|
|
|
|
قوشاقلار
كاككۇك قوندى تىرەككە، سايرىشىدىن مەس بولدۇم. سەن يارىمنىڭ دەردىدە، ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولدۇم.
لاي سالايمۇ ئۆگزەمگە، يامغۇردىن ھەزەر ئەيلەپ. ناخشىچى بولاي دىدىم، يارىمنى تولا كۈيلەپ.
قوي باقىمەن كۈندە، دەريا بويىدا،سايدا. قاندۇرغىن مىنى دىلدار، سۆيگۈنىڭ بۇلاقلىردا.
باغدا گۈللەر ئېچىلسا، ئۈزەي دەيمەن قىسقىلى. ئەل ئارامى رازىمەن، چۆلنى ياياق باسقىلى.
ئاسماندىكى ئاي گاھى، دېرىزەمدىن مارايدۇ. بىۋاپالىق قىلغانلار، چوقۇم يەرگە قارايدۇ.
مەنبە:ئىجادىيتىم (چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-22 12:21 AM
|
|
|
|
|
|