سىنىپ كاللەكتىۋىنى قانداق يېتەكلەش كېرەك
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 B( Z! x+ b6 J( \5 ^4 H3 t
1.ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىش. ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىش،ئۇلارنى چۈشۈنۈش، بالىلارغا يېقىنلىشقشقا،ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك.كىم بالىلارنى ياخشى كۆرسە بالىلارمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.سىنىپ مەسئۇلى ئۇلار بىلەن يېقىن ئالاقە ئورنىتىشى،باللارغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەققىي مىھرى-مۇھاببىتىنى ھىس قىلدۇرشى كېرەك.بۇ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ ئاساسى.ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيەت جەريانىدىكى،دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى ئىپادىسىنى كۈزۈتۈش،ئىچكىرلەپ چۈشۈنۈش،ئۆزىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ مەسىللەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىش مەقسىىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەربىەلىنىشى.بىر سىنىپ كاللىكتىۋى قىياپىتىنىڭ قانداق بولۇشى سىنىپ كادېرلىرىنىڭ رولىغا باغلىق بولىدۇ.
ئۇلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ يېقىن ياردەمچىسى،شوڭا ياخشى سىنىپ كادېرلىرىنى تاللاش،تەربيەلەش،سىنىپ مەسئۇلى خىزمەت جەريانىدا تەدىرىجى بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ. تاللاپ چىقىلغان سىنىپ كادېرى كۇچلۇك چاقىرىق كۇچىگە ۋە باشقۇرۇش ئېقتىدارىغا ئېگە بۇلۇشى كېرە.ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېقتىدارى تۇغما بولمايدۇ،سىنىپ مەسئۇلى قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن تەربىيەلىشى،سىنىپ كادېرلىرىنىڭ ئالادىلىگىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك.
3.نىشان بەلگىلەش.نىشان بولغاندىلا خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. سىنىپ مەسئۇلى مەكتەپنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرشىۋەئۆز سىنىپىنىڭ ئەمەلىي ئەكۋالىغا ئاساسەن سىنىپ بۇيىچە،گورۇپپىلار بۇيىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتى ۋەئونۋېرسالئېقتىدارى قاتارلىق تەرەپلەردە ئەتىراپلىق يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان ئېنىق نىشان بەلگىلىشى كېرەك.
4. سىنىپ يىغىنى ۋە ئەتىرەت مەخسۇس تىمىلار بۇيىچە قانات يايدۇرۇش. ھەر قېتىملىق پائالىيەت ئەمىلىيەتكە ئويغۇن بۇلۇشى،ئوقۇغۇچىلارنى روھلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بۇلۇشقا، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ھەركىتىگەئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان بۇلۇشى كېرەك.
5.ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ،قۇيۇقلاشتۇرۇپ ئۇچۇر تورى بەرپا قىلىش. سىنىپ مەسئۇلى ئۆزىنىڭ قابىليىتى ۋە ئېقتىدارىنىڭ ئقۇتۇش نەتىجىسى ئەمەسلىكنى تۇنۇپ يېتىشى ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى،ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى پىكىر بىردەكلىگىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلار بىلەن ئۆز ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار يىغىنى مەكتەپ بىلەن ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرسىدىكى ئاساسلىق كۆۋرۈك، بۇنىڭغا سىنىپ مەسئۇلى ئىتىبار بىلەن قاراپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئاتا-ئانىلار بىلەن تۇنۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى لازىم. يىغىندا ئىلغار پىكىرلىك ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدىكى تەجىربىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشى ، مەكتەپكە بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سۆزلىتىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ھەركىتىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
6.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن تەربىيەلەش.ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنى غايىلىك،ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىنىپ مەسئۇلى پىسخىكىسى ۋە قىزقىشى ئوخشىمىغان بالىلارغا ئوخشىمىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ماھىر بۇلۇشى، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى ھەمدە ئۇلارنى جەمىيەتكە ياراملىق ئىزباسار قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
7.سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان باھاسى.تەربىيەدە ئوقۇغۇچىنى باھالاش،مۇكاپاتلاش، تەنقىدلەشنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئوقۇتقۇچىنىڭ باھاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىنىپ مەسئۇلى مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەشنى ئاساس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى، نەتىجىسىنى مۇئاييەنلەشتۈرۈشى، سەمىمىيلىك بىلەن يېتەرسىزلىكىنى تۇنۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلەش توغرا كەلگەندە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلار ئاسان قۇبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك. سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى مۇرەككەپ مەسئۇلىيىتى ئېغىر خىزمەت. ئوقۇتقۇچىلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆزىنى ھەر قايسى تەرەپلەردە مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆز خىزمەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ A0 P' Y0 h. ? O% M( F* {
مەنبە: مەكتەپ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-22 10:44 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, G% f3 t# D# _' kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, O$ M% N& a: W" Z* ?/ k( z