مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5195|ئىنكاس: 42

دىنى بولۇش ئېتىقادى بولۇشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98321
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3774
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 03:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىنى بولۇش ئېتىقادى بولۇشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

               بىز ئۆزىمىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىنى بىلگەندە كىملىكىمىزنى بىلەلەيمىز !

                                                                  ---ئابدۇقادىر.جالالىدىن



1.jpg




ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان سۇلايمان شەررارى



          مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن « ئېتىقاد سۆزىنى نوقۇل دىنىي سېغىنىش نوقتىسىدىن چۈشىنىش تولىمۇ يۈزەكى ۋە بىر تەرەپلىمە چۈشۈنۈش شەكلىدۇر » دىگەن سۆزى ئارقىلىق بىزلەرنى ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە بولغان مۈجمەل ۋە ھېسسىلىققا تولغان كۆز قاراشلىرىمىزدىن سەگەتكەن ئىدى . دىننى ئېتىقاد دەپ مۇتلەق يوسۇندا جەزىملەشتۈرۋېتىش ۋە ئەقىدە مەسىلىسىدىكى ھېسسىلىق كەيپىياتى ياشلىرىمىزدا كۆپ كۆرۈلمەكتە . ھاراق ھارام ئەمەس كەيپى ھارام ، ھاراق ئىچكەن ئۆيدە جايناماز تۇرسا يامان بولىدۇ دىگەندەك مۈجمەل ، تۇتۇرۇقسىز پاراڭلار ئوغۇللارنىڭ ئېتىقاد تەۋەلىكىنى شالغۇتلاشتۇرسا ، نامەھرەم كۆزلەردىن ساقلاش ئۈچۈن بۇيرۇلغان ھىجابنى ئارتقان قىزلارنىڭ يەنە باشقا خىل ئۇسۇللاردىن مەسىلەن ئالاھىدە ياسىنىۋىلىش ، ئاۋازىنى نامەھراملەر ئالدىدا مەيىن چىقىرىش ، بەدەن چىقىرىدىغان كىيىملەرنى كىيىش... دىگەندەك ئەمەللەردە بولۇپ نامەھرەم كۆزلەرنى ئۆزىگە تارتىپ قويىشى قىز-ئاياللار ئىدىيىسىدىكى ئىمانى مۇستەھكەملىككە زەخمە يەتكۈزمەكتە ۋە يۈز ئەرنى ئويغاتقاندىن بىر ئايالنى ئويغۇتۇش ئەۋزەل بولىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋردە بۇ قىلمىشلارنىڭ تەسىرى ئالاھىدە تەشۋىشلىك بولماقتا .

          دىمەك ھەرخىل پىكىر ۋە ئادەت شەكىللىرىدىن ھېسسى قاراش ئاسارەتلىرى ھېلىھەم ئەقلىمىزنى كېسىپ قويماقتا ،  ئېنىقكى ، تەپەككۇر ۋە ھېكمەت نەزىرىدىن ئۆتمىگەن ھالدا رەسمىيەت ئۈچۈنلا بىر ئىشنى قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە شەرىئەت ئىلاھىي قانۇن بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياجىنى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن . ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى پىكىر قىلىش ئەندىزىمىز بىلەن باغلىنىشلىق . بىزنىڭ پىكىر قىلىش ئەندىزىمىزدە ئېتىبارغا ئېلىدىغىنى تەپەككۇردىن چىققان يەكۈن بولماستىن كۆز بىلەن كۆرگەن شەكلەن ھادىسە بولۇپ كەلمەكتە . دىنىي مايىللىقنى تەپەككۇر ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ ئەقلىي رەۋىشتە شەكىللەندۈرمىگەن بىزلەرنىڭ ئاخىرقى ئەھۋالىمىز دىنىي قاراش مۈجمەللىكىنى شەكىللەندۈردى . خۇددى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك دىنىي مايىللىق ئىشى « بەزىلەر ئۈچۈن ئۆرپ - ئادەت ، بەزىلەر ئۈچۈن رەسمىيەت ، بەزىلەر ئۈچۈن ئاتا مىراس تۇيغۇ بولۇپ قالغان » . ئاتاقلىق رىياسەتچى ئۈمىد غەنىنىڭ مىسرانىم تورىدا سۆزلىگەن نۇتىقىنىڭ ئىچىدىكى نەق مەيداندا رەددىيىگە ئۇچرىغان « ئۇيغۇرلارنىڭ %98 مۇسۇلمان » دىگەن سۆزىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ كۆنگەن تەپەككۇرىمىزدىكى ئىسلام مۇخلىسلىرى ئاتالغۇسى بىلەن مۇقەددەس كىتابلاردا قەيت قىلىنغان مۆئمىن-مۇسۇلمانلىق ئۇنۋانىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ مۈجمەللىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بەلكىم بىزلەر ياراتقۇچىنىڭ مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىم نىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئى ئىمان ئېيتقان مۆئمىن بەندىللىرىم دىگەن قۇبۇللىشى بىلەن يەنە بەزەن جايلاردىكى ئى تىلىدا ئىمان ئېيتىپ دىلىدا ئىمان ئېيتمىغانلار دىگەن رەت قىلىشىنى تەپەككۇر نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلغان بولىشىمىز مۇمكىن . شۇ سەۋەب بىزلەردىكى ئېتىقاد مۈجمەللىكى ، ئەقىدە شەكىلۋازلىقى ۋە ياكى ئىمان دىن ئىبارەت بۇ كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچىگە پەقەت ناماز ، روزا ، زاكات ، ھەج دەپلا تەبىر بېرىشىمىز ؛ سۈننەت ، ئىپپەت ، ھايا ، بۇرچ تۇيغۇسى قاتارلىق  روھىيەت روزىغارلىرىنى ئېتىبار نەزىرىمىزدىن چۈشۈرۈپ قويىشىمىز بىزدىكى تەپەككۇر پالەچلىكىنى كەلتۈرگەن بولىشى ئېھتىمال . بۇ يەردە تۆۋەندىكى ئىبرەتلىك ھېكايىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش مەنچە ئارتۇقچە بولماس :

     ئۇلۇغلىرىمىزدىن بىرى ئېتىقادلىق كىشىلەر قالمىدى ، جاھان رەپتارى نىمە بولۇپ كېتەر ؟ دەپ غەمناك بولۇپ ئولتۇرغان ۋاقتىدا بىر كىشى بۇ دانانىڭ يېنىغا كېلىپ ھەزرىتىم ، نىمە ئۈچۈن ئېتىقادلىق كىشىلەر قالمىدى دەپ ئاھ ئۇرىلا ؟ كۆرمىدىلىمۇ مەسچىت - مەسچىتلەردە ناماز ئۈچۈن  قىستىلىشىپ يۈرگەن كىشىلەرنى دىگەن . بۇ چاغدا دانا بۇ دىننىڭ ھادىسىسى ، ھالبۇكى دىننىڭ ماھايىتى بولسا ئەقىدە ئەمەللىرىنى گۇۋا بار ياكى يوق جايدا بولسۇن ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ ، گۇناھ ۋە پاسكىنا ئىشلاردىن ھەقتائالادىن ھايا قىلغان تەرىزدە يېنىشىدىدۇر دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن . ئەلۋەتتە بۇ بىناماز ھالەتتە بولسىمۇ يامان ئىشلاردىن يانسىلا كۇپايە دىگەنلىك بولمايدۇ . گەرچە نامازنىڭ ئۆزىلا مۇستەھكەم ئېتىقاد قورغىنى قۇرۇشقا يېتەرلىك بولمىسىمۇ لىكىن نامازسىز بۇ قورغاننى قۇرۇشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا « باھار شامال بىلەن كېلىدۇ ، لېكىن شامالنىڭ ئۆزى باھار ئەمەس » ، ئېتىقاد قورغىنىمۇ نامازدىن باشلاپ قۇرىلىدۇ لىكىن نامازنىڭ ئۆزىلا ئېتىقاد قورغىنى قۇرۇشقا يېتەرلىك ئەمەس . يۇقاردىكى ھېكايىدە قەيت قىلىنغان ئىبرەتلىك سۆزلەر ، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئاللاھ دىندار ( تەقۋا ) كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ دىگەن سۆزىنى بىزلەرنىڭ دىن ئېگىسىلا بولۇش ئۈچۈن ئەمەس تەقۋا دىن ئېگىسى بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭ دىگەن چاقىرىق بىلەن ھەزىم قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ . ھەقىقەتەنمۇ ئەتراپىمىزدا نامازخانلار كۆپىيىۋاتىدىيۇ لىكىن گۇناھ مەئىسىيەت ھېلىھەم بىزلەرنىڭ ۋۇجۇدىمىزنى قاپلاپ تۇرىۋاتىدۇ . ھالبۇكى قۇرئان كەرىم دە دىيىلگەندەك ناماز قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ ئىدى . ھەزرەتنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن بىز دىن ۋە ئېتىقاد مەسىلىسىگە تۇتقان ھېسسى كۆز قاراشلىرىمىزدىن قالغان ئىمان ئاسارىتىنىڭ دەۋاسىنى تاپالامدۇق قانداق ؟ بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بىرىشتىن ئىلگىرى ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ دىن ۋە ئېتىقادقا بەرگەن تەبىرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتۇق . ئۇنداقتا دىن دىگەن نىمە ؟

   دىنشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دىن دىگىنىمىز ئىنسانلارنى ئىختىيارىي ھالدا بەخت - سائادەتلەرگە ئېرىشتۇرىدىغان ئىلاھىي قانۇن بولۇپ ئىنسانلار توغرا بولغان دىنىي تۇيغۇسى ئارقىلىق مەنىۋىي پۈتۈنلۈككە ئېرىشىدۇ . تۈرلۈك - تۈمەن سىناق ۋە ئېزىتقۇلارغا تولغان ئۇشبۇ دۇنيادا دىن ئىنساننىڭ مەنىۋىي پاكلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، تەن ئىپپىتىنى پاكلىق لىباسىدا ساقلايدۇ . ئىسلام ئالىملىرىنىڭ دىن ئۇقىمىغا بەرگەن تەبىرى بولسا  ئىسلام ، ئىمان ، ئېھسان بىرلەشتۈرۈلۈپ دىن دەپ ئاتالدى . ئېھسان ھاسىل بولمىغۇچە ھەقىقىي دىن ھاسىل بولمايدۇ ، ھەقىقي ئىمان بولمىغىچە ئېھسان ھاسىل بولمايدۇ . ھالبۇكى ئېھسان دىگىنىمىز ئاللاھنى كۆرمىسىمۇ كۆرگەندەك ئىبادەتتە ۋە ئەيمىنىشتە بولۇش ، بىراۋغا قىلىنغان خەيرلىكنى كۆرسىتىدۇ ، ئىمان بولسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ، كىتابقا ، پەرىشتىلەرگە ، قىيامەت ، دوزاخ -جەننەتكە ، تەقدىرگە ئىشەنچ باغلىماق ۋە تەستىقلىماقنى كۆرسىتىدۇ . ئىنساننىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى ھەققىدە ئۇلۇغ ئالىم ئىبنى تەيمىيە ( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن ) مۇنداق دەيدۇ « ئىنسان ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىككى ھەرىكەتنى قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ شەرىئەتكە مۇھتاج . شەرىئەت دىگىنىمىز پايدا زىياننى ھېسسى جەھەتتىن ئايرىش ئەمەس ، چۈنكى بۇنى ھايۋانلارمۇ قىلالايدۇ ، مەسىلەن ئېشەك ئارپا بىلەن توپىنى ئايرىيالايدۇ . ھالبۇكى شەرىئەت بولسا ئىنسانغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئايرىپ  بەرگىچىدۇر . دىمەك ئىنسانغا ئىنساننىڭ تاشقى پوزىتسىيىسدىن ئۆتۈپ ئىچكى پوزىتسىيىسگە تەسىر كۆرسىتالايدىغان بىردىنبىر قورال دىن دۇر . يۈكسىلىش ئۈچۈن توختاۋسىز ھەرىكەت قىلغۇچى ئىنسان دىن دىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىي ئېنىرگىيەدىن ئايرىلسا قانچىلىك ئوزۇقلۇق تۇلۇقلىغان بىلەنمۇ ھاياتىي كۈچى ئۆلگەن بولىدۇ . خۇددى ھىيوگو ئېيتقىنىدەك ئىنسان لەگلەككە ئوخشايدۇ ، بىرەر نەرسىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىغاندىلا ئېگىز ئۇچالايدۇ . لەگلەك يىپنىڭ تىزگىنىلىشىگە ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ئىگىز ئۇچالىغىنىدەك ئىنسانمۇ دىننىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىغاندىلا يۈكسەكلىك ماقامىغا يەتكۈسى . بىراق دىن ۋە دىنىي نەزىرىيىلەرنىڭ ئۆزىلا بولۇپ ئەمەل ، ئىتائەت ، ئىلمىي ئەقىدە بولمىسا بىر ئادەمدە مۇستەھكەم ئېتىقاد سېستىمىسى شەكىللەنمەيدۇ . ئۇلۇغلار توغرا دەيدۇ :


              ئىككى مىڭ كىلو ھاراق تەڭشىسەڭ ،

              مەست بولمايسەن گەر ئۇنى ئىچمىسەڭ .


بىلگەن ئىلىملىرىگە ئەمەل قىلغاندا ، ئەمەل قىلغان ئىلىملىرىگە مۇستەھكەم ئەقىدە باغلىغاندا سېستىمىلىق ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە ئېگە بولغىلى بولىدۇ . ناۋادا دىنىي نەزىرىيىلەرنىڭ ئۆزىلا بىر ئادەمنى ئېتىقادلىق قىلالىغاندا ئىدى سۇ بويىدا فىلىمىدىكى بۇددا بىلىملىرىگە پۇختا بولغان راھىب كالان بېيرۇخەي ، ئەزىمەت ياڭشۇڭنىڭ خوتىنى بىلەن خىيانەت  دەرۋازىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىغان بولاتتى . دىمەك ئىلىمگە ئەمەل ۋە ئەقىدە تولىمۇ مۇھىم . كونىلار توغرا دەيدۇ :


                ئەقىدە قىلمىغان شەيتانغا ئەلدۇر ،

                مىڭ يىل ئىبادەت قىلسىمۇ يەلدۇر .


يەكۈنلەش لازىمكى ، مۇكەممەل ۋە مۇستەھكەم ئەقىدە سېستىمىسىنى يېتىلدۈرىشتە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئەمەس بەلكى ئىتائەت ۋە ئەمەل مۇھىم ئورۇندا تۇرغۇسى . چۈنكى بىزگە ئەسقاتىدىغىنى بىز يادىلىۋالغان قۇرئان ئەمەس بەلكى بىز ئىتائەت قىلغان قورئاندۇر . ئۇنداقتا ئېتىقاد دىگەن نىمە ؟ بۇ سوئالغا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆۋەندىكى قىسسىسى جاۋاب ئەڭ ئەقلىي ۋە مۆتىدىل جاۋاب بەرگۈسى .

          مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن قالسىلا كائىناتتىكى  ئەڭ تەقۋا دەپ قارالغان تۇنجى خەلىپە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر كىشى ئېتىقاد دىگەن نىمە ؟ دەپ سورىغان ، ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ئۇ كىشىگە سەن گۈزەل لىباسلىرىڭ بىلەن چىتلىق يولدا ماڭساڭ قانداق ماڭىسەن ؟ دەپ سوئال قويغان ، ئۇ كىشى جاۋابەن چىتلارنىڭ تىنىمنى ۋە گۈزەل لىباسلىرىمنى يىرتىۋىتىشىدىن ئەسىرەپ ئېھتىيات بىلەن ماڭىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن . بۇ چاغدا ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېتىقاد دىگەن ئەنە شۇ دەپ ئېتقاد چۈشەنچىسىگە تەبىر بەرگەن . دىمەك ، ئېتىقاد ۋە ئېتىقادنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بولسا ئىنساننىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم ئەقىدە يۆلىنىشىنى بەرپا قىلىپ ، شۇ ئەقىدىنىڭ تىزگىنلىشى ئاساسىدا ھاۋايى - ھەۋەس ۋە تۈرلۈك تۈمەن ئېزىتقۇلارغا تولغان بۇ چىتلىق دۇنياد دا  مەنىۋى لىباسلىرىمىز ۋە تەن پاكلىقىمىزنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ ياشاشنى ئۆگىتىدىغان مەنىۋىي ئۇستازدۇر . چۈنكى ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى شۇ كىشىدە مەلۇم نەرسىگە باغلانغان ئېتىقادنىڭ ياكى ئارزۇنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . جەننەت ئارزۇسى بولمىغان بىر مۇخلىسدا دوزاختىن ئېھتىيات قىلىش ھالىتى كۆرۈلمەيدۇ ، ھالبۇكى دوزاختىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى شۇ كىشىدە چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشتىن يېنىش ئېتىقادىنى شەكىللەندۈرىدۇ .

       دىمەك دىن ئەقىدىيەتنىڭ تاللاش شەكلى بولۇپ ھېسابلانسا ئېتىقاد شۇ ئەقىدىيەت ئەھكاملىرىغا چىن ئىخلاسى بىلەن بوي سۇنۇپ ، پىداكارلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان مەنىۋى ھەيدەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ۋەھالەنكى پىداكارلىق ئېىقادىدىن ئايرىلغان دىنىي مايىللىق « تەمبەل ئەرنىڭ ئارقىسىغا مەن ئەر دەپ يېزىۋالغان ھالىتىگە ئوخشايدۇ » ( ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆزى ) . مەلۇمكى ئۇ ئەرنىڭ ئەرلىكىنى ئىسپاتلاۋاتقان نەرسە ۋۇجۇدىدىكى ئەرلىك روھى بولماستىن ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەن ئەر دىگەن ئىزاھ تاختىسى بولۇپ قالغان . زامانىمىزدىكى تەپەككۇردىن خالىي ، چوشقىنى ھارام دەپ ھاراقنى بولىشىغىچە ئىچىدىغان ھېسسىي دىن ئەھلىللىرىنىڭ ئېتىقاد كىملىكىنى كىرگەن ئاشخانىسى ۋە نوپۇز دەپتىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد كۆرسەتمىسى بار كاتەكچىدىن باشقا يەنە قايسى تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن ؟! ئۆز ئېتىقاد تەۋەلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبراز ۋە ساپا يېتىلدۈرمىگەن كىشى ئۆز دىنىغا نىسبەتەن بەئەينى ئاسماندىكى يۇلتۇز مىسالىدۇر . پارقىراشنىلا بىلىدۇ ، نە ئىسسىقى نە يورۇقى يوق ! گېزى كەلگەندە شۇنى دىيىش كېرەككى ، زامانىمىز كىشىللىرىدە ( مەيلى ئۇ مۇسۇلمان ياكى غەيرىي مۇسۇلمان بولسۇن ) مىللەتچىلىك بىلەن ئۈممەتچىلىك سالاھىتىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىش مەسىلىسى ئېغىر . كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇزاق مۇددەت مەلۇم دىن سېستىمىسىغا تەۋە بولۇپ كەلگەن مىللەتنىڭ ھەممە ئەزاسى شۇ دىننىڭ مۇخلىسلىرى دەپ قارىلىدۇ . ( مەسىلەن ئۇيغۇر بولسا چوقۇم مۇسۇلمان ، ھىندى بولسا چوقۇم غەيرىي مۇسۇلمان دىيىش ) ئۇلار بۇ يەكۈن ئارقىلىق دىننىڭ مىللەت ۋە ئېرق سالاھىتىتىگە ئەمەس بەلكى قەلب ساپلىقى ۋە ئەمەل ئىبادىتىگە قارايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى شۇنداقلا دىننىڭ مىللەت چەكلىمىسى يوقلىقىدەك ئاددىي چۈشەنچىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغان . بۇنداق تۈرلۈك - تۈمەن ئىبادەت ۋە يەكۈنلەردىكى ھېسسىلىق بىزلەرنى ئەقىل ۋە تەپەككۇرغا ھەردەم دالالەت قىلغۇچى ئىسلام دىنىنى يۈزەكى چۈشىنىش ، ئۇنىڭ ئىنسان روھىغا ئېلىپ كېلىدىغان مەنىۋىي لەززىتىدىن مەھرۇم قويۇشتەك قىسمەتلەرگە مۇقەررەر دۇچار قىلدۇرىدۇ . مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسساللامنىڭ تەپەككۇردىن ياخشى ئىبادەت يوق دىگەن بۈيۈك كۆرسەتمىسىنىڭ ھېكمەت قاتلىمىغا مەڭڭۈ يەتكۈزمەيدۇ . شۇنىسى ئېنىقكى ئىسلام دىنى ئەزەلدىن ھاياجاننى ئەمەس تەپەككۇرنى ، مۇرەككەپلىكنى ئەمەس ئاسانلىقنى ، ئاشۇرىۋىتىشنى ئەمەس ئوتتۇرىھاللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ، دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بېشىنى كېسىپ ئەكىلىشنى ئىمانى مەردانىلىق دەپ قارىغۇچىلارغا « بىز سىلەرنى ئوتتۇرىھال ئۈممەت قىلىپ ياراتتۇق » دىگەن ئايەت بىلەن « ھەممە ئىشنىڭ ئوتتۇرىھال بولغىنى ياخشى » دىگەن ھەدىسنى ئەسكەرتىش سۈپىتىدە سۇنىدىغان دىندۇر .

       دىمەك ، ئەقىل ئارقىلىق ھېسسىلىقنى ، تەپەككۇر ئارقىلىق قىززىق قانلىقنى يېڭىپ ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتكە يېتىش ئىسلامنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۈممەتلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى . چۈنكى ئىسلام ئۈممىتى تەپەككۇرسىز ھالدا شەكىلگە بېرىلىۋېلىشتىن شۈبھىلىنىدىغان ، دىنغا ئىشىنىنىڭ ئۆزىنىلا مۇستەھكەم ئېتىقاد دەپ چۈشىنىشتەك پىكىر مەمەدانلىقىدىن يىراق تۇرۇپ ، قىلغان ھەربىر ئىشىنىڭ ھېكمەت جۇلاسىنى كۆرەلەيدىغان ئىنسان تۈركىمىدۇر . شەكىلگە ئەمەس ماھىيەتكە يېقىنلىشىش تەقەززا قىلىنىۋاتقان بۇ پەيىتلەردە دىندىكى ۋە ئىبادەتتىكى ھېسسى كۆز قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ، تەپەككۇر ئارقىلىق ھېكمەتكە يېتىپ ، قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىنىڭ ۋە ئۆگەنگەن ئىلىملىرىنىڭ لەززىتىنى ھەقىقىي تېتىيالايدىغان قەلىبلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ، « يەلپۈگۈچنى تۇتىۋىلىپ كاللىسىنى لىڭشىتىدىغان » ئابىدلارنىڭ ئازىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇشبۇ ماقالىنىڭ ۋە ئاسانلا كىشىلەر تەرىپىدن خاتا چۈشىنىۋىلشقا دۇچار بولىدىغان كەمىنىنىڭ ئارزۇسى ۋە بەختى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .



                                           2014-يىل 20-ماي ( شىخەنزە )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 04:41 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rizwangul0995 + 50 ئەجرىڭىزگە رەھمەت
izda + 10 ئاللاھ رازىبۇلسۇن ياخ.
nurjahan0997 + 200 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 260   باھا خاتىرىسى

بېر كۈنلەر كىلىپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8955
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9205
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:16:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى يۇقىرى  سەۋىيە دە يىزىلغان ماقالە ئىكەن داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى
يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ئادالەت _مۇقۇملىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7096
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز، رەھمەت.

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1128 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامەھرەم كۆزلەردىن ساقلاش ئۈچۈن بۇيرۇلغان ھىجابنى ئارتقان قىزلارنىڭ يەنە باشقا خىل ئۇسۇللاردىن مەسىلەن ئالاھىدە ياسىنىۋىلىش ، ئاۋازىنى نامەھراملەر ئالدىدا مەيىن چىقىرىش ، بەدەن چىقىرىدىغان كىيىملەرنى كىيىش... دىگەندەك ئەمەللەردە بولۇپ نامەھرەم كۆزلەرنى ئۆزىگە تارتىپ قويىشى قىز-ئاياللار ئىدىيىسىدىكى ئىمانى مۇستەھكەملىككە زەخمە يەتكۈزمەكتە ۋە يۈز ئەرنى ئويغاتقاندىن بىر ئايالنى ئويغۇتۇش ئەۋزەل بولىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋردە بۇ قىلمىشلارنىڭ تەسىرى ئالاھىدە تەشۋىشلىك بولماقتا .

بەكمۇ ئورۇنلۇق!

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106551
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2014-4-30
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:49:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامى تىمىلار نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ?قانۇن ياكى قائىدە پىرىنسىپقا ئۇيغۇن بولمىغان يىرى بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90346
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا قىرىندىشىم، كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىكەن تىمىڭىز !

قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 06:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر قەلەم ، كۈچلۈك قايىل قىلارلىق مىساللار بىلەن يېزىلغان ماقالە ئىكەن. نۇرغۇن مۈجىمەل سوئاللارنىڭ جاۋابى ھازىرلىنىپتۇ.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1819 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 06:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتىقاد دىنى ئىنىقلىما دائىرىدىلا ئىنىقلاش ئەقلى كەملىك،ئىتىقاد دىگەن ھەرخىل بولىدۇ .چۈقۇنۇشتىن كۈچلۈك بولغان ھىسىيات ئىتىقاد بولىدۇ .
  بەزى ئادەملەر مەلۇم بىر ئەقلىيە سۆزىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىتىقادى قىلىدۇ .شۇڭا ،ئىتىقاد دىسە .....ئاھ دىنىم ،پاھ ئىسلام دەپ شۇئارنى ئالدىراپ توۋلىماسلىق  كىرەك.

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 06:32:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 06:13 PM
ئىتىقاد دىنى ئىنىقلىما دائىرىدىلا ئىنىقلاش ئەقلى كەمل ...


سىز ئىتقادنى بىر خىل ھىسيات دەپ چۈشىنەمسىز؟؟
مىنىڭچە بۇنداق ئاددى ئەمەس.....
ئۇ بىر ئەقىدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالمىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 06:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 06:41:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە يېزىلىپتۇ،ئاپىرىن!

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش