بۇ ئۆمەۋىيلەر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن قۇرۇلغان خەلىپىلىك. مەنسۇر (سەففاھ) تۇنجى خەلىپە بۇلۇپ باغدادنى پايتەخت قىلغان. مىلادىيە 836 - يىلىدىن 892 -يلىغىچە 8 - خەلىپە مۇئتەسىم بىللاھ سامەرانى پايتەخت قىلغان. 15 - خەلىپە مۇئتەمىد ئەلەللاھ باغدادنى يەنە پايتەخت قىلغان. 9 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ خەلىپىلىكنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ ئۇششاق دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلار : ئەھمەد ئىبنى تولۇن مىسىر ۋە سۈرىيەدە قۇرغان تولۇنىيلار دۆلىتى (868 - 905) ؛ مۇھەممەد ئىبنى تۇغۇچ مىسىر ۋە سۈرىيەدە قۇرغان ئىخشىدىيلار دۆلىتى (935 - 969) ؛ سالاھىدىن ئەييۇبىي يوقاتقان فاتىمىيلار خانلىقى ؛ ھەمەدان ئىبنى ھەمدۇن ھەلەبتە قۇرغان ھەمەدانىيلار دۆلىتى (929- 1003) قاتارلىقلار. مىلادىيە 945 -يىلى بۇۋەيھېلار خانلىقى باغدادقا بېسىپ كىرگەن. 1055 -يىلى سەلجۇقىيلار سۇلتانى توغرۇلبەگ باغدادقا بېسىپ كىرىپ، بۇۋەيھىلار خانلىقىنى يوقاتقان. 1258-يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى، ئېران ئېلخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېلاكۇ باغدادقا بېسىپ كىرىپ ئابباسىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇستەئسىم بىللاھنى ئۆلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئابباسىيلار خەلىپىلىكى يوقالغان.
ئابباسىيلار شەجەرىسى
1. ئابدۇللاھ (سەففاھ) 750 - 754
2. مەنسۇر (ئەبۇ جەئفەر) 754 - 775
3. مەھدى (مۇھەممەد ئىبنى مەنسۇر) 775 - 785
4. ھادى (مۇسا ئىبنى مەھدى) 785 - 786
5. ھارۇن رەشىد 786 - 809
6. ئەمىن (ئىبنى رەشىد) 809 - 813
7. مەئمۇن (ئابدۇللا ئىبنى ھارۇن رەشىد) 813 - 833
8. مۇئتەسىم بىللاھ (مۇھەممەد ئىبنى ھارۇن رەشىد) 833 - 842
9. ۋاسىق بىللاھ (ھارۇن ئىبنى مۇئتەسىم) 842 - 847
10. مۇتەۋەككىل ئەلەللاھ (جەئفەر ئىبنى مۇئتەسىم) 847 - 861
11. مۇنتەسىر بىللاھ (مۇھەممەد ئىبنى مۇتەۋەككىل) 861 - 862
12. مۇستەئىن بىللاھ (ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇستەئسىم) 862 - 866
13. مۇئتەززى بىللاھ (مۇھەممەد ئىبنى مۇتەۋەككىل) 866 - 869
14. مۇھتەدى بىللاھ (مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىق) 869 - 870
15. مۇئتەمىد ئەلەللاھ (ئەھمەد ئىبنى ئەلەللاھ) 870 - 892
16. مۇئتەزىد بىللاھ (ئەھمەد ئىبنى تەۋپىق) 892 - 902
17. مۇكتەفى بىللاھ (ئەلى ئىبنى مۇئتەزىد) 902 - 908
18. مۇقتەدىر بىللاھ (جەئفەر ئىبنى مۇئتەزىد) 908 - 932
19. قاھىر بىللاھ (ئىبنى مۇئتەزىد) 932 - 934
20. رازى بىللاھ (مۇھەممەد ئىبنى مۇقتەدىر) 934 - 940
1. مۇتتەقىي لىلاھ (ئىبراھىم ئىبنى مۇقتەدىر) 940 - 944
22. مۇستەكفىي بىللاھ (ئابدۇللاھ ئىبنى مۇكتەفىي) 944 - 945
23. مۇتىيى لىلاھ (فەزىل ئىبنى مۇقتەدىر) 946 - 974
24. تائى لىلاھ (ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇتىئ) 974 - 991
25. قادىر بىللاھ 991 - 1031
26. قائىم بىئەمرۇللاھ (ئابدۇللا ئىبنى قادىر بىللاھ) 1031 - 1075
27. مۇقتەدى بىئەمرۇللاھ (ئابدۇللا ئىبنى مۇھەممەد) 1075 - 1094
28. مۇستەزھىر بىللاھ (ئەھمەد ئىبنى مۇقتەدىر) 1094 - 1118
29. مۇستەرىشىد بىللاھ (فەزىل ئىبنى مۇستەزھىر) 1118 - 1135
30. راشىد بىللاھ (مەنسۇر ئىبنى مۇستەرىشد) 1135 - 1136
31. مۇقتەفىي لىئەمرۇللاھ (مۇھەممەد ئىبنى مۇستەزھىر) 1136 - 1160
32. مۇستەنجىد بىللاھ (يۈسۈپ ئىبنى مۇقتەفىي) 1160 - 1170
33. مۇستەزيى بىللاھ (ھەسەن ئىبنى مۇستەنجىد) 1170 - 1180
34. ناسىر لىدىيىنىللاھ (ئەھمەد ئىبنى مۇستەزيىئ) 1180 - 1225
35. زاھىر بىئەمرۇللاھ (ئىبنى ناسىر) 1225 - 1226
36. مۇستەنسىر بىللاھ (مەنسۇر ئىبنى زاھىر) 1226 - 1242
37. مۇستەئسىم بىللاھ (ئابدۇللا ئىبنى مۇستەنسىر) 1242 - 1258
مەنبە: گۈلۈستان خەزىنىسى
http://www.blogbus.com/sayipkiran-logs/156944872.html