.
گۇئاناجۇئاتو مېكسىكىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇپ، 18 - ئەسىردە دۇنيادىكى كۈمۈش ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ مەركەزنىڭ بىرى بولغان. 1988 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
گۇئا چېركاۋى ۋە موناستىرى ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بولۇپ، ھىندىستاندىكى مەشھۇر كاتولىك دىنى مەركىزى ۋە ساياھەت نۇقتىسى، «شەرقتىكى رىم» دېگەن نامى بار. 1986 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خاترا قەدىمكى شەھىرى ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پايتەختى، ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل خارابە»دەپ ئاتالغان. 1985 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خادرىئانس مۇداپىئە سېپىلى مىلادىيەنىڭ 122 - يىلى خادرىئانس پادىشاھىنىڭ پەرمانى بىلەن ئىنگلاند ۋە ئىرېلاندىيە چېگراسىغا سېلىنغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 118 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىلىدۇر. 1987 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
قىزىل مەيدان رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى مەركىزى مەيدان شۇنداقلا موسكۋا شەھىرىنىڭ سىمۋولى. بۇ مەيدان 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بەرپا قىلىنغان بولۇپ، «كۆيۈپ كەتكەن مەيدان» دەپ ئاتالغان. 17 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاندىن «قىزىل مەيدان» دەپ ئاتالغان. 1990 - يىلى«دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
ۋارشاۋا قەدىمىي شەھەر رايونى پولشانىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمىدا بولۇپ، 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بەرپا قىلىنغان، تارىختا ئىزچىل سىياسىي، ھاكىمىيەت مەركەز بولغان. 1980 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خورتو باگى دۆلەتلىك باغچىسى ۋېنگىرىيەنىڭ شەرقىدىكى خايدۇ - بىخار ئوبلاستىنىڭ غەربىي شىمالىدا بولۇپ، كۆلىمى چوڭ، يايلاق ۋە نەم تۇپراقتىن تەشكىل تاپقان. 1999 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خوجا ئەھمەد يەسەۋى قەبرىستانلىقى قازاقىستاننىڭ يەسى بازىرىدا بولۇپ، 1389 -، 1405 - يىللاردا بەرپا قىلىنغان. ئۇ ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تېمورىلار دەۋرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر. 2003 - يىلى«دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خولا ئوۋسې قەدىمكى كەنتى چېخنىڭ جەنۇبىدىكى بوخىمىيە ئورمانلىق رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، 19 - ئەسىردىكى يېزا مۇھىتىنىڭ نەمۇنىلىرى ساقلىنىپ قالغان. 1998 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خوفۇزۇ موناستىرى رۇمىنىيەنىڭ ۋالاكسىيە دېگەن يېرىدە بولۇپ، 1690 - يىلى شاھزادە كونستانتىن بلانكو سالدۇرغان. موناستىر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاددىي ۋە سىممېتىرىكلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 1993 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خولوك ئۆرپ - ئادەت كەنتى ۋېنگىرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، كەنت ئاساسلىقى ۋېنگىرىيەنىڭ شىمالىنىڭ تىپىك قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان. 1987 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
خوچىكالكو يادىكارلىقى مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى مورېيلوس ئوبلاستىدا بولۇپ، 8 -، 9 - ئەسىرلەردە بەرپا قىلىنغان. ئۇ ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان سىياسىي، دىنىي ۋە سودا مەركىزىدۇر. 1999 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
كىجى يېزا چېركاۋى رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئونىكا كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كىچىك ئارالدا بولۇپ، 1862 - يىلى بەرپا قىلىنغان. چېركاۋدا سەككىز قىرلىق قوڭغۇراق راۋىقى بار. 1990 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.