مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 528|ئىنكاس: 3

تەبىئەت سىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85696
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 06:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەبىئەت سىرى


نەسىر

ئۇف.......ئىمتىھانلار ئاياقلىشىپ ئوقۇغۇچىلار تەتىلگىمۇ قويۇپ بىرىلدى.مەنمۇ خىزمەت جىددىچىلىكى،ئائىلە ۋە جەمىيەت بىسمى سەۋەپلىك ئۇزۇندىن بىرى يوقلاشقا پۇرسەت چىقىرالماي يۈرگەن ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.بىر جۈپ قىزىم بولسا مەندىن بەكىرەك ھاياجانلىنىپ،بوۋا،مومىسىنىڭ يىنىغا تىزراق يىتىپ بىرىش تەقەززاسىدا بىر خىلدا كىتىۋاتقان ئاپتۇبۇسنىڭ دىرىزىسىدىن بارغانچە ئارقىدا قىلىۋاتقان مەنزىرلەرگە قارىغىنىچە چوڭ ئۆيگە بارغاندا قايسىسى مومىسى بىلەن قايسىسى بوۋىسى بىلەن بىللە يىتىپ،سەھرانىڭ ئايدىڭ كىچىلىرىدە قايسى چۆچەكنى ئېيىتقۇزۇپ ئاڭلاش ،قايسى دوسلىرى بىلەن قانداق ئويۇنلارنى ئويناش ......قاتارلىق پىلانلىرىنى بەس-بەستە ئېيتىشقاچ،بىردەم ماڭا ئەركىلەپ بوينۇمغا ئىسىلسا ،بىردەم چوڭلارغا ئىلىۋالغان سوغاتلارنى مىھرى بىلەن سىلاپ قوياتتى.مانا ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدۇق،مەن ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ۋە سوغاتلىقلارنى ئىلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغىچە ئىككىسى ئىشىكنىڭ ئالدىغا بىرىپ بولدى. بىز ھويلىغا كىرگەندە دادام كىچە قاتتىق چىققان بورانغا بەرداشلىق بىرەلمەي ،باراڭدىن ساڭگىلاپ قالغان ئۈزۈمتاللارنى رەتلەۋاتقان، ئانام ئالدى چىكىلىشكە باشلىغان لىكىن بوراندا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈزۈم دانىچىلىرىنى سۈپۈرىۋاتقانكەن.بىزنى كۆرۈپ دادام شوتىدىن يەرگە ئەمدى چۈشۈپ ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا كىچىك قىزىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا سىزنى بەك سىغىندىم دەپلا ئۆزىنى دادامغا ئاتتى دە يىقىتىۋەتتى. بۇنى كۆرۈپ چوڭ قىزىممۇ يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئۇلارغا ئىسىلدى.دادام ئوڭدىسىغا ياتقىنىچە نەۋىرلەر بىلەن ئوينىشىپلا كەتتى.بۇ مەنزىرىدىن ئانام ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.مەن دەرھال بىرىپ دادامدىن ئەھۋال سوراپ ،قىزلىرىمنى جىملىدىم.......بىز كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ دۇئادىن كىيىن، ئانامنىڭ چاچلىرىنى يۇيۇپ تارىدىم.ئۇزۇن مۇڭدىشىشىتىن كىيىن، ئۆيدىكى كىرلەرنى يىغدىم دە يۇيۇشقا تەمشەلدىم.ۋاي بىچارە قىزىم،بولدى ئۆزۈم يۇيىمەن دەيىتتى ئانام ،ھىلىمۇ بالىلارغا قاراپ،ئىشلەپ تازىمۇ چارچىدىڭىز ئاران بىر كەلگەندە يەنە ئارام ئالماي بۇ ئىشلارغا قول تىقىپ يۈرمىسىڭىزمىچۇ ئۆزۈم يىتىشىمەن دەيىتتى ئۇ.مەن ئۇنىماستىن يۇيۇشقا باشلىدىم.بۇ چاغدا قىزلىرىم بوۋىسىنىڭ تىزىغا يىپىشىپ چۈچۈك تىللىرى بىلەن  قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ سۇئال دىگەننى ياغدۇرىۋەتكەن ئىدى.....
بوۋا، نىمىشقا يەر سىلكىنىپ،دائىم يەر تەۋرەيدۇ؟
يەرنى چوڭ بىر كالا كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ،مۈڭگۈزى تالغاندا يەنە بىر مۈڭگۈزىگە يۆتكىگەندە يەر تەۋرەيدۇ قىزىم .
قوسىغى ئاچقاندا مۈڭگۈزىدە يەرنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ چۆپ يىيەلەيدۇ بوۋا؟دەپ سوراشتى قىزلار ۋىچىرلىشىپ.
ئۇ چۆپ يىمەيدىغان كالا.
چۆپ يىمىسە قوسىغى ئاچمامدۇ؟يەرنى تەۋرىمەيدىغان قىلىپ مىقلاپ قويساق بولمامدۇ؟
يەرنىڭ تىنىچ ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماي تەۋرىگۈسى بارمۇ؟
يوق!
جىم تۇرغان ھەرىنىڭ ئۇۋىسىغا كىچىك بالىلار تەمەچ تىققاندەك،ئۇ يەر-بۇ يەرنى تەشكەندىكىن يەرنىڭ شىرىن ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ ئەسنىمەمدۇ؟بۇ- مۆجىزىلەر دۇنياسى،مۆجىزىلەر دۇنياسىدا سىرلىق ئىشلار جىق بولىدۇ.....
دەپ بىرىڭە تاتلىق بوۋا.....
مەسىلەن شامالنىڭمۇ تىلى بار مەسىلەن-ئۇ‹‹مەن تەبىئەتنىڭ ئەركە بالىسى،گۈل بەرگىنى سۆيەلەيمەن،دالىلاردا ئەركىن موللاق ئىتىپ ئوينىيالايمەن››دەپ توۋلايدۇ. بەزى يەڭگىل ئىسقىرتىپ يۈزىمىزنى يەلپۈسە، بەزى غەزىپى كەلسە بورانغا ئايلىنىپ جاھاننى ۋەيران قىلىدۇ.....
ھە، بىلىۋالدىم،بوران ئاپىتى شۇكەندە بوۋا؟....
دىڭىزنىڭمۇ تىلى بار،ئۇ قوينىدىكى جانلىقلارنى يەڭگىل تەۋرىتىپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ ئۇخلىتىدۇ.مىھىرلىك قولىنى دولقۇنغا ئايلاندۇرۇپ يۈزىنى سىلاپ ئويغىتىدۇ.‹‹قوينۇمدا ئەركىن ئويناڭلار، دىڭىز دىگەن بىپايان.....›› دەپ ئانىلىق مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈپ قويىدۇ. خوشى تۇتسا يەڭگىل چايقىلىپ بۆشۈك بولغان بىلەن،غەزىپى تاشسا كەلكۈن ياساپ ھەش-پەش دىگۈچە ھاياتلىقنى يۇتىۋىتەلەيدۇ....مانا بۇ- كەلكۈن ئاپىتى.....
قار-يامغۇرنىڭمۇ تىلى بار،قار- قىشتا تەبىئەت قوينىدا كاتتا رەسىم سىزىمەن دىسە،يامغۇر-مەن يازدا ئاسماننىڭ سالامىنى ئىلىپ،كەڭ باياۋان،چۆل-جەزىرلەرگە يەتكۈزىمەن دەيدۇ.....
چاقماقنىڭمۇ تىلى بار،ئۇ- ئاي-يۇلتۇزلار يورۇتالمىغان ئۆڭكۈردەك قاراڭغۇ دالىلارنى كۈچلۈك نۇرۇم بىلەن قىلىن بۇلۇتلارنى پارە-پارە قىلىپ يىرتىپ تاشلاپ، تاڭ تەبەسسۇمىنى سوۋغا قىلىمەن دەيدۇ....
قۇملارنىڭمۇ تىلى بار،قۇملار ھۇشقىرتىپ بىز-پۇت-قولسىزمۇ يىراقلارغا بارالايمىز،بىرلەشسەك دۆڭ بولىمىز، چىچىلساقمۇ يەنىلا قۇم بولىمىز،ئىنسانلار ئەزەلدىن بىزدىن ساۋاق ئىلىشنى ئويلىشىپ باقمىدى.....
تاغلارنىڭمۇ تىلى بار،تاغلار ئۆزنىڭ ئىللىق مىھرى بىلەن تۇپراقتا ئىچىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان گۈللەرنى چوققىلىرىدا ئىچىلدۇرىدۇ.قارىغاي،قىيىن،ئارچا،ئىرەنلەرنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىنىڭ پىداكار روھى ۋە سۇنماس ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدۇ.....
ئەلۋەتتە،كائىناتنىڭ ئانسى بولمىش زىمىننىڭمۇ بەندە بىلمەس سىھىرلىك تىلى بار،مەسىلەن-سەن ئۇنىڭ يىلىكىنى سۈمۈرگەندە كۈلۈمسىرەپ بارلىق نازۇ-نىمەتلىرىنى تۆكسە،قاقشال دەرەخلەرنى چىچەكلىتىپ مىۋە بەرسە،قوينىغا چۆككەن ھەر بىر تال ئۇرۇقنى كۆكلىتىپ بولۇق سانغا ئايلاندۇرسا،ئۇنى ئاچچىقلاتقاندا يەرنىڭ ئوقى بوشاپ،دىۋىدەك قاتتىق سىلكىنىپ تەۋىرىنىدۇ......
تۇيۇقسىزلا يەڭگىل تارتىلغان خورەكتىن چۆچۈپ قارىدىم يۇ  يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرغان ئانام بىلەن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق ،چۈنكى دادام بىلەن بالىلىرىم ئۇخلاپ قالغانئىدى.....

مەنبە-ئىجادىيەت.

   

تۈگىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xabnam00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 06:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1135 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 08:59:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101842
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك    ۋاقتىمدا    چوڭ دادام   يەر   تەۋرەش   ھادىسىسىنى   مۇشۇ     ھىكايىدىكىدەك    ئەينەن  چۈشەندۈرۈپ  بىرەتتى  .    رەھمەت    .....................

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىر ئەدىبى  ژانىر ئىچىدە تىلى گۇزەل، رىتىملىق ، ئەركىن ئوي پىكرى ئىنىق بولغان بىر تۇر. مەن  نەسرى ئەسەرلەرگە ئامراق.  بۇ تىمىڭىز مۇ   جايىدا  ياخشى چىقىپتۇ . تىخىمۇ تىرشىڭ

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش