مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2903|ئىنكاس: 49

ياقتۇردىڭىزمۇ؟ (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاشا يازدا چاقسا،ھەرە كۈزدە چاقسا،پىت-بۈرگە قىشتا چاقسا،يىلان ئەتىيازدا چاقسا،لېكىن مۇشۇ ئادەمزە پەسىل تاللىماي چېقىۋېرىدۇ.

  بەندىگە بالا كەلمەس اللە يازمىغۇچە،اللە بالا يازماس بەندە ئازمىغۇچە.  

  ئەينەك چېقىلسا سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكىلى بولغان بىلەن يۈرەك چېقىلسا تاشلىۋەتكىلى بولمايدىكەن....يىراق ئادەملىرىڭدىن كەلگەن زەربە ئېقىن سۇدەك ئېقىپ كەلگىنى بىلەن،يېقىن ئادەملىرىڭدىن كەلگەن زەربە يۈرۈكىڭگە مىخ بولۇپ سانجىلىدىكەن.

  سۈكۈتۈم ئېسىللىقىمدىندۇر،ھەربىر سۆزگە بېرىدىغان جاۋابىم بار لېكىن بىردە گەپكە قارايمەن گەپمۇ دەپ،بىردە سۆزلىگەنگە قارايمەن ئادەممۇ دەپ!!!

  ئاياللار ئەرلەرنىڭ قوۋرۇغىسىدىن يارىتىلغان.ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن بېشىدىن ئەمەس،ئاياق ئاستى قىلىش ئۈچۈن پۇتىدىن ئەمەس،بەلكى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن يان تەرىپىدىن،ئۇنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بىلىكىنىڭ ئاستىدىن،ئۇنىڭ سۆيۈلىشى ئۈچۈن يۈرىكىنىڭ يېنىدىن يارىتىلغان   

  ئادەمنىڭ ئىمانى كۈچلەنگەنسىرى ئۇنىڭ سۆزلىرى سىلىقلىشىدۇ،ھەدىستە شۇنداق دەيدۇ:بەندىنىڭ ئىمانى قەلبى تۈزلەنمىگۈچىلىك تۈزەلمەيدۇ،تىلى تۈزلەنمىگۈچىلىك قەلبى تۈزلەنمەيدۇ.....

شۇنداق ئادەملەر باركى سەن ئۇلار ئۈچۈن ئون بارمىقىڭنى شام قىلىپ ياندۇرۇپ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ تۇرىۋاتقىنىڭدا بىر بارمىقىڭ ئۆچۈپ قالسا توققۇز بارماقنى ئۇنتۇپ ئۆچكەن بىر بارماق ئۈچۈن سەندىن ھېساپ ئالىدۇ......!

  ئارقىغا قارىماڭ،ئارقىدا سىزنى بىئارام قىلىدىغان ئۆتمۈش بار،ئالدىڭىزغا قارىماڭ،ئالدىڭىزدا سىزنى ئەنسىزلىككە سالىدىغان كېلەچەك بار لېكىن ئۈسىتىگە قاراڭ، ئۇ يەردە سىزنى بەخىتلىك قىلىدىغان رەببىڭىز بار....!

ھېسىيات جىنايەتكە،كۆز خىيانەتكە،ئەقىل ھىدايەتكە باشلايدۇ......سەن ئۆتمۈشۈڭگە جاۋاپكار،بۈگۈنىڭگە خوجىدار،كەلگۈسىڭگە جاۋاپكارسەن.

  بىز بەش نەرسىنىدەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز:
پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،خوتۇننى دەپ ئاتا-ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

  مۇھاببەتلىشىش ئاپتۇبۇسقا چىققانغا ئوخشايدۇ،چارچاپ قالسىڭىز ۋە زېرىكسىڭىز يېرىم يولدا چۈشىۋالسىڭىز بولىدۇ لېكىن نىكاھ ئايرۇپىلانغا چىققانغا ئوخشايدۇ،مەيلى چارچاڭ ياكى زېرىكىڭ سىز يېرىم يولدا چۈشۈپ قېلىشقا ئامالسىز......

  سۆيگەنگە شۈكرى قىلمايمىز،سۆيمەيدىغاننىڭ ئارقىسىدىن كۈچ ئۇلاپ يۈگىرەيمىز،مانا بۇنى ئوققا تۇرماي پوققا تۇرۇش،ئۆز بەختىگە خالادا ئولتۇرۇش دەيمىز.

  ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ،دۇنيادا ئوپمۇ-ئوخشاش يۇپۇرماق يوق،توزنىڭ جۇلالىق قانىتى بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇلبۇلدەك ناۋاسى يوق......!

  كۆڭلۈمنىڭ تىلىمغا ئاچچىقى بار،تىلىمنىڭ كۆڭلۈمگە.كۆڭلۈم تۇيغۇلىرىنى چۈشەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تىلىمغا غەزەپ قىلغىنىدا،تىلىم چۈشەندۈرەلمىگۈدەك نەرسىلەرنى ئويلىغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈمگە قەھىر قىلىدۇ.

ئۇيقۇنى قەبرىگە،ماختىنىشنى تارازا-مىيزانغا،خاتىرجەملىكنى سىرات كۆۋرۈكىگە،ئارزۇ-ئۈمىدنى جەننەتكە قالدۇرۇڭ.

  ئالقىنىمنى يوغان ئاچتىم،تۇتىۋېلىپ قويىۋەتمىگەن ھەممە نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەي،ماڭا تەئەللۇق نەرسە ھامان مېنىڭ،ماڭا تەئەللۇق بولمىغان نەرسىنى ھەر قانچە چىڭ سىقىمدىساممۇ ئۇ بارماقلىرىم ئارىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

  بىر چاي تولدۇرماڭا،ھاياتىم كەبى قۇيۇق بولسۇن،شېكەر سالما ئىچىگە دەردىم كەبى ئاچچىق بولسۇن،چىقار قوشۇقنى ئىچىدىن ماڭا ئوخشاش يالغۇز بولسۇن.

يۈرىكىڭ ئۆزگەرسە پوزىتسىيەڭ،پوزىتسىيەڭ ئۆزگەرسە ھەرىكىتىڭ،ھەرىكىتىڭ ئۆزگەرسە ئادىتىڭ،ئادىتىڭ ئۆزگەرسە ئادىمىيلىكىڭ.ئادىمىيلىكىڭ ئۆزگەرسە تەقدىرىڭ،تەقدىرىڭ ئۆزگەرسە ھاياتىڭ ئۆزگىرىدۇ....!

  ھاياتىمغا كىرىمەن دېسەڭ ئىشىك ئوچۇق،ھاياتىمدىن چىقىپ كېتىمەن دېسەڭمۇ ئىشىك ئوچۇق لېكىن بىر تەلەپ:
ئىشىك ئالدىدا تۇرىۋالما،باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويىسەن.

بىز پۇتلىرى ئىششىپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇيدىغان پەيغەمبەرنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ كەتكۈچە ئۇخلايدىغان ئۈممەتلىرى بولۇپ قالدۇق،ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلايلى قېرىنداشلىرىم،شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى ھېچنەرسە بىزگە ئەسقاتمايدىغان........

ھېچقانداق ئادەم ھاياتىمىزغا شۇنداقلا كىرىپ قالمايدۇ،بەزىلەر ئىمتىھان،بەزىلەر جازا،بەزىلەر ئاللاھنىڭ ھەدىيەسىدۇر......!

  
ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق قىلماڭ،ھېچكىم پەرىشتىدەك ساپ ۋە پاك ئەمەس ئۆزىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،بۇ دۇنيا جەننەت ئەمەس،بۇ دۇنيانى جەننەت قىلىپ ئۆزگەرتىشكىمۇ ئىنتىلمەڭ،چۈنكى جەننەتنىڭ ئورنى بۇ دۇنيادا ئەمەس،پەقەت ئاشۇ جەننەتنىڭ ساھىبى بولۇشقا تىرىشىڭ،خۇددى ھەممىمىز مۇكەممەللىككە ئىنتىلگندەك!!!



  




مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىم.

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2944
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەكمۇ   ياقتۇردۇم، ساقلىۋالاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:49:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپمۇ ئېسىل دۇردانىلارنى ساقلىۋاپسىزغۇ، مەنمۇ ساقلىۋالايچۇ. يەنە مۇشۇنداق ساقلىۋالغان كونا خاتىرىلەر بولسا چىقىرىڭە، بىزمۇ تەڭ بەھىرلىنەيلى.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6210
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ياقتۇردۇم،
بۇ يەردىكىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلاhttps://uyghur-archive.com/misranim/thread-119747-1-1.html

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:47:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل ھېكمەتلەركەن،،تولىمۇ ياقتۇردۇم  

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:55:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم رەھمەت

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى ياقتۇردۇم، ئەمما...

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئەرلەرنىڭ قوۋرۇغىسىدىن يارىتىلغان.ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن بېشىدىن ئەمەس،ئاياق ئاستى قىلىش ئۈچۈن پۇتىدىن ئەمەس،بەلكى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن يان تەرىپىدىن،ئۇنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بىلىكىنىڭ ئاستىدىن،ئۇنىڭ سۆيۈلىشى ئۈچۈن يۈرىكىنىڭ يېنىدىن يارىتىلغان

بۇ  گەپ ماڭا  بەك  يارىدى.  شۇنداق ئويلايدىغان قىزلارنى اللاھ ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەككە ئورنىتىۋالغۇدەك،بىر -بىرىدىن ئېسىل دۇردانە ئۈنچىلەركەن.......


بەكمۇ ياقتۇردۇم.....

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104850
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2014-3-14
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:21:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىلكەن       سىزگە رەھمەت     بەك ياقتۇردۇم  ھەر ۋاقىت يوللاپ تۇرارسىز   ! !! !!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش