مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 949|ئىنكاس: 6

كۈسەن خانلىقى دائىرىسىدىكى قەدىمكى مىس كانلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 02:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈسەن خانلىقى دائىرىسىدىكى قەدىمكى مىس كانلار

ئابلىز مۇھەممەد سايرامى


كۇچانى مەركەز قىلغان كۈسەن خانلىقى ئەينى ۋاقىتتا غايەت زور تېررىتورىيەگە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. مىس كانلىرىنى ئېچىش ۋە مىستىن كۆركەم ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.

ھازىرغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيەلىرىدە بايقالغان ئاساسلىق قەدىمكى مىس كېنى خارابىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار:

1 .قۇلانكان مىس كېنى. بۇ جاي كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 22 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى ئۇ سۇ بېشى كەنتىدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ غەربىگە يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، بۇ جايدا يەنە بالا ئېقىن مىس كېنى ۋە قارا ئىشىك مىس كېنىدىن ئىبارەت ئىككى مىس كېنى بار. بۇنىڭ ئىچىدە قۇلانكان مىس كېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتىر، كان قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى 28.5مېتىر ئەتراپىدا، بالا ئېقىن مىس كېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا قەدىمدە ئېچىلغان كان خارابىلىرى، كولانغان كان يوللىرى، ئورەكلەر، ئەتراپىدا كان قېزىش سايمانلىرىدىن تاش پالتا، تاش بولقا، بازغان، مىس تاۋلىغان داشقاللار، ئوچاقلار ھەم كۈل دۆۋىلىرى بار.

2 .چاقماق مىس كېنى. بۇ كان كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. ئەتراپىدا ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان مىس كېنى قاتلىمى بار. بۇ جايدا يەنە سۇكاڭ مىس كېنى، باشكېچىك مىس كېنى، قىزىليا مىس كېنى، ئوتلاق مىس كېنى، دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمكى مىس كانلىرى بار.

3 .يىلىمزادى مىس كېنى. بۇ كان كۇچا دەرياسىنىڭ يىلىمزادى جىلغىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەينى زاماندا كىشىلەر ئاچقان كان ئىزلىرى، مىس تاۋلىغان ئوچاقلار، داشقاللار، چالا كۆيگەن ياغاچ ۋە كۈل ئىزنالىرى ساقلانغان. تەكشۈرۈلۈشىچە، قەدىمكىلەر بۇ ئەتراپتا نەچچە ئورۇندا كان قېزىپ، رۇدىلارنى دەريا بويىدا ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا تاۋلىغان. بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى مېتاللورگىيە تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ كۈنيىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مىس كېنى ئىزلىرى ۋە رۇدا تاۋلاش ئۇسۇللىرى نىلقا ناھىيەسىدىكى نۇراساي مىس كېنى خارابىسى بىلەن ئوخشىشىدىكەن. شۇنداقلا يەنە باي ناھىيەسىدىكى قەدىمكى مىس كانلار، يەنى قاراباغ يېزىسىدىكى كاجتور قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى، بوز دۆڭدىكى ئاكۇلاڭ قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى، ياقا ئېرىق يېزىسىدىكى مىس كېنى خارابىسى ۋە ئونباش يېزىسىدىكى تۇزلۇق ئېقىنغا جايلاشقان قەدىمكى مىس كېنى خارابىلىرىغا ئوخشىشىدىكەن.

4. مىستاغ مىس كېنى. بۇ كان باي ناھىيەسى ياقائېرىق يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مۇزارت دەرياسى بويىغا جايلاشقان.

5 .ئونباشتىكى قەدىمكى مىس كانلار. باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى تەۋەسىدىكى چۆلتاغ ئېتىكىدە تۇزلۇق ئېقىن قەدىمكى خارابىسى، كىرلاك قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى، قارا قىر قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى، قىر قىشلاق قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى ۋە جىگدىلىك كەنتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۇزلۇق قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى، شېيىخ مەھەللىسى قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى قاتارلىق بىر مۇنچە قەدىمكى مىس كېنى خارابىلىرى بار. بۇ كانلاردىكى رۇدىلار، داشقاللار، ھەر خىل ساپال قاچىنىڭ سۇنۇقلىرى، مېتال قازان پارچىلىرى، كۈل دۆۋىلىرى، تاش قوراللار مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ. ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە باي ناھىيەسىدىكى بۇ جايلار نۇقتىلىق، سىستېمىلىق ئارخېلوگىيەلىك تەكشۈرۈلمىگەچكە، نۇرغۇن ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى يەنىلا كۆمۈلۈپ ياتماقتا.

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن قەدىمكى مىس كان خارابىلىرىدىن مەلۇمكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا قىزىل دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى، قاپسىلاڭ دەرياسى، مۇزارت دەرياسى ھەم بۇ دەريالارنىڭ يىغىندىسى بولغان كۇچا دەرياسى ۋادىلىرىدىكى بوستانلىقلاردا تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن قەدىمكى كۈسەن ئاھالىلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مىس قورال مەدەنىيىتىنى ياراتقان. تەبىئىي شەرت-شارائىتلاردىن ئېيتقاندا، كۈسەن خانلىقى دائىرىسىدە ناھايىتى مول مىس بايلىقلىرى ساقلانغان. بۇ مىس كانلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، توپا قاتلىمى نېپىز، ئاسان تاپقىلى ۋە ئاچقىلى بولىدىغان تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولغاچقا، قەدىمكى زامانلاردىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئىقتىسادىي مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بوستانلىق يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىنى گەۋدە قىلغان بۇ جايلاردا دېھقانچىلىق، ساپالچىلىق زور دەرىجىدە راۋاجلانغان.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~yilan~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 02:50 PM  


قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 02:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106651
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2014-5-11
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 04:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن قەدىمكى مىس كان خارابىلىرىدىن مەلۇمكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا قىزىل دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى، قاپسىلاڭ دەرياسى، مۇزارت دەرياسى ھەم بۇ دەريالارنىڭ يىغىندىسى بولغان كۇچا دەرياسى ۋادىلىرىدىكى بوستانلىقلاردا تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن قەدىمكى كۈسەن ئاھالىلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مىس قورال مەدەنىيىتىنى ياراتقان

يىلان ئەپەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 05:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 02:58 PM
قەدىمى 1000 ئۆي ھازىرمۇ  بارمىدۇ.

بار !

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10631
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 05:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ياخشى تەبى بايلىقى ئۇنۇڭدىنمۇ ياخشى

شاھ زاد
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 05:36:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101915
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 12:43:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 05:36 PM
ھە، ئۇ مۇ شۇ كۇسەن گە تەۋەمۇ؟ ياكى باشقا يۇرۇتقا تەۋەم ...

سىز خەقنى گەپكە سېلىپ ئويناشقا بەك ئامراقمۇ ياكى،قارىسام بىر تور بېكىتىڭىز بار ئوخشايدۇ،تور بەتنى نورمال ماڭدۇرۇش ئۈچۈن بىلىم-سەۋىيە كىتىدۇ،بىكار بوپ قالسىڭىز كەچكىچە مۇنبەرگە كىرۋېلىپ تاققا-تۇققا ئىنكاس يىزىپ ئولتارماي، ئاز تولا كىتاپ كۈرۈپ قۇيۇڭ،كىتاپتىمۇ نۇرغۇن بىلىم بار.

خىياللىرى بىلەن ئەمەس قەدەملىرى بىلەن،يالغانلىرى بىلەن ئەمەس ۋىجدانى بىلەن،ساختا مىھرى بىلەن ئەمەس چىن مىھرى بىلەن سۈيىدىغان ئادىمىڭىز بولسا ئۈزىڭىزنى مەن بەخىتلىك دەپ ھىساپلاڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش