مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2894|ئىنكاس: 18

سانائىل سۆزلەردىن تۈزۈلگەن قوشاقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالدامچىنىڭ ئادەمنى،

ئالداشلىرى ئاساندۇر.

ئالدىغاننىڭ ئازابى،

ئاخىرەتتە ئاياندۇر.

****************

ئەدەپ-ئەخلاق ئەزەلدىن،

ئەينىكىدۇر ئەمەلنىڭ.

ئەلنى ئەزگەن ئەمەلدە،

ئەشەددىيسى، ئەمەلنىڭ.

*******************

مەيخۇمارلارمەستلىكە،

مەينەتلەرگە مىلىنەر.

ماڭدامدامىڭ مۈدۈرۈپ،

مىژىلدايدۇ مىڭىلەر.

****************

پىخسىقلارنىڭ پىخسىقى،

پۇرچاقنىمۇ پارچىلار.

پۇل پوملاشتۇر پىلانى،

پۇڭچەنگىمۇ پىرقىرار.

*****************

تەييارتاپلار تىرىشماي،

تەييارنىلا تالايدۇ.

تۆشەكلەرگە تاشلىنىپ،

توڭرىسىنى تاتلايدۇ.

****************

يالغانچىلار يالغاننى،

يۈزسىزلەرچە ياسايدۇ.

ياخشىلارنى يامانلاپ،

يۈرەكلىرى ياشنايدۇ.

******************

چېقىمچىلار چىدىماس،

چاقنىغاننى چاقىدۇ.

چىمەنلىككە چىدىماي،

چاتقاللىقنى چاتىدۇ.

****************

ھورۇنلارنىڭ ھۈنىرى،

ھەرىكەتسىز ھالەتتۇر.

ھېرىسلەنمەي ھۈنەرگە،

ھالسىرايدۇ،ھالاكتۇر.

********************

قويمچىنىڭ قىلىقى،

قىلتاق-قاپقان قۇرۇشتۇر.

قويمىچىغاقويۇلغان،

قاراقىسمەتكەقاراردۇر.

*****************

ئوما ئورار ئوسمانجان،

ئومىقىنى ئويلايدۇ.

ئومىقىدۇر ئولىسمان،

ئۇيۇنىنى ئوينايدۇ.

***************

ساۋاتسىزنىڭ سىياقى،

سالپا-ساياق ساراڭدەك.

سانىلالماس سۈلكەتلىك،

سۆرىلىدۇ سازاڭدەڭ.

*****************

ھۈنەرلىكلەر ھېچقاچان،

ھۇلۇقمايدۇ ھۆرمەتلىك.

ھېرىسلەنگەچ ھۈنەرگە،

ھەركەتلىرى ھىممەتلىك.

*******************

يالاقچىلار يۇقۇرىنڭ،

يالىقىنى يالايدۇ.

يىقىتماققا ياخشىنى،

يالغان-ياۋداق ياسايدۇ.

*******************

ھەسەتخورلارھامانە،

ھالسىرايدۇ ھەسەتتىن.

ھاڭغا ھۈرەر ھەقنىمۇ-

ھوقۇشلاردەك ھوۋلاشتىن.

*******************

ساختىپەزلەر سۆزىنى،

سىلىق-سىپايە سۆزلەيدۇ.

سەزدۈرمەستىن ساختىلاپ،

سىرىتماققا سۆرەيدۇ.

******************

يىتىملارنى يىغلاتماڭ،

يۈرىكىدە يارسى.

يۈرۈڭ يېقىن ياردەمدە،

ياتسىراتماڭ ،ياخشىسى.

*******************

داۋالايدۇ داخانلار،

دەيۈزلەرچە دەرتمەننى.

دىيانەتلەر دەپسەندە،

دەستەكلەيدۇ دۇرۇتنى.

*****************

دارىتمىلاپ دوختۇرنى،

دۇئاسىنى داڭلايدۇ.

دۆتلەشكەنلەر دۈرۈلدەپ،

داخانلارغا داتلايدۇ.

*******************

مازاقلىماڭ مېيىپنى،

مېيىپلارمۇ مەشھۇردۇر.

مېيىپلارنى مەنسىتمەي،

مۇشىتلىغانلار مەرەزدۇر.

*******************

پارىخورلار پىتنىخور،

پەمىلەيدۇ پۇل-پىچەك.

پۇتلىماققا پېقىرنى،

پىرقىرايدۇ ،پاي-پىتەك.

*********************

ماختانچاقلار ماختىنپ،

مەيدىشىنى مۇشىتلايدۇ.

مەۋجۇتلىقى مېۋىسىز،

مەۋقەسىنى مورلايدۇ.

******************

ئىگىلەڭلار ئىلىمىنى،

ئىزدىنىشتىن ئىمتىياز.

ئىشەنچىسىز ئىلىمسىز،

ئىلىملىكتە ئىپتىخار.

******************

شەھۋانىيلىك،شاللاقلىق،

شەكلەندۈرەر شەنىڭنى.

شىرىن-شىكەر شەرەپلەر،

شاۋقۇنلىتار شۆھرەتنى.
******************

زىبالارغا زوقلىنىپ،

زورۇقمىغىن زىيادە.

زىغىرلايدۇ زاتىڭنى،

زارلانمىغىن زىنھارە.

***************

غەيۋەتخورلار غەليانلاپ،

غالىپلارغا غوتۇلدار.

غەمكىنلىشىپ غەيۋەتتىن،

غۇچۇرلىدى غورۇرلار.

*******************

ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 08:46 PM  


مۇھەببەت ئەڭ ئازاپلىق لەززەتتۇر
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:26:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىرەنى تۇزۇپ باقاي دىسەم تىلىمغا گەپ كەلمەيدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:31:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ــــــ كۆردۈڭمۇ؟ شېئىرىي سانائىل سۆز ئويۇنى دېگەن ماۋۇنىڭدەك بولىدۇ! ــــــ دېدى ئۇ مېنىڭ بېشمنى نۇقۇپ تۇرۇپ.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قاملاشتۇرۇپسىز

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:50:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي    شئىرغا  خىلى پىشتىم دەيتىم  سانائىل دىگەن گەپنى ئاڭقىرالمىدىم، ئويلاپ باقسام  بىلىملىرىم خىلى چولتىكەن

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،،قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قول قويدۇم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېرىندىشىمىزدىكى يۇقۇرى تالانتنى ھەممىمىز ھىس قىلۋاتىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:47:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتغۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 10:31 PM
ــــــ كۆردۈڭمۇ؟ شېئىرىي سانائىل سۆز ئويۇنى دېگەن ماۋ ...

مۇنبەردىكى ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 12:09:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuntaxvixi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 11:47 PM
مۇنبەردىكى ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە

ئۇتۇقلار مۇجەسسەملەنسۇن!

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش