ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،خەلقنىڭ غېمىنى يەپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى جۈرئەت تۇردى ئەپەندى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ W7 S' b& p0 L8 u4 S6 O0 [0 w
سىزنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شاڭخۇ يېزىمىزدا ساقلىنۋاتقان مەسىللەر ھەققىدە قايتۇرغان جاۋاب خېتىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.گەرچە،يېزىمىزدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىللەر تۈزەلگىچە بولغان جەرياندا مەلۇم ۋاقىت كەتسىمۇ ، ھەممە ئىشلارنىڭ ئەسلىگە كېلدىغانلىقى ھەمدە پۈتكۈل دېھقان ئاممىسى خوشال بولدىغان بىر ئۈمىدۋار كەيپىياتنى بىزگە بەخشەندە ئەتتىڭىز.بۇ جەھەتتە پۈتكۈل شاڭخۇ يېزىدىكى كەڭ دېھقان ئاممىسى سىزگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىزنىڭ جاۋاب خېتىڭىزنى 19-چىسلا ئۈندىدارنىڭ دوستلۇق چەمبىرىكىدەكۆرگەن بەزى دېھقانلار كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى ھەمدە بۇ سۆيۈملۈك،يۈرىكى خەلق بىلەن تەڭ سوقىدىغان رەھبەرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كۆرۈشۋالساق دېگەندەك گەپلەرمۇ بولۇندى.بۈگۈن جاۋاب خەتنى مۇنبەردە كۆرۈپ مەنمۇ ئالەمچە سۆيۈندۈم...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' z% T1 r% K7 p% L V( D ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەن تۇلۇقنى پۈتتۈرۈپ دېھقانچىلىق ھاياتىنى تاللىۋالغان.مېنىڭ چوڭ دادام ھەم مېنى كىچىگىدىن تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان دادام بولسۇن ھەممىسى ياش ۋاقىتلىرىدا ئامما ئۈچۈن ئىشلەپ،ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،كېچىنى -كۈندۈرگە ئۇلاپ كەنت خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن.ئۆزۈممۇ شۇنداق ئائىلىدە تەۋەللۇت قىلغاچقا 23يىللىق ھاياتىم گۈزەل سەھرا قوينىدا كەڭ دېھقان ئاممىسى بىلەن ياشاپ كەلدىم.مېنىڭ روھىيىتىم مۇشۇ گۈزەل زېمىندىن ئۇزۇق ئېلىپ كەلدى.مەنىۋى دۇنيارىمنى بېيىتىشقا جاپاكەش دېھقان ئاممىسى يار-يۆلەك بولغان.شۇڭا،مەن ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايمەنكى،مەن يالغۇز ئاتا-ئانامنىڭ ئوغلى بولۇپلا قالماي،تەقدىرداش،ھەمنەپەس،بىر كەسىپتىكى دېھقان ئاممىسىنىڭ ئوغلى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: d2 O4 R% V- A4 k0 X
ئۆز يېزىمىزدا ساقلىنۋاتقان،خەلق مەنپەتىگە چېتىشلىق بولغان مۇھىم مەۋقەلەر توغۇرسىدا قەلەم تەۋرىتىپ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپراتلىرىنىڭ ھەل قىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىم شۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن بولغان ئىدى.بۇ ھەقتە سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ،مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەشكىللەپ بىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگىنىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, |6 D* C7 J/ i% g) e ‹‹كورلا شەھەر باشلىقىغا ئۇچۇق خەت›› دېگەن تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەھەللىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا چوڭلار دېسە بولمامدۇ،كىچىك تۇرۇپ بۇنداق ئىشنى قىلمىساڭ بولاتتى دېيىشتى.بۇ توغۇرلۇق ساقلانغان مەسىللەرنى ياشتا چوڭ پىشقەدەم كىشىلىرىمىز ئىپادىلەپ بولالمايدۇ.ئۇلار قانۇننى تۇلۇق چۈشىنىپ بولالمايدۇ.ھازىرقى ياخشى سىياسەتلەردىن تۇلۇق خەۋەردار ئەمەس.مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى،چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش..قاتارلىق بىر زامانلاردىكى ئىشلاردا چوڭلار كۆپ رىيازەت چەككەچكە،ئۇلارنىڭ يۈرىكى پۈتۈن ئەمەس.شۇ سەۋەبلىك خەلق ئىچىدىكى زىدىيەتلىك مەسىللەر تاكى ھازىرغا كەلگۈچە ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 N, h6 F$ b2 h5 n* F5 O ئالدىنقى يىلى قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيسىنىڭ ھاكىمى مۇنبەرگە ئۆز نامىدا كىرىپ تورداشلارنىڭ يازغان ئۇچۇق خېتىگە جاۋاب خەت قايتۇرغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تور ئابۇنتلىرى قەيسەر ھاكىمنى ئاۋامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدىغان ياخشى كادىر،مەسئۇلىياتچان رەھبەر،پارتىيەنىڭ ياخشى پەرزەنتى...دېگەندەك ناملار بىلەن سۈپەتلىگەن ئىدى.ئەلۋەتتە،كورلا شەھەر باشلىقى جۈرئەت تۇردى ئەپەندىمۇ بۇ سۈپەتكە لايىق رەھبەر دېيىشكە ھەقلىقمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q, Q2 s, z" K4 |# } ھازىرقى ئىناقلىق،ئىتىپاقلىق تەكىتلىنىۋاتقان،جوڭگۇدىكى ھەر مىللەت خەلقى قولنى-قولغا تۇتۇپ تەڭ ئىلگىرلەۋاتقان بىر دەۋردە بىزمۇ چوقۇم پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ يوليۇرۇقى بويىنچە تىرىشىمىز.ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن يولدا تەۋرەنمەي مېڭىپ ئامىۋى لۇشىيەن تەربىيسىنى ئېغىزدىلا ئەمەس،رېئال دۇنياغا تەدبىقلاپ دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى پۇقراسى بۇلۇشقا تىرىشىمىز.شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ جاۋاب خېتى بىزلەرگە زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى.ئاخىرىدا،شەھەر باشلىقى جۈرئەت تۇردى ئەپەندىمگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.