ كۆڭلۈم ھالىدىن،
ئاھكىم سەندىن رەقىبىڭ بىر زەمان غافىل ئېمەس.

ۋەھى③ نازىل④ بولدىكىم پەيغام⑤ كېلدى ياردىن،
يوقسە ئول پەيغام نەدۇر، ۋەھى ئەگەر نازىل ئېمەس.

تېلبەرەپ شاھى تۇتۇبدۇر ۋەھىش ئىلە سەھرادە ئۇنىس⑥،
ئېمدى ئول دېۋانە ئىنسان خەيلىغە⑦ داخىل ئېمەس.

①كامى: ئارزۇ-تىلەك، ھەۋەس
②ناسىھا: نەسىھەت
③ۋەھى: ئاللا ئەمرىنىڭ پەيغەمبەرگە بىلدۈرۈلۈشى(خەۋەر قىلنىشى)
④نازىل:ئاسماندىن چۈشمەك، چۈشۈرۈلمەك.
⑤پەيغام: ۋەھى ، خەۋەر
⑥ئۇنىس: رەسمى-قائىدە، مېھرىبانلىق
⑦خەيىل: ⑴توپ، گورۇھ؛⑵ شېرىك، شايكا

3
يار بارىب قويدى جانغا داغى فۇرقەت، ئەي رەفىف،
كۆڭلۈمە كار ئەتمەسۇنمۇ دەردى غۇربەت، ئەي رەفىف.

نالە قىلسەم، تەڭ ئېمەس، چۈن جان بىلە كۆڭلۈمدەدۇر،
يۈز تۈمەن ئەندۇھۇ غۇسسە، دەردۇ مېھنەت ، ئەي رەفىف.

ۋاھ، نەھالەتدۇر ماڭا كىم ئول ماھى نامېھرىبان،
نېچە جەۋر ئېتكەسايى دەي: ئاز بەر مېھنەت ، ئەي رەفىف.

ئۆلگەلى يېتسە ئىشىم ، ئاندىن مۇررۇۋۇت ئەڭلەمەن،
بارچە خۇبلەر بار ئىكەنمۇ بىمۇرۇۋۇت، ئەي رەفىف.

لەھزەئى بىدەرد ئېمەسمەن ئىشىق ئىچىدە، گوئىيا،
كىم ئەزەلدىن دەرد كېلدى ماڭا قىسمەت، ئەي رەفىف.

ئىستەمە غەمگىن كۆڭۈلنى ئىشرەت ئابادىڭغە كىم،
خۇش تۇرۇر غەمگىنلىق ئاڭا، ساڭا ئىشرەت، ئەي رەفىف.

بىۋافالىق گەر بۇدۇركىم كۆردى شاھىدىن خەتا،
پەند ئېشتىكىل ، تۇتما ھېچكىم بىرلە ئۇلغەت، ئەي رەفىف.

4
ھەجر دەردىغە سەنەملەر ۋەسىل ئىلە دەرمان قىلىڭ،
يوقسە سىز ھەم بىر يولى ئەندىشەئى ھىجران قىلىڭ!

ۋەسىل تەرھىن① ئەيلەڭىز بۇنياد ئىشىق ئەھلى ئۈچۈن،
يېر يۈزىدىن ھەجرنىڭ مەمۇرەسىن ۋېران قىلىڭ!

ئەھلى دىل سىزلەرگە زار ئولدى، ئالارغە رەھىم ئېتىپ،
ئەيلەڭىز دىدارلىق، يوق ئېرسە قەسدى جان قىلىڭ!

زۇلفىڭىز سەۋداسى بىرلەن يۈز مېنىڭدېك تەلبەنى،
ھەر زامان ئاشۇفتەلىغىدىن بىسەرۇ سامان ②قىلىڭ!

نېچە ھىجران مېھنەتتىن مۈشكۈل ئولغاي نېچە ئىش،
تىغى كىن③ تارتىپ بەردى بۇ مۈشكىلىن ئاسان قىلىڭ.

چۈن (كى قىلدىڭ)ئانى دەررى ئىشقىڭىزدىن بىنەۋا،
بىنەۋالارغە زەكاتى ھۈسىن ئۈچۈن ئىھسان قىلىڭ!

ھەمدەمى يوق شاھىنىڭ ھالىن دېمەككە يارغە،
تا ئۆزى فەھم ئەيلەگەي، جانۇ كۆڭۈل ئەففان قىلىڭ!

①تەرمىن: گۇۋاھ، گۇۋاھلىق، ئىسپات.
②بىسەرۇ سامان: بىرەر كىشى يوق ، يىتىم؛ ھېچنەرسىسى يوق، ۋەيرانلىقتا قالغان.
③كىن: ئۆچ ، كەك ، ئاداۋەت.


5
تىر بارانى① فىراقىڭدىن ئەگەر بولسام ھەلاك،
نە ئەجەب، ئەي قاشى يا، كىم باردۇر ئەسرۇ سەھىمناك②.

مەرھەمى ۋەسلىڭنى ئىستەرمەنكى ھىجران تېغىدىن،
خەستە كۆڭلۈم پارە-پارە بولدى، جىسمىم چاك-چاك.

چارە قىلماقدە مېنىڭ دەردىمغە ئەفرا③ ئەي تەبىب،
رەھىم ئېتىپ بىر دارۇيى④ بېرگىل كى بولغايمەن ھەلاك.

شەرھ ئېتە ئالمەي نەدەي سەنسىز كى مېھنەت كويىدا،
ئەيلەدى ئاخىرلەدكە كۈبى⑤ غەمىڭ جىسمىمنى خاك.

دۈشمەن ئولدى ئالەمى ئىشقىدە ، ئەي شاھى ماڭا،
بولسە ئول نامېھرىبان گەر دوست، دۈشمەندىن نە باك⑥!
①تىر باران: ⑴ئاتماق، ئوققا تۇتماق.⑵ئەيىبلىمەك، سۆكمەك.
②سەھىمناك: دەھشەتلىك، ۋەھىملىك.
③ئەفرا: كەسمەك، يارماق.
④دارۇيى: دورا، بۇ يەردە زەھەر مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
⑤لەكەد كۇب : "لەكەد"(جۈپ، قوش)، "كۇب"(كۇپ،قازان)نىڭ بېرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ،"يوغان بىر جۈپ كۆز"،"غايەت زور"دېگەن مەنىدە.
⑥باك: خەۋپ، زىيان، ۋەھىمە.


6
جانىمىزغە، ئەي فەلەك، تۆزمەك جە فامۇ قىلمەدىڭ،
كۆڭلۈمىزنى يۈز بالاغە مۇبتەلا قىلمەدىڭ؟

ئېتمەدىڭمۇ ئېلگە روشەن سۈبھدىك ئىشرەت كۈنىن،
غەم تۈنېدىك روزغارىمنى قارامۇ قىلمەدىڭ؟

گەرۋەفا يوقتۇر دېسەم ساڭا، تەئەججۈپ قىلماكىم،
مېھرىبان يارىمنى ئاخىر بىۋەفا قىلمەدىڭ؟

ئەيىش-ئىشرەتدىن مېنى بىگانە ئەيلەپ زۇلىم ئىلە،
مېھنەتۇ غەم خەيلى بىرلە ئاشامۇ قىلمەدىڭ؟

ئەيلەسەم ھەر لەھزە سەندىن شەكۋە① نە قىلدىم دېمە،
يارنى مەندىن، مەنى ئاندىن جۇدامۇ قىلمەدىڭ؟

نەكى سەندىن ياخشىلىق قىلدىم تەمەننا، ئەي سىپھىر②،
يۈز يەمەنلىقلار بىلەن ئانى ئەدامۇ قىلمەدىڭ؟

بۇ بەقاسىز ئالەمى فانى غەمىدىن شاھېدىك،
ناتۇۋان فەرسۇدە③ جىسمىمنى فەنامۇ قىلمەدىڭ؟


①شەكۋە: شىكايەت، پىتنە-ئىغۋا.
②سىپھر: كۆك، پەلەك، ئاسمان.
③فەرسۇدە : زەئىب، ئاجىز، ھارغىن.


7

يادكىم قىلغاي مېنى، گەر سەن مېنى ياد ئەتمەسەڭ،
شادكىم قىلغاي ھەزىن كۆڭلۈمنى سەن شاد ئەتمەسەڭ.

ھەجر ئارا يۈز قوندى ۋېرانلىغ سەرى كۆڭلۈم ئۆيى،
ئاھ ئەگەر سەن ۋەسىل بۇنيادىدىن ئاباد ئېتمەسەڭ.

بەھرە تاپقايمەن ۋىسالىڭ مەزرەئىدىن① ئەي كۆڭۈل،
ھەجرىڭ ئىلە گەر ھەزىن ئۆمرۈمنى بەرباد ئېتمەسەڭ.

ئىشىق ئارا مەھزۇن كۆڭۈلگە يېتكەي ئېردى شادلىق،
ھەر زامان غەم تەرھىنى② كۆڭلۈمگە بۇنياد ئېتمەسەڭ.

ھۆسىن ئەھلى بولغاي ئىبردىلەرمۇ ھەرگىز بىۋەفا،
گەر ئالارغە سەن ۋەفاسىزلىغنى ئىرشاد③ ئېتمەسەك.

مېھرىبانى يوق، كۆڭۈل،دەردىم ئاڭا شەرھ ئېتكەلى،
پەس قەچان فەھىم ئەيلەگەي ھالىمنى، فىرياد ئېتمەسەڭ.

ھەر نېچە خۇسرەۋ ئېسەڭ رەھىم ئېتمەس ئول شېرىن زەبان،
گەر ئۆزۈڭنى شاھىيا، ئىشىق ئىچرە فەرھاد ئېتمەسەڭ.

①مەزرەئى : ئېتىز، ئېكىنزارلىق
②تەرھ : تاشلىماق، ئېلىپ تاشلىماق، ئايرىۋەتمەك
③ئىرشاد : ئۇزاتماق، يولغا سالماق



8
ئەي كۆڭۈل، ئاي يۈزىدىن مەھرۇمسەن، قان يىغلەغىل،
ئەي كۆڭۈل تاپمەن ۋىسالىن، تارتىپ ئەففان يىغلەغىل.

ئەيرىلىپ ئول ياردىن چۈن كۆرمەدىم رۇخسارىنى،
ئەي كۆڭۈل چەككىل فىغان، ئەي كۆز، فىراۋان يىغلەغىل!

كۆزۈ كۆڭلۈم ھەر بىرى يىغلەر زار ئەھۋالىما،
سەن مېنىڭ ھالىمغە رەھىم ئەيلەپ، ئەي جانان يىغلەغىل!

ئەي كى دائىم شادۇ خەندان ئېردىڭ ئول ئاي ۋەسلىدىن،
ئېدىمكىم بولدى نەسبىم دەردۇ ھىجران، يىغلەغىل.

ھەمنىشا بولسا سەبرىڭ، ئۆزگەلەردېك يىغلىمە،
گەر مېنىڭدەك بار ئېسەڭ بىسەيرۇ سامان، يىغلەغىل.   

ھەمىنشا بولسە سەبرىڭ، ئۆزگەلەردېك  يىغلەمە،
گەر مېنىڭدېك بار ئېسەڭ بىسەبرۇ سامان، يىغلەغىل!

يىغلە ماقدىن تىنماغۇڭ شاھى، مۇنۇڭدېك بولسا ھەجر،
يۇقمەيىن كۆز، تىنمەيىن تا باردۇر ئىمكان يىغلەغىل!

9
ھەجرىدىن جانغە كۆڭۈلدىن، كۆڭلۈمە جاندىن مەلال،
ھەم ماڭا مۇندىن مەلال، ئەلقىسسە ھەم جاندىن مەلال.

ئاندىن ئايرۇجان مەلۇلۇ①، مەن داغى ۋاھ نەيلەيىن،
كۆڭلۈمە ھىجرانىدىن يۈز قويدى ھەر ياندىن مالال.

ناتۇۋان كۆڭلۈم يۈزى ھىجرانىدىن گۈلدىن مەلۇل،
قەددىن ئايرۇ ماڭا سەۋرى خىراماندىن مەلال.

دەۋر ئەيەغىن چۈن لەبالەب ئەيلەسەڭ، بېرگىل ماڭا،
كىم يىتىپتۇر، ساقىيا، كۆڭلۈمگە دەۋراندىن مەلال.

ئىستىمە بىخانۇمان كۆڭلۈمنى، شاھى، كىم ئېرۇر،
خەستە جانغا ئول ئەلا② خانۇ ئەلا مەندىن مەلال.

①مەلۇل:غەمكىن، قايغۇلۇق
②ئەلا: قارا، ئاڭلا، قۇلاق سال




10
گەر دېسەم ئول دىلرەباغە سەنىڭ ئۈچۈن زارمەن،
ئول ماڭا دېركىم سەنىڭدەك زاردىن بىزارىمەن.

خاھ ئۆلتۈر، خاھ تىرگۈزكىم كۆڭۈل بېردىم ساڭا،
سەن بىلۈرسەن، چۈن غەمىمنى ئەيلەدىم ئىزھارىمەن.

ئەي ھەبىبىم① شەربەتى ۋەسلىڭدىن قىل روزى② ماڭا،
كىم فىراق ئازارىدىن دىلخەستە-يۇ بىمارمەن.

كۆڭلۈم ئەففارى ئولدى ھىجران تىغىدىن دىدارسىز،
سەربەسەر كۆڭلۈمگە ئوخشار، مەن دەغى ئەفغارىمەن.

باش ئۈزە سەۋدايى زۇلفى تۈشتى ئېرسە، دوستلار،
تەڭ ئېمەس، گەر باغلەسەم كۇفر ئەھلىدېك زۇننار ③مەن.

بۇل ئەجەپ ھالىكى ئالەم ئىچرە دەردىم فاش ئولۇر،
نىچە كىم مەخغى غەمىنى جان ئارا ئەسرارمەن.

بەسكى شاھى، تاپتى شېئىرىڭ ئەل ئارا بەرگۈ نەۋا،
تەڭ ئېمەسكى شېئىر ئىلەن دېسەڭ نەۋائى-ۋارمەن.

①ھەبىب: دوست، يارەن، مەھبۇب
②روزى: نىسىۋە
③زۇننار:⑴ خىرىستىيانلار بوينىغا ئېسىۋالىدىغان كىرسىت؛ ⑵ھۆكۈمدارلار ئىش ئۈستىدە تاقايدىغان ئەمەلدارلىق بەلگىسى.

11
مۇنچە ئەندۇھۇ بەلىييات① بىزگە يېتكۈرگەن بىرەۋ،
جانىمىزنى ھەسرەت ئوتى بىرلە كۆيدۈرگەن بىرەۋ.

ئىشقى بىرلە زۇھدۇ② تەقۋا كويىدىن ئايرۇ سالىپ،
بىزنى رۇسۋالىق سەرى كۈچ بىرلە كېلتۈرگەن بىرەۋ.

غۇسسە يۇ ئەندۇھى ھىجران، بارئېمىش يۈزمىڭ بەلا،
كۆڭلۈمىزگە بۇ بەلالەرنى رەۋا كۆرگەن بىرەۋ.

ئاللىمىزدە ھەر زامان ئەغيارنى بىسيار ئۆگۈپ،
بىزنى ئەغيار ئاللىدە بىر يولى سىندۈرگەن بىرەۋ.

گاھ ۋىسال ئەييامىدىن ، گاھ شامى ھىجران جەۋرىدىن،
ئېلنى تىرگۈزگەن بىرەۋ، شاھىنى ئۆلتۈرگەن بىرەۋ.

①بەلىييات: بەختسىزلىكلەر، كۆڭۈلسىزلىكلەر
②زۇھد : دۇنيادىن ۋاز كېچىپ قانائەت بىلەن شۇغۇللانماق.

12
مىھرى يوقدىن قەسدى جان قىلماقدۇر ئول جانان ئىشى،
مىھرى تەۋرىدىن① فىدا قىلماقدۇر ئاڭا جان ئىشى.

يېتكۈرۈپ ھىجران ۋىسال ئېتمەس ماڭا گەردۇن② نەسپ،
دەرد ئېرۇر ئاسان، ۋەلى مۇشكىل دۇرۇر دەۋران ئىشى.

ئەيلەدىڭ كۆڭلۈمنى قان، گۈل كۆزلەر ئاشتى ئەشىكدىن،
كۆز سالىپ كۆركى نېچۈن گۈل قىلدى ئاخىر قان ئىشى.

ۋەسىل ئارا ئەغيار رەشكى③ ئەيلەدى كۆڭلۈمنى قان،
ۋەسىل ئىشى بۇ بولسە، نەبولغۇسىدۇر ھىجران ئىشى.

ئىشىق سەھراسى ئارا سەرگەشتۇر مىسكىن كۆڭۈل،
تانە بولغاي ئاقىبەت ئول زارۇ سەرگەردان ئىشى.

ئېلىگە ئىشرەت بادەسىدىن، بىزگە غەم خۇنابەسى④،
دەۋر ئاياغىدە بۇدۇر ئىش، تائېرۇر دەۋران ئىشى.

نەئەجەپ، شاھىغە بىدار ئەيلەسە ئول شاھى ھۆسىن،
جەۋر قىلماقدۇركى ئالار ھالىغە سۇلتان ئىشى.

①تەۋر: يول، ئۇسۇل
②گەردۇن : ⑴ئاسمان گۈمبىزى؛ ⑵تەقدىر، قىسمەت
③رەشىك: كۈندەشلىك، قىزغانچۇقلۇق
④خۇنابە: قان سۈيى، قان

13
بىر كېچە ئىككى پەرى رۇخسار ماڭا مېمان ئېدى،
كىم ئالارغە تېلبە كۆڭلۈم ۋالىھۇ① ھەيران ئېدى.

بىرى ھۆسىن ئەھلىغە سەرۋەر② خۇبرولۇق ③بابىدە،
بىرى يارغە خوبولۇق تەۋرىدە④ سۇلتان ئېدى.

بىرىنىڭ دىدارى مىھرى ئالەم ئارا، ئەي كۆڭۈل،
بىرىنىڭ رۇخسارى گويا ماھىتابان⑤ ئېدى.

بىرى ئىشقىدە بەغايەت كۆڭلۈم ئېردى مۇز تەرىپ⑥،
بىرى شەۋقىدىن يۈزۈم ئۈزرە ياشىم غالتان⑦ ئېدى.

بىرىنىڭ ئازارى بىرلە قان تۆكۈر ئېردى كۆزۈم،
بىرىنىڭ نازى بىرلە باغرىمدە تولا قان ئېدى.

بىلىمەن ئول جەۋزا⑧ سىفەتلەر ماقدامىدىن بۇ كېچە،
مەجلىسىم گۈلزار ياخۇد رەۋزەئى رىزۋان⑨ ئېدى.

بەختۇتالى يارلىق كۆرگۈزدى، شاھى، ئول كېچە،
يوقسە ئول دەۋلەتگە يېتمەك ماڭا نەئىمكان ئېدى.

①ۋالىھ: مېھرىبان، ئېزىز
②سەرۋەر: بولباشچى، رەھنەما
③خوبرۇلۇق: گۈزەللىك
④تەۋرىدە: ئەسلىدە، ئەزەلدىن
⑤ماھىتابان: ئايدەك گۈزەل
⑥مۇز تەرىپ: ھاياجان، ھاياجانلانغان
⑦غالتان: تاراملاۋاتقان ، ئېقىۋاتقان
⑧جەۋزا: ئون ئىككى بۇرچنىڭ بىرسى.
⑨رەۋزە رىزۋان: جەننەت ، بىھىش، جەننەت گۈلزارى.


(ھەزەج بەھرى)

1
غەمىڭ شەرھىن ساڭا نەيلەي ھىكايەت،
كى ھۆسنۈڭدېك ئاڭا يوقتۇر نىھايەت.

ئەگەر باقسەڭ ئىنايەت① كۆزى بىرلە،
مېنىڭ سارى، ئېرۇرئەينى ئىنايەت.

نېچۈك مەيل ئەتمەگەي كۆڭلۈم قەدىغە،
كى رەنا قەددى دىلكەشدۇر بەغايەت.

نەھاجەت قەتلىم ئۈچۈن تىغ چەكمەك②،
كى بىر غەمزە③ ئېرۇر سەندىن كىفايەت.

فىغانۇ نالەدىن نەسۇد④، شاھى،
كى تاشدېك كۆڭلىگە قىلماس سىرايەت⑤.

①ئىنايەت:ئىلتىپات، ئېھسان، ياردەم
②چەكمەك: كۆتۈرمەك، تەڭلىمەك
③غەمزە: ناز، جىلۋە، كۆز ئويناتماق، ناز بىلەن كىرپىك سۈزۈپ قارىماق.
④سۇد:⑴كار ⑵ پايدا، مەنپەئەت،بەھر
⑤سىرايەت: يۇقماق، يۇقتۇرماق، زەھەرلىمەك

2
ساچىڭ كۇفرى كى ئەيلەر كىشۋەرى① دىن ئىچرە ۋېرانلىغ،
خۇدانى ياد قىلكىم ھەددىن ئاشتى نامۇسۇلمانلىغ.

قىلۇر ھەيرەت كۆڭۈل ھەيرانلىغىمدە چۈن يۈزۈڭ كۆرسەم،
ئەجەپ ھالىكى بار ھەيرانلىغ ئۈزرە مۇنچە ھەيرانلىغ.

يىغىشتۇرغىل يۈزۈڭ ئۈزرە پەرىشان زۇلفىنى يوقسە،
كى ھەددىن ئۆتكۈسى ئاشۇقتە كۆڭلۈمگە پەرىشانلىغ.

جەفا ئاندىن ماڭا ئېلنىڭ ۋەفاسىدىن ئېرۇر ياخشى،
ئەگەر جەۋرىدىن ئەففان② ئەيلەسەم، بار ئەسرۇ نادانلىغ.

ئەجەپ ئېرمەس، ئەگەر ئىشقىدە تەركى سەلتەنەت قىلسەم،
كى كويىدە گەدا بولماق ئېرۇر شاھىغە سۇلتانلىغ.

①كىشۋەر: ئىقلىم، مەملىكەت، ئۆلكە
②ئەففان: نالە ، داد-پەرياد، پىغان


3
دېمەنكى بۇ تەۋر① ئىلە يامان سەن،
نېچە دېسە، ياخشىغىنە جان سەن.

دېمەكچى جەفانى تەرك قىلدىم،
جانانەكى بار ئېردېڭ، ھەمان سەن.

كۆڭلۈم ئالىدە ئىيان سەن ئەي جاھان،
نېچەكە كۆز ئاللىدە نىھان سەن.

كۆڭۈلنى ئالىپ تەرەھھۇم ئېتمەك،
بەس دېيكى نە نەۋ دىلستان سەن.

فەھىم ئەيلەمە گۇڭدۇر ئاغزىدىن ھېچ،
شاھى، نېچە ئەيلەسەڭ گۇمان سەن.

①تەۋر: ئادەت، يوسۇن-قائىدە


4
نىگارىكىم ئاڭا ئىشىق ئىچرە ھەردەم جان فىدا قىلغاي،
كېرەك ئول نەۋكىم جانى فىدا بولسە، گىرى قىلغاي.

ۋەفا ھەرفىنى مەھۋ① ئېتمەس زەمىرىن② لەۋھىدىن ③ھەرگىز،
كىشكىم تەختەئى ئىشىق ئېلىگە ئالىپ ماھى قىلغاي.

بىرەۋكىم يار پەيغامىن مېنى بىدىلغە يېتكۈرسە،
تۈكەنگەن سايى ئىستەرمەنكى باشتىن ئىقتىدا قىلغاي؟

ئىمامىكىم ئانىڭ مىھراپى ئېرمەس قاشلەرىڭ تاقى،
نەماز ئەيلەردە ئەھلى ئىشىق نەدېپ ئىقتىدا قىلغاي.

رەقىبىڭ مېنى دېر ئېرمىش كى تەركى ئىشىق ئەيلەپدۇر،
مېنى مەھرۇمغە ۋاھ نېچە، يارەب، ئىفتىرا④ قىلغاي.

تىلەپ جەمئىيەتى ھەركىم دېسە سەرگەشتەلىك كۆرمەي،
كۆڭۈلنى ئۆزگە يېرلەردىن ئۈزۈپ ئەزمى⑤ ھەرا⑥ قىلغاي.

ماڭا يار ئاللىدە بارۇغە ياراق يوق تۇرۇر، شاھى،
مەگەر يار ئۆز قاشىغە مەرھەمەت بىرلە نىدا⑦ قىلغاي.

①مەھۋ:⑴ يوق، قۇرۇق ⑵ يوقاتماق
②زەمىر: ⑴تۈپ، ماھىيەت ،⑵ مېغىز  ئالماش
③لەۋھى: كىتابنى قويۇپ ئوقۇش ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس ئۈستەل
④ئىفتىرا: بۆھتان، تۆھمەت
⑤ئەزم: قەتئىي
⑥ھەرا: ئىرادە، ئەھد
⑦نىدا: ⑴سادا، ئاۋاز،تاۋۇش  ⑵چاقىرىق، ئىلتىجا


(مۇجتەس بەھرى)

كۆڭۈل ھەمىشە تىلەر يار بىرلە سۆھبەتى خاس،
كى فەھىم قىلمەغەي ئېل، زاھىر① ئەيلەسەم سۆزى خاس.

فىغانكى كىرمەدى ئېلىكىمگە گەۋھىرى مەقسۇد②،
نېچەكى بولدى كۆڭۈل بەھرى③ ئىشىق ئارا غەۋۋاس.

نېچە كۆرەي مېنى دىلخەستە دەردۇ غەم ئەنسىز،
ئەجەل كېلىپ مېنى بۇ دەردۇ غەمدىن ئەيلە خالاس.

نېچە جەفا قىلۇر ئول خۇبرۇ④ ماڭا، بىلىمەن،
مەگەركى مۇنداق ئېرۇر بارچە خۇبلەرغە ھەۋەس.

مۇيەسسەر ئولغۇسى يوق ماڭا، شەھيا، يوقسە⑤،
كۆڭۈل ھەمىشە تىلەر يار بىرلە سۆھبەتى خاس.

①زاھىر: ئېنىق،روشەن، ئىپادىلەنمەك، پەيدا بولماق
②مەقسۇد: ئىنتىلىش، نىيەت، ئارزۇ-تىلەك
③بەھر: دەريا،دېڭىز
④خۇبرۇ:⑴ جانان،يارەن؛  ⑵كۆركەم، گۈزەل، خۇشخۇي
⑤يوقسە: بولمىسا




روبائىيلار

غەم كۈنجى ئارا رەفىقى جانىم يوق ئېمىش،
كۆڭلۈمنى ئالۇرغە دىلستانىم يوق ئېمىش.
كۆڭلۈمنى ئالىپ يارلىق ئېتتىڭ ئىزھار،
سەن ياردىن ئۆزگە مېھرىبانىم يوق ئېمىىش.
*
ئەي بادى سەبا، ئەگەر ھەۋا ئەيلەگە سەن،
ئول سارى بارۇرنى مۇددىئا ئەيلەگە سەن.
يار ئاللىدە يەر ئۆپۈپ دۇئا ئەيلەگەيسەن،
ھالىمنى نىياز ئىلە ئەدا ئەيلەگە سەن.
*
دېدىم بولەيىن ئۆلگۈچە ئول يار بىلەن،
جان قەسىدىنى قىلغۇسى دىل ئازار بىلەن.
ئەغيار بىلەن يارلىغىم تۈزدى سىپھر،
نېتسۇن كىشى بۇ سىپھرى غەددار① بىلەن.
*
جىسمىمنى فىراق ناتۇۋان ئەيلەدىلا،
بۇ غۇسسە مېنى ھەلاكى جان ئەيلەدىلا.
جانىم ئەلەمى كۆڭۈلنى قان ئەيلەدىلا،
كۆز يولىدىن ئول قاننى رەۋان ئەيلەدىلا.

غەددار : ساتقىن، خائىن، خىيانەتچى، مەككار.





ئۈچ پارچە شېئىر

دىككىنسون(ئامرىكا)

قۇربانجان توختى ئازىق تەرجىمىسى


دەريالىرىم ئاقار سەن تامان


دەريالىرىم ئاقار سەن تامان،
چەكسىز،كۆپكۈك دېڭىز باغرىڭغا.
ئېيتقىن،مېنى ئېتەمسەن قۇبۇل؟
دەريالىرىم كۈتمەكتە سادا....

دېڭىز!مېھرىڭ ئالەمچە سېنىڭ،
تەقدىم ئېتەي ساڭا بىر جىرا.
ئېيتقىن،مېنى ئېتەمسەن قۇبۇل؟
بۇلغانساممۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقتا...


ئۆچ بولۇشقا يوق مېنىڭ ۋاقتىم


ئۆچ بولۇشقا يوق مېنىڭ ۋاقتىم،
توسۇپ تۇرار قەبرىلەر ھامان.
ھايات ئاددى بولسىمۇ مېنى
دۈشمەنلىكتىن ساقلار ھەرقاچان.

سۆيۈشكىمۇ يوق مېنىڭ ۋاقتىم،
بولماق كېرەك سۆيگۈ مادارىم.
مۇھەببەتنىڭ ئاز بىرجەبرىگە
بەرداشلىققا يوقتۇر ئامالىم.


مېنىڭ دوستۇم

مېنىڭ دوستۇم گوياكى بىر قۇش
ئۇچالايدۇ پەر قېقىپ.
مېنىڭ دوستۇم ئېنىقكى ئىنسان
ئۆلەلەيدۇ شان قېتىپ.
تىلى باركى ھەسەلدىن شېرىن
قويار مېنى گاڭگىرىتىپ.

2013-يىلى 16-ئۆكتەبىر




سۈرىيە سۆيگۈ لېرىكىلىرىدىن
(ئەرەبچىدىن ئە. ئوسمان تەرجىمىسى)

داۋاملىق

رىياد سالىھ ئەلھۈسەيىن (1954 — 1982)

مەن سېنىڭ ئۆپكەڭدىكى ئاتموسفىرا
ھەم دەريالار كۆڭلىكىڭدىكى.
نەدە بولساڭ مەن شۇ يەردە بار
ئىللىق قولۇم ھەمدە پاكار بويۇم بىلەن.

مەن سەن بىلەن دائىم بىللە بولغاچقا

كۈنلىرىڭنى سۆيۈشلەرگە پۈركەيمەن
چېچەكلەرگە قېنىڭنى.
كۆز تاشلايمەن ئاسمىنىمدىن مەن ساڭا
بەئەينى بىر تەڭرىدەك
قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن تىلەپ سەندىن مەغپىرەت.
مەن ئازاپلىق چۇقاندۇرمەن بوغۇزىڭدىكى
ھەم سەن دائىم ئېيتىدىغان گۈزەل بىر ناخشا.
كۆز تىكىمەن ساڭا يىراقتىن
قورقىمەن ھەم سېنى تۇتۇشتىن.
سېنى ئون تال بارمىقىم بىلەن
يۆلىۋالىمەن
يىقىلىپ كېتەي دەپ قالساڭ ئەگەر.
مەن قاپقارا چېچىڭدىكى بىر تال قىزىلگۈل
بىر تال ئىلغۇچ مەيدەڭدىكى ھەم.
سەن ئۇخلاپ قالساڭ
چۈشلىرىڭگە ئورۇنۇپ ياتىمەنۇ
ئۇخلىمايمەن.
سەن مېنىڭ كۆزۈم بىلەن كۆرسەڭ قۇشلارنى
مەن سېنىڭ ئاۋازىڭدا <ئەركىنلىك!> دەيمەن.

بىراق، ئۆلۈپ قالساڭ مۇبادا
ئاچلىق ياكى سۆيگۈ دەستىدىن
مەن سەن بىلەن ئۆلمەسلىككە تىرىشىمەن
چۈنكى،
ئۆلۈكلەرنى ياد ئېتىشكە ئادەم كېرەك
سېنى ھەرگىز ئەسلىمەس مەندىن باشقىسى.


لەۋلىرىمنىڭ مۇنارلىرى ئۈستىدە

مۇھەممەد سەيدەھ (1941 — 2003)

ئەتە ھېيت دېگەن كۈنى كېچىسى
مەن كۆتەردىم ئىسمىڭنى، جېنىم
تۇغ قىلىپ
قوڭغۇراقلار ئاۋازلىرى ئۈستىدە
سۆيۈشلەر پايانىدا
پورتتىكى گۈدۈك چالغان پاراخوتلارنىڭ
غېرىپلىقى ئۈستىدە
ھەم لېۋىمنىڭ ئەڭ ئىگىز مۇنارىدا…
ياغما، جېنىم، دېڭىز ئۈستىگە
ياغما، جېنىم، قورام تاشنىڭ ئۈستىگە
ياغقىن پەقەت شاقىرىغانچە
ئۆزۈڭدىكى سەلتەنەتلىك بۇلۇتلاردىن
مېنىڭ تېنىمغا…
بەلكىم ئۈنۈپ چىقار بىزدىن بىر بوۋاق
قىلىپ ۋارىسلىق
تۇيغۇلىرىمغا
ھەمدە سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە…
ئەگەر ھالاك قىلمىغان بولسام
بىھۇدىلا قاناتلىرىمنى
ئۇچۇپ چىقىپ كېچىنىڭ
ئەڭ سۈزۈك نۇر چەمبىرىكىگە
ئامانەتكە قويغان بولاتتىم
ئەشۇ يەردە چېچىڭنى، جېنىم
ئاق رەڭ بىلەن يىمىرىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن
كۈنلەرنىڭ بىرى!

قورقۇنچ

لوقمان دېركىي

ياقا يۇرتلاردا
يات بىر كوچىنى كېسىپ ئۆتكىنىڭدە
ئازاپلىنىمەن
مەندىن باشقا يەنە بىر كىشىنىڭ
سېنى ماشىنا سوقىۋېتەمدىكىن دەپ
ئەنسىرەپ قېلىشىنى ئويلىسام.
سەندىن شاتلىنىمەن
ھېلىلا تېپىلغان بىر ھەيكەلدەك.
سەندىن كوچىدا ئەنسىرەيمەن
سېنى رەستىدە سۆيىمەن
ھەمدە ئۇرۇش پارتلىغاندا
ئۆيۈڭ بار كوچىنى جان تىكىپ قوغدايمەن.


ۋاقتىم يوق

مارام ماسرىي

ۋاقتىم يوق
كەچۈرۈم سورايمەن
رادىيودىن
تېلۋىزوردىن
كىتاپلاردىن
ۋاقتىم يوق
كەچۈرۈم سورايمەن
ھەقىقەتلەردىن
خام خىياللاردىن
ھېكمەتلەردىن
ۋاقتىم يوق
كەچۈرۈم سورايمەن
ھەممىڭلاردىن
چۈنكى بىر قول
تىڭشاۋاتىمەن
چەكمەكتە يۈرىكىمنىڭ ئىشىكىنى

ئەرزىمەيدۇ

مۇھەممەد فۇئاد

قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى خاتا ئىدى
دېگەنلىك ئەمەس.
زىددىيەتنىڭ تۈرلۈك ئېھتىماللىقلىرىنى كۈزەتتۇق
ھەمدە ئوخشاشمىغان ئىزلارنى قالدۇردۇق:
ياقىنىڭ بىر تەرىپىدىكى لەۋ سۇرۇخ ئىزى،
دولىدىكى كۆكۈرۈپ قالغان ئىز.
پۇتۇم بىلەن ئۈستەلنى ئۆرۈۋەتتىم،
ئېرىگەن شام يۇقى گىلەمنى بۇلغىدى.
مەن ياخشى كۆرگەن ھەممە شېئىرنى
يۈزۈمگە ئاتتىڭ

ئازاپلىنىشنى كۆڭۈلگە پۈككەن ئىدۇق
پەقەت
ھەر ئىككىمىز يوقاتتۇق دەپ ئويلىغان
شۇ ھاياتقا مەنە ئاتا قىلىش ئۈچۈنلا
شۇنداق قىلدۇق.

چۈنكى ئۇ پەرىشان

سانىيە سالىھ

بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بىر پەرىشان ئادەم
ئېسىۋالغان رەڭگارەڭ قوڭغۇراقلارنى
خوشاللىقنىڭ قىلىپ نىقابى
باغلىۋالغان ھەم تىلىنىڭ ئۇچىغا
ھېكمەتلىرىنى
ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن پەيتى كەلگەندە.
يۈرەر يورۇق كەشىنى سۆرەپ
كېچىدەك يالغۇز
كۈتىۋالماس ئۇنى شۇنداقلا
كۆزلىرىمدىن باشقا ھېچ يۇلتۇز.
ئۇپۇقلاردا پەرۋاز قىلغان ئەي، سەن قۇش
ھەممە يەردە ئوق بار ئۇنۇتما
ئۇنۇتما مېنى
ئۆمۈر بويى قەدىمىنى تېزلەتسىمۇ
قەبرىسىنىڭ چېكىدىن ئاشالمىغان
مەندەك بىر مەڭگۈلۈك يولۇچىنى.

دىلبەر سۈرىسى

ھەكەم ئەلبابا

مەي ئاتلىرىنى
قات ئەس ھارۋىسىغا
بۇزۇپ قويما شۇنداقلا قەسىدىنى، ئەي، دىلبەر!
سەن، بۇ يەردە، ئۆتكەچ ئۇنىڭ سېپىللىرىدىن
توختىغىن بىر پەس!
يۇيۇنغىن بۇ ھەرپلەرنىڭ كەينىدە
تىلنى مەھكەم تۇت
ھەم تەلەپ قىل يۈرىكىڭدىن قاتتىق سوقۇشنى.
ئاتلانماقتا سەپەرگە، مانا، قەسىدەم
قارا، سەۋدالىق ئۇندا لىققىدە
سۆزلىرىدىن چاراڭلايدۇ تەنھالىقىم
قۇرلىرىدا سايرار تىنىش چېكەتكىلىرى
يايماقتىمەن يەلكەنلىرىنى
ھەمدە چالدىم روھىمنى، ئەنە
قەسىدىنىڭ قىلىپ گۈدۈكى:
ئاھھھ…
قېنى، چىق ئاڭا
ئالغىن ئەمدى قولۇمدىن
شامالنى، رولنى، زاماننى…

جاي ئىستىئارىسى

ئادىل مەھمۇد

ئەڭ چوڭقۇر جايدا
ئەڭ يىراق نۇقتىدا
بەرپا بولدۇق بىللە
ئەشۇ مېھرىبان، ئالتۇن سېغىز توپىدىن
كەلدۇق
سۇنۇقلىرىمىزغىچە
بىپايان بوشلۇقتىكى
نۇرلۇق، جەسۇر بىر جۈپ ئاقار يۇلتۇزدەك
مىليونلىغان يىللاردىن بۇيان
ئاقار ئۈزلۈكسىز
ئەڭ چوڭقۇر جايدا
ئەڭ يىراق نۇقتىدا
يوشۇرغانمەن يالقۇنلۇق سۇنۇقلىرىمىزنى
يوشۇرغانمەن سىرىڭنى ھەمدە
ساددىلىقىمغا

ئۆتۈنۈش

جاكلىن سالام

كېتىسەن ئاخىرى، كېچىككىن بىر ئاز
يىغىۋال
قېنىمغا ياغقان ئەتىرىڭنىڭ بۇلۇتىنى
تېڭىپ قوي ھالرەڭ كېپىنەكلەرنى
بېسىقتۇر ھەم چېچىمنىڭ چېدىرىدىكى
بارماقلىرىڭنىڭ شىرىقلىشىنى
يۇيىۋەت روھىمنىڭ پەردىلىرىدىن
يۈرىكىڭنىڭ پىچىرلىشىنى
كېچىككىن بىر ئاز
يىغىۋال ماۋۇ يەردىن سۆيۈش ھەيرىتىنى
يىغىۋال ئاۋۇ يەردىن
تەن ئۆرتىنىشى شىرنىلەشكەن چۈش خەرىتىسىنى
ئۈگەت بۇ جانغا
ھىجرانىڭدا
سىگانلارنىڭ پانۇسلىرى بىلەن تەڭ
يەلپۈنگۈسى كۆڭلەكنى قانداق تىكىشنى

بىر ئازلا پەقەت…
ھەمدە رۇخسەت قىل
تاقاپ قوياي مەيدەڭگە كومپاس
يۆنۈلۈشى ئەتىرگۈل.

ئېلىئازېرنىڭ كۆزلىرى

مۇنزىر ئەلماسرىي

سەن ئۇنىڭ قەبرىسىگە شامالدەك ئۇرۇلغاندا
قەبرە تېشىنى بوراندەك چېقىپ
تاملىرىنى ئۆرۈگەندە
سەن ئۇنىڭ جەسىتى ئۈستىگە تەقدىردەك چىقىپ
ئۈچەي – باغرىغا دەسسىگەندە
سېنىڭ بىر تامچە شۆلگىيىڭ
ئۇنىڭ مەڭزىگە قىيامەتتەك تامغاندا
ھەم ئاستا – ئاستا ئۇنىڭ مىيىقىغا
ئاندىن تىلىنىڭ ئۇچىغا
ئاندىن كېيىن يۈرىكىگە ساقىغاندا
توساتتىن
كۆزىنى ئېچىپ سېنى كۆردى
ھەممىنى كۆرگەن شۇ كۆمۈك كۆزى بىلەن كۆردى
يەر ئاستىدا
تىرىكلەرنىڭ كۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان
شۇ ئالامەتلەرنى كۆرگەن ئۆلۈك كۆزى بىلەن كۆردى
سەزدى ئۇ شۇچاغ
ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ تېرەن يېرىدە
ئۆلۈمىنىڭ تېگىدە
بىر نەرسىنىڭ مىدىراۋاتقانلىقىنى
بىر نەرسىنىڭ يېرىلىۋاتقانلىقىنى
بىر نەرسىنىڭ بىخ چىقىرىۋاتقانلىقىنى
بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈنىۋاتقانلىقىنى
كۆردى شۇندىلا
ئۇنىڭ ئۆسۈپ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى
قان مۇنارىدەك
گۆش غولىدەك
شەھۋەت پالمىسىدەك
ھەم سېنىڭ قورسىقىڭغا مېۋە تاشلاۋاتقانلىقىنى
قانداق جان ئۇ سېنىڭ جېنىڭ؟!
قانداق تەڭرى ئۇ سېنىڭ سۆيگىنىڭ؟!

ئىنتىزارلىقتىن چاقنىماقتىمىز

فىراس سۇلايمان مۇھەممەد

قەھۋە سوۋۇپ قالدى
سەن ئويغانمىدىڭ
سەھەر دېرىزىگە ئېسىلىپ قالغان
مەن
ئورۇندۇق
ۋە ئۈستەل
ئىنتىزارلىقتىن چاقنىماقتىمىز.


دەرەخ ئاستىدا

ھۈسەيىن ئاجىب

دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى
دەرەخ ئاستىدا
بىر – بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇردۇق
يۈزىدىكى مېڭىگە قولۇمنى ئۇزارتىشنىڭ ئورنىغا
ئۆلۈپ كەتكەن سىڭلىم توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدىم
ئاسماننىڭ چېكى يوق ئىدى
دېڭىزنىڭ ئۈستىدە ئاي بار كونا مەنزىرىسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى
ئۇ ماڭا قۇلاق سالدىمۇ بىلمەيمەن
شۇنداقلا، ئىشىك ئېچىلىپ
ھېچكىم كىرمىگەندە
چېچىمنىڭ قانداق ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى سەزمىدىم

كېلە بىردەم

ساقىر ئالىيشى

كېلە بىردەم يالغۇزلىقىمغا
كېلە بىردەم…
كېلە، ئۇپۇققا بېرىپ كېلەيلى
بىرنەچچە مىنۇت،
بېرەيلى ئاڭا تاتلىق يېمەكلىك
ھەم چىرايلىق رەڭ.
كېلە…
قىلىپ بېرەيلى يەرگە بىرنېمە
ياردەملىشەيلى چېچەكلەشكە شادلىقى.
كېلە، ماڭا تەييارلىغىن بىر ئاخشام
بىر ئاخشام بىلەن
ئۇزۇن بىر شېئىر…

كۆيۈنەيلى ھاياتقا، كېلە
سۈرتىۋېتەيلى ئۇنىڭ ئۈستى – بېشىدىن
زېرىكىشنىڭ توزانلىرىنى
قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاسرايلى ئۇنى
تىرىلدۈرەيلى بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى.
كېلە، جېنىم، كەل
سائادەتنىڭ ئېھتىياجى بار بىزگە
بىز بولمىساق قالار چىملار خەۋپ ئاستىدا!


مەنبە ؛ ئابدۇرشىت ئېلى تور بىتى .





تۈرك شائىرى نۇرى جان ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر

1950 يىلى ئەرزىنجاندا كىچىك بىر تاغلىق يېزىدا تۇغۇلغان . 1960 – يىلى ئىستانبۇلغا ، 1976 – يىلى گوللاندىيەگە كۆچكەن . گوللاندىيەدە ئۆزى كېچىكىدىن قىزىققان مۇزىكا ، شىئېر ، تىياتىر ۋە رەسساملىق بىلەن شۇغۇللانغان ، رەسىم ۋە شىئېرلىرى نۇرغۇن قېتىم مۇكاپاتلانغان . گوللاندىيە ، فىرانسىيە ، بىلوروسىيە ، گىرمانىيە ۋە يۇناندا نۇرغۇن قېتىم كوللىكتىپ ھەم شەخسى كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرغان . تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى ئەدەبىيات – سەنئەت ژورناللىرىدا شىئېر ، داستان ھەم سەنئەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان . خەلقئارا سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئۈچ يىل رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن . گوللاندىيە ۋە  تۈركىيەدە رەسىم ئوقۇتقۇچىسى ۋە يېتەكچى بولغان .   ئەڭ دەسلەپ « يۈرەك كۆيسە تىترەر ، گۈل ئۈششۈسە تىترەر » ناملىق 180 بەتلىك بىر شىئېر كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . ئارقىدىنلا « كۆچمەن ئىشچىلار ئازابى » ناملىق 300 بەتلىك كىتابى ئامىستىردامدا نەشىر قىلىندى . ھازىر تۈركىيەدە يەنە ئىككى كىتابى نەشىرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ ، ئامىستىردامدا رەسىم ۋە شىئېرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىككى توپلامى تەييارلىنىلىۋاتىدۇ .   ئىنگىلىزچە ، گىرمانچە ۋە فىرانسۇزچىغا نۇرغۇن شىئېرلىرى تەرجىمە قىلىنغان نۇرى جان فىرانسىيەدە چىقىدىغان بىر مۇھىم ژورنالدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن : « سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان چۈشەنچىلىرىمنى ئاشكارىلاش توغرا كەلسە ، تۇنجى رەسىم ، شېئىر ۋە داستانلىرىم ، ئۆزۈمنىڭ ياشاش شارائىتىم ۋە پىرىنسىپىم ، ئىنسانى مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ . كېيىنكىلىرى ئۈمىد ، ئىشەنچ ، سۆيگۈ ، ئەركىنلىك ، تىنچلىق قاتارلىق ھەممە مەزمۇننى ئىپادىلىگەن . ئازاپ ۋە ئۈمىدسىزلىك تېما قىلىنغان رىئالىزىم قارىشىمنى سىموۋللۇق ۋاستىلەر بىلەن قانچىلىك ئىپادىلىيەلىسەم شۇنچىلىك ئىپادىلەشكە تىرىشتىم . كېيىن مىتولوگىيە ، پەلسەپە ، مەسەل ۋە چۈش قاراشلىرىمنى چېقىش قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم . كۈچلۈك بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەلكەمدە توشۇپ ، تاشقى دۇنيادىن ئالغان ھېسلىرىمنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلەشكە تېرىشىپ ، شۇلار ئىچىدىن ئۆزۈمنى ئىزدىدىم . چۈنكى سەنئەت ئىنساننىڭ تۇيغۇسىدۇر ، ئىستىتىك زوق ۋە گۈزەللىك قارىشىدۇر . مەن ئىنسانلارنىڭ پەقەت سەنئەت بىلەنلا ئەڭ گۈزەل چۈشەنچىلەرگە ئېگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ».
70 ياشلاردىن ئاشقان بۇ داڭلىق رەسسام ۋە شائىرىمىز ئىجادىيەتنى ھېلىھەم توختاتقىنى يوق . تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قانچە شىئېرى ھەم شۇ شىئېرلىرى ئۈچۈن سىزغان رەسىملىرىگە نەزەر سالغايسىزلەر .



ئاھ ! مۇمكىن بولسا


ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
ئازاپتىن خۇشاللىق ، خۇشاللىقتىن ئۈمىد پەيدا قىلاتتىم .
بۆلۈپ ئازابلارغا يۈرىكىمنى ،دۇنيادىكى پۈتۈن بالىلارغا سۆيگۈ ساتاتتىم .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
شامال بولۇپ ئۇچاتتىم بوز دالىلاردا ، تاغۇ-تاش ئارا ،
بالىلارنىڭ ھۇجرىسىغا غىپپىدە كىرىپ ،
ئۈستىنى يېپىپ، ھىكايە ئېيتىپ بېرىپ چىقىپ كېتەتتىم ئۇلار تۇيماستا،پىشانىسىدىن سۆيۈپ.

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
دەرەخ بولاتتىم بوز دالىدا ھەر باھار ياشىرىپ ، مىۋە بېرەتتىم ھەر يازدا ،
ئاندىن تۆكۈپ ياپراقلىرىمنى باھارغا ، كەتكەن بولاتتىم شامالنىڭ پىشىگە ئېسىلىپ .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
بىر چىنار بولۇپ باھاردەك ياشايتىم تۆت پەسىل ، يۇيۇپ چېچىمنى يامغۇر بىلەن ،
قۇرۇتاتتىم شامال بىلەن ، سۆيگۈدىن چاپان كىيىپ بالىلارنى قۇچاقلايتىم ھەر قىش .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
مۇزدەك بۇلاق بولۇپ ، سۇ بېرەتتىم باغرى كاۋاپقا .
ئۆچمەنلىك ، يامانلىق ، ئازابلارنى تازىلاپ ، سۆيگۈ بىلە يۇيۇپ يۈرەكلەرنى،
ئېقىپ كىتەتتىم باشقا دىيارغا .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
تۇپراق بولۇپ ، بۇغداي تېرىيتىم باغرىمدا ، گۈل بولۇپ ئېچىلاتتىم باغ – باغدا ،
يەر يۈزىگە چاچاتتىم ھىدىمنى .
يامغۇر ياغمىغان يۇرتلارغا شەبنەم قىلىپ تۆكەتتىم يېشىمنى .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
بالىلارغا بېرەتتىم دۇنيانى ، قۇياش بولۇپ ھەر كۈن پارلايتىم . چۆچەك بولۇپ ، چۈشلىرىنى بېزەيتىم . سۆيگۈ بولۇپ شەپقەت بىلەن قۇچاقلايتىم يېتىملەرنى ،
يىغلاتمايتىم ئانىلارنى ھەم ئاتىلارنى .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
ئېتىۋىتىلسە بىر بالا ، مەنمۇ شۇ ئان ئۆلەتتىم .
ۋە يا دوختۇر بولۇپ يارىلىرىنى تاڭاتتىم ،ئانا بولۇپ بېلىمگە ئاق باغلايتىم .
يىغلاتماستىن بالامنى ،دادا بولۇپ ، بالام ئۈچۈن يىغلايتىم .

ئاھ ! مۇمكىن بولسا ،
ئۇرۇشتىن تىنچلىق ، تىنچلىقتىن « ئادەم » ياسايتىم .
ئازابتىن خۇشاللىق ، خۇشاللىقتىن ئۈمىد ، ئۈمىدتىن دوستلۇق ياسايتىم . ئوق ئورنىغا بالىلارغا ھەر كۈنلۈكى شىئېر ئاتاتتىم .



ئاھ ، ئەي بالا !


ئاھ ، ئەي بالا ! كەتتىڭ ، يىتىم قالدى ئىچىمىزدىكى خىيال تېغى ، يوق بولدى گۈل ھىدىڭدىن تامچىغان سۆيگۈ . ئىچىمىزدىكى بۇلاققا شېئىرلار تۆكۈلمەس بولدى ، تىترىدى شامالنىڭ لەۋلىرى ، قونمىغاچقا كىپىنەكلەر ، يېتىم قالدى  گۈل بەرگىلىرى. كەتتىڭ ، زەھەرلىك ئوقلار سانجىلار ھەر كۈن ، يىرتىلغان ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىغا . يامغۇر بولۇپ تۆكۈلمەكتە كۆزلىرىمىز ، يارىلانغان دېڭىز ئۈستىگە .
قەتلى قىلىنغىنى بىر دەستە كۈلكە ئىدى ، لەۋلىرىڭدە ئۆلۈم ئاھ ! ئەي بالا. يۇلتۇزلارغا پۇلاڭشىتقىنىڭ سۆيگۈ ئىدى ، پارلاق كۆزۈڭدىكى غۇنچىلار ئىدى . سۆيگۈڭ چوڭقۇر ، يۈرىكىڭ چوڭ ، بەدىنىڭ بولسا ۋىجىك ئىدى .
سېنى نازۇك چىمەننىڭ بەرگىلىرىگە كۆمدۇق ، يىغلىماق ۋە ئاڭلاتماق ئۈچۈن دۇنياغا ھەسرەتنى .
سېنى ئاڭلاتتىم كۆچمەن قۇشلارغا ، شامال ، قارلىق تاغ ۋە بۇلۇتلارغا ، سۆيگۈمنى ئاڭلاتتىم پۈتكۈل دۇنياغا ،
تونىسۇن دەپ قېتىۋالدىم سېنى ناخشامغا . بارلىق دەرەخ ياپراق تۆكتى ، پۈتۈن گۈللەر بويۇن ئەگدى .
ئاھ ، ئەي بالا ! كەتتىڭ ، ئىچىمىزدىكى بۇلاق قۇرىدى ، ئاھۇلار جىلغىغا چۈشمەسلا بولدى . گۈزەللىكلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرمەك ئۈچۈن يەتمىدى سۆيگۈ ، يەتمىدى ئۈمىد . ئاھ ، ئەي بالا! كەتتىڭ ، پۈتۈن قۇشلارنىڭ قاناتلىرى يۇلۇندى ، گۈل-چىچەكنىڭ كۆزلىرىمۇ ياشلاندى . ئۆلۈمىڭ قار دانىسىدەك ئاق ئىدى ، بۇ سەپەر باشلانغان يەردىلا شۇنداق ئاياغلاشتى ،

ئاھ ، ئەي بالا!
مەن سۈكۈت قىلدىم،ئازابىمنى سەن ئاڭلات دۇنياغا
ئۇزۇن چاچلىق ئوتلاردا كۈل بولدى خىيالىم ،
قايسى شاخقا ئېسىلدىم ئۈششۈدى ياپراقلىرىم . كۈز پەسلى چۈشەر سايەمگە ،
مېنىڭ بۇ بوينۇم ئەي ھايات ، بەئەينى بىر تۈپ تەۋرەنگەن دەرەخ . مەن ئېسىلغان شاخلار سۇنۇق ، مەن چۈشكەن يوللار توسۇق . قايانغا بۇرۇلسام ساراڭ شامال مەستلىكى ، قايانغا قايرىلسام تىك قىيا بوشلۇقى . پۈتۈن پەسىللەر كۈز ، پۈتۈن ئايرىلىشلار قار ،
كۈلكىلەر يېتىم ، سۇندىغۇ خىيال ، چۈشلىرىم يېتىم ،
كەلمە ئەي يار ! ئەي سەۋدا پەسلىنىڭ يىپەك چاچلىق قىزى ، گۈلباھار ! كەلمە ! قۇرىدى يولۇڭغا تىككەن ئورمان ياڭىقى.
مەن يىراق تاغ باغرىدىكى ماي چېچىكىمەن ھۈپپىدە ئېچىلغان ، ھەربىر ھېدلاش سانجىق ، ھەر بىر تۇتۇش بىر ئازاب . ھەسرەت بۇلۇتلىرى كۆزلىرىمدە تۇمان-تۇمان ،
ئىس – تۈتەك بوپ يىپىشىمەن قىيالارغا ھەر كېچە . بورانلارغا ئېسىلىمەن ، كوچىلارغا ياپراق تۆكىمەن ،
يوشۇرساممۇ ئايرىلىشنى كىرپىكىمدە ، پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانجىلار ھەر تامچە . ئاشكارىلىدىم سۆيگۈمنى يورۇق يۇلتۇزغا ،
ئاڭلاتتىم سېغىنىشىمنى ئېقىن سۇلارغا . كىرپىكىمدىن ساقىغان ئەگىز ئېچىشتۇرار يۈرەكنى ،
ئولتۇرۇپ يىغلايمۇ ئەمدى ئاپرىل يامغۇرى كەبى ؟ كەلمە ئەي يار ! ئەي يارىدار پەسىللەرنىڭ يامغۇر چاچلىق قىزى گۈلباھار ! كەلمە ! چىرىدى ئىچىمدە چوڭ بولغان نازۇك چېچەك .
ئېيتقىنە ئەي شامال ، يوشۇرارمۇ يارامنى تىك قىيالار ؟
كۈز پەسلىدە يىغلارمۇ دەرەخ ۋە شاخلار؟ ئۈزۈلۈپ چۈشتۈم ھاياتتىن تۆكۈلگەندەك ياپراقلار . يېشىلدىم ، تارقالدىم ، ئۈششۈدۈم . قايانغا قايرىلسام كۈز ، قايانغا بارسام تىك قىيا ،
ئەمدى بېشىمدا قار ، شېغىمدا شامال . كەلمە ئەي يار ! ئەي مەجنۇن پەسىللەرنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار ! كەلمە ! ئۆچۈرۈلدى سەن ئۈچۈن يېزىلغان داستان .
تۆت ئەتراپىم رىيا ، تۆت ئەتراپىم خىيانەت ، بىر پەسكەشلك قاپلىدى مېنى ، توختىمايدۇ ئىچىمدىكى قىيامەت . سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا ، ئۇنداقتا مەنمۇ سۈكۈت قىلدىم ئەي ھايات . بىر چۆلدىكى تاغ كەبى سۈكۈت قىلدىم ،
بىر يېتىمنىڭ سۇنغان نىگاھلىرىدا سۈكۈت قىلدىم . سۈكۈتلىرىم ئاقماقتا يارىدار دېڭىزغا . كەلمە ئەي يار ! ئەي قارلىق تاغلارنىڭ ، يېراق پورتلارنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار ! كەلمە ! ھېچكىم ئۈن چىقارمايدۇ ، ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتۇلدى سەن ئۈچۈن يازغان ناخشىلار . كەلسەڭ ھەسرىتىمگە كەل ، سېغىنىشىمغا كەل .
ئال ، كۆڭسۈڭگە باس مېنى ، ئازابلىرىڭغا قات مېنى !
مەن سۈكۈت قىلدىم ، سەن ئاڭلات دۇنياغا ئازابلىرىمنى .

مەنبە ؛ ئابدۇرىشىت ئېلى تور بىتى




كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104850
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2014-3-14
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 10:13:20 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ    ئوقۇپ بولالماي  ساراڭ بولغىلى تۇدۇم    نىمە دىگەن جىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9008
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 10:46:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلىرىنى  ساقلىۋالدىم.....
پۈتۈن شئېرلار  ئىچىدە  مۇنۇ   بەك  قىززىق تۇيۇلدى ماڭا...
مەن سېنىڭ ئۆپكەڭدىكى ئاتموسفىرا
بىراق، ئۆلۈپ قالساڭ مۇبادا
ئاچلىق ياكى سۆيگۈ دەستىدىن
مەن سەن بىلەن ئۆلمەسلىككە تىرىشىمەن
چۈنكى،
ئۆلۈكلەرنى ياد ئېتىشكە ئادەم كېرەك
سېنى ھەرگىز ئەسلىمەس مەندىن باشقىسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faeza.akef تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 10:46 AM  


مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1215 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 04:48:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىتابنى پۈتۈنلا كۆتۈرۈپ كىرىپسىزمۇ نىمە.بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللاڭ.بەك كۆپ بولۇپ بىراقلا يوللىسىڭىز كۆرۈرمەنگە نىسبەتەن قىزغىنلىق سۇسلىشىپ قالىدىغاندەك ھىس قىلدىم.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگە ئادەمنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10194
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 01:11:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈنۈگە ئىككى بۆلەكتىن يوللىسىڭىز  بوپتىكەن ئوقۇپ بولۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىم كەتتى .ئەمما رازىمەن .ئەجرىڭىزگە رەھمەت

شاھ زاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش