مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ لوپنۇر ھەققىدە يازغان شېئىرلىرى
مەن(ئاپتۇر) بۇ يىل (2008-يىل)11 – ئاينىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزدىكى قەدىمىي ماكان لوپنۇردا زىيارەتتە ۋە ساياھەتتە بولدۇم . مۇنبەر باشلىقى(قۇرداشلار مۇنبىرى بۇ مۇنبەر ھازىر بارمۇ يوق،بىلمەيمەن-يوللىغۇچىدىن) يادىكار ئەپەندى بىلەن سۆھبەتخانا نازارەتچىسى جاندوست ئەپەندىم زىيارەتتە مەن بىلەن بىللە بولدى ، بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ ئۆزىگە خاس خىسلەتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . تۆۋەندىكى شېئىرلار ـــ شۇ چاغدىكى تەسىراتلىرىمدۇر .
مۇقەددىمە
مەن مۇبارەك ئۇشبۇ كەچ كۈز پەسلىدە ، قەدىمى لوپنۇر تامان قۇيدۇم قەدەم . بىر بۈيۈك تارىخنى ئەسلەتتى ماڭا ، نۇرلۇنۇپ ھەر بىر ئۆتەڭ ، باغۇ – ئېرەم . كۆرمىدىم لوپنۇر كۆلىدىن بىر دېرەك ، ئىزدىدىم چۆل باغرىدىن چەشمە-بولاق . مەن تېۋىندىم چۆل گۈلى يولغۇنغىمۇ ، بۇندا توغراقلار چاچار زەپ خۇشپۇراق .
لوپنۇر كەنتى
تۇرىدۇ ئەنە قەدىمى بىر كەنت ، جىلۋىسى مىڭ يىل مۇقەددەمگە تۇتاش . ھەممە نەرسە شۇنچە تونۇش ، شۇنچە ئۆز ، بولمىدى مەندە پەقەتلا ياتسىراش . مەن قەدەم قويغان چېغىمدا ساتمىغا ، ئۇ ماڭا خۇددى بىلىندى خان ساراي . ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام دەپ شۇ مەھەل ، قوللىرىمنى تۇتتى ، خۇددى بىر بوۋاي . بۇندىكى شۇ قەدىمى ئۆي – ساتمىلار ، بولدى ماڭا ئۆز ئۆيۈمنىڭ راھىتى . جوت بورانلىق ئەشۇ مىسكىن ساتمىنىڭ ، قانچە بىنادىن بۈيۈكتۇر قامىتى.
چۆلدىكى ئوتاق
يەتتىمىكىن ماڭا سەپەر ھاردۇقى ، گۈل كۆرۈندى چۆلدىكى مەزمۇت ئوتاق . قانچە كارۋان ئۆتتىكىن تاڭ ئىز سېلىپ ، شۇ ئوتاقتا ياڭرىغان مىڭلاپ قوشاق . بۇ ئوتاق قەدىم ھاياتنىڭ بەلگىسى ، ئوت يۈرەك ئەجدادىمىز يالدامىسى . كۈندە ياڭرايدۇ جاسارەت ناخشىسى ، چۈنكى ئۇ ، ئۆلمەس شىجائەت ئانىسى .
تاتلىق (لوپنۇردىكى يەر ئىسمى)
چۆل ئارا بولدى ئايان تاتلىق ئەنە ، مەن يەنە سۈردۈم خىيال تاتلىققىنە . نۇرلىنىدۇ پاك ھاياتتىن پاك نىشان ، بۇندا ئۆلمەيدۇ ھاياتقا تەنتەنە . چۈنكى ، ئۇ تاتلىق مۇھەببەت بەلگىسى ، بۇندا قالغان بەكمۇ تاتلىق ئەسلىمە . ئۇشبۇ تاتلىق ھېسلىرىمغا جۆر بولۇپ ، قالدى ئۇ ، چۆللەر ئارا تاتلىققىنە. قارچۇغىدىكى ئۆمەر ( ئاتا – ئانىسى ماشىنا ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتكەن ئىكەن) سەن كىرىپسەن ئەندى بەش ياشقا ئۆمەر ، قارا قىسمەت سېنى قىپ بوپتۇ يېتىم . تېلىۋىزۇرمۇ كۆرمىدىڭسەن قانغىدەك ، ساڭا چۆچەك ئېتمىدىم مەن بىر قېتىم . سەن بوۋاڭنىڭ خۇددى يۈرەك پارىسى ، ھەم موماڭنىڭ گۆھىرى ، كۆز قارىسى . ياشىغىن چۆلدە گويا يۇلغۇن بولۇپ ، چۈنكى سەن ئۆلمەس زىمىننىڭ بالىسى .
لوپنۇر قوشاقلىرى
ياڭرىدى ئۆلمەيدىغان مىڭلاپ قوشاق ، چۈنكى ، ئۇ ئەل مېھرىدىن يانغان چىراق . قانچىلاپ قىسمەتنى كۈيلەيدۇ مۇڭى ، ھەر قۇرى مىڭ قىسىدۇر ، مىڭ ئىشتىياق . قانچە يىللاپ ياڭرىدى ئۇ توختىماي ، ئاڭلىدى كۈندە قۇياش ، تۈنلەردە ئاي . ھەر قۇشاقتا بىر سېھىر بار ، مېڭ مېھىر ، يادلىدىم كۇپلىتلىرىنى ئۇخلىماي.
خاتىمە
مەن بېسىپ باغرىمىغا لوپنۇر مېھرىنى ، خوشلۇشۇپ باقتىم قىيالماي قايرىلىپ . كۆرگىنىم ئەل مېھرىنىڭ يالدامىسى ، چىدىماق تەسكەن ئۇنىڭىدىن ئايرىلىپ . تۇرسا لوپنۇر شېئىر – قوشاقنىڭ چەشمىسى ، تەس ئىكەن كۈيلەپ ئۇنى قاتماق قوشاق . شۇندىمۇ ئەپلەپ تۇرۇپ يازدىم بۇنى ، لوپنۇرۇم بەرگەچ ماڭا زور ئىشتىياق .
2008- يىلى نويابىر لوپنۇر توردىكى مەنبە:قۇرداشلار مۇنبىرى مەنزىل : لوپنۇرى بلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ~yilan~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-22 03:00 PM
|