مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 888|ئىنكاس: 6

ئىسلام ھەزارىتى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى ئايرىپ قارىدىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 03:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ?& V$ F) \' M# ^5 ~

ئىسلام ھەزارىتى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى ئايرىپ قارىدىمۇ؟

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 w; M) _3 \4 q' Y( ^3 a$ U

ئوتتۇرا ئەسىردە غەرب دۇنياسىدىكى چېركاۋ ئۆزىگە قارىشى كۆز قاراشنىڭ ھەممىسىگە -گەرچە توغرا بولسىمۇ-قارىشى مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭغا ماسلىشىپ كىشىلەرگە قانۇن ۋە شەرىئەت يولغا قويۇپ بېرىشتە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تەرىپىدىن «ۋەكىل، كومىسسار» دەپ قارايدىغان «دىن كىشىلىرى»دەپ ئاتالغان كىشىلەر بارلىققا كەلگەن. ئۆزلىرىنىئاللاھنىڭ ۋەكىلى دەپ گۇمان قىلىدىغان پوپلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرسى دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئارىسىنى ئايرىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى دەپ ئاتايدىغان پوپلار بىلەن ئالىملار ئارىسىدا توقۇنۇش شەكىللەنگەن،دىن بىلەن ئىلىم- پەن ئارىسىدىكى مۇساپە يىراقلىشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئالىملار-بۇلارنىڭ قاتارىدىن گالىلې-غا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

غەرب دۇنياسىدىكى دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ئايرىلىپ كېتىش يۆلىنىشى، ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزىلەرنىڭ ئاڭسىزلارچە غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈشى نەتىجىسىدە ئىلمانىزىم(سىكولارىزىم-secularist)نىڭ يولى ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا ئىمپورت قىلىندى. ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، غەربنىڭ قاراشلىرىنى ئىلغىماستىن ئاڭسىزلارچە قوبۇل قىلىش ئىدىيە كرىزىسىگە سۆرەپ باردى. چۈنكى غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ ۋە ئۇلارنىڭ مېتودىنى ئارىيەت ئالىدىغانلار ئىسلام ھەزارىتى بىلەن غەرب ھەزارىتىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرگە ۋە تۈرلۈك شارائىتلارغا رېئايە قىلماستىن ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قۇرئان كىرىم،ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىسلام قىممەت قارىشىغا تەتبىقلاشقا ئۇرۇنغان.

بۇيەردە شۇنى بايان قىلىش كېرەككى، ئەرەب ئىلمانىلىرى قوبۇل قىلغان غەربنىڭ دىنى ھۆججەتلەرنى ئىزاھلىشى(تېكىستۇئالىز) دىننى مەزمۇنىدىن قۇرۇغدىۋەتكەن. دىنىي ھۆججەتلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن كۆچمە مەنىسىگە چىقىرىپ، دىننى ئىنسانلاشتۇرۇشقا ياكى ئىلاھى كۆرسەتمىدىن يىراق ئىنسانىي قېلىپتا تۈزۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغان.

(1)

ئىسلام ئىدىيىسىدە دىن بىلىم-مەرىپەت، بىلىم- مەرىپەت دىن

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, S2 o# [/ ]/ c6 s& F* C

ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى: ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىنسان، كائىنات ۋە ھاياتلىققا قارىتا پەلسەپە خاراكتېرلىك ئەقلى قاراشتىن ئىبارەت.

ئىسلامنىڭ شەرىئىتى:ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگەقارىتا ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىدىغان ئومۇميۈزلۈك مېتودتىن ئىبارەت.

ئىسلامدىكى بىلىم- مەرىپەتتە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىسى، زىيالىيلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ چاقىرىقى دۇنيا پەنلىرىنى دىنىي پەنلەر بىلەن زىتلاشتۇرماستىن بىرلەشتۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە دىن بىلىم-مەرىپەت، بىلىم- مەرىپەت دىندۇر. يەنى بىز بىلىم مەرىپەت ئارقىلىق ئاللاھغا يېقىنلىشىمىز، چۈنكى بىز ئۆگىنىش ۋە بىلىم-مەرىپەتتە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن «بىلىم-مەرىپەت»نىدىن ۋە «دىن»نى بىلىم-مەرىپەت دەپ چۈشىنىمىز. ئىسلامدا «ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋەپەيغەمبەرلىك»تىن ئىبارەت چوڭ ئىككى مەسىلە ئەقىل ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. دىن بۇ نۇقتىدىن بىلىم-مەرىپەتتۇر.

ئاللاھنىڭ سۆزى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلمىي ۋە ھەزارەت تارىخىغا ۋەداڭلىق ئالىملارغا بىر قاتار تىز قاراپ چىقساق، ئىسلامنىڭ بۇ خىل(يەنى دىن بىلەن ئىلىم- پەننى ئايرىيدىغان) تۆھمەتتىن خالى ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ. كېسەلمەن ئەقىل ئىگىلىرى ۋە غەربتىكى ئىدىيە قاراشلىرىنى ئاڭسىزلارچە يۆتكەپ،مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت، شارائىت ۋە مۇھىتقا قىلچە رېئايە قىلماستىن ئىسلام دىيارلىرىغا تەتبىقلىماقچى بولغان بىنورمال ئىدىيىلەر ئىسلامغا زۇلۇم قىلغان.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- s$ O: J% Z- q: _

(2)

قۇرئان كىرىم ۋە ئىلىم- پەن

رەسۇلۇللاھغا چۈشكەن بىرىنچى قېتىملىق ئىلاھىي ۋەھىي كۆرسەتمىسى بىلىم-مەرىپەت، ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئوقۇشنى پەرز قىلىپ چۈشكەن. بۇ ئايەتلەر قەلەم بىلەن يېزىلغان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە كائىناتتا كەڭرى يېيىلغان تەتقىقات ۋە تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى(مۆجىزىلىرى)نى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى تەكىتلىمەكتە:«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەمبىلەن ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى»(ئەلەق سۈرىسى،1-5- ئايەتلەر).

بۇ5 ئايەتتە«ئوقۇ»دېگەن سۆزنىڭ ئىككى قېتىم تەكرارلانغانلىقى ئىككى تۈرلۈك ئوقۇشقا بۇيرۇق. ھەر بىر ئوقۇشنىڭ خۇسۇسىيىتى، مەيدانى ۋە مېتودى بار.

بىرىنچى ئايەتتىكى ئوقۇش ئىمان ئاساسىدا ئوقۇشقا بۇيرۇق. ئۈچىنچى ئايەتتىكى ئوقۇشقا بۇيرۇق كائىناتنى ئوقۇش، مەخلۇقلار ھەققىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەجرىبىسى توپلىغان نەرسىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇق. دېمەك، ئىككى خىل ئوقۇش ئارقىلىق ۋەھىيىدىن پايدىلىنىپ ۋەھىيگە ئەگەشكەن مىللەتلەر بىلەن ۋەھىينى بىلمەسكە سالغان ۋە كائىنات بىلەن ۋەھىينىڭ تەلىماتىسىز مۇئامىلە قىلغان ياكى تارىخ بويى كائىنات ۋە ئىنسانىي تەجرىبىلەرگە سەل قارىغان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ھېس قىلالايسىز.

قايسى بىر ئادەم قۇرئان كىرىمدىن ئىبارەت ۋەھىينى تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە ئوقۇماقچى بولىدىكەن كائىنات بىلىملىرىنى ئوقۇشى، ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسى ھەققىدە ئىزدىنىشى ۋە بۇرۇنقى ھەزارەتلەرنىڭ قانداق كۈچىيىپ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. قۇرئان كىرىمدە كائىناتقا ئالاقىدار 1000 دىن ئارتۇق ئايەتلەر بار.

دېمەك،ساۋاتسىزلىقنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئىككى كىتاب بار.بىرسى مۆجىزە خاراكتېرلىك تىلاۋەت قىلىنىدىغان قۇرئان كىرىم. يەنە بىرسى كائىنات، مەۋجۇدىيەتلەر ۋەئىنسانلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىبارەت ئوچۇق كىتاب. كېيىنكىلەرنىڭ ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەجرىبە ۋە مەرىپەتلىرىدىن پايدىلىنىشى، مائارىپنىڭ ۋاستىسى بولغان قەلەم خاتىرىلىگەن يەكۈن ۋە ئىجادىيەتلەردىن پايدىلىنىشى «ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى» دېگەن ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.

ئۇنداقتا ئىنسانىيەت مەرىپىتىنىڭ مەنبەسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، ھەر ئىككىسى بىرلىكتە ئىنساننى ھەزارەت مەرىپەتلىرىگە ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. ئىنسان ھەر ئىككى مەرىپەت مەنبەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشى، بىرەرسىنى تاشلاپ قويماسلىقى لازىم. شۇ چاغدا قۇرئان كىرىمنىڭ مەخلۇقاتنى يارىتىشتىكى غايىسى، مەۋجۇدىيەت، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدىيەتتىكى غەلىبە -مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى، مەدەنىيەت يارىتىش -مەدەنىيەتسىزلىك قانۇنىيەتلىرى ۋە ئىنسانىيەت مۇھتاج بولىدىغان ئاساسلىق ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىدۇ. كائىناتنى چۈشىنىپ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا ۋە قۇرئان كىرىم تاپىلىغان ئامانەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا پايدىلىنىدۇ. كائىناتنى ۋە ئىنسان پىسخىكىسىنى ئوقۇپ، ئىنساننى قايسى نەرسىنىڭ ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى ۋە قايسى نەرسىنىڭ بۇزۇۋىتىدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ.

دېمەك،مەرىپەتنىڭ ئىككى مەنبەسىنى تەڭ ئوقۇش ۋە ئىككى «ئوقۇ» دېگەن بۇيرۇقنى تەڭ ئىجرا قىلىش لازىم.

دېمەك،كائىناتنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى بۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنغان، چۈنكى ئۇ ياراتقۇچى ئاللاھغا ئىشىنىشىنىڭ ئەقلى يولى. ئاللاھ ئىنسانغا يازما كىتاب ئايەتلىرىنى چۈشۈرۈپ بەردى، يازما ۋە كائىنات ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن دەپ ئىنسانغا ئىقتىدار ۋە ئەقىل ئاتا قىلدى.ئاللاھنىڭ ۋەھىيدىن ئىبارەت يازما كىتابى بىلەن كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان كائىنات كىتابى ئارىسىدا ئۈزۈلۈش يوق. مۇتەپەككۇر مۇھەممەد غەززالى مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئان كىرىمنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن كائىنات مەرىپەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇنلىشىش ئەزەلدىن تارتىپلا بېكىتىلگەن ئىش. چۈنكى قۇرئان كىتابىنى چۈشۈرگۈچى زات كائىنات ئايەتلىرىنى ياراتقان زاتتۇر. كائىنات ھەقىقىتى بىلەن قۇرئان كىرىمنىڭ ھەقىقەتلىرى ئارىسىدا زىتلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە قۇرئان ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە دەلىل بولىدىغان سۆزلەپ تۇرىدىغان «كائىنات»، شۇنداقلا بۇچوڭ كائىنات سۈكۈت قىلىۋاتقان «قۇرئان»دۇر. ھەر ئىككىسىنىڭ مەنبەسى بىر، نىشانىمۇ بىردۇر» (مۇتەپەككۇر شەيخ مۇھەممەد غەززالى: قۇرئانغا نەزەر، 13- بەت).

قۇرئان كىرىم ئىنسان ئۈچۈن ھىدايەت يولىنىڭ يىغىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھىدايەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئۆتمۈش، تارىخ ۋە كائىناتنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقى،تەرەققىيات، ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرى، رېئال ھايات، كەلگۈسى ۋە ئاقىۋەت مەسىلىلىرىگە نەزەر تاشلاشتىن ئىبارەت. يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى قۇرئان كىرىم مەدەنىيەت،ئىدىيە ۋە ئىلىم-پەنلەردە مۇكەممەل مېتود بويىچە ئېلىپ كەلدى. مانا قۇرئان كىرىم روھانىيلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان «تەقۋالىق»نى تەبىئي پەن، ماددىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىش ۋە ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئايەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ۋەئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى دەپ ئېلان قىلدى. دېمەك، ئەقىلنىڭ كەشپىياتلىرى قەلبىنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشنىڭ يولىدۇر:«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» (فاتىر سۈرىسى،27-28- ئايەتلەر).

(3)

سۈننەت ۋە ئىلىم-پەن

قايسى بىر ئادەم ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىگە بىر قاتار قاراپ چىقىدىغان بولسا، ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققىنى رېئاللىققا ئاشۇرىدىغان «شەرئى بىلىملەر» بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان«ئىلىم- پەنلەر»نى ئايرىمايدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

بەزى مۇسۇلماندىكى كەمتۈك دىيانەتچىلىك ئىسلام ئىدىيىسى نامىدا بىلىم-مەرىپەتنىڭ پەرزلىكىنى پەقەت شەرئى بىلىملەرگە چەكلەپ قويغان. ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ھاياتنى گۈللەندۈرىدىغان ئىلىم-پەنگە سەل قارىغان. بۇرۇنقى ئالىملار تۈرلۈك ئىلىم-پەنلەرگە «پەرز كۇپايە» قاتارىدىن دەپ باھا بەرگەن. مۇسۇلمانلار ھەر بىر كەسىپتە ۋە ھەر بىر ساھەدە مىللەتنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى پەرزدۇر. بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بىلىم-مەرىپەت بىلەن پەننى بىلىم-مەرىپەتنى ئايرىپ قارىشى ھەزارەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قۇرئان كىرىم «چۈشىنىش» ئۇقۇمىغا ئىشارەت قىلغان. قۇرئان كىرىم بايان قىلغان بىلىم –مەرىپەت نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان، ئىنساننىڭ ئەقلىدىن شەك ۋە نادانلىقنى يوقۇتىدىغان ھەر قانداق بىلىم- مەرىپەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قۇرئان كىرىمىدىكى «فىقھى» يەنى «چۈشىنىش» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ كائىنات ۋە ئىنساندىكىمۆجىزە ۋە قۇدرەتلىرىنى چۈشىنىش،  كائىنات ۋە جەمئىيەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تارىخ ۋە رېئاللىق پاكىتلىرى ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدىكى سىرلىرى، شەرىئىتىدىكى مەقسەتلىرىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشكە ئالاقىدار كەلگەن. قۇرئان كىرىم:«قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا(يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا)يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ  سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن،( ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ)دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق. ئاللاھ سىلەرنى بىرئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن)ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق» دەيدۇ(ئەنئام سۈرىسى، 97-98- ئايەت).

قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا يۇلتۇز ئارقىلىق يول تېپىش يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى، ئايلىنىشى ۋە يوللىرىنى بىلىشكە باغلىق، شۇڭا«بىلىدىغان» دېگەن سۆز كەلگەن. ئىنسان ھاياتلىقتا كېچىكىدىن تارتىپ تۈرلۈك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ساناقسىز تۈرلۈك رەڭ ۋە تىللىق بولغانلىقىنى «چۈشىنىش»دېگەن سۆز كەلگەن.

رەسۇلۇللاھمۇ«چۈشىنىش» ئاتالغۇسىنى ئىستىمال قىلغان. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ قايسى بىر ئادەمگەياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ»دېگەن(تىرمىزى ۋەمۇسلىم بايان قىلغان).

ئايەت ۋە ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان«چۈشىنىش» ئۇقۇمى ئىسلام ۋە ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىستىكى«چۈشىنىش»ئۇقۇمىنى يەككە ئىبادەت ۋە بەزى سودا-سېتىق  فىھقىسى (ئۇقۇمى)غا چەكلەپ قويۇش توغرا ئەمەس.«چۈشىنىش» ئۇقۇمى ئاللاھنىڭ ئىنسان، جەمئىيەت ۋە كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىشنى ۋە سىياسى چۈشەنچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دېمەك،«چۈشىنىش» ئۇقۇمىنى ئەقىدە ئىلمى ۋە ھەزارەت پەلسەپىسىدىن ئايرىۋېتىش، ئىجتىمائىي ھاياتنى ئەقىدە نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكلىشىدىن چىقىرىۋېتىش توغرا ئەمەس. بۇ ئىسلامنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىق، ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدىكى ئالاقىنى توغرا چۈشەنمەسلىكتۇر. فىقھى«چۈشىنىش» ئۇقۇمىنىڭ-يولسىز-تارىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن جەمئىيەتشۇناسلىق ئۇقۇمى ۋە سىياسى ئۇقۇمغا سەل قاراش كېلىپ چىققان، نەتىجىدە مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت يارىتىشتا «ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ئالدىنقى قاتارغا تىزىدىغان ئۇقۇم» ئاجىزلىشىپ كەتكەن. مانا بۇ ئىدىيە ساۋاتسىزلىقنىڭ كاشىلىسى، يەنى ئىسلامنى خاتا چۈشىنىش ۋە رېئاللىقنى چۈشەنمىگەنلىكتۇر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 P2 H! ?2 O' x- v; H

   

(4)

ئىسلام ھەزارىتى ۋە ئالىملاردىن نەمۇنە

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 ?2 H- ?- i' ~/ H& _- J4 Q1 |

ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى بىرلەشتۈرگەن ئومۇميۈزلۈك مېتود ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئىسلام ھەزارىتى شەكىللىنىۋاتقان دەۋرلەردىن تارتىپلا مۇجەسسەملەشكەن. مەسىلەن، قەلبنىڭ ئىمانى دۆلەت قۇرۇلمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن.ئىلاھىي ۋەھىي شۇ دۆلەتنىڭ شەرىئەت، فىقىھى ۋە قانۇنىنىڭ مەنبەسى بولغان. شەرئى پەنلەر مەدەنىيەت ئىجات قىلىش تۈرتكىسى بولغان. قەلبلەرنى ئاۋات قىلىش مەدەنىيىتى رېئال ماددى تۇرمۇشنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان مەدەنىيلىشىش پەنلىرىنىڭ مۆجىزىسى بولغان. شەرئى بىلىملەر ئىسلام ھەزارىتىدىكى ئەقلى ئىجادىيەتنىڭ مەيدانلىرى، ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بولغان.

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن چاغلىرىدا تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم- پەنلەرنى ئەمەلىي تەتبىقلىغان مۇكەممەل مېتودنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەتنى دۇنيالىق بىلىم مەرىپەت ۋە ئاخىرەتلىك بىلىم -مەرىپەت دەپ بۆلۈشتىن پاك.

مەسىلەن،مەدەنىيەت دېگەن سۆز: تۈرلۈك مەرىپەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردىن ئىنسان پسىخىكىسىنى پاكلاش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەرسىدۇر. مەدەنىيەت ئومۇمى ھاياتىمىزنىڭ مەزمۇنى ۋە ھاياتىمىزدىكى مەنىۋى تەرەپنى شەكىللەندۈرىدىغان ئومۇمى مۇھىتتىن ئىبارەت. ئىنساننىڭ نەپسى تازىلانسا ۋە گۈللەنسە شۇبىلىم مەرىپەتلەر-ئەقىدە ۋە شەرىئەت بىلەن- ئىسلام دىنىنىڭ يىغىندىسىنى تەمسىل قىلىدۇ.

ئىسلام مەدەنىيىتى ئومۇمىلىقىدا ئالاھىدە بولغان بۇ خىل خۇسۇسىيەتنىڭ ھەزارەت تارىخىمىزدىكى ئىجادىيەت، ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بارلىق ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلەردە مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى بايقايمىز.

مەسىلەن، ئىسلام پەيلاسوپى ئىبنى سىنا(980-1037)شەرئى پەنلەردە ۋە تۈرلۈك تەبىئىي پەنلەردە يېتىشكەن ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئىدى.ئەبۇمەنسۇر باغدادى(1037) دىننىڭ ئاساسلىق پەنلىرى، ماتېماتىكا ۋە ئىنژېنېرلىقتىكى ئىجادىيەتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۆمەر خەييام(1121) تىلشۇناس، شائىر، پەيلاسوپ،تارىخشۇناس، فەقىھ، ئىنژېنېر ۋە ئاپتونومىيە ئالىمى ئىدى. ئىبنى رۇشد(1126-1198)داڭلىق فەقىھ، تەجرىبىلىك دوختۇر، مۇتەپەككۇر قازى ۋە پەيلاسوپ ئىدى. پەخرى رازى (1150-1210)دىن ۋە دۇنيا بىلىم- مەرىپەتلىرىدە مۇتەپەككۇر يول باشچى ئىدى. شەرئى پەنلەردە،مېدىتسىنا ئىلمىي، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، پىسخولوگىيە ۋە ئىنژېنىرلىقتا شۆھرىتى تونۇلغان. پارابى، بەيرۇنى، ئىبنى نەفىس، ئىبنى خەلدۇن ۋە ئىبنى ھەيسەم...لەرگەئوخشاش تۈرلۈك دەۋرلەردىكى ساناقسىز ئالىملار دىنى ۋە تۈرلۈك ئىلىم- پەنلەردە دۇنياغا تونۇلغان.

دېمەك،ئىسلام مېتودىنىڭ خاراكتېرىدە، ئالىملارنىڭ يېتىلىشىدە ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە دىنىي ۋە تۈرلۈك بىلىم مەرىپەتلەر بىر بىرىنى تولۇقلاپ ماڭغان. بىر مۇتەپەككۇرنىڭ بىلىم سەۋىيسىدە مەرىپەت ۋاستىلىرى ۋە قولغا كەلتۈرۈش يوللىرىنىڭ تاكامۇللاشقانلىقى؛ ئەقلى، نەقلى ۋەتەجرىبە بىلىملىرىنىڭ بىرلىشىشى؛ مەرىپەت ئىجادىيەتلىرىنىڭ تاكامۇللاشقانلىقى قەلبنى يۇمشتىدىغان ۋە ئەقىلنى ئويغىتىدىغان تاكامۇللۇقتىن ئىبارەت. بەلكى قەلبى مەرىپەتلەر ئەقلى مەرىپەتلەرنىڭ يۆلىنىشىنى قوغداپ تۇرىدىغان، ئەقىلنىڭ تەپەككۇرى قەلبنىڭ ئويلىرىنى ئۆلچەملەشتۇرىدىغان، دىن بىلەن ئىلىم-پەن بىر بىرىگە گۆرەسېلىشىپ بىرلەشكەن تاكامۇللىقتىن ئىبارەت.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% s& x6 t+ n' [

(5)

ئىلىم- پەن ھەزارەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى

ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەتكە تۈرلۈك ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىجادىيەتلەرنى تەقدىم قىلدى. ئىسلام ھەزارىتى بىلىم-مەرىپەتكە قاتتىق ھېرىسمەنلىكىدىن بىلىم- مەرىپەتنى ئەر ۋە ئاياللارغا پەرز قىلغان. ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە پايدىسى يوق بىلىم- مەرىپەتلەردىن پاناھ تىلىگەن.

ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەتكە تۈرلۈك مەيدانلاردا ھەسسە قوشقان. مەسىلەن، بىلىم- مەرىپەت ئۆگىتىش مەيدانىدا مۇسۇلمانلار باغداتتىكى« بەيتۇلھىكمە ئۇنىۋېرسىتېتى» 809-يىلى،مەراكەشتىكى«قەيرىۋان ئۇنىۋېرسىتېتى» 859- يىلى،  «ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»970-يىلى، ئىلمىي ئۇنۋېرسىتېتلارنى بىرىنچى قېتىم قۇرۇپ چىققان. ئاندىن ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

مۇسۇلمان ئالىملار ئۆز ساھەلىرىدە يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن،ئوپېراتسىيە قىلغاندا مەس قىلىش تېخنىكىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق كەشىپقىلىنغان. قاننىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى ۋەئوپېراتسىيە يىپىنى ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيىدىن ئىجات قىلىش، نېرۋا كېسىلى ۋە تاش تۇرۇپ قېلىش كېسىلىنى كەشىپ قىلىش..دېگەندەك كەشپىياتلارنى ئىجات قىلغان.

ئۇنداقتا  بىزمۇ ھىممەتكە كېلىپ ئىلىم- پەن يولىنىئېلىشىمىز لازىم. ئىلىم- پەن ئىززەت، شەرەپ ۋە ھۆرمەتنىڭ يولىدۇر. ئىلىم- پەن بولمىسا مىللەتلەر تەرەققى قىلالمايدۇ ۋە ھەزارەت يارىتالمايدۇ.

قۇرئان كىرىم ۋە سۈننەت بىلىم- مەرىپەت ئۆگىنىشكە ۋە ئىجادىيەت يارىتىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ چېكى يوق...ئىماننى ئاساس قىلىپ- ئىلىم- مەرىپەتنىڭ ئىككى تۈرىگە تەڭ ئاتلىنىش مەۋجۇتلىقنى قوغداش ۋە ھەزارەت يارىتىشنىڭ ئاساسى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" d, K0 J; ?. |. R( Y, I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 z2 F9 s6 q* E( L( _* u

ئابدۇراخمان جامال  كاشىغەرى

(دوكتۇرئاسپىرانتى)

2014- 5- 21-كۈنى، قاھىرە شەھىرى، مىسىر.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 J4 s+ j9 P% r: S, z8 b7 {- M. t

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 P% b/ q2 U. L- f  r1 q& R/ P5 Nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' V! q, j4 w- k' S
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kashgari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 03:47 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ?$ M) @8 j4 ^5 h9 h6 ^# f( B

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ~8 h8 V! B& D

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7357
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:56:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تېمىغا بىرمۇ ئىنكاس چۈشمەپتىكەن،مەن تېخى ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان تېما ئوخشايدۇ دەپتىمەن…
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 o! A* s! e* q2 Dئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر…

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 01:38:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 10:56 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 W. F7 D% w% C: T1 o; Uشۇنداق ياخشى تېمىغا بىرمۇ ئىنكاس چۈشمەپتىكەن،مەن تېخى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. q+ {& A9 v6 n! A1 Wئۇنداق ئويلىماڭ بۇرادەر،كاشىغەرى ئۇستازنىڭ يازمىسى باشقىلارغا پايدىلىق يىتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغان تىما،ھەممە ئادەم ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەيدىغان پىتنە پاساد تىما ئەمەس،شۇڭا بەزى ئىنكاسلارغا ھاجىتى يوق،ناچار ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋەتكۈدەك ئىنجا باشقۇرغۇچىلاردا يوق،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 @. |& Q4 g1 r4 B2 M; C
كۆرگەنسىز شۇندا ياخشى باشقا تىمىلارغا بىرقىسىم مەلئۇن شەيتانلار كىشىلەرنى ئازدۇردىغان،قايمۇقتۇردىغان ئىنكاسلارنى يىزىپ قويۇپتۇ،ئاللاھ پەقەت ئاشۇ ئازدۇرغۇچىلارنىلا ھالەك قىلسۇن،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* P& Y7 B  }# C9 c* _& Gشۇڭا بولسا بەزى تىمىلارغا بولسا ئىنكاسقا قۇلۇپ سىلىنسا ،

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5729
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 08:07:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alla the ajrringzni and braun

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7891
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:30:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنى زىيالىيلىرىمىزنىڭ ۋە ئۆلىما ئالىملىرىمىزنىڭ پەقەت ئىسلام دىنىمىزدا ئىلىم پەن تەتقىقاتى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى قىزىپ چىقىشقا كۈچەپلا قالماي ، بۇنى ئىسلام دىنىمىزدىكى كۈچلۈك دەۋەت سۈپىتىدە تەرغىپ قىلىپ  كىشىلىرىمىزنى ئىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تىلەيمەن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q) X+ _2 U5 J- ~6 @
تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك ، ئىسلام دىنىمىز باشقا بەزى دىنلارغا ئوخشاش ئىلىم پەن بىلەن زىدىيەتلىك ئەمەس ، ھەتتا ئىلىم تەلەپ قىلماق پەرز دەپ قارىلىدۇ . شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا پەن ئىزدىنىش قىزغىنلىقى ئۇنچە  يۇقىرى  ئەمەس ( ئەسلى ، ھەتتا  دىنسىز نۇرغۇن ئەللەردىكىدىن كۆپ تۆۋەن دەپ ئالماقچىتىم )
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 r6 c5 \8 B5 L% V! s! @6 E8 P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 S9 U! m4 J; i- k8 _8 F, d0 Pبىردىنبىر ھەق دۇنيا قاراش ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مۇسۇلمانلار  دۇنيادا  ئىلغار ، كۈچلۈك بىر توپ بولۇپ ياشاشقا ھەقلىق بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، ھازىر ئۇنداق بولالمىدى . دۇنيادىكى توقۇنۇشلار مەركەزلەشكەن ، ئۆز ئارا قىرغىن قىلىدىغان ، ھاكىمىيەتلەر يا بولمىسا  مۇستەبىت يا بولمىسا غەرپتىكى بىز ئىسلام دۈشمىنى دەپ ئاتايدىغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھامىيلىقىغا ئىنتىلىپ دىگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . بۇ ھال ھەقىقەتەن كىشىنى ئىچىندۇرىدۇ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 01:59:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 01:38 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: V9 @6 r6 f& ^* u
ئۇنداق ئويلىماڭ بۇرادەر،كاشىغەرى ئۇستازنىڭ يازمىسى  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& W3 U" A) t! I& I4 y7 L
مەنمۇ شۇ قاراشتا،تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسنىڭ ئاز كۆپلىكى شۇ تېمىنىڭ ناچار ياخشىلىقىغا سەۋەپ بولالمايدۇ،سىرىتتىن ئوقۇيدىغان كىشىلەر سىرىتتىن ئوقۇيدۇ،مەن ھازىر زور كۆپچىلىك تېىلارنى سىرىتتىن ئوقۇيدىغان بولدۇم،چۈنكى بىر ئېغىز گېپىڭىز بىلىپ بىلمە خاتا يېزىلىپ قالسا ۋە ياكى بىرەر پەش چېكىت چۈشۈپ قالسا ئىنكاس چولپانلىرى تېمىنى پېتىقداپ دىرامما ئوينىغىلى سورۇن ھازىرلايدىكەن،شۇڭا بۇنداق ئېسىل يازمىلارغا بىر ئېغىز سۆز رەھمەت،چۈشەنمىگەن جايلار بولسا تېما ئىگىسى بىلەن ئۇچۇرلاشسا شۇ ياخشى.......

ئىككى مۆچەلنى ساق توشقۇزۇشقا نسىپ قىلدىڭ .....12 يىللىق ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ قالمىسىكەن،پەقەت سەندىنلا ئاسانچىلىق تىلەيمەن يا رەببىم.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106918
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 02:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار ، پەقىر مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرگەن قېرىندىشىڭلار بولىمەن ھەربىرىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ]  l8 k; H  Z; V4 [9 J- bتېما ئىگىسىگە رەخمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش