خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى خەۋىرى
2014-يىلى 5 -ئاينىڭ 21-كۈنى چارشەنبە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسى
پارتىكۇم شۇجىسى سىدىق ياسىن ،مائارىپ نازارىتىنىڭ شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇق سىنىپلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى پاتىگۈل مۇئەللىم شۇنداقلا شىنجاڭ قۇرلۇش فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى مەرھابا دولقۇن قاتالىقلار خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىغا يىتىپ كەلدى .
خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى رەھبەرلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ،قازاق ،قىرغىز تۇڭگان قاتارلىق شىنجاڭدىن كەلگەن 134نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى كۈتۈپخانىنىڭ يىغىن زالىغا يىغىلدى .
خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوغۇغۇچىلىرىغا مەسئۇل رەھبەر لىىيۇۋفىڭ يىغىن باشلاش سۆزى قىلدى ،يىغىن باشلاش سۆزىدە ئاساسەن خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى .
يىغىندا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسى
پارتىكۇم شۇجىسى سىدىق ياسىن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن دوكىلات بەردى ،شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزئارا ئىناق ئىتپاق ئۆتۈش ،باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ،مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قاتتىق تەكىتلىدى .
خاربىن پىداگىكا ئۇنىۋىرسىتى زور ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىلەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغاچقا سىدىق ياسىن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىخمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .يىغىندا سىدىق ياسىن ئۆزىمىزنىڭ مۇڭلۇق ئاڭلىنىدىغان ئانا تىلىمىزدا سۆز قىلدى ،ئوقۇغۇچىلار تولىمۇ ئىللىقلىق ھىس قىلىدى .كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىرنىڭ تەلىپى بىلەن سۆزلىگەنلىرىنى بىردىن بىردىن خەن تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى .يىغىندا شىنجاڭ قۇرلۇش فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى مەرھابا ئۆزىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى .
خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل رەھبەر لىيۇۋفىڭ يىغىن باشلاش سۆزى قىلماقتا