مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20238|ئىنكاس: 115

ئاتالمىش «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 05:25:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«چوشقا-قوي»نىڭ سىرى


يېقىندىن بۇيان تور ۋە ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن قويغا ئوخشاش يۇڭلۇق چوشقا سۈرەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئەگەشكەن قانداقتۇر قوي گۆشى دەپ سېتىلىدىغان ھارام گۆشلەرنىڭ بازارغا كىرگەنلىكى، بۇنىڭدىن ھەممەيلەننىڭ ھەزەر ئەيلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدىكى خەۋەرلەر دېققىتىمنى تارتتى. تۈنۈگۈن بۇ گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر يازمىنى كۆردۈم ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۈگۈن ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ خىل «قوي سۈرەتلىك چوشقا» دىن ئىبارەت غەلىتە مەخلۇقنىڭ سىرى ئۈستىدە ئازراق چۈشەنچە بېرەي دېدىم ۋە مۇناسىۋەتلىك بىر ئېنگىلىزچە خەۋەرنى سۇنۇش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ سىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرىمەن.

ئالدى بىلەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:

http://www.dailymail.co.uk/news/article-1266440/The-sheep-pig-pulling-wool-everybodys-eyes-.html

ھەممە كىشىنىڭ كۆزىنى ئالدىغان قوي-چوشقا


لەپ قاراشقا يۇڭلۇق چاپان كەيگەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ مەخلۇقنى قوي دەپ قالغانلارنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما سىنچىلاپ قارىسىڭىز بۇ ئاز ئۇچرايدىغان سورتتا چوشقىنىڭ بۇرنى ۋە پۇتى بارلىقىنى بايقايسىز. قارىماققا غەلىتە تۇيۇلغان بىلەن، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيە ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئىلىپ كېلىنگەن ئۈچ تۇياق «ماڭگالىتزا قوي-چوشقا» لىرىنىڭ بىرىدۇر.

sheep-pig.jpg

ھايۋانلار تۈرلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئېسىكىس (لوندوننىڭ شەرىقى شىمالىدىكى بىر ناھىيە) «تروپىك قاناتلىرى» ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خادىملار بۇ سورتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيەدىن كىلىپ چىققان «ماڭگالىتزا» ئەنگىلىيەدە 40 يىللار بۇرۇن يوقىلىپ كەتكەن يەرلىك سورت «لىنكولىن بۈدرە يۇڭلۇق» چوشقىسىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

«دەسلەپ قارىغاندا، كىشىلەر ئۇلارنى قويكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ» دەيدۇ - «تروپىك قاناتلىرى» ھايۋاناتلار باغچىسى تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللىگۈچىسى دېنىس كوكىس:
«كىشىلەر ئەتراپقا سەپسېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن بۇرۇنلىرى ۋە يۈزىنى كۆرمىگىچە خاتا ئويلاپ قالىدۇ».
«ئۇلارنىڭ يۇڭى بۇ چوشقىلارنى ناھايىتى چېدامچان قىلىدۇ ۋە ئۇلار كەلگەن ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ سوغۇق قېىشىغا ماسلىشىشىغا يارەم بېرىدۇ»
«ياز كۈنلىرى بولسا ئۇلارنى كۈن نۇرىدىن كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ»

ئەينى ۋاقىتلاردا «قوي-چوشقا»لارنى كۆرۈش لىنكولىندا ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇلار يىلدا بىر پوپايكا توقۇش ئۈچۈن قىرقىلاتتى، ئەمما 1972-يىلى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى.
1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئەنگىلىيە لىنكولىن بۈدرە يۇڭلۇق چوشقىلىرى ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيىگە سېتىلغان بولۇپ، ئۇلار شۇ جايلاردا ماڭگالىتزا چوشقىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇلغان ۋە لىنكولىنىستا سورتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئۈچ يىل ئىلگىرى ئاۋىستىرىيىدە ناھايىتى ياخشى يەرلەشكەن بۇ چاڭلاشما چوشقىلار بىر توپ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە ئاز بىر قىسمى ئېلىپ كىلىنىگەن.
ئەمدىلىكتە بۇ چاڭلاشما سورتنىڭ ئەۋلادلىرى نەسلى قۇرۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېسىكىسقا كەلتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 1000 فوندېستىرلىڭغا يارايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى چوشقىلاردىن بەش ھەسسە قىممەت. ئۇلار مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
……………………………………

شۇنداق، ئۈستىدىكى سۈرەتتە كۆرۈنگىنى ھەرگىزمۇ بىر قوي بولماستىن چوشقا ۋە بۇلار ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان نەسلى قۇرۇش گىردابىدىكى سورت بولغانلىقى ئۈچۈن باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىممەت چوشقىلارنىڭ گۆشى بازارغا قوي گۆشى دەپ سېلىنىشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

شۇنى ئېنىق بىلىۋىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ قوي بىلەن  چوشقا چاڭلاشقانلىقتىن كىلىپ چىققان يېڭى تۈر ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن بار بولغان كەم ئۇچرايدىغان چوشقا سورتىدۇر. بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا، چوشقا بىلەن قوي بىر-بىرىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان تۈرلەردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ چاڭلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىز بىلىدىغان خىچىر بىر چاڭلاشما ھايۋان بولۇپ، ئۇلار ئات بىلەن ئېشەكنىڭ چاڭلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئىككى تۈر گېنتىكىلىق جەھەتتىن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بىرىدە 62 تال، يەنە بىرى دە 64 تال خىروموسوم بار بولغاچقا، خىچىردا 63 تال خىروموسوم بولىدۇ، ئەمما ئەركەك خىچىرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ياكى ئىنتايىن ئاجىز (ئامېرىكا كالورادو شىتاتىدا بىر ئەركەك خىچىرنى چىشى خىچىر بىلەن جۈپلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرغانلىقى DNA ئانالىزى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان). چوشقا بىلەن قويغا قارايدىغان بولساق، چوشقىنىڭ جەمئىي 38 تال خىروموسومى بار، قوينىڭ بولسا 54 تال خىروموسومى بار بولۇپ بۇ ناھايىتى چوڭ پەرقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا چاڭلىشىش ئۈچۈن ئىككى جانلىقنىڭ (ھايۋاننىڭ) تۇخۇم ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى بىرلىشىپ زېگوتا (ئۇرۇقلانغان تۇخۇم) ھاسىل قىلىشى شەرت. ئۇرۇقلنىش يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئىسپىرما ھۈجەيرىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە يېتىپ بارغاندا تۇخۇم ھۈجەيرىسى سىرتىدىكى ZP قەۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە پوستىدا ئىسپىرمىنىڭ ماس ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان بىر مىخانىزىم بار بولۇپ، ئەگەر ئوخشاش تۈرنىڭ ئىسپىرمىسى بولمىسا، تۇخۇم ھۈجەيرىسى بۇ ئىسپىرمىنى ھەرگىز ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ ۋە ئۇرۇقلىنىش يۈز بەرمەيدۇ. چوشقا بىلەن قوينىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ قەتئىي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قوي كۆشىگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە، ئەمما چوشقا بۇ تۈردىكى ھايۋانغا تەۋە ئەمەس. خۇلاسىلىسەم، قوي بىلەن چوشقا چېتىشىپ ھاسىل بولغان جانلىق مەۋجۇت ئەمەس.

ھازىرچە بۇنى مۇشۇنداق قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ تۇراي. مۇشۇ ئىشتا گاڭگىراپ ئەنسىرەپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىۋىلىشىىنى ۋە يالغان-ياۋىداق ئەپسانىلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىلگەجان


ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
پەرى + 200 ئېسىل
deris + 10 ئىسىل تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8049
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ جەھەتتىكى بىلىمىمنىڭ كەمچىللىكىدىن راسلا ئىشىنىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ.
شۇڭا ئوقۇ تەپەككۇر قىل دېيىلىدۇ ئەمەسمۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106651
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2014-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:23:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر تېما ئىنتايىن جايىدا ۋە دەل ۋەقتىدا يوللىنىپتۇ ، ھازىر ئەتراپىمىزدا ئۈندىدار ۋە باشقا ۋاستىلەردە چوشقا قوي ھەققىدىكى پاراڭلار ئاۋۇپ قالغان كۆپلىگەن كىشىلەرنى دەككە -دۈككىگە سېلىپ قويغان ئىدى ،بىلگىجان ئەپەندى ئۆز كەسپىي بىلىملىرى دائىرىسىدە بۇ ئىشلارغا تەپسىلىي چۈشەنچە برىپتۇ ،شەخسەن مەن ئۆزەممۇ خېلى خاتىرجەم بۇلۇپ قالدىم ، مېنڭىچە  مۇشۇنداق جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ئىش-ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە بىلىم ئەھلىلىرى ،زىيالىيلىرىمىز مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاق-قارىنى ئايرىۋېلىشىغا ياردەم قىلسا ئىنتايىن ياخشى ئىش بۇلاتتى . مانا بۇ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىي شەكىلدىكى ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشىدۇر. رەھمەت بىلگىجان ئاكا  ،تېمىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:23:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم،ھەممىمىزنى مۇشۇنداق بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1827 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە بەزى كىشىلەربار ئاق بىلەن قارىنى چىتىشتۇرۇپ ،مۇسۇلمانلارنى دىققەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14626
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9398
تۆھپە نۇمۇرى: 727
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:29:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئۇقۇشماسلىقنىڭ يۇز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بىلگىجاندەك پەن ئۆگىنىش كىرەك.
نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىلىم ھەل قىلىدۇ.

تېمىدىن سۆيۇندۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بىلىۋالدىم،،ئىنتايىن پايدىلىق بىلىملەر تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:31:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق ، ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى تېما بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت .بىلۋالدۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 06:42:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت،ئاۋۇ سەت رەسىمنى كۆرۈپ  كۆڭلۈم ئىلىشىپ كەتتى دىسە.

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش