|
|
|
|
دوستلۇق ۋە مۇھاببەت
خوش دېمەيمەن كەتسەڭ يىراقلاپ،
چۈنكى سەندىن كۆڭلۈم رەنجىگەن.
يار تۇتمايمەن يۈرىيمەن تەنھا
سەندەك بولسا قىز بالا دېگەن.
دوستنىڭ كۆڭلى ئەزىم دەرياكەن،
كەچۈرەركەن مات قىلىپ قويساڭ.
كەچۈرمەيدۇ لىكىن بۇ كۆڭلۈم
سەن ئۆزۈڭنى يات قىلىپ قويساڭ.
بىغىڭدا سايرىغان بۇلبۇلۇڭ بولۇپ،
رازىمەن سۆيگۈڭنى كۈتۈشكە ئەبەت.
ۋە لىكىن كىچىشكە رازى سىنىڭدىن
دىل كۆيەر دوستلىرىم ئۈچۈنلا پەقەت.
دوستلىرىم كۆڭلۈمنىڭ تۆرىدە قالغان،
دوست ئۈچۈن يۈرەگىم شام بولۇپ يانغان،
تىللىساڭ بەرىبىر جان دوستلىرىمنى
دوستلىرىم قەلبىمگە ئۆچمەس ئىز سالغان.
سەن ئۈچۈن كۆيسەممۇ نۇرلۇق شام بۇلۇپ،
دوست ئۈچۈن يانىمەن ئۆچمەس ئوت بولۇپ.
يار دېگەن قەدەمدە ئۇچرايدۇ نەچچە
دوست دېگەن تېپىلماس جانجىگەر بولۇپ.
2014-يىلى 4-ئايىڭ 27-كۈنى
ئۆچمەس بۇ يازمىنى ئاخىرىدا othor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 03:35 PM
|
|
|
|
|
|