2
تاملىرىغا داڭلىق شائىرلارنىڭ كلاسسىك شېئىرلىرى ھەرخىل نەقىشلەردە بېزەلگەن، ئىچىدىكى مىسرالىرى بەكمۇ چىرايلىق ھۆسىن خەتلەر بىلەن تولغان چوڭ قەغەزلەر چاپلانغان، تورۇسى بولسا گەنچ بىلەن نەقىشلەنگەن ئازادە، پاكىز چايخانىنىڭ ئىچىگە دائىم دېگۈدەك زەن سالساممۇ، بۈگۈن تەپسىلى قاراپ چىقتىم. كۈتكۈچى قىز ئالدىمغا كېلىپ ئورۇن كۆرسىتىپ بولغۇچە گۈزەلئاينىڭ قىزلارغا خاس نازۇك ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــــــ قوي كۆزلۈكۈم، قېنى بۇ يەرگە مەرھەمەت.
ئۇ بۈگۈن بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ: ئۇزۇن قارا رەڭلىك تار يوپكىسى بىلەن زەپ ياراشقان شاپتۇل چېچىكى كوپتىسى ئۇنى بەكمۇ گۈزەللەشتۈرگەن ئىدى. ئۇزۇن شارپا ياغلىقىنى ئۇماق ئېغىزى، چىمدىپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدىغان ئىنچىكە، ئۇزۇن بۇرۇنى، چوڭ، يا كەبى كىرپىكلىرى ئاستىدىكى شەھلا كۆزى، ئىنچىكە، قارا قاشلىرى... پۈتۈنلەي گۈزەللىك قاپلىغان ئات يۈزىنى تولىمۇ ياراشتۇرۇپ چەگكەن ئىدى...
ــــــ دېگەندكلا بالدۇر كېلىۋاپسەن. ھى-ھى-ھى...
ــــــ ئەسسالام جېنىم دوستۇم، ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ ــــــ گۈزەلئاي بىلەن يۈز يېقىپ ئەھۋاللاشتۇق.
ــــــ ئاللاھ خالىسا، ياخشى ئاداش. ئۆزۈڭنىڭچۇ، ئۆيدىكىلىرىڭنىڭچۇ، ياخشىدۇ؟
ــــــ ئىنشا ئاللاھ، ھەممىسى سالامەت. قېنى ئولتۇرە.
گۈزەلئاي، يېنىكى ئۇرۇندۇقنى تارتتى ۋە كۈتكۈچى قىزغا ئىككى ئىستاكان قىزىل گۈل چېيى بۇيرىتىپ قويدى. مەنمۇ ئورۇندۇقنى تارتتىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇردۇم.
ــــــ مېنى ئەجەپ ئىككى كۈن كۆرمىسەڭ، كۆزلىرىڭ نېمىنىدۇر ئىزدەپ كەتكەندۇ، جانىم؟
ــــــ شۇنى دېمەمسەن، بەكلا كۆرگۈم كەلدى سېنى گۈزىلىم. قويە ئۇنداق تېلفۇن دېگەننى، يەنىلا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش بۆلەكچى دېگىنە.
ــــــ ئۇغۇ شۇ. ھە، ئىككى كۈندىن بېرى ئىشلىرىڭ قانداقراق ئاداش؟
ــــــ قانداق بولاتتى، بۇرۇنقىدەكلا: ئىشقا بارىمەن، ئىشتىن كېلىمەن، ئاتا-ئانامنىڭ ئەركىلەتمىلىرى بىلەن ئۆي ئىشلىرى قىلىمەن، كىتاب ئوقۇيمەن، تېخى سەن بىلەن تېلفۇندا پاراڭلىشىمەن. ھى-ھى-ھى...
ــــــ ۋوي تېخى، پاراڭلاشما قېنى، قانداق قىلىمەنكىن؟
ــــــ قىزغىن دېگىنە تېخى گۈزىلىم، قىزغىن پاراڭلىشىمەن سەن بىلەن.
ــــــ مېھراي، ئەجەپ ئويناقشىپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرىڭدىن بىر نېمە ھېس قىلىۋاتىمەن جۇمۇ مەن.
ــــــ ۋاي ساراڭ، ئارتۇق خىيال قىلما. ــــــ شۇنداق دېدىم-دە، ۋاللىدە ئوت ئالغان قىزىل يۈزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇردۇم. ھېلىمۇ ياخشى كۈتكۈچى قىزنىڭ كېلىشى بىلەن خىجىللىقىم ئۇنىڭغا بىلىنمىدى.
چىرايلىق ئالتۇنرەڭ پەتنۇستا خۇشخۇي قىزىل چېيى كەلتۈرۈلدى. بىز چاي تەمىدىن ھوزۇرلانغاچ پارىڭىمىزنى قىلىشتۇق:
ــــــ تېخى مەندىن يۇشۇرماقچىمۇ؟ خەپ سېنى! ــــــ دوستۇم ئەركىلەپ تۇرۇپ خۇددى كىچىك بالىدەك دومسايدى.
ــــــ ھى-ھى-ھى... قاراڭ ماۋۇ ئۇمىقىمنىڭ قىلىقىغا.
ــــــ چاق-چاق قىلماي ئېيتيقىنچۇ؟
ــــــ ئەمىسە مېنى قېلىن دەپ، كۆزلىرىمنى جىنايەتچى دەپ ئەيىبلىمىگىن جۇمۇ!
ــــــ ھە، ئۆزۈڭ قېلىن، كۆزۈڭ گۇناھكار بولۇپ بولدى، دېگىن؟ ــــــ دوستۇم مېنى قەستەن تىرىكتۈرمەك بولاتتى. مەن دوستۇمغا نەمتۇلنىڭ خېتىنى ۋە نەمتۇلغا بولغان چۈشەنچەمنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەپ ئۆتتۈم. گۈزىلىمنىڭ ماڭا بەخىت تىلەۋاتقان كۆزلىرى بىردىنلا ئويناقشىپ كەتتى ۋە:
ــــــ ھىم، ئەسلى مۇنداق ئىش باركەن-دە كۆزلىرىڭنىڭ ئىچىدە. مەن چىدىماي كېتىپ بارىمەن جۇمۇ. ھى-ھى-ھى... ــــــ دېدى ماڭا يالغاندىن ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ.
ــــــ قويە ئاداش ئۇ گەپلىرىڭنى، ۋىيەي...
ــــــ ھى-ھى-ھى... ئوينىشىپ قويدۇم قوي كۆزلۈكۈم. سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ بەختىم جېنىم دوستۇم...
ئۇنىڭ چەكسىز دوستلۇق مېھرى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ يېقىملىق سۆزلىرى مېنى سۆيۈندۈردى.
ــــــ قايتامدۇق، مىھراي ئاداش؟ ــــــ ئۇ قاراڭغۇلۇق يېپىلىشقا باشلىغان سىرتقا قاراپ شۇنداق دېدى.
ــــــ قايتايلى ئاداش، سائەت سەككىزدىن ئېشىپتۇ. ــــــ ئۇنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۋاتقانلىقىغا قاراپ: ــــــ بولدى، مەن مېھمان قىلىمەن. ــــــ دىدىم.
ــــــ ياق، بۈگۈن سېنى تەبرىكلىگىنىم بولۇپ قالسۇن، يەنىلا مەن مېھمان قىلاي.
ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي پۇل ئالغۇچى خانقىز بىلەن ھېسابات قىلدى.
بىز چايخانىدىن چىقىپ قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن بىرگە ماڭدق ۋە ئۆيگە بارىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە:
ــــــ تېلفۇن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ؟
ــــــ بىلدىم، سەنمۇ شۇ. ــــــ دىيىشىپ ئىككىلىمىز ئۆز ئۆيىمىز تەرەپكە قاراپ مېڭىشتۇق. بۈگۈن دوستۇمغا بۇ سىرنى ئاشكارلاپ ياخشى قىلغانلىقىمدىن رازى بولدۇم.
(داۋامى بار...)
مەنبە ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.