ئۆتەڭ
يېزا بىلەن شەھەرنى باغلاپ،
دوقمۇشلاردا تۇرار مۇڭلۇنۇپ ...
قىشتا قاردا، تومۇزدا چاڭقاپ -
سالاملىرى تۇرار يوللۇنۇپ ...؟
كىملەرنىدۇ ئالىدۇ كۈتۈپ-
(خىياللىرى قالغان شەھەردە)
ۋە قالغۇسى كېلىدۇ تۇتۇپ،
ئۇزاتقىلى يېڭى سەھەردە.
ئۆتۈپ تۇرار ئەرتە ۋە كەچتە،
ئاپتۇبۇسلار جىملىقنى بۇزۇپ...؟
قالار يەنە جىمىپ بىر پەستە ،
سەپەر چېڭى كەتكەندەك توزۇپ.
مەنزىل يېراق ئۇزۇن سەپەردە،
كارۋان ئۈچۈن ئۇ بىر يېڭى جان.
ئۇندىن ئۆتۈپ (يۈرسەڭ شەھەردە)
ئۇ بىچارە كۆرۈنەر نېمجان...؟
ئاپتۇرى: يېڭىشەھەر ناھىيە تاغارچى يېزا چاقىلىق كەنتتىن قاسىمجان غۇپۇر (دېھقان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 02:10 PM