|
|
|
|
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەربىي ئىشلار
خارابىسى − قوۋۇق سېپىل
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەربىي ئىشلار خارابىسى بولغان قوۋۇق سېپىل
گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قوۋۇق سېپىلىنىڭ خارابىسى بار. قوۋۇق سېپىلى يەنە ئاي سېپىلى، دوناي كۆلچەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوۋۇق سېپىلى شەھەر قەلئەسى ياكى ئۆتكەلنىڭ قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سېپىل دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سېلىنغان ئېللىپىس شەكىلدىكى سېپىل دەرۋازىسىنى قوغدايدىغان كىچىك سېپىل بولۇپ، ئۇ قەدىمكى زامانغا تەۋە شەھەر سېپىلىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. قوۋۇق سېپىلنىڭ ئىككى تەرىپى بىلەن سېپىل تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىدە ئوقيا راۋىقى ۋە دەرۋازا چۈشۈرگۈسى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى بار.
قوۋۇق سېپىلى چيەنلوڭنىڭ 40 - يىلى (1775 - يىلى) سېلىنغان، ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت ئەسلىدىكى سېپىل ئاساسىدا يېڭىدىن فۇيەنچېڭ سېپىلى (يەنى لاۋمەنچېڭ سېپىلى)نى ياسىغان بولۇپ، قوۋۇق سېپىلى فۇيەنچېڭ سېپىلىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان. گۇاڭشۈنىڭ 20 - يىلى (1894 - يىلى) سېپىلنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن. سېپىلىنى قايتا رېمونت قىلىش جەريانىدا، سېپىل رايونىنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماستىن، يەنە شەھەر سېپىلى ئېگىزلىتىلگەن. قوۋۇق سېپىلىنىڭ نۆۋەتتىكى قوغدىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ خارابىلىك شەك شۈبھىسىزكى، شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابىلىك ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» ناملىق كىتاب
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ~yilan~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 02:11 PM
|
|
|
|
|
|